پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مۇقام ئىشقىدا مەست بولغان جۇجى

مۇقام ئىشىقىدا مەست بولغان جۇجى

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 جاڭ جېنتاۋ

(ئاپتورنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: جاڭ جېنتاۋ، جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئاكادېمىيىسى مۇزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى، «جۇڭگو مۇزىكا ئىلىمى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مۇزىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مۇتەخەسىسلەر كومېتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)

2005- يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۈچىنچى تۈركۈمدە «ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ئەسەر» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇقام قىزغىنلىقى قوزغالدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ جۇجىىنىڭ قىزغىنلىقىغىمۇ ئوت يېقىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ- بىر ئۆمۈر مۇقام ئىشىقىدا كۆيگەن جۇجى ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىغا تۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشىدىغان پۇرسەت ئىدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدىكى نومۇر ئورۇنلاش تىزىملىكىدە مۇقام ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. دولان دىيارىدىن كەلگەن، بومبا ساقال قويۇۋالغان ئۇيغۇر بوۋايلارنىڭ سەھنىدىكى ھەممىنى تامام ئۇنتۇغان ھالدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ زوق- شوق بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالىتى گوياكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىلىنىڭ ئوبرازىغا ئايلانغاندەك قىلاتتى. خەلق ئىچىدە ئۈن- تىنسىز ياشاۋاتقان بۇ ئاددىي كىشىلەر جۇجى، تىيەن چىڭدەك مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن بايقالدى، ئۇلارنىڭ قىلچە پەردازسىز ھالدىكى، ھېچقانداق سۈنئىيلىك قوشۇلمىغان تەبىئىي ئورۇنداش ماھارەتلىرى ناھايىتى تېزلا كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. تىيەنچىڭ، جۇجى ئىككىيلەن بۇ بوۋايلارنى نۇرغۇن سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقتى، بېيجىڭدىن چېڭدۇغىچە، توكيودىن پارىژغىچە دولان مۇقامىنىڭ ئاجايىپ كۈيلىرى مودا ناخشا- مۇزىكىلارنى تولا ئاڭلاپ زېرىككەن شەھەرلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالدى، ئۇلارنى قۇمۇل قۇغۇنىنىڭ شېرىن تەمىدىن قېلىشمايدىغان ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىسىدىن بەھىر ئالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بومبۇر ساقال قويۇۋالغان جۇجىنىڭ تاشقىي قىياپىتىدىن مۇنازىرىگە چۈشكەن كىشىلەر بۇ بوۋايلارنىڭ بومبۇر ساقىلىنى بىر- بىرىگە باغلاپ چۈشىنىپ، ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەندەك بولدى.

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا كەلگەن ئالىملارغا ئوخشاش، جۇجىنىڭ كېيىنكى يېرىم ئۆمرى ئىلمىي تەتقىقات سېپىدە ھارماي ئىشلەش بىلەن ئۆتتى. بىرىنچى ئەۋلاد ئالىملار شىنجاڭنىڭ ئەل ئىچى مۇزىكىلىرىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن دەسلەپكى سەھىنە ھازىرلاپ بەردى، ئۇلارنىڭ تارتقان جاپالىرىغا لايىق تۆھپىسىمۇ گەۋدىلىك بولدى. ۋەن توڭشۇ ئەپەندى بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى، يېرىم ئەسىر بۇرۇن چەت ئەلدە ياسالغان ئۈنئالغۇ بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى بولغان مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت روھىغا شاھىد بولمىش يىگانە مىراسقا ئايلانغانىدى. «مۇقامشۇناسلىق» نىڭ گۈللىنىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى. لېكىن، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بۇ ئەھۋاللار تۈزىلىپ، تەدرىجىي ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇقام مۇزىكىلىرىغا ئىنچىكىلىك بىلەن نوتا يېزىش ئويى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مۇقامنىڭ توغرا ئېيىتقىلى بولمايدىغان ئاھاڭلىرىنى، تولا ئۆزگىرىش ياسايدىغان رىتىملىرىنى مۇجمەل ھالەتتە تەسۋىرلەپ  قويۇشتىن قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ، ئەكسىچە كونكرېت سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەلكى مۇزىكانتنىڭ ھېسسياتىنى سۆزلەپ بەرگىلى، چۈشىنىپ ئاڭقىرغىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن ئاۋاز سىناق قىلىشقا، نوتا خاتىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. جۇجى خۇاڭ ياڭپېڭ، جاۋ سۇڭگۇاڭ قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئالىملار كۆپ يىل ئىنتىزار بولغان ئاۋاز سىناق قىلىش خىزمىتىنى ھەقدادىغا يەتكۈزدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى نوتا خاتىرىلەش ئىشىدىن قانائەت ھاسىل قىلماي، ئۆزى قول سېلىپ يەنە بىر قېتىم ئىشلەپ چىقمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ قىيىنچىلىقلارغا پىسەنت قىلماي، خاراكتېرىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇ نوتا خاتىرىلەشتىلا ئەمەس، بەلكى كەسپ ئەھلىلىرىنىمۇ ئىچىدىن قايىل قىلدى. ھەركۈنى نوتا خاتىرىلەش، نوتا يادلاش ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ھەتتا ئەتىگەندىن كەچكىچە قولىدىن قەلەم چۈشۈرمەي ئىشلىگەچكە ئوڭ بىلىكى ئىششىپ قولىنى كۆتۈرەلمەس ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

كومپوزىتورلارغا ئايانكى، يەرلىك مۇزىكىلارغا نوتا يېزىش نوقۇل ھالدىكى تېخنىكىلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش مەسىلىسىدۇر. ھاياتىنى شۇ ئىشقا ئاتىماي تۇرۇپ ئىلمىي سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مۇزىكا نوتىسىنى، بولۇپمۇ بىر- بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن زور سىمفونىيىنى يېزىپ چىققىلى بولمايدۇ. مۇقام بىر ئاڭلىغان بىلەنلا بىلىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۈنئالغۇدا قويۇپ قويۇپلا نوتا يازسا بولىدىغان ئادەتتىكى نەرسىمۇ ئەمەس، مۇقامنى يىللاپ- ئايلاپ پۈتۈن ئىشقى بىلەن ئاڭلىماي، ھېس قىلماي، مۇقامنىڭ ئىشىقىدا كۆيمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ تەكتىگە يېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ بىر سىمفونىيە ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتنىڭ سەرپ بولىدىغانلىقى بىر كېچىدىلا نام چىقىرىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلارنى ئۈمىدسىزلىككە تاشلايدۇ، شۇ جاپالارنى تارتماي تۇرۇپ ئاسان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمەن دېيىش يوق گەپ. ئون ئىككى مۇقام دېمەك ئون ئىككى يۈرۈش زور مۇزىكا دېمەكتۇر! مۇقامنى بىر- بىرلەپ ئاڭلاش، بىر- بىرلەپ خاتىرىلەش، بىر- بىرلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇقامنى سەۋرچانلىق بىلەن بىر- بىرلەپ ئاڭلاپ، بىر – بىرلەپ خاتىرىلىگەندىلا ئاندىن سىستېمىلىق تەتقىقى قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. يىللاپ جاپاغا چىدىغاندىلا، مۇقامنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرى بىلەن پىششىق تونۇشقاندىلا ئاندىن ئېنىق خاتىرىلىگىلى، چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. ھېلىدىن- ھېلىغا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئاھاڭ- مېلودىيىلەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنى توغرا ئېيىتماي، ئۇدار- رىتىملىرىغا يېتىشەلمەي تۇرۇپ، مۇقامغا نوتا يازىمەن دېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆمۈر بويى ھەپىلەشكەن تەقدىردىمۇ مۇقامنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىش ناتايىن. ئۇنىڭ مۇقامغا نوتا ئىشلەپ چىقىشى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ مۇقامنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلىرىنى توغرىلىدى. ئېنىق تېخنىكىلىق ئانالىز جۇجىنىڭ ھېس- تۇيغۇغا باي بايانلىرىغا سىڭىپ كەتتى. ئاپتور مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەرگىزمۇ كۆككە كۆتۈرۈش تەلەپپۇزىدا مۇھاكىمە قىلماستىن، بەلكى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرگە بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئۆزىدە يوقىرى تېخنىكىنى مۇجەسسەملىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

نوتا نەشردىن چىقتى. ئومۇمەن، ئەل ئىچى مۇزىكىلىرىنى ئۆزى قول سېلىپ رەتلەپ باققان كىشى ئۇشبۇ نوتىدىن نوتا يازغۇچىنىڭ قانچلىك زېھنى ۋە قان- تەرىنى سەرپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلالايىتتى. ئۇ- ھەربىر ئاۋاز، ھەربىر رىتىمنىڭ ئاز- ئازدىن يىغىلىشىدىن توپلانغان، مىنۇت، سېكونت مۇساپىدىن دېرەك بېرىدىغان خاتىرە ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ھاياتىنى خورىتىش بەدىلىگە روياپقا چىققان ئەنە شۇ خاتىرىدە ئەبەدىيلىككە ئېرىشتى. ئادەتتىكى نوتا خاتىرىلەش ۋە تەسۋىر يېزىشتىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى بىلەن بىللە ئوقۇرمەنلەرگە ئۇلار ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان زوق، ئارامبەخش ھېسسىيات ئاتا قىلدى، CD ۋە DVD پىلاستىنكىسىنى ئىشلىدى. نوتا، يېزىق، ئاۋاز، سۈرەت ھەممىسى تولۇق بىر گەۋدىلەشكەن ئەل ئىچى سەنئىتى خاتىرىسىنى ئىشلەپ چىقالايدىغان جاي ئۇنچە جىق ئەمەس. 21- ئەسىرنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن، يېزىق بىلەن سۈرەت بىرلەشكەن، ئاۋاز بىلەن تەسۋىر ئۆزئارا جىسىپلاشقان كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلغان بۇ يېڭىچە نەشر بويۇمى مۇقامنىڭ نوتا خاتىرىلەش تارىخىدىكى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىلىپ تۇرىدىغان يېڭى نەشرىنى روياپقا چىقاردى. ئون ئىككى مۇقام نوتىسىنىڭ يېزىپ پۈتتۈرۈلۈشى بىلەن نەچچە ئەۋلاد ئالىم- مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.

2007- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تاشقىي ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئېلىمىز ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە ئورتاق بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» غا ئاساسەن، جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئاكادېمىيىسى بىلەن شىنجاڭ بىرلىكتە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس بايلىقلىرىدىن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گورۇپپىسىنى تەشكىللىدى. 9- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەندى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش گورۇپپىسى ئەزالىرى جۇجى، چۇ چىشەن(مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تاشقىي مەدەنىيەت ئالاقە ئىدارىسى خەلقئارا باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى)، لى خوڭفېڭ(جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى)، ما يىڭشېڭ(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى)، لى جىليەن(شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى) ۋە مەن ئىدىم. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قەشقەر ۋىلايىتى(قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيىسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى)، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى(ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى)، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى(كورلا شەھىرى)، ئالتاي ۋىلايىتى(بۇرچىن ناھىيىسى)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى(غۇلجا شەھىرى، نىلقا ناھىيىسى)قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن چېگراشەھەر-بازارلارغىچە چېتىلاتتى، ئومۇمىي مۇساپە 14 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يېتەتتى. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا «ۋەكىللىك ئەسەر» قاتارىدا يوللاش مەزگىلىدە ئىككىمىز بىرلىكتە فىلىم ئىشلىگەن ئاشۇ چاغلاردىن باشقا، بۇ مېنىڭ جۇجى بىلەن كۈن چىققاندىن كۈن پاتقۇچە كەينى- كەينىدىن ئەڭ ئۇزۇن بىللە بولغان ۋاقتىم ئىدى.

يەكەن ناھىيىسىدە جۇجى ئاۋۋال بىزنى «ئون ئىككى مۇقام سەنئەت بايرىمى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا باشلاپ ئاپاردى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىدا سازلىرىنى تۇتقىنىچە سەھنىدىن رەتلىك ئورۇن ئالغانىدى، ئەگەر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ بۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن بولاتتىم. سەنئەتكارلار باشقىلار ئۈچۈن نومۇر ئورۇنلاۋاتىمەن، دېگەن ھېسسىياتتا ئەمەس، بەلكى سەھنىدە پۈتۈن ئىشتىياقى سازغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. سەھنىدە بەزىلەر تەمبۇر، بەزىلەر دۇتار چالاتتى، بەزىلەر ساتار- راۋاپ، يەنە بەزىلەر داپ- ناغرا چېلىۋاتاتتى. سازەندىلەرنىڭ سېپى نەچچە يۈز مېتىرغىچە سوزۇلغان بولۇپ، سەھنە سازەندىلەر بىلەن لىققىدە توشقانىدى، ئاۋاز ياڭراتقۇدىن تارىغان مۇزىكا پۈتۈن جاھاننى قاپلاپ، زېمىننى لەرزىگە سالغانىدى. مۇقامنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەنلىكى، يەكەننىڭ ئەنە شۇ مۇقامنىڭ بۆشۈكى ۋە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد مۇقام سەنئەتكارلىرىنىڭ ماكانى ئىكەنلىكى بىكار ئەمەس ئىدى. ئەگەر مۇقام روھى راستنلا شىنجاڭدا ئەگىپ يۈرمەكتە دېيىلسە، ھۆددە قىلالايىتتىمكى، مۇقام روھى شۇتاپتا مۇشۇ يەردە ئىدى. جۇجى ھەيران قالغان بۇ تۇرۇقۇمغا كۆرەڭلىك بىلەن قاراپ قويۇپ مەنىلىك قىلىپ تۇرۇپ: «مانا بۇ كەينىمدىكى <زور مۇقام قوشۇنى>» دەپ ئەسكەرتتى.

مەن شىنجاڭنى ناھايىتى چوڭ دائىرىدە ئايلىنىپ چىقتىم. يولبويى مۇقامنى قوغداش ۋە رەتلەش ھەققىدىكى كەلگۈسى پىلانلار توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر بولۇپ تۇردى، مۇقامچىلارنىڭ قالتىس نومۇرلىرىنىمۇ ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇردۇم. شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، «قۇملۇق كېمىسى»گە مىنىپ رەسىمگە  چۈشكۈم كەلدى، مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۆزگىچە تۇيۇلىدىغان تۆگىلەر تولىمۇ رايىش، سۆيۈملۈك ئىدى، لېكىن تۆگىگە مىنىپ سۈرەتكە چۈشۈش خېلىلا قىممەت ئىدى. باھا تالىشىۋاتساق، خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى جۇجىنى كۆرۈپ دەرھاللا: «سىزدىن پۇل ئالمايمىز، چۈنكى سىز مۇقامنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىسىز» دېيىشتى. مانا كۆرگەنسىز، جۇجىنىڭ شۆھرىتى مۇزىكا ساھەسىدىلا چەكلىنىپ قالمىغانىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان يىگىتلەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمىتى چوڭقۇر ئىدى، بۇ، شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنى چىن قەلبىدىن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. لى خوڭفېڭمۇ يولبويى ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ ماڭدى، ئۇمۇ بۇ ياش فوتوگرافقا سۈرلۈك ئەمما مېھىرلىك بىر قىياپەتتە تۇرۇپ بېرەتتى. لى خوڭفېڭ:«ئاشۇ قالتىس مەنزىرىلەردە تارتقان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇجىنىڭ ئۆلچەملىك سۈرىتى بولالايدۇ»دەيتتى. ئاقىۋەتتىمۇ شۇنداق بولدى. بىز «جۇڭگو مۇزىكا ئىلمى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇنى خاتىرىلەيدىغان سۈرەتنى ئىشلەتتۇق، بۇ دەل سەپەر جەريانىدا تارتىلغان سۈرەت ئىدى.

جۇجىنى ئەسلىگەن ھامان ھەم ئاڭلاش، پۇراش سېزىملىرىم ئاجايىپ بىر تۇيغۇدا بولىدۇ، قاچانلا قارىسىڭىز ئۇنىڭدىن گۈپۈلدەپ ھاراق ھىدى كېلەتتى. ئۇ يولبويى ھەدېسىلا بىر قولىغا قوينىڭ پىشۇرۇلغان يوغان بىر پارچە گۆشىنى، يەنە بىر قولىغا لىققىدە ئاق ھاراق قۇيۇلغان قۇيۇلغان ئىستاكاننى ئېلىۋېلىپ، قانغۇچە پەيزى قىلاتتى. بەخت بىلەن ئامەت قوشكېزەك دېگەندەك، ئەشۇ ھاراق ئۇنى يىقىتتى.

كىشىلەر بىر شەخسنىڭ «ناچار ئادەت» تۈپەيلى ۋاپات بولغانلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ، لېكىن جۇجى ھەقىقەتەت ئەنە شۇ «ناچار ئادىتى» تۈپەيلى ۋاپات بولدى. توۋا قىلىش نىيىتى بولمىسا، خاتالىقىنى تونۇش ئىرادىسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا ھاياتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەشۇ ناچار ئادىتىدىن ۋاز كېچىش خىيالىمۇ بولمايدۇ. لېكىن جۇجى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئەپسۇس، ئۇنىڭغا ئۆز بوستانلىقىدا يېتىش نېسىپ بولمىدى. ۋادەرىخ! بىزنىڭ مۇقام تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان روھىي «تۇتېم» مىمىز ئەنە شۇنداقلا بەربات بولدى. جىمى دوست- يارانلار بۇ شۇم خەۋەرنى ئىشىتكەندىن كېيىن ھەممىسى: «جۇجىدەك بىر ئىلىم تايانچىمىزنى ئەمدى نەدىنمۇ تاپارمىز؟» دەپ ھەسرەت چېكىشتى.

شۈبھىلىنىش بىھاجەتكى، ئۇنىڭ روھى مەرھۇم پېشىۋالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن تارىخنى خاتىرىلىگەن ھەمدە تارىخ ياراتقان ئاشۇ پېشىۋالار بىلەن بىر سەپتە تۇردى، ئۇ ئەنە شۇ سەمەرىلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتى ئارقىلىق ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ يات مەدەنىيەتنى ئۈزۈل- كېسىل چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈمنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. يەرلىك مەدەنىيەت يەرلىك كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىلا داۋام ئېتىدۇ، لېكىن جۇجىنىڭ ھايات مۇساپىسى يەنە بىر خىل يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھادىسىلەرنى ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ روھىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا زاھىر قىلدى.

   جاڭ گېڭ ئەپەندى پۈتۈن ئۆمرىنى «جۇڭگو ئەلنەغمە تارىخى»دىكى ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ماتېرىياللىرى يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ئاتىغان ئىدى. بۇ- شۇ زاماندىكى شارائىت چەكلىمىسى قالدۇرۇپ كەتكەن ھەسرەت ئىدى. ئەگەر ئالدىنقى بىر دەۋر سەنئەت تارىخچىلىرىنىڭ ئۆمرىدىكى كەمتۈكلۈك ھېسسىياتى مۇزىكا تارىخىغا كىرگۈزۈلسە، ئەھۋال ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. ئىلىم ساھەسىدىكىلەر پەن توغرىسىدىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈشنى، جۈملىدىن كونا سەنئەت تارىخىدا كەم قالغان ئاز سانلىق مىللەت ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاشنى، مۇزىكا خەزىنىسىنىڭ زورىيىشى ۋە بېيىتىلىشىنى، جۇڭگونىڭ پايانسىز كەتكەن زېمىنلىرىدىكى 56 مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر مۇزىكا تارىخىنىڭ بولۇشىنى، 56 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر مىللىي مۇزىكا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ بولۇشىنى  ئۈمىد قىلاتتى. جۇڭگو مۇزىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى دەل تارىخ يۈكلىگەن بۇ مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىش ئىدى. مۇكەممەل بولغان بىر مىللىي مۇزىكا خەرىتىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى جاي- جايلاردىكى ئالىملارنىڭ نەتىجىلىرىنى كۈتمەكتە.

جۇجىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى تۆھپىسىنىڭ تارىخىي قىممىتى ئەنە شۇ يەردە بولسا كېرەك. ئۇ روياپقا چىقارغان مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ مۇپەسسەل بايانلىرى ۋە نوتىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى پەن ئېھتىياجلىق بولغان ماتېرىيال ۋە نەتىجىلەر ئۈچۈن يېڭىچە بىر ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭ مۇقام ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىشى بۇ نەتىجىلەرنىڭ نوپۇزى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى ئاشۇردى. بەلكىم، ياقا يۇرتلارنى كېزىپ يۈرۈش ئۇنىڭدىكى پاراسەتنى قوش نەزەر دائىرىگە، قوش ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە قىلغان، خەنزۇ مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككى چوڭ مۇزىكا مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن ھالقىغان ئۆزئارا ئۇچرىشىش ھالىتىدىكى ھاياتلىق ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن؛ گويا ئۈزۈم بارىڭى بىلەن يالقۇنتاغ بىرلىشىپ كەتكەن تۇرپان مەنزىرىسىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بىر خىللا رەۋشتىكى مەدەنىيەت روھىدىن نېرىغا ئۆتەلمەسلىكتەك تارىخ ئەندىزىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. بىر ياقا يۇرتلۇقنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مانا مۇشۇ يەردە!

ئارىمىزدىن كەتكەنلەر ئۈچۈن ھايات كىشىلەر گۈزەل قەسىدىلەرنى پۈتىدۇ، ئۆز قايغۇلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەرخىل نام- ئاتاقلارنى ئارماغان قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادىن كەتكەنلەر نائىل بولغان شان- شەرەپلەر پۈتۈنلەي ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دوست- يارانلار ئۇنىڭغا ھەرقانچە كۆپ شان- شەرەپلەرنى يۈكلىگىنى بىلەنمۇ، ئۇنىڭ مۇقام ئۈچۈن يازغان مۇپەسسەل بايانلىرى ۋە خاتىرىلىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن كۈچ- قۇدرەت نامايان قىلغان روھ ۋە تارىخنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن تۆھپىلىرىدەك ۋەزنى يوق.

2010- يىلى 7- ئايدا تەرجىمە قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11530

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: