پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئابدۇقادىر جالالىدىن: شىۋىتسىيە چاغداش شېئىرلىرىدىن

شىۋىتسىيە چاغداش شېئىرلىرىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى

ئېلاۋە:

كىشىلەر شىۋېتىسيەنى شېئىرىيەت يۇرتى دەپ قارىشىدۇ، جاھان ئەدەبىياتى ئۈچۈن كاتتا زىلزىلە بولمىش نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەر يىلى مۇشۇ ئەلدە تارقىلىدۇ. ھېيدىنىستام (1859- 1940)، مارتىنسون (1904- 1978) قاتارلىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبلىرىنى يېتىشتۈرگەن بۇ ئەل ئەسىر ئاخىرىدىكى شېئىرىيەت رەپتارىنى زامانىۋى يۈكسەكلىك، ئىجادىي ئۇسلۇب بىلەن ئۆزىگە خاس رەۋشتە كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

شىۋىتسىيە چاغداش ياش شائىرلىرى بۇرۇنقى شان- شەرىپى ئىچىدە بۇغۇلۇپ يۈرمەستىن، ھاياتنىڭ ئەڭ پىنھان چېقىنلىرىنى ئۆز دەۋرىگە يارىشا روھىي ھالەتنىڭ نامايەندىسىگە ئايلاندۇرغان. كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇلار بەدىئىي تىلنى جانلىق نەرسە سۈپىتىدە چۈشىنىپ كىشىلەر ئادەتلىنىپ كەتكەن مەنىلەرنى يېڭىچە قۇرۇلما ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، تىلنىڭ ئېچىلمىغان ساھەلىرىگە يۈرۈش قىلغاندەك تۇراتتى. بۇ شائىرلار ئۆزى سۆزلىمەستىن، تىلنىڭ ئۆزىنى سۆزلەتكەن. ئۇلار گويا «تىل رېئالىزمى» دېگەن بىر ئېقىمنى باشلىغاندەك تۇراتتى.

كىشىلەرنىڭ ساپاسىدا پەۋقۇلئاددە يېقىنلىق بەرپا قىلغان بۇ ئەلدە شېئىرىيەت رېئاللىق ئۈستىدە ئەمەس، ماھىيەتتىن گەپ ئاچىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ شائىرنىڭ خاسلىقىدىكى ماھىيەت. بۇلارنى تونۇشتۇرۇش دۇنيانى چۈشىنىشنى خالايدىغان كىتابخانلىرىمىز ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن يورۇق ئۇپۇق.

ياكس ۋىروپ شېئىرلىرىدىن

ياكىس ۋىروپ، شائىر ھەم يازغۇچى، 1945- يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى فرانسۇز ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، كۈندىلىك ھاياتتىكى ئىشلارنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى قاراشلار بىلەن سىڭىشتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ «ئوستىراندا تۇغۇلغان 48 شېئىر» (1985)، «ئىشىكتىن تىلسىمغا» (1985) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئىشىك

ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئادەم ئۈچۈن ئىشىك ياپتىڭ ھەم ئاچتىڭ. تۈرمىدىن چىققان ئادەم ئۈچۈن ئىشىك ياپتىڭ ھەم ئاچتىڭ. كىرگەندە بىر ئادەم ئىدىڭ، چىققاندىمۇ بىر ئادەم. ئىشىك سېنى ئۆزگەرتتى. بىر لەھزىدە ئىشىكتىن ئۆتتۈڭ. 4- 5 سانتېمىتىر قېلىنلىق سوراقخانا بىلەن ياز مەنزىرىسىنى ئايرىۋەتتى. ئىشىكنىڭ ئىچى ۋە تېشى قارىمۇ قارشى بىر جۈپ باتۇرنى ئەسلەتتى: ھايات ۋە مامات، ئۇلار ھاياتىنىڭ ئاددىي ھەم قارىمۇقارشى سىمۋوللىرىدا يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. تراگېدىيە بىلەن كومېدىيە چۈشىنىكسىز ھالدا بىر تەندە بىرلەشكەن، ئىشىك ھەرقانداق ئىككى يۈزلىمە نەرسىگە قارىغاندا ئالاھىدە: لىللا، ھەقىقەتچى ــ گويا ئۈچىنچى شەخس، ئوبيېكتىپ نەرسە. ئىشىك سېنى بىر دەقىقىسە ئاچتۇرىدۇ، ياپقۇزىدۇ، بويىتىدۇ، ئۇرغۇزىدۇ، ھەتتا ئاتقۇزىدۇ. بۇ بىر نۇقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئۇ بولسىمۇ ئىككى يۈزلىمىلكنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش. بۇ نۇقتىنى كىم ئۆزگەرتسە، ئىشىك ئۆزىنىڭ خىسلىتىدىن تېنىۋالىدۇ، ناشۈكۇرلىققا كىرىپ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ.

مۇھەببەت

داتلىشىپ كەتكەن مىخنى سۆيۈشكە كىمنىڭ ۋاقتى بولسۇن! كونا ۋېلسىپىت كامېرىنىڭ ئاشۇ مىخقا قانداق ئىللىقلىق بىلەن ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كىممۇ ئويلىسۇن ــ يىللار- ئايلار ـــ ئامبارنىڭ زىنھار يورۇپ باقمىغان بۇلۇڭىدا؟

سەرەڭگە

ئالقانلار شامالدىكى ئۇچقۇنغا پاسىۋان. تومتۇۋاق، بەرجەست، بىخەتەر قوللار زۇلمەتتىكى پانۇسقا ئوخشايتتى. شۇلار بولغاچقا بالىلاردەك سۆيدۇققۇ؟ ئۇلار قوتاندىكى جىن چىراغدەك يانمىدىمۇ؟ ئۇلار گىرىمخانىدىكى ئىللىقلىق، تىنىچ ئاۋاز، ئوغۇت ۋە چېتىق ياغاچنىڭ خۇشپۇرىقى، تاتلىق ئۇيقۇ، قارايغان بىلەك، سەھەردە پىشقان نان كەبى ئەمەسمۇ؟ ياكى باشقا سېزىلمىگەن نەرسىلەر. ئۇشتۇمتۇت يورىغان كېلىچەك چۈشىنىڭ قالدۇقى؟ قانداقلا بولمىسۇن، بۇ تومتۇۋاق قول ــ فېۋرال كېچىسىدىكى سەرەڭگە نۇر چاچقان چاغلار ــ ئەسلەش ھەم ئەمىنلىك مېنى تولدۇردى. تەرجىمە قىلىنىشنى كۈتىدۇ ئۇلار. يېڭى بىر تەكرارلاشقا. ئاساۋ پىكىر. ساقلىغىلى بولىدىغان تارىخ. ھەتتا بالىغا. مودا ۋە ئەپسانىلەردىن تاشقىرى ۋارسىلىق قىلىنغان نەرسىلەر.

برونو ئويېر شېئىرلىرىدىن

برونو ئويېر 1951- يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى «كاردىن چىققان بىر ئەۋلاد» ۋە ھالقىما رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شىۋېتىسيە شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە خاس بولغان «ئۇقۇمنى ئانالىز قىلىش» خاھىشى كام. ئۇنىڭ شېئىرلىرى غەزەب- نەپرەت ۋە ياۋىلىق بىلەن تولغان. ئەمما نازاكەتلىك مىسرالارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «دار» (1981)، «غايىپ بولغان سۆز»(1996) قاتارلىق توپلاملىرى بار.

قول

سالدىم قۇلاق

جىمجىت قاقشال بىنالارغا

ئاڭلىدىم سىيلىشىنى گۈگۈم قولىنىڭ

سەزدىم بوينۇمغا ئاسقانلىرىنى

يوقلۇقىڭنى

ئايان قىلدى، ئۆتتى جېنىمدىن

مۇھتاجمەن ئاڭا

نىشىكەشلەر نىشىكەشلەرگە سېزىك

ئادەملەر ھاۋاغا سېزىك بولغاندەك

بىر ئاخشام پىكىر

ئورىۋالدى ئارىمىزدىكى ئىشلارنى

پەيدا قىلدى

بىر دوزاقنى ئەرۋاھتەك ئۈنسىز.

چېچەكلىدى دوزاق، كۆردى ھەممىنى

ئېسىدە تەۋرىنىشى، ئايرىلىشى

ئېسىدە ئۇلارنىڭ

كالپۇكلارنىڭ ئۆزگىرىشى

بىر- بىرىگە چۈشۈۋاتقان

ئاشىقلار يامغۇرى.

ئايال

كۆينەك

ئۆتكۈزۈلدى ئۆزگە ئەسىرگە

ئويلىدى ئۇ كۆينەك ھىدىنى

نىچۈن شۇنچە غۇبارسىز، يارقىن

ئۆيلەر سۈپۈرۈلگەن

ئاخشامقى مەزلۇملارغا تولغان

ھەممە نەرسە جىم

كۆتۈرۈلدى ئۇ قوللار بىلەن بىلەن

ئەكىرىلدى نەمخۇش چىمەنگە

ھىلال ئايغا قىلىندى تازىم

تاشلاندى

ئاق ئورغاق بىلەن

سېپىل

خەندەككە تىندۇرۇلغان

ئاسما كۆۋرۈك يىغىۋېتىلگەن

ھاياتلىقنى سىرىتقا قامىغان

ئاۋاز

زوراۋانلىق

ئۇيۇل قەھرىتان

سىڭەر كۆز بويلاپ

ئانىلارنىڭ جەسۇر نىگاھى

يامار سەكپارە بالىلار تېنىدە

دۇنيا

دۇنيا

قالدۇق مال

يەردىكى ئىز

ۋاراقلايدۇ ئۇ

سۈكۈنات چىملىقىغا كىرگەن

يىرتىق ۋاراقنى

ئۇنىڭ جىسمىدىن

ساقىپ چىقتى ئات تۇيىقىنىڭ سۇس ئاۋازى

ئۇلار ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمغاندا، ئۇ

ئات ئۈستىدە بولۇپ قالدى كىچىك ئويۇنچۇق

قىڭغايغان

ئۆلۈك

ئۆلگەن ئادەم

ئەسلىيەلمەس ھاياتىنى ئكزىنىڭ

نىچۈن ئكزى

تېيىپ كەتتى يولىدىن

قانداق كىردى قار ئۇچقۇنى

ئوچۇمىغا ئۇنىڭ

يوقالدى بارى

شەھەرلەر يوقالدى

ئەبەدىي ئۆچتى كوچا چىرىغى

باغچىدىكى فونتانلار

ئوخچىشىنى توختتاتتى بىردىن

قەھۋەخانىلار

دولقۇنلاردەك كەتتى يۆگۈلۈپ

تارتىلدى ئارقان

غايىپ بولدى ئات ھارۋىسى

غايىپ

رەستىلەر غايىپ بولدى

ئادەملەر غايىپ بولدى

غايىپ بولدى ھەممىسى

تىرناقلار يىغىلدى، غايىپ بولدى

نەھاجەت

كۆڭلۈمدىكى نەرسىلەرنى رەتلەشنىڭ

سۆزلەر ۋە مەنا

تۈپتۈز كەتكەن ئوت يالقۇنى

كۆيەر جىن چىراغ

سىياھ بىلەن، قېرىنداش بىلەن

سۈرۈلمەكتىمەن

قارشىلىق قىلمىدىم

كائىناتنىڭ يىراق يېرىدىن

كۆردۈم قارا ئۇپۇقنىڭ

قوللار سوزۇپ قۇچاقلىشىشىنى

قۇچاقلاپ مەھكەم

ئېلىپ كەتتى

ئەن يېدىرلان شېئىرلىرىدىن

ئەن يېدىرلان، شائىرە، 1955- يىلى تۇغۇلغان. ئۇ فرولستنسون بىلەن ئوخشاشلا 80- يىللاردىكى تەسىرى بار شائىرلاردىن. ئۇ شېئىري تىل جەھەتتە دادىل يېڭىلاش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ جانلىق مىسرالىرى مۇزىكا گۈزەللىكىگە ئىگە. ئۇنىڭ «دالا ئىدى بۇ يەر ئەسلىدە» (1988) قاتارلىق توپلاملىرى بار.

كۆلەڭگە

ئاشۇ كېچە قۇمۇش نەي

چىقتى قەلبىدىن

چىقتىم، كىردىم، كەلدىم

                     كەتتىم

بارغىلى يەر تاپالمىغاندەك

ئەتىسى ئاڭلىدىم ئوخشاش شۇ كۈينى

ئەمما، زەڭگەر

ناۋا

قولۇڭ ئۆڭكۈر دەپ قىياس قىلىندى

يەنە بىر ئادەم كاللىسىدا

كۆك دەپ پەرەز قىلىنسا، ئۇ يەردە

پارچىلاندى ئۇ

ئايلاندى شورىغا

يەنە بىر پەرەز، ياسالدى

بىر كۈي

ماڭدى قاراپ ئاختىلىققا

مەزمۇت ئاغزىڭدىكى

ئەمالىقتەك.

ئويلاپ باققىن مۈشۈكنى

ئويلاپ باققىن مۈشۈكنى

ئوران

يېپىپ ياپراقلارنى

كىردى نىقتاپ مەركەزگە، مەركەز يوق

ئارىلىقتا سەن

زەئىپ ياپراقلارغا قىستىلىپ كىردىڭ

ئەتىرگۈلسىز. سەن ئەتىرگۈل ئارىسىدا

چۈچۈمەل قورۇقلار

نەيچىسى يوق

سەن شەربەتنى ئېلىپ كەلگەندە

شەربەت يوق

جانابى ئەپەندى

ئايال گۈل تەشتىكىدەك ئېچىلدى

بىر قەدەھ ئىچتىم قاتتىقلىقىڭدىن

بىغۇبار ھاياتلىق ئىمپېرىيىسى

شەربىتىڭنى قۇيدۇم قەدەھكە

كۆسۈڭدىكى گۈلشەندەك گويا

بىر دالا بار مېزىلىك گۆشەتك

ئۆزگە بىر لەۋ سۇرۇختا تېتىيمەن يۈرىكىڭنى.

مەنبە:«شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10305

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 1دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: