پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

بىر دانە قەدىمىي پۇل


(ھېكايە)

چارىن بىلوك [ئامېرىكا]

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىرانسىيىنىڭ ھايات قالغان بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىدى. فرانكا روبويىن زەھەرلىك گاز بىلەن زەھەرلەنگەچكە، سالامەتلىكى پەقەتلا ئەسلىگە كەلمىدى. ئەكسىچە، كۈندىن- كۈنگە زەئىپلىشىپ، تۇرمۇشىمۇ ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتۈشكە باشلىدى. فرانكا روبويىننىڭ غورۇرى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، ئەزەلدىن باشقىلار بەرگەن نەرسىنى قۇبۇل قىلمايتتى.

   بۇ پېشقەدەم ئەسكەرلەر ھەريىلى بىر قېتىم جەم بۇلۇشاتتى. بىر يىلى ئۇلار جۇلىس گراندىننىڭ ئۆيىدە جەم بۇلۇشتى. گراندىن ناھايىتى سېمىز ئادەم بۇلۇپ، يانچۇقىدىن ھەمىشە پۇل ئۈزۈلمەيتتى. زىياپەت ئارىلىقىدا ئۇ يېنىدىن بىر دانە قەدىمىي پۇلنى چىقىرىپ، بۇ پۇلنىڭ قاچانقى پۇل ئىكەنلىكى، قىممىتى، ۋە تارىخىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. مېھمانلار ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بۇ پۇلنى قولدىن- قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈشتى ۋە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىغىلى تۇردى. مېھمانلار خۇشال كەيپىيات ئىچىدە تائاملارغا ئېغىز تېگىشكە باشلىدى ۋە چاقچاق بىلەن بۇلۇپ كېتىپ، پاراڭ تېمىسى قەدىمىي پۇلدىن باشقا تەرەپكە يۆتكەلدى. تۇيۇقسىز گراندىن ھېلىقى قەدىمىي پۇلنى ئېسىگە ئالدى، بىراق پۇل ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.

   كۆپچىلىك غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى. بەزىلىرى بىر- بىرىنى ئەيىبلەشتى، يەنە بەزىلىرى بولسا «مەن ئالمىدىم» دېيىشەتتى. ئاخىرى، ئولتۇرغانلاردىن بىرسى ھەممەيلەننىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ بېقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەممەيلەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلدى، پەقەت روبويىنلا قوشۇلمىدى. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قېلىشىتى.

   -يېنىڭىزنى ئاختۇرۇشقا قوشۇلمامسىز؟- سورىدى گراندىن.

   -شۇنداق، مەن يېنىمنى ئاختۇرغۇزمايمەن،- دېدى روبويىن قىزارغان ھالدا.

   -يېنىنى ئاختۇرۇشنى رەت قىلىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟- سورىدى پۇلنىڭ ئىگىسى قوپاللىق بىلەن.

   -مەن پۇل ئوغرىلىمىغاندىكىن، ئەلۋەتتە يېنىمنى ئاختۇرۇشنى رەت قىلىش ھوقوقۇم بار،- دەپ جاۋاب بەردى روبويىن.

   ئاختۇرۇش باشلاندى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى يانچۇقىنى ئۆرۈشۈپ، ئاختۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. بىراق ھېلىقى پۇل ھېچكىمدىن چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى بىراقلا روبويىنغا بۇرۇلدى.

   -ئەمدىغۇ گېپىڭىزدە چىڭ تۇرۇۋالمايدىغانسىز؟- سورىدى گراندىن. روبويىن ئۈنچىقمىدى. ساھىبخانا ئاچچىقىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. روبويىن بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىد نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى ۋە رەسۋاسى چىققان ھالدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ روبويىننىڭ ئابرۇيى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولدى. روبويىننىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئايالىمۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

   گراندىننىڭ ئۆيى رېمونىت قىلىنىۋاتقان چاغدا، بىر ئىشچى پولنىڭ يۇچۇقى ئارىسىدىن ھېلىقى قەدىمىي پۇلنى تېپىۋالدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنگەن گراندىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى. ئۇ شۇھامان روبويىننىڭ ھېلىقى ۋەيرانە، كونا ئۆيىگە كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى.

  -ئاغىنە، ئۇ چاغدا سەنمۇ بەك تەرسالىق قىلىپ تۇرۇۋالغانىدىڭ، پۇل يېنىڭدا بولمىغاندىكىن، نېمىشقا ئاختۇرغۇزمىغانتىڭ؟- دېدى گراندىن ئەيىبلەش ئاھاڭىدا.

   روبويىننىڭ نۇرسىز كۆزلىرى گراندىنغا تىكىلدى ۋە:

   -ياق، شۇچاغدا مەن ھەقىقەتەن ئوغرىلىق قىلغانىدىم. نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئۆيدىكى چوڭ- كىچىك ھەممىمىز تويغۇدەك تاماق يېمەي بەك ئېچىرقاپ كەتكەنىدۇق. بىچارە ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى راسا بىر تويغۇزۇش ئۈچۈن مەن ئامالسىز تاماق ئۈستىلىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئوغرىلىقچە يانچۇقۇمغا سېلىۋالغانىدىم،- دېدى.

(بۇ ھېكايە ‹‹ئىقتىساد گېزىتى›› نىڭ 2000- يىل 13- ماي كۈنىدىكى سانىدا؛ ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى›› نىڭ 2000- يىللىق 20- ئاپېرىل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11263

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-13
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: