پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئابدۇقادىر جالالىدىن: ئىشىك چېكىلمەكتە ، سەن كىم؟

ئىشىك چېكىلمەكتە ، سەن كىم؟

«سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» غا  يېزىلغان بېغىشلىما

 

ئابدۇقادىر جالالىدىن

سىرىتقى دۇنيا بىزنىڭ ئىشىكىمىزنىمۇ چەكمەكتە ، تەشەببۇسكار قوللار بىزگە سۇنۇلماقتا ، تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن يىپەك يولىنىڭ زامانىمىزغا خاس بىر سۈبھىسى كۆرۈنمەكتە . بىز داۋاملىق تۈردە گاڭگىراپ يۈرمەسلىكىمىز ئۈچۈن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ خۇلقى – مىجەزىنى پائال بىر ئىقتىسادىي ، سىياسىي قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئىنىگلىزتىلىنى ئۆگىنىش بىزنىڭ تاللىشىمىز ھەم مەجبۇرىيتىمىز . ئۇنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئەمدىلىكتە ھېچبىر ھاجىتى بولمىسا كېرەك .

 بىز نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ يۈزلىنىشتە ئۆزىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، باشقىلارنىڭ تىلىنى دەل شۇ باشقىلارغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆگىنىشىمىز ، بۇ ئارقىلىق يېڭى ئۆزىمىزگە ئايلىنىشىمىز كېرەك .

زۇلپىقار بارات تۈزگەن ”سەرخۇش ئىنگلىزتىلى“ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سىرتىدىكى ئاۋام كۈچىنىڭ ئىگلىزتىلى ئوقۇتۇشىغا بولغان سەمىمىي ئىنتىلىشلىرىنىڭ بىر ئەينىكى . بۇ كىتاب ئۇنىڭ بىر قانچە يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىدە توپلانغان تەجرىبىلىرىنىڭ بىر يەكۈنىكى ، ئۇنىڭدا زۇلپىقارنىڭ چەت ئەل تىلى مائارىپىغا بولغان ئىخلاسى ، قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي خىرىسلارغا بولغان سەزگۈسى ئەكىس ئېتىدۇ . زۇلپىقار دەرسلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇمكىنقەدەر ئۇيغۇر ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سەۋىيسى ، پىسخىكىسى ۋە تەلىپىگە لايىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇيغۇر پىسخىكىسى داۋاملىق رەۋىشتىكى ئۆلۈك رېتىمنى ئەمەس ، ئۆزگىرىشچان ، دولقۇنلۇق ، كۆتۈرەڭگۈ رېتىمنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ رېتىمغا يېتىش ئۈچۈن زۇلپىقار بارات نۇرغۇن ھەۋەسكارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەھۋال ئىگىلەپ ، قولىڭىزدىكى ئۇشبۇ دەرسلىكنى تۈزۈپ چىققان . ئۇنى ئۇيغۇر چەت ئەل تىلى مائارىپىدىكى تەلتۈكۈس نامايەندە دىمەكچى ئەمەسمىز . لىكىن ، بۇ كىتابنىڭ مىللىي ئۆەىنىش مۇھىتىغا باب كېلىشتە ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرتىلى يەشمىسىدىكى ئىنگلىزتىلى دەرىسلىكلىرى ئىچىدە ئىزدىنىش روھىغا ئەڭ باي ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ .

چەت ئەل تىلى مائارىپى _ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بىر  تەركىبىي قىسمى . نۆۋەتتە چۇقۇم ئۆزىمىز تۈزگەن ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىغا ماس كەلگەن ، مۇكەممەللىككە يۈزلەنگەن ھەرخىل شەكىلدىكى دەرسلىكلەر بولۇشى كېرەك . بۇ جەھەتتە خەلق ئىچىدىكى چەت ئەل تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۇلار ئاچقان ئىشتىن سىرتقى كۇرۇسلارنىڭ رولى خېلىلا چوڭ بولدى . ئۇلار بىزدىكى ئۈمىدلىك قۇشۇن.

ئاخىرىدا بىر ئىنگلىزچە تېكىستنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئكگەنگۈچىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم . بۇ تېكىستنى بىر ئۇيغۇرچە تور بىكىتىدىن كۆرۈپ ، خاتىرەمگە كۆچۈرۋالغانىدىم. تېكىستتە ئانا تىلىمىز بىلەن باشقا تىللارنىڭ دېئالىكتىك مۇناسىۋىتى خېلى چۇڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ ، ئاشۇ نامەلۇم قەلەم ئىگىسىگە تەشەككۇر ھېسىياتىم قوزغالغانىدى :

Language for me

                Uyghur language makes me feel unique , I use it to express my thought and love …

    Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive…

  Arabic makes me to be touched deep in my heart , I use it to clean my soul…

  Well, English makes me feel hope . I use it for better life and better opprtunity…

(تەرجىمىسى:

   ئۇيغۇرتىلى ماڭا تەڭداشسىزلىق بېغىشلايدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي پىكىرلىرىمنى ۋە مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيمەن…

   خەنزۇتىلى ماڭا جىددىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن…

   ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چۇڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن…

   خوش ، ئىنگلىزتىلى مېنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق يا خشى تۇرمۇش ۋە ياىشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن…)

   چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنە . بۇ ئەنئەنە پەقەت ئۆزىنى ياىشى تونۇغان ۋە تونۇتقان ئەۋلادلارنىڭ قولىدا نۇر چاچىدۇ.

  ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۈچۈن چەت ئەل تىلى ئۆگىنەيلى !

      2003-يىلى 5- ئىيۇل . ئۈرۈمچى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11285

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: