پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1913- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: رابىندرانات تاگور

1913- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
رابىندىرانات تاگور
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: «گىتەنجالى» (Gita Jali)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:
ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ماھارەت بىلەن يېزىلغان ئۆتكۈر، گۈزەل، ساپ شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي تۇيغۇغا تويۇنغان ئىدىيەلىرى غەرب ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
رابىندىرانات تاگور (Rabindranah Tagore,1861- 1941) كالكۇتتادا بىر باي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1878- يىلى ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. 1905- يىلى ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە ۋەتەنپەرلىك كۈيلەنگەن نۇرغۇن ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان، نۇتۇق سۆزلىگەن، نامايىشلارغا قاتناشقان. 1913- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 20- ئەسرىنىڭ 30- يىللىرىدا يەنە نۇرغۇن سىياسىي ئىپىك شېئىرلارنى يېزىپ، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئوچۇق خەت يېزىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسلىقى جاھانگىر مۇستەملىكچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، فىيوداللىق سالاھىيەت قارىشى تەنقىد قىلىنغان؛ جاھانگىرلار ۋە بىيۇروكراتلارنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى ئېچىپ تاشلىنىپ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاۋام- خەلققە، بولۇپمۇ قىز- ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىغا ھېسىداشلىق قىلىنغان. لېكىن يەنە بەزى ئەسەرلىرىدە بۇرژۇئازىيەچە ئىنسان تەبىئىيىتى نەزەرىيەسى تەرغىپ قىلىنغان، يەنە بەزى ئەسەرلىرىدە مىستىتىك قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى بەدىئىيلىك جەھەتتە تولىمۇ ساپ، تەبىئىي، تەسەۋۋۇرى مول بولۇپ، رومانتىزملىق تۈس ناھايىتى قويۇق. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ  پروزا ئەسەرلىرى چوڭقۇر رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ۋەقەلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، پېرسوناژلارنىڭ يارىتىلىشى ۋە پىسىخىك تەسۋىر جەھەتتىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى:
شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ مېنى چۈشەنگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ئۇلار بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر
توماس خاردى (ئەنگلىيە)
دېلېددا (ئىتالىيە)
سىپىتلېر (شىۋېتسارىيە)
تاگور (ھىندىستان)
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
1910- يىلى ئېلان قىلىنغان پەلسەپىۋى شېئىرلار توپلىمى «گىتەنجالى» دا تاگورنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئەڭ بۇرۇن نامايان قىلىنغانىدى. شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا بۇ ئەسەر ئىلاھقا بولغان مەدھىيە ئىدى، «گىتەنجالى» دېگەن بۇ سۆز «شېئىر ھەدىيە قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. لېكىن تاگورنىڭ مەدھىيەسى ھەرگىزمۇ «بىر ئىلاھلىق دىن» مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە، جىمى مەۋجۇداتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىلاھقا ئەمەس، بەلكى جىمى مەۋجۇداتتىن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىلاھلارغا ئاتاپ يېزىلغان بولۇپ، قويۇق مىللىي تۈس، ھەر قانداق كىشى يېقىنلىشالايدىغان مەۋجۇتلۇققا تويۇنغانىدى.
تاگورنىڭ قارىشىچە، بىر شائىر ئەگەر پاساھەتلىك سۆز- جۈملە ياكى قالتىس ماھارەت بىلەن ئەسەر ئىجاد قىلىشنى ئۆزىگە بېزەك قىلىۋالسا ئىلاھ بىلەن ئوتتۇرىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ پاك- مەسۈملۇقنى، ئاددىي- ساددا بولۇشنى ئۇلۇغلىغان، ئۆز ھاياتىنىڭ «ئاددىي ۋە سەمىمىيلىكىنىڭ گوياكى بىر تال قۇمۇش نەي» گە ئوخشاش ئىلاھ تەرىپىدىن چېلىنىپ كۈي ھاسىل بولۇشىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىلاھ بىلەن بىرلىشىش ماقامىغا يېتىشنى ئىستىگەن. بۇ خىل ئىدىيەۋى ئىستەك ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا تولۇق نامايان قىلىنغان. «گىتەنجالى» دا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ھىندىستاننىڭ «ئۇپانىشاد» قاتارلىق قەدىمكى كلاسسىك كىتابلىرىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن ئوخشاش. لېكىن، تاگور ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرغان چاغدا بېكىك بىر دۇنيانى ياراتمىغان، ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغاندىلا ئاندىن چۈشىنىش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىنتىزار بولغان. 1912- يىلى تاگور «گىتەنجالى» دېگەن بۇ داستانىنى ئىنگلىز تىلىغا ئۆزى تەرجىمە قىلغان، كېيىنكى يىلى مۇشۇ ئەسىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىدىكىلەر تاگورنىڭ ئىجادىيىتىگە، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئارقىلىق «ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىشىنى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈش» تەك تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1881- يىل: «ئۆلۈم سودىسى» (نەسىر)
1891- يىل: «قەرز قايتۇرۇش» (ھېكايىلەر توپلىمى)
1892- يىل: «ماخامايا»، «ئادەم تىرىكمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ» (ھېكايە)
1893- يىل: «ۋاز كېچىش»، «سۇبا» (ھېكايە)
1894- يىل: «قۇياش ۋە قارا بۇلۇت» (ھېكايە)
1900- يىل: «چۆچەك ۋە شېئىرلار» (شېئىرلار توپلىمى)
1906- يىل: «چۆككەن پاراخوت» (رومان)
1910- يىل: «گىتەنجالى» (داستان)، «گورا» (رومان)
1911- يىل: «مۇستەھكەم قورغان» (دىرامما)
1913- يىل: «ھىلال ئاي توپلىمى» (شېئىرلار توپلىمى)
1916- يىل: «ئۇچار قۇش» (شېئىرلار توپلىمى)، «تۆت ئادەم» (پوۋېست)، «ئائىلە ۋە دۇنيا» (رومان)
1924- يىل: «جۇڭگو ھەققىدە تەلىقنلەر» (نەسىر)
1925- يىل: «مۇكتاداھارا (شارقىراتما)» (دىرامما)
1926- يىل: «قىزىل بامبۇك» (دىرامما)
1931- يىل: «رسۇيەدىن كەلگەن مەكتۇپ» (نەسىر)
1932- يىل: «ئىككى ئاچا- سىڭىل» (رومان)
1938- يىل: «گىرۋەكلەر توپلىمى» (شېئىرلار توپلىمى)
1941- يىل: «تەۋەللۇت بولۇش توپلىمى» (شېئىرلار توپلىمى)
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«بىز زادىلا تونۇشمايدىغان ئىككى ئەمەغا ئوخشايمىز.»                             ـــ رومىن روللان
«يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى، گوياكى مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان پىلىكئوت.»               ـــ ۋىليام باتلېر يېتىز
«تاگورنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شەرقنىڭ قايتا گۈللىنىشى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ياۋروپا يازغۇچىلىرى ۋە كېلتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئەكس ئەتتۈرگەن ‹غەرب مىستىتىك ئېقىمى› غا مەنسۇپ.»                            ـــ «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئوبزورى
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى
«چۆككەن پاراخوت»، تاگور (ھىندىستان)، خۇاڭ يۈشى تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1999- يىل نەشرى
«ئۇچار قۇشلار توپلىمى»، تاگور (ھىندىستان)، جاڭ جىخېڭ تەرجىمىسى، خۇبېي ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2003- يىل نەشرى
«گىتەنجالى»، تاگور (ھىندىستان)، بەڭ شىن تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 2000- يىل نەشرى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11873

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-11-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال,نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: