پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (33- باب)

تولغان بەدەن

رومان

مويەن

(2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  

ئوتتۇز ئۈچىنچى باب

باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش كۆرگەزمىسى چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلغان ئوقۇغۇچىلار دەرۋازىنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپلا گويا بىرى بۇيرۇق بەرگەندەك ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى. نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى ـــ دالەن باشلانغۇچ مەكتىپى كېڭەيتىلىپ شەرقىي شىمال گاۋ مى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنىدى ـــ نىڭ يىغىسى پۈتۈن كوچىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى. يېڭى كەلگەن مەكتەپ مۇدېرى چېركاۋ دەرۋازىسىنىڭ تاش پەلەمپىيىدە تۇرۇپ يات تەلەپپۇزدا ۋارقىراپ تۇرۇپ ۋەز ئېيتماقتا ئىدى:

ـــ ساۋاقداشلار، ساۋاقداشلار، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىڭلار، سەۋرى قىلىڭلار!ـــ مەكتەپ مۇدېرى كۈلرەڭ قولياغلىقىنى چىقىرىپ ئاۋۋال كۆزىنى ئېرتتى، ئاندىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ مارتتىدە بىرنى مىشقىردى.

يىغىدىن ئاران توختىغان ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە چېركاۋغا بىر- بىرلەپ كىرىپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشتى. ئوقۇغۇچىلار ھاك بىلەن سىزىپ قويۇلغان كاتەكنىڭ ئىچىدە تام ياقىلاپ مېڭىپ ھالقا بولۇپ تۇردى. تامغا رەڭگارەڭ سىياھلار بىلەن سىزىلغان رەسىملەر قاتىرىسىغا ئېسىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەممە رەسىمنىڭ ئاستىغا چۈشەندۈرۈشى يېزىلغانىدى.

تۆت ئايال چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ھەر بىرى قولىغا بىردىن تاياقنى ئېلىپ تامنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا ئۆرە تۇراتتى.

بىرىنچى چۈشەندۈرگۈچى بىزنىڭ مۇزىكا مۇئەللىمىمىز جى چيوڭجى ئىدى، ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىنى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر جازا بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭ چېھرى ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، ناھايىتى مەيۈس كۆرۈنەتتى؛ ئويناپ تۇرىدىغان چىرايلىق، چوڭ- چوڭ قوي كۆزلىرى ئۆلۈكنىڭكىدەك گۈنسىز كۆرۈنەتتى. يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن رايون باشلىقى يەلكىسىگە مىلتىق ئاسقىنىچە باستېر مالويانىڭ ۋەزخانلىق قىلىدىغان مۇنبىرىدە ئۆرە تۇراتتى. جى چيوڭجى مۇئەللىم زاكۇن تايىقى بىلەن سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇماقتا ئىدى.

ئالدىدىكى ئون نەچچە پارچە رەسىمدە شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىجتىمائىي ئەھۋالى چۈشەندۈرۈلگەنىدى. كەينىدىكى بىر پارچە رەسىمدە بىر- بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن بىر توپ زەھەرلىك يىلاننىڭ قىپقىزىل خەتلەرنى قۇسۇۋاتقان رەسىمى كىرىشتۈرۈلگەنىدى. زەھەرلىك يىلاننىڭ بېشىدا ئىسىمى يېزىقلىق ئىدى. ئارىسىدىكى بېشى ئاجايىپ يوغان بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ ئۈستىگە سى ماكۇ بىلەن سى ماتىڭنىڭ دادىسىنىڭ ئىسىمى يېزىقلىق ئىدى.

ـــ مانا مۇشۇ قان شورىغۇچى زەھەرلىك يىلانلارنىڭ شەپقەتسىزلەرچە تالان- تاراجلىرى دەستىدىن،ـــ جى چيوڭجى بوغۇق ئەمما راۋان ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلماقتا ئىدى،ـــ شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىدىكى خەلق مۇدھىشلىق ئىچىدە ياشىغان، ئات- ئېشەكتىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالغان.

ئۇ قولىدىكى تاياق بىلەن بىر پارچە رەسىمدىكى ئەسكى سىۋەت كۆتۈرۈپ، تىلەمچىلىك ھاسىسى سۆرىۋالغان، چىرايى تۆگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر موماينىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى. ئورۇقلۇقىدىن بەئەينى مايمۇننى ئەسلىتىدىغان بىر قىزچاق موماينىڭ يىرتىلىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن كىيىمىنىڭ پېشىگە ئېسىلىۋالغانىدى. رەسىمنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن قارا ئۈزۈك سىزىقلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، پەسكە لەيلەپ چۈشۈۋاتقان بىر نەچچە تال يۇپۇرماق شۇ چاغنىڭ زىمىستان سوغۇق ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى.

ـــ تالايلىغان كىشىلەر قەھەتچىلىككە چىدىماي ئىللىق ئۆيىدىن، يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ جان باققان؛ پومشىچىكلارنىڭ غالجىر ئىتلىرىغا تالىنىپ پاچاقلىرى قىپقىزىل قانغا بويالغان.

جى چيوڭجى شۇنداق دەۋېتىپ قولىدىكى تاياقنى ئىككى قاناتلىق قاپقارا دەرۋازىسى قىيا ئېچىلغان، دەرۋازىنىڭ بېشىدىكى تاختىغا ئالتۇن ھەل بىلەن «فۇ شېڭتاڭ قەسىرى» دەپ خەت يېزىلغان باشقا بىر رەسىمگە سۈرۈپ ئاپاردى. دەرۋازىنىڭ قىيا ئېچىلغان يوچۇقىدىن قىزىل پۆپۈكلۈك تەقەي دوپپا كىيىۋالغان بىر باش ماراپ تۇراتتى، بۇ ئەلۋەتتە پومشىچىكنىڭ زورلۇق- زۇمبۇرلۇقتا ئۇچىغا چىققان ئەركە نايناق ئىت خۇي بەگزادىسى ئىدى. ئەجەبلىنەرلىكى، پومشىچىكنىڭ بۇ بەگزادىسى يۈزلىرى سىرلاپ قويغاندەك ئاجايىپ يۇمران، كۆزلىرى نۇرلۇق، تولىمۇ ئوماق سىزىلغانىدى. قەۋەتلا يوغان بىر سېرىق ئىت ھەدەپ بىر بالىنىڭ پاچىقىنى چىشلەۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ شا كوۋزى كەنتىلىك بولۇپ، يېشى 17ـــ 18 ياشلاردا بار ئىدى، ھازىر ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىگە يىغلايدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ قىزىقسىنىش ئىلىكىدە ئۇنىڭغا نەزەرىنى ئاغدۇرۇشتى. بىر ئادەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلىشى بىلەن جى چيوڭجىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى توختاپ قالدى. ئۇ قولىدىكى تاياقنى تۇتقىنىچە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى. باش بولۇپ شۇئار توۋلىغان ھېلىقى كىشى قورقۇنچلۇق ئاۋازدا ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقمايتتى، كۆز ئالمىسى قىزغۇچ سىزىقچىلار بىلەن تولغانىدى. كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا يېنىمدىكى ساۋاقداشلىرىمغا قارىدىم، ئۇلارمۇ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتى؛ ئۇلارنىڭ يىغىسى گويا دېڭىز دولقۇنىدەك بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسلەيتتى. مەكتەپ مۇدېرى كۆزگە چېلىقىدىغان بىر يەردە تۇرۇپ قولياغلىقى بىلەن يۈزىنى توستى- دە، ئوڭ مۇشتۇمى بىلەن مەيدىسىگە گوم- گوم مۇشتلىدى. سول تەرىپىمدە تۇرغان جاڭ جوڭگۇاڭنىڭ سەپكۈن بېسىپ كەتكەن يۈزىگە شالۋاقلىرى سۇۋۇشۇپ قالغانىدى، ئۇمۇ مەيدىسىگە قوش قوللاپ شاپىلاقلايتتى، ئوزايىدىن ئۇنىڭ غەزەبلىنىۋاتقان ياكى ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئائىلە تەركىبى ياللانما دېھقان ئىدى، ئەمما ئازادلىقتىن بۇرۇنقى  دا لەن بازىرىدا ياللانما دېھقاننىڭ بۇ ئوغلىنى جىق كۆرەتتىم. ئۇنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ ماڭىدىغان، قىمارۋازلىق بىلەن جېنىنى جان ئېتىدىغان دادىسى قوش قوللاپ كۆتۈرۈۋالغان، يېڭى نېلۇپەر ياپرىقىقىغا يۆگەلگەن قىزارتىپ پىشۇرۇلغان چوشقا گۆشىنى ھەر قەدەمدە بىر چىشلەم يەيتتى، چوشقا مېيى يېپىشىپ قالغان ئىككى قوۋۇزى پىشانىسى بىلەن قوشۇلۇپ پار- پار پارقىرايتتى. ئوڭ يېنىمدا تۇرغان تولغان قىزچاق ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقىنى يانغا قىيسايتىۋالغانىدى، قولىنىڭ بارماقلىرى كىشىگە بەئەينى يېڭى چۈشكەن ساپسېرىق يۇمران زەنجىۋىلنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ ئىسىمى دۇ جېڭجېڭغۇ دەيمەن. لېكىن ھەممىمىز ئۇنى دۇ ليۇليۇ دەپ چاقىراتتۇق. ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسۇپ كەپتەر بۇقۇلدىغاندەك بۇق- بۇق قىلىپ يىغلىماقتا ئىدى، ئوماق جانۋارلارنى ئەسلىتىدىغان، بۇدرۇققىنە كەلگەن ئىككى باش بارمىقى چوشقا كۈچىكىنىڭ قۇيرۇقىدەك لىك- لىك مىدىرايتتى؛ قاپقارا، خۇنۇك بىر دەستە نۇر ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە خېلى جىق ساۋاقداشلار كۆز- ياشلىرىنى سەلدەك ئېقىتىپ ھەقىقىي يىغلاۋاتاتتى. ھەممەيلەن كۆز يېشىنى بەك قەدىرلەمدۇ قانداق، ھېچقايسىسىنىڭ مەڭزىگە دومىلاپ چۈشكەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىشكە كۆزى قىيمايتتى. كۆزۈمدىن ھېچ ياش چىقاي دېمەيتتى. لېكىن مۇنداقلا سىزىپ قويۇلغان بىر نەچچە پارچە رەسىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ قەلىبىنى راستىنلا لەرزىگە سالالىغانمىدۇ؟ ھەر قانچە ئويلىساممۇ بۇنىڭغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيتتى. يىغلىمىغىنىمنى بەك چاندۇرۇپ قويساممۇ بولمايتتى، چۈنكى قاپاقلىرى مۇشتۇمدەك تۈرۈلۈپ كەتكەن دۇ ليۇليۇ ماڭا ھېلىدىن ھېلىغا لاپ- لاپ قىلىپ قاراپ قويۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ ماڭا ناھايىتى ئۆچ ئىكەنلىكىنى بېلەتتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن سىنىپتا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم. كەچكۇرستا ئوقۇۋاتقان چاغ ئىدى، بىر كۈنى كەچتە جىنچىراغ يورۇقىدا ئۇنىڭ گىڭىلداپ تېكست ئوقۇغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، تال چىۋىقتەك بارماقلىرى بىلەن يوتامنى تۇيدۇرماي سىيلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم. قورققىنىمدىن ئورنۇمدىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتىم، دەرسخانىنىڭ ئىنتىزامىنى بۇزۇۋەتكىنىم ئۈچۈن مۇئەللىمدىن دەشنام يېدىم، شۇنىڭ بىلەن بولغان ئىشنى ئەينەن دەۋەتتىم. بۇ قىلغىنىم بەكلا ئېشىپ كەتكەنىدى، ئوغۇلبالا بولغاندىكىن قىز بالا سىيلاپ قويسا رەت قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى. رەت قىلساممۇ شۇنچە كۆپ ساۋاقداشلارغا ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى يېيىۋەتسەم بولمايتتى. بۇ، مەن نەچچە ئون يىلدىن كېيىن تونۇپ يەتكەن يەكۈن ئىدى. بۇ ئىشىم ئۈچۈن ھېلىھەم ئۆكۈنىمەن. نېمىشقا . . . لېكىن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ گۆشلۈك قۇرتتەك لۆمۈلدەۋاتقان بارماقلىرىدىن دېمىسىمۇ بەكلا قورققان، سەسكەنگەنىدىم. بۇ قىلىقىمدىن ئۇ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمايلا قالدى. ھېلىمۇ ياخشى كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتى بولغاچقا جىنچىراغنىڭ يورۇقى ناھايىتى غۇۋا ئىدى، جىنچىراغ ھەر بىرەيلەننىڭ ئالدىدىكى تاۋۇز چوڭلۇقىدەك يەرنى ئاران يورۇتۇپ تۇراتتى. كەينىدە ئولتۇرغان ئوغۇللار پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ: «مەن قەستەن قىلمىدىم، مەن ئۇنىڭ ئۆچۈرگۈچىنى تۇتۇپ باقاي دېگەنىدىم . . . » دېدى. مەن تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: «ياق، ئۇ قەستەن شۇنداق قىلدى، يوتامنى مۇتىۋالدى» دېدىم. «شاڭگۈەن جىنتوڭ، ئاغزىڭنى يۇم!» بىزگە مۇزىكا دەرسىدىن باشقا تىل- ئەدەبىيات دەرسىنىمۇ قوشۇمچە بېرىدىغان جى چيوڭجى مۇئەللىمنىڭ قاتتىق توۋلىشى بىلەن جىممىدە تۇرۇپ قالدىم. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇ ليۇليۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدىم. بىر قېتىم سومكامدىن پاتمىچۇقنىڭ ئۆلۈكى چىقتى، بۇنى سومكامغا شۇنىڭ سېلىپ قويۇشىدىن گۇمانىم بار ئىدى. مانا بۈگۈنكىدەك شۇ قەدەر سۈرلۈك بىر سورۇندا يالغۇز مېنىڭلا كۆزۈمدىن ياش چىقمىغانىدى، يۈزلىرىم شالۋاقلىرىم بىلەنمۇ بۇلغانمىغانىدى، بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئەگەر دۇ ليۇليۇ مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئىنتىقام ئېلىپ قالسا . . . ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن قوللىرىم بىلەن يۈزۈمنى ئەتتىم، ئاغزىمنى كالچارىتىپ يالغاندىن يىغلىماقچى بولدۇم، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ يىغلىيالمىدىم.

جى چيوڭجىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازى جىمى يىغا- زارە ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى:

ـــ ئەكسىلئىنقىلابچى پومشىچىكلار سىنىپىنىڭ تۇرمۇشى ئەيىش- ئىشرەت، راھەت- پاراغەت ئىچىدە ئۆتەتتى. سى ماكۇ ئۆزى يالغۇز بىر جېنىغىلا تۆت خوتۇن ئالغان!ـــ ئۇ قولىدىكى تاياق بىلەن بىر رەسىمنى زەردە بىلەن نوقۇدى. رەسىمدە سى ماكۇنىڭ بېشى چوشقىغا، بەدىنى ئېيىققا ئوخشىتىپ سىزىلغان، ئۇزۇن، قاپقارا تۈك بېسىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن تۆت ئالۋاستىنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى: سول يېنىدىكى ئىككىسىنىڭ بېشى ئادەمگە، گەۋدىسى يىلانغا ئوخشايتتى؛ ئوڭ يېنىدىكى ئىككىسىنىڭ قوڭىدا سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، پاخپىيىپ كەتكەن ساپسېرىق قۇيرۇقى بار ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدە يەنە بىر توپ ئالۋاستىلار بار ئىدى. بۇ ئالۋاستىلار ئېنىقلا سى ماكۇدىن كۆپەيگەن ئەۋلادلار ئىدى. مېنىڭ نەزەرىمدىكى ئۆسمۈر قەھرىمان سى مالياڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بار ئىدى. سى مالياڭ قېنىكىنە؟ چېكىسىدە مۈشۈكنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈچبۇرجەك قۇلىقى بار مۈشۈك جىن شۇمىدۇ ياكى تۇمشۇقى ئۇچلۇق، قىزىل تون كىيىپ ئىككى تال ئاۋاق پەنجىسىنى سۆرەپ يۈرگەن چاشقان جىن شۇمىدۇ؟ دۇ جېڭجېڭنىڭ ماڭا سۆرۈن تەلەتى بىلەن لاپپىدە يەنە بىر قارىغىنىنى سېزىپ قالدىم.

ـــ سى ماكۇنىڭ تۆتىنچى خوتۇنى شاڭگۈەن جاۋدى،ـــ جى چيوڭجى تاياق بىلەن تۈلكە قۇيرۇقىنى سۆرىۋالغان ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئەمما ھېسسىياتسىز ئاۋازدا گېپىنى داۋام قىلدى،ـــ ئاجايىپ ئېسىل نازۇ- نېمەتلەرنى تويغۇدەك يېگىنى ئاز كەلگەندەك، يەنە تېخى مەخسۇس سېرىق پۇتلۇق چۈجە خورازنىڭ پۇتىدىكى سېرىق تېرىنى يەيدىغان ئادەتنى چىقىرىۋالغان. سى ماكۇ ئائىلىسىنىڭ ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بوغۇزلىغان سېرىق پۇتلۇق چۈجە خورازلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن!

قىپقىزىل تۆھمەت! ئىككىنچى ئاچام قاچان سېرىق پۇتلۇق چۈجە خورازنىڭ پۇتىدىكى سېرىق تېرىنى يەپ باققان؟ ئىككىنچى ئاچام ئەزەلدىن توخۇ گۆشى يېمەيتتى. سى ماكۇ ئائىلىسىدە چۈجە خورازلارنىڭ ئۆلۈكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىشمۇ يوق. ئۇلارنىڭ ئىككىنچى ئاچامغا قىلىۋاتقان ئاھانەتلىرى ماڭا قاتتىق ئەلەم بولدى، قەلبىمدە ئېيتقۇسىز غەزەب- نەپرەت ئۆركەشلىدى. مۇرەككەپ مەنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن كۆز ياشلىرىم چاناقلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك دومىلاشقا باشلىدى. كۆز ياشلىرىمنى پىخسىقلىق قىلىپ تۇرماي ھەدەپ ئېيتاتتىم، لېكىن كۆز ياشلىرىم ئەركىمگە بويسۇنماستىن بۇلدۇقلاپ تۆكۈلگىنى تۆكۈلگەن ئىدى.

جى چيوڭجى چۈشەندۈرىدىغاننى چۈشەندۈرۈپ بولۇپ بىر يانغا ئۆتتى، بايىدىن بېرى تولا كاپىلدىغاچقىمىكىن، ئېغىر- ئېغىر پۇشۇلدايتتى. ئارقىدىن ئۆلكە شەھىرىدىن يېڭىلا يۆتكىلىپ كەلگەن سەي فامىلىلىك بىر ئايال مۇئەللىم داۋامىنى سۆزلەشكە باشلىدى. قاشلىرى ئىنچىكە، ياپما قاپاق كەلگەن بۇ مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى تولىمۇ زىل ئىدى. ئۇ گېپىنى باشلا- باشلىمايلا كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. ئەمدى ئاڭلايدىغىنىمىز تېمىسىدىنلا غەزەب- نەپرەت پۇراپ تۇرىدىغان «يۇرتىغا قايتقان تۈەننىڭ پەلەككە يەتكەن جىنايەتلىرى» دېگەن مەزمۇن ئىدى. ئۇ ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى بىجاندىل ئورۇندىۋېتىدىغان ئەلپازدا، گويا خام سۆز ئۆتۈۋاتقاندەك بىر سىياقتا قولىدىكى تاياق بىلەن رەسىمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان ماۋزۇدىكى خەتلەرنى بىردىن بىردىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇدى. بىرىنچى پارچە رەسىمدە مۇنۇلار سىزىلغانىدى: ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۈرجەكتە بىر توپ قارا بۇلۇت ئۈزۈپ يۈرەتتى، قارا بۇلۇت ئارىسىدا بىر تال ھىلالئاي گىرىمسەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سول تەرەپ بۈرجەكتىكى قاپقارا دەرەخ يۇپۇرماقلىرىدا نەچچە تال قارا يىپ ساڭگىلاپ تۇراتتى. لېكىن رەسىمدە ئىپادىلەنگىنى زىمىستان قىشنىڭ ئىزغىرىن شامىلى بولماستىن، بەلكى كۈز شامىلى ئىدى. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان ھىلالئاي ئاستىدا كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىدىكى جىمى رەزىللىكنىڭ مەنبىئى سى ماكۇ ئۇچىسىغا ھەربىيچە چاپان كىيگەن، بىقىنىغا تاپانچا قېپى ئاسقان، كاماردەك ئېچىلىپ تۇرغان كالاچ ئېغىزىدىن ھىرساي چىشلىرى ماراپ قان تامچىپ تۇرىدىغان قىپقىزىل تىلى ساڭگىلاپ تۇرغان، دەريادەك كەڭ يېڭىدىن چىقىپ تۇرغان چەپ قولىدا بايىلا بىر ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان، قان تامچىلاپ تۇرغان قىڭراق، ئوڭ قولىدا تاپانچا تۇتۇۋالغان، تاپانچىسىنىڭ سىتىۋۇلىدىن ئوق چىقىۋاتقان ھالەتتە سىزىلغانىدى. ئۇ قوڭىغا ئىشتان كىيمىگەنىدى، ھەربىيچە چاپىنىنىڭ پېشى يەردە سۆرۈلۈپ يۈرىدىغان بۆرە قۇيرۇقىغىچە ساڭگىلاپ تۇراتتى. بەدىنىنىڭ تۆۋەن يېنى زىيادە ناھايىتى قاۋۇل، توم سىزىۋېتىلگەن بولۇپ، بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى بىلەن زادىلا ماس كەلمەيتتى، لېكىن پەنجىسى ئىت ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ پەنجىسىگە ئوخشىتىپ سىزىلغانىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن بىر توپ ۋەھشىي، بەدبەشرە مەخلۇقلار ئەگىشىپ يۈرەتتى، بۇ مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بوينىنى تىك كۆتۈرۈپ قىزىل رەڭلىك زەھەرلىك كۆزەينەكلىك يىلان پۈركىمەكتە ئىدى.

ـــ مانا بۇ ـــ شا لياڭزى كەنتىدىكى ئەكسىيەتچى باي دېھقانلارنى دائىم ئۆلتۈرۈش يولى،ـــ دېدى سەي مۇئەللىم زاكون تايىقى بىلەن كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ـــ مانا ماۋۇسى،ـــ ئۇ بىر ياۋا ئىتنى كۆرسەتتى،ـــ شا كوۋزى كەنتىدىكى زومىگەر پومېشچىك دۇ جىنيۈەن بولىدۇ.

دۇ جىنيۈەن قان بىلەن قىپقىزىل بويالغان بۆرە چىشلىق كالتىكىنى سۆرىۋالغانىدى، يېنىدا ۋاڭ جياچيۇلۇق بۇزۇق ئەسكەر خۇ رىكۇي تۇراتتى. ئۇنىڭ تۇرۇقى ئادەم؛ سوزۇنچاق، ئاۋاق يۈزى بەئەينى قېچىرنىڭ ئۆزىلا ئىدى. لياڭ شيەندۇنلۇق ئەكسىيەتچى باي دېھقان ما چىڭيۈن بەئەينى پالاكەت ئېيىققىلا ئوخشايتتى. قىسقىسى، بىر توپ ۋەھشىي مەخلۇقلار سى ماكۇنىڭ يېتەكلىشىدە قولىغا ئۆتكۈر قوراللارنى ئېلىپ، ئادەم يەيدىغان ئەلپازدا شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىدى.

ـــ يۇرتقا قايتقان تۈەن ئەسەبىيلەرچە سىنىپىي ئۆچمەنلىك يۈرگۈزگەن. ئۇلار قىسقىغىنە ئون كۈن ئىچىدە كىشىنى دەرغەزەپ قىلىدىغان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېچىنىشلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ 1388 كىشىنى ئۆلتۈرگەن،ـــ ئۇ زاكۇن تايىقى بىلەن يۇرتقا قايتقان تۈەننىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن قىلمىشى تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشنى كۆرسەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. بۇ كۆرۈنۈشلەر گويا چوڭايتىلغان دەھشەتلىك قىيىن- قىستاق لۇغىتىنى ۋاراقلىغاندەك كۆز ئالدىمىزدا ئەينەن زاھىر بولۇپ، قەلبىمىزنى قورقۇنچقا سالاتتى. دەسلەپكى بىر نەچچە پارچە رەسىملەردە كاللىسىنى ئېلىش، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەنئەنىۋى ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى تەسۋىرلەنگەنىدى. ئۇنىڭ كېيىنكىسى يېڭىلىق يارىتىش كۆرۈنۈشلىرى ئىدى.

ـــ مانا ماۋۇ تىرىك كۆمۈش،ـــ دېدى سەي مۇئەللىم رەسىمدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ـــ تىرىك كۆمۈش دېگىنىمىز ـــ ئادەمنى تىرىك پېتىلا كۆمۈۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ناھايىتى يوغان بىر ئازگالنىڭ ئىچىدە ئۆڭى توپىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئون نەچچە ئادەم تۇراتتى. سى ماكۇ ئازگالنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ يۇرتىغا قايتقان تۈەن باندىتلىرىنىڭ ئازگال تىندۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى.

ـــ شۇ چاغدا بەختىگە يارىشا ئامان قالغان نامرات دېھقان گو ماشى چوڭ ئانىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ـــ سەي مۇئەللىم رەسىمنىڭ ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇدى،ـــ يۇرتىغا قايتقان تۈەن باندىتلىرى ھېرىپ قالسا تۇتۇلۇپ قالغان ئىنقىلابىي كادىرلار بىلەن ئاممىغا ئازگال كولىتىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنىمۇ قوشۇپ كۆمۈۋېتىدىكەن. كۆكرىكىگىچە كۆمگەندە ئادەم نەپەس ئالالماي قالىدىكەن- دە، كۆكرەك ھېلىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك قاننىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ بېشىغا قاراپ ئاقىدىكەن. بۇ چاغدا يېزىغا قايتقان تۈەن باندىتلىرى ئادەمنىڭ بېشىنى چەنلەپ ئاتىدىكەن، قان مېڭىنىڭ قېتىقى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مېتىر ئېگىزلىككىچە ئېتىلىپ چىقىدىكەن.

رەسىمدىكى كۆرۈنۈشتە بوينىغىچە كۆمۈۋېتىلگەن بىر كىشىنىڭ بېشىدىن قان فونتانغا ئوخشاش رەسىمدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ئۈستۈنكى قىرىغىچە ئېقىپ چىقىپ، گلاس دانچىسىغا ئوخشاش يېيىلىپ پەسكە ساقىپ چۈشكەنلىكىدەك كۆرۈنۈش بار ئىدى. سەي مۇئەللىمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئوزايىدىن بېشى قېيىۋاتقاندەك قىلاتتى. ساۋاقداشلار ئاۋازىنى تىتىرىتىپ يىغلاشماقتا ئىدى. لېكىن بۇ چاغدا كۆزۈمدە يېشىم تۈگەپ قالغان ئىدى. رەسىمدە يېزىپ قويۇلغان ۋاقىت بويىچە بولغاندا، سى ماكۇ يۇرتىغا قايتقان تۈەننى باشلاپ شەرقىي شىمال گاۋ مى يېزىسىدا ۋەھشىيلەرچە قەتلىئام يۈرگۈزۈۋاتقان چاغدا، مەن ئانامغا ئەگىشىپ ئىنقىلابىي كادىرلار، ئاكتىپلار بىلەن بىللە شەرقىي شىمالنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا چېكىنىۋاتقانىدۇق. سى ماكۇ، سى ماكۇ، ئۇ راستىنلا شۇ قەدەر ۋەھشىيمىدۇ؟ سەي مۇئەللىمنىڭ راستىنلا بېشى قېيىپ كەتتىمۇ قانداق، بېشىنى رەسىمدىكى ئادەمنى تىرىك كۆمىدىغان ئازگال بار كۆرۈنۈشكە تىرىۋالغانىدى. يۇرتىغا قايتقان كىچىككىنە بىر تۈەن بىر گۈرجەك توپىنى ئېلىپ سەي مۇئەللىمنى كۆمۈۋەتمەكچى بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرىگە سۈپسۈزۈك تەر تامچىلىرى تەپچىرەپ چىقتى. گەۋدىسى ئاستا- ئاستا پەسكە سىيرىلىۋېدى، تامغا مىق بىلەن ئورنىتىپ قويۇلغان رەسىممۇ ئۇنىڭ بېشى بىلەن تەڭ سىيرىلىپ چۈشتى. ئۇ تامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالدى، رەسىم ئۇنىڭ يۈزىنى توسۇۋالدى، تامدىكى ئاقۇچ توپا رەسىمنىڭ ئۈستىگە شىرىلداپ چۈشۈشكە باشلىدى.

تۇيۇقسىز روي بەرگەن بۇ ئىشتىن ھۆركىرەپ يىغلاۋاتقان ساۋاقداشلار شىپپىدە توختاپ قالدى. رايون كادىرىدىن بىر نەچچىسى يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى سەي مۇئەللىمنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. يۈزىنىڭ يارتىسىنى دېگۈدەك سەپكۈن بېسىپ كەتكەن، بەش ئەزايى بېجىرىم كەلگەن چاپدار يۈز، ئوتتۇرا ياش رايون باشلىقى سۆڭگىچىگە ئېسىۋالغان ياغاچتىن ياسالغان تاپانچا قېپىنى بېسىپ تۇرۇپ سۈرلۈك تەلەپپۇزدا دېدى:

ـــ ساۋاقداشلار، يولداشلار، ئەمدى شا لياڭزى كەنتىدىن كەلگەن نامرات دېھقان موماي گو ماشى بىزگە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىدىن دوكلات بېرىدۇ. گو موما، قېنى مەرھەمەت!

ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ رايون كادىرلىرىغا يۈزلەندى.

كۆپچىلىك گويا داڭلىق بىر ئارتسىتنىڭ سەھنىگە چىقىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك، نەزەرىنى چېركاۋدىن مالويا پوپنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرگىلى بولىدىغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كىچىك ئىشىككە ئاغدۇرۇشتى. زال ئىچى يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا چۆمدى. شۇ تىمتاسلىققا تۇيۇقسىز ھالاقىت بېرىلىپ، ھويلىدىن يۈرەكنى ئەزگۈدەك بىر يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. رايون كادىرىدىن ئىككىسى ئىشىكنى سۆڭگىچى بىلەنلا ئىتتىرىپ ئاچتى- دە، گو ماشى موماينى يۆلىگىنىچە كىرىپ كەلدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان گو ماشى يېڭى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ، ئاسمانغا قاراپ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئايانچلىق ئاۋازدا يىغلىماقتا ئىدى. كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بەش مىنۇتتەك يىغلاشتى. موماي يۈزلىرىنى ئېرتىپ، كىيىمىنىڭ پەشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ سۆزىنى باشلىدى:

ـــ بالىلىرىم، بولدى يىغلىماڭلار. يىغلىغانغا ئۆلگەن ئادەم تىرىلىپ قالمايدۇ. ھاياتلار يەنە ياشىمىساق بولمايدۇ،ـــ ئوقۇغۇچىلار يىغىسىنى شاپپىدە توختىتىپ تەڭلا مومايغا قارىدى. ماڭا ئۇنىڭ گەپلىرى ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. موماي سەل قورۇنۇپراق ھودۇقۇش ئىلىكىدە دېدى،ـــ نېمە دېسەم بولار؟ ئۆتكەن ئىشلارنى بولدى تەگەپ يۈرمەي.

موماي كەينىگە شاققىدە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋېدى، شا لياڭزى كەنتىنىڭ ئاياللار مۇدېرى گاۋ خوڭيىڭ يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى ئۇنى توختىۋېلىپ:

ـــ موما، بىز دېيىشىپ بولغانغۇ؟ تۇرۇپلا يەنە ئۆزگىرىپ قالغىنىڭىز نېمىسى؟ـــ دېدى. ئوزايىدىن گاۋ خوڭيىڭنىڭ خېلىلا ئاچچىقى كەلگەندەك تۇراتتى. رايون باشلىقى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئېيتتى:

ـــ موما، يۇرتىغا قايتقان تۈەننىڭ كىشىلەرنى تىرىك كۆمگەنلىكىنىلا سۆزلەپ بېرىڭ. بالىلار بۇنىڭدىن ئوبدان بىر تەربىيە ئېلىۋالسۇن، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ. «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىق ئاسيىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.» بۇ گەپنى لېنىن ئېيتقان جۇمۇ.

ـــ يولداش لېنىنمۇ مېنى سۆزلە دېگەندىكىن، سۆزلىسەم سۆزلەي ئەمىسە،ـــ گو ماشى موماي چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويۇپ دېدى،ـــ شۇ كۈنى ئاخشىمى تولۇنئاي پارلاپ تۇرغان ئايدىڭ ئىدى. شۇ ئاينىڭ يورۇقىدا گۈل كەشتىلىسىمۇ بولاتتى. مەن بۇنداق يورۇق ئايدىڭنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. كىچىكىمدە چوڭلارنىڭ بىر چاغلاردا مالىمانچىلىق بولغان چاغدىمۇ مۇشۇنداق ئاپئاق ئايدىڭ بولغان، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ھېلىلا بىر مالىمانچىلىق بولىدىغاندەك خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم، ئۇيقۇم بىراقلا قاچتى، غەربىي تار كوچىدىكى فۇ شېڭنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاياغ ئەندىزىسى سوراپ كەلمەكچى بولدۇم. ئىشىكتىن چىقىشىمغىلا شياۋ شىزىنىڭ ۋال- ۋۇل پارقىراپ كۆزنى چاقىدىغان قىڭراق كۆتۈرۈپ جىن سەينىڭ خوتۇنى، ئانىسى ۋە ئىككى ئوغلىنى يالاپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. جىن سەينىڭ چوڭ بالىسى ئوغۇل ئىدى، يەتتە- سەككىز ياشلاردا بار ئىدى؛ كىچىك بالىسى قىز بولۇپ، ئىككى يېرىم ياشتىن ئاشقانىدى. مومىسىغا ئەگىشىپ ماڭغان چوڭ بالىسى قورققىنىدىن توختىماي يىغلايتتى؛ كىچىكىنى جىن سەينىڭ خوتۇنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇمۇ قورققىنىدىن قىرقىراپ يىغلايتتى. جىن سەينىڭ بىر بىلىكى ساڭگىلاپ قالغانىدى، دۈمبىسى قىڭراق بىلەن چېپىۋېتىلگەن بولغاچقا ئاپئاق مايلىرى بىلەن قىپقىزىل گۆشلىرى تېشىغا ئۆرۈلۈپ، قارىغان كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. شياۋ شىزىنىڭ كەينىدىن بەستلىك ئادەمدىن يەنە ئۈچى كېلىۋاتاتتى، ئوزايىدىن تونۇشتەكلا كۆرۈنەتتى، قولىدا پىچاق، چىرايىدىن ياۋۇزلۇق تاماتتى. ئۆزۈمنى دالدىغا ئالاي دەپ بولغۇچە شياۋ شىزى دېگەن ھارامتاماق كۆرۈپ قالدى. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن تېخى بىر نەۋرە تۇغقان كېلەتتۇق. «ۋوي، بۇ مېنىڭ ھاممامغۇ؟» دېدى ئۇ. «شىزى، قاچان قايتىپ كەلدىڭ؟» دەپ سورىدىم مەن. «تۈنۈگۈن ئاخشام» دېدى ئۇ. «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» سورىدىم مەن. «ھېچئىش، ماۋۇلارنى ئۇخلايدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي دەۋاتىمەن» دېدى ئۇ. بۇ گەپنىڭ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. شۇڭا: «شىزى، ھەممىسى يېقىن تام قوشنىلار. بۇنچىۋالا قىلغۇدەك ئۇلار ساڭا نېمە قىلغان بولغىيتتى؟» دېدىم مەن. «ئاداۋىتىم يوق، بۇلار بىلەن دادامنىڭمۇ ھېچقانداق ئاداۋىتى يوق، مېنىڭ دادام بىلەن ئۇنىڭ دادىسى تېخى قول بېرىشىپ ئاكا- ئۇكا بولۇشقانلاردىن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ دادامنى دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ ئالتۇنلىرىنى ئېلىۋالغان» دېدى ئۇ. «ۋاي جېنىم جىيەنىم، قېرىندىشىڭنىڭ بېشى تۆرۈكۈپ شۇنداق قىلىپ ساپتۇ. چوڭلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۇنى كەچۈرۈۋەتكىن. پېقىر مەزلۇم ئالدىڭغا تىزلىنىپ ساڭا باش ئۇراي» دېدى جىن سەينىڭ ئانىسى. «ئانا، تىزلانما، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپمۇ يۈرمە!» دېدى جىن سەي. «ئوھوي، جىن سەي، قالتىسقۇ سەن. خېلى ئەركەك تۈكۈڭ بار ئىكەن- ھە ؟ خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇشقا لايىق ئەمەسكەنسەن» دېدى شياۋ شىزى. «بۇ نوچىلىقلىرىڭ نەچچە كۈنگىمۇ بارمايدۇ» دېدى جىن سەي. شياۋ شىزى: «دۇرۇس ئېيتتىڭ، نوچىلىقلىرىمنىڭ سەن دېگەندەك ئون- ئونبەش كۈنلۈكى قالغاندۇ. لېكىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا بۈگۈن ئاخشام يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ» دېدى. مەن ياشقا چوڭلۇقۇمنى پەش قىلىپ تۇرۇپ: «شياۋ شىزى، ئۇلارنى قويۇۋەتكىن. ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، سەندەك جىيەنىمدىن كېچىمەن!» دېدىم. ئۇ سەت بىرنى ئالىيىۋېتىپ: «ئاناڭنى، كىم سېنىڭ جىيەنىڭكەن؟ ئالدىمدا تولا تۇغقانچىلىقنى پەش قىلما. قايسى يىلى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۆلەرمەن چۈجەڭنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ قويغانغا كالتەك بىلەن بېشىمنى يېرىۋەتكەن سەن شۇغۇ» دېدى. مەن: «شىزى، سەن ئادەم ئەمەسكەنسەن» دېدىم. ئۇ ھېلىقى بەستىلىك ئۈچەيلەنگە بۇرۇلۇپ: «بۇرادەرلەر، بۈگۈن نەچچىسىنىڭ جېنىنى ئالدۇق؟» دەپ سورىدى. ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدىن بىرسى: «مۇشۇ ئائىلىنى قوشقاندا دەلمۇ دەل 99 ئادەمنىڭ جېنىنى ئاپتۇق» دېدى. شياۋ شىزى: «ھەي ئەرگە قانمايدىغان بۇزۇق! ئەيبكە بۇيرىمىغىن، سېنى قوشۇپ ئاۋۇ ساننى پۈتۈنلىۋېتەي» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پۈتۈن ئەزايىمغا تىتىرەك ئولاشتى. ماۋۇ ھارامتاماق تېخى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىكەن ئەمەسمۇ! مەن شاققىدە كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ئۆيگە قاراپ بەدەر قاچتىم، لېكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلالمىدىم. شياۋ شىزى دېگەن دەيۈز يۈزىدە تۈكى بار، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاپاسىز نېمىكەن. ئۇ خوتۇنىدىن خەق بىلەن تېپىشىۋالدى دەپ گۇمان قىلىپ، پىلىكى بار گىراناتنى ئوچاقنىڭ ئىچىگە كۆمۈپ قويۇپتۇ. ئۇ كۈنى تازا قېرىشقاندەك ئانىسى ئەتىگەن تۇرۇپ ئوچاقنىڭ كۈلىنى ئادالاۋېتىپ ئۇقۇشماستىن گىراناتنىڭ پىلىكىنى تارتىپ ساپتۇ. بۇ ئىشلار ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ئاتىكاچىلىق قىلىپمۇ جىق زىيان تارتقان مەزلۇممەن. ئۇلار جىن سەينىڭ ئائىلىسى بىلەن مېنى قوشۇپ شا لياڭزىنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپاردى. بەستلىك ئەردىن بىرى گۈرجەك بىلەن ھەدەپ ئازگال كولاۋاتاتتى. يەر قۇملۇق بولغاچقا، كولاشقا جىق كۈچ كەتمەيتتى، ئازگال ھەش- پەش دېگۈچە كولىنىپ بولدى. ئاسماندا يوپيورۇق نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇنئاي كۆزنى قاماشتۇراتتى. يەردىكى جىمى نەرسىنى ئوپئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. ئوت- چۆپ دەمسىلەر، گۈل- گىياھ دەمسىلەر، چۈمۈلە دەمسىلەر، ماڭقاقۇرت دەمسىلەر، جىمى نەرسىنى شۇنداق ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى، بەك ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. شياۋ شىزى قۇم ئازگىلىنىڭ يېنىغا بېرىپ قاراپ قويۇپ: «بۇرادەرلەر، يەنىمۇ چوڭقۇرراق كولاڭلار، جىن سەي دېگەن ماۋۇ ئېشەك جايلىغان گۇينىڭ بويى ئېگىز» دېدى. ئازگال كولىغان ئەر يەنە كولاشقا باشلىدى. قۇم شار- شۇر قىلىپ ئۈستىگە تاشلىناتتى. شياۋ شىزى: «جىن سەي، دەيدىغان گەپلىرىڭ بارمۇ؟» دېدى. جىن سەي: «شىزى، مەن ساڭا يالۋۇرمايمەن. داداڭنىڭ ئۆلۈم ئىشىدا مەنمۇ جىق ئازابلاندىم. داداڭنى مەن ئۆلتۈرمىسەم باشقىلار ھامان ئۆلتۈرەتتى» دېدى. شياۋ شىزى: «دادام تىجەپ يۈرۈپ پۇل يىغىپ، داداڭ بىلەن بىللە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىپ تاپقان ئازراق پۇلىغا بىر قانچە مو يەر ئاچتى. داداڭ شور پىشانە بولغاچقا پۇلىنى ئوغرىغا بەردى. دەپ باقە، دادامنىڭ نېمە گۇناھى بار ئىكەن؟» دېدى. جىن سەي: «يەر ئاچتى، يەر ئاچقانلىق ئۆزى گۇناھ دېگەن شۇ!» دېدى. شياۋ شىزى: «جىن سەي، ۋىجدانىڭ بىلەن گەپ قىل، يەر ئېچىشنى كىم خالىمايدۇ؟ سېنىڭ داداڭ خالىمامدا؟ سەن خالىمامسەن؟» دېدى. جىن سەي: «مەندىن ئۇ گەپلەرنى سورىما. سورىساڭمۇ جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئازگىلىڭنى كولاپ بولدۇڭمۇ؟» دېدى. ھېلىقى ئەر: «كولاپ بولدۇم» دېدى. جىن سەي ئارتۇق گەپ قىلىپ يۈرمەيلا ئازگالغا سەكرىدى. ئازگالنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۇنىڭ بوينىغا كەلدى. ئۇ: «شىزى، مەن بىر نەچچە ئېغىز شۇئار توۋلىۋالاي» دېدى. شياۋ شىزى: «توۋلاۋەر، ئىككىمىز دېگەن ئېغىمىز ئوچۇق، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ يۈرگەن چېغىمىزدىن تارتىپ دوست. ساڭا ساڭا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىمەن. نېمە توۋلىغۇڭ كەلگەن بولسا توۋلاۋەرگىن» دېدى. جىن سەي ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ يارىلانمىغان بىلىكىنى كۆتۈرۈپ قاتتىق توۋلىدى: «كومپارتىيە ياشىسۇن! كومپارتىيە ياشىسۇن!! كومپارتىيە ياشىسۇن!!!» ئۇ ئۈچ قېتىم توۋلاپ توختاپ قالدى. شياۋ شىزى: «توختاپ قالدىڭغۇ؟» دەپ سورىدى. جىن سەي: «توۋلىمايمەن» دېدى. شياۋ شىزى: «يەنە بىردەم توۋلىغىن، ئاۋازىڭ بەك جاراڭلىقكەن» دېدى. جىن سەي: «بولدى، توۋلىمايمەن. ئۈچ قېتىم توۋلىسام كۇپايە» دېدى. شياۋ شىزى جىن سەينىڭ ئاپىسىنى بىرنى ئىتتىرىپ دېدى: «ئەمىسە ياخشى. ھامما، قېنى سىزمۇ چۈشۈڭ!» جىن سەينىڭ ئانىسى پالاققىدە يەرگە تىزلىنىپ شياۋ شىزىگە باش ئۇردى. شياۋ شىزى ھېلىقى بەستلىك ئەرنىڭ قولىدىن گۈرجەكنى تارتىپ ئېلىپ، جىن سەينىڭ ئانىسىنى بىر تۈرتۈپلا ئازگالغا چۈشۈرۈۋەتتى. ھېلىقى پالۋان سۈپەت ئەرلەر جىن سەينىڭ خوتۇنى بىلەن بالىلىرىنىمۇ ئازگالغا ئىتتەردى. بالىلار قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى، جىن سەينىڭ خوتۇنىمۇ يىغلىدى. جىن سەي خاپا بولۇپ: «يىغلاشما، ئاغزىڭنى يۇمۇش، تولا يۈزۈمنى چۈشۈرۈشمە» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن بالىلىرى يىغىدىن توختاپ قالدى. بىر ئەر مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شياۋ شىزىدىن: «ئەترەت باشلىقى، ئۇنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنىمۇ كارىزغا كۆمۈۋېتەمدۇق؟» دەپ سورىدى. شياۋ شىزى جاۋاب بېرىپ بولغۇچە جىن سەي كارىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى: «شياۋ شىزى، بىزنىڭ بىر ئائىلىنى بىر ئازگالغا كۆمىدىغانغا كېلىشىپ بولغان. باشقىلارنى بۇ ئازگالغا ئىتتەرمە!» شياۋ شىزى: «خاتىرەڭنى جەم قىل جىن سەي، كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن. ماۋۇ قېرى دەللىنى ـــ ئۇ ھېلىقى ئەرگە قارىتىپ دېدى،ـــ بۇرادەر، يەنە جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ، كارىزدىن يەنە بىرنى كولىغىن، ئۇنى شۇ كارىزغا كۆمۈۋېتەيلى» دېدى.

ـــ ھېلىقى پالۋان سۈپەت ئەرلەر ئىككىگە بۆلۈندى، بىرى مېنى كۆمىدىغانغا كارىز كولىدى. يەنە بىرى جىن سەي ئائىلىسىدىكىلەر تاشلانغان كارىزنى تىندۇرۇشقا باشلىدى. جىن سەينىڭ قىزى: «ئانا، كۆزۈمگە قۇم كىرىپ كەتتى . . . » دەپ يىغلىدى. جىن سەينىڭ خوتۇنى كەمزۇلىنىڭ ئېتىكى بىلەن قىزىنىڭ يۈزىنى چۈمكەپ قويدى. جىن سەينىڭ ئوغلى كارىزدىن چىقىپ كېتىشكە تىرمىشىۋېدى، ھېلىقى ئەر ئۇنى گۈرجەك بىلەن تۈرتۈپ يەنە چۈشۈرۈۋەتتى. بالا ھۈ تارتىپ يىغلاشقا باشلىدى. جىن سەينىڭ ئانىسى كارىزنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ قالغانىدى، قۇم- توپىلار بىردەمدىلا ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى. جىن سەينىڭ ئانىسى خىرقىراق ئاۋازدا: «كومپارتىيە، ھەي كومپارتىيە، بىز ئانىلار سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلدۇق!» دەپ تىللىدى. شياۋ شىزى: «جېنىڭ ھەلقۇمۇڭغا كەلگەندە چۈشىنىپ يېتىپسەن- دە! جىن سەي، سەن پەقەت: ‹كومپارتىيەنى يوقىتايلى!› دەپ ئۈچ قېتىملا توۋلىساڭ، ئائىلەڭدىكىلەردىن ئىزىڭنى باسىدىغانغا بىر ئادەم قويۇپ قويىمەن. كەلگۈسىدە قەبرەڭگە چىقىپ قەغەز كۆيدۈرۈپ قويىدىغانغا ئادەم چىقىدۇ» دېدى. جىن سەينىڭ ئانىسى بىلەن خوتۇنى تەڭلا جىن سەيگە: «جىن سەي، ھەي جىن سەي، تېز توۋلىغىن، تېز توۋلىمامسەن» دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. جىن سەينىڭ يۈز- كۆزىنى توپا باسقان، ئىككى كۆزى چۆچەكتەك چەكچەيگەن ئىدى. ئۇنى ھەقىقەتەن پولات ئىرادىلىك ئەزىمەت دېيىشكە بولاتتى. ئۇ: «ياق، توۋلىمايمەن» دېدى. «مەيلىڭ، خېلى جىگىرىڭ بار نېمىكەنسەن- ھە!» شياۋ شىزى قايىللىق تەلەپپۇزىدا شۇنداق دېدى- دە، ھېلىقى ئەرنىڭ قولىدىكى گۈرجەكنى يۇلۇپ ئېلىپ قۇم ئۇسۇپ كارىزغا تاشلىدى. جىن سەينىڭ ئانىسى جىمىپ قالدى. قۇم- توپىلار جىن سەينىڭ خوتۇنىنىڭ بوينىغىچە كەلدى، قىزى ئابايىلا كۆمۈلۈپ بولغانىدى. ئوغلىنىڭ بېشىنىڭ چوققىسىلا كۆرۈنۈپ قالغان، ئىككى قولى توپىنىڭ ئارىسىدىن يۇقىرىغا سوزۇلۇپ ھەدەپ توپىنى تۈرتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. جىن سەينىڭ خوتۇنىنىڭ بۇرۇن ۋە قۇلاقلىرىدىن قاپقار قانلار سىرغىپ چىقىشقا باشلىدى، قاپقاراڭغۇ كامارنى ئەسلىتىدىغان ئاغزى ھەدەپ: «شەپقەتسىزلەر، ۋۇ شەپقەتسىزلەر!» دەپ ۋارقىرايتتى. شياۋ شىزى قولىدىكى گۈرجەكنى قويۇپ جىن سەيدىن: «قانداق؟» دەپ سورىدى. جىن سەي قېرى كالىدەك پۇشۇلدايتتى، ئېسىلگەن باشلىرى بەئەينى قاپاققىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇ: «شىزى، مەن بەك ياخشى . . . » دەپ جاۋاب بەردى. شياۋ شىزى: «جىن سەي، كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ ساڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي، ‹گومىنداڭ ياشىسۇن!› دەپ بىر ئېغىز توۋلىساڭلا سېنى چىقىرىۋالىمەن» دېدى. جىن سەي چەكچەيگىنىچە غاراڭ- غۇرۇڭ ئاۋازدا: «كومپارتىيە ياشىسۇن . . . » دېدى. ئەرۋاھى ئۇچقان شياۋ شىزى گۈرجەكلەپ توپا ئېلىپ ئازگالغا تاشلىغىلى تۇردى. ئازگال تىندى، جىن سەينىڭ خوتۇنى بىلەن ئوغلى كۆرۈنمەي قالدى، لېكىن ئۇلار تىرمىشىپ يۈرۈپ توپىلارنى تۈرتۈپ ئاچاتتى، ئۇلارنىڭ جېنى تېخى تولۇق چىقىپ بولمىغانىدى. توپىنىڭ ئارىسىدىن جىن سەينىڭ يوغان كاللىسىلا كۆرۈنۈپ قالغانىدى، قارىغان كىشىنىڭ قورققۇسى كېلەتتى. ئۇ گەپتىن قالدى؛ بۇرۇنىدىن، كۆزلىرىدىن قان چىقىشقا باشلىدى؛ بېشىدىكى قان تومۇرلار ئېسىلىپ پىلە قۇرۇتىدەك يوغىناپ كەتكەنىدى. شياۋ شىزى ئازگال تىندۇرغان توپىلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ بوشاپ قالغان توپىلارنى چىڭداشقا باشلىدى. ئۇ جىن سەينىڭ بېشىنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى- دە: «بۇرادەر، ئەمدى قانداقراق تۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. جىن سەي جاۋاب بېرەلمىدى. شياۋ شىزى بارمىقى بىلەن جىن سەينىڭ بېشىنى نوقۇپ قويۇپ، ھېلىقى پالۋان سۈپەت ئەرلەردىن سورىدى: «بۇرادەرلەر، تىرىك ئادەمنىڭ كاللىسىنى يېگۈڭلار بارمۇ؟» پالۋان سۈپەت ئەرلەر: «ئۇ نېمەڭنى كىم يەيتتى، تولا كۆڭلىمىزنى ئېلىشتۇرمىغىنا» دېيىشتى. شياۋ شىزى: «يەيدىغانلار بار، ئەترەت باشلىقى بۇرۇندىنلا يەيتتى. جاڭيۇ بىلەن زەنجىۋىل قەلەمچىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېسە دۇفۇ ئۇيۇتمىسىدەك پەيزى بولىدۇ» دېدى. ئازگال كولاۋاتقان ھېلىقى تەمبەل ئەر ئازگالدىن يامىشىپ چىقىپ: «ئەترەت باشلىقى، ئازگالنى كولاپ بولدۇم» دېدى. شياۋ شىزى ئازگالنىڭ يېنىغا بېرىپ قاراپ قويدى- دە، ماڭا بۇرۇلۇپ: «تاۋۇز پىلىكى ھامما، كېلىپ قاراپ بېقىڭە، مەن سىز ئۈچۈن كولاتقان ئەتىۋارلىق ئۇۋا قانداقراق بولدىكىن؟» دېدى. مەن: «ھەي شىزى، ھەي شىزى، ئۇنچىۋالا باغرى تاشلىق قىلىپ كەتمە، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكىن» دېدىم. شياۋ شىزى: «شۇنچە ياشقا كىردىڭىز، ئەمدى سىزگە ياشاپ نېمە كەپتۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى قويۇۋەتسەم، جېنىنى ئالىدىغانغا ئادەمدىن يەنە بىرنى تاپمىسام بولمايدۇ. ئىشقىلىپ، بۈگۈن ھەر نېمە بولسا جېنىنى ئالدىغان ئادەمنىڭ سانى 100 گە يەتتى» دېدى. مەن: «شىزى، ئۇنداق بولسا مېنى تىرىك كۆمۈپ قىيناپ يۈرگۈچە قىڭراق بىلەن چېپىپلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن» دېدى. شياۋ شىزى دېگەن ھارامتاماق: «تىرىك كۆمسەم بەكرەك قىينالغىنىڭىز بىلەن ئۆلگەندە جەننەتكە كىرىسىز ئەمەسمۇ» دېدى. بۇ خۇمپەر مېنى بىر تېپىپلا ئازگالغا چۈشۈرۈۋەتتى. شۇ ئەسنادا بىر توپ كىشى قىيا- چىيا سالغىنىچە شا لياڭزىنىڭ كەينىدىن يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. ئادەملەرنى فۇ شېڭتاڭنىڭ ئىككىنچى غوجايىنى سى ماكۇ باشلاپ كېلىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ ئۈچىنچى ھاممىسىنىڭ ھالىدىن خېلى ئوبدان خەۋەر ئالغانىدىم. كۆڭلۈمدە: «نىجات يۇلتۇزۇم كەلدى!» دەپ ئويلايتتىم. پۇتىغا يوغان ئۆتۈك كىيىۋالغان سى ماكۇ ئېرغاڭلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كەلدى. ئىككىنچى غوجايىن ئىككى يىل كۆرمىگەنگە ئوبدانلا قېرىپ كەتكەنىدى. «ئاۋۇ يەردە تۇرغان قايسىڭ؟» دەپ سورىدى سى ماكۇ. «مەن، شياۋ شىزى» دېدى شياۋ شىزى. «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» «ئادەم كۆمۈۋاتىمەن.» «كىمنى كۆمۈۋاتىسەن؟» «شا لياڭزى كەنتىدىكى كەنتىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن سەينىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى كۆمۈۋاتىمەن.» سى ماكۇ ئالدىغا يېقىن كېلىپ: «ئاۋۇ ئازگالدىكى كىم؟» دەپ سورىدى. «ئىككىنچى غوجايىن، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ!» دەپ توۋلىدىم مەن: «مەن ئۈچىنچى ھاممىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان گو لوگۇ ئائىلىسىدىن بولىمەن.» «ۋاي سىزمىدىڭىز؟ـــ دېدى سى ماكۇ،ـــ نېمە گۇناھىڭىزغا بۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىڭىز؟»«ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ كۆپ سۆزلەپ قويغان گۇناھىم بار. ماڭا ئىلتىپات قىلىڭ!» سى ماكۇ شياۋ شىزىغا: «ئۇنى قويۇۋەتكىن» دېدى. شياۋ شىزى: «ئەترەت باشلىقى، ئۇنى قويۇۋەتسەك ئۆلتۈرگەن ئادىمىمىزنىڭ سانى 100 گە توشمايدۇ» دېدى. سى ماكۇ: «توشمىسا توشماس، ئۆلۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆلتۈر، ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرى قالسۇن» دېدى. ئەرلەردىن بىرى گۈرجىكىنى ئۇزىتىپ مېنى كارىزدىن سۆرەپ چىقتى. نېمىلا بولمىسۇن، سى ماكۇ يەنىلا غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىدى. سى ماكۇ بولمىغان بولسا شياۋ شىزى دېگەن ھارامتاماق مېنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن بولاتتى.

چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن سەي مۇئەللىم زاكۇن تايىقىنى قولىغا ئېلىپ بايا تۇرغان جايىغا باردى- دە، دەھشەتلىك قىيىن- قىستاققا دائىر سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇۋاتقان، ئاۋازى شۇ قەدەر مۇڭلۇق، ھەسرەتلىك بولسىمۇ، لېكىن بايىدىن بېرى تولا يىغلاپ ھالى قالمىغان ئوقۇغۇچىلار يىغلىماي جىممىدە تۇرۇشاتتى. ئۆپچۆرەمدىكى بايىدىن بېرى مەيدىسىگە مۇشتلاپ يىغلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايىنى ھارغىنلىق ۋە بىزارلىق تۇيغۇلىرى قاپلىغانىدى. شۇنداقلا قارىسا قان ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ھېلىقى رەسىملەر ئاپتاپقا قاقلىنىۋېرىپ قۇرۇپ كەتكەن قوتۇرماچتەك مەززىسىز كۆرۈنەتتى. گو ماشىنىڭ نوپۇزلۇق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىگەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا رەسىملەر بىلەن چۈشەندۈرۈشلەر شۇ قەدەر ساختا، جانسىز، ھېسسىيات تۈسى يوق دېيەرلىك ئىدى.

خىيال ئېكرانىمدا گو ماشى موماي ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقلىقىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھېلىقى تولۇنئاي، جىن سەينىڭ كاۋىدەك ئېسىلىپ كەتكەن خاپان بېشى، ۋەھشىيلىكتە ئۇچىغا چىققان، تۇرۇقى بەئەينى سۈلەيسۈننى ئەسلىتىدىغان شياۋ شىزى بىر- بىرلەپ ئۆتتى. بۇ ئوبرازلار جانلىق ئىدى، لېكىن رەسىمدىكى ئوبرازلار پەقەت ئاپتاپقا تولا قاقلىنىۋېرىپ قۇرۇپ كەتكەن قوتۇرماچقىلا ئوخشايتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11615

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 3دانە
  1. كارىز دېمەي ئازگال ياكى ئورەك كولىدى دېسە بوپتىكەن، كارىز دېگەن تۆت-بەش ئادەم كولاپ بولالايدىغان نېمە ئەمەس. يەنە بىرى، دۇفۇ ئۇيۇتمىسى دېگەن گەپ باركەن، ئۇنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى دەپ ئۆزگەرتسە

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پىكرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ.
    ئادەم تەرجىمىدە بەزىدە خەنزۇچە خەتنىڭ كونترللۇقىدىن چىقالماي بەزى سۆزلەرنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدىكەن.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەن تېخى ئۈستىدىن بىر كۆرۈۋېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن نۇسخا بولغاچقا، سىز دېگەندەك سەۋەنلىك كۆرۈلۈپتۇ.
    تەھرىرلىك داۋامىدا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

  3. ئالىمجان

    پاساھەت ئەپەندىمنىڭ جاۋابى ناھايتى پاساھەتلىك ئىكەن

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: