پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

توكچى ناۋابىدىن

توكچى ناۋابىدىن

دانىيار مۇينۇررىدىن(پاكىستان)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئۇنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە بىلىندۈرمەستىن توك سائىتىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتەلەيدىغان كارامىتى بار. ئۇنىڭ بۇ كارامىتى ھەتتا ھەر ئايلىق توك پۇلىنى توپتوغرا ھېسابلاپ چىقىپ، ئۆز خېرىدارلىنىڭ ئېيىــغا بىرەر يۈز رۇپىيە پۇل ئىختىساد قىلىۋېلىش ئارزۇسىنىمۇ قاندۇرالايدۇ. مۇرتــــــان شەھىرىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بۇ قۇملۇقنىڭ تۇرۇبا قۇدۇقلىرى كېچە كۈنـــدۈز توختىماستىن يەر ئاستى سۈيىنى تارتىپ چىقرىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ناۋابىدىننىڭ بۇ يېڭى بايقىشى ئۇلارغا ئاز تولا پۇل-پۈچەك ئىختىساد قىلىپ بېرەلەيتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل كارامىتى توغرۇلۇق ھەركىم ھەرنىمىلەرنى دەپ بېقىشتى؛ بەزىلەر ئۇنى ماگىنىت ئارقىلىق توك سائىتىگە ھۈنەر ئىشلەتتى دېيىشسە، بەزىلەر ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى ئېغىر ماي(مازوت) ، چىنە قاچىلارنىڭ ئۇۋاقلىرى، ياكى ھەرە ساندۇقىدىن تېپىپ كەلگەن نەرسىلەر بولۇشى ئېھتىمال دېيىشتى. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ تـــــــوك سائىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىم بىلەن شەخسىي مۇناسىۋىتى بار دەپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇنىڭ بۇ ھۈنىرى k.k ھارۇنىىڭ دېھىقانچىلىق مەيدانىدا ۋەياكى باشقا ھەرقانداق بىر يەردە ئۆز جېنىنى بېقىپ كېتەلىشىگە ئەسقاتاتتى.

شەھەرگە بارىدىغان ئوڭغۇل – دوڭغۇل كىچىك يولنىڭ بويىغا جايلاشقان بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ياسالغان بولۇپ، ئۇ چاغدىكى ھارۇنى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە كىشىلەردىن ھېسابلىناتتى.  قومۇشلۇق ۋە كېۋەزلىككە تۇتىشىپ ، بېدىلىك، بۇغدايلىق ، ماندارىنلىق باغــــلارنى كېسىپ ئۆتكەن بۇ سارغۇچ قۇملۇققا قۇرۇلغان تۇرۇبا قۇدۇقلىرىنى ئاسىراش، رېمونت قىلىش ناۋابىدىننىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش ئىدى. ئۇ ھەر ئەتىگىنى ھارۇنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئالدىراشلىق ئىچىدە چېپىپ يۈرەتتى. مەلۇم جايدىكى بىرەر تۇرۇبا قۇدۇقىنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئېگىز پەس كىچىك يولـــدا ۋېلىسىپىتىنى مىنگىنىچە ئوڭشاشنى كۈتۈپ ياتقان ماي پومپىسىغا قاراپ چاپاتـــــتى. ۋېلسىپىتنىڭ چاقىدىكى گۈللۈك بېزەك ئەسكى يولدا ۋېلسىپىتنىڭ سىلـــــكىنىشىگە ئەگىشىپ ئاستى-ئۈستىگە تەۋرىنەتتى. ۋېلسىپىتنىڭ رولىغا ئېسىلغان پارقىراق خــــــــــۇرۇم سومكىسىدىكى ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ ئۈچ قاداق ئېغىرلىقتىكى بازغان بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ جاراڭ – جۇرۇڭ ئاۋاز چىقىراتتى. ئېكىنزارلىقنىڭ خوجايىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئاپتاپ ۋە بوران چاپقۇندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تىكىپ قويغان ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

–        بولدى، چاي ئىچمەيمەن،- ئۇلار بىر پىيالە قىزىق چاي كەلتۈرگەندە ناۋابۇدىن

شۇنداق دەپ رەت قىلدى.

     ئۇ ماي پومپىسى ۋە ماتور ئورنىتىلغان، ھەممە يېرىنى ماي داغلىرى بىر ئالغان ئۆيگە كىردى. ئۇنىڭ قولىدىكى بولقىسى بەئەينى ياۋايى ئادەملەر ئىشلىتىدىغان پالتىلارغا ئوخشايتتى. ناۋابۇدىننىڭ <يورۇقنى توسۇۋالدىڭلار> دەپ ۋارقىرىشى بىلەنلا ئىشىككە مىققىدە قاپتىلىپ، ئۇنىڭغا ئۈن – تىنسىز قارىشىپ تۇرغان كىشىلەر تارقـــــــىلىپ كېتىشتى. ئۇ سۈرلۈك قىياپەتتە ئاۋايلاپ دەسسىگىنىچە كاشىلا چىققان ئۈسكۈنىگە قاراپ ماڭدى. ئۈسكۈنىنىڭ ئۇياق – بۇيىقىغا ئۆتۈپ قاراپ كــــــــــــۆردى؛ تىرىڭشىتىپ ، تۇتۇپ-سىلاپمۇ باقتى. ئاندىن ماي پومپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ بىر ئىستاكان چاينى ئەكەلدۈرۈپ يېنىغا قويدى. ئاخىرىدا ماي پومپىسىنى چۇۋۇشقا باشلىدى. ئۇ ماي پومپىسىنىڭ سىرتقى قېپىنى تۇتۇپ تۇرغان ۋېنتىلارنى ياپىلاق ئۇچلۇق ئەتۋىركە بىلەن ئاجرىتىۋاتقاندا ،  بىر تال ۋېنتا قاڭقىپ چىقىپ، ماي پومپىسىنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشۈپ تۇرغان يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئاندىن ئۇ بولقىسىنى ئېلىپ پومپا قېپىغا ئۇستىلـــىق بىلەن ئۇرغان بولسىمۇ، پومپا قېپى ئاجرىماي قويدى. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ ئـــۇ بىرئاز ئويغا پېتىپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئىشچىلاردىن بىرىگە قېلىن خۇرۇمدىن بىر پارچە ئېلىپ كېلىش ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ماندارىن دەرىخدىن شەربەت تەييارلاپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئىشچى ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. ئۇ شۇ كۈنى ئۇدا ئەتىگەندىن-كەچكىچە ماي شلانكىسىنى بىردەم قىزىتىپ،بىردەم سوۋۇتۇپ باقتى. توك سىمىنى بىر-بىرىگە ئۇلىماستىن خىلمۇ-خىل ئاماللارنى قىلىپ باقتى-يۇ، ۋېكلىيۇچاتىل بىلەن بىخەتەر سىمىدىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ مۇشۇنداق ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىر ماي پومپىسىنى ھەرىكەتكە كىرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆز قابىلىيىتىنى باشقىلارغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى.

        ناۋابۇدىن ياشلىقىدا بەكمۇ نازاكەتلىك، پاك دىل بىر ئايال ئالغانىدى. ئۇ ئايالىغا شۇنچىلىك كۆيۈنەتتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ باشقا ئاياللار ھەرگىزمۇ يېتىشىپ بولالمايدىغان ئالاھىدە تۇغۇش ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت ياكى شۇملۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئايالى ئۇنىڭغا توختىماستىن بالا توغۇپ بېرەتتى. بالىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تۇغۇلۇپ تۇراتتى. ئۇلارنى توققۇز ئايدىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە تۇغۇلاتتى دېمىگەن تەقدىردىمۇ، تۇغۇلۇش ئارىلىقى توققۇز ئايدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن بەك كۆپ ئۇزاپ كەتمەيتتى. بالىلارنىڭ ھەممىسى قىز تۇغۇلىۋەرگەنلىكتىن ئۇلار بىر ئوغلىنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇلايتتى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئوغلىمۇ بار بولدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ چوڭى ئون بىر ياشتىكى، كىچىكى ئەمدى تەمتىلەپ مېڭىشنى ئۆگىنىۋاتقان ئون ئىككى قىزىنىڭ توپىغا بىر ئوغلى قېتىلغانىدى. ئەگەر ئۇ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغىنىدا بۇ بىر توپ قىزىنىڭ قىز مېلى چوقۇملا ئۇنى قاق سەنەم قىلىپ قويغان بولاتتى. ھالبۇكى ئۇ توكچى ۋە ماشىنا-ئۈسكىنىلەر رېمونتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توك ئوغۇرلاش ھۈنىرى ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل تېتپىپ بەرگەنلىكتىن، قىزلىرىنى ياتلىق قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ گەپ ئەمەس ئىدى. بىراق، ھوش كاللىسى جايىدىلىكى كىشىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنىڭ ھەربىر قىزىنىڭ تويلىقى ئۈچۈن كېتىدىغان نەچچە تۈرلۈك قىزمېلى بولغان كارىۋات، پەرداز ئۈستىلى، يوغان چامادان، شامالدۇرغۇچ، قازان – چۆمۈچ، چېنە-قاچا، كۈيئوغۇل ۋە قىزىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان ئالتە قۇر كىيىم، ھەتتاكى تېلىۋوزۇر قاتارلىق بىر توقاي نەرسىلەر سېتىۋېلىشى پۇل بېرىپ تۇرۇشنى ھەرگىز خالىمايتتى.

         باشقىلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالسا ئۇلارنى ئاللىقاچان ئېلاجسىز قالدۇرۇپ، جېنىدىن جاق تويدۇرىۋېتىدىغان توي سېلىقى ناۋابۇدىنغا بۇ خىل ئېغىرچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمىدى. قىزلىرى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتالايدىغان تالانتلىق ئېستېدات ئىگىلىرى ئىدى. ئۇ ھەر ئەتىگەنلىكى  ئەينەك ئالدىغا كېلەتتى-دە، ئۆزىگە جەڭگە ئاتلانغان ئوفېتسېردەك تۈس بېرىپ، بۇ خىل قىياپىتىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتەتتى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ بولغان پۇل پۇل تېپىش يوللىرى ئارقىلىق، كىرىم مەنبەسىنى كېڭەيتمىسە ھارۇنىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەپ تاپقان ئىككى توك – توك پۇلنىڭ جاننى بېقىشقىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئىشلىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئەبجەق ماتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بىر تۈگمەن ئېچىۋالدى. ئۇ يەنە بىر پارچە ئېتىز بويىدىكى كۆلنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ بېلىق باقتى. ئۇ بۇزۇق رادىئولارنى يىغىۋېلىپ، ئوڭشاپ ساتتى. باشقىلار ئۇنىڭغا سائىتىنى ئوڭشاتماقچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھەرگىز ياق دېمىدى. بىراق، ئۇ سائەت لەرنى ياخشى رېمونت قىلمىدى، رېمونت قىلغان سائەتلەرنىڭ بىرەرسىمۇ توغرا ماڭمايتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ماختىلىشىغا ئەمەس تىل ئاھەنەت ئىشىتىشىگە سەۋەب بولدى.

       ئادەتتە ھارۇنى كۆپ ۋاقتىنى لاھوردا ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، دېھقانچىلىق مەيدانىغا جىق كەلمەيتتى. بۇ مويسىپىت كىشى كەلگەن چاغلىرىدا بولسا ناۋابۇدىن بەھەيۋەت ياۋا ئەنجۈر دەرىخگە قارىشىپ تۇرىدىغان خىزمەتكارلار ئۆيىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ھارۇنىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ كېچە كۈندۈزلەپ قول قوشتۇرۇپ تۇراتتى. ناۋابۇدىننىڭ چاچلىرىغا ئاق سانجىغان بولۇپ، كۆزىگە تاقىۋالغان غەلىتە ئۇچقۇچىلار كۆزەينىكى ئىگىلىپ كەتكەن ھەم ئەينەكلىرى غۇۋا ئىدى. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، ھاۋا تەڭشۈگۈچ، سۇ ئىسسىتقۇ، توڭلاتقۇ ۋە ماي پومپىسىنى ئوڭشاش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى بەكمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيتتىكى، ئۇنىڭ جان-جەھلى بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشىنى ئاتلانتىك ئوكياندا قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆۈپ كېتىشكە ئاز قالغان پاراخوتنىڭ قوتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن پۈتۈن جان-جەھلى بىلەن پاراخوتقا ئېنىرگىيە بېرىۋاتقان پار-قازان خادىمىغا ئوخشىتىش مۇمكىن ئىدى. ئۇ ھەممە ئىشقا-دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بارلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە، ھارۇنى ئەپەندىنىڭ ھاۋا تەڭشۈگۈچىنىڭ ئارامبەخش ھاۋانى تەمىنلىشىگە، ئىسسىق سۇنىڭ ئۇنى راھەتلەندۈرۈشىگە، چىراقلارنىڭ ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇرۇشىغا، تائاملارنىڭ ئۇنىڭغا لەززەت بېغىشلاپ، كەڭ-كۇشادە يېيىلىشىگە-ھارۇنى ئەپەندىنىڭ بۇ يەردىكى كۈنلىرىنىڭ لاھۇردىكىدەكلا غەمسىز ۋە ئارامبەخش بولۇشىغا كېپىللىك قىلاتتى.

       شۇنداق بولغانلىقتىن ھارۇنى ئەپەندى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ ئەتراپنى چارلاپ بېرىش بىلەنلا كۆزىگە چېلىقماستىن ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنى ئۆز ھۇجرا ئۆيىنىڭ توك سىملىرىنى ئالماشتۇرىۋاتقان، مۇنچىدا سۇ ئىسسىتقۇ بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ھالدىمۇ يولۇقتۇرىشى ھارۇنى ئەپەندىنىڭ بۇ ئايىقى چاققان، قولى ئەپچىل خىزمەتكارنى ئاستا-ئاستا تونۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. ناۋابۇدىن بىركۈنى ئاخشىمى ناررا دەرىخنىڭ كەسلەنگەن ياغاچلىرى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوچاقنىڭ يېنىدا بەخرامان ئولتۇرۇپ تىرنىقىنى ئىكەكدەۋاتقان ھارۇنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گېپىنى دەۋېلىشقا پۇرسەت كەلگەنلىكىنى پەملىدى ۋە ھارۇنى ئەپەندىدىن گەپ قىلىشقا ئىجازەت سورىدى. ھارۇنى ئۇنىڭغا قانداق گەپ بولسا ئۇدۇل دەۋېرىشنى ئېيتتى.

       -ئەپەندىم، ئۆزلىرى بىلىلا، سىلىنىڭ زېمىنلىرىنىڭ دائىرىسى بىپايان، مۇشۇ يەردىن تاكى ھىندى دەريا ۋادىلىرىغىچە سوزۇلغان. سىلىنىڭ بۇ كەڭرى زېمىنلىرىدىكى ئون يەتتە تۇربا قۇدۇقىنى ئوڭشاش ۋە ئاسراشقا سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان يالغۇز مەنلا مەسئۇل. سىلىگە خىزمەت قىلغان  كۈنلەردە چاچلىرىمغا ئاق كىرىپ كەتتى،- ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەرگەندە ھارۇنى ئەپەندى ئۇنىڭ ئاق سانجىغان چېچىغا كۆز يۈگۈرتتى،- بىراق ئەمدىلىكتە مەن بۇ خىزمەتنى قىلالمايمەن،ئەپەندى. ئەمدى بولدى، قېرىلىقىمنى كەچۈرسىلە. مەن قاراڭغۇ ئۆيۈمدە قېلىپ  ئاچلىق-قىيىنچىلىققا چىداپ ياشاشقا رازىمەنكى، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر قاتارىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە ئەمدى تاقىتىم يەتمەيدۇ. سىلىدىن ئۆتۈنەي، مېنى بۇ خىزمىتىمدىن بوشىتىۋەتسىلە!

        ھارۇنى ئەپەندى بۇنىڭدەك گەپ-سۆزلەنى ئاڭلاۋېرىپ كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىدەك كۆپتۈرۈپ ئېيتىلغان گەپلەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ ئوخشاشلا تىرنىقىنى ئىكەگدىگەچ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ تۈگىتىۋېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇردى.

–        ساڭا نېمە بولدى، ناۋابۇدىن؟

–        نېمە بولدۇڭ دەۋاتامدىلا، ئەپەندىم؟ سىلى بەرگەننى يەپ ياشىغىلى نۇرغۇن

زامان بولدى، سىلىگە چاكار بولدۇم، يەنە نىمە بولماقچى ئىدى؟ مانا ھازىر قېرىدىم ئەپەندى، پۇت-قولۇمدىن ماغدۇر كەتتى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئوڭشايمەن دەپ پۈتۈن بەدىنىم  تارتۇق بىلەن تولۇپ كەتتى. ئەمدىلىكتە بۇ ۋېلسىپىتىم بىلەن ئىلگىرىكىدەك دېھقانچىلىق مەيدانىڭىزغا كېلەلمەيمەن. ئەمدىلا توي قىلغان ياش يىگىتتەك دېھقانچىلىق مەيدانىڭىزدا ۋېلسىپىتلىك قاتىرىيالمايمەن. سىلىدىن ئۆتۈنەي ئەپەندىم، مېنى كەتكىلى قويسىلا!

–        بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان قانداق ئۇسۇل بار؟،- ھارۇنى بۇ مەسىلىنى

ھالقىلىق نۇقتىسىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكتىن شۇنداق دەپ سورىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ خاتىرىجەم ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلاردىن باشقا ، ئۆزپايدا-مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەرقانداق بىر ئىشقا ياكى ئادەمگە بەكمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى.

–        ئىممم…. ئەگەر بىر موتسېكلىتىم بولسا ۋە بىر قانچە يىگىتنى ماڭا

ياردەمچىلىككە بەرسىلە تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان بولاتتىم،ئەپەندىم.

 بۇ يىل دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ياخشى مول ھوسۇل ئېلىنغان ئىدى. ھارۇنى ئۇچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى باي غوجاملاردەك ھېس قىلماقتا ئىدى. خوجايىنىنىڭ قانچە تارتىشقان بولسىمۇ ئاخىرىدا ناۋابۇدىن خوندا 70 تىپلىق بىردانە پىپيېڭى موتسېكلىتقا، يەنە تېخى بېنزىن ياردەم پۇلىغا ئېرىشىۋالدى.

بۇ موتسېكلىت ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، گەپ قىلىش ھالىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ، باشقىلار ئۇنى «تاغا» دەپ چاقىرىشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇنىڭ دۇنيادىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلىمەك بولۇشتى. ھالبۇكى بۇ ئىشلاردىن ئۇ قىلچە بىخەۋەر ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تېىىمۇ يىراق جايلارغا بارالايدىغان بولدى. كەسىپ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. ناۋابۇدىندىكى يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى ئۇنىڭ كېچىلىرىنى خوتۇنى بىلەن بىللە بولۇشتىن باشقا ئىش قىلمايدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ئايالى ئۇنىڭغا كەنىتتىكى خىزمەتكارلار ياتىقىدا ياتماستىن، شۇ يەردىكى بىردىنبىر قىزلار مەكتىپى جايلاشقان لوسا بازىرىدىكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشىنى ئېيتقانىدى. لوسا بازىرىنىڭ يېنىدا بىر قانال بولۇپ، بۇ قانالدىن باشلانغان تاشيول ھارۇنىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەركىزى جايلىرىدىن ھىندى دەرياسى بويلىرىغىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ تاشيول بۇرۇنقى كونا قاتناش يولىنىڭ ئورنىغا ياسالغان ئىدى. ئۇ چاغدا، بۇ يەردىكى زېمىنلار پادىشاھلىقنىڭ تەسەررۇپىدا ئىدى. تەخمىنەن 150 يىللار ئىلگىرى، بىر شاھزادە بۇ چەت يولدا بىر توي مۇراسىمىغىمۇ ياكى بىر دەپنە مۇراسىمىىمۇ ئەيتاۋۇر بىر مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ يولدا ئاتلىق مېڭىپ بەكمۇ ئىسسىپ كەتكەنىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر بۇيرۇپ چۈشۈرۈپلا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ھازىرقى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ناررا دەرەخلىرىنى تىكىشكە بۇيرۇپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتە-ئۆتمەستىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ بۇيرۇقىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن. نەچچە ئون يىللار ئۆتكىنىدىن كىيىن ئۇمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. بۇ دەرەخلەرنىڭ قالتىس يوغىناپ كەتكەنلىرىمۇ، قۇرۇپ،قاغجىراپ كەتسىمۇ، قاسراقسىز قەددىنى تىك تۇتۇپ، يول قاسنىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىرىمۇ بار. ناۋابۇدىن بۇ يولدا يېڭى موتسېكىلىتىنى ئۇچقاندەك ھەيدەيتتى. ھەر قېتىم يولنىڭ دۆمبەچەك يەرلىرىگە كەلگىنىدە موتسېكلىتىنىڭ رولىغا ئېسىلغان سومكىسى بىلەن تىرىگە تېڭىلغان رەڭدار لېنتىلار ئېچىلىپ يېپىلىۋاتقان قاناتتەك موتسېكىلىتنىڭ چايقىلىشىغا ئەگىشىپ لەپىلدەيتتى. ئۇنىڭ موتسېكىلىت ھەيدەش سۈئىتىنىڭ تېزلىكى شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، ئۇنىڭ قۇلاقلىرى شامالدا ئۇچۇپ كەتكىلى ئازلا قالاتتى. ھەر قېتىم ئوڭشاشنى كۈتۈپ تۇرغان تۇرۇبا قۇدۇقىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە ئاغىزىنى كالچايتىپ، ساراڭلارچە كۈلۈپ كېتەتتى.

    ھاۋادىن نەزەر سېلىنىدىغان بولسا ناۋابۇدىننىڭ كۈنبويى بەئەينى بىر كېپىنەكتەك توختىماستىن ئۇياقتىن بۇياققا چېپىپ، كېلىپ-كېتىپ يۈرەتتى. قاق سەھەردە تۇرۇپ خوجايىنىغا قالتىس سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇرۇبا قۇدۇقلىرى ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ ئكز خىزمىتىگە كىرىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ موتسېكلىتى سېمونت ياتقۇزۇلمىغان ئېتىزلىق يولىدا كەينىدىن توپا-چاڭ چىقىرىپ، ئۇدۇل فېلوسا بازىرى تەرەپكە چاپاتتى. مىلتىق ستولبىسىدىن ئېتىلغان ئوقتەك، ئۇجايدىن بۇجايغا ۋىشىلداپ چېپىپ يۈرەتتى. ئۇ ئارىلاپ بازارغىمۇ بېرىپ قوياتتى، شەىسىي ئىشلىرىنىمۇ قىلىشقا ئۈلگۈرەتتى – نەۋرە ئىنىسىنىڭ قوغۇنلىقىغا بېرىپ، پىشقان قوغۇنلارنى سېتىپ قوشۇمچە كىرىمگە ئېرىششەتتى، باشقىلار بىلەن تەڭ شېرىك بولۇپ ئاچقان توخۇ فېرمىسىغا بېرىپ تېخى تۇخۇم چىقارمىغان توخۇلىرىنى سانىۋېتەتتى. ئاندىن ئالدىراپ-سالدىراپ ھارۇنىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىپ كېلەتتى، ئارقىدىن يەنە چېپىپ چىقىپ كېتەتتى. بۇ كۈنلەردىكى ئۇنىڭ باسقان يوللىرىنى ئەينەن قىلىپ بىر پارچە قەغەز يۈزىگە سىزىپ چىقىدىغان بولساق ئىجىر – مىجىر بولۇپ بىر-بىرىگە چىگىلىشىپ كەتكەن قالايمىقان سىزىقلار پەيدا بوغلان بولاتتى. ئۇ ھەر ئەتىگىنى شەرقتىن چىقىدىغان قۇياشتەك ئۆز ئۆيىدىن چىقىپ ئاخشىمى قاپقاراڭغۇدا، ھېرىپ-ساڭگىلىغان ھالدا يەنە ئۆز جايىغا قايتتى. ئۇ ئۆيى ئالدىغا كەلگىنىدە موتسىكلېتىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ماتورنى قۇرۇق پىقرىتىپ، ئىشىك بوسۇغىسىدىن كىرىپ كېتەتتى. موتسېكىلىتىنى تۈۋرۈككە يۆلەپ قىزلىرىنىڭ گۈررىدە چىقىپ ئۆزىنى ئورۇۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بۇ ھاغدا ئۇنىڭ چېھرىدە دائىمقىدەك بىر ھالەت زاھىر بولاتتى – بالىلارغا خاس چىرايىدىن گۆدەك ۋە ئاڭكۆڭۈللەرچە ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ بۇ خىل قىياپىتى چىرايىنى قورۇق، يۈز-كۆزىنى ساقال بېسىپ كەتكەن باشقا بىر خىل چىرايغا ئۆزگۈرۈپمۇ قالاتتى، بۇ چاغدا ئۇ كىشىگە تامامەن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ ئايالىنىڭ كەچلىك تاماققا نېمە ئەتكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇرنى تاماقنىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ چوڭقۇر نەپەس ئالغاچ ئۆيگە كىردى. ئايالى كۈندىكىدەكلا ئوچاققا ئوت يېقىپ، چاي دەملەشكە تۇتۇنىۋاتاتتى.

–        خەيرلىك كەچ، سۆيۈملۈكۈم،مېنىڭ گۆھىرىم،- ئۇ خوتۇنىغا سىپايىلىك بىلەن

شۇنداق دېدى. لاي بىلەن سۇۋالغان كاتەكتەك زەي ئاشخانىنىڭ تېمى ماي بۇسى يۇقۇشۇپ پارقىراپ كەتكەن ئىدى،- قازاندىكىسى نىمە ئۇ؟-ئۇ شۇنداق دېگەچ قازاننى ئاياق ئىزىدا پېتىغدىلىپ كەتكەن پاتقاق يەرگە ئېلىپ، قازاننىڭ ئورنىغا چۆگۈننى قويدى. تۇۋاقنى ئېچىپ، قازاندا قايسى خىل كۆكتاتلار بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ياغاچ قوشۇق بىلەن قازاننى قوچۇدى.

–        ئىلەشتۈرمەڭ، قوشۇقنى تارتىڭ!،- ئايالى ئۇنىڭ قولىدىكى قۇشۇقنى

ئېلىۋېلىپ، قازانغا ئازراق كۇررى سالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن قوشۇقنى سۇندى.

       ئۇ ئانىسىنىڭ دورا ئىچىرۈشىنى كۈتۈپ تۇرغان كىچىك بالىدەك يۇۋاشلىق بىلەن ئاغزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئون ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولغان ئايالى يەنىلا قەددى قامىتىنى يوقاتمىغان، بەدەنلىرى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنىگە چىپپىدە كەلگەن كىيىمىدىن ئۇمۇرتقا سۆڭەكلىرى ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئازراق ئەرلەرگە ئوخشايدىغان سوزۇنچاق يۈزلىرى قىزىللىقىنى يوقاتمىغان؛چاچلىرى ئىلگىرىكىدىن ئازايغان ۋە ئاق كىرىشكە باشلىغان چاچلىرى كەنىتتىكى ياش قىزلارنىڭ بىلەن ئوخشاشلا بىر ئۆرۈلگەن بولۇپ، بېلىگە چۈشۈپ تۇراتتى. بۇ خىل چاچ پاسونى ئۇنىڭغا ئانچە ماس كەلمىگەن بولسىمۇ، ناۋابۇدىن ئۈچۈن ئۇ يەنىلا يىگىرمە يىل ئىلگىرى قىز ۋاقتىدىكىدەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قىزلارنىڭ «ئۆي تاقلاش»ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئايالى كېلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇ كاسىسىنى چىقىرىپ ئايالىنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ تۇراتتى. بۇ ھالدا، ئۇ چوقۇم ئېرىگە سۈركۈلۈپ ئۆتمىگىچە ئاشخانا ئۆيدىن چىقالمايتتى.

        ئۇ تاماڭنى ھەممىدىن بۇرۇن يەپ بولدى. قىزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئازراق كىيىنلا يەپ تۈگەتتى. ئايالى ھەممىدىن كېيىن يەپ تۈگەتتى. ئۇ ھويلىدا كېكىرگىنىچە تاماكىسىنى چېكىپ ئولتۇرۇغاچ ئاسماندىكى يېڭى چىققان ھىلال ئاينى كۆردى. ئۇ تۇيۇقسىز ئاي نېمىدىن ياسالغاندۇ دېگەن خىيالغا كەلدى. ئۇ رادئىودا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ئايغا چىقىپ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ شۇ پېتى خىيال سۈرۈشكە باشلىدى… كەنىتتىكى باشقا كىشىلەرمۇ تاماقلىرىنى يەپ بولغان ئىدى، كەنىتتىكىلەرنىڭ كالا تېزىكى كۆيدۈرگەندىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن، كۈچلۈك پۇراقلىق ئوت خەشەكلەر كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن چىقىدىغان ئىسقا ئوخشاش بۇرۇننى ئېچىشتۇرۇپ، غەلىتە پۇراق چىقىرىدىغان ئىس قاراڭغۇ ئۆي ئۆگزىسىنى بىر ئالغان ئىدى. ناۋابۇدىننىڭ ئۆيىگە نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلار قەدەم بېسىپ بولغانىدى – ئۈچىلى ئېغىز ئۆيىگە سۇ تۇربىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىر تۇرۇبا ئارقىلىق كېچىنىڭ مۇزدەك ھاۋاسى ئۆي ئىچىگە يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. يەنە بىر رەڭسىز تېلىۋوزۇرمۇ بار بولۇپ، ئايالى  ئۆز قولى بىلەن تىككەن گۈللۈك ياپقۇچ بىلەن تېلىۋوزۇرنى چۈمكەپ قويغان ئىدى.  ئۇ يەنە ئۆيىگە ئۆگىزىدىكى تېلۋوزۇر ئانتېنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سېگنالنى تەڭشەيدىغان  بىر ھەرىكەتچان ئۈسكىنە سەپلىۋالغان ئىدى. بالىلار ئىچكەركى ئۆيدە شاۋقۇنلۇق بىر پروگراممىنى يۇقىرى ئاۋازدا كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئايالى ھويلىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىدا قورۇنىپقىنا ئولتۇردى. ئۇ پۇتىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرغان چۇچىلىق كارىۋاتنىڭ چۇچىلىرى چۈشۈپ، ئەگرى بۈگرى بولۇپ كەتكەنىدى.

      – يانچۇقىمدا بىر نەرسە بار، نېمىلىكىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟-ئۇ ئاغزىنى زورىغا كالچايتىپ، ئايالىدىن شۇنداق دەپ سورىدى.

      – يەنە قانداق ئويۇن ئويناۋاتقىنىڭىزنى بىلمەي قالاتتىممۇ مەن،- ئايالى شۇنداق دېگەچ، ئېرىنىڭ يانتۇ بولۇپ قالغان كۆزەينىكىنى ئوڭشىدى،- كۆزەينىكىڭىز دائىم مۇشۇنداق سىڭايان بولۇپ قالىدۇ، مېنىڭچە ئىككى قولىقىڭىز ئېگىز پەس ئوخشايدۇ.

        -ئەگەر نېمىلىكىنى تاپالىساڭ، ئۇ  سېنىڭ بولىدۇ.

        ئايال ئۆي ئىچىگە قاراپ قويدى؛ بالىلار تېلىۋوزۇرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى. ئۇ ئېرىغا يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ يانچىقىنى سىلاشتۇرۇپ-ئېرىنىڭ يانچىقلىرىغا پاقىلدىتىپ ئۇردى.

         -بوشراق…بوشراق ئۇر…،- ئېرىنىڭ كورتا يەكتىكىنىڭ ئىچىگە جىلىتكە كىيىۋالغان بولۇپ،چىلىق – چىلىق تەر بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئېرىنىڭ يانچۇقىدىن گېزىتكە ئورالغان يوغان بىر پارچە قارا شېكەر كەمپۈتىنى تاپتى.

          -بۇلا ئەمەس تېخى،قارا، سەن بۇلارنى بازاردىن سېتىۋالالمايسەن. دەششىتنىڭ ئۆيىدىكى شېكەر قومۇش سىقىش ماشىنىسىنى ئوڭشاپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ ماڭا شېكەردىن بەش جىڭ بەردى. ئەتە مەن ئۇنى ئاچىقىپ ساتىمەن. ھازىر ماڭا ئازراق پۇبىن قۇيمىقى قىلىپ بەرگىن! ھەممىمىزگە يەتكۈدەك قىلغىن، بولامدۇ،قەدىرلىكىم؟

          _  ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرىۋەتكەن ئدىم.

          – ئۇنداقتا بېرىپ ئوچاققا ئوت ياققىن! بولمىسا سەن ئولتۇرۇپ تۇر، ئوتنى ئۆزۈملا قالاي.

          – بولدى، سىز ئوت قالىيالايتتىڭىزمۇ> يەنىلا ئۆزۈم باراي،- ئايالى شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى.

          بالىلارنىڭ كىچىكلىرى ساپلىق قازاندىن كېلىۋاتقان قايماقنىڭ مېزىلىك ھىدىنى پۇراپ، ئوچاق بېشىغا ئولىشىۋېلىشتى. ئۇلار قازاندىكى قارا شېكەرنىڭ ئاز-ئازدىن ئېرىشىگە قاراپ تۇرۇشاتتى. ئاخرىدا قىزلارنىڭ چوڭلىرىمۇ چىداپ بولالماي ئاشخانا ئۆيگە كىرىشتى. ئۇلار ئۇكىلىرىدەك قازان بېشىغا ئولىشىۋالماستىن ، قازانغا نەزىرىنىمۇ سالمىغان قىياپەتتە  بىر تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرۇشتى.

       ناۋابۇدىن ئوچاق يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى. چوڭ قىزلىرىغا قول ئىشارىسى قىلدى:

– كېلىڭلار، مېنىڭ مەلىكىلىرىم! بولدى يوشۇرماڭلار! يېگىڭلار كېلىپ نەپسىڭلارنىڭ تاقىلداۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.

       – ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىلىلداپ تۇرغان قىزىل شېكەر قىيامىنى پارچە – پارچە قىلىنغان قۇيماقنىڭ ئۈستىگە سۈركەپ، بۇ يېيىشلىك تاماقنى ھوزۇرلىنىپ يېيىشكە باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ناۋابۇدىن موتسېكلىتى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، موتسېكلىتنىڭ ئىككى تەرىپدىكى سېۋەتلەرنىڭ بىرىدىن يەنە بىر پارچە يوغا كەمپۈتنى ئالدى. قىزلىرىنى چاقىرىپ، كىمنىڭ بۇ كەمپۈتتىن ئەڭ كۆپ يېيەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى مۇسابىقىگە سالدى.

        ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى «قارا شېكەر زىياپىتى»ئاخىرلاشتى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنكى بىر ئاخشىمى، ناۋابۇدىن ھارۇنىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئاشلىق ئامبىرىنى باشقىرىدىغان كىشى بىلەن بىللە بولۇپ قالدى. خاماننىڭ يېنىدا ئوتتۇز يىللىق بىر ياۋا ئەنجۈر دەرىخى بار ئىدى. بۇ دەرەخ باراقسانلىشىپ قىرىق-ئەللىك ئېنگىلىز چىسىدەك يوغىنىغان ئىدى. ئاشلىق ئامبىرىدا ئىشلەيدىغان ھەممەيلەن بۇ دەرەخنى شۇنچىلىك ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى پات-پات سۇغىرىپ تۇراتتى. قاش قارايغان چاغ ئىدى. ئاشلىق ئامبىرىنى باشقىرىدىغان چوڭ ياشلىق ئۇستام مۇشۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى. ناۋابۇدىن بىلەن باشقا ياش خىزمەتكارلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىپ، بوۋاينى كولدۇرلىتىشتى.  بىر بىرى بىلەن چاقچاق قىلىشىپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ بوۋاينىڭ ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ چاغلاردا، بۇ يەردە دەرياغا تۇتاشقان بىرلا پاتقاق يول بار ئىكەنتۇق. كىشىلەر كىشىلەر بىربىرىنىڭ كالا پادىلىرىنى ئوغۇرلىشىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرەتتىكەن. بەزى چاغلاردا تېىىمۇ كەڭ دائىرىدە تەسىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەتتا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈپمۇ قوياتتىكەن.

        ئەتىياز ئايلىرى كېلىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ نازارەتچى بوۋاي قەلەي داسقا ئوت يېقىۋېلىپ پۇتىنى قاقلاپ ئولتۇراتتى. بۇ بىر توپ خىزمەتكارلارمۇ قەلەي داسنىڭ ئەتراپىنى چۆرۈدەپ ئولتۇرۇشقانىدى. ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ يەردە يەنە توك كەتتى. ئاسماندىكى تولۇن ئاي پۈتكۈل دالىنى يوپيورۇق يورۇتىۋەتكەن ئىدى. ئاي نۇرى ئاپئاق ھاك تامغا نۇرىنى چاچماقتا ئىدى. تام ئۆز ئەتراپىدىكى ئامۇت دەرىخى، ئۇرۇق تېرىش ماشىنىسى، سۆرەم، تىرنا قاتارلىق نەرسىلەرگە غۇۋا شولىسىنى چۈشۈرۈپ تۇراتتى.

–        كېلىڭ، بۇرادىرىم، سىزنى باغلاپ ئامبارغا سولاپ قوياي. بۇنداق قىلغىنىم

باشقىلارغا سىزنى تۇتقۇن قىلىپ باغلاپ قويغاندەك تۇيغۇ بەرسۇن. ئاندىن نېفىت تۇرۇبىسىدىن موتسېكلىتىمغا توشقۇدەك ماي قاچىلىۋالاي،-ناۋابۇدىن بوۋايغا شۇنداق دېدى.

–        ئىچىدىكى نەرسىلەر يا مېنىڭ بولمىسا، تېز كەتكىن، ئايالىڭنىڭ سېنى

چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم،-دېدى بوۋاي.

–        خوپ باشلىق، سىزنىڭ ئۆزىڭىز يالغۇز قالغۇڭىز بار ئىكەن-دە.

ناۋابۇدىن ئورنىدىن تۇرۇپ بوۋاي بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا ئېگىلىپ سالام بەردى. قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ تىزىغا شاپىلاقلاپ قويدى. ئاندىن ھارۇنى ئەپەندىگە سالام بەرگىنىگە ئوخشاش ھالدا ئۇنىڭغا چاس بەردى. ناۋابۇدىن بوۋاي بىلەن دائىم چاقچاقلىشاتتى. بىراق بوۋاي ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ مەنىسىنى ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيتتى.

      -يولدا دىققەت قىلغىن، ئوغلۇم،- بوۋاي شۇنداق دېدى. تۇتقۇچىغا تۆمۈر ئۈزەك ئورنىتىلغان ھاسىسىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى.

       ناۋابۇدىن چەبدەسلىك بىلەن موتسېكىلىتىغا مىندى. چىرىغىنى ياندۇرۇپ دېھقانچىلىق مەيدانى تەرەپكە سوزۇلغان تاشيولغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يول ماڭغىنىدا مۇزدەك ھاۋا ئۇنىڭغا گۈرۈلدەپ ئۇرۇلاتتى. ناۋابۇدىن بولسا مۇشۇنداق سالقىن ھاۋاغا ئامراق ئىدى. چۈنكى تونۇردەك قىززىپ ئۆيىدە بۇنداق سالقىن ھاۋادىن بەھر ئالغىلى بولمايتتى. ئوغۇرلاپ كەلگەن توك  قوش ئېلىكترونلۇق  ئوچاقتا ئۆينى كېچىچە توختىماستىن ئىسسىتىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ھوزۇرلاندۇرۇپ ئۇخلىتاتتى. گەرچە ئەتىياز ئايلىرى بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا كېچىچە توكنى ئەنەشۇنداق ئىسراپ قىلاتتى. ئۇ چوڭ تاش يولغا چىققىنىدا يول قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سۈرئەتنى تېزلەتتى. موتسېكىلىتنىڭ ئاجىز چىرىقى بۇنچە تېز سۈرئەتكە ئۈلگۈرۈپ بولالمىغاندەك ، يولدىكى ئېگىز-پەس يەرلەرنىمۇ ئېنىق غۆرسىتىپ بېرەلمەيۋاتاتتى. بۇ خىل ھالەت كىشىگە يۆتكەلمە پانۇسنىڭ يورۇقى ئاستىدا قۇيۇندەك كېتىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. يول بويىدا ئۇياقتىن بوياققا سەكرىشىپ پەرۋانە تۇتۇپ يەۋاتقان چوغۇندەكلەر ئۇنىڭ موتسېكلىتىنىڭ چاقى ئاستىدا جان بەرگىنى تاسلا قالدى. موتسېكىلىت ئويمان يولغا كەلگىنىدە ، ئۇ بىلەكلىرىنى تۈز تۇتۇپ، رولنى چىڭ قاماللاپ، پۇتىنى  موقۇملاشتۇرۇپ چىڭڭىدە ئولتۇرۇپ، بۇ خىل ھالەتتىن ھوزۇرلانماقا ئىدى. يول بويىدىكى قومۇشلۇققا سۇ قويۇلغان ئويمان ئېتىزلاردىن كېلىۋاتقان سالقىن ھاۋا ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈرۈلدەپ ئۇرۇلاتتى. قانال بويىدىكى تار ئايلانما يولغا كەلگەندە ئۇ موتسېكلىتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى. تېز ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئۆتەڭدىكى توغاندىن شارقىراپ چىقرىۋاتقان ئاۋازى قۇلاققا ئاڭلىناتتى.

        توساتتىن بىرى توغانلارنىڭ بىرىدى يېنىدىن چىقىپ كەلدى ۋە قول

ئىشارىسى بىلەن ناۋابۇدىننى توختاشقا ئۈندىدى.

       – مېنى  بازارغىچە بىللە ئالغاچ كەتسىڭىز، بۇرادەر، جىددىي ئىشىم بار ئىدى، تېز بولمىسام ئۈلگۈرەلمەيمەن،-موتسېكلىت گۈ-گۈر قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ توراتتى.

«غەلىتە ئىش، بۇنچە كېچىدە قىلغۇدەك قانداق جىددىي ئىشتۇ ئۇ شۇنچە» ناۋابۇدىن شۇنداق دەپ ئويلىدى. موتسېكلىتنىڭ كەينى چىرىقىنىڭ غۇۋا نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستى بېشىنى يورۇتۇپ نۇراتتى. بۇ جاي بىپايان كەتكەن دالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ يا ئالدىدىكى كەنىتكە، يا كەينىدىكى ماگىزىنى بار جايغا يېقىن ئەمەس ئىدى.دەشىت كەنىتى بىر چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. ئۇنىڭ بېرىسىدە ئىنسۇ-جىن يوق ئىدى. ناۋابۇدىن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدى.

-سىز نەدىن كەلدىڭىز؟ ئۇ تىككىدە ناۋابۇدىنغا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايلىرى سارغايغان،يۈزى سەل ئىششىغان بولسىمۇ ئۇزايىدىن بىر خىل جەسۇرانە قىياپەت چىقىپ تۇراتتى.

        -كەشمىردىن كېلىشىم. بۇ يەردە بىرەر سائەتتەك ساقلاپ ئاخىرىدا سىزنى ئۇچراتتىم. مېنى ئېلىۋالسىڭىز! ئەتىگەندىن بېرى ساق بىر كۈن يول يۈردۈم.

        ناۋابۇدىن دەريانىڭ ئۇ يېقىدىكى نامرات كەنت كەشمىرنى خىيالىغا كەلتۈردى. ئۇ يەرنىڭ كىشىلىرى ھەر يىلى ھارۇنىنىڭ زېمىنىغا قوشنا بولغان دېھقانچىلىق مەيدانىغا پۇل تېپىش ئۈچۈن ماندارىن ئۈزگىلى كېلەتتى. ئەپسۇسۇكى ئۇلار ئۆز ئەمگىكى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەقققە ئېرىشەلمەستىنلا قايتۇرىلىۋېتەتتى.  مول ھوسۇلللار ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى يۈز نەچچە كىشى ئۈچۈن بىر سۇ كالىسىنى سوياتتى-دە، ئۇلارنى تولىمۇ ئاددىي بىر ۋاقلىق تاماق بىلەن مېھمان قىلىپلا يولغا سالاتتى. ئالدىنقى قېتىملاردا ناۋابۇدىننىڭ ئۇلارنىڭ سېپىغا قېتىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئازراق يۈز ئابروي كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ ئاللىقانداق پارچە-پۇرات گۆشلەردە قىلىنغان قىيما سېلىنغان تۇزلۇق گاڭپەننى ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يېگەنىدى.

        -بولىدۇ، موتوغا مىنىڭ!-،ناۋابۇدىن ئۇ كىشىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويغاچ، كەينىنى ئىشارەت قىلىپ شۇنداق دېدى.

        ئىككى ئادەم مىنگەشكەنلىكتىن موتسېكىلىتنىڭ نورمال قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكەن ئىدى. ئۇ كەينىدىكى كىشىنى چىڭ ئولتۇرغۇزۇپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ موتسېكلىتنى قوزغاتتى-دە، ناررا دەرەخلىرى تىگەلگەن تاشيولدا يۈرۈپ كەتتى.

        قوزغىلىپ تېخى يېرىم ئېنگىلىز چىسى ماڭا-ماڭماي ئۇ كىشى ناۋابۇدىغا قاتتىق توۋلىدى:

        – موتسېكلىتنى توختات!

        -نېمىش بولدى؟- قۇلاق تۈۋىدىن غۇرۇلداپ ئۆتۈۋاتقان شامالدا ئۇ كىشىنىڭ نېمە دېگىنىنى ناۋابۇدىن ئېنىق ئاڭلىيالمىغان ئىدى.

        ئۇ كىشى ناۋابۇدىننىڭ بېقىنىغا بىر نەرسىنى زەرب بىلەن سانجىدى.

        -مەندە تاپانچا بار! سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!

         ناۋابۇدىننىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى. ئۇ جىددىي تورمۇز قىلىپ ئۆزىنى موتسېكلىتتىن يەرگە ئاتتى. بۇلاڭچى موتسېكلىت بىلەن قوشۇلۇپ بىر ياققا يىقىلغان ئىدى. كاربيۇراتور موتسېكلىتتىن ئاجراپ چۈشتى. ماتور بىرەر مىنۇتچە قۇرۇق پىرقىراپ، تار-تارت قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ  ھەرىكەتتىن توختىدى. موتسېكىلىتنىڭ چىرىقىمۇ تەڭ ئۆچتى.

         -نېمە قىلماقچى سە؟-ناۋابۇدىن ھۈرپەيگىنىچە شۇنداق دەپ سۈرەن سالدى.

         – كەينىڭگە يانمايدىغان بولساڭ ئېتىپ تاشلايمەن،- بۇلاڭچى شۇنداق دەپ بەدىنىنى رۇسلىدى. بىر تىزى تىزلىنىغلىق ھالەتتە ناۋابۇدىنغا تاپانچىسى تەڭلىدى.

         ئەتراپ قاراڭغۇلاشقان ئىدى. ئۇلار يىقىلغان موتسېكلىتنىڭ يېنىدا، بىر-بىرىنى ئوچۇق كۆرەلمەيتتى. موتسېكىلىتتىن تۆكۈلۈپ توپۇلۇق يەرگە سىڭىپ كېتىۋاتقان بېنزىننىڭ پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالدى. ئۆستەڭ سۈيى قومۇشلۇقتىن شىرىلداپ ئېقىپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمدىلىكتە ناۋابۇدىننىڭ كۆزى قاراڭغۇلۇققا كۆنۈۋالغانىدى. بۇلاڭچى ئالقىنىدىكى يار ئېغىزىنى شوراۋاتاتتى. بىر قولىدا تاپانچا تۇراتتى.

         بۇلاڭچى ئورنىدىن تۇرۇپ موتسېكلىتنى يۆلەشكە تەمشىلىۋاتقاندا ناۋابۇدىن ئۇنىڭغا قاراپ بىر قەدەم يېقىنلاشتى.

-ئوق چىقىرىمەن دەۋاتمەن ساڭا!!

ناۋابۇدىن ئىككى قولىنى كىرىشتۈرۈپ بۇالڭچىغا يېلىنغىلى تۇردى:

– سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، قىزلىرىم تېخى كىچىك. مېنىڭ ئون ئۈچ بالام بار. راست دەۋاتىمەن، سىزنى ئالدىغىنىم يوق، مېنىڭ راستتىنلا ئون ئۈچ بالام بار. مەن سىزگە ياردەم قىلالايمەن. سىزنى لوسا بازىرىغا ئاپىرىپ قويالايمەن. بۇ ھېچكىمگە دەپ قويمايمەن. موتسېكلىتىمنى مىنىپ كەتمىسىڭىز. پۈتۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇ موتسېكلىتقا تايىنىپ جان باقىمىز! ئەمەلىيەتتە مەنمۇ سىزدەكلا بىر يالاڭتۆش.

– يۇم ئاغزىڭنى!

ناۋابۇدىننىڭ كۆزىدە مۇغەمبەرلەرچە بىر ئۇچقۇن يالت قىلىپ چاقنىدى – دە، ھايت-ھۇيت دېگىنىچە تاپانچىغا ئېتىلدى. ئەمما تۇتالماي قالدى. ھەش – پەش دېگۈچە پومىداقلىشىپ كەتتى. بۇلاڭچى سۇغۇلۇپ چىقىپ كەينىگە نەچچە قەدە چېكىندى-دە، تەپكىنى باستى. ناۋابۇدىن ئىككى قولى بىلەن بەدىنىنى توسقىنىچە يەرگە يىقىلدى. ئۇ ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق باشقىلاردىن تەستەك يېگەن ئادەمدەك ناھايىتى چۆچىگەن ھالدا يىقىلدى.

بۇلاڭچى موتسېكلىتنى يۆلەپ، ئورۇندۇققا مىندى. ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئوت ئالدۇرۇش تەپكىسىنى كۈچەپ دەسسىدى. ماتور قۇرۇق ئايلىنىپ ئوت ئالمىدى. ئاخرىدا بېزىننىڭ ھەممىسى ئېقىپ تۈگەپ بولدى. ئۇ ماي كلاپانىنى كۈچەپ بۇرىدى. لېكىن ئوخشاشلا ئوت ئالمىدى. تاپانچا ئاۋازى دەشت كەنتىنىڭ  ئىتلىرىنى ئويغىتىۋەتكەنىدى. ئتلارنىڭ كاڭىلداپ قاۋاشقان ئاۋازى مەيىن شامالدا قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇاتتى.

ناۋابۇدىن يەردە سوزالىپ ياتاتتى. بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۆلدى دەپ جەزم قىلدى. ئاجىز ئاي نۇرى كۆكنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئاي نۇرى يول بويىدىكى شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇرغان ناررا دەرەخلىرىگە چۈشكەندە تەۋرەپ تۇرغان بىر چىنە سۇدەك بىلنىشەتتى. ناۋابۇدىن بىر پۇتى ئاستىغا قاتلىشىغلىق پېتى يىقىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ پۇتىنى تۈزلەپ يارا ئېغىزىغا قولىنى ئاپاردى. قولى شىلىمشىق بولۇپ كەتتى.

_ ئاھ خۇدا! ۋايجان…ۋاي ئانىمەي…،-ئۇ شۇنداق دەپ ئۆزىگە پىچىرلىدى. ئۇ بۇلاڭچىغا قارىدى. بۇلاڭچى ئۆزىگە بەش – ئالتە ئىنگىلىز چىسى كەلگۈدەك يەردە بار كۈچى بىلەن ئوت ئالدۇرۇش تەپكىسىنى دەسسەۋاتاتتى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇلاڭچىغا زەربە بېرەلىسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى. ناۋابۇدىننىڭ بۇلاڭچىغا ھەرگىزمۇ موتسېكىلىتىنى تارتقۇزۇپ قويغۇسى يوق ئىدى. چۈنكى بۇ پەقەتلا بىر موتسېكلىت بولۇپ قالماي يەنە ئۇنىڭ يۈرەك باغرى، ئەركىنلىكى ئىدى.

ئۇ يىقىلغان يېرىدىن تەستە تۇرۇپ دەلدۈڭشىگىنىچە ئالدىغا ماڭدى. بىراق ئۇنىڭ يارىلانغان پۇتىدا كۈچ يوق، بەدىنى تولىمۇ ھالسىز بولغانلىقتىن، يەنە يىقىلدى. موتسېكلىتنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بىخەتەرلىك تۆمۈرىگە پېشانىسى بىلەن ئۈسسۈۋالدى. بۇ چاغدا بۇلاڭچى موتسېكىلىتتا چىڭڭىدە ئولتۇرغان بولۇپ، تاپانچىسىنى نېرىغا قويۇپ قويغان ئىدى. بۇلاڭچى ئوت ئالدۇرۇش تەپكىسىنى يەنە دەسسىدى- بىر قېتىم … ئىككى قېتىم … ئۈچ قېتىم … تۆت قېتىم … بەش قېتىم. تاپانچىنىڭ ئۇچىدىن ئىس چىقىپ تۇراتتى. ناۋابۇدىن شۈبىھلىك بىر نەزەردە بۇلاڭچىغا قارىدى. بۇلاڭچى ئەزەلدىن تاپانچا ئىشلىتىپ باقمىغان بولۇپ بۇ تاپانچىنى پارچە – پۇرات قورال سودىگەرلىرىدىن سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بايا ئۇ ناۋابۇدىننىڭ بېشىغا ياكى كۆكرەك قىسىمىغا ئوق چىرىشقا پېتىنالماي، بەدىنىنىڭ ئاستى قىسىمىغا ۋە پاچىقىغا ئوق چىقارغاندا ئاتقان ئوقىنىڭ ئىككىسى ئۇنىڭغا تەگمەستىن يەرنى تېشىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇلاڭچى ئاللىنېمىلەرنى دەپ غۇتۇلدىغىنىچە موتسېكلىتنى يىتىلەپ ئون يىگىرمە قەدەمچە ئالدىغا ماڭدى. يەنە بىر قېتىم ئوت ئالدۇرماقچى بولۇپ تەمشەلدى. دەشت كەنىتى تەرەپتىن قول چىراغنىڭ سۇس نۇرى كېلىشكە باشلىدى. بىرى بۇ ياققا قاراپ تېز- تېز يۈگۈرگىنىچە كېلىۋاتاتتى. بۇلاڭچى بۇ ئەھۋالنى بايقىدى-دە، موتسېكىلىتنى تاشلاپ پەرتلا قىلىپ قۇمۇشلۇققا تىكىۋەتتى.

ناۋابۇدىن مىدىر-سىدىر قىلماي يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. بايا بەدىنىگە ئوق تەگكەندە ھېچ بىر ئاغرىقنى ھېس قىلمىغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بەدىنى قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى. ئۇ پاچىقىدىن ئېقىۋاتقان ئىسسىق قاننى سەزمەكتە ئىدى.

يول ناھايىتى جىمجىتتەك قىلسىمۇ، يىراقتىن قاۋىغان ئىتلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ۋە تومۇزغىلارنىڭ چىرتىلداشلىرى بىر- بىرىگە تەڭكەش قىلىشىپ رېتىملىق بىر كۈي ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۆستەڭنىڭ نېرىسىدىكى ماندارېنلىق باغدا قاغىنىڭ قاغىلار قاقىلدايتتى. ناۋابۇدىن «نېمە ئۈچۈن بۇ قاغا دېگەن نەرسە ھەمىشە كېچىلىرى قاقىلدايدىغاندۇ؟»دەپ ئويلىماقتا ئىدى. بەلكىم دەرەخلەرگە، ئۇنىڭ ئۆيىگە يىلان يامىشىۋالغانلىقتىن شۇنداق قىلىدىغاندۇ. ھىندى دەرياسىدا ئەتىيازلىق تاشقىن بولۇۋاتقان بولۇپ، دەريادىكى يېڭى بېلىقلار شەھەردە سېتىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ بېلىقتىن بىر نەچچىنى ئۆيىگە ئالغاچ كېتىپ ئەتە-ئۆگۈنگىچە پۇشۇرۇپ يەرمىز دەپ ئويلاپ يۈرەتتى. ئاغرىق بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى. بىراق ئۇنىڭ خىيالى مايداچاراسلاپ پىشىۋاتقان بېلىقنىڭ مېزىلىك ھىدىدا ئىدى.

كەنت تەرەپتىن ئۈستى بېشى يېرىم-يالىڭاچ ئككى كىشى  يۈگۈرگىنىچە  يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرى قېرى بىرى ياش ئىدى. قېرىسىنى يوغان قورسىقىنى پۇسكايتىپ، قولىغا يىرىك پولات سىمدىن پاينەك قىلىنغان تاق ستوۋللۇق ئوۋ مىلتىقى ئېلىۋالغان ئىدى.

ياشراقى «جەسەت»نىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ئېڭىشتى.

-ھارۇنىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى توكچى ناۋابۇدىن ئىكەن.

      -مەن ئۆلمىدىم،- ناۋابۇدىن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي توختىماستىن شۇنداق دەيتتى. ئۇ بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئاتا-بالا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ئوغۇلنىڭ تويىدا ئۇنىڭ ئۆيىگە چىراغ بېكىتىپ بەرگەن ئىدى.

       – قاتىل ئاۋۇ قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا.

        دادىسى ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ قومۇشلۇققا قاراپ بىر پاي ئوق ئاتتى. مىلتىقىنى قايتا بەتلەپ يەنە بىر پاي ئوق ئاتتى. بىر ياپيېشىل قومۇشلۇقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. ئېگىز ئۆسكەن قومۇشلارنىڭ ئۇچىدىكى پۆپەكلىشىپ پەيدەك يۇمران ئىدى.

         -ئۇ قېچىپ كەتتى،- ئوغۇل ناۋابۇدىننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بېلىكىنى تۇتۇپ شۇنداق دېدى.

          ئاتا دولىسىغا مىلتىقىنى ئارتىپ ئېھتىيات بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. بىر نەرسە مىدىرىغاندەك قىلىۋىدى ئۇ يەنە ئوق ئۈزدى. بۇلاڭچى«ۋاي…ۋايجان، قۇتقۇزۇقلار…» دېگىنىچە مۆكىۋالغان يېرىدىن قومۇشلۇقنىڭ قىرىغا يىقىلدى. ئىككى قولى بىلەن بىقىنى تۇتقىنىچە سەل ئۆرى بولدى. ئاتا ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ مىلتىقى بىلەن ئۇنىڭ دولىسىغا بىرنى ئۇردى، ئاندىن ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ داقىرىتىپ سۆرىگىنىچە ئۇنى يولنىڭ قىرىغا ئەكەلدى. ئاتا بۇلاقچىنىڭ قانغا بويالغان كۆينىكىنى قايرىپ، قوغۇشۇن ئوقنىڭ ئۇنىق قورساق قىسىمىدا قالدۇرغان ئالتە-يەتتە يەردىكى يارا ئىزىنى كۆردى. قول چىراغنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ ئوق تەگكەن ئەزايىدىن قىپقىزىل قانننىڭ شۇقۇراپ ئېقىپ چىقىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. ھالسىزلانغان بۇلدڭچىنىڭ بۇژۇلداپ ئاپئاق كۆپۈك چىقىۋاتاتتى.

          ئوغۇل موتسېكىلىتقا مىدى. خوتقا سېلىپ كۈچەپ ئىتتەردى. موتسېكلىت ئاخىرى ئوت ئالدى. ئۇ «امشىنىدىن بىر تېپىپ كېلىپ ئۇلارنى يۆتكەپ كېتەيلى»دېگىنىچە موتسېكلىتنى ئۇچقاندەك ھەيدىگىنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى. ناۋابۇدىن ئۇنىڭ ئالدىراپ كېتىپ مۇفتىنى دەسسىمەستىنلا خوت يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاش-قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، ئىچى ئېچىشىپ كەتتى.

         -بىرنى چېكىپ قويامسىز،تاغا؟-ئاتا شۇنداق دېەەچ تاماكا قېپىنى ناۋابۇدىنغا تەڭلىدى.

         -ئاناڭنى، كۆرمەيۋاتامسەن ھالىمنى!-ناۋابۇدىن غەزەپ بىلەن بېشىنى سىلكىدى.

          جىمجىتلىق ئىلىكىدە ناۋابۇدىن بىر ئىشنى، ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر ئىشنى شۇنچە ئەسلەپمۇ ئېسىگە ئالالمايۋاتاتتى. ئۇيلا-ئويلا ئاخىرى ئېسىگە ئالدى.

          -بېرىپ ئۇنىڭ تاپانچىسىنى ئىزدەپ تاپ،بولەي. تاپانچىنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىسەن.

          -سىزنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ،- ئاتا ناۋابۇدىنغا شۇنداق دېدى. بىراق بىرەر مىنىۇت ئۆتە-ئۆتمەي قولىدىكى تاماكىسىنى تاشلاپ ئورنىدىن تۇردى.

           ئاتا قومۇشلۇقتا تاپانچا ئىزدەۋاتقاندا ئۆستەڭ بېشى تەرەپتىن بىر كىچىك تىپلىق يۈك ماشىنىسى چىرىقىنى پارقىرىتىپ ناۋابۇدىن تەرەپكە يېتىپ كەلدى. شۇپۇر كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا قاراپ چۈش كۆرگەندەك بىر چەتتە داڭ قېتىپ تۇراتتى. ئاتا-بالا ئىككىسى ناۋابۇدىن بىلەن بۇلاڭچىنى ماشىنا كوزۇپىغا باستى. ئۇلار ماشىنى لوسا بازىرىدىكى بىر كىچىك شەخسىي ئابۇلاتورىيەەە ھەيدەپ ئاپاردى. بۇ ئامبۇلاتورىيەدە ئامبۇلاتورىيەنىڭ خوجايىنى بولغان دورىگەر ئۆزى يالغۇز ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ پۇت-قولى چاقماقتەك بولغانلىقتىن بۇ يەرگە كېلىپ كېسەل كۆرسىتىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئۇ بىر نەچچە خىللا دورىسى بىلەن بۇ دائىم كۆرىنىدىغان كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىۋېتەتتى.

        كېسەلخانا ئىچىنى مېكروپ ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ پۇرى بىرئالغانىدى. ئىككى يارىدارنىڭ قانلىرىدىن چىقىۋاتقان پۇراق باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ بىر خىل يېقىملىق پۇراق تارقىلاتتى. تۆت كارىۋات قويۇلغان كېسەلخانىنى يالتىراق چىراقنىڭ غۇۋا نۇرى يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ ئاتا-بالا ناۋابۇدىننى كېەلخانىغا كۆتۈرۈپ كىرگىنىدە تولىمۇ ئاۋايلاشتى، چىراي-تۇرىقى ھەم بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.ناۋابۇدىننىڭ كارىۋاتلار ئۈستىدىكى كىرلىكلەردە تۆمۈرنىڭ دېتىدەك بولۇپ قالغان قان داغلىرىنى كۆردى.دورىگەر كېسەلخانىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇراتتى. ئۇ بەلنى تېڭىش ئۈچۈن بىر ئاز رەىت ۋە بىر جىلىتكىنى ئېلىپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشۈپ كەلدى. ئۇ تولىمۇ تەمكىن ھالەتتە ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بىلەن ئۆز ئارامىنى بۇزغۇسى يوق ئىدى.

         -ئۇلارنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇڭلار!

         -ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ساھىب دوختۇر،- ناۋابۇدىن تىۋىپقا شۇنداق دەپ سالام بەردى. ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى يىراقتىن گەپ قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك بوش چىقتى. ناۋابۇدىننىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندىكى ئاۋازى ناھايىتى ئەدەپلىك ئىدى. تىۋىپ ئۆزىگە كاتتا ئەربابلاردەك سۈرلۈك تۈس بەردى.

           -نېمىش بولدى،ناۋابۇدىن؟

-ئۇ موتسېكلىتىمنى بۇلاپ قاچماقچى بولغان، مەن ئۇنى مەقسىدىگە يەتكۈزمىدىم.

          تىۋىپ ناۋابۇدىننىڭ شالۋار ئىشتىننى سالدۇردى. بىر پارچە داكا بىلەن يارا ئېغىزىدىكى قانلارنى سۈرتىۋېتىپ، يارا ئېغىزىنى قوپاللىق بىلەن نەچچىنى نىقتاپ قويدى. بۇ چاغدا ناۋابۇدىن قوللىرى بىلەن كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىنى چىڭڭىدە قاماللاپ ئاۋاز چىقارماسلىققا تىرىشاتتى.

          -تەلىيىڭ باركەن، جېنىڭ ئامان قالغۇدەك. ئوق بەدىنىڭنىڭ ئاستىغا تېگىپتۇ.

          _يارىلىنىپتىمۇ….؟

          -خۇداغا شۈكرى، يارىلانماپتۇ،- تېۋىپ يارا ئېغىزىنى داكا بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتكەچ شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.

           ئوق بۇلاڭچىنىڭ ئۆپكە قىسىمىغا تەگكەن ئىدى. ئۇ توختىماستىن ھاسىرايتتى. ئاغزىدىن بولدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى.

            -سىلەر ئۇنى ساقچىغا ئېلىپ بارىمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار، ئۇنىڭ ھازىر ئۆلگەن بىلەن پەرقى يوق،- تېۋىپ بۇلاڭچىغا قاراپ شۇنداق دېدى.

             – سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي… ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن! مەنمۇ بىر ئادەمغۇ!-بۇلاڭچى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇىسىدا تېۋىپقا شۇنداق دەپ يالۋۇردى.

         تېۋىپ ياندىكى ئىشخانىغا كىرىپ كېتىپ كىچىك بىر ۋاراق قەغەزگە دورىنىڭ ئىسمىنى يازدى. ئۇنى ئوغۇلغا بېرىپ قوشنا كوچىدىكى دورىخانىغا بېرىشنى بۇيرىدى.

-دورىگەرنى ئويغۇتۇپ، بۇ دورىنىڭ توكچى ناۋابۇدىن ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيت. پۇلىنى مېنىڭ تۆلىۋېتىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالما.

         ناۋابۇدىن بېشىنى بۇلاڭچى ياتقان كارىۋات تەرەپكە بۇرىدى. ئۇنىڭ ياستۇقى قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى. بۇلدڭ ى ئۆزىدىكى بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ توختىماستىن بەكمۇ قىينىلىپ نەپەس ئېلىۋاتاتتى. بېشى مۈرىسىدە سىڭايان بولۇپ قالغان ئىدى. ناۋابۇدىننىڭ خىيالىدىكى بۇلاڭچى ئۇنىڭدەك ياش يىگىت بولماستىن، بىر چوڭ كىشى ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى قاراموتۇق، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ئىدى. ھەر قېتىم ئەغزىنى يوغان ئېچىپ نەپەس ئالغىنىدا ئۇنىڭ تاما دېغىدا سارغىيىپ قارىداپ كەتكەن ئوغرى چىشى كۆرۈنەتتى. ئۇ قىينىلىپ تۇرۇپ ناۋابۇدىنغا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىدى.

         -مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن… ئۇ چاغدا مەن سىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيتتىم. سىزمۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنمەيتتىڭىز.ھەتتا ئۆزۈممۇ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. گەرچە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز نامرات بولسىمۇ، مېنىڭ سىزنىڭكىدىن ئۆتە نامرات. ياشانغان ئانامنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، مۇرتان شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى نامراتلار ئۆڭكۈرىدە تۇرىمىز. مەن ئۈچۈن ئۇلارغا گەپ قىلىپ قويسىڭىز. مېنى قوتۇلدۇرىۋالسا،- ئۇنىڭ كۆزىدىن قۇيۇلغان ياش قاپقارا يۈزلىرىدىن سىرغىشقا باشلىدى.

         -كۆزۈمدىن يوقال،-ناۋابۇدىن بەدىنىنى ئۇنىڭغا بۇرىدى،- سەندەك ھارامزادىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىش قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىشلا خالاس. چۆچۈرىدەك بالىلىرىم كوچىغا چىقىپ خەقتىن نان تىلەيدىغان ھالدا قالىدۇ ئەمدى!

بۇلاڭچى كارىۋات ئۈستىدە بارماقلىرىنى يۇقىرى-تۆۋەنە مىدىرلىتىپ، قىينىلىپ نەپەس ئېلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا تىۋىپنىڭ نەلەرگە غايىپو بولغىنىنى ھىچكىم بىلمەيتتى.

-ئۇلار بايا مېنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتىشتى. ھەقىقەتەن مېنىڭ سىزگە قىلغانلىرىمنى كەچۈرۈڭ. مەن كىچىكلىكىمدىن تارتىپلا باشقىلارنىڭ مۇشت تېپىكلىرى ئاستىدا چوڭ بولغان. بۇ كەمگىچىلىك قورسىقىم تويغۇدەك بىر چېنە تاماق يەپ باققىنىم يوق. مەندە ھېچ نەرسە يوق. ئۆيۈم، يېرىم،خوتۇنۇم، پۇلۇم…ھېچنىمەم بولۇپ باققان ئەمەس. نەچچە يىللاردىن بېرى مۇرتاندىكى پويىز بېكىتىنىڭ سوپىسىدا تالاي كېچىلەرنى ئۆتكۈزدۈم. ياشانغان ئانام سىز ئۈچۈن دوئال-تىلاۋەت قىلىپ قويىدۇ. ماڭا شەقەت قىلىڭ، مېنى كەچۈرىۋېتىڭ. مېنى  گۇناھكار پېتى ئۆلۈپ كېتىشتىن قوتقۇزۇپ قېلىڭ،-ئۇ بارغانچە زورۇقۇپ نەپەس ئالماقتا ئىدى، ئەمدىلىكتە ئەنسىز يۆتۈلۈپ ئارقىدىن توختىماستىن كېكىرىشكە باشلىدى.

دېنزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ پۇرۇقى تېخىمۇ كۈچەيگەنسېرى ناۋابۇدىن بۇ پۇراقتىن شۇنچە راھەتلىنىپ كېتىۋاتاتتى. يەر ئاستىدىن يورۇقلۇق چىقىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيا كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇۋاتاتتى.

-سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. سېنىڭ تۇرمۇشۇڭمۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن،مېنىڭ ھاياتىم ھەم ئۆزۈم ئۈچۈن. ھاياتىمدىكى ھەربىر قەدىمىننى خاتادىن خالى ھالدا باسقانمەن. سەن بولساڭ نەگىلا بارساڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىسەن. ھازىرقى ئەپتىڭەە قارا، ئاغزى بۇرنىڭ قان بىلەن بويالغان.  جاجاڭنى يېدىڭغۇ مانا؟ سەن موتسېكلىتىمنى ئوغۇرلاپ كېتىپ ساتقان بولساڭ، ئۇ پۇلنى ئۇدۇل ئاپىرىپ نەچچە بوتۇلكا ھاراق ئالاتتىڭ-دە، ئاندىن قىمارغا تىكەتتىڭ. خوتۇن-بالىلىرىم بولسا يۇم-يۇم يىغلاپ، كۆز ياشلىرى دەريادەك ئاقاتتى. ئەگەر بۇ يەردە ياتمىغان بولساڭ، دەريا بويىدىكى ھېلىقى قىمارخانىدا ھەدەپ قىمارۋازلىق قىلار بولغۇيتتىڭ ،ھەقاچان!

 -سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي… سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي … خوش بولۇپ كېتەي…،- بۇلاڭچىنىڭ ئاۋازى بارا-بارا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ تورۇسقا تىكىلگىنىچە «ئۇنداق قىلمايتتىم» دېمەكچى بولدى-يۇ،ئاۋازى چىقماي قالدى. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي ئۇنىڭ بەدەنلىرى كىرىشتى-دە، جېنى چىقىپ كەتتى. تېۋىپ بۇ چاغدىلا ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ناۋابۇدىننىڭ يارىسىنى سۈرتكىلى تۇردى. بۇلاڭچى بىر يالاڭتۆش بولغانلىقتىن تېۋىپ ئۇنى قۇتقۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

           بۇ ھالنى كۆرگەن ناۋابۇدىننىڭ بەدەنلىرى توساتتىن قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى. بۇلاڭچىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئۆلۈمى پارقىراپ تۇرغان نەرسىنىڭ ئەتراپىدا سەكرەپ، ئۇنى تۇمىشىقى بىلەن چوقۇيمەن دەپ چوقۇيالماي ئالدى كەينىگە چۆرگىلەپ يۈرگەن بىچارە قۇشنىڭ ھالىتىدە ناۋابۇدىننىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزدى. ناۋابۇدىندىكى بۇ خىل روھىي كەيپىيات تېزلا يوقىدى. موتسېكىلىتىنىڭ بۇلاپ كېتىلمىگەنلىكىدەك پەخرلىنەرلىك ئىشتىن ئۇنىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى. بۇلاڭچى ئۇنىڭغا ئالتە پاي ئوق چىقاردى، ئالتە رەت تۇتۇشتى، بۇ ئالتە قېتىمنىڭ بىرىدىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدى. ناۋابۇدىن دېگەن يەنىلا ناۋابۇدىن-دە.

بۇ ھېكايە ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10220

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: