پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (7): ئابدۇسالام ئابباسوف

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (7): ئابدۇسالام ئابباسوف

ئاتاقلىق تەرجىمىشۇناس، تىلشۇناس، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇسالام ئابباسوف 1925- يىلى 29- سىنتەبىر قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە ئاتۇشلۇق مۇھاجىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1929- يىلى سىنتەبىردە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1943- يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئالىي پېداگوگىكا سىنىپىدا ئوقۇغان.

ئۇ 1950- يىلى ئاپېرىلدا خىزمەتكە قاتناشقان ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدېرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2006- يىلى 21- سىنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن بۇيان، «سەنلىۋەن كەنتىدە»، «ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە قىسسە»، « دونكىخوت»، «پەلسەپە دەرسلىكىدىكى مۇھاكىمە سۇئاللىرىغا ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب»، «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى»، «بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق»، «شائىرنىڭ ئۆلۈمى»، «خارابىلەردە مېنى ئەسلەڭ»، «ئۇزۇن سەپەر ـــ ئاڭلاپ باقمىغان ھېكايىلەر»، «جاللات شېڭ شىسەي»(2)، «شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشى» قاتارلىق 30 پارچىگە يېقىن تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ش ئۇ ئا ر پارتكوم ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ۋە نەشر قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى، قوشۇمچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بېكىتىش گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە «ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ 1-، 2-، 3-، 4-، 5- توملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان، تەرجىمىسىنى بېكىتىشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»، «گوتا پروگراممىسىغا تەتقىد»، «ديۇرىڭغا قارشى»، «دۆلەت ۋە ئىنقىلاب»، قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بېكىتىش خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئۇ تەرجىمە تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ ئۈزۈكسىز ئىزدەنگەن ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتقان. «كىشىلىك ئالماشلارنى تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا»، «خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.  «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى» (يېڭى يېزىق نەشرى)، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە ئاددىي سۆزلۈك» قاتارلىق لۇغەت، قورال كىتابلارنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلى فىرازىئولوگىيىسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆز- ئىبارىلەر لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭداش سۆزلەر لۇغىتى» ۋە «ئۇيغۇر تىلىدىكى قارشى مەنىلىك سۆزلەر لۇغىتى» قاتارلىق لۇغەتلەر ئۇيغۇر تىلى لېكسىكا تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ ۋە ئالىي مائارىپتىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى» ناملىك كىتابچىمۇ ئاخبارات- نەشرىيات ۋە مائارىپ ساھەسىدە تېگىشلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

ئۇ ئېنسىكلوپېدىك نادىر ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلارش گورۇپپىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ ئۈچ توملۇق كاتتا ئەسەرنى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر قاتناشقان. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە چوڭ لۇغەت» نىڭ باش تۈزگۈچىسى بولۇپ، لۇغەتنى پىلانلاش، تۈزۈش قاتارلىق ئەمەلىي خىزمەتلەرگە كونكرېت قاتناشقان.

ئۇ يەنە جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2004- يىلى نويابىردا جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا «نوپۇزلۇق تەرجىمىشۇناس» دېگەن شەرەپلىك نام بەرگەن.

مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11215

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: