پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى: 10- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

ئونىنچى باب

خىزمەتكار ۋىكتور كىرگەندە ، دورىيان ، ۋىكتور پەردىدىن ماراۋاتقانمىدۇ ، دېگەن گۇماندا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى . ۋىكتور بولسا ئىپادىسىز بىر قىياپەتتە ئۇنىڭ يوليۇرۇقىنى كۈتۈپ تۇراتتى . دورىيان بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى ، ئۇ ئەينەكتىن ۋىكتورنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆردى . ۋىكتورنىڭ چىرايىدىن ئىتائەتمەنلىك ، رايىشلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرسىمۇ ، يەنىلا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى .

دورىيان ۋىكتورغا ئاۋۋال ئايال خىزمەتكار لېف خانىمنى ، ئاندىن رەسىم جاھازىسى دۇكىنىغا بېرىپ ئىككى كىشىنى چاقىرىپ كېلىشنى ئەزمىلىك بىلەن تاپىلىدى . ئۇنىڭغا ۋىكتور ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ پەردە تەرەپكە لاپپىدە قاراپ قويغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، ياكى بۇ ئۇنىڭدىكى خىيالىي تۇيغۇمۇ ؟ ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى .

ھايال ئۆتمەي ، ئۇچىسىغا قارا يىپەك كۆينەك ، يول – يول قورۇقلار دەستىدىن خەرىتىگىلا ئوخشاپ قالغان قوللىرىغا بارماقسىز پەلەي كىيىۋالغان لېف خانىم ھاسىراپ – ھۆمىدىگىنىچە كىرىپ كەلدى . دورىيان ئۇنىڭدىن قىرائەتخانىنىڭ ئاچقۇچىنى سورىدى .

– ھېلىقى كونا قىرائەتخانىنىڭ ئاچقۇچىنى دەمسىز دورىيان ئەپەندى ؟ – سورىدى لېف خانىم ھەيرانلىق بىلەن ، – ۋاي خۇدايىم ، ئۇ قىرائەتخانىغا سۈپۈرگە تەگمىگىنىگە خېلى بولغان ، ئاۋۋال مەن كىرىپ سېرىپ – سۈپۈرىۋېتەي ، ئاندىن كىرىڭ .

– ھاجىتى يوق لېف خانىم ، ئاچقۇچنى بەرسىڭىزلا بولدى .

– لېكىن ئەپەندىم ، بۇ پېتى كىرسىڭىز ئۈستى – بېشىڭىز ئۆمۈچۈك تورلىرى بىلەن پاسكىنا بولۇپ كېتىدۇ . ھەي ، لورد قازا قىلغان بەش يىلدىن بېرى ، قىرائەتخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ باقمىدى .

بوۋىسىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ ، دورىياننىڭ تېنى جۇغغىدە قىلىپ قالدى . چۈنكى ئۇ بوۋىسىدىن ئىنتايىن نەپرەتلىنەتتى .

– ھېچقىسى يوق ، مۇنداقلا كۆرۈپ باقاي دېگەنىدىم . ئەكېلىڭ ئاچقۇچنى .

– بولىدۇ ئەپەندىم ، – لېف خانىم تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن بىر توپ ئاچقۇچ ئارىسىدىن قىرائەتخانىنىڭ ئاچقۇچىنى چىقاردى ، – مۇشۇ ئاچقۇچ شۇغۇ دەيمەن . شۇنچە راھەت ئۆيىڭىزنى تاشلاپ ، قىرائەتخانىغا كۆچۈپ كىرىۋالاي دېمەيۋاتقانسىز – ھە !

– ياقەي ، ئۇنداق ئەمەس ، – دېدى دورىيان بىزارلىق بىلەن ، – رەھمەت سىزگە خانىم ، ئەمدى چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .

لېف خانىم بىرھازا تۇرۇپ كېتىپ ئايىقى چىقماس ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن غۇتۇلدىغىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى . لېف خانىمنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرغان دورىيان ئۇھ تارتىپ قويدى ۋە بۇ خىزمەتكارنى قاراپ بېقىپ ئىشتىن بوشىتىش قارارىغا كەلدى .

دورىيان ئىشىكنى يېپىۋېتىپ ئاچقۇچنى يانچۇقىغا سالدى – دە ، ئۆي ئىچىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى . زەر يىپتا تىكىلگەن بىنەپشىرەڭ يوغان تاۋار كارىۋات ياپقۇچ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى . 17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ۋېنتىسىيەدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ نەپىس سەنئەت بۇيۇمىنى ئۇنىڭ بوۋىسى بولوگناغا يېقىن جايدىكى بىر چېركاۋدىن سېتىۋالغانىدى . توغرا ، مۇشۇ ياپقۇچ بىلەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق نەرسىنى يېپىپ قويۇش كېرەك . بەلكىم بۇ رەخىت ئىلگىرى تالاي قېتىم جەسەتلەرنىڭ تاۋۇتىغا يېپىلغان بولغىيىتتى . ئەمدىلىكتە بۇ ياپقۇچ جەسەتلەردىنمۇ ئۆتە چىرىپ كەتكەن نەرسىگە ، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ، لېكىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان بىر نەرسىگە يېپىلىدۇ . قۇرت – قوڭغۇزلار جەسەتنى چىرىتىۋەتكەنگە ئوخشاش ، بۇ ياپقۇچمۇ ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىپ قالالايدۇ . ئۇنىڭ قىلغان پەسكەشلىكلىرى رەسىمنىڭ لاتاپىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ ، گۈزەللىكىگە داغ چۈشۈرىدۇ ، ئۇنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ . ئەمما ، رەسىم داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ ، مەڭگۈ ياشايدۇ .

ئۇ جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتى ، رەسىمنى نېمىشقا يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى بازىلغا ئېيىتمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى . ئەگەر ئېيىتقان بولسا ، بازىل ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇپ لورد ھېنىرىنىڭ تەسىرىنى توسىغان ، قورقۇنچلۇق تەسىرىگە چەك قويالىغان بولاتتى . بازىلنىڭ دورىيانغا بولغان مۇھەببىتى قىلچىلىك ساختىپەزلىك ۋە ياكى بىمەنىلىك ئارىلاشمىغان ھەقىقىي مۇھەببەت ئىدى . ئۇ ھەرگىزمۇ تاشقىي گۈزەللىككە مەھلىيا بولۇشتىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت ئەمەس ئىدى . تاشقىي گۈزەللىككە مەپتۇن بولغان مۇھەببەت سەزگۈ ئەزالار چارچىغان چاغدا ئۆز كۈچىنى يوقىتاتتى . بۇ مۇھەببەت مىكىلانجىلونىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مۇھەببەتكە ئوخشاپ كېتەتتى . بۇ مۇھەببەت مونتاگىن ① ، ۋىڭكىلمەن ② ، ھەتتا شېكىسپىرچە مۇھەببەت ئىدى . شۇنداق ، بازىل ئەسلىدە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالايىتتى . لېكىن ، ئەمدى ئۇنىڭ ياردىمىنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق . ئۆتكەن ئىشلارنى پۇشايمان ۋە ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ياكى بولمىسا ئۇنتۇش ئارقىلىق كۆزدىن يوقاتقىلى بولىدۇ . لېكىن ،  كەلگۈسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . شۇنىڭدەك ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئارزۇ – ئىستەكلەر قورقۇنچلۇق توسالغۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ، شېرىن چۈشلىرى ئارقىلىق جىنايەتنىڭ خىيالىي كۆلەڭگىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىشى مۇمكىن .

ئۇ كارىۋات ياپقۇچىنى ئېلىپ پەردە ئارقىسىغا ئۆتتى . رەسىمنىڭ چىرايى تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كەتكەنمىدۇ ؟ رەسىمنىڭ چىراي ئىپادىسى ئازراقمۇ ئۆزگەرمىگەنىدى . ئۇ رەسىمگە قاراپ جۇدۇنى تېخىمۇ ئۆرلىدى . ساپسېرىق چاچلار ، زەڭگەر كۆزلەر ، ئالۇچىدەك قىپقىزىل لەۋلەر ئىلگىرىكىگە ئوپئوخشاش تۇراتتى . بىرلا نەرسە – ئۇنىڭ چېھرىدىكى شەپقەتسىزلەرچە قورقۇنچ ئۆزگەرگەن ئىدى . رەسىمدە ئەكس ئەتكەن سۆكۈش ياكى ئەيىبلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، بازىلنىڭ بايا سىبىل ۋېيىن ۋەقەسىنى دەپ ئۆزىنى ئەيىبلىشى ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەسكەنغۇ ! ئۇنىڭ روھى رەسىمدىن ئۆزىگە دەھشەتلىك تىكىلىپ ، ئۇنى سوتقا چاقىرىۋاتاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئىچ – ئىچىدىن بىر خىل پىغان ئۆرلىدى – دە ، قولىدىكى شاھانە كارىۋات ياپقۇچىنى ئالدىراپ – تېنەپ رەسىمنىڭ ئۈستىگە ياپتى . شۇ ئەسنادا ئىشىك چېكىلدى . ئۇ چىمىلدىقتىن چىقىپ تۇرۇشىغا ، ۋىكتور كىرىپ كەلدى .

–        سىز دېگەن ئادەم كەلدى ، ئەپەندىم .

ئۇ رەسىمنى يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلىندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ۋىكتورنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇۋېتىشنى قارار قىلدى . ئىچىدە ۋىكتورنى ھەجەپ مەككار ئەبلەخكىنا بۇ دەپ ئويلىدى . ئۇ يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ لورد ھېنىرىغا بىر پارچە خەت يازدى ، خېتىدە ئۆزىگە ئوقۇغۇدەك كىتاب ئالغاچ كېلىشنى ، كەچتە سائەت 8:15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە خەتنى ۋىكتوردىن ئەۋەتمەكچى بولدى .

– بۇ خەتنى لورد ھېنرىغا ئاپىرىپ بەرگىن ، نېمە دەيدۇ ، گېپىنى ئۇقۇپ كەل . – دېدى ئۇ ۋىكتورغا خەتنى سۇنغاچ ، – ئاۋۇ كەلگەنلەرنى قېشىمغا باشلاپ كىرگىن .

ئالاھەزەل ئىككى – ئۈچ مىنۇتلاردىن كېيىن ، يەنە ئىشىك چېكىلىپ ، جەنۇبىي ئاۋۇدلىي كوچىسىدىكى داڭلىق رەسىم جاھازىلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى خوببارد بىر ئۇزۇنتۇرا ياردەمچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى . بومبا ساقال ، ئىككى مەڭزى قاچانلا قارىسا قىزىرىپلا تۇرىدىغان ، تەققى – تۇرقى پاكىنەك كەلگەن بۇ كىشى ئۆزى بىلەن ئارىلاشقان كۆپىنچە سەنئەتكارلارنىڭ ھە دېسىلا ئېغىر كۈنلەردە قېلىشىدىن سەنئەتكە بولغان ھۆرمىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ئادەتتە دۇكىنىدىن ئايرىلمايىتتى ، خېرىدارلار ئۇنى دۇكىنىغا ئىزدەپ كېلەتتى . بىراق ، ئۇ دورىيان گرېيغا ئامراق بولغاچقا ، ئاتايىن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزى كەلگەن ئىدى . دېمىسىمۇ ، دورىياننىڭ ۋۇجۇدىدا بىرلا كۆرگەن كىشنى جەلپ قىلالايدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچ بار ئىدى .

– نېمە ئىشىڭىز باركىن گرېي ئەپەندىم ؟ – دېدى خوببارد ئەپەندى سەپكۈن بېسىپ كەتكەن سېمىز قوللىرىنى ئىشىقلاپ تۇرۇپ ، – ئالدىڭىزغا ئۆزۈم كېلەلىگىنىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن ئەپەندى . ھازىر قولۇمدا تولىمۇ نەپىس ياسالغان رەسىم جاھازىسىدىن بىرسى بار . ئۇنى ئۆتكەندە فلورېنسىيىلىك بىر ئاسار ئەتىقە سودىگىرىدىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋالغان ئىدىم . ئۇنى فرونسىلدىكى ③ تاغلىق كەنىتتىن كەلتۈرۈلدىمىكىن دەيمەن . ئۇ جاھازا دىنىي تۈس ئالغان رەسىملەرگە بەك ماس كېلىدۇ ، گرېي ئەپەندىم .

– سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن خوببارد ئەپەندى . دىنىي تۈس ئالغان سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئانچە قىزىقمىساممۇ ، دۇكىنىڭىزغا بېرىپ ئۇ جاھازىنى چوقۇم كۆرۈپ كېلىمەن . لېكىن ، بۈگۈن سىزنى ، ماۋۇ رەسىمنى ئۈستۈنكى قەۋەتكە يۆتكىشىپ بېرەمدىكىن دەپ چاقىرغان ئىدىم . رەسىم بەك ئېغىر بولغاچقا ، راستىنلا ياردەمچىسى بىلەن بىللە كەلسۇن دېگەنىدىم .

– نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز گرېي ئەپەندىم . سىز ئۈچۈن ئاز – تولا ئىش قىلىپ بېرەلىسەم ، ناھايىتى خۇش بولىمەن . قايسى رەسىمنى يۆتكەيمىز ئەپەندىم ؟

– مۇشۇ رەسىمنى ، – دورىيان پەردىنى قايرىپ رەسىمنى كۆرسەتتى ، – رەسىمنى يۇپۇقىنى ئېلىۋەتمەيلا يۆتكەڭلار . ئۈستىگە چىققۇچە بۇزۇلۇپ كېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن .

– چاتاق يوق ، – خوببارد شۇنداق دېگەچ ، ياردەمچىسى بىلەن بىللە ئۇزۇن مىس زەنجىر ئېسىلغان رەسىمنى پەسكە چۈشۈردى ، – رەسىمنى نەگە يۆتكەيمىز دورىيان ئەپەندى ؟

– سىلەرنى مەن باشلاپ چىقاي خوببارد ئەپەندى ، كەينىمدىن مېڭىڭلار . يا بولمىسا ، سىلەر ئالدىدا مېڭىڭلار ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قىرائەتخانىغا يۆتكەيمىز . ئالدى ئىشىكتىكى پەلەمپەيدىن ماڭايلى ، ئۇ يەر كەڭتاشا ، مېڭىشقا ئەپلىكرەك .

دورىيان ئۇلارغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردى . ئۇلار چوڭ زال ئارقىلىق پەلەمپەيگە چىقىشتى . رەسىمنىڭ جاھازىسى ناھايىتى تۈجۈپىلەپ ياسالغان بولغاچقا ، بەكلا ئېغىر ئىدى . دورىيان نەچچە رەت ئۇلارغا كۆتۈرۈشۈپ بەرمەكچى بولدى . لېكىن خوببارد ئەپەندى ئۇنىمىدى . ئۇ بەك تۈزۈتلۈك بولغاچقا ، ئېسىلزادە كىشىلەرنىڭ بىر ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياقتۇرمايىتتى .

– راستىنلا بەك ئېغىر رەسىمكەن بۇ ، – قىرائەتخانا ئىشىكىگە ئارانلا ئۇلاشقان ياردەمچى يىگىت پىشانىسىدىكى مۇنچاق – مۇنچاق تەرلىرىنى ئېرىتقاچ ، ھاسىرىغىنىچە شۇنداق دېدى .

– شۇنداق ، بەك ئېغىر رەسىم بۇ ، – دورىيان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتتى . بۇ ئۆي ئەمدى ئۆز خوجىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ساقلايدىغان ، ئىگىسىنىڭ روھىنى باشقىلاردىن مەخپىي تۇتىدىغان ئۆيگە ئايلانغانىدى .

بوۋىسى ئۆلۈپ كېتىپ بەش يىلغىچە ھېچكىشى كىرىپ باقمىغان بۇ ئۆي دورىياننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئويۇنچۇقخانىسى بولۇپ ، ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن كىتابخانا ئورنىدا ئىشلىتىلگەنىدى . ئۆي خېلىلا چوڭ بولۇپ ، بوۋىسى لورد كلسو بۇ ئۆينى مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن ياساتقان ئىدى . ئۇ ئانىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىغاچقا ، بوۋىسى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ ئىدى . بۇ ئۆينى دورىياننى كۆزدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن ياساتقان دېسەكمۇ ھېچ خاتاسى يوق ئىدى . دورىيان ئۆينىڭ شۇ پېتى تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى . گۈللۈك گىرۋىكىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن يوغان ئىتالىيە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە چېچىلىپ ياتقان چېرتىيۇژ ، قەغەز دېگەندەك نەرسىلەرگە بىر ئىلىك توپا قونغان بولۇپ ، ئىلگىرىكىدەكلا ئۆز جايىدا تۇراتتى . دۇب دەرىخىدىن ياسالغان كىتاب جاھازىسىدا ئۇ تولا ئوقۇپ كونىرىتىۋەتكەن كىتابلار تىزىقلىق ئىدى ، كەينى تامغا ئېسىپ قويۇلغان رەڭلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن كونا گىلەمگە پادىشاھ بىلەن خانىش شاھمات ئويناۋاتقان ، بىر توپ ئاتلىق چەۋەنداز بېشىغا خالتا كىيگۈزۈلگەن ئوۋ بۈركۈتلىرىنى بىلىكىگە قوندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن مەغرۇر ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش چۈشۈرۈلگەن ئىدى . ئۇ ئۆي ئىچىگە كۆز يۈگۈرتكەنسېرى ، بالىلىقىدا يالغۇز ئۆتكەن كۈنلىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋالدى . ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىغۇبار بالىلىق دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ گىلەمنىڭ مۇشۇ ئۆيگە ئېسىپ قويۇلغانلىقىدىن چۆچۈگەندەك بولدى . ئۇ توختام سۇدەك مەززىسىز ئۆتۈۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە بۇ نەرسىلەرنى كۆرەرمەن دەپ ھەرگىز ئويلىمىغان ئىدى .

رەسىمنى باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە كۆرۈۋېلىشىدىن ساقلىنىشتا بۇ ئۆيدەك ياخشى جاي يوق . ئاچقۇچ ئۇنىڭ قولىدا ، ئۆيگە ھېچكىم كىرەلمەيدۇ . بىنەپشىرەڭ يۇپۇق ئاستىدا رەسىمنىڭ چىرايى تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كېتىدىغان بولدى – دە . ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ئەمدى ئۇ رەسىمنى ھېچكىم ، ھەتتا ئۆزىمۇ كۆرمەيدۇ . روھىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ياۋۇزلىشىپ كېتىشىدىن ھەسرەت چېكىشىنىڭ ئەمدى ھاجىتى قالمىدى . ياشلىقىنى ، مۇشۇ جەزبىدارلىقىنى ساقلاپ قالالىسىلا ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە . ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىياننىڭ بۇرۇنقى ياخشى ھالىتىگە قايىتماسلىقى مۇمكىنمۇ ؟ ئۇنىڭ كەلگۈسى ئەمدى مۇشۇنداق شەرمەندىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانغا ھېچكىمنىڭ ئاساسى يوق . بەلكىم مۇھەببەت ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرىپ ، قەلبىنى پاكلار ، روھى ۋە ۋۇجۇدىدا بىخ ئۇرۇپ كۆكلەۋاتقان ، ئاسانلىقچە ھېس قىلغىلى بولمايدىغان ، تولىمۇ شېرىن ، ئاجايىپ سىرلىقلىقى بىلەن كىشىنى غايىبانە ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ئاشۇ ئىپلاس نىيەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلار . بەلكىم بىر كۈنلەردە ، رەسىمنىڭ چېھرىدىكى ياۋۇزلۇق ئاشۇ گىلاستەك قىپقىزىل ، يۇمران لەۋلەردىن تۇيۇقسىز غايىپ بولار ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇ بازىل خالۋاردنىڭ كاتتا ئەسىرىنى دۇنيا ئەھلىگە يۈرەكلىك ھالدا جاكارلىيالايدۇ .

ياق ، بۇ مۇمكىن ئەمەس . رەسىمدىكى ئۇ سىيما مىنۇت – سېكونتلاپ قېرىيدۇ ، جەزبىدارلىقىنى يوقىتىدۇ . بەلكى ئۇ ئاشۇ رەزىل ئىپلاسلىقلىرى ئاتا قىلىدىغان بەدبەشرىلىكتىن قۇتۇلماقچى بولار ، لېكىن بارا – بارا چوڭىيىۋاتقان يېشى ئۇنىڭ چىرايىغا بەدبەشرىلىكنى سوۋغا قىلماي قالمايدۇ . ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق مەڭىزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، تېرىلىرى بوشىشىپ كېتىدۇ . يىرگىنىچلىك قورۇقلار ئۇنىڭ خۇنىنى يوقاتقان كۆزلىرىنىڭ ئەتراپىغا يامىشىپ ، چىرايىنى تېخىمۇ ياۋۇزلاشتۇرۇۋېتىدۇ . ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان چاچلىرى پاخپىيىدۇ ، چىرايلىق ئېغىزلىرى كالچىيىپ ، كالپۇكلىرى دوردىيىپ ، قېرىپ ھالىدىن كەتكەن ماك – ماك قېرىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ . ئۇنىڭ چىرايى بويۇن تېرىلىرى بوشىشىپ ساڭگىلىغان ، قوللىرى تارشىدەك قېتىپ تومۇرلىرى كۆپۈشۈپ كەتكەن ، مۈكچىيىپ ئارانلا قالغان بوۋىسىنىڭ سىياقىنى ئالىدۇ . بوۋىسىنىڭ رەھىمسىزلىكى ، شەپقەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز  چىقمايدۇ . شۇڭا رەسىمنى يۇشۇرۇپ قويماي بولمايدۇ .

– رەسىمنى ئەكىرىڭلار خوببارد ئەپەندى ، – دېدى دورىيان كەينىگە بۇرۇلۇپ  ھارغىن قىياپەتتە ، – ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇن ساقلىتىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن ، بايا خىيالىم باشقا ئىشلارغا كېتىپ قاپتۇ .

– بىردەم ھاردۇق چىقىرىۋېلىشمۇ جانغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ گرېي ئەپەندىم ، رەسىمنى نەگە قويىمىز ، – دېدى خوببارد پۇشۇلدىغىنىچە .

– ھە ، نەگىلا قويساڭلار بولىۋېرىدۇ . تامغا يۆلەپ قويايلى بولمىسا ، ئۇنى تامغا ئاسقۇم يوق .

– رەسىمنى بىر كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ ئەپەندىم .

بۇ گەپتىن قاتتىق چۆچۈگەن دورىيان خوبباردقا تىكىلىپ تۇرۇپ دېدى :

– بۇ رەسىمنىڭ كۆرگۈچىلىكى يوق خوببارد ئەپەندىم ، – ئەگەر خوببارد ياپقۇچنى قايرىپ رەسىمنى كۆرمەكچى بولۇپلا قالسا ، دورىيان دەرھال ئېتىلىپ بارغان پېتى يەرگە بېسىۋېلىشقا تەق بولۇپ تۇردى ، – سىزنى ئاۋارە قىلىۋەرگۈم يوق خوببارد ئەپەندى . ھېلىمۇ جىق ئاۋارە قىلىۋەتتىم ، كۆپ رەھمەت سىزگە .

– ياقەي ، تۈزۈت قىلماڭ ، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ھەرقاچان تەييارمەن گرېي ئەپەندىم .

خوببارد ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە پەلەمپەيدىن تاراقلاپ چۈشۈپ كەتتى ، كەينىدىن چۈشىۋاتقان ياردەمچىسى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ دورىيانغا قارىدى ، قارىدىيۇ ، قوپال ، كۆرۈمسىز چىرايىغا شۇئان تارتىنىش ئارىلىشىپ كەتكەن ھەيرانلىق ئالامىتى تېپىپ چىقتى . ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق قاملاشقان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى .

ئۇلارنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاستا – ئاستا يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن ، دورىيان ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ، ئاچقۇچىنى يانچۇقىغا مەھكەم سالدى . شۇندىلا كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولدى . چۈنكى ئەمدى ھېچكىم ئۇ قورقۇنچلۇق رەسىمنى كۆرەلمەيىتتى ، بۇ شەرمەندىلىكلەرنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەي قالاتتى .

ئۇ كىتابخانىسىغا كىرگەندە سائەت بەشتىن ئاشقان ، چاي ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى . چۆرىسىگە مەرۋايىت تۇتۇلۇپ چىرايلىق نەقىشلەنگەن قارا چاي ئۈستىلىدە لورد ھېنىرىدىن كەلگەن مەكتۇپ تۇراتتى . بۇ چاي ئۈستىلىنى ئۇنىڭ ھامىيسىنىڭ ئايالى رادلىي خانىم ھەدىيە قىلغان بولۇپ ، ھەدېسىلا كېسەلدىن ئۆرە بولالمايدىغان بۇ ئايال بۇلتۇر قىشتا قاھىرەگە كەتكەنىدى . چاي ئۈستىلىدىكى مەكتۇپنىڭ يېنىدا سېرىق تاشتا مۇقاۋىلانغان ، چۆرىلىرى قىرچىلىپ كىرلىشىپ كەتكەن بىر كىتاب ، يېنىدا بىر پارچە «سان جامېس كەچلىك گېزىتى» تۇراتتى . ئېنىقكى ، ۋىكتور قايتىپ كەلگەنىدى . شۇئان ئۇنىڭ كۆڭلىگە ۋىكتور بايىقى ئىككىيلەن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىپ ، نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سوراپ قالغانمىدۇ دېگەن گۇمان چۈشتى . ئۇ رەسىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ قالىدۇ ، ياق بايا ئۈستەلگە چايلارنى تىزغاندىلا بىلىپ بولدى . پەردە جايىدا يوق ، تامدىكى رەسىم ئاسقان جايدا مانا مەن دەپلا ئىزى قالغان تۇرسا . كىم بىلىدۇ ، بىرەر كۈنى كېچىدە ئۇ ۋىكتورنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسگەن پېتى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ رەسىم بار ئۆينىڭ قۇلۇپىنى بۇزۇپ ئىچىگە كىرمەكچى بولۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالامدۇ تېخى . ئۆيدە ماراقچىدىن بىرى بولسا ، ھەجەپ قورقۇنچلۇق بولىدىكىنا . ئۇ بۇرۇن بەزى خىزمەتكارلارنىڭ خوجايىنىنىڭ بىرەر پارچە خېتىنى ، مەخپىي قىلىشقان گەپلىرىنى ، بىرەرسىنىڭ ئىسىم كارتۇچكىلىرىنى ياكى ياستۇق ئاستىدىكى سولىشىپ قالغان بىرەر تال گۈلنى بىلىۋېلىپ ، خوجايىنلىرىنى قاقتى – سوقتى قىلغانلىقىدەك ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغانىدى .

117 – بەتتىكى رەسىم ئورنى

ئۇ كىتابخانىسىغا كىرگەندە سائەت 5 تىن ئاشقان بولۇپ ، چاي ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى .

ئۇ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويۇپ ، ئۆزىگە ئازراق چاي قۇيدى – دە ، لورد ھېنىرىدىن كەلگەن خەتنى ئاچتى . لورد ھېنىرى خەتتە گېزىت ۋە قىزىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بىر پارچە كىتاب ئەۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ سائەت  8 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كۇلۇبقا بارىدىغانلىقىنى يازغانىدى . ئۇ گېزىتنى ئېرىنچەكىلىك بىلەن ۋاراقلاۋېتىپ ، بەشىنچى بەتنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل قەلەم بىلەن بەلگە ئۇرۇپ قويۇلغان يەرگە كۆزى چۈشتى ، بەلگە ئۇرۇلغان يەرنىڭ ئاستىدا تۆۋەندىكى خەۋەر تۇراتتى .

 

ئايال ئارتىسىتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى : بۈگۈن ئەتىگەن رايونلۇق جەسەت تەكشۈرۈش خادىمى دەنبېر ئەپەندى خۇركىستون يولىدىكى بېل  مېھمانخانىسىغا بېرىپ ، خان جەمەتى خولبورن تىياتىرخانىسىغا يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ياش ئايال ئارتىس سىبىل ۋېيىننىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالغاندا ، ئارتىسىتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى پەرەز قىلغاندىن باشقىچە بولدى . ئۆلگۈچىنىڭ ئاپىسى گۇۋاھلىق بەردى ، دوختۇر بىررېلنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش خۇلاسىسىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ، ئاھۇ پەرياد چەكتى . نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلدى .

خەۋەرنى ئوقۇپ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن دورىيان گېزىتنى يىرتىپ – يىرتىپ تاشلىۋەتتى . نېمە دېگەن يىرگىنىچلىك خەۋەر بۇ ! ۋەقە ئەينەن خەۋەر قىلىنغانىدى . ئۇ لورد ھېنىرىنىڭ گېزىتكە  ئالاھىدە بەلگە قويۇپ ئەۋەتكەن ئەخمىقانە قىلمىشىدىن سەل ئاچچىقى كەلدى . ۋىكتور بۇنى ئاللىقاچان ئوقۇپ بولدى ، ئۇ سولتەكنىڭ بۇ ئىنگلىزچە خەۋەرنى ئوقۇپ چۈشىنىشىگە چامىسى يېتىدۇ .

ۋىكتور ئۇ خەۋەرنى ئوقۇپ قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى . سىبىل ۋېيىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن دورىيان گرېينىڭ نېمە مۇناسىۋىتى ؟ ئۇنى يا دورىيان گرېي ئۆلتۈرمىسە .

ئۇ نەزىرىنى لورد ھېنىرى ئەۋەتكەن كىتابقا ئاغدۇردى ، لېكىن كىتابتا نېمە سۆزلەنگىنىنى بىلمەيىتتى . دورىيان سەككىز قىرلىق چاي ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى – دە ، كىتابنى ۋاراقلاشقا باشلىدى . ئۇ نەچچە – مىنۇت ئۆتە – ئۆتمەيلا كىتابقا مەپتۇن بولۇپلا كەتتى . بۇ ، ئۇ ئوقۇغان ئەڭ غەلىتە كىتاب ئىدى . ئۇ دۇنيادىكى جىمى جىنايەتلەرنىڭ چىرايلىق كىيىنىپ ، يېقىملىق نەي كۈيلىرىگە جۆر بولۇپ ئورۇندالغان گاچا تىياتىرغا ئوخشاش ، كۆز ئالدىدىن بىرمۇبىر ئۆتۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى . ئىلگىرى ئۇنىڭغا خىيالىي چۈشتەك تۇيۇلغان ئىشلار بىردىنلا راستقا ئايلانغاندەك ، چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەر كۆز ئالدىدا زاھىر بولغاندەك بىلىندى .

بۇ ۋەقەلىكى يوق ، پارىژلىق بىر يىگىتنىڭ پىسىخىك روھىي ھالىتى تەسۋىرلەنگەن رومان ئىدى . 19 – ئەسىردە ياشاۋاتقان بۇيىگىت ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىن باشقا دەۋرلەردىكى ئارزۇ – ئىستەكلەر ۋە تەپەككۇر ئەندىزىلىرنى ئۆز تۇرمۇشىدا رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى ، ھەرخىل تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۆتكەن دەۋرلەردىكى روھنى ئۆز ۋۇجۇدىدا نامايان قىلماقچى بولىدۇ . ئۇ ئاشۇ ساختا ، خاتا ھالدا ئېسىل پەزىلەت دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئۆز – ئۆزىنى چۈشەپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ، دانىشمەنلەرنىڭ نەزەرىدە جىنايەت دەپ قارىلىۋاتقان تۇغما قارشىلىقتىنمۇ ھوزۇر ئالىدۇ . روماننىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى غەلىتە ، ئەمما جانلىق بولۇپ ، پارىژلىق يىگىتنىڭ روھىي ھالىتى مۇجىمەل سۆز – ئىبارىلەر بىلەن ناھايىتى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا تەپسىلىي بايان قىلىنغانىدى . بۇ كىتابتىكى تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ۋە ئىنچىكە تەسۋىرلەرنى فرانسىينىڭ سىمۋولىزم ئۇسلۇبىدا ئىجادىيەت قىلىدىغان ئەڭ مەشھۇر پىركامىللارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا ئۇچراتقىلى بولاتتى . ئۇنىڭدىكى تەمسىللەر ئاجايىپ ئۆزگىچە ۋە نەپىس ئىدى . ھېسسىي تۇرمۇشتىكى سىرلىق ئىشلار پەلسەپىۋى تىل بىلەن ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەنگەنىدى . كىتابنى ئۇقۇغان كىشى ھەتتا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەلۇم بىر دانىشمەننىڭ روھىي خۇشاللىق قوليازمىسى ياكى ھازىرقى دەۋردىكى بىر جىنايەتكارنىڭ كېسەللىك روھىي ھالىتىدىكى تۆۋىنامىسى ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالالماي قالاتتى . كىشىنى زەھەرلەيدىغان بۇ كىتابنىڭ سارغۇچ بەتلىرىدىن كېلىۋاتقان قويۇق ئەتىر ھىدى ھەرقاچان كىشىنىڭ كاللىسىنى غىدىقلاپ بىئارام قىلاتتى . ئۇ بابمۇ باب ئوقۇپ كىتابقا كىرىشىپلا كەتتى . ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا يېزىلغان مۇرەككەپ جۈملىلەر ، چۈشەنمەك تەس بولغان غەلىتە ئىدىيىلەرنىڭ تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن قايتا – قايتا تەكرارلىنىشى ئۇنى تۇيدۇرماستىن خىيالىي تۇيغۇ ، خىيالپەرەسلىك قاينىمىغا سۆرەپ كىرىۋاتاتتى . ئۇ كىتابنى شۇ تەرىقىدە ئوقۇپ ئاللىقاچان كېچە بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيۇمايلا قالدى .

بىر تاللا غېرىپ يۇلتۇز ئېسىلىپ تۇرغان كۆكۈچ ئاسماندا ئالىقانچىلىك بۇلۇت كۆرۈنمەيىتتى ، دەرىزىدىن ناھايىتى ئاجىز يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى . غۇۋا يورۇقتا تولىمۇ تەستە ئوقۇۋاتقان دورىيان قارا خەتلەر قاراڭغۇلۇق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىلا ئاندىن ئوقۇۋېرىشكە ئامالسىز قالدى . دورىيان ۋىكتور قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى دەپ نەچچە قېتىملاپ ئەسكەرتكەندىلا  ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ياندىكى ئۆيگە چىقتى ، قولىدىكى كىتابنى كارىۋات يېنىدىكى فلورىنسىيە ئۇسلۇبىدىكى كىچىك ئۈستەلگە قويۇپ ، كەچلىك زىياپەتكە بېرىش ئۈچۈن كىيىم ئالماشتۇرۇشقا تۇتۇندى .

ئۇ كۇلۇبقا بارغاندا سائەت 9 بولاي دەپ قالغانىدى ، لورد ھېنىرى دەم ئېلىش ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى ، ئوزايىدىن ناھايىتى تىت – تىت بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .

– كەچۈرۈڭ ھاررى ، – دېدى ئۇ ، – ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز ، سىز ئەۋەتكەن كىتابنىڭ مەستخۇشلۇقىدا ۋاقىتنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلماپتىمەن .

– كىتابنى ياقتۇرۇپ قالىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم ، – لورد ھېنىرى شۇنداق دېگەچ لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .

– ياقتۇرۇپ قالمىدىم ، مەپتۇن بوپ قالدىم ، ھاررى . بۇ ئىككى گەپنىڭ پەرقى چوڭ جۇمۇ .

– ھە ، راستىنلا شۇنداق پەرقنى بايقىدىڭىزمۇ ؟ – دېدى لورد ھېنىرى  . ئۇلار ماڭغان پېتى ئۇدۇل رېستورانغا كىرىپ كېتىشتى .

____________________

ئىزاھات :

①         مونتاگن (1533 – 1592) – فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر نەسىرچى .

②         ۋىڭكىلمەن (1717 – 1768) – گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ ۋە سەنئەت تارىخچىسى .

③         فرونسىل قورۇقى – ئىنگلاندنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى .

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11145

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: