پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

لۇگى پراندېلو: ئۇرۇش

ئۇرۇش

لۇگى پراندېلو(ئىتالىيە)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

      لۇگى پراندىلو(    Luigi Pirandello,路易吉。皮兰德娄,1867-1936)، ئىتالىيە ھېكايىچىسى. 1867-يىلى سىلىتسىيەدىكى ئاگلىچىنىتودا تۇغۇلۇپ،1936-يىلى 10-دېكابىر رىمدا ۋاپات بولغان.«كېچىككەن پاسكال»ناملىق ئەسىرى ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىققان تۇنجى ئىجادىيىتىنىڭ بىرىدۇر. «ئەگەر شۇنداق قىلساڭ سېنىڭ ئورۇنلۇق» ناملىق ئەسەر ئۇنىڭ رومانىدۇر. ھەقىقەتنىڭ نىسپىيلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش پراندېلونىڭ بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن تېمىسىدۇر.

كېچىلىك تېز پويىزغا ئولتۇرۇپ رىمدىن يولغا چىققان يولۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ مەنزىلگاھى بولغان سۇلموناغا بېرىش ئۈچۈن فابرىيانو بېكىتىدە چۈشۈپ، ئەتىسى سەھەردە كونا پاسوندىكى كىچىك پويىزغا ئالمىشىپ سەپىرىنى داۋام ئېتىشتىن باشقا ئىلاج يوق ئىدى.

 تاڭ يورۇشىغا، بەش يولۇچى بىر كېچە قونۇپ بىكار بولغان،  قويۇق تاماكا ئىسى بىلەن تولغان، دىمىق ئىككىنىچى دەرىجىلىك ۋاگون بۆلۈمچىسىگە كۈپتەك سەمرىگەن، ئۇچىسىغا ماتەم كىيىمى كىيىۋالغان بىر ئايال تەسلىكتە چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ  ھالىتى كىشىگە بەئەينى چىڭداپ تېڭىلغان كېلەڭسىز بوخچىنى ئەسلىتەتتى. ئايالنىڭ چىرايىدىن ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ياچىۋەكتەك ئورۇق  ئېرى ھاسىراپ – ھۆمۈدىگىنچە ئۇنىڭ كەينىدىن ۋاگون بۆلۈمچىسىدە پەيدا بولدى. چىرايى ئۆلۈكتەك تاتىرىپ كەتكەن ۋىجىك ئەرنىڭ قىسىق كۆزلىرى ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنچ ئىلىكىدە ۋەھىمىلىك پىلدىرلايتتى.

   ۋىجىك ئەر ئاران دېگەندە ئۆز ئورنىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن بايا ئايالىغا ياردەملەشكەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرىۋېلىشىغا ھەمدەمدە بولۇشقان يولۇچىلارغا سىپايىلىك بىلەن رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن ھەدەپ پەلتوسىنىڭ ياقىسى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئايالىغا بۇرۇلدى:

–        سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ، قەدىرلىكىم؟

ئايال جاۋاب ئورنىغا پەلتوسىنىڭ ياقىسىنى تۇمشۇقىغىچە كۆتۈرۈپ، يۈز-كۆزىنى چۈمكىۋالدى.

–        نەس دۇنيا، – ئەر ئاچچىق كۈلۈپ قويغاچ ئۆز-ئۆزىگە

شۇنداق پىچىرلىدى.

    ئۇ بىچارە ئايالىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىچ ئاغىرىتىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى پويىزىدىكى يولۇچىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئۆز مەجبۇرىيىتى ھېسابلايتتى. چۈنكى بۇ ئاپەتلىك ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئەمدىلا يىگىرمىنىڭ قارىسىنى ئالغان يالغۇز ئوغلىنى ئۆزلىرىدىن ئايرىۋېتىشكە سەۋەبچى بولغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سۇلمونادىكى ئاتا مىراس ئۆيىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى ئوغلىغا ئەگىشىپ رىمغا بېرىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن رىمغا بارماقچى بولغان ئوغلىنىڭ پىدائىي بولۇپ ھەربىي سەپكە قاتناشسا ئەڭ ئازدېگەندىمۇ ئالتە ئايغىچە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا –  ئۇلار ئوغلىنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى، ئاتا – ئانا ئىككەيلەننىڭ دەرھال كېلىپ ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە ئۇزۇتۇپ قويۇشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق تېلگرامما تاپشۇرۇۋالغانىدى. ۋىجىك ئەر پويىزدىكى يولۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۈلپەتلىك ئەھۋالىنى ئەنە شۇ تەرىزدە بايان قىلىپ ئۆتتى.

      پوركۆتەك ئايالغا كەلسەك، ئۇنىڭ پەلتو ئىچىدىكى كېلەڭسىز بەدىنى توختىماي لىغىرلاپ تۇراتتى. ئۇ يەنە تۇرۇپ-تۇرۇپ ئەلەمدىن ياۋايى ھايۋانلاردەك غەلىتە ئاۋازدا ھۆركىرەپمۇ قوياتتى.  پويىزدىكى باشقا دەرتمەن يولۇچىلارنىڭ بايا ئېرى بايان قىلغان ئەھۋاللار ئۈچۈن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش تۈگۈل، ئۇ گەپلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قۇلىقىغاكىرىپمۇ قويمايدىغانلىقى ئايالغا ئايان ئىدى.

      ۋىجىك ئەرنىڭ بايانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغان يولۇچىلاردىن بىرى شۇنداق دەپ سۆز باشلىدى:

      _ ئوغلۇڭلارنىڭ  ئەمدىلەتىن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەر تېخى رەببىڭلارغا ھەمدۇ – سانا ئېيتساڭلار بولىدىكەن. مېنىڭ ئوغلۇم ئۇرۇش پارتىلىغان تۇنقى كۈنىلا ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ ئىىككى قېتىم يارىلىنىپ قايتىپ كەلدى، ئاندىن يەنە ئالدىنقى سەپكە ھەيدەلى.

–        مېنى نېمە دەيسىلەر ئەمىسە؟ ئىككى ئوغلۇم بىلەن ئۈچ

جىيەنىمنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىشتى….،- يولۇچىلاردىن يەنە بېرى شۇنداق دەپ گەپ قىستۇردى.

–        لېكىن، ئۇ بىزنىڭ بىرلا ئوغلىمىز ئىدى،- ۋىجىك ئەر

ئويلىمىغان يەردىن دادىللىق بىلەن شۇنداق دېدى.

–        ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ يالغۇز ئوغلىڭىزنى جېنىڭىزدىنمۇ

ئەزىز كۆرىدىكەنسىز. ئەجەبا سىزنىڭ يەنە باشقا ئوغۇللىرىڭىز بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىرىنىلا ياخشى كۆرەرمىدىڭىز؟ ئاتىنىڭ مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ تەڭ نىسبەتتە پارچىلىنىپ بالىلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان ناشتىلىق بولكا ئەمەس. مەيلى بىر بالا بولسۇن ياكى ئون بالا بولسۇن، ئاتا بولغۇچى ھەممە پەرزەنتىگە ئوخشاشلا كۆيىدۇ،- بارلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى ھەر- بىر پەرزەنتىگە ئوخشاش بېغىشلايدۇ. مەن ئىككى يۈرەك پارەم ئۈچۈن پۇچىلىنىۋاتىمەن. ئىككىسى ئۈچۈن يۈرەك باغرىمنى ئىككىگە بۆلۈپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن چەكسىز قايغۇرىمەن…

–        دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، تامامەن ئورۇنلۇق،- ئوڭايسىز ئەھۋالدا

قالغان ۋىجىك ئەر خورسىنغان ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى،- مۇنداق دېسەم سىزگە زەربە بولمىسۇن، ئەلۋەتتە بىز ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىشنىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز. ئالايلۇق، بىر ئاتىنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئىككى ئوغلى بولۇپ، ناۋادا ئۇ بىر ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىسا يەنە بىر ئوغلىدىن ئاتىنىڭ كۆڭلى تەسكىن تېپىشى مۇمكىن … بىراق بىرلا ئوغلىمىز ….

     ئىككى ئوغلۇم بىلەن ئۈچ جىيەنىم ئالدىنقى سەپكە كەتتى، دېگەن كىشىنىڭ سۆزلىرىدىن ئەرۋاھى ئۇچقان يەنە بىرى ۋىجىك ئەرنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلەپ، ھېلىقى ئەرگە شۇندا دېدى:

–        دۇرۇس. ھايات قالغان ئوغلى ئاتا ئۈچۈن تەسەللىي بولالايدۇ؛

شۇنداقلا ، ئاتا بولغۇچى ئەشۇ ئوغلى تىرىك بولغاچقىلا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەكسىچە، يالغۇز ئوغۇللۇق ئاتىغا نىسبەتەن ئوغلى ئۆلۈپلا كەتسە، ئاتىنىڭ ھالى ئوغلى بىلەن بىللە ئۆلۈپ تۈگەشكەنگە باراۋەر بولىدۇ، مۇشۇنىڭدىنلا يالغۇز ئوغۇللۇق ئاتىنىڭ ئازابىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ زادى قايسىسى بەكرەك قايغۇلۇق؟ مېنىڭ ھالىمنىڭ سىزنىڭكىدىن كۆپ بەتتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟

–        ھەممىسى قۇرۇق گەپ،-  نۇرسىز كۆزلىرىگە قان

تىقىلغان، قىزىل يۈزلۈك سېمىزغىنە بىر كىشى زەردە بىلەن شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ شۇ گەپنى دەۋاتقاندىكى تۇرقى ئىچىگە سىغماي قالغان دەرد-ئەلىمى پولتىيىپ چىققان كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغاندەكلا ئەسەبىي ھالدا ئىدى. ئاجىزلىشىپ كەتكەن گەۋدىسى ھالسىز تىترەپ تۇراتتى،ئۇ كاماك ئىككى ئۇتتۇر چىشىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى، – ھەممىسى قۇرۇق گەپ. ئەجەبا بىزنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىمىز ئۇلارنى ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن ئىش قىلدۇرۇشمىدى؟

      يولۇچىلار ئوڭايسىزلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا تىكىلدى. ئۇرۇش باشلىنىپلا ئوغلى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋېتىلگەن ھېلىقى ئەر سۆز قاتتى:

      – ئەمەلىيەتتە، پەرزەنتىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس، ئۇلار ۋەتەننىڭ…

      – قۇرۇق گەپ،- سېمىز ئەر بايىقى سۆزىنى تەكرارلىدى،- ئەجەبا پەرزەنتلىك بولىدىغان چېغىمىزدا ۋەتەننى ئويلاپ باققانمىدۇق؟ پەرزەنتلىرىمىز شۇنداق تۇغۇلغانكى….. بولدى بۇلارنى دەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت… پەرزەنتىمىزنىڭ تۇغۇلىشى ئۇلارنىڭ تۇغۇلمىسا بولمايدىغانلىقىدىن خالاس. شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار تۇغۇلىشى بىلەنلا ئۆزىمىزنى ئۇلارغا باغلىۋالغانمىز. بۇ مانا مۇشۇنچىلىك ئاددىيلا بىر ئىش. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىزگە تەۋە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ياشلىقى بىزنىڭ ياشلىق دەۋرلىرىمىز بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ. يىگىرمە يېشىمىزدا بىزنىڭمۇ ئاتا – ئانىمىز بولغان، ئاتا – ئانىمىزلا ئەمەس يەنە ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز، مەشۇقىمىز،  يېڭى گالىستۈك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تالاي نەرسىلىرىمىز بولغان. يىگىرمە يېشىمىزدا «ۋەتەن» دەپ چۇرقىراشساق، ئاتا – ئانىمىزنىڭ قارىشىلىقىغا ئۇچرىغان چاغلىرىمىزمۇ بولغان. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، مۇشۇ يېشىمىزدىمۇ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىمىز قىلچە سۇسلىشىپ قالغىنى يوق. بىراق، بالىلىرىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئىزچىل ھالدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىمىزدىن ئۈستۈن بولۇپ كەلدى. ئولتۇرغانلار ئارىسىدا بالىلىرىنىڭ ئورنىغا ئالدىنقى سەپكە بېرىشنى خالايدىغانلاردىن قانچىسى چىقار؟ – سېمىز يولۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن ۋاگون بۆلۈمچىسى تىمتاسلىققا چۆمدى. ھەممە كىشى باشلىرىنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ سۆزلىرى تەستىقلاشماقتا ئىدى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى،- بىز نېمە ئۈچۈن يىگىرمىگە كىرىپ قالغان بالىلىرىمىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىپ باقمايمىز؟ بۇ ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىلىرىغا بولغان مۇھەببىتىدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇقەررەر ئەمەسمۇ؟ قورسىقىمىزنى تويغۇزۇش ئۈچۈن بولكىغا موھتاج بولغىنىمىزدەك، ۋەتىنىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغىمۇ ھەم ئېھتىياجلىقمىز. ۋەتەن بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا موھتاج. ئوغۇللىرىمىز ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى. بۇ بىر شەرەپلىك ۋەزىپە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز يېشىغا ئېھتىياجى يوق. ئۇلار جەڭگاھلاردا قۇربان بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جانلىرىنى تەقدىم ئېتەلىگەنلىكىدىن شەرەپلىنىدۇ. بۇ كۈنلەردە، تۇرمۇشنىڭ خۇنۈك تەرەپلىرىنى، دۇنيادىن بىزار بولۇشنىڭ مۇشەققەتلىرىنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى بەربات بولۇشنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ ۋەتىنى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشتىن يالتايمىغان ياش ئەۋلادلاردىن يەنە نېمىنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ ھەر بىرىڭلار كۆز ياشلىرىڭلارنى سۈرتىۋېتىپ مانا مەندەك ئاۋازىڭلارنى قويۇۋېتىپ كۈلۈشىڭلار، رەببىڭلارغا شۈكرى ئېيتىشىڭلار كېرەك. ئوغلۇم ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا، ئۆزى قىلالايدىغان ئەڭ ئالىي تىلاۋىتى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغانلىقى توغرۇلۇق ماڭا تېلگرامما يوللىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى شەرەپ بىلەن ئاخىرلاشتۇرالىغانلىقى ئۈچۈن تەڭرىگە ھەمدۇ ئېيتماقتىمەن.  كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇچامغا ماتەم كىيىمى كىيمەسلىكىممۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇر.

        ئۇ گەۋدىسىنى لىكىلدىتىپ ئۇچىسىدىكى سارغۇچ پەلتوسىنى كۆپچىلىككە ئىشارە قىلدى. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ كوماك چىشىنى توسۇپ تۇرغان لەۋلىرى لىپىلداپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى،كۆز قارچۇقى بىر نۇقتىغا تىكىلدى. ھايال ئۆتمەي پويىزدىكى بۇ بۈيۈك بايانات يولۇچىلارنىڭ ئېسەدەپ يىغلىشى بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ زىل كۈلكىسى بىلەن ئاياقلاشتى.

–        راست ئېيتتى…

–        ھەقىقەتەن شۇنداق…

باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاشتى.

بۇلۇڭغا تىقىلىپ پەلتوسىنىڭ ياقىسى بىلەن يۈزىنى چۈمكەپ

ئولتۇرغان پور كۆتەك ئايال سېمىز يولۇچىنىڭ گەپلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى. ئۈچ ئايدىن بېرى ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەلگەندىن سىرت، ئېرى ۋە دوستلىرىنىڭ پاراڭلىرىدىن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان سۆزلەرنى خالاپمۇ قالاتتى. ئانا بولغۇچى يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە قانداقمۇ ئۆزى خالاپ ئەۋەتسۇن؟ ئوغلىنىڭ ئالدىنقى سەپكە مېڭىشىنى ئۇنىڭ ئۆلۈم يولى دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ئوغلى تولىمۇ چوڭ خەتەرگە ئاتلىنىش ئالدىداتۇراتتى. ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ئېيتىلغان بايىقى سۆزلەردىن  ئۆزىگە تەسەللىي بولغۇدەك بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئاڭلىيالمىغانلىقتىن ئۇنىڭ دەرد – ئەلىمى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى.

     پوركۆتەك ئايال سېمىز يولۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن خۇدىنى يوقۇتۇپلا قويدى. بىردىنلا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەستىن، ئۆز بالىسىنى جەڭگاھقا ئۇزاتقان شۇ دەقىقىلەردىلا ئەمەس، ھەتتا ئوغلىنىڭ جەڭگاھتا قازا تاپقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان چاغلاردىمۇ ئاھ ئۇرۇپ ياش تۆكمىگۈدەك دەرىجىدىكى يۈكسەك ئاڭغا ئىگە شۇ يولۇچىدەك يۇقىرى ئىدىيە ساپاسىغا ئىگە بولالمىغىنىدىن ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتاتتى.

      ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، تىقىلىپ ئولتۇرغان بۇلۇڭدىن ئۆزىنى رۇسلاپ، سېمىز يولۇچىنىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغانلىقى توغرۇلۇق مەردانىلىك بىلەن سۆزلىگەندىكى ھالىتىنى ئېسىگە ئالدى. ئايال ئۆزىنى ئىلگىرى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تولىمۇ ناتۇنۇش بىر مۇھىتتا كۆردى. يولۇچىلار ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ھاياجان ئىلىكىدە قايغۇنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇپ كۈلەلىگەن بايىقى ئاتىغا بارىكاللا ئېيتىۋاتاتتى.

     توساتتىن، ئايال بايا بولۇنغان گەپلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئاڭلىمىغان قىياپەتتە، ئەمدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغانغاندەك سېمىز يولۇچىغا بۇرۇلدى:

–        ئۇنداقتا … ئوغلىڭىز راستتىنلا ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟

ھەممىنىڭ كۆزى ئايالغا تىكىلدى. سېمىز يولۇچى كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان پولتىيىپ چىققان كۆكۈچ كۆزلىرىنى ئايالغا ئاغدۇردى. ئايالغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولدىيۇ، بىر ھازاغىچە ساداسىز تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇنىڭدەك ئەخمىقانە، زىددىيەتلىك سوئالنى ئەمدىلەتىن ئاڭلاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئايالغا مىختەك قادالدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئوغلىنىڭ راستلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلىشىپ كېتىپ قالغانلىقىنى، ئىككىنچىلەپ ئۆز يېنىغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنىڭ چىرايى پۈرۈلۈپ، غەلىتە قىياپەتكە كىرىپ قالدى. شۇ دەقىقە ئۇ ئالدىراشلىق بىلەن يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى ئالدى-دە، ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن كىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزگۈدەك دەرتلىك ئاۋازدا پەرياد ئۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. بۇ ھالدىن پويىزدىكى بارچە كىشى ھەيرانۇ – ھەس قېلىشتى.

(شىڭجيې كىتابچىلىق شىركىتى نەشر قىلغان «ھېكايىلەردىن بەھر ئېلىش»ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10961

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-06-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: