پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (34- باب)

تولغان بەدەن
(رومان)
ئاپتورى: مو يەن

 تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ئۇلار مېنى مەكتەپتىن تۇتۇپ ماڭدى.

كوچا مەخسۇس مېنىڭ تاماشامنى كۆرۈش ئۈچۈن چىققانلار بىلەن لىق تولغانىدى. باش- كۆزىنى توپا- چاڭ باسقان ئىككى خەلق ئەسكىرى ئۇچقاندەك ئالدىمغا كېلىپ مېنى ئارغامچا بىلەن باغلىدى. ئارغامچا بەك ئۇزۇن بولغاچقا، بەدىنىمگە 10 نەچچە يۆگەم يۆگىلىپمۇ يەنە بىر مۇنچە يېرى ئېشىپ قالدى. ئۆشنىسىگە مىلتىق ئېسىۋالغان ھېلىقى خەلق ئەسكىرى مېنى ھايۋاننى يېتىلىگەن پەدىدە يېتىلەپ ماڭدى. كەينىمدىكى خەلق ئەسكىرى مىلتىقىنىڭ سىتۋۇلىنى قوڭامغا تىرەپ ماڭدى. كوچىدىكى كىشىلەر كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى. كوچىنىڭ يەنە بىر بېشىدىن بىر توپ ئادەم يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. ئانام، چوڭ ئاچام، سى مالياڭ، شا زاۋخۇا بىر قىلىپ باغلانغانىدى. شاڭگۈەن يۈنۈ بىلەن لۇ شېڭلى باغلانمىغانىدى، ئۇلار ئانامغا يېقىنلىشىشقا شۇنچە ئىنتىلەتتى، لېكىن خەلق ئەسكەرلىرى ئۇلارنى تۈرتۈپ نېرىغا ئاپىرىۋېتەتتى. رايونلۇق ھۆكۈمەتتە ـــ فۇشېڭتاڭنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتۇق. مەن ئۇلارغا قارايتتىم، ئۇلارمۇ ماڭا قارايتتى. ماڭا دېگۈدەك ھېچقانداق گەپ قالمىغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىمۇ جەزمەن مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

بىز خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ يالىشىدا قاتمۇقات ھويلىلاردىن ئۆتۈپ قورونىڭ يەنە بىر بېشىغا باردۇق. ئۇلار بىزنى ئەڭ جەنۇب تەرەپتىكى بىر ئۆيگە سولاپ قويدى، ئۆينىڭ جەنۇب تەرەپتىكى دەرىزىسى چېقىق ئىدى؛ پەنجىرىنىڭ رام- كېشەكلىرى سۇنۇق، دەرىزىلىرى چېقىق ئىدى. ئۆينىڭ ئىچىدە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈنمىكىن، قەستەن يوغان بىر تۆشۈك ئېچىپ قويۇلغانىدى. ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا سى ماتىڭ تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرى تۆمۈردەك كۆكىرىپ كەتكەن، ئۇتتۇر چىشى تۆكۈۋېتىلگەن، خېلى ئوبدان تاياق يېگەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئېيىتقۇسىز بىر مۇڭ- ھەسرەت ئىلىكىدە بىزگە قارىدى. دەرىزە تېشىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا ئەتراپى ئېگىز تام بىلەن قورشالغان ئەپچىل بىر ھويلا بار ئىدى. كىرىپـ- چىقىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈنمۇ قانداق، قورشاۋ تامنىڭ ئازراق يېرى ئەتەي چېقىۋېتىلگەندەك قىلاتتى. قوراللىق خەلق ئەسكىرىدىن بىر قانچىسى تامنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، ئېتىزلىق تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن شامالدا ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ پەشلىرى ھەدەپ پۇلاڭلايتتى. شەرقىي تام بىلەن غەربىي تام ئۇچراشقان بۇلۇڭدىكى پوتەيدە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مىلتىق زاتۋۇرىنى باسقان ئاۋازى ئاڭلاندى.

شۇ كۈنى ئاخشىمى رايون كادىرلىرى ئۆيگە تۆت تال گازۋاي لامپا ئاستى؛ بىر ئۈستەل، ئالتە ئورۇندۇق قويدى؛ يەنە تېخى قامچا، كالتەك، چىۋىق، تۆمۈر زەنجىر، چىگە ئارغامچا، چىلەك، سۈپۈرگە دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئەكىردى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قوپال ياغاچتىن ياسالغان، چوشقىنىڭ قېنى بىلەن بويىلىپ كەتكەن چوشقا سويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كارىۋات، چوشقا ئۆلتۈرىدىغان ئۇزۇن پىچاق، تېرىسىنى سويىدىغان كالتە پىچاق، گۆش ئاسىدىغان كانار، قېنىنى ئېقىتىدىغان چىلەك قاتارلىقلارمۇ تىزىلدى. ئوزايىدىن ئۇلار بۇ ئۆينى قۇشخانىغا ئايلاندۇرماقچىدەك قىلاتتى.

ياڭ ساقچى بىر توپ خەلق ئەسكىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ سولياۋ پۇتى غىچىرلايتتى، گۆشلۈك قوۋۇزلىرى پەسكە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇ شۇ قەدەر سەت سەمرىگەنىدىكى، قولتۇقى ئاستىدىكى ئارتۇق گۆشلىرىنىڭ دەستىدىن ئىككى بىلىكى بىقىنىغا تېگىشمەيتتى. ئۇ كىرگەن پېتى ئۈستەلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇردى- دە، تولىمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن سوراقتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. سۆڭگىچىدە پۇلاڭلاپ تۇرغان تولا سۈركىلىۋېرىپ ئۇپراپ كەتكەن تاپانچىسىنى ئالدى- دە، بەتلەپ ئۈستەلگە قويدى؛ يېنىدىكى خەلق ئەسكىرىنىڭ قولىدىن ۋارقىراپ گەپ قىلغاندا ئىشلىتىدىغان قەلەي كاناينى ئېلىپ تاپانچىنىڭ يېنىغا، قوينىدىن تاماكىسى بىلەن غاڭزىسىنى چىقىرىپ قەلەي لابانىڭ يېنىغا قويدى؛ ئاندىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ سۇلياۋ پۇتىنى چىقاردى- دە، ئايىغى، پايپىقى بىلەنلا قوشۇپ ئۈستەلنىڭ قىرىغا قويدى. گازۋاي لامپىنىڭ ئاقۇچ نۇرىدا سولياۋ پۇتتىن كىشى ۋۇجۇدىنى قورقۇنچقا سالىدىغان مۇدھىش نۇر چاقنايتتى. پۇتنىڭ ئۇچى تەرىپىدىكى كۆندىن قىلىنغان بىر نەچچە تال تاسما قالايمىقان يېيىلىپ تۇراتتى. پۇتنىڭ پاقالچاق قىسىمى بىلەن يوتىسى ۋال- ۋۇل پارقىرايتتى، پاقالچاق قىسىمىنىڭ بىر قانچە يېرىدە سىزىلىپ كەتكەن قارا ئىزلار بار ئىدى. پۇتقا يىرتىلىپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن پايپاق بىلەن ئاياغ كىيدۈرۈپ قويۇلغانىدى. بۇ سۇلياۋ پۇت خۇددى ساقچى ياڭنىڭ ئەڭ سادىق قوغدىغۇچىسىدەك ئۈستەلدە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى.

قالغان رايون كادىرلىرى ساقچى ياڭنىڭ ئىككى يېنىدىن ئورۇن ئالدى- دە، ناھايىتى ئەستايىدىل قىياپەتتە قەغەز- قەلەملىرىنى چىقىرىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا تەق بولۇپ تۇرۇشتى. خەلق ئەسكەرلىرى مىلتىقلىرىنى تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۆلەپ قويۇپ يەڭلىرىنى شىمايلىدى؛ قامچا، كالتەكلىرىنى قولىغا ئېلىپ داتاڭ- سوراق مەھكىمىسىنىڭ دورغىلىرىدەك ئىككى رەت بولۇپ تىزىلدى، ئاندىن «ھۇ- ھۇ» دەپ سۈرەن سېلىشتى.

ئۆز ئايىغى بىلەن قاپقانغا چۈشكەن لۇ شېڭلى ئانىسىنىڭ تىزىنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. سەككىزىنچى ئاچامنىڭ قىياقنى ئەسلىتىدىغان ئۇزۇن كىرپىكلىرىدە ياش تامچىلىرى تىتىرەپ تۇرغىنى بىلەن چېھرىدە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان تەبەسسۇم ئوينايتتى. سەككىزىنچى ئاچام ھەرقانچە مۈشكۈل ئەھۋالدا قالسىمۇ ھامان جەلپكارلىقىنى يوقاتمايتتى. كىچىكىمدە ئانامنى ھېچكىمنى يېقىن كەلتۈرمەي ئېمىۋالىدىغان قىلىقلىرىم ئۈچۈن شۇ قەدەر ئۆكۈنمەكتە ئىدىم. ئانامنىڭ ئىپادىسىز چېھرى ئاپئاق نۇر چېچىپ تۇرغان گازۋاي لامپىغا تىكىلگەنىدى.

ساقچى ياڭ غاڭزىسىغا تولدۇرۇپ تاماكا باستى- دە، ئاق باشلىق سەرەڭگە تېلىنى قولىنىڭ ئۇچىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئۈستەلنىڭ قوپال يۈزىگە بىر سۈركىۋېدى، پاژژىدە قىلىپ ئوت ئالدى. ئۇ غاڭزىسىنى ئاۋاز چىقىرىپ كۈچەپ شورىدى. تاماكىسىغا ئوت تۇتىشىپ بولغاندىن كېيىن سەرەڭگە تېلىنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ئاندىن غاڭزىنىڭ سەيخانىسىدىكى ئوتنىڭ ئۇچىنى بېسىپ قويۇپ كۈچەپ نەچچىنى شورىدى؛ ئىككى تۈرۈم ئاپئاق ئىس بۇرۇنىدىن پۇرقىراپ چىقىشقا باشلىدى. غاڭزىنىڭ سەيخانىسىدىكى كۈلنى ئورۇندۇقنىڭ پۇتىغا ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈردى. غاڭزىسىنى قويۇپ قەلەي كاناينى قولىغا ئالدى- دە، ئاغزىغا يېقىن ئاپاردى. ئاندىن گويا دەرىزە تۈۋىدە سانسىزلىغان تاماشىبىنلار باردىكىدەك، ئۆزى شۇ تاماشىبىنلارغا نۇتۇق سۆزلەيدىغاندەك بىر سىياقتا كاناينىڭ ئاغزىنى دەرىزىدىكى ھېلىقى يوغان تۆشۈككە توغرىلىدى. ئۇ بوم ئاۋازى بىلەن دېدى:

ـــ شاڭگۈەن لۇشى، شاڭگۈەن لەيدى، شاڭگۈەن جىنتوڭ، سى مالياڭ، شا زاۋخۇا، ھەرقايسىڭنى نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كەلگەنلىكىمىزنى بىلىشەمسەن؟

ھەممىمىز تەڭلا ئانامنىڭ چىرايىغا قارىدۇق، ئانام گازۋاي لامپىدىن كۆزىنى ئۈزمەي جىممدە تۇراتتى. ئانامنىڭ يۈزلىرى كۈپتەك ئىششىپ كۆكىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ لەۋلىرىنى قىمىرلاتتى- يۇ، زۇۋان سۈرمەستىن بېشىنى چايقاپ قويدى.

ـــ باشنى چايقاش ھېچقانداق مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئاممىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاشكارىلىشى ۋە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق زور مىقداردىكى پاكىتنى قولغا چۈشۈردۇق. شاڭگۈەن لۇشى باشچىلىقىدىكى شاڭگۈەن ئائىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىنىڭ قان قەرزىگە بوغۇلۇپ كەتكەن بىرىنچى نومۇرلۇق ئەكسىلئىنقىلابچىلار، خەلق دۈشمىنى سى ماكۇ، يېقىندا كېچىدە شاڭگۈەن ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سىنىپىي تەربىيە كۆرگەزمىخانىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەمدە چېركاۋىنىڭ ئىچىدىكى دوسكىغا ناھايىتى كۆپ ئەكسىلئىنقىلابىي شۇئارلارنى يېزىپ قويغان. مۇشۇ جىنايەتنىڭ ئۆزىلا ھەرقايسىڭغا ئائىلە بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا تامامەن توشاتتى. ئەمما مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئويلىشىپ سەنلەرگە ئاخىرقى بىر قېتىم پۇرسەت بەرمەكچى بولدۇق. ھەرقايسىڭنىڭ ھۆكۈمەتكە يىرگىنچلىك باندىت سى ماكۇنىڭ يوشۇرۇنىۋالغان يېرىنى پاش قىلىپ، بۇ چىلبۆرىنى قانۇن تورىغا بالدۇرراق تاپشۇرۇپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككىنچى ئۈمىدىمىز شۇكى، سىنىپىي تەربىيە كۆرگەزمىخانىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئەكسىلئىنقىلابىي شۇئار يېزىش جىنايىتىڭنى تاپشۇرۇشىسەن. بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقى بىزگە بەش قولدەك ئايدىڭ. شۇنداقتىمۇ چىرايلىقچە بوينۇڭغا ئېلىپ ئىقرار قىلىشساڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىمىز. چۈشىنىشتىڭمۇ؟

ھەممىمىز زۇۋان سۈرمىدۇق.

ساقچى ياڭ تاپانچىسىنى قولىغا ئېلىپ سىتىۋۇلىنى ئۈستەلگە ئۇردى، ئاغزىنى كانايغا چىڭ چاپلاپ كاناينىڭ ئاغزىنى دەرىزىدىكى ھېلىقى يوغان تۆشۈككە قارىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

ـــ شاڭگۈەن لۇشى، گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ؟

ـــ بىزگە ئۇۋال قىلىۋاتىسەن،ـــ دېدى ئانام ۋەزمىن ئاھاڭدا.

ـــ بىزگە ئۇۋال قىلىۋاتىسەن،ـــ دېدۇق بىزمۇ تەڭلا.

ـــ ئۇۋال بولدى دېيىشىۋاتامسەن تېخى؟ بىز ياخشى ئادەملەرگە ھەرگىز ئۇۋال قىلمايمىز، يامان ئادەمنىڭ بىرىنىمۇ قولدىن چىقىرىپ قويمايمىز. ئۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى تورۇسقا ئاسىمىز.

بىز خېلى تىركەشتۇق زارلىدۇق، قاقشىدۇق، ئەمما ۋاقىتنى ئازراق كەينىگە سوزغاندىن ئۆزگە قولىمىزدىن ھېچئىش كەلمىدى. ئۇلار قولىمىزنى كەينىمىزگە باغلاپ سى ماكۇنىڭ ئۆيىنىڭ تورۇسىنىڭ تازا توم قارىغايدىن ياسالغان لىمىغا ئېسىپ قويدى. ئەڭ چەتكە ئانام، ئۇنىڭ يېنىغا شاڭگۈەن لەيدى، ئۇنىڭ يېنىغا سى مالياڭ، ئۇنىڭ يېنىغا مەن، مېنىڭ كەينىمگە شا زاۋخۇا ئېسىلغانىدى. ماۋۇ كەسپىي خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەمنى باغلاش، تورۇسقا ئېسىش دېگەندەك ئىشلارغا ئۇستا نېمىلەر ئىدى. ئۇلار ئالدىنئالا ئۆينىڭ تورۇسىدىكى لىمغا بەش تال سىيرىلما غالتەك ئورنىتىپ قويغان ئىدى، شۇڭا ئۇلار بىزنى تورۇسقا ئاسقاندا قىلچە قىينالمايتتى. قولۇمنىڭ بېغىشى چىدىغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈشۈپ ئاغرىشقا باشلىدى، يەلكەم ئۈگە- ئۈگىسىدىن ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىماقتا ئىدى. ھەممىمىزنىڭ بېشىمىز تەڭلا پەسكە ساڭگىلاپ قالدى، بوينىمىزمۇ ئەڭ زور چەكتە سوزۇلۇپ كەتكەنىدى؛ پاچىقىمىز، پۇتىمىزنىڭ دۈمبىسىدىن تارتىپ پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. مەن ئىختىيارسىز نالە قىلىشقا باشلىدىم، شاڭگۈەن لەيدىمۇ ئىڭراشقا باشلىدى. شا زاۋخۇا زۇۋان سۈرمەستىن جىممىدە تۇراتتى. چىگە ئارغامچا ئانامنىڭ سېمىز گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقىغا پايلىماي پولات سىمدەك چىڭڭىدە تارتىلىپ كەتكەنىدى، ئانامنىڭ يۈز- كۆزىدىن شۇرۇلداپ تەر قۇيۇلاتتى، چاڭگىلىشىپ كەتكەن چاچلىرى ئارىسىدىن قاردەك ئاپئاق ھور ئۆرلەيتتى. لۇ شېڭلى بىلەن شاڭگۈەن يۈنۈ ئانامنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ ھەدەپ ئىرغىتاتتى. خەلق ئەسكەرلىرى چۈجىنى تۇتقان پەدىدە ئۇلارنى بىر ياققا ئىتتىرىۋەتتى. ئۇلار يەنە ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلەتتى، خەلق ئەسكەرلىرى ئۇلارنى يەنە كەينىگە ئىتىرىۋېتەتتى.

ـــ ياڭ ساقچى، ماۋۇلارنىمۇ ئاسامدۇق؟ـــ دەپ سورىدى بىر خەلق ئەسكىرى.

ـــ ياق، بىز سىياسەت بويىچە ئىش قىلىمىز،ـــ دېدى ياڭ ساقچى كەسكىنلىك بىلەن.

لۇ شېڭلى ئىختىيارسىز ئانامنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋەتتى. ئانامنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر تامچىلىرى ئۇدۇل ساقىغان پېتى ئانامنىڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا يىغىلاتتى- دە، مەرۋايىتتەك پەسكە دومىلايتتى.

ـــ ھەرقايسىڭ دېيىشەمسەن دېيىشمەمسەن؟ـــ دېدى ياڭ ساقچى،ـــ دېسەڭلا سەنلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قويۇۋېتىمەن.

ـــ بالامنى يېشىۋەت . . . ھەممىنى مەن بوينۇمغا ئالىمەن . . .ـــ دېدى ئانام بېشىنى ناھايىتى تەستە كۆتۈرۈپ ھاسىراپ تۇرۇپ.

ـــ ماۋۇلارنى تازا ئوبدان قىيناپ تاياقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويۇش،ـــ دەپ ۋارقىرىدى ياڭ ساقچى دەرىزە تەرەپكە قاراپ.

خەلق ئەسكىرى كۆندىن ياسالغان قامچا، كالتەكلەرنى قولىغا ئېلىپ قاتتىق ھۆركىرىگىنىچە بىزنى تازا ساۋىداشقا باشلىدى. مەن ۋارقىراپ داد- پەرياد سالاتتىم، ئاچام بىلەن ئاناممۇ ئىڭرايتتى، شا زاۋخۇادىن ھېچقانداق زۇۋان چىقمايتتى، ئوزايىدىن ھۇشىدىن كەتكەندەك قىلاتتى. ياڭ ساقچى بىلەن رايون كادىرى ھەدەپ ئۈستەلنى مۇشتلايتتى، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتتى. خەلق ئەسكىرىدىن بىر قانچىسى سى ماتىڭنى كۆتۈرۈپ چوشقا ئۆلتۈرىدىغان كارىۋاتقا ياتقۇزدى- دە، قاپقارا بولۇپ كەتكەن تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇشقا باشلىدى. سى ماتىڭ كالتەك ھەر تەگكەندە ئېچىنىشلىق زارلايتتى. «لاۋ ئېر، ھۇ خۇمپەر، دەرھال چىقىپ گۇناھىڭنى بوينۇڭغا ئال! مېنى بۇنداق ئۇرماڭلار، مەن تۆھپە كۆرسەتكەن . . . » خەلق ئەسكىرى زۇۋان سۈرمەستىن گويا بىر دۆۋە سېسىق گۆشنى دۇمبالاۋاتقاندەك تۆمۈر كالتەكنى توختىماي شىلتىيتتى. بىر رايون كادىرى كۆندىن ئىشلەنگەن قامچا بىلەن كالا تېرىسىدىن ياسالغان بىر تۇلۇمنى ئۇراتتى، بىر خەلق ئەسكىرى چىۋىق بىلەن بىر تاغارنى ساۋىدايتتى. ۋايجان- ۋاييەي، ئاللا- توۋا، قىيا- چىيا! ئۆي ئۆرىتۆپە بولۇپ كەتتى، قامچا، كالتەك شولىسى زىيادە يورۇق يېنىپ تۇرغان گازۋاي لامپىنىڭ نۇرىدا ھەدەپ پۇلاڭلايتتى . . .

ئارىدىن ئالاھەزەل بىر سائەتلىك دەرستەك ۋاقىت ئۆتتى. خەلق ئەسكەرلىرى دەرىزىنىڭ كىشىكىگە چىگىپ قويۇلغان ئارغامچىنى يېشىۋېدى، ئانامنىڭ گەۋدىسى ۋالاققىدە يەرگە چۈشتى. خەلق ئەسكەرلىرى يەنە بىر ئارغامچىنى يەشتى، ئاچاممۇ يەرگە دومىلاپ چۈشتى. ھەممىمىز يەرگە چۈشۈرۈلدۇق. خەلق ئەسكىرى بىر چىلەك سوغۇق سۇ ئەكەلدى- دە، چۆمۈش بىلەن يۈزىمىزگە سۇ چېچىشقا باشلىدى. بىز ھۇشىمىزغا كەلدۇق، ئەمما پۈتۈن ئەزايىم ئۈگە- ئۈگىسىدىن تارتىپ سېزىمىنى يوقاتقانىدى.

ياڭ ساقچى ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرايتتى:

ـــ بۈگۈن ھەرقايسىڭغا مۇشۇنچىلىك پوپوزا قىلدۇق، دېيىش- دېمەسلىكنى ياخشى ئويلىنىش. دېسەڭ، بۇرۇنقى جىنايەتلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىمىز. دېمىسەڭ، قىيىن- قىستاقنىڭ چوڭىنى تېخى بۇنىڭدىن كېيىن تېتىيسەن.

ياڭ ساقچى يالغان پۇتىنى سالدى، غاڭزىسىنى يىغىشتۇرۇپ تاپانچىسىنى ئاستى- دە، خەلق ئەسكەرلىرىگە بىزگە ئوبدان قاراشنى تاپىلىغاندىن كېيىن رايون كادىرلىرىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئېرغاڭلىغىنىچە يالغان پۇتىدىن غىچ- غىچ ئاۋاز چىقىرىپ چىقىپ كەتتى.

ـــ ھېي، ياخشىلىقچە دېگىن، ياڭ ساقچى تاشنىمۇ زۇۋانغا كەلتۈرىدىغان ئادەم. ھەرقايسىڭنىڭ گۆشتىن پۈتكەن بەدەنلىرىڭ بۈگۈن پايلىغان بىلەن ئەتە پايلىماسمىكىن؟ـــ دېدى بىر خەلق ئەسكىرى.

ـــ سى ماكۇ راستىنلا ئەزىمەت بولسا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، بۇ ئىش مۇشۇ يەردە بېسىقىدۇ. ھازىرغۇ ھەممە يەر يېشىلچىلىق، يوشۇرۇنۇپ كېتەلەيدۇ. ئەتە- ئۆگۈن قىش كىرسۇنا قېنى، يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالماي قالارمىكىن.

ـــ سەن كۈيئوغۇل بولغىنىڭ بىلەن يارىماس نېمىكەنسەن. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۇنى بەيما كۆلىدىكى قۇمۇشلۇقتا قورشىۋاپتۇ، لېكىن ئۇنى يەنە قاچۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ بىر تىزىق ئوقدان بىلەن بىر دودىلا يەتتە ئادەمنى يەر چىشلىتىپتۇ، ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقىنىڭ پۇتىنىمۇ سۇندۇرۇۋېتىپتۇ.

خەلق ئەسكەرلىرى بىزگە ئاستىرىتىن بىر نەرسىدىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى، لېكىن نېمە بىشارەت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلماق قىيىن ئىدى. لېكىن بىز نېمىلا بولمىسۇن سى ماكۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالىغانىدۇق. ئۇ ئەسكى خۇمدانلىقتا ئۆزىنى ئاشكارىلىغاندىن تارتىپ گويا سۇغا چۈشكەن تاشتەك جىمىپلا كەتكەنىدى. بىز ئۇنىڭ يىراقلارغا كېتىشىنى تىلەيتتۇق. لېكىن ئۇ ھامان شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىنى مالىمان قىلىپ بىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرەتتى. بەيما كۆلى ئىككى ناھىيەنىڭ غەربىدە ئىدى، دالەن بازىرىدىن بەك كەلسە 20 چاقىرىم كېلەتتى. ئەمەلىيەتتە موشۈي دەرياسى شۇ يەردە كېڭىيەتتى- دە، دەريا سۈيى ئويمانلىققا يىغىلىپ كۆل شەكىللىنەتتى، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇمۇشلار بۈك- باراقسان ئۆسۈپ، ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىناتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11913

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: