پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

سەددىچىنگە سەپەر

سەددىچىنگە سەپەر

 

بايىن بولو (مانجۇ)

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ نەسىر «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان) 

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى: بايىن بولو، مانجۇ، 1965- يىلى لياۋنىڭ خۇەنرېندا تۇغۇلغان، 1980- يىلى ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. « ھەسرەتلىك تۆت كىشىلىك كۈي»، «ئەجدىھا يىلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 200 مىڭ خەتلىكتىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.

1

قەلبىمدىكى ئارزۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۈتۈپ كېلىۋاتقىنىمغا تالاي يىللار بولغانىدى. بىر خىل ھەسرەتنىڭ ھامان قەلبىمنىڭ تېرەن جايلىرىدا يۇشۇرۇنۇپ كېلىۋاتقىنىغىمۇ ئۇزۇن يىللار بولغانىدى. . . بۇ ئارمانلار گويا سەھرا كۈيلىرىگە ئوخشاش قەلبىمنى ھەسرەتلەردىن يىراقلاشتۇراتتى، بۇ ئارمانلار مەرھۇم ئانامنىڭ بارغانسېرى ياڭراقلىقىنى يوقىتىۋاتقان بوغۇق ئاۋازىغا، كۈلكە پارلاپ تۇرغان چېھرىگە تېخىمۇ ئوخشايتتى! بۇ ئالەمدە تۇرۇپ تەنھالىقى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئاشۇ ئارمانلىرىم بىر خىل ئازابقىلا ئوخشايتتى؛ ئۇ ئازابلارنى تۈگەل تارتۇق قاپلىغان ساقايماس كېسەلگە تەققاسلاشقا بولاتتى. تالاي يىللار ئۆتتى. . . تالاي يىللاردىن بېرى ۋۇجۇدۇمنى چىرماپ كەلگەن بۇ كېسەلنى ھامان كۈلكەم ئارقىلىق نىقابلىماقچى بولاتتىم، لېكىن ئۇنداق قىلالمايتتىم. كۈلكىلىرىم ساختا ئىدى، گويا ئۆتكۈر پىچاقنى ئەسلىتەتتى، ئاشۇ ئۆتكۈر پىچاقتا تىلغىنىپ قانلار شۇرۇلداپ ئاققان قەلبىمدىن يۇمران گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلاتتى. «سۈيجوڭ» دېگەن بۇ ئىسىم قەلبىمدە يالتتىدە چاقنىغان ھامان يۈرەكلىرىم جىددىي تېپىچەكلەپ، قەلب تارلىرىم لەرزىگە كېلەتتى. گويا ئۇزۇندىن بۇيان قەلب خانەمدە بېسىلىپ تۇرغان شېرىن ئۇيقۇغا ياكى ئون نەچچە يىلنىڭياقى ئاستا- ئاستا چىگىچلىشىپ كەتكەن توڭگىلەككىلا ئوخشايتتى. مانا ئەمدى بۇ توڭگىلەكنىڭ ئاخىرى يېشىلىدىغان پەيتى كەلگەنىدى. مەن گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىلىكىدە ئۇنىڭ مىسكىنلىك ۋە ھەسرەت قاپلىغان، تۇرۇپ قوپال، تۇرۇپ مۇلايىم تۇيۇلىدىغان ھىدلىرىنى ھىدلايتتىم. سۈيجوڭدىكى سېپىل ھامان مېنىڭ بۈيۈك ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەيتتى؛ تارىخ دەرسلىكىدىن تاشقىرىقى بىر خىل مىسكىن روھلار ئىچىدە لەيلەيتتى. مانا ئەمدى ئۇ يەتتە گەز ئېگىزلىكتىكى بوي- بەستىمدە، شىددەت بىلەن ئۇرغۇۋاتقان تومۇرلىرىمدا ئۆز ئارا تىركەشمەك بولاتتى. گويا قەدىم زاماندىكى باھادىر پالۋانلار بېشى تېنىدىن جۇدا بولىدىغان پەيتتە كۆككە قاراپ دەھشەتلىك نەرە تارتقاندەك قاتتىق چوقان سالماقچى بولاتتى؛ بۇ چوقانلار دەھشەتلىك بوران، شىددەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ، پەسكەشلىك قاپلىغان زېمىن- دالىلارنى چاقماق تېزلىكىدە سىيپاپ ئۆتۈپ قۇلاقلىرىمنى پاڭ قىلىپ، مېنى گويا قاققان قۇزۇقتەك تۇرغان جايىمغا مىقلاپ، ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇلىماقچى بولاتتى. . .

2

يولغا چىقىدىغان چاغدا ئۇلارغا پەرۋا قىلمىدىم، مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ سەددىچىنىگە قىلغان سەپىرىم دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم! سەپەرداشلىرىمنىڭ يولبويى توختىماي ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشلىرى، ئەر- ئاياللارنىڭ بىر- بىرىنى كەلتۈرگەن ھەزىل چاقچاقلىرىدىن پۈتكۈل ۋاگون قىقاس- چوقانغا، جۇشقۇنلۇققا تولغانىدى. لېكىن مەن ئۆزۈمنى يەنىلا تولىمۇ تەنھا، غېرىپ، مىسكىن ھېس قىلاتتىم، «پويىزغا چىقسىلا ئۇيقۇغا دۈم چۈشىدىغان، پويىزدىن چۈشكەن ھامان ئۇنى- بۇنى رەسىمگە تارتىدىغان» مەززىسىز ئىشلاردىن بىزار ئىدىم؛ ئۆزۈم يالغۇز يۈرۈشكە، خىيال سۈرۈشكە ئامراق ئىدىم. بۇنىڭدىن ئېيتقۇسىز ھوزۇرغا چۆمۈلەتتىم. مانا شۇ تاپتىمۇ چاك- چاك يېرىلغان كونا سېپىل- تاملارنىڭ تۈۋىدە ئۆزۈم يالغۇز تۇراتتىم، ئاسماندىكى ئاي- يۇلتۇزلار بىلەن خىيالەن پىچىرلىشاتتىم؛ سەھەردە كۆتۈرۈلگەن شەپەققە چۆمۈلگىنىمچە يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدەشلىرىگە، تىنىقلىرىمغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قۇلاق سالاتتىم. كۈز شامىلىنىڭ ئاسمانغا بوي سوزغان بىنالارنىڭ بۇلۇڭلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندىكى ھۇشقۇيتقان ئاۋازىدىن شۇ ھامان ئەكس سادا پەيدا بولاتتى؛ تالاي قېتىملاپ نەچچە كۈنگىچە توختىماي ياغقان قېلىن قار دەستىدىن ئېتىۋېتىلگەن قاراۋۇلخانا ئېغىزلىرىدا قىشنىڭ مۇدھىش سوغۇقى قۇترايتتى. . .

ئەزەلدىن ئۆزۈم يالغۇز مېڭىشقا ئامراق ئىدىم. مەن جىمغور ھەم خىيالچان ئادەم ئىدىم. گاھىدا نېمىدۇر بىر ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندەك ئۆزۈم يالغۇز جىممىدە ئولتۇرۇپ كېتەتتىم، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمە ئويلىمايتتىم. چوڭقۇر خىيالغا چۆككەندەك ھالەتكە كىرىۋېلىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. گاھىدا ۋۇجۇدۇمنى بىر قەپەز ھالىتىگە كېلىپ قالغاندەك، ئاشۇ قەپەز ئىچىگە مەھكۇم بولغان روھىم گويا ئىس- تۈتەك، چاڭ- توزانلاردەك ئۇستىخان- سۆڭەكلىرىمنىڭ ئۈگە- ئۈگىلىرىدىن، ئاراچ- ئاراچلىرىدىن سىرغىپ چىقىپ كۆزنى- يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە ئۇچۇپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم.

سەددىچىن سېپىلى بېشىدىن ئىسىق- سوغوقلارنى، كۈلپەتلەرنى جىق ئۆتكۈزگەن بىر بوۋاينىڭ نەق ئۆزى ئىدى، ئۇ مىڭ يىل مۇقەددەم ئاشۇ جايدا قەد كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇ مېنىڭ قىرانىغا يەتكەن بىر شائىر بىلەن مۇڭدىشىشىمنى كۈتمەكتە ئىدى. گويا بىر خىل تەقدىر- قىسمەتتەك، گويا بىر ھېكايىنىڭ كولمىناتسىيە، تۈگۈن قىسىمىدەك، ئۇ دەل مۇشۇ پەيتتە ماڭا بىرەر نەرسىدىن تەلىم بەرمەكچىدەك قىلاتتى. بۇ مەئىشەتلىك يىللاردا ماڭا ھاياتنىڭ سوۋغاتلىرىنى ھېس قىلدۇرماقچىدەك، ئىچكى دۇنيارىمغا ھەقىقىي يۈزلەندۈرمەكچىدەك، تارىخ ئۈستىدە ئىدراكىي يوسۇندا ئويلاندۇرماقچىدەك قىلاتتى. ئەمما تارىخ قېرى پېرىخونغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئەسەب- نېرۋىلىرىنى بىھۇش قىلىپ قوياتتى، تارىخ بەئەينى بىر ئالدامچىلىق ياكى بىر گۇناھ- مەئىسەتنىڭ ئۆزى ئىدى. تارىخ بەلكىم ناز- كەرەشمىلىرى بىلەن ئەر كىشىنىڭ جېنىنى ئالىدىغان پاھىشەگىلا ئوخشايتتى. 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغۇچە بىر توغرا قارار چىقىرىشنى ئۈمىد قىلاتتىم، لېكىن بۇنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.

3

سۇيجوڭدا مەن ئاۋۋال توققۇز قۇۋۇق ئېغىزىدىكى سۇ ئۈستى سېپىلىغا چىقتىم. ئۇنى سۈيجوڭدىكى ئەڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى دەپ ئاڭلىغانىدىم، ئۇنى سەددىچىن سېپىلىدىكى سۇ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان بىردىنبىر مۇھىم قورغان دېيىشكىمۇ بولاتتى، ئۇ مەنزىرىسىنىڭ تولىمۇ قالتىس، ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن كىشىنىڭ ئەس- ھۇشىنى ئالاتتى.

تومۇز ياز پەيتى بولغاچقا بىز بارغان چاغدا ساياھەتچىلەر قۇمدەك كۆپ ئىدى. يەنشەن تېغى تىزمىسى يىلانباغرى سوزۇلغان ئىدى، شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان جۇجياڭ دەرياسى سۈيجوڭدىكى لى جياباۋ يېزىسىنىڭ شىنباۋزى كەنتىنى قاپ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرىپ تۇراتتى. بەختكە يارىشا بۇ قەدىمىي سېپىل قېرى كالىنىڭ دۈمبىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ خەتەرلىك تىك تاغ بىلەن بىرلىشىپ تارىخىي ۋەقەلەردە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بىر مۇھىم ئۆتكەل، مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن زەبەردەست ئەرلەر بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان مۇھىم قاراۋۇلخانىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

مەن يىراقلاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاسمانپەلەك بىنالارغا، بىر- بىرىگە روبرو قارىشىپ تۇرغان پوتەي ۋە سېپىللارغا، ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چېگرا شەھەرلەرگە، قاراۋۇلخانىلارغا، دۈشمەنلەرگە ئوت ئاچىدىغان ئىستىھكاملارغا نەزەر سالدىم. . . قەلب خانەم لەرزىگە كەلدى، ئۇزۇن يىللار مۇقەددەم بادالىڭ سېپىلىغا چىققان ۋاقتىمدىكى يېڭىچە تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈم. قەدىمدىكى ئەمگەكچان، ساددا كىشىلەر نەقەدەر قالتىس- ھە! تاغ- دەريالىرىنى، يۇرت- ۋەتەنلىرىنى ياۋلارغا تارتقۇزۇپ قويماي مەھكەم ساقلاش ئۈچۈن قانچىلىغان بەرنا قىزلار بۇ قاقاسلىقتا ئائىلىسىدىن، ئىسسىق جانلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئۆي- ماكانسىز قېلىپ سەرسان- سەرگەردان بولغاندۇ- ھە! قانچىلىغان سەردار- سەرۋازلار، سانغۇنلار جەڭدە جېنىدىن جۇدا بولۇپ جەسىتى جاڭگاللاردا قالغاندۇ، قانلىرى دەريا بولۇپ ئاققاندۇ- ھە!

ساياھەتچىلەر توپ- توپ بولۇشۇپ شاۋقۇن- سۈرەن ئىچىدە چۈمۈلىدەك مىغىلداپ يۈرەتتى، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈشلىرى تونۇردەك قىزىق تەپتى بىلەن يەر- جاھاننى قىزدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىس- تۈتەكتەك ئەتراپقا تارالماقتا ئىدى. ئېغىزلىرىم قۇرۇپ ئۇسسىغاندەك بولدۇم، سېپىلغا داۋاملىق يامىشىۋېرىش قىزغىنلىقىم ئاللىقاچان يوقالغاندەك ئىدى. ئۆزۈم يالغۇز دەرەخ سايىسىدا ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ، تۇغ- ئەلەملەر لەپىلدەۋاتقان توققۇز قۇۋۇق ئېغىزى سېپىلىغا نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم، كۆز ئالدىمدا ئاجايىپ رەڭدار مەنزىرە جىلۋىلەندى، بۇ مەنزىرە كىشىگە گويا قورۇق يوقىتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان قېرى مەزلۇملارنى ئەسلىتەتتى.

قەدىمكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق ھەيۋەتلىك سېپىلنى روياپقا چىقىرىشى ياتلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى، ئەمما ھازىرقىدەك دەۋردە سېپىل ياساش سودا- ساياھەت ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلاتتى، بۇمۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ئىدى. بۇ ماڭا يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن بىر قىزىق ئىشنى ئەسلەتتى: بىر بېيىغان دېھقان كارخانىچى يۇرتداشلىرىنى شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ پايتەخت بېيجىڭغا سەددىچىن سېپىلىنى كۆرگىلى بېرىش مۇشەققىتىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى تاغنىڭ ئۈستىگە «سۈنئىي سەددىچىن سېپىلى» سالدۇرۇپتۇ، لېكىن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ بىمەنە ئىشنى بولۇشىغا ماختاپ، كۆپتۈرۈپتۇ، كىشىلەر بۇنىڭدىن ھاڭ- تاڭ قاپتۇ.

تەلىيىمىزگە چۈشتىن كېيىن شياۋخې دەرياسى ئېغىزىغا باردۇق، ئاندىن چۈيزى تېغىغا، داماۋ تېغىغا چىقتۇق. . .  بۇنىڭ بىلەن لياۋشىغا قىلغان ساياھىتىمگە قايتىدىن مەنە قوشۇلدى، چاڭقىغان قەلبىم ئۇسسۇزلۇققا قانغاندەك بولدى.

4

1381- يىلى بىر توپ لەشكەرلەر شەنخەيگۇەننىڭ شەرقى ۋە جيايۈگۇەننىڭ غەربىدىكى چەت جايلارغا كېلىپ دۇنيادا تەڭدېشى يوق بۇ كاتتا قۇرۇلۇشنى ـــ يەنشەن تېغى تىزمىسىنى چۆرىدەپ يىلانباغرى چېگرا سېپىلى ۋە پوتەيلەرنى سېلىشقا باشلىدى. خۇددى ئاددىي ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئۆز ھويلىسىنىڭ چۆرىسىنى چىت بىلەن قاشالىغىنىغا ئوخشاش ئۆز- ئۆزىنى قوغداش پىسىخىكىسى ھەر بىر پۇقرانىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەنىدى. سېپىل ئۇزارتىلىۋېرىش نەتىجىسىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئاۋات شەھەرلەرنى قورشاپ تۇرىدىغان سېپىلغا ئايلاندى. ئۇلار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇپ، ئەۋلادلارغا بەخت كەلتۈرىدىغان ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سېپىلنى قۇرۇپ چىقماقچى ئىدى. ھالا بۈگۈن بىز شياۋخې دەرياسى ھاۋزىسىدىكى قاقاسلىققا سېپىل بىنا قىلىش ئۈچۈن تەر تۆككەنلەرنىڭ ھېلىھەم كۆكىرىپ تۇرغانلىقىغا، تەر تامچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ مىس رەڭ يۈز- كۆزلىرىدىن شۇرقىراپ ئېقىپ قويۇق ئوت- چۆپلەرگە، چاتقاللىقلارغا تامچىلىغانلىقىغا  ئىشىنىمىز.

700 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىر شائىر تولىمۇ روھسىز بىر ھالەتتە شياۋخې دەرياسىغا يەنە كېلىپ، كەچكى شەپەق نۇرىنىڭ ئاداققى يورۇقىدا ئۇنىڭ سولغۇن چىرايىغا قارىدى. كىشىگە سۆرۈن تەسىر بېرىدىغان بۇ قاقاس، شامال دەستىدىن ئۇپراپ بۇزۇلۇپ كەتكەن، ئەمما قەيسەرلىكىنى يوقاتمىغان بۇ ئىستىھكامنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەن جايلىرى نەقەدەر گۈزەل- ھە! يەردە چېچىلىپ ياتقان كۆك قىشلار، كۈلرەڭ كاھىشلار بەئەينى بىر قۇرۇپ كەتكەن سۆڭەكنىلا ئەسلىتەتتى، يەنە بىر قارىسا تارىخ بېتىدە ساقلىنىپ قالغان كلاسسىك دەستۇرلارنىڭ كەمتۈك بەتلىرىگە ئوخشاش ئەينى يىللىرىدىكى قۇدرەتلىك قۇشۇننىڭ جاسارىتىنى، ئىس- تۈتەك قاپلىغان جاھانلار ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. تۇرۇپلا كۈچلۈك چاقماق سوققاندەك ئېسەنكىرىپ تۇرۇپلا قالدىم، روھىم گويا كۈچلۈك چاقماق دەستىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغاندەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى بىر لەھزە لەرزىگە سالدى، خېلىغىچە نەپەس ئالالماي قالدىم، ئەمما قەلبىم قەپەزگە مەھكۇم بولغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان بىر كۆك قۇشقا ئوخشاش پۈتۈن قەھرى بىلەن بىرلا يۇلقۇنۇپ ئۇچۇپ كەتتى.

گاڭگىراش ئىلىكىدە تۇرۇپ قالدىم، تاغدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغاي دەرەخلىرى گويا ئەينى زاماندا سېپىل سوققان ئەجدادلارنىڭ سۈرىتىدە تىرىلىپ قەبرىلىرىنىڭ ئۈستىدە كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلۈپ جىممىدە ئولتۇرغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىكى تومۇزغا، چېكەتكىلەر توختىماي چىرىلدايتتى، دەرەخ شاخلىرىغا قونۇۋالغان قۇشلار گۇگۇلايتتى. قەلبىمدە: «سېنى ساقلاۋاتقان 700 ياشتىن ھالقىغان ئاشۇ بوۋاي بىلەن سىردىشىدىغان پەيتىڭ كەلدى» دېگەن بىرلا سۆزنى تەكرارلىناتتى.

بەلكىم پەقەت مۇشۇ چاغقا كەلگەندىلا 700 يىلدىن بۇيانقى ھېكايە كۆز ئالدىمدا تېخىمۇ روشەنلىشەر، سېپىل سوققان كىشىلەرنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرى بىلەن قايغۇ- كۈلپەتلىرى قەلبىمدە تېخىمۇ ئاشكارا بولار.

سەپەر سومكىسى يۈدۈۋالغان بىر تەنھا ساياھەتچى بولۇق ئوت- چۆپلەر قاپلىغان سېپلدىن ئىلدام قەدەملىرى بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار تاغقا تاۋاپ قىلغىلى چىققان كىشىلەرگە ئوخشاش قەلبى يالقۇنجىماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چېھرىدە نۇر جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. رەڭگارەڭ كىيىنىۋالغان يەنە بىر توپ قىز- يىگىتلەر كۈلكە- چاقچاق قىلىشقىنىچە سېپىل كۈڭگۈرىلىرىنىڭ ئارىسىدا مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئويناۋاتاتتى. ئۇلار گويا كۈز يامغۇرىدىن كېيىن تولۇق ئېچىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا خازان بولغان قىزىل ياپراقلارغا ئوخشايتتى.

شۇ كۈنى ئاخشىمى بىز شياۋخې دەرياسى ئېغىزىدىكى «سەددىچىن مېھمانخانىسى» غا چۈشتۇق. بۇنى مېھمانخانا دېگەندىن كۆرە ئادەم ئاياغ باسمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئاددىي ئۆتەڭ دېيىشكە بولاتتى. بىز بۇ يەرگە ئىيۇل ئېيىنىڭ كىشىنى تىنىق ئالغۇزمايدىغان تومۇز ئىسسىقىدا كۈندۈزدە كەلگەن بولغاچقا ئىختىيارسىز ۋۇجۇدۇمنى ئېيتقۇسىز بىر خىل ئۈمىدسىزلىك چۇلغۇۋالغانىدى، ھەتتا ئىچىمىدە ئوبدانلا ئاغرىنغان ئىدىم. كېيىن ئۆزۈم يالغۇز ئوتتەك قۇياش نۇرىدا دۇكان ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان سۈيى قۇرۇپ كەتكەن دەرياغا ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قارىدىم، يەرگە ئېڭىشىپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخنىڭ بىر تال يىلتىزىنى قولۇمغا ئالدىم، ئەگرى- بۈگرى بۇ يىلتىز بەئەينى بىر ئەجدىھاغىلا ئوخشايتتى، بۇ ماڭا بىر يوشۇرۇن بىشارەتتەك تۇيۇلدى، بۇ ماڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى ساياھىتىمدە ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلارغا يولۇقىدىغانلىقىمدىن بىشارەت بېرىدىغاندەك قىلاتتى.

كەينىدىن ئۆزۈم يالغۇز قاغجىرىغان دەريا ساھىلىدىن ئۆتۈپ، ئاقۇچ تاش توسما ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، قارشى قىرغاقتىكى دۆڭلۈكنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ ياتقان كىچىك تاغلىق كەنتكە كىردىم. قويۇق دەرەخ سايىسى ئىچىگە پۈركەنگەن بۇ كەنتنىڭ كەينىدىكى تاغ چوققىسىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر تۇرا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سان- ساناقسىز دۈشمەن ئىستانسىلىرى ئاشۇ ئويمانلىققا يوشۇرۇنغان ئىدى.

ئالدىمغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم، ئالدىمدا تۇيۇقسىز بىر ئىت پەيدا بولدى- دە، قاۋىغىنىچە ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. تەلىيىمگە بىر بوۋاي ئىتنى توۋلاپ توختىتىۋالدى. پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ بوۋاينىڭ نامى جاھانغا تارالغان پالۋان چى جىگۇاڭنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنى ئاڭلاپ دەرھال بىر تال تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بوۋاينىڭ چى جەمەتى لەشكەرلىرىنىڭ ئەينى يىللىرى ئىستىھكامنى ياخشى ساقلاپ چېگرانى قانداق قىلىپ ياخشى قوغدىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىسىگە بىرمۇ- بىر قۇلاق سالدىم.

لوڭچىڭنىڭ ئىككىنچى يىلى (1568- يىلى) دىن مىلادى 1583- يىلىغىچە چى جىگۇاڭ جېجياڭ يىۋۇدىن مۇشۇ يەرگە قوشۇن باشلاپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن، نەچچە ئون يىل مۇشۇ يەردە شەھەر قۇرۇپ سېپىل سوقۇپ، شاچاڭدىكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكۈچە ئىستىھكامنى چىڭ ساقلىغان. قاقاسلىقتىكى بۇ چېگرا سېپىلى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا قەيسەرلىك ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھى بىلەن بىرىكىپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەيلى زىمىستان قىش ياكى تومۇز ياز بولسۇن، چۆل- دەشتىلەردە يېتىپ قوپۇش بولسۇن، چېگرانى قوغدىغان ئاشۇ باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى مانا ھازىرغىچە مۇشۇ يەردە ياشاپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا كۆنۈپ كەتكەن شىماللىقلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

«ئېيتىلىشىچە، چۈيزى تېغى سېپىلىدا ‹مەزلۇم راۋىقى› دىن ئۈچى بار بولۇپ، ئەينى يىللىرى جېجياڭ يىۋۇدىن كەلگەن باھادىر پالۋانلار شىمالغا سېپىل سوققاندىن كېيىن شۇ يەردە قېپقېلىپ چېگرانى قوغدىغان. شۇ ۋەجىدىن، يىراق جەنۇبتا قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى سېغىنىش پىراقىدا ئۆرتەنگەن. بەزى ئاياللار بوغجىمىسىنى يۈدۈپ شىمالغا ئېرىنى ئىزدەپ چىققان. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئايال ئېرى ساقلاپ ياتقان چېگرا كەنتكە كەلگەندە، ئېرى شاچاڭدىكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئايال شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنتە قېپقېلىپ ئېرىنىڭ ئورنىدا ئىستىھكامنى ساقلاش قارارىغا كەپتۇ، شۇ ۋەجىدىن بۇ يەر ‹مەزلۇم راۋىقى› دەپ ئاتالدى. تا بۈگۈنگىچە بۇ پوتەيلەر يەنىلا جاڭ جەمەتى راۋىقى، لى جەمەتى راۋىقى دەپ يادلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. . .»

بوۋاي سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر توپ بۇلۇت قۇياش يۈزىنى توسۇۋالدى، بۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ چوڭقۇر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆز جىيەكلىرى كۆرۈنمەيلا قالدى.

5

شۇ كۈنى كەچتە مەن بالدۇرلا ئۇخلىدىم. ئىسسىققا چىدىمىغاچقا ھەممىمىز ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلايتتۇق. ئەجەبلىنەرلىكى، ئادەمنى چېقىپ ئارام بەرمەيدىغان چۇسا، پاشا دېگەندەك نەرسىلەر يوق ئىدى. قاياقتىندۇر بىر يەرلەردىن ئاللىكىملەرنىڭ توۋلاشلىرى، ئىتنىڭ ھاۋشىشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۈندۈزى بەك ھېرىپ كەتكەچكىمىكىن، ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كەتكەنىدىم، ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام تۈن نىسبى بولغان ئىكەن.

تاغدا ئەتىگەن– ئاخشامدىكى تېمپىراتۇرا پەرقى بەكلا چوڭ ئىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇۋېتىپ، ئۈستى– بېشىمغا مۇزدەك سۇ تۆكۈۋېتىلگەندەك بەكلا توڭلاپ كەتتىم. كۈندۈزدىكى ئوتتەك ئىسسىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى، كېچە ھاۋاسى گويا كەچكۈزنىڭ ھاۋاسىدەك سالقىن بولغاچقا بەدەنلىرىم يايراپ كەتتى.

كارىۋاتتىن چۈشۈپ تالاغا چىقتىم– دە ، ئۆزۈم يالغۇز دەريا ساھىلىغا كەلدىم. ئاي بەئەينى سۇغا راسا چىلاپ قويۇپ ئاپتاپقا قاقلاپ قويۇلغان پۇچۇق كاھىشقىلا ئوخشاش ئۇ يەر– بۇ يېرىدە بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەن كۆكتە ئېسىلىپ تۇراتتى، ئۇدۇلدىكى جۈيزى تېغى گويا ئۈستىگە بىر قەۋەت سىرلىق چۈمپەردە تارتىپ قويۇلغاندەك پايانسىز دالادا جىممىدە قارىيىپ كۆرۈنەتتى. تاغ ئومۇرتقىلىرىدا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پوتەي ۋە شىپاڭلار قارىماققا بەئەينى قەدىمقى زاماندىكى پالۋانلارغا ئوخشاش گىرىمسەن ئاي ئاستىدا قەھىرلىك بىر نەزەردە قەد كۆتۈرۇپ تۇراتتى. بىر ئىتنىڭ چۈشەكىگەندەك قاۋىغان ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەتراپ ئۆلۈكتەك تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى.

ئايغا سىنچىلاپ نەزەر تاشلىدىم. ئېيتىلىشىچە، مىڭ سۇلالىسىنىڭ نەچچە ئەۋلاد پادىشاھلىرى بۇ يەرنى گۈللەندۈرگەن، سېپىلنى مۇستەھكەملەپ يەنىمۇ ئۇزارتقان ھەمدە مۇشۇ يەرگە مۇھىم بازار تەسىس قىلىپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مەھكەم ساقلىغان ئىكەن. بۇ كېيىنكىلەرنىڭ تەھسىن– ئاپىرىن ئوقۇشىغا ئېرىشكەن ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مەشھۇر تارىخي ئابىدە سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن. بۈگۈن كېچە چېگرا سېپىللىرى، سېپىلنىڭ كۈڭگۈرىلىرى، ئوقيا ئېتىش پوتەيلىرى تەپەككۇرۇمنى ئېچىپ، يىراق قەدىمكى زامانلارغىچە قاناتلاندۇرماقتا؛ بىر– بىرىگە مىنگىشىپ تۇرغان قاتمۇقات تاغلار، قاقاسلىق ئىلكىدە سوزۇلۇپ ياتقان بىپايان دالا ئۈستىدە سەير قىلدۇرماقتا ئىدى. ئەينى يىللىرى موڭغۇللارنىڭ كىشى قەلبىنى ساراسىمىگە سالىدىغان شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى توسىغان كۆرۈنۈشلەر، كېيىنكى جىن سۇلالىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنىنىڭ بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا – پاسىللىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تىلغاپ چەيلىگەنلىگى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جۇ يوۋجيەننىڭ شامال سوققان قورايدەك تەشۋىش– ساراسىمىگە چۈشۈپ، جايىدا ئولتۇرالماي قالغانلىقىدەك كارتىنىلار كۆز ئالدىمدىن بىر– بىرلەپ ئۆتتى. . . مىڭ سۇلالىسىنىڭ سېپىلنى پۇختىلاپ ئۇزارتىشى ئاساسلىقى موڭغۇللار ۋە جۇرجىتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە قارىساق، بۇ ئىككى يات مىللەتلەر ئىلگىرى سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئىگىلىگەن، ئاتلىرىنىڭ تۆمۈر تۇياقلىرى بىلەن غايەت زور ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنى دەسسەپ– چەيلەپ خارابىلىككە ئايلاندۇرغان ئىدى. مانا بۇنىڭدىن سېپىل سوقۇپ قويساقلا ۋەتەن– دىيارىمىز مەڭگۈ تىنچ– ئامان تۇرىدۇ دەيدىغان خىيالنىڭ نەقەدەر گۆدەكلىك، نەقەدەر كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى .

بۇرۇنلاردا چوڭجېندىنىڭ تەشۋىش قاپلىغان چىرايىنى، ۋۇ سەنگۇينىڭ تايانچىسىزلىق ئىلكىدىكى نالەشلىرىنى، ھەسرەت– نادامەت، ئېيتقۇسىز پىغان تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنى، پادىشاھ لى چۇاڭنىڭ كۆرۈمسىز ئىڭەكلىرىنى، دورگۈننىڭ كۆرەڭ كۈلكىسى قاپلىغان چىرايىنى يورۇتقان تولۇنئاي مانا ئەمدىلىكتە كەمىنەنىڭ ھەسرەتكە ھامىلدار تەپەككۇرىنى يورۇتماقتا ئىدى.

6

1381- يىلى بۈيۈك سانغۇن شۈدا مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى جۇ يۈەنجاڭنىڭ پەرمانىغا بىنائەن يەنشەن تېغىدىكى تۇرشاۋۇل قۇشۇننىڭ 15 مىڭ سەركەردە- سەرۋازلىرىنى باشلاپ جىجېن بازىرىغا كېلىپ سېپىل سوقۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم سوقۇلغان سېپىل يوڭپىڭغىچە ئۇزارتىلىپ، ئوتتۇز ئىككى ئۆتكەلگىچە تۇتاشتۇرۇلدى. گەرچە سەل- پەل ئاددىي، بەزى جايلىرىغا ئەينى يىلى تاغدىن كولانغان قالايمىقان تاشلار ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇلار بىنا قىلغان سېپىللارنىڭ ئۈستىگە تۇنجى بولۇپ پۇختا پوتەيلەرنى ياسىدى. 1572- يىلىغا كەلگەندە جۇرجىتلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە قارىتىلغان تەھدىتى بارغانسېرى كۈچەيدى، خاندانلىق چى جىگۇاڭنى 3000 مىڭ لەشكەرنى باشلاپ شەنخەيگۈەنگە بېرىپ سېپىل چېگراسىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، پوتەيلەر پۇختىلىنىپلا قالماي ئىچىگە ئوزۇق- تۈلۈك، قورال- ياراغ، زاپاس لەشكەر تۇرغۇزۇلۇپ، ئۆتكەلنى ساقلاپ ياتقان لەشكەرلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

تولىمۇ ئەپسۇس، سەل كېيىن تۇغۇلۇپ قاپتىكەنمەن. بولمىسا ئەينى يىللىرىدىكى جۇرجىتلارنىڭ قۇشۇنىدىكى بىر «باتۇرۇ» غا ياكى چى جەمەتى قۇشۇنىدىكى سەركەردە- سەرۋازلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەگەشمە لەشكەرگە ئايلىنىپ، كۈندۈزلىرى ئەتراپنى چارلاپ، كېچىلىرى ئۈستى ئوچۇق ئىستىھكاملاردا پوستتا تۇرار ئىكەنمەن. بەزىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننىڭ يورۇقىدا شائىرلىق ئىلھامىم قوزغىلىپ، يۈكسەك نىيەت- ئارزۇلار مۇجەسسەملەنگەن قورول شېئىرلىرىنى قەغەز يۈزىگە پۈتەر ئىكەنمەن. ياكى بولمىسا پىلدىرلاپ ئۆچۈپ قالاي دەپ قالغان پەنەر چىراغنى قولۇمغا ئېلىپ، تۈمەن چاقىرىم يىراقتىكى ئۇرۇق- تۇغقان، يارۇ- بۇرادەرلىرىمنى ئەسلىگەچ، كۆز چاناقلىرىمدىن ئىسسىق ياشلىرىمنى تۆكۈپ، قەلب خانەمدە يىغىلىپ كەتكەن ھىجران ئازابلىرىمنى ئىزھار قىلار ئىكەنمەن. . .

كۆكتىكى ھىلال ئاينىڭ شەكلى بەئەينى ئوقياغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. بەلكىم ئەينى يىللىرى قورول تەرەپتىن ئېتىلغان يا ئوقى تا ھازىرغىچە كۆكتە لەيلەپ پەرۋاز قىلىپ تۇرغاندۇ؛ ئەينى يىللىرى غەزەل توۋلاپ قۇچقان نۇسرەتلىرىنى تەنتەنە قىلغاچ بۈركۈت ئاتقان باھادىر قەھرىمانلار ھالا بۈگۈن رىۋايەتلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندۇ. ئەمما رىۋايەتلەرمۇ كونىرىدى: قەھرىمانلارنىڭ روھى چۈشتى، پەرزەنت ئىشقى كۈچەيدى. قەھرىمانلار ياشانغان چېغىدا تولا ياش تۆكىدىغان، ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىدىغان بولۇپ قالاتتى، بۇ ھالدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ يىغىدىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ قالاتتى. . . ياش ۋاقتىدا قەھرىمانلارنىڭ سان- ساناقسىز رەقىب- دۈشمەنلىرى بولاتتى، كېيىن دۈشمەن- رەقىبلەرمۇ بىردىن- بىردىن ئۆلۈپ تۈگەپ، پەقەت بىرىلا ئېشىپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ قەھرىماننىڭ ئۆزى ئىدى! ئۇ يېڭىش ناھايىتى تەس بولغان رەقىب ئىدى! نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق ئىدى، ئەڭ ئاخىرى بېرىپ ئۆز ئايىغىغا يىقىلاتتى. ئۇ گويا ئورۇقلۇقىدىن بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ، تەنلىرى تىتىلىپ تىتما- كاتاڭ بولۇپ كەتكەن قېرى ئاتقا ئوخشاش ئۆزىنى مەڭگۈتاشلارغا باغلاپ قوياتتى. . .

7

ئەتىسى سەھەردە جۈيزى تېغىغا چىقتۇق، بۇ تاغقا چىقىشنى مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇلاپ كېلىۋاتاتتىم. سەھەر سائەت تۆتتە شەرق تامان بېلىق قورسىقىدەك ئاقارغان مەھەلدە تاغ چوققىسىغا چىقتۇق، ئەتىگەنلىك شەپەق نۇرى ئاستا- ئاستا پەيدا بولدى. تاغ ئۈستىنى بىر قەۋەت قىروۋ باغلىغانىدى. ساياھەت يېتەكچىسى بىزنى تاغ چوققىسىغا تۇتىشىدىغان بىر يالغۇز ئاياغ يولغا باشلاپ ماڭدى، يېنىمىزدا قىپقىزىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان سېپىل كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مانا بۇ ھېلىقى نامى مەشھۇر چېگرا سېپىلنىڭ ئۇلى ئىدى. بۇ چاغدا تاڭ نۇرى بەئەينى قۇيۇق مانانغىلا ئوخشاپ قالغانىدى، ئەتراپنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغانىدى. ئەتراپ شۇ قەدەر بىپايان ئىدىكى، گويا سىياھ تۆكۈپ سىزىلغان غايەت زور رەسىمگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. تاغدىن يېنىپ چۈشەشىمىزدە تېخى بايىلا ماڭغان ئەگرى- توغاي تاغ يولى گويا ئاق مەشۈت لېنتىغا ئوخشاش بۈك- باراقسان ئوت- چۆپ، چاتقاللىق قاپلىغان تاغ ئارىسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك لەيلەشكە باشلىدى.

جۈيزى تېخ سېپىلى ئۈچ سېپىلنىڭ مۇشۇ يەردە ئۆز ئارا قوشۇلۇشى بىلەن نامى جاھانغا مەشھۇر ئىدى. بۇ ئۈچ سېپىل غايەت زور ئۈچ ئەجدىھاغا ئوخشاش مۇشۇ يەردە ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، سەددىچىن سېپىلىدىكى بىر قالتىس مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.

بىز ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يول باشلىشىدا تاغدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تولا مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان يالغۇز ئاياغ يولنى بويلاپ ناھايىتى مۇشەققەت ئىلىكىدە كېتىپ باراتتۇق. تاغ چوققىسىنى قاپلىغان ئوت- چۆپلەر ھېلىدىن- ھېلىغا ئۆتەر يولنى توسۇۋالغان ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر دەرەخ شاخلىرىغا قىزىل لاتىلارنى چىگىپ بەلگە سېلىپ قويغان بولغاچقا يولدىن ئېزىپ قالمىدۇق. تاغ يولىدا كېتىۋېتىپ ھېلى يوغان قورام تاشقا ياماشساق، ھېلى تاشتىن ئاتلاپ ئۆتەتتۇق؛ بۇنىڭدىن تورغاي- تۇمۇچۇقلار، ياۋايى ھايۋانلار ئۈركۈشۈپ كېتەتتى. پۈتۈن ئەزايىم چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى، لېكىن قىلچىلىك ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم. تىمتاسلىق ئىلىكىدە يۈرىكىم تېز- تېز سوقاتتى، گويا دەرخ شېغىغا چىقىۋالغان كۈلرەڭ تىيىنلاردەك ھېلىدىن- ھېلىغا پۇلاڭلايتتى. قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان بۇنداق تىك قىيا ئۈستىدە مېڭىش كىشىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ئېيتقۇسىز ھاياجانغا سالاتتى. يېڭى كۆتۈرۈلگەن ئەزىم قۇياش تاغ چوققىسىغا يېڭىباشتىن ئۆرلىگەن چاغدا بىزمۇ ئاخىرى زەبەردەست پالۋاندەك تىككىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پوتەي ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق.

ئۇ ئۇلىغا كۆك تاش قويۇلۇپ، كۆك قىشتا قوپۇرۇلغان ئۈچ قەۋەتلىك پوتەي ئىدى. خېلىلا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغىنىغا قارىماي بۇرۇنقى ھەيۋەت- سالاپىتىنى يوقاتمىغانىدى، يەنىلا بۇرۇنقىدەك مەزمۇت ۋە بېجىرىم ھالەتتە ئىدى. گۈل ئويۇلغان تاش قۇۋۇقنى بويلاپ يۇقىرىغا ياماشتۇق، قۇياش ئالتۇندەك ساپسېرىق تال- تال نۇرلىرىنى شەرقىي قۇۋۇقنىڭ ئاراچلىرىىدىن ئىچكىرىگە سېپىپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن ياي شەكىللىك تورۇس پارلاپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى كۈڭگۈرىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرغان سىرتتىكى تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئورمانلىق گويا بىر پارچە رەڭدار ماي بۇياق رەسىمدەك تۈسكە كىرگەنىدى.

ئۆزۈم يالغۇز بىرىنچى بولۇپ پوتەي ئۆگزىسىگە چىقىپ پەسكە نەزەر تاشلىدىم. لياۋ جېننىڭ چېگرا سېپىللىرى شەرققە سوزۇلغان بولۇپ، گويا ھەسەن- ھۈسەندەك تولىمۇ بەھەيۋەت كۆرۈنەتتى. جىجېن بازىرىدىكى سېپىل يىلانباغرى ھالەتتە غەرب تامان سوزۇلغانىدى؛ پۇتۇم ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەنخەيگۈەن سېپىلى ئۇچىسىغا ساپسېرىق ساۋۇت يېپىنچاقلىغىنىچە قاتتىق نەرە تارتقىنىچە تاغنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ، گويا تارىخىي ئېپوس- داستلانلاردا سۆزلەنگەن ئاشۇ باھادىر- پالۋانلارنىڭ كەينىچە تۇرغان ھالىتىنى ئەسلىتەتتى. شۇ ئەسنادا قىلىچ- زۇلپىقارلار قىنىدىن سۇغۇرۇلۇپ، ئوقيالارنىڭ كىرىچى تارتىلغان، يا ئوقلىرى ئېتىلىپ، قىلىچ- نەيزىلەر بىر- بىرى بىلەن كىرىشىشىدىن ھاسىل بولغان قانلىق مەنزىرە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى، بۇنىڭدىن بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، قانلىرىم شىددەت بىلەن ئۇرغۇدى، گويا دەريا كەبى ئاققان قانلارنى، قىر- چاپ، ۋايجان- ۋاييەيلەر ئاڭلانغاندەك بولۇپ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.

جۈيزى تېغى سېپىلىنىڭ چىن تارىخى مېنى ئېيتقۇسىز ھەيران قالدۇردى، ئىختىيارسىز تەھسىن- ئاپېرىن ئوقۇدۇم. لېكىن شۇ تاپتا ئۇلار ئۆلۈكتەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. . .

سېپىل دېمەك ـــ ئۇزۇن تام دېمەكتۇر؛ سەددىچىن سېپىلى دېمەك ـــ تۈمەن چاقىرىملىق ئۇزۇن تام دېمەكتۇر. لېكىن، مەن، جۈملىدىن پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇنى بۇنداق ئاتاشنى خالىمايدۇ. بۇنداق دەپ ئاتاش ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. لېكىن قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق!

تالاي زامانلار ئالماشتى، نەچچە مىڭ يىللار ئۆتتى. بىر مىللەت پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، نەچچە ئەۋلاد ئوغۇل- قىز پەرزەنتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يىلانباغرى سوزۇلغان بۇ سېپىلنى بىنا قىلدى. بۇنى بىر تارىخىي قىسمەت دەيمىزمۇ ياكى بىر غايەت زور سوئال دەيمىزمۇ؟ ياكى بۇ ئىمكانسىزلىق ئىلىكىدىكى تەقدىر- قىسمەت ياكى تايانچىسىزلىق ئىلىكىدىكى ھەسرەت- نادامەتمۇ؟ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قانغا مىلەنگەن تەنلىرى ئۇنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەندۇ؟ چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مېڭتيەندىن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋېيچىڭ، خو چۈبىڭغىچە، تاڭ زوڭزۇدىن تارتىپ تاكى بۈركۈتنى ئوقيا ئېتىپ چۈشۈرگەن چىڭگىزخان، تېمۇچىن، نۇرخاچ ھەمدە خۇاڭ تەيجىگىچە . . . ھەممىسى بىر مەھەل دەۋران سۈرۈپ جاھاننى مالىمان قىلدى ياكى تارىخ رىلىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە ياكى تارىخى ئۇلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى. لېكىن، ھەر قانچە ئالەمشۇمۇل سەلتەنەتمۇ ھامان بېسىقىغا چۈشىدۇ. تەقدىر دېمەك قۇتۇلۇش يولى دېمەكتۇر. ئەقىل- پاراسەت، زېرەكلىك دېمەك كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى دېمەكتۇر. ئۇنى سۈكۈت دەپ ئاتىساق بولىدۇ. ھەممىسى ئاخىرى بېرىپ يوقلۇققا ئايلىنىدۇ. لېكىن ۋاقىت ئۆتمۈشكە ئايلانغان جىمى نەرسىلەرنى يىغىپ، كەلگۈسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر تېپىشماققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

8

مۇشۇ كۈنلەردە مەن ھەدېسىلا «مۇشۇنداق بىمەنىلىك قاپلىغان زاماندا يېزىقچىلىق قىلغاننىڭ زادى قانچىلىك پايدىسى بار؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە توختىماي خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئاشۇ كۈنى مەن جۈيزى تېغى سېپىلىدىكى پوتەيدە تۇرۇپ «يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرايمۇ ياكى تاشلاپ قويايمۇ، خارابلىشىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەت ئۈچۈن يەنە كىم يېزىچىلىق قىلار، يېزىقچىلىق ـــ قەلىب دەرۋازىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان پىنھان يول ئەمەسمۇ» دېگەندەك خىياللارنى سۈردۈم.

شى تيېشېڭ ئەپەندى: «ئەگەر دۇنيادا جەبرى- جاپا، ئازاب- ئوقۇبەت بولمىغان بولسا دۇنيا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرالارمىدى؟ ئاڭقاۋلىق بولمىسا ئەقىل- پاراسەتنىڭ نە ئەتىۋارى؟ بەدبەشرىلىك بولمىسا گۈزەللىكنىڭ نە قىممىتى؟ پەسكەشلىك بولمىسا ئاقكۆڭۈللۈك، ئالىيجانابلىق گۈزەل ئەخلاق ئورنىدا مەدھىيەلىنىپ كۆككە كۆتۈرلەرمىدى؟» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەنىدى: «ئارزۇ- ئىستەكنى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىسىمى دېيىشكە بولىدۇ. ياشاش مەسىلىسىنى ئۆلمەي تۇرۇپ ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

شى تيېشېڭ ئەپەندى ھالا بۈگۈن ئارىمىزدىن كەتتى، لېكىن يۇقارقىدەك سوئاللار ھامان مېنى قىينايدۇ، ئاشۇنداق سوئاللار ئىسكەنجىسىدە قىينىلىمەن. ئاشۇ سوئاللارنىڭ ئاسارىتى قالدۇرغان قورغانلاردىن بۆسۈپ چىقماقچى، ئەسەب- نېرۋىلىرىمنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تەپەككۇر- خىياللىرىمنى سۈزۈلدۈرمەكچى بولىمەن. بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئىشتۇر. بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۆلۈپ قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن روشەنلىشەر. لېكىن، شى تيېشېڭ ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىدىمۇ؟ بۇنىڭدىن مەن بىخەۋەر، بەلكىم تېگىگە يېتىشكە مەڭگۈ قادىر بولالماسمەن.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، جۈيزى تېغىنىڭ چوققىسىغا چىققاندا بۆرە مايىقىنى بايقىدۇق. ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ دېيىشىچە، ھايۋانلارنىڭ يۇڭلىرى ئارىلاشقان ماياق بولسىلا مۇقەررەر بۆرە مايىقى دېيىشكە بولىدىكەن. مەن پەسكە ئېڭىشىپ قۇرۇپ كەتكەن كۈلرەڭ ماياققا سىنچىلاپ قارىدىم، دەرۋەقە ماياق ئارىسىدا ئۇۋىلىپ كەتكەن بىر نەرسىلەر تۇراتتى. بۇ ھەقىقەتەن بۆرە مايىقى ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن بىللە سەپەرگە چىققان ھەممىمىز باشقىچە روھلىنىپ كەتتۇق، مۇشۇنداق دەۋردىمۇ ئاشۇنداق ۋەھشىي يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ بار بولۇشى ئەتراپتىكى جىمى نەرسىلەرگە روھ ۋە ئىلاھىيلىق ئاتا قىلغانىدى. تولۇنئاي پارلاپ تۇرغان بىر كېچىسى بىر تەنھا بۆرىنىڭ سېپىل ئۈستىگە چىقىۋېلىپ كۆككە قاراپ ۋەھىمىلىك بىر تەرزدە سوزۇپ ھۇۋلاۋاتقان، بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىنىڭ كېچە جىمجىتىلىقىنى بۇزۇپ يىراق- يىراقلارغا تاراۋاتقان كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم.

فوتو ئاپپاراتىمنى ئېلىپ ھېلىقى بۆرە مايىقىنى رەسىمگە تارتىۋالدىم، لېكىن رەسىم تولىمۇ غۇۋا تارتىلغانىدى. قەلبىمدە سايىسىدىن ئەسەرمۇ يوق بۇ بۆرە مۇشۇ قاغجىرىغان تاغدا ياشىغان ئەڭ ئاخىرقى زەئىپ بۆرىنىڭ سىماسىغا ئايلانغانىدى.

بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىرتقۇچ بۆرىنىڭ ئەۋرىشكىسى ئىدى! بەلكىم بۇ بىزنىڭ بۇ قەدىمىي سېپىلنى زىيارەت قىلغىنىمىزنىڭ بىر ئىزاھاتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

9

ئاھ تەقدىر- قىسمەت، بۇ چاغدا مېنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالغانىدى. سۈيجوڭدىكى سېپىل چىرايىنى خاتىرجەملىك قاپلىغان، چېھرىدىن مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرىدىغان سالاپەتلىك بوۋايلاردەك تولىمۇ خىرامانلىق ئىلىكىدە جىممىدە ئولتۇراتتى. كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن جىمى ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جىمى ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىس- تۈتەكتەك غايىب بولغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىپ ھەقدادىغا يېتىپ يەنە قايتىدىن تۆرىلىشىنى كۈتەتتى.

ھالبۇكى، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى چىركىنلىك قاپلىغان، بۇ چىركىنلىك گويا بۇلغانغان دەرياغا، مۇھتاجلىق دەستىدىن ھالسىرىغان ئۆتمۈشلەرگە ئوخشايتتى. مانا بۇنى ھەقىقىي ھەسرەت- نادامەت دېيىشكە بولاتتى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاشۇ كۈنى جۈيزى تېغى چوققىسىدىكى پوتەيدە ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلگەن قوياشنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتلارغا سەپكەن بىھېساب ئالتۇن نۇرلىرى كىشى كاللىسىنى سۈزۈلدۈرۈپ، تىمتاسلىققا چۆمۈلدۈرەتتى، بۇنىڭدىن كىشى كەمىتەرلىك، ئەخلاق- پەزىلەتنى ئۆزىگە يار قىلاتتى. بەلكىم ئىلاھىي پەندى- نەسىھەتنىڭ تېگىگە يەتكەندۇ! كېيىن، داماۋشەن تېغىدىكى سېپىلدا مەنمۇ ئاشۇنداق تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم. شۇ پەيتتە مەن گويا ئىلاھىي بىر بىشارەت بېرىلىۋاتقاندەك، ئاشۇ پاك نۇر- زىيالار ئارقىلىق بۇ ئالەمدە كىرلىشىپ كەتكەن روھىمنى يۇيۇپ پاكىزلاش بىشارىتى بېرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. مەن خىيال ئالىمىمدە زاھىر بولغان ئاشۇ بىشارەت بويىچە ئىش كۆردۈم. ئاشۇ ئىلاھىي نۇر- زىيانىڭ گويا سۈيجوڭ تېغىدىكى ھېلىقى سالاپەتلىك بوۋايدەك بىر دەقىقە بولسىمۇ ئۆچمەسلىكىنى، يىراقلاپ كەتمەسلىكىنى تىلىدىم!

كونىلار: «سەددىچىن سېپىلى مەڭگۈ ئۆرۈلمەيدۇ» دېيىشىپتىكەن. لېكىن، ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ھامان بىر كۈنى چاك- چېكىدىن بۆسۈلۈپ گۇمران بولىدۇ، ئەزەلدىن ئۇنداق قۇرۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك تۈپتۈز بولۇپ كېتىدۇ. بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ تارىخ دەرسلىرىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى ئىزدەيدۇ، ھېس قىلىدۇ.

مانا بۇ ۋاقىتنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنى، شۇنداقلا ئالەمنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتى. بۇ قانۇنىيەت مەڭگۈ مۇشۇ پېتى تەكرارلىنىدۇ. ئەمما قايغۇ- ھەسرەت، شاد- خۇراملىق غەزەلخان- ھاپىزلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خىسلەتلەرگە مەڭگۈ ئورناپ كېتىدۇ.

سۈيجوڭدىكى سېپىلغا ئاتىغان ناخشامغا ھەسرەتلىرىم يوشۇرۇنغان، تەپەككۇر ئىزدىنىشلىرىم مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ، بۇمۇ مېنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى قەلەمگە ئېلىشىمنىڭ ۋەجى بولسا كېرەك.

(خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 9- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12071

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-12-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: