پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

يۈرىكىم ئوخچۇيدۇ

يۈرىكىم ئوخچۇيدۇ

ئىنگلىزچىدىن زۇلپىقار بارات تەرجىمىسى 

 

(تىتانىك ناملىق كىنونىڭ ناخشىسى)

 

ھەر كېچە چۈشۈمدە كۆرىمەن سېنى،

خىيالەن ھېس قىلىپ يۈرىمەن سېنى.

بىلىمەن، ئارىلىقنى چىنپۈتمەي زىنھار،

مېنى دەپ يىراقتىن كەلگەنلىكىڭنى.

 

مەيلى سەن نەدە بول، ئىشەنچىم كامىل،

يۈرىكىمىز تەڭ سوقار، مەڭگۈ ھەر زامان.

ئوخچىدى يۈرىكىم، سەن كېلىپ قايتا،

قەلبىمنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ـــ شۇ ھامان.

 

مۇھەننەت لەززىتى شام قىلدى تەننى،

لېكىن بۇ شام ئۆچتى شۇنچە بىمەھەل.

بۇ شېرىن دەملەرنى كەتمىسە دەيتتىم،

تاكى بىز بۇ يەردىن كەتكەنگە قەدەر.

 

مۇھەببەت كۈچىدە يايرىدى ۋۇجۇد،

مەن ساڭا كۆڭلۈمنى بەرگەن شۇ مىنۇت.

يېنىپلا ئۆچسىمۇ بۇ كۈلگەن دەقىق،

قەلىبلەر ئار، بىز مەۋجۇتمىز، مەۋجۇت.

 

يېقىن بول، يىراق بول، مەيلى نەدە بول،

ئىشەنچىم بار، يۈرەك تەڭ سوقار مەڭگۈ.

ئوخچىدى يۈرىكىم، كېلىپ قايتىدىن،

سەن قەلب خانەمگە تولدۇرساڭ سۆيگۈ.

 

خاتىرجەم تۇرىمەن قورقماي زىنھار،

يېنىمدا بولساڭلا ھەر چاغ سەن ئەگەر.

بىلىمەن شۇندىلا ئوخھار يۈرىكىم،

ئېرىسە سۆيگۈدىن مەست بوپ شۇ قەدەر.

 

ئايرىلغان بولساقمۇ گەرچە ئامرىقىم،

قەلبىمىز تەڭ سوقار مۇشۇ يوسۇندا.

توختىماس يۈرىكىم ئوخچۇشتىن ھامان،

ھاياتسەن ۋە ھەم ئويۇمدا.

 

 

 

My Heart Will Go On

 

歌手:celion dion
 

every night in my dreams

i see you, i feel you

that is how i know you go on.

far across the distance

and spaces between us

you have come to show you go on.

 

near, far, wherever you are

i believe that the heart does go on

once more, you opened the door

and you re here in my heart,

and my heart will go on and on.

 

love can touch us one time

and last for a lifetime

and never let go till we ve gone.

love was when i loved you,

one true time to hold on to

in my life we ll always go on.

 

near, far, wherever you are

i believe that the heart does go on

once more, you opened the door

and you re here in my heart,

and my heart will go on and on.

 

you re here, there s nothing i fear

and i know that my heart will go on.

we ll stay, forever this way

you are safe in my heart

and my heart will go on and on.

 

مەنبە: «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» 2- قىسىم

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11579

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: