پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

زىسلاۋ مىلوش يىلنامىسى

1980- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: زىسلاۋ مىلوش يىلنامىسى

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

زىسلاۋ مىلوش (Czeslaw Milosz) ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى پولشا يازغۇچىسى، تەرجىمان، نەزەرىيەشۇناس. سزېتېينىيېدە تۇغۇلۇپ ۋىلنودا چوڭ بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيە ئارمىيەسى پولشاغا تاجاۋۇز قىلغاندا قارشىلىق تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان. 1951- يىلى پولشانىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەندىن باشلاپ پولشا ھۆكۈمىتى بىلەن ئادا- جۇدا بولۇپ، سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1962- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شۆبە مەكتىپى سىلاۋىيان تىل- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1978- يىلى كىچىك نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان نۇسدات خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1980- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. برودسكى ئۇنى «دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ بىرى ياكى شائىرلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى» دەپ ئاتىغان.

مىلوشنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قىشتىكى سائەت» (شېئىرلار توپلىمى)، «ئېقىنغا يۈزلىنىش» (شېئىرلار توپلىمى)، «ئاجراپ كەتكەن خاتىرە»(شېئىرلار توپلىمى)، ئاسارەتلەنگەن كاللا (سىياسىي ئوبزورلار توپلىمى)، «ئىسسا جىلغىسى» (رومان)، «پولشا ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىقلار بار.

1911- يىل

30- ئاپېرىل لىتۋانىڭ سزېتېين دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. پولشا 1918- يىلى مۇستەقىل دۆلەت بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ رايون ئىزچىل لىتۋالىقلار، پولشالىقلار ۋە رۇسلارنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى ئىدى. مىلوش تۇغۇلغاندا بۇ رايون رۇسىيە ئىمپېرىيەسىگە تەۋە ئىدى. دادىسى بىر ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئىنژېنىرى بولۇپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ئىمپېرىيىە ئارمىيەسىگە ھەربىيلىككە تۇتۇلۇپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ رۇسىيەنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەن.

1918- يىلى

ئاتا- ئانىسىغا ئەگىشىپ لىتۋاغا بېرىپ، مۇنتىزم تەربىيە ئېلىشقا باشلىغان.

1930- يىلى

لىتۋانىڭ مەركىزى ۋېرنودىكى سىتىفان باتورى پادىشاھلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇن ئوقۇغان.

1931- يىلى

ئىككى ساۋاقدېشى بىلەن بىرلىكتە پارىژنى ساياھەت قىلغان. كېيىن شۇ ساياھىتىنى خام ماتېرىيال قىلىپ «غەربكە سەپەر» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان.

1932- يىلى

«بەختسىزلەر مەزھىپى» شائىرلار تەشكىلاتىنى قۇرغان.

1933- يىلى

«مۇز دەۋرىدىكى بىر پارچە شېئىر» ناملىق رىسالىسى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

1934- يىلى

ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پولشا مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ پارىژغا بېرىپ بىر يىل ئوقۇغان.

1936- يىلى

ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «3 قىش» نەشر قىلىنغان. ۋارشاۋادا پولشا تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.

1939- يىلى

ناتسېستلار ئارمىيەسى پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، مەخپىي يېزىقچىلىق قىلغان ھەمدە «مۇستەقىللىق ناخشىسى» ناملىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەزمۇن قىلىنغان تاللانما شېئىرلار توپلىمىنى تۈزۈپ نەشردىن چىقارغان.

1945- يىلى

ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى، يەنى ئىككىنچى شېئىرلار توپلىمى «قۇتۇلدۇرۇش» نەشر قىلىنغان.

1945- يىلىدىن 1950- يىلىغىچە

ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، پولشانىڭ ۋاشنگتون ۋە پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

1951- يىلى

پولشانىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى خىزمىتىنى تەرك ئەتكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن 10 يىل ئىزچىل فىرانسىيەدە ياشىغان ۋە يېزىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى  قامدىغان.

1953- يىلى

«ئاسارەتلىك كاللا» ناملىق ئىدىيىۋى مۇلاھىزىلەر توپلىمى (كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانچە تەرجىمىسىگە پەيلاسوپ كارل جاسبېرس كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن)، «كۈندۈزنىڭ نۇرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ھوقۇق تارتىۋېلىش» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان، بۇ رومانى «ياۋروپا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

1955- يىلى

«ئىسسا جىلغسى» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.

1957- يىلى

«شېئىر ھەققىدە» ناملىق داستانى كىتابچە شەكلىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

1958- يىلى

«چوڭ قۇرۇقلۇق» نەشردىن چىققان.

1959- يىلى

«يەنە بىر ياۋروپا» ناملىق ئاپتوبىيوگىرافىيەسى نەشر قىلىنغان.

1960- يىلى

ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بېرېكلى شۆبە مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىنغان. كېيىنكى يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ سىلاۋىيان تىل- ئەدەبىياتى پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن.

1962- يىلى

«بوپىر شاھ ۋە باشقىلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1964- يىلى

«قەدىمكى جىنلىق كۆۋرۈك» نەشر قىلىنغان.

1965- يىلى

«بوپىرنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1968- يىلى

«يۇرتۇم: ئۆز- ئۆزۈمنى چەكلەش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان. پېتېر دېل سىگتو بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان «ژىبگىنېف ھېربېرت شېئىرلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىنغان.

1969- يىلى

«ئىسىمسىز شەھەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «پولشا ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئەسىرى ۋە «ئۇرۇشتىن كېيىنكى پولشا شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1970- يىلى

ئامرىكا گراژدانلىقىغا ئۆتكەن.

1972- يىلى

«شەخسنىڭ مەجبۇرىيىتى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1973- يىلى

ئامېرىكا شائىرلىرى ۋە تەرجىمانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىسمەن شېئىرلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان، شېئىرلىرى بارغانسېرى تونۇلۇشقا باشلىغان. «شېئىرلاردىن تاللانما» نەشر قىلىنغان.

1974- يىلى

«سەھەر قۇياشى كۆتۈرۈلگەندە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى پولەك تىلىغا ھەمدە پولەك تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن پولشا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ شېئىر تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1976- يىلى

گۇگگېنخېيىم فوندى جەمئىيىتىنىڭ شېئىر تەتقىقاتچىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

1977- يىلى

«شېئىرلار توپلىمى»، «ئالىكساندېر ۋات ئوتتۇرا يەر دېڭىزى شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئامېرىكا  مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخىرىي پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1978- يىلى

«قىش سائىتى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. «بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان نوسدات خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، كالىفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى بېركىلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقى (پەخرىي ئەدەبىيات دوكتورى ئۇنىۋانىغا توغرا كېلىدۇ) غا ئېرىشكەن.

1979- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە

ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كېڭىشىگە «تەتقىقاتچى لېكتور» لۇق نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن.

1980- يىلى

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1981- يىلى

پولشا لۇببۇر كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى چارلىز ئىللىيوت نوتتون لېكىسىيەسىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن. «شېئىرنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق نۇتۇقلار توپلىمى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 1983- يىلى نەشر قىلىنغان. «ئۈنچىگە مەدھىيە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1982- يىلى

ئامېرىكا ئەدەبىيات- سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان.

1983- يىلى

«سان فرانسىسكو دېڭىز قولتۇقى خىياللىرى» ناملىق ھېسبايانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1984- يىلى

«ئاجراپ كەتكەن خاتىرە» ناملىق تاللانما شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1985- يىلى

«ئۇرلونىڭ زېمىنى» نەشر قىلىنغان. رىئوناردو ناسان بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلغان «شادىمان ئىت قۇيرۇقى: ئاننا سىۋېل شېئىرلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىنغان.

1986- يىلى

«يېتىپ بارغىلى بولمايدىغان جاي» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1988- يىلى

«1985- 1987- يىللاردا يېزىلغان يېڭىچە شېئىرلار»، «1931- 1987- يىللاردا يېزىلغان شېئىرلار» ناملىق شېئىرى توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

1989- يىلى

سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم لىتىۋاغا قايتىپ كەلگەن.

1991- يىلى

«كوچامدىن باشلايلى» ناملىق رومانى، «تاشقىي ئۆلكە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1992- يىلى

پولشاغا قايتىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل كراكوفتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

1994- يىلى

«ئوۋچىنىڭ بىر يىلى» ناملىق كۈندىلىك خاتىرىسى نەشر قىلىنغان.

1995- يىلى

«ئېقىنغا يۈزلىنىش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1996- يىلى

دۇنيا شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزگەن «يارقىن شەيئىلەر كىتابى» نەشر قىلىنغان.

1997- يىلى

شېئىرىيەت شەيداسى توماس موتتون بىلەن يېزىشقان خەت- چەكلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

1998- يىلى

«يول بويىدىكى ئىت» ناملىق ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

2001- يىلى

«مىلوش لۇغىتى» ناملىق ئەسلىمىسى، «تۇرغان يېرىمدىن يولغا چىقىش» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

2002- يىلى

«كونا- يېڭى شېئىرلار توپلىمى: 1931- 2001- يىل» نەشر قىلىنغان.

2004- يىلى

14- ئاۋغۇست كىراكوفتا ۋاپات بولغان. 10- ئايدا مىراس ئەسىرى «ئىككىنچى بوشلۇق: يېڭى شېئىرلار توپلىمى» نەشر قىلىنغان.

«مىلوش لۇغىتى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11137

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-05
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدىبلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: