پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 18- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

ئون سەككىزىنچى باب

ئۇ ئەتىسى ئۆيدىن تالاغا چىقمىدى . ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانىدى . لېكىن ، ئۇ جان قايغۇسىغا ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدى . قاچان كەينىمگە بىرسى چۈشۈۋالاركىن ، قاچان تۇتۇلۇپ قالارمەنكىن ، قىلتاققا چۈشۈپ قالارمەنكىن دېگەندەك ۋەھىمىلىك خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغان ئىدى . تامغا ئېسىلغان گىلەمنىڭ شامالدا سەلگىنە تەۋرىنىشى بىلەن تەڭ ، ئۇنىڭ تېنى جىغغىدە قىلىپ قالدى . قۇرۇپ كەتكەن غازاڭلارنىڭ شامالدا ئۇچۇپ قوغۇشۇن كېشەكلىك دېرىزە ئەينىكىگە دەممۇدەم ئۇرۇلۇشىدىن ئۇ خىياللىرى پۈتۈنلەي بەربات بولغاندەك ، چەكسىز ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى . كۆزلىرىنى يۇمۇۋېدى ، گويا ھېلىقى سۆرۈن تەلەت ماتروس قويۇق تۇمان باسقان دەرىزىدىن ئۆزىگە ياۋۇزلارچە قاراپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قايتىدىن ۋەھىمە چۇلغۇۋالدى .

بەلكىم ئۇنىڭ بۇ خىيالىي تۇيغۇلىرى ئىنتىقام ئىلاھىنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چاقىرىپ چىقىپ ، چىرايى ۋەھىمىلىك تۈس ئالغان ياۋۇز ماتروسنىڭ سىيماسىنى كۆز ئالدىدا زاھىر قىلغاندۇ . رېئال تۇرمۇش قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان بولسىمۇ ، لېكىن تەسەۋۋۇر شۇنچىلىك تەرتىپلىك بولاتتى . دەل ئاشۇ تەسەۋۋۇر تەسەۋۋۇر بولغاچقىلا ، ئۆچمەنلىك جىنايەتنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپلا يۈرەتتى . بۇ دۇنيادا ئەسكىلەر تېگىشلىك جازاسىنى تارتمايىتتى ، ياخشىلارمۇ قىلغان ئەجرىگە لايىق جاۋابقا ئېرىشەلمەيىتتى . مۇۋەپپەقىيەت كۈچلۈكلەرگە ، مەغلۇبىيەت ئاجىزلارغا مەنسۇپ بولاتتى ، بۇ ئۇدۇم ئەزەلدىن شۇنداق ئىدى . ئېنىقكى ، بۇ ئۇنىڭ خىيالىي تۇيغۇسى ئىدى . سىبىل ۋېيىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرىمەن دەپ كەينىگە چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ ئاللىقاچان يىراق دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ كەتتى ، بۇ چاغقا دېڭىزغا غەرق بولدىمۇ تېخى . مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ ئەمدى دورىيانغا خەۋپ يەتكۈزەلمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ دورىياننىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس . دورىياننىڭ نەۋقىران يىگىتلەرگە خاس ئاشۇ چىرايى ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى .

ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ سۆرۈن كۆلەڭگۈسى پىنھان بۇلۇڭلاردىن ئۇنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ماراپ تۇرسا ، مەسخىرە قىلسا ، زىياپەتتە ئولتۇرغاندا قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىسا ، تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە مۇزدەك قوللىرى بىلەن ئويغاتسا ، نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق – ھە ! ئاشۇنداقلا بولىدىغان بولسا ، ئۇ ئەمدى قانداق ياشايدۇ ؟ ئۇنىڭ كاللىسىنى ۋەھىمىلىك خىياللار چىرمىۋالدى ، قورققىنىدىن چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ ، ھاۋا بىردىنلا سوۋۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى . ھەي ! ئۇ بازىلنى ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋەتتى – ھە ! ئۇنىڭغا شۇ ئەندىشىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ ! جىمى ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر – بىرلەپ زاھىر بولدى . قورقۇنچلۇق ئىشلار ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىپ باراتتى . سائەت ئالتە بولغان چاغ ، لورد ھېنىرى كېلىپ دورىياننىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە ھۆركىرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى .

دورىيان ئۈچ كۈن ئۆتكەندىلا ئاندىن ئۆزىگە غەيرەت بېرىپ سىرىتقا چىقتى . قىش كۈنلىرىنىڭ سەھەر ۋاقتىدىكى كۈچلۈك قارىغاي ھىدى ئارىلىشىپ كەتكەن ساپ ھاۋاسى دىمىقىغا ئۇرۇلۇشى بىلەن ، ئۇ خېلى تېتىكلىشىپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى . لېكىن ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇھىت بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق ئىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆڭلىنى مالىمان قىلىپ ئارام بەرمەيۋاتقان ئازاب ئېڭى بىلەن تەبىئىتى كەسكىن ئېلىشىۋاتاتتى . پىسىخىكىسى ساغلام كىشىلەرلا ئازاب – ئوقۇبەت ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ . قايغۇ – ھەسرەت بىلەن سۆيگۈ – مۇھەببەت قانچىكى تېيىز بولسا ، شۇنچە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ . قانچىكى كۈچلۈك بولسا ، ئۆز ئىچىدىن گۇمران بولىدۇ . شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەھىمىلىك خىياللىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىغا تولۇق ئىشەندى ، ئۆز – ئۆزىگە ئېچىندى ،  ئۆزىنى ناھايىتى پەس كۆردى .

ناشتىدىن كېيىن ، ئۇ كېنەز خانىم بىلەن گۈللۈكتە بىر سائەت ئايلاندى ، ئاندىن پەيتۇنغا ئولتۇرۇپ ، قورۇقتا ئوۋ ئوۋلاۋاتقان بىر توپ ئوۋچىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى . شەبنەم تامچىلىرى ئوت – چۆپلەرنىڭ يۈزىدە خۇددى مەرۋايىتتەك يالتىرايتتى ، ئاسمان گويا دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك مېتال ئىستاكانغا ئوخشاپ قالغان ،  بولۇق ئۆسكەن قومۇشلۇق كۆل يۈزىنى نېپىز بىر قەۋەت مۇز تۇتقان ئىدى .

قارىغايزارلىقنىڭ چېتىگە بارغاندا ، ئۇ كېنەز خانىمنىڭ ئىنىسى سېر جېفرىي كلاۋستوننىڭ ئوۋ مىلتىقىدىن ئىككى پاي ئوق ئۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ، پەيتۇندىن سەكرەپ چۈشتى – دە ، ئاتباقارغا ئاتنى ئۆيگە ئەكېتىشنى تاپىلىدى ، ئاندىن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن ياۋروپا سارچىسى ۋە بولۇق ئۆسكەن چاتقاللىقلاردىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى .

– قانداقراق ، جېفرىي؟ – سورىدى دورىيان .

      – تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، دورىيان . قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى  كەڭرى دالىلارغا ئۇچۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ . چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ، باشقا جايغا بېرىپ باقساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ .

      دورىيان ئۇنىڭ بىلەن يانمۇيان مېڭىپ بىردەم ئايلاندى . ھاۋادىن جانغا ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر خىل خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلاتتى ، سەھەر قوياشىنىڭ كۈچلۈك نۇرى دەرەخلەر ئارىسىدا نازغىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى ، كىشىلەر بىرەر ئوۋ نىشانىنى بايقىغان ھامان ئەسەبىيلەرچە قىقاس – سۈرەن سالاتتى ، ئارقىدىن مىلتىقنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك پاڭىلداپ ئېتىلغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى . بۇ جۇشقۇن كۆرۈنۈشلەر ئۇنى ئوبدانلا جەلىپ قىلىۋالدى ، كۆڭلىمۇ خېلى ئېچىلىپ قالدى ، بايىقى غەم – ئەندىشىلەر ئۇنتۇلۇپ ، چەكسىز بىر خۇشاللىق قوينىغا چۆمدى .

      شۇ ئەسنادا ، ئۇنىڭ ئالدىدىن – يىگىرمە نەچچە يارد يىراقلىقتىكى دولقۇنلىنىپ تۇرغان بولۇق ئوتلاق ئارىسىدىن بىر ياۋا توشقان سەكرەپ چىقتى . ياۋا توشقان قاپقارا تۈكلۈك ئۇزۇن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ، سەكرەپ – تاقلىغىنىچە  ئالىنۇس دەرىخنىڭ كامېرىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى . جېفرىي شۇئان مىلتىقىنى كۆكرىكىگە تىرەپ توشقاننى قارىغا ئالدى . توشقاننىڭ چىرايلىق ھەرىكەتلىرى دورىئان گرېينى جەلپ قىلىۋالغان ئىدى . ئۇ شۇ ھامان «ئوق چىقارماڭ جېفرىي ، ئۇنى ئاتماڭ » دەپ توۋلىدى .

      – نىمىدەپ دەپ جۆيلۈۋاتىسىز دورىيان ! – جېفرىي كۈلۈپ كەتتى . ياۋا توشقان ئالىنۇس دەرىخىنىڭ ئارىسىغا ئۆزىنى ئېتىشىغا ، جېفرىيمۇ تەڭ ئوق ئۈزدى . شۇئان ، ئىككى يەردىن ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . بىرى ، ئوق تەگكەن ياۋا توشقاننىڭ ئاۋازى بولۇپ ، نالىسىگە چىدىغىلى بولمايىتتى . يەنە بىر يەردە بىر ئادەم ئېچىنىشلىق داد – پەرياد كۆتۈرۈپ ، يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە نالە قىلىۋاتاتتى .

     – ئاھ تەڭرىم ! بىر ئادەمنى ئېتىپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ ! – جېفرىي ئەنسىز ۋارقىرىۋەتتى ، – نېمانداق كالۋا نېمە ئۇ . مىلتىقنىڭ ئالدىغا يۈگۈرگىنى نىمىسى ! ئاتماڭلار ! – ئۇ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ توۋلىدى ، – بىر ئادەم يارىلاندى .

     ئوۋ مەيدانىنىڭ كۈزەتچىسى كالتىكىنى كۆتۈرگىنىچە يۈگرەپ كەلدى .

    – ئوق تەگكەن ئادەم قېنى ئەپەندىم ؟ – ۋارقىرىدى كۈزەتچى . شۇھامان مىلتىق ئاۋازلىرىمۇ چىپپىدە توختىدى .

– ئەنە ئاۋۇ يەردە ، – چاتقاللىققا ئالدىراش كىرىپ كېتىۋاتقان جېفرىي زەردە بىلەن جاۋاپ بەردى ، – خىزمەتكارلىرىڭىزغا نېرىراق تۇرۇڭلار دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ مانا بۈگۈنكى ئوۋ ئوۋلاش كەيپىممۇ بىراقلا يوققا چىقتى .

دورىئان ئۇلارنىڭ لەپپەڭشىپ جىم تۇرمايۋاتقان يۇمران شاخ – شۇمبلارنى قايرىپ ئالىنۇس دەرەخلىكىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى . ھايال ئۆتمەي ، ئۇلار بىر جەسەتنى ئوچۇقچىلىققا سۆرەپ چىقتى  . دورىيان قورققىنىدىن كەينىگە ئۆرۈلۈۋالدى ، گويا نەگىلا بارسۇن ، بالا – قازا ئۆزىگە ئەگىشىپ يۈرگەندەكلا ھىس قىلدى . ئۇ جېفرىينىڭ ھىلىقى ئادەمنىڭ ئۆلگەن – ئۆلمىگەنلىكىنى سورىغانلىقىنى ، ئوۋ مەيدانى كۈزەتكۈچىسىنىڭ «ئۆلۈپتۇ» دېگەن جاۋابىنىمۇ ئاڭلىدى . كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ، بىر توپ ئادەم يىغىلىپ غولغۇلا قىلىشقا باشلىدى ، ئەتراپ بىردەمدىلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى .  كۆكرىكى سۆسۈن كەلگەن يوغان بىر ياۋا توخۇ  دەرەخ ئۈستىدىن  پۇررىدە ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى .

ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى . بۇ بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت  دەككە – دۈككە ئىچىدە ئاران تۇرغان ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئېيىتقۇسىز ئازاب چىرمىۋالغان دورىيان ئۈچۈن نەچچە سائەتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى . بىر قول مۈرىسىگە قويۇلۇشى بىلەن تەڭ ، ئۇ ھودۇققىنىچە شاققىدە كەينىگە ئۆرۈلدى .

– دورىيان ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – كەيپىمىزنىڭمۇ پەكارى ئۇچتى ، بۈگۈنكى ئوۋ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇنمىكىن .

– بولدى ، ئوۋ ئوۋلاش دېگەننى ئىككىنچىلەپ كۆزۈم كۆرمىسۇن ھاررى ، – دېدى دورىيان ئازابلانغان ھالدا ، – ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئىش بولدى – ھە ! كىم بولغىيىتتى ئۇ …

ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى .

– شۇنداق ، بەك ئېچىنىشلىق ئىش بولدى ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – ئوقنىڭ ھەممىسى كۆكرىكىگىلا تېگىپتۇ ، ئۇ چوقۇم نەق مەيداندىلا جان بەرگەن گەپ . يۈرۈڭ ، ئەمدى قايتىپ كېتەيلى .

ئىككىيلەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي ئەللىك ياردقىچە يانمۇيان مېڭىشتى . شۇ ئەسنادا ، دورىيان لورد ھېنىرىغا يالىتتىدە بىرنى قاراپ قويۇپ ھەسرەت ئىلىكىدە دېدى :

 – بۇ يامانلىقنىڭ بىشارىتى ، ھاررى . بىر شۇملۇق بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ .

– نىمە دېدىڭىز؟ – سورىدى لورد ھېنىرى ، – سىز مۇشۇ تاسادىپى ۋەقەنى دەۋاتسىزغۇ دەيمەن . بۇرادەر ، بۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . گۇناھنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدە . كىم ئۇنى مىلتىقىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كەلسۇن دەپتۇ ؟ جېفرىيمۇ  بۇ ئىشتا كۆپ تەڭقىسلىقتا قالدى . ئەمما ، بۇنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ، ئۆلگۈچىدىمۇ گۇناھ يوق . باشقىلار جېفرىينى  قالايمىقان ئوق چىقاردى دەپ قالغاندەك تۇرىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، ئۇنداق ئەمەس . لېكىن ، ئۇنىڭ ئاتقان ئوقى دەل تېگىدىكەن ئەمەسمۇ . ئەمدى بۇ ئىشنى تەگەۋەرگەننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق .

دورىيان بېشىنى چايقاپ قويدى .

– ياق ھاررى ، بۇ بىر پېشكەلچىلىكنىڭ بىشارىتى . كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ، ئىككىمىزنىڭ بىرىگە بىرەر بالا – قازا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ . بۇ بالا – قازا بەلكىم مېنىڭ بېشىمغا كېلەر ، – ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ، قولى بىلەن قاپىقىنى بېسىپ قويدى .

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشنىڭ بىرسى – كۆڭۈلسىزلىك ، دورىيان . شۇنداقلا بۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر گۇناھ . لېكىن ، مېھمانلار تاماق ئۈستىدە بۇ ئىشنى تەگەپ تۇرۇۋالمىسىلا ، بۇنداق گۇناھقا دۇچار بولمايمىز . مەن ئۇلارغا بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلىپ قويسام بولغۇدەك . بالا – قازانىڭ بىشارىتى دەپ نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز . تەقدىر ئىلاھى بىزگە ئەزەلدىن بىرەر بىشارەت بېرىپ باققان ئەمەس . ئۇ شۇنچىلىك دانا ھەم شەپقەتسىز تۇرۇپ ، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ . نېمە ئىش قىلغىنىڭىزغا بېشىڭىزغا بالا – قازا كەلگۈدەك ، دورىيان؟ مانا ھەممە نېمىڭىز تەل ، سىزگە ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىشىدۇ ، بىزمۇ ئۇنىڭدەك بولۇپ قالغان بولساقچۇ دەپ ئارمان قىلىشىدۇ .

– مەن شۇلارنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالسامچۇ كاشكى . تولا كۈلۈۋەرمەڭ ھاررى ، راست دەۋاتىمەن . بايا ئۆلۈپ كەتكەن بىچارە دېھقان جېنىدا مەندىن كۆپ بەختلىك . مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن ، ئەزرائىلدىن قورقىمەن . ئەزرائىل گويا يوغان قانىتىنى كېرىپ ئەتراپىمدا چۆرگىلەۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ . ئاھ تەڭرىم ! قاراڭ ، ئەنە ئاۋۇ ئورمانلىقتا بىرسىنىڭ مېنى پايلاپ يۈرگىنىنى كۆردىڭىزمۇ ؟

لورد ھېنىرى ئۇنىڭ پەلەي كىيىۋالغان ، توختىماي تىترەۋاتقان قولى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى .

– شۇنداق ، – دېدى لورد ھېنىرى كۈلۈمسىرىگىنىچە ، – باغۋەن سىزنى ساقلاۋاتقاندەك قىلىدۇ . پەرىزىمچە ، ئۇ سىزدىن كەچتە تاماق شىرەسىگە قانداق گۈللەرنى تىزىشنى سورىماقچىدەك قىلىدۇ . نېمانداق جىددىيلىشىپ كېتىسىز بۇرادەر ! شەھەرگە كىرگەندە دوختۇرۇم سىزنى بىر  كۆرۈپ باقسا بولغۇدەك .

باغۋەننىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، دورىياننىڭ كۆڭلى خېلى ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى . باغۋەن شىلەپىسىنى سەلگىنە قىمىرلىتىپ قويۇپ ، ئارىسالدى بولغان قىياپەتتە لورد ھېنرىغا قارىدى ، ئاندىن قوينىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ دورىيانغا تەڭلىدى :

– كېنەز خانىم جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ قالدى ئەپەندىم .

دورىيان خەتنى يانچۇقىغا سېلىۋېتىپ :

– كېنەز خانىمغا دەپ قوي ، مەن ھازىرلا بارىمەن ، – دېدى سوغوقلا . باغۋەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ تېز- تېز كېتىپ قالدى .

– ئاياللار خەتەرلىك ئىشقا تەۋەككۈل قىلىشقا نىمانداق ئامراقتۇ – ھە ! – لورد ھېنىرى كۈلۈپ قويدى ، – مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشىغىلا قايىل . بىرى سەللا دىققەت قىلدىمۇ بولدى ، شۇھامان ئايرىپ ئولتۇرماي ھەر قانداق ئادەمگە ناز – كەرەشمە قىلىۋېرىدۇ .

– تەۋەككۈلچىلىك ھەققىدە گەپ قىلىشقا بەك ئامراقكەنسىز ، ھاررى ! بۇ ئىشتا سىز زور خاتالاشتىڭىز . مەن كېنەز خانىمغا ئامراق ، لېكىن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن .

– كېنەز خانىم سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن سىزگە ئانچە ئامراق ئەمەس . شۇڭا ئىككىڭلار قوشماق مېغىزدەك تازا ماس كېلىسىلەر .

– تولا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمىڭە ھاررى . ئۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭ .

– گەپمۇ بىكارغا چىقمايدۇ ، شۇڭا ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئۆزى ئەخلاقسىزلىق ، – دېدى لورد ھېنىرى بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ .

– ئاشۇ «ھىكمەتلىك» گەپلىرىڭىزنى قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنى بوش قويمايدىكەنسىز ، ھاررى .

– كىشىلەر مېنساغا ئۆزى خالاپ بېرىشىدۇ ، – دېدى لورد ھېنىرى جاۋابەن .

– بىرەرسىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ باقسام بولاتتى ، – دورىياننىڭ ئاۋازى ئازابلىق تۈس ئالدى ، – مەندە ھېسسىيات دېگەندىن ئەسەر قالمىدى ، ئارزۇ – ئىستەكلىرىممۇ تەلتۆكۈس يوققا چىقتى . ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەنلا قالدىم ، ئادىمىيلىكىم ئۆزۈمگە يۈك بولدى . شۇ تاپتا يىراق – يىراقلارغا كەتكۈم ، ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلۇپ كەتكۈم بار . بۇ يەرگە كېلىپ بەك دۆتلۈك قىپتىمەن . خارۋېيغا تېلىگرامما يوللاپ ، ساياھەت كېمىسى تەييارلاپ قوي ، دېسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ.كېمىگە چىقىپلىۋالسام خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم .

– قايسى خەتەرنى دەۋاتىسىز دورىيان ؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ نىمە ئىش بولسا ئۇدۇل دەۋېرىڭ ، سىزدىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن .

– سىزگە دېسەم بولمايدۇ ، ھاررى ، – ئۇنىڭ چىرايى غەمكىن تۈس ئالدى ، – ئېھتىمال ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى خىيالىي تۇيغۇ بولۇشى مۇمكىن . بۇ ۋەقەدىن كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە بولدى . مۇشۇنداق بالا – قازا بېشىمغا كېلىپ قالامدىكىن دەپ قورقۇپ كېتىۋاتىمەن .

– نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز دورىيان ؟

– جۆيلۈش بولۇپ قالسىغۇ تازا ياخشى بولاتتى . لېكىن ، ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق خىياللار خىيالىمغا كىرىۋېلىپ زادىلا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ . ئوھوي ! كېنەز خانىم كەپتىغۇ . ئۇچىڭىزغا كىيىۋالغان ئېسىل مۇراسىم كىيىمىڭىز بىلەن گېرىتسىيىنىڭ ئايال ئوۋ ئىلاھىغا ئوخشاپ قالغىنىڭىزنى كۆرمەمدىغان . قارىڭە ، مانا بىز قايتىپ كەلدۇق كېنەز خانىم .

– بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم گرېي ئەپەندىم ، – دېدى كېنەز خانىم ، – بىچارە جېفرىينىڭ روھى چۈشۈپ سالپىيىپلا قاپتۇ . سىزمۇ ئۇنىڭغا توشقاننى ئاتماسلىقنى ئەسكەرتىپتىكەنسىز بولمىسا . تازىمۇ غەلىتە ئىش بوپتىغۇ بۇ !

– شۇنداق ، ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش بولدى . نېمىشقىمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئەشۇ گەپنى قىلغاندىمەن .  قارىغاندا ، شۇ چاغدا قېنىم قىزىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . ھىلىقى جانۋارمۇ بەك ئوماق ئىكەن ئىدۇق . ئەپسۇس ، ئۇلار سىزگە بۇ قورقۇنچلۇق ئىشنى دەپ ساپتۇ ئەمەسمۇ .

– ھەقىقەتەن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىش بولدى ، – گەپ ئارىلىدى لورد ھېنىرى ، – قىلچىلىك پىسخىلوگىيىلىك تەتقىقات قىممىتى يوقتە بۇ ئىشنىڭ . ئەگەر جېفرىي بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا ئىدى ، ئەنە شۇ چاغدىلا ئاندىن بۇ ئىشنىڭ تازا ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى ! شۇ تاپتا مېنىڭ ئۇ قاتىل بىلەن تازا تونۇشقۇم كېلىۋاتىدۇ .

– بەك قورقۇنچلۇق ئادەمكەنسىز ھاررى ! – دېدى كېنەز خانىم ، – شۇنداقمۇ ، گرېي ئەپەندى ؟ ھاررى ، ھاررى ، گرېي ئەپەندىم بولالماي قېلىۋاتىدۇ ، ھۇشىدىن كېتەي دەپ قالدى .

دورىيان تولىمۇ تەسلىكتە قەددىنى رۇسلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .

– ھىچ ئىش يوق كېنەز خانىم ، – پىچىرلىدى دورىيان ، – كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەس . ئەتىگەن بەك ئۇزۇن مېڭىۋەتكەن بولسام كېرەك . بايا ھاررى نېمە دېدى ؟ چوقۇمكى ناھايىتى رەزىل گەپلەرنى قىلدىغۇ دەيمەن ؟ ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى ماڭا باشقا كۈنى ئېيتىپ بېرەرسىز . كەچۈرۈڭ ، بىردەم يېتىۋالمىسام بولمىدى . ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم .

ئۇلار مېڭىپ – مېڭىپ ، گۈللۈك شىپاڭدىن بالكونغا تۇتىشىدىغان ھىلىقى پەلەمپەيگە كېلىپ قالغان ئىدى . دورىيان ئەينەك ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كېتىشىگە ، لورد ھېنىرى شاققىدە كەينىگە ئۆرۈلدى – دە ، ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرى بىلەن كېنەز خانىمغا تىكىلىپ سورىدى ، – سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزما ؟

كېنەز خانىم دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي ، ھاڭۋاققىنىچە چىرايلىق مەنزىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ قالدى .

– ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ، – دېدى ئۇ ئاخىرى .

لورد ھېنىرى بېشىنى چايقاپ قويدى .

– ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولۇپ كەتسە ، جانغا زامىن بولىدۇ .  بىر نەرسىگە بولغان تونۇش قانچىكى غۇۋا ، قانچىكى مەۋھۇم بولسا ، شۇ نەرسە كىشىگە شۇنچە ئۇز بىلىنىدۇ .

– ئۇنداق غۇۋا بولۇپ كەتسە ، ئاسانلا يولدىن ئادىشىپ قالىدىغان گەپ .

– ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىسىنىڭ مەنزىلى بىر يەردە ئاخىرلىشىدۇ ، سۆيۈملۈك گلادىس .

– نەدە ئاخىرلىشىدۇ؟

– خىيالىي تۇيغۇ بەربات بولغان يەردە .

-مېنىڭ ھاياتىم دەل ئاشۇ خىيالىي تۇيغۇ بەربات بولغان يەردە باشلىنىدۇ ، – كېنەز خانىم يېنىككىنە ئۇھسىنىپ قويدى .

– سىز خىيالىي تۇيغۇنى ھېس قىلىپ بولغۇچە ، ئۇ خان تاجى بولۇپ بېشىڭىزغا كىيىلىپ بولىدۇ .

 – مەن بۆلجۈرگەن يوپۇرمىقى شەكىلىدىكى تاجىسىمان بېزەكلەردىن ① بەك بىزار .

– شۇندىقىنى كىيسىڭىز سىزگە بەك يارىشىدۇ .

– ئۇنداقلىرى ئاممىۋى سورۇنلارغىلا ماس كېلىدۇ .

– بىر كۈنلەردە شۇنىڭ ئارمىنىنىمۇ يەپ قالىسىز ، – دېدى لورد ھېنرى .

– گۈلىنىڭ بىر تال بەرگىسىنىمۇ يوقىتىپ قويماسمىنا .

      – ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ، ئېرىڭىز مونمونتنىڭ قۇلىقى ئۇزۇن جۇمۇ .

– قېرىپ قالغان ئادەمنىڭ قۇلىقى قانچىلىك بولماقچىدى  .

– ئۇ سىزنى قەتئىي كۈنلىمەمدا ؟

– مەنمۇ شۇنى دەيمەن . گاھىدا ، ئۇمۇ باشقا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدەك مېنى كۈلەپ قويسا بولمامدىغاندۇ دەپ كېتىمەن .

لورد ھېنىرى گويا بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك ، تۆت ئەتراپىغا قارىدى .

–        نىمە ئىزلەۋاتىسىز ؟ – سورىدى كېنەز خانىم .

–           خەنجىرىڭىزنىڭ قالقىنىنى ② ئىزدەۋاتىمەن ، – جاۋاب بەردى لورد ھېنىرى ، – سىز ئۇنى تاشلىۋەتتىڭىز .

     كېنەز خانىم ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى :

– مەن تېخى نىقابىمنىمۇ ئېلىۋەتمىگەن تۇرسام .

– نىقاب تاقىۋالسىڭىز ، كۆزلىرىڭىز ئادەمنى بۆلەكچە جەلپ قىلىدىكەن ، –  دېدى لورد ھېنىرى .

كېنەز خانىم يەنە كۈلۈپ كەتتى ، كۈلگەندە ئۇنىڭ سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرى كىشىگە گويا قىپقىزىل ئالمىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقنى ئەسلىتەتتى .

دورىيان گرېي ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھوجرىسىدىكى كىرىسلودا سوزۇلۇپ ياتاتتى ، ۋۇجۇدى قورقۇنچتىن شامال سوققان ياپراقتەك غال – غال تىتىرەيىتتى . ھايات كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلا بىر قورقۇنچلۇق يۈككە ئايلىنىپ ، ئۇنىڭ يەلكىسىنى قاتتىق باساتتى . بايا ئوق يەپ ئۆلگەن ھېلىقى بىچارە كىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى گويا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . ئۇ لورد ھېنىرىنىڭ بايا چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گەپلىرىدىن ھوشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى .

سائەت بەش بولغاندا ، دورىيان گرېي ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ خىزمەتكارنى چاقىرىپ نەرسە – كېرەكلىرىنى تەقلەپ قويۇشنى ، كېچىلەپ شەھەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ، سائەت سەككىز يېرىمدا پەيتۇننى دەرۋازا ئالدىغا توختىتىتپ تەق قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلىدى .

 شۇ تاپتا ئۇنىڭ سېلبي قورۇقىدا بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇسى يوق ئىدى ، بۇ يەردە تۇرۇۋەرسە بىرەر پېشىكەلچىلىككە يولۇقىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى .  بۇ يەردە ئەزرائىل ئوچۇق – ئاشكارا مېڭىپ يۈرمەكتە ، ئورمانلىقتىكى چاتقاللىقلار ئارىسىدا قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان ئىدى .

ئارقىدىن ، ئۇ لورد ھېنىرىغا بىر پارچە خەت يېزىپ ، خېتىدە ئۆزىنىڭ شەھەرگە قايتىپ ئۇنىڭ دوختۇرىنى ئىزلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن مېھمانلارنى كۈتۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندى . ئۇ خەتنى قاتلاپ كونۋېرتقا سالاي دەپ تۇرۇشىغا ، ئىشىك چېكىلىپ خىزمەتكار كىرىپ كەلدى ۋە ئوۋ مەيدانى كۈزەتچىسىنىڭ كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى . ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قويدى – دە ، بىردەم ئارىسالدى بولۇپ كېتىپ : «ئۇنى باشلاپ كىر» دېدى .

كۈزەتچى ئىشىكتىن كىرىشىگە ، دورىيان تارتمىدىن پۇل چېكى دەپتىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يايدى .

– مېنىڭچە سەن بۈگۈن ئەتىگەن يۈز بەرگەن ھىلىقى ئىش ئۈچۈن كەلدىڭغۇ دەيمەن تورنتون؟ – سورىدى ئۇ قولىغا قەلەمنى ئېلىپ .

– شۇنداق ، ئەپەندىم ، – جاۋاپ بەردى كۈزەتچى .

– ئۇ بىچارە توي قىلغانمۇ ؟ ئۆيىدە ئۇنىڭ بېقىشىغا قاراشلىق بىرەرى بارمۇ ؟ – سورىدى دورىئان بىزارلىق بىلەن ، – ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن . سەن زۆرۈر دەپ قارىساڭلا ، ئۇلارنىڭ دېگىنىنى بېرىمەن .

– بىز ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدۇق ئەپەندىم . شۇڭا مەن ئۆزۈمنى چاغلىمايلا ئالدىڭىزغا سۈرۈشتۈرگىلى كېلىۋېدىم .

– كىملىكىنى بىلەلمىدۇق؟ – سورىدى دورىيان روھسىز قىياپەتتە ، – بۇ نىمە دېگىنىڭ ؟ ئۇ سېنىڭ قول ئاستىڭدىكى ئادەم ئەمەسما ؟

– ئەمەس ئەپەندىم . ئۇنى بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . تۇرۇقىدىن ماتروستەك قىلىدۇ ئەپەندىم .

دورىيان گرېينىڭ قولىدىكى قەلەم تۇيۇقسىز سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى ، گويا يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى .

– ماتروس ؟ – توۋلىدى دورىيان ، – سەن ئۇنى ماتروسكەن دېدىڭما ؟

– شۇنداق ئەپەندىم . قارىماققا ماتروسقا بەكلا ئوخشايدىكەن ، ئىككى بىلىكىگە ئالا قويماي گۈل چېكىۋالغان بىر نېمىكەن .

– ئۇنىڭ يېنىدىن بىرەر نەرسە چىقتىمۇ ؟ – دورىيان ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ ، كۈزەتچىگە ھەيرانلىق ئىلىكىدە تىكىلدى ، – ئۇنىڭ يېنىدىن سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بېرەلىگۈدەك بىرەر نەرسە چىقتىمۇ ؟

– ئازراق پۇل بىلەن يەنە بىر دانە ئالتە ئاتار تاپانچىسى بار ئىكەن . سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بېرەلىگۈدەك ھېچنەرسە چىقمىدى . ئۇنىڭ تومپايلىقىغا قاراپ ، بىز ئۇنى ماتروسمىكىن دەپ پەرەز قىلدۇق .

دورىيان ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى ، كاللىسدا كۈچلۈك بىر ئۈمىد يۇلتۇزى يالىتتىدە قىلىپ چاقنىغاندەك بولدى .

– جەسەت قەيەردە ؟ – سورىدى ئۇ ئالدىراپقىنا ، – تېز بول ! مېنى باشلاپ بار ، ئۇنى كۆرۈپ باقاي .

– دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاتخانىدا ئەپەندىم . باشقىلار نەس باسىدۇ دەپ جەسەتنى ئۆيگە ئەكىرىشكە ئۇنىمىدى .

– ئاتخانىدا ! سەن دەرھال ئۇ يەرگە بېرىپ مېنى ساقلاپ تۇر . پەيتۇنكەش ئاتتىن بىرنى يېتىلەپ كەلسۇن ، ياق ، بولدى . بولمىسا ئاتخانىغا ئۆزۈم بارسام تېزرەك بولغۇدەك .

ھايال ئۆتمەي ، دورىيان گرېي ئېتىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرغىنىچە ئۇزۇن كەتكەن خىيابان يولدا پەيدا بولدى . يول بويىدىكى دەرەخلەر گويا ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرغان جىن – ئالۋاستىلەردەك ئۇنىڭ يېنىدىن غۇيۇلداپ ئۆتەتتى . ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئات بىر ئاق تۈۋرۈكنىڭ يېنىدىن جىددىي ئايلىنىشىغا ، دورىيان ئاتتىن ھاۋا تاپان بولۇپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى ، دورىيان ئاچچىقىدا قامچا بىلەن ئاتنىڭ بوينىغا بىرنى سالدى . تۇيۇقسىز تەگكەن قامچىدىن چۆچۈگەن ئات يادىن ئۈزۈلگەن ئوققا  ئوخشاش ، قاراڭغۇدا تۇياقلىرى ئاستىدىن شېغىللارنى چاچرىتىپ ئۇچقاندەك چېپىپ كەتتى .

دورىيان دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاخىرى يېتىپ كەلدى ، ئىككى ئادەم ھويلىدا لاغايلاپ مېڭىپ يۈرەتتى . ئۇ ئاتتىن لىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ ، چۇلۋۇرنى ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىگە تاشلاپ بەردى . ئۇ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئېغىلدا پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان چىراغ يورۇقىنى كۆرۈپ ، جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدى ۋە ئىككى تاقلاپلا ئېغىلنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىنى ئىشىكنىڭ تاقىقىغا ئالدى .

دورىيان بىردىنلا تۇرغان جايىدا قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك تۇرۇپلا قالدى ، بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپلا كەتسە ، پۈتكۈل تۇرمۇشى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ، ئىشىكنى ئىتتىرىپلا ئېغىلغا  كىردى .

ئېغىلنىڭ بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان بىر دۆۋە تاغارنىڭ ئۈستىدە ئۇچىسىغا قوپال تىكىلگەن كۆينەك بىلەن كۆك ئىشتان كىيگەن ، يۈزىگە قاسماقلىقىدىن كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن قولياغلىق يېپىپ قويۇلغان بىر ئادەمنىڭ جەسىتى ياتاتتى . يېنىدىكى بوتولكىغا سانجىپ قويۇلغان بىر تال شام پىلىلداپ كۆيۈۋاتاتتى .

دورىيان گرېينىڭ تېنى جۇغغىدە قىلىپ قالدى ، جەسەتنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، چاكارلارنى چاقىردى .

– ئۇنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋەت ، ئۇنى كۆرۈپ باقاي ، – ئۇ شۇنداق دېگەچ ، ئىشىكنىڭ تۈۋرۈكىگە چىڭڭىدە يۆلۈنۈپ تۇرۇۋالدى .

چاكار جەسەتنىڭ يۈزىدىكى قولياغلىقنى ئېلىۋەتتى . ئۇ ئىككى چامداپلا ئالدىغا ئۆتتى – دە ، خۇشاللىق ئىلىكىدە ۋارقىرىۋەتتى . دەرەخلىكتە ئوق تېگىپ ئۆلگەن بۇ ئادەم دەل جامۇس ۋېيىن ئىدى .

ئۇ جەسەتكە قارىغىنىچە جايىدا خېلىغىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ، خەتەردىن قۇتۇلغانلىقىدىن خوشلۇقىدا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى .

ئىزاھات :

①           كېنەزلەرنىڭ تاجىسىغا تاقايدىغان بېزەك .

② قىلىچۋازلىق قىلغاندا كىيىدىغان نىقاب ۋە شەمشەرنىڭ دەستىسىنىڭ يېنىدىكى يۇمۇلاق قالقان قوغدىنىشتا ناھايىتى ئەسقاتىدۇ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11296

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: