پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

بالىلار رومانى: شاكىلات تەملىك يازلىق تەتىل (2)

 

 شاكىلات تەملىك يازلىق تەتىل

(بالىلار رومانى)

 

تەرجىمە قىلغۇچى: راھىلە بارات

 (بۇ رومان شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتۇ- سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل 2- ئايدا نەشر قىلىندى)

«مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ» ماڭا

گەپ قىلدى

 

-پەنجە يۈز چىشى زومىگەر، سىز ئادەمگە پەقەتلا پەرۋا قىلىپ قويمايدىكەنسىز. نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟- ئۆزىگە «مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ياڭ زىرې QQ دا مېنى توختىماي چاقىرماقتا ئىدى.

مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە ئۇ يەنە گېپىنى باشلىدى:

– ئوخخوي، نېمانداق كالتە نەرسە كىيىۋالدىڭىز؟

– سىز مەندىنمۇ قىسقا كىيىۋاپسىزغۇ؟-دېدىم مەن جاۋابەن.

ئۇ QQ بوشلۇقىغا چىقىرىۋالغان رەسىمىگە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسدە كالتە ئىشتان كىيدۈرۈپ قوياتتى، تېخى بېلىنىڭ ئۈستىگە ھېچنېمە كىيدۈرمەيتتى، تۇرۇقى بەكلا مەتۇ ئىدى!

– «مور قورۇقى» ئوينىغۇڭىز بارمۇ؟- مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ مەندىن شۇنداق دەپ سورىدى.

– قانداق نەرسە ئۇ؟

– ئويۇن بولمامدۇ! مور قورۇقى ئويناشنىمۇ بىلمەمسىز؟ راستىنلا زاماننىڭ كەينىدە قاپسىز جۇمۇ!- مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ ماڭا يەنە شۆلگىيى ئېقىپ كالچاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتى.

– ھىم، ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەسقۇ ئۇ!- مەنمۇ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا ئۇنىڭغا بىر تال پىچاقنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىۋەتتىم- دە، ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىدى.

لېكىن، ئۇ بايا دېگەن ئويۇنغا سەل قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم. شۇنچە دەپ كەتكۈدەك مور قورۇقى دېگەن زادى قانداق ئويۇندۇ؟

مەن سىنىپىمىزنىڭ QQ توپىغا چىقىۋالغاچقا ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئافرىقا خانىشى» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان تاۋ فېيرەننى كۆرۈپ قالغانىدىم.

– ھا- ھا، تىرىشچانلىقىم ھەر ھالدا بىكارغا كەتمىدى؟- دېدى ئۇ ماڭا خۇشاللىق بىلەن.

مەن ئۇنىڭغا گاڭگىراش تۇيغۇسى چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى ئەۋەتتىم. ئۇ بىردەمدىن كېيىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

– بىلسەم- بىلمىسەم، تورغا يېتىپلىۋالدىڭغۇ دەيمەن!- ئافرىقا خانىشى كەينىدىنلا توختىماي گەپ قىلىشقا باشلىدى.

– شۇنداق، خانئاچاڭ ئەتىگەن سەھەردىلا تورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇقلۇق!- دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

– ھەي، ئاۋۇ ئىككىسى نېمانداق تورغا چىقمايدۇ؟- تاۋ فېيرەن بەكلا ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى.

«ئاۋۇ ئىككىسى» دېگىنى «كىملا كۆرسە قاچىدىغان تۆت كىشىلىك قىزلار گورۇپپىمىز» دىكى «ئاتامان» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان سەي يىشىن بىلەن «تۆت كۆزلۈك پولات چىش سىڭىل» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان خۇ جىڭجىڭ ئىدى.

تاۋ فېيرەن، سەي يىشىن، خۇ جىڭجىڭ تۆتىمىز ئۆزىمىزنى «تۆت كىشىلىك گورۇھ» دەپ ئاتايتتۇق، ئادەتتە قاچانلا قارىسا بىللە يۈرەتتۇق. ئوغۇللار بىزگە «كىملا كۆرسە قاچىدىغان تۆت كىشىلىك قىزلار گورۇپپىسى» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغانىدى.

مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ ئەينى يىلىدىكى «تۆمۈر بىلەكلىك ئا توڭمۇ» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ تۆت كىشىلىك گۇرۇپپىمىزدىن قورقۇپ كېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى قورقۇتىدىغان ئەسىرىنى يېزىپ چىققانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.

تاۋ فېيرەن ئۇماق جانۋاردىن بىرنى بېقىۋالدى

 

– ساڭا بىر خوشخەۋەر ئېيتاي، مېنىڭ ئۇماق جانۋىرىمدىن بىرسى بار بولدى!- تاۋ فېيرەن قىن- قىنىغا پاتمىغان ھالدا شۇنداق دېدى- دە، كۆرەڭلىگەن ھالدا يەنە قوشۇپ قويدى،- بايا، تېخى ئون سىكونتنىڭ ئالدىدىلا بېقىۋالدىم، ھى- ھى!

– قالتىسقۇ!- دېدىم مەن مەسخىرە ئاھاڭىدا،- بۇرۇن بېقىۋاتقان پىنگىۋىنىڭ دوڭ دوڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانتىغۇ؟

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بېرىدىغان بولغاچقا تورغا چىقالمايتتۇق، شۇڭا مەن QQ رىمدىكى جانۋىرىمنى نەۋرە سىڭلىم خې لەندوغا سوۋغا قىلىۋەتكەنىدىم. ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن تاۋ فېيرەن بۇ ئىشقا ئېرەڭشىمىدى، QQ دىكى جانۋىرى پىنگىۋىن بىلەن كارىمۇ بولمىدى، ئاقىۋەتتە . . .

ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن جانۋارنىڭ ھالىغا ۋاي!

-ھەي، تولا ئۆتۈپ كەتكەن ئازابلىق ئىشلارنى تەگىمىگىنە!- ئۇ ماڭا ئالايغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتى.

ئۇ شۇنداق دېگىنى بىلەن، ئازراقمۇ كۆڭلى يېرىم بولمىغانىدى.

تاۋ فېيرەن كۆرەڭلىگەن ھالدا بىر تال QQ پۇلىنىڭ يانچۇقىدا قالغانلىقىنى، چوشقىنى باشقىلارنىڭ سوۋغا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

– ساڭا بىر نەرسە سوۋغا قىلغان ئادەمنىڭ كۆزى كور ئىكەن ئەمىسە،- دېدىم مەن.

يېغىرىنى تاتىلاشلىرىم بۇ يۈزى قېلىن ئافرىقا خانىشىغا ھېچ تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ تولىمۇ خۇشاللىق بىلەن پىنگىۋىن ئەمەس، ئۇماق جانۋاردىن بىرنى باققۇسى بارلىقىنى، لېكىن سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بەزىلەر ئۇنىڭغا تورغا تېما يوللاپ ئۇماق جانۋاردىن بىرنى تىلىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.

شۇنداق قىلىپ، ئافرىقا خانىشى «ئۇماق جانۋار سوۋغا قىلىش» مۇنبىرىگە قاراپ باقماقچى بولدى، ئەگەر ئۇ يەردە بولمىسا بىرنى سېتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. شۇ ئەسنادا بىرەيلەن تۇيۇقسىز MM ئىسىملىك بىر جانۋىرىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

– شۇنداق قىلىپ، مەن ئۇنى QQ رىمغا قېتىۋالدىم، ئۇماق جانۋىرىممۇ بار بولدى، بۇ خوشلۇقۇمغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ جۇمۇ، ھا- ھا!- خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

– شۇنداق قىلىپ، تىرىشچانلىقىم ھەر ھالدا بىكارغا كەتمىدى؟- دېدىم مەن ھەسەتخورلۇقۇم قوزغىلىپ.

بالدۇرراق بىلگەن بولسام ئۇ يەرگە مەنمۇ باراتتىمكەن. كىم بىلىدۇ، ئۇماق جانۋار مەن شياڭ شىنىيىغا تېگىپ قالار بولغىيمىدىكىن تېخى!

QQ- جانۋىرى بېقىپمۇ ئىشمۇ؟ كىچىك بالىدەك خۇيىڭىز باركەن سىزنىڭ. ھازىرچۇ، ھەممە ئادەم مور قورۇقى ئوينايدۇ! – بايىدىن بېرى جىمىپ كەتكەن مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ تۇيۇقسىز يەنە پەيدا بولۇپ شۇنداق دېدى.

– قىلىقىنىڭ سەتلىكىنى، بايىدىن بېرى قىلىشقان گەپلىرىمىزنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋاپسىز- دە! – دەپ تىللىدى ئافرىقا خانىشى يىرگىنىش ئىلىكىدە.

– مەن نەدە ئوغرىلىقچە ئاڭلاپتىمەن؟ ئۆزۈڭلار QQ توپىدا شۇنداق دەپ پاراڭلاشتىڭلارغۇ!- دېدى مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ ئۆزىنى ئاقلاپ.

 

سىنىپىمىزنىڭ QQ توپىغا ئۈسسۈپ

 كىرگەن ئادەم

 

QQ توپىمىزغا «پاشا بېقىش» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ياڭ ۋېن، «قارلىغاچ» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان لى يەنكۈەن قاتارلىق نەچچەيلەن كەينى- كەينىدىن كىردى، ھەممىسى ئوغۇلبالا ئىدى. ئۇلار مور قۇرۇقلۇقى دېگەن ئويۇننى زوق- شوق بىلەن ئويناۋاتاتتى، ئاغزىدىن مۇشۇ ئويۇننىڭ گېپى چۈشمەيتتى.

«كۆكەمە» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان يەنە بىرەيلەن كېلىپ: «ھەي كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر!» دەپ قىزغىن سالام قىلدى.

مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. بۇ بالا نەدىن كەلگەندۇ ئەمدى؟

سىنىپىمىزنىڭ QQ توپىغا ھەممەيلەن ھەقىقىي ئىسمىمىز ياكى لەقىمىمىز بىلەن چىقاتتۇق، «كۆكەمە» دەپ لەقەم قويۇۋالغان بۇنداق بالا يوق ئىدىغۇ!

– گۈزەل قىزچاق، خاتا كىرىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟- دېدى مانتا كاۋىسى زۇڭتۇڭ دادىللىق بىلەن.

– توغرا، سىز بىزنىڭ سىنىپتا ئوقۇمسىز؟ ئۇ 6- يىللىق بىرىنچى سىنىپنىڭ ئەزاسى ئەمەس، ئۇنى سىنىپىمىزنىڭ QQ توپىدىن ھەيدەپ چىقىرايلى! – قارلىغاچ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

– بولدى قىلىڭلار، ھەممەڭلار ئوقۇش پۈتتۈردۈڭلار، 6- يىللىق 1- سىنىپ ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس! – دېدى كۆكەمە زەھەرخەندىلىك بىلەن.

-6- يىللىق 1- سىنىپ مەۋجۇت ئەمەس دەپ كىم شۇنداق دەيدۇ؟- دېدى مانتا كاۋىسى غەزەب بىلەن،- سىنىپىمىز QQ توپىنىڭ يېڭى ئىسىمىنى كۆرمىدىڭما؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن دەرھال QQ توپىمىزنىڭ ئىسىمىغا قارىدىم. سىنىپىمىز QQ توپىنىڭ «6- يىللىق 1-سىنىپ گورۇھى» دېگەن ئىسىمى «مەڭگۈلۈك 6- يىللىق 1- سىنىپ» دېگەن ئىسىمغا ئالمىشىپ قالغانىدى.

– ھەي، مەن سىلەرنىڭ سىنىپىتىن كىم- كىملەرنىڭ 6- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى سوراپ باقاي دېگەنىدىم،- دېدى كۆكەمە.

دېگەندەك، ئۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس ئىدى!

– سەن زادى كىم؟- سورىدى پاشا باققۇچى.

– مەن بىرلەشمە سىنىپتىكى شيا چىڭ بولىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى كۆكەمە.

 (داۋامى بار)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11514

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-03-22
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 1دانە
  1. بۇلبۇلناز

    كىتابخانىلارغا سېلىنغانمىدۇ بۇ كىتاب ئېلىپ قوياي دېگەن، ياكى نەشىرياتتىن ئوڭ كۆزىدە قاراپ بىرەرنى بېرىپ تاشلامدىكىن؟ :razz:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: