پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇڭ(1)

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇڭ(1)

1.سۇلى پرۇدۇم(1839- 1907)

سۇلى پرۇدۇم(Sully Prudhomme) پارىژدا بىر سودا- سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1901- يىلى «كۆزلەر»() ناملىق شېئىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2. تىيودور مومسېن(1817- 1903)

تىيودور مومسېن (Theodor Mommsen) گىرمانىيەنىڭ شىلەيسۇدىۋىگ(ئەينى چاغدا دانىيەگە قارام ئىدى) تا تۇغۇلغان. 1902- يىلى «رىم تارىخى»() ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3.بيورنىشتيېرىن بيورنسون(1832- 1910)

بيورنىشتيېرىن بيورنسون (Bjornstjerne Bjornson)نورۋىگىيەلىك. دىرامماتورگ. 1903- يىلى «ئىنسان ئاجىز كېلىدۇ» ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

4. فرېدىرىخ مىسترال(1830-1914)

فرېدىرىخ مىسترال(Frederic Mistral) فىرانسىيەلىك شائىر. 1904- يىلى «مىروي» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

5. جوس ئېچېگاراي يېيزاگۇر (1832- 1916)

 جوس ئېچېگاراي يېيزاگۇر (Jose Echegaray Yeizaguirre) ئىسپانىيىنىڭ مادرىدتا تۇغۇلغان. 1904- يىلى «ئەخمەقمۇ- ئەۋلىيامۇ» دېگەن دىراممىسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

5. ھېنىرىك سىنكىۋىچ (1846 – 1916))

ھېنىرىك سىنكىۋىچ (Henryk Sienkiewicz) پولشا پايتەختى ۋارشاۋاغا يېقىن كېلىدىغان فۇرا ئوكراي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1905- يىلى «مەنزىلىڭ قايان» ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇڭ(2)

6. گىيوسۇ كاردۇسى (1907 – 1835)

گىيوسۇ كاردۇسى (Giosue Carducci) ئىتالىيىنىڭ ۋىرسلىيە رايونىدا تۇغۇلغان. 1906- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

7. رۇديارد كىپلىڭ كىپلىڭ (1865 – 1936)

رۇديارد كىپلىڭ كىپلىڭ (Rudyard Kipling)ئەنگلىيە يازغۇچىسى . دادىسى بومبايدىكى سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇتۇقۇچى بولغان ، كېيىن لاھۇر سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇدېرى ۋە مۇزېينىڭ باشلىقى بولغان . كىپلىڭ ھىندىستاننىڭ بومباي شەھرىدە تۇغۇلغان ، 6 يېشىدا ئەنگلىيىگە بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ، 17 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يەنە ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن . دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، لاھور شەھىرىدە چىقىدىغان «ئارمىيە ۋە خەلق گېزىتى» دە تەھرىر بولغان . خىزمەت داۋامىدا ئۇ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئەنگىلىەي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى تۇرمۇشىنى ئىنچىكە كۆزەتكەن .

1907- يىلى «كىم» ناملىق رومانى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

8. رۇدورف ئېۋكىن (1846- 1926)

رۇدورف ئېۋكىن (Rudorf Eucken) گىرمانىيەنىڭ فىر سىياۋرىخ شەھرىدە تۇغۇلغان. 1908- يىلى ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى» ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

9. سېلما لاگېرلوف (1858- 1940)

سېلما لاگېرلوف (Selma Lagerlof)  شىۋېتسىيەلىك يازغۇچى. 1909- يىلى «پنگىۋىنغا مىنىپ ساياھەت قىلىش خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

10. پائۇل ھېيسى (1830- 1914)

پائۇل ھېيسى (Paul Heyse) بېرلىندا تۇغۇلغان، 1910- يىلى «ترېپپى خانقىز» ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10948

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-05-30
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: