1903- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: بىيورنسون
1903– يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
بيورنسون
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: ئىنسان ئاجىز كېلىدۇ ( beyond human might)
مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى :
ئۇ ئەسەرلىرىنى شائىرلارغا خاس ئوخچۇپ تۇرىدىغان ئىلھام ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ناھايىتى ئېسىل ، پاساھەتلىك يازىدۇ .
مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى
مانا بۇ – مەن ھىمايە قىلماقچى بولغان غايە ، مەن ئىزچىل ئاشۇ غايەمگە ئەمەل قىلىپ كەلدىم . مەن يازغۇچىلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشىنى قوللىمايمەن . ئەكسىچە ، تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن . چۈنكى ، ئۇ ئىنسانلارنى ئالغا يېتەكلەيدىغان ماياك .
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
بيورنستيېرىن بيورنسون(Bjornstjerne Bjornson,1832 – 1910) نورۋېگىيىنىڭ شىمالىدىكى كىۋىيىندا بىر باستېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىنلا چوڭلاردىن نورۋېگىيىنىڭ قەدىمىي رىۋايەتلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى . 1852 – يىلى خان جەمەتى فولىدېرك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . 1855 – يىلى «مورگىنبۇرد گېزىتى» گە ئەدەبىي ئوبزورلارنى يېزىپ بېرىشكە باشلىغان ھەمدە ئىبسون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشقان . كېيىن ، ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى يېقىن دوسىتلاردىن بولۇپ قالغان ۋە ئۆزئارا قۇدىلاشقان . 1866 – يىلىدىن 1871 – يىلىغىچە «نۇسكېف گېزىتى» دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن . گېزىتخانىدا ئىشلەش جەريانىدا مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ ، مىللىي مەدەنىيەتنى تارقاتقان .
بيورنسوننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ناھايىتى مول بولۇپ ، دىرامما ئىجادىيىتى جەھەتتىكى نەتىجىسى ھەممىدىن چوڭ . 1857 – يىلى ئۇ ئىبسوننىڭ ئورنىغا دۆلەتلىك تىياتىرخانىنىڭ رېژىسورى ۋە دېرىكتورى بولغان . ئۇ «جەڭگاھتا» قاتارلىق سىنارىيىلىرىدە ئەل ئىچى ئىجادىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ بۇ سىنارىيە ئەسەرلىرى ئىبسوننىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تارىخىي دىرامملىرىغا ئوخشاش بىر مەھەل داغدۇغا قوزغىغان . نورۋېگىيە ئەدەبىيات تارىخىدا ، بيورنسون ئىبسون بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ . 1910 – يىلى 26 – ئاپېرىل پارىژدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان .
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى :
«بيورنسون دىراممىلىرى توپلىمى» — بيورنسون [ نورۋېگىيە ] ، ماۋدۇن قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان ، خەلق ئەدەبىيات نەشرىياتى ، 1960 – يىل
«بىر قول جەڭگە ئۈندىمەكتە» — بيورنسون [ نورۋېگىيە ] ، چاڭ لى ، پېي شىيەنيا تەرجىمىسى ، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 2002 – يىل
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر :
كاردۇچى [ ئىتالىيە ] ، كوپ [ فرانسىيە ] ، بېرن [ ئەنگلىيە ] ، ئېچېگاراي [ ئىسپانىيە ] ، بيورنسون [ نورۋېگىيە ]
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
1865 – يىلىدىن 1867 – يىلىغىچە كرىستانىيا تىياتىرخانىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان . 19 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا ، ئىبرونكسنىڭ رادىكال ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئەمەلىي كۈرەشكە قاتناشقان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ ، شۇ دەۋردىكى مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي دراممىلارنى ئىجاد قىلغان . بيورنسون رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يازغان بۇ دراممىلىرىدا بۇرژۇئازىيىنى ئۆتكۈر تەنقىد قىلىپ ، نورۋېگىيىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان . « ئىنسان ئاجىز كېلىدۇ » ئۇنىڭ دراممىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قىسقا يېزىلغان ئەسىرى . دراممىدىكى باش پېرسۇناژ باستېر سانگېر بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىكى باش پېرسۇناژلار ئوبرازى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . دراممىدىكى باش پېرسۇناژ سانگېرنىڭ ئاجايىپ تەقۋادارلىقى بىلەن كەڭ قورساق ، مېھرى – شەپقەتلىك خاراكتېرى ئۇنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . ئۇ جىمى ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى دىنغا باغلايدۇ ، بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىپ ئۆزى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئېتىقادىنى ئىسپاتلىشىنى كۈتىدۇ . ھالبۇكى ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۆجىزە يۈز بېرىش بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى . سانگېر ئۆز ئېتىقادى سەۋەبلىك قاتتىق پۇچۇلىنىدۇ ، توغرىراقى ئۈمىدسىزلىك دەستىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ . بيورنسون چىن رېئاللىق ئەكس ئېتىدىغان بۇ زامانىۋى دراممىسىدا كۈچلۈك جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە باش تېمىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن . گەرچە دراممىنىڭ ۋەقەلىكى «پۈتۈنلەي ئويدۇرما» بولسىمۇ ، لېكىن نوردلەندنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ دراممىدا پېرسۇناژلارنىڭ يارىتىلىشى ، سەھىنە سۆزىنىڭ لايھىلىنىشى ۋە ئىخچام درامماتىك قۇرۇلما كىشىگە راسىتتەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ . دراممىدىكى كەيپىيات ئېتىقاد بىلەن شۈبھىلىنىش ، ئۈمىد بىلەن تەشۋىش ، يۇمۇر بىلەن سالماقلىق ئارىسىدا قايتا – قايتا تەكرارلىنىدۇ . جىددىيلىشىش بىلەن ئىنتىزارلىق كەيپىياتى بارا – بارا كىشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغان ھالەتكە ئۆزگىرىپ ، كىشىنى ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ . بيورنسون ئاۋامنىڭ ئېتىقادىغا يەنە جەڭ ئېلان قىلىدۇ . بۇ درامما 1894 – يىلى پارىژدا تۇنجى قېتىم ئوينالغان ، 1899 – يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن نورۋېگىيە ۋە دانىيە سەھىنىلىرىدە ئوينىلىشقا باشلىغان . 1895 – يىلى ئۇ ھازىرقى زامان سىنىپىنىڭ كۈرىشىنى تېما قىلىپ ، « ئىنسان ئاجىز كېلىدۇ »(beyond human might )ناملىق چوڭ تىپتىكى دراممىنى ئىجاد قىلىدۇ . دراممىنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى زىددىيەتلىك تۈس ئالغان . ئىككى تەرەپ بىر – بىرى بىلەن ناھايىتى كەسكىن توقۇنىشىدۇ ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئىشچى بىلەن شەپقەتسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان زاۋۇت خوجايىنى قاتتىق تىركىشىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قاراشلىرى بىر – بىرىگە زىت بولۇپ ، بىر تەرەپ ئىنقىلاب قىلىشنى ياقلايدۇ ۋە خىيالپەرەسلەرچە ھۆكۈمەتسىزلىككە چوڭ ئۈمىد باغلايدۇ ، يەنە بىر تەرەپ بولسا نىچىشى تەرغىپ قىلغان «ھۆكۈمرانلار ئەخلاقى» نى تەشەببۇس قىلىدۇ .
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۇرۇپ مۇشۇ مىللىي شائىرنى ، ۋەتىنىڭىزنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئەسلىگىنىڭىزدە ، ئۇنىڭ <ئاي شولىسىدىكى مۇڭلۇق كۈي> ىنىڭ مېلودىيىلىرى يۈرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا جاراڭلايدۇ. »
ئو . ۋېلسون
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1857 – يىل : «جەڭگاھتا» ، تارىخىي درامما ؛ «قوياش نۇرىغا چۆمۈلگەن تاغ» ، «سىنوف سۇباكىن» ، رومان ؛
1859 – يىل : «ئالنا» ، رومان ؛
1860 – يىل : «بىر خۇشال بالا» ، رومان ؛ 1861 – يىل :
«پادىشاھ سىفانىل» ، تارىخىي درامما ؛ 1862 – يىل : «رەزىل پادىشاھ سېگرت»، تارىخىي درامما ؛
1864 – يىل : «شوتلاندىيە ئايال پادىشاھى مارى سىتۇئارت» ، تارىخىي درامما ؛
1868 – يىل : «بېلىقچىنىڭ قىزى» ، رومان ؛
1872 – يىل : «پادىشاھ سېگرت» ، سەھىنە ئەسىرى ؛
1875 – يىل : «تەھرىرلىك» ، «ۋەيران بولۇش» ، زامانىۋى درامما ؛
1877 – يىل : «ماگنسىرد» ، ھېكايە ؛ «پادىشاھ» ، سەھىنە ئەسىرى ؛
1879 – يىل : «نىئاننادا» ، سەھىنە ئەسىرى ؛ «يېڭى تۈزۈم» ؛
1883 – يىل : « بىر قول جەڭگە ئۈندىمەكتە » ، سەھىنە ئەسىرى ؛ « ئىنسان ئاجىز كېلىدۇ » ؛
1889 – يىل : «تەڭرى يولى» ، رومان ؛
1901 – يىلى : «رابرېموس» ، سەھىنە ئەسىرى ؛
1902 – يىلى : «راند دېھقانچىلىق فېرمىسى» ؛
1906 – «مارى» رومان ؛ «ئۈزۈمزاردا گۈل ئېچىلغاندا» ، سەھىنە ئەسىرى ؛
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11549