پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى (رومان): 7- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

يەتتىنچى باب

نېمە سەۋەپتىنكىن ، ئۇ كۈنى ئاخشىمى تىياتىرخانىدا تاماشىبىن بۆلەكچە كۆپ ئىدى . سېمىز كەلگەن ھېلىقى يەھۇدىي خوجايىن خوشلۇقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالەتتە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى . ئۇ ئۈچەيلەننى تىياتىرخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا باشلاپ كېتىۋېتىپ گۆشلۈك بارماقلىرىغا قاتىرىسىغا سېلىۋالغان ياقۇت ئۈزۈكىنى كۆرسۇن دېگەندەك قولىنى ھەدەپ پولاڭلىتاتتى ، ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپ گەپ قىلاتتى ، خۇشلۇقىدا ئاغزى يۇمۇلمايلا قالغانىدى . دورىيان گرېي ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك بىزار بولۇۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۈچۈن مىراندا ①نى ئىزدەيمەن دەپ كالىبانغا ②دوقۇرشۇپ قالغاندەكلا ئىش بولۇۋاتاتتى . ئەكىسچە ، لورد ھېنرى ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا قىزىقىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن زورىغا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بىر تالانت ئىگىسىنى بايقىغان ، بىر شائىر ئۈچۈن ۋەيران بولۇشتىنمۇ باش تارتمايدىغان خوجايىن بىلەن تونۇشالىغىنىدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى . بازىل خالۋارد بولسا كەينىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغان خىلمۇ – خىل چىرايلارنى قىزىقسىنغان ھالەتتە كۆزىتىپ ئولتۇراتتى . تىياتىرخانا چىدىغۇسىز دىمىق بولۇپ ، تورۇستىكى يوغان مەخمەل گۈلنى ئەسلىتىدىغان غايەت زور گاز لەمپىدىن ئوت يالقۇنىدىن قېلىشمىغۇدەك ھارارەتلىك نۇر چاقناپ تۇراتتى . ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرغان ياشلار ئىسسىققا چىدىماي چاپانلىرىنى سېلىۋىتىشكەن ئىدى . ئۇلار ئەتراپىدىكى تونۇش چىرايلارغا سالام قىلىپ قويۇشاتتى ، ئاۋازىنى بولۇشىغا قويىۋېتىپ گەپ قىلىشاتتى ، يېنىدىكى تولىمۇ چاكىنا كىينىۋالغان قىزلار بىلەن ئاپلىسىننى تالىشىپ يېيىشەتتى . كەينى تەرەپتە ئولتۇرغان ئاياللار بار ئاۋازى بىلەن كۈلۈشەتتى ، چوقان سالاتتى . قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ – چۇرۇڭ تىياتىرخانا ئىچىنى بىر ئالغانىدى . تىياتىرخانا ئىچىگە جايلاشقان كىچىككىنى قاۋاقتىن ھاراق بوتۇلكىسىنى ئاچقاندا چىققان ئاۋاز دەممۇدەم ئاڭلىنىپ تۇراتتى .

– تازا كۆڭلۈمدىكىدەك جايكەنغۇ – بۇ ! – دېدى لورد ھېنرى .

– شۇنداق ! – جاۋاب بەردى دورىيان گرېي ، – مەن ئۇنى دەل مۇشۇ يەردە بايقىغان . نەزىرىمدە ئۇ ئىلاھتىنمۇ پاك ، مۇقەددەس . ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرسىڭىز ھەممىنى ئۇنتۇيسىز . بۇ تاماشىبىنلار كۆزىڭىزگە قالاق ، مەدەنىيەتسىز ، ياۋايى كۆرۈنگىنى بىلەن ، ئۇ سەھنىدە پەيدا بولغان ھامان پاراڭلىرىنى توختىتىپ جىم بولىدۇ . ئەس – ھوشىنى يوقاتقان ھالدا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەيدۇ ، ئۇ يىغلىسا تەڭ يىغلايدۇ ، كۈلسە تەڭ كۈلىدۇ . ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى شۇنچىلىك ئەسىر قىلىۋالغان ئىكەنكى ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىر جان ، بىر تەن بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز .

– ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىر جان ، بىر تەن بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز ! ئۇنداق بولمىسىكەن ئىلاھىم ، – دېدى لورد ھېنرى دۇربۇن بىلەن ئۈستىدىكى تاماشىبىنلارغا قاراۋېتىپ .

– ئۇنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلماڭ ، دورىيان ، – دېدى بازىل ، – نېمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى مەن چۈشەندىم ، ھەم ئۇ قىزغىمۇ ئىشەندىم . سىز ئۇنداق – بۇنداق قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالمايسىز . ئەگەر تەسۋىرلەپ بەرگىنىڭىزدەكلا بولسا ، ئۇ چوقۇمكى ناھايىتى لاتاپەتلىك . بىر دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ روھىنى پاكلاش دېگەن قالتىس ئىش . ناۋادا ئۇ روھى پۈچەك ئاشۇ كىشىلەرگە روھىي ئوزۇق ئاتا قىلالىسا ، يىرگىنچلىك ، بەدبەشرە مۇھىتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا گۈزەل ھېس – تۇيغۇلارنى ئويغىتالىسا ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا يامراپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكلەرنى پاكپاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىيالىسا ، باشقىلارنىڭ دەرت – ھەسرىتى ئۈچۈن ھېسداشلىق ياشلىرىنى ئاقتۇرالىسا ، ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزنى بەرسىڭىز تامامەن ئەرزىيدۇ ، ئۇنداق ئادەمگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆرمىتى قوزغىلىدۇ . سىز ئۇنى مەڭگۈلۈك جورىلىققا تاللاپ خاتا قىلمىدىڭىز . دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىڭىزغا قوشۇلغۇم كەلمىگەنىدى ، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس . تەڭرى ئۇنى سىز ئۈچۈنلا يارىتىپتىكەن ، ئۇ بولمىسا ، سىزمۇ بىر يېرىڭىز كامدەك ھېسىياتتا بولۇپ قالىسىز .

– رەھمەت سىزگە بازىل ، – دېدى دورىيان گرېي ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، – مەنمۇ سىزنىڭ مېنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم . ھاررىنىڭ ھەممىنى بىر تاياقتىلا يوققا چىقىرىدىغان مىجەزىدىن سەل قورقۇپ قالدىم . ئەنە مۇزىكا باشلاندى ، يەنە بەش مىنۇتقا قالمايلا پەردە ئېچىلىدۇ . پەردە ئېچىلىش بىلەن تەڭلا ئۇنى كۆرەلەيسىلەر . مەن ئۇنىڭغا جېنىمنى پىدا قىلىشقىمۇ تەييار ، ھېلىمۇ ۋۇجۇدۇمدىكى جىمى گۈزەللىكنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم . ھەجەپ قاملاشمىغان مۇزىكا ئىكەنا بۇ !

ئارىدىن 15 مىنۇت ئۆتتى ، سېلبي ۋېيىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىدە پەيدا بولدى . ئۇ شۇ دەرىجىدە جەلىپكار ئىدىكى ، ھەتتا لورد ھېنرىمۇ ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق قىز بالىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىغا تەن بېرىۋاتاتتى . ئۇنىڭ شەرمى – ھايا بالقىپ تۇرغان ئېيىتقۇسىز دەرىجىدىكى لاتاپىتى ۋە ھەيرانلىق ، چۆچۈش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى كىشىگە بەئەينى بىر نەرسىدىن ئۈركۈپ كېتىپ ، قېچىشقا ئارانلا تۇرغان كىيىكنى ئەسلىتەتتى . تىقما – تىقماق ئولتۇرۇپ كەتكەن ، ھاياجىنىنى باسالماي قېلىۋاتقان تاماشىبىنلارغا بىر نەزەر تاشلىدى – دە ، چېھرىگە ۋىللىدە قىزىللىق يۈگۈردى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقى كىشىگە ئەتىرگۈلنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىنى ئەسلىتەتتى . ئۇ كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ ، نېپىز لەۋلىرىنى قىمىرلىتىپ قويدى . بازىل خالۋارد ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ كەتتى . دورىيان گرېي گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بىر قىياپەتتە كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي جىممىدە ئولتۇراتتى . دۇربۇن بىلەن ئەستايىدىل كۆزىتىپ ئولتۇرغان لورد ھېنرى ئۆز – ئۆزىگە : « قالتىس ، قالتىس !» دەپ پىچىرلىدى .

پەردە ئېچىلىپ كاپولىتنىڭ ئۆينىڭ زالى نامايەن بولدى . تاۋاپ قىلغۇچىلاردەك كىيىنگەن رومىئو مېركۇتىئو ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە دوستلىرى بىلەن سەھنىگە چىقتى. قىسقا بىر مۇزىكا چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئۇلار ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىشتى. مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئورۇنداش سەۋىيىسى تۆۋەنمۇ قانداق ، مۇزىكىنىڭ ئۇدارى قېيىپ كېتىۋاتاتتى . سېلبىي ۋېيىن گويا باشقا بىر دۇنيادىن كېلىپ قالغان گۈزەل پەرىشتىلەرگە ئوخشاش تولىمۇ چۈپەي كىيىنگەن ، ھەرىكەتلىرى قولاشمايۋاتقان بىر توپ ئارتىستلار ئارىسىغا پىرقىرىغىنىچە كېلىپ قېتىلدى . ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندىكى قىياپىتى شۇنچىلىك لەرزان ئىدىكى ، گويا سۇدا توختاۋسىز چايقىلىۋاتقان قۇمۇشنى ئەسلىتەتتى . ئۇ بوينىغا ئاپئاق سامساق گۈلىنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ لېنتا چىگىۋالغان ، قوللىرى شېشىدەك سۈزۈك ، نازۇك ئىدى .

 ئۇنىڭ چىرايىغا تۇرۇپلا روھسىزلىق ئالامەتلىرى تېپىپ چىقاتتى . كۆزلىرى رومىئوغا چۈشكەندە ، چىرايىدا قىلچىمۇ خۇش بولۇش ئالامەتلىرى پەيدا بولمىدى .

قولۇڭغا ھاقارەت قىلما ئەي ، شاگىرت،

سېنىڭمۇ ھۆرمىتىڭ ئۆزۈڭگە پۈتۈن.

ئىلاھنىڭ قولىغا تېگىشسە قولۇڭ،

ئىككى ئالىقان ئۇچرىشىشى سۆيۈشتىن ئۈستۈن.

ئۇنىڭ دېگەن سەھنە سۆزى ۋە ئارقىدىن  قىلىشقان قىسقا دىئالوگى تولىمۇ سۈنئىي چىقىپ قالدى .

ئۇنىڭ ئاۋازى بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق بولغىنى بىلەن ، ئىنتوناتسىيىسى بەكلا قېيىپ كېتىۋاتاتتى . ئاساسىي ئىنتوناتسىيە توغرا بولمىغاچقا ، پۈتۈن شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى بۇزۇلۇپ ، ھېسسىيات ساختا چىقىپ قېلىۋاتاتتى.

سېبلىيدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان دورىيان گرېينىڭ چىرايى شۇئان  تامدەك تاتىرىپ كەتتى . نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي مەڭدىگىنىچە تۇرۇپ قالدى ، يۈرەكلىرىمۇ تېز-تېز سوقۇپ كەتتى . لورد ھېنرى بىلەن بازىل خالۋارد شۇ تاپتا ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى ، ئۇلارنىڭ سېلىبىينىڭ بۇ رولنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئالالىشىغا كۆزى يەتمەي ، ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى.

لېكىن ، ئۇلارغا شۇنىسى ئايانكى ، جۇلىتتانىڭ رولىنى ئالغۇچىنىڭ ماھارىتى ئىككىنچى پەردىدىكى بالىكونغا چىققان چاغدىكى كۆرۈنۈشتە ھەقىقىي سىنىلاتتى . ئۇلار پۈتۈن ئۈمىدىنى ئىككىنچى پەردىگە باغلىدى ، ئەگەر سېلبىي رولنى ئىككىنچى پەردىدىمۇ ياخشى ئالالمىسا ، تۈگەشكىنى شۇ ئىدى .

ئايدىڭ كېچە ، سېلبىي ئاي شولىسى يۇرۇتۇپ تۇرغان بالكوندا پەيدا بولدى ، ئۇنىڭ تۇرۇقى كۆرگەن كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالاتتى ، بۇ تەرىپىگە كۆز يۇمۇشقا قەتئىي بولمايتتى . لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى تەبئىيلىكىنى يوقىتىپ ، بارغانسىرى قولاشمىغىلى تۇردى . ئۇ پەقەتلا ئەركىن بولالماي ، ئوينىغان رولىغا سۈنئىي تۈس بېرىپ قويۇۋاتاتتى . دېگەن ھەربىر جۈملە سۆزىنىڭ ئىنتوناتسىيسىمۇ زىيادە يۇقىرى چىقىپ كېتىۋاتاتتى . ئەسلىدە ئادەمگە تولىمۇ ھوزۇر بېغىشلايدىغان بۇ مونولوگ –

كېچە ياپتىكى بەختىمگە قارا رەڭلىك لىباسنى ،

 كۆرەتتىڭ بولمىسا مەندىن قىزارغان يۈز – سىماسىنى ،

 ساڭا ئېيىتماق بولۇپ تۇرغان پېقىرنىڭ سۆز ناۋاسىنى .

 خۇددى ئوقۇتقۇچىسىغا شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭكىدەك سۈنئىي چىقىپ قالدى . ئۇ بالكوننىڭ رىشاتكىسىدىن گەۋدىسىنى ئېگىپ تۇرۇپ ، تۆۋەندىكى ئېسىل مىسرالارنى ئوقۇدى .

قانچىلىك سۆيسەممۇ گەر سېنى دىلدىن ،

پۈتۈن كېچە ناخۇشمەن مەخپىي ۋىسالدىن .

بۇ كېچە شۇنچە قىس ، شۇنچىلىك خائىن ،

ھېچ پەرۋا قىلمايلا كەتتى ئالدىمدىن .

خەير – خوش ، ئاھ مېنىڭ سۆيگەن ئامرىقىم .

مۇھەببەت غۇنچىسى قالدى بىر دەستە ،

ئىللىق ياز شامىلدا شۇ دەقىق بىردىن .

ئەمدى ئۇ كەلگۈسى كۆرۈشكەن چاغدا ،

پورەكلەپ ئېچىلسۇن ۋىسالىمىزدىن .

ئۇنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان چاغدىكى چىراي ئىپادىسى شېئىردىكى مەنە بىلەن زادىلا ماسلاشمىدى . بولمىسا ئۇ ھېچ جىددىيلىشىپ كەتكەندەكمۇ قىلمايتتى ، چىرايىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن تۇتۇۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى . بۇ پۈتۈنلەي رول ئېلىشتىكى ماھارەتنىڭ ناچارلىقىدىن بولۇۋاتاتتى . ئىككىنچى پەردىدە ئۇ رولنى قەتئىيلا ياخشى ئالالمىدى .

تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى بىراقلا يۇقىدى . ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىۋېلىپ ۋارقىراشقا ، ئىسقىرتىشقا باشلىدى . كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ كەينىدە تۇرغان يەھۇدىي خوجايىن غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئاغزىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ تىللاشقا باشلىدى . پۈتۈن زال ئىچىدە سېلبىيلا قاققان قوزۇقتەك ئورنىدا جىممىدە تۇراتتى .

ئىككىنچى پەردە تاماملىنىشى بىلەن ، ھۇشقىيتىپ ئىسقىرتىشقان ئاۋازلار زال ئىچىنى بىر ئالدى . لورد ھېنرى ئورنىدىن تۇردى – دە ، چاپىنىنى كىيگەچ دېدى :

ئۇ چىرايلىق بولغىنى بىلەن ، رولنى ياخشى ئالالمايدىكەن ئەمەسمۇ ، دورىيان . يۈرۈڭلار كېتەيلى !

– مەن ئاخىرىغىچە كۆرۈۋېتىپ ماڭاي ، – دېدى دورىيان كۆڭلى يېرىم بولۇپ ، – بۈگۈن كەچتىكى ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلىۋەتكىنىمدىن سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن .

     – قەدىرلىك دورىيان ، مېنىڭچە ، سېلبىي خانقىزنىڭ بۈگۈن مىجەزى يوق ئوخشايدۇ ، – دېدى بازىل دورىياننىڭ گېپىنى بۆلۈپ ، – بىز باشقا كۈنى كېلەيلى .

     – ئىلاھىم ، شۇنداق بولسىكەن ، – جاۋاب بەردى دورىيان  ، – ئۇنىڭغا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ ؟ ئۆزىگە ئوخشىمايلا قالدىيا ؟ تېخى تۈنۈگۈن ئاخشاملا بىر ئۇلۇغ سەنئەتكار ئىدىغۇ . بىر كىچىدىلا پاخپاق ئارتىستقا ئوخشاپ قالغىنى نېمىسى .

– ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزنى ئۇنداق دېمەڭ دورىيان . مۇھەببەت سەنئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .

– ھەر ئىككىلىسى شەكىلدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، – دېدى لورد ھېنرى ، – بولدى ، ماڭايلى . دورىيان ، بۇنداق ئولتۇرىۋەرسىڭىز بولمايدۇ . تېتىقسىز ئويۇننى كۆرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سىز كەلگۈسىدە ئايالىڭىزنىڭ ئارتىسىت بولۇشىنى خالىمايسىز . قارىڭە ئۇنىڭ ئالغان رولىنى ، جۇلىتتانىڭ رولىنى قونچاققا ئوخشاشلا ئويناپ قويدى . ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن ، لىكىن ئۇ تۇرمۇشقىمۇ رول ئالغانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىش كىشىنى خوشال قىلغۇدەك بىر ئەسلىمە بولۇپ قالغۇدەك . دۇنيادا ھەقىقىي جەلىپكار ئادەملەر مۇنداق ئىككى خىللا بولىدۇ ، بىرى – بىلمەيدىغىنى يوقلار ؛ يەنە بىرى – ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلار . قەدىرلىك دورىيان ، كۆڭلىڭىزنى بۇنچىلىك يېرىم قىلماڭ . ياشلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشنىڭ مەخپىيتى – ھېسىياتنى مەڭگۈ ياشارتىپ تۇرۇشتا . ئۈچەيلەن كۇلۇبقا بېرىپ ، سېلبىي ۋېيىننىڭ گۈزەل رۇخسارى ئۈچۈن بىرەر قەدەھتىن ئىچىشەيلى . ئۇ ئاجايىپ جەلىپكار قىز ئىكەن . سىز بۇ يەردە يەنە تۇرىۋەرمەكچىما ؟

– مېڭىۋېرىڭ ھاررى ، – دېدى دورىيان بىئارام بولغان ھالدا ، -بىردەم يالغۇز تۇرغۇم بار . بازىل ، سىزمۇ مېڭىۋېرىڭ . ھەي ، شۇ تاپتا يۈرىكىمنىڭ پارە – پارە بولاي دەۋاتقانلىقىنى بىلمىدىڭلارمۇ ؟ – ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ لەۋلىرى تىترەشكە باشلىدى ، شۇئان ئايرىمخانىنىڭ كەينى تېمىغا يېقىن باردى – دە ، قوللىرى بىلەن يۈز – كۆزلىرىنى تۇتقىنىچە تامغا يۆلىنىپ تۇرىۋالدى .

– بىز مېڭىۋېرەيلى بازىل ، – دېدى لورد ھېنرى ئاۋازىغا بۆلەكچە مۇلايىم تۈس بېرىپ . ئىككىيلەن دورىياننى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى .

ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا چىراغلار يېنىپ ، ئۈچىنچى پەردە باشلاندى . دورىيان گرېي جايىغا كېلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ، تۇرۇقىدىن بىر خىل كۆرەڭلىك ، مۇزدەك سوغۇقلۇق چىقىپ تۇراتتى . ئەزمىلىك بىلەن ئوينىلىۋاتقان بۇ درامما ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى . تاماشىبىنلارنىڭ يېرىمى كۆرۈشكە تاقىتى قالماي زالدىن چىقىپ كېتىشتى . بۇ پەردىدە ئۇ رولنى زادىلا ياخشى ئالالمىدى . ئەڭ ئاخىرقى پەردە ئوينىلىۋاتقاندا زالدا تۈزۈك ئادەم قالمىدى . ئويۇن تۈگىگەندە ، زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكەن ، خۇرسىنغان ئاۋازلار زالنى بىر ئالدى .

ئۇيۇن تۈگىدى ، دورىيان گرېي لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇدۇل سەھنىنىڭ كەينىدىكى ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىردى . چىرايىدىن كۆرەڭلىك ئالامەتلىرى چىقىىپ تۇرغان سېلبىي ئۆزى يالغۇز تۇراتتى ، بىلىنەر – بىلىنمەس ئېچىلغان لەۋلىرىدە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر خىل كۈلۈمسىرەش جىلۋىلىنىپ تۇراتتى . ئۇ دورىياننىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ، چېھرىدە شۇئان بىر خۇشاللىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى .

– بۈگۈن رولنى زادىلا ياخشى ئالالمىدىم ، دورىيان ! –

ۋارقىرىدى ئۇ .

– رولنى بەك ناچار ئالدىڭىز ! – دورىيان ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ دېدى ، – بەكلا ناچار ئالدىڭىز ! مىجەزىڭىز يوقمۇ يا ؟ بۇ رولنى قانچىلىك ناچار ئالغىنىڭىزنى ، مېنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى سىز بىلمەيسىز ، سېلبىي .

      قىزچاق پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى .

– دورىيان ، – ئۇ خۇددى ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك بىر ئاۋازدا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى . بۇ ئىسىم ئۇنىڭ گۈل بەرگىلىرىنى ئەسلىتىدىغان گلاستەك لەۋلىرىگە ھەسەلدىنمۇ تاتلىق بىلىندىغاندەك قىلاتتى ، – دورىيان ، سىزمۇ مېنى چۈشەنمەمسىز ؟

      – نېمىنى چۈشىنىمەن ؟ – ۋارقىرىدى دورىيان غەزەپ بىلەن .

      – بۈگۈن رولنى نېمىشقا ئالالمىغىنىمنى بولمامدۇ . ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن رولنى ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق ياخشى ئالالمايمەن .

      دورىيان مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى .

– مىجەزىڭىز يوقتەك تۇرىدۇ ، مىجەزىڭىز يوق چاغلاردا رولغا چىقماڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە سەت . دوسىتلىرىم كۆرۈشكە تاقەت قىلالماي كېتىپ قېلىشتى ، مېنىڭمۇ كۆرگۈم كەلمىدى .

      ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى سېلبىينىڭ قۇلىقىغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇ شۇ تاپتا خۇشلۇقتا ھەممىنى ئۇنتۇغان ، ئېيىتقۇسىز بىر بەخىت قوينىغا چۆمۈلگەن ئىدى .

-دورىيان ، دورىيان ، – دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ، – سىز بىلەن تونۇشماستا ، ئويۇن قويۇش ھاياتىمدىكى جىمى خوشلۇقۇم ئىدى . مەن ئۈچۈن دىراممىدىكى جىمى ۋەقەلىك چىن تۇيۇلغاچقا ، درامما ئىچىدىلا ياشايتتىم . بىر كۈنى روسالنىد بولۇپ ياشىسام ، يەنە بىر كۈنى پورتىيا ③ بولۇپ ياشايتىم . بىياتىرسسنىڭ ④ خۇشلۇقىنى ئۆزۈمنىڭ خۇشلۇقى ، كوردېلىيانىڭ ⑤ ھەسرىتىنى ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتى دەپ بىلەتتىم . ھەممە نەرسىگە ئىشىنەتتىم . مەن بىلەن بىللە رول ئالىدىغان باشقا ئارتىسىتلار نەزەرىمدە بىر ئىلاھ ئىدى ، سەھنىدىكى دىكوراتسىيىلەر مېنىڭ دۇنيارىم ئىدى . روھلاردىن ئۆزگىنى بىلمەيتتىم ھەم ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رېئال ئادەملار ئىدى . توساتتىن تۇرمۇشۇمدا سىز پەيدا بولدىڭىز ، ئامرىقىم . سىز مېنىڭ روھىمنى قەپەستىن ئازاد قىلدىڭىز ، ماڭا رېئاللىقنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردىڭىز . بۈگۈن ئاخشام مەن ئىزچىل ئويناپ كېلىۋاتقان رولۇمنىڭ تولىمۇ تېتىقسىز ئىكەنلىكىنى تۇنجى رەت تونۇپ يەتتىم ، ئۆزۈمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق ، ساختا ، بىمەنە كۆپۈك بىر دۇنيادا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم . بۈگۈن ئاخشام مەن گىرىم بىلەن ئۆزىنى نىقابلىۋالغان رومىئونىڭ قېرى ھەم يىرگىنىچلىك ئەپتىنى ، مىۋىلىك باغدىكى ئايدىك كېچىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ، دىكوراتسىيلەرنىڭ ئادەم ئالدايدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ، ئاغزىمدىن چىققانلىرىنىڭ چىن يۈرىكىمدىكى گەپلەر ئەمەسلىكىنى تۇنجى رەت تۇنۇپ يەتتىم . سىز ماڭا تېخىمۇ بۈيۈك بىر نەرسىنى ئاتا قىلدىڭىز ، جىمى سەنئەت پەقەت سىزنىڭ ئاتا قىلغانلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى ئىكەن . سىز ماڭا مۇھەببەتنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردىڭىز . سىز مېنىڭ قامەتلىك شاھزادەم ، مەشۇقۇم ، مېنىڭ بارلىقىم سىز . مەن خىيالىي تۇيغۇدىن بىزار بولدۇم . سىز مەن ئۈچۈن سەنئەتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىسىز . دراممىدىكى قونچاق بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق باغلىنىش يوقكەن . بۈگۈن سەھنىگە چىققاندا ، ئۆزۈمدە ئوخشىمايدىغانلا بىر تۇيغۇنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم . رولنى شۇنچە ياخشى ئويناي دېدىميۇ ، ئامال بولمىدى . ئەنە شۇندىلا نېمە سەۋەپتىن شۇنداق تۇيغۇدا بوپ قالغىنىمنىڭ تېگىگە يەتتىم . بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم . تاماشىبىنلارنىڭ ئىسقىرتىشلىرىنى ئاڭلاپ ، كۈلۈپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندىم . ئۇلار ئارىمىزدىكى مۇھەببەتنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن دەيسىز ؟ مېنى ئېلىپ كېتىڭ دورىيان ، ھېچكىم دەخلى قىلمايدىغان پىننھان جايلارغا ئېلىپ كېتىڭ . سەھنە دېگەننى ئەمدى كۆرەرگە كۆزۈم يوق . ئويلاپ باقسام ، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، سۆيگۈ – مۇھەببەت دراممىلىرىدا رول ئاپتىمەن . شۇ تاپتا مۇھەببەت قەلبىمدە ئوتتەك يالقۇنلىماقتا . ئەمدى يەنە رول ئېلىشقا رەۋىتىم يوق . دورىيان ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز ؟ رولنى ئالالمايمەن ، لېكىن ، مۇھەببەت دراممىلىرىدا رول ئېلىپ يۈرسەم مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھاقارەت قىلغان بولۇپ قالىدىكەنمەن . بۇ نوقتىنى ماڭا سىز ھېس قىلدۇردىڭىز .

تولىمۇ پەرىشان ھالەتتە سافادا ئولتۇرغان دورىيان يۈزىنى بىر ياققا بۇراپ دېدى :

– سىز مۇھەببىتىمنىڭ بېشىغا چىقتىڭىز .

سېلبېي ئۇنىڭغا مەڭدىگىنىچە قاراپ قويۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى . دورىيان ئۈندىمىدى . سېلبېي دورىياننىڭ يېنىغا كىلىپ نازۇك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىيلىدى ، ئاندىن يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ چوغدەك لەۋلىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا چىڭڭىدە ياقتى . ۋۇجۇدىغا ئاجايىپ بىر تىترەك ئولاشقان دورىيان قولىنى ئىتتىك تارتىۋالدى .

دورىيان ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ دېدى .

– شۇنداق ، سىز مۇھەببىتىمنىڭ بېشىغا چىقتىڭىز . ئىلگىرى تەپەككۇرۇمنى سىز ئويغاتقان ئىدىڭىز ، ئەمدىلىكتىچۇ ، سىزگە نىسبەتەن مەندە قىزىقىشتىن ئەسەر قالمىدى . رول ئېلىشتىكى ماھارىتىڭىز ئۈستۈن ، تۇغما تالانتلىق بولغانلىقىڭىز ، ئۇلۇغ شائىرنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ ، سەنئەتكە ھەقىقىي شەكىل ۋە مەزمۇن ئاتا قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئىلگىرى مەن سىزنى سۆيگەن . ئەمدىلىكتە سىز ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچتىڭىز ، سىز ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقكەنسىز . ئاھ تەڭرىم ، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىكىن ، مەنمۇ بىر ساراڭكەنمەن ، ئۇچىغا چىققان ھاماقەتكەنمەن ! ھازىر سىز مەن ئۈھۈن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيسىز . سىزنى مەڭگۈ كۆرەر كۆزۈم يوق ، مەڭگۈ ئويلىغىم يوق ، ئىسمىڭىزنىمۇ مەڭگۈ تىلغا ئالغۇم يوق . سىز مەن ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىڭىز . لېكىن … مەن ، بۇلارنى ئويلىسام چىدىمايلا قالىمەن ! سىز تۇرمۇشۇمدىكى رومانتىك تۇيغۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلدىڭىز . سىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان تۇنۇشىڭىز نېمە دېگەن چولتا – ھە ! « مۇھەببەت مەندىكى سەنئەت تۇيغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى » دەپ كېتىشلىرىڭىزچۇ تېخى ! سەنئەتتىن ئايرىلسىڭىز ، قىممىتىڭىز بىر تىيىن . ئەسلىدە نامىڭىزنى چىقىراي ، پۈتۈن دۇنيانى ئايىغىڭىزغا تىزلاندۇراي ، ئۆز فامىلەمنى قوللاندۇراي دەپ ئويلاپتىم . لىكىن ، ھازىر سىز – زە ! سىزنىڭ شۇ تاپتا چىرايىلا بار ناباپ سەنئەتچىدىن نېمە پەرقىڭىز قالدى .

      سېلبېينىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ ، ۋۇجۇدى شامال سوققاندەك لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى . قوللىرىنى بىر – بىرىگە چىڭڭىدە كىرىشتۈردى ، گويا بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى .

بۇ گەپلەرنى راسىت دەۋاتمايدىغانسىز ، دورىيان ؟ – دېدى ئۇ بوغۇق ئاۋازدا ، – ئۇيۇن ئويناۋاتىسىز – ھە !

– ئويۇن دېدىڭىزما ؟ ئويۇننى سىزلا ئويناپ ئارىلىشىپ كېتىڭ ! – دېدى ئۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن .

      -چىرايىنى ئازاپ تۇمانلىرى قاپلىغان سېلبېي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ، قوللىرىنى ئۇنىڭ بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قارىدى . دورىيان قىزنى ئىتتىرۋېتىپ ۋارقىرىدى :

      – ماڭا تەگمەڭ .

      قىز پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ، دورىياننىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ ، ئۆزىنى يەرگە تاشلىدى ، شۇ تاپتا ئۇ رەھىمسىزلەرچە چەيلەنگەن گۈلگە ئوخشاپ قالغانىدى .

– دورىيان ، دورىيان ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ! – دەپ يېلىندى قىزچاق ئايانچلىق ئاۋازدا ، – مېنى كەچۈرۈڭ ، مەن رولنى ياخشى ئالمىدىم . سىزنىلا خىيال قىلىۋاپتىمەن . لېكىن مەن تىرىشسام بولىدىغۇ ! سىزنى بۇنچە تېز ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىمەن . سىز مېنى سۆيۈۋالمىغان بولسىڭىز ، ئىككىمىز سۆيۈشمىگەن بولساق ، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى مەڭگۈ ھېس قىلماس ئىكەنمەن . مېنى يەنە بىرنى سۆيۈپ قويۇڭ ئامرىقىم . مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ، مەن سىزسىز ياشىيالمايمەن . ئىنىم … ياق ، ھېچقىسى يوق . ئۇ كۆڭلىدىن چىقىرىپ دېمىدى ، پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدى …لېكىن سىز ! بۈگۈنكى ئىشىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۋېتەلەسىزمۇ ؟ مەن تىرىشاي ، رولنى ياخشى ئېلىشقا تىرىشاي . ماڭا ئۇنداق رەھىمسىزلىك قىلماڭ . سىز ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلىشقىمۇ رازىمەن . بۇنىڭدىن كىيىن سىز نارازى بولىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن . سىز توغرا دېدىڭىز دورىيان ! مەن ئۆزۈمدىكى سەنئەتكارلارغا خاس خاراكتىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىشىم كېرەك ئىدى . مەن ئەخمەقلىق قىپتىمەن . لىكىن ، بۇ مېنىڭ ئىختىيارىم ئەمەس . مېنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەڭ ، – ئۇ كۈچلۈك ئېسەدەشتىن نەپەس ئالالمايلا قالدى . ئۇ پولدا گويا يارىلانغان جانىۋارغا ئوخشاش تۈگۈلۈپ ياتاتتى . دورىيان گرېي چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن قىزغا نەزەر تاشلىدى ۋە مەنسىتمىگەندەك بىر تەرىزدە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى . بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشتا كۆپ يۈز بېرىدۇ . بىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسىڭىز ، ئۇنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرى  سىزگە تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ . سېلبېينىڭ قىلىقلىرى دورىيان گرېيغا ئويۇن ئويناۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . قىزنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرى ، ئېسەدەشلىرى ئۇنى بىزار قىلىپ قويۇۋاتاتتى .

– مەن كەتتىم ، – دېدى ئۇ ئاۋازىنى تەمكىن چىقىرىشقا تىرىشىپ ، – مېنىڭ رەھىمسىز ئادەملەردىن بولۇپ قالغۇم يوق . لېكىن ئەمدى سىزنى كۆرەر كۆزۈم يوق . مېنى بەك نائۈمىدتە قويدىڭىز .

ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان سېلبېي ئۈندىمەستىن ، ئۆمىلەپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ، گويا ئۇنى ئىزلەۋاتقاندەك ، قوللىرىنى بىچارىلەرچە ئالدىغا سوزدى . دورىيان تۇيۇقسىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ تىياتىرخانىدىن چىقىپ كەتتى .

ئۇ نەگە بېرىپ نەدە توختىشىنى بىلمەيتتى . ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن ، چىراغلىرى غۇۋا يورۇپ تۇرغان كوچىلاردا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى ، قاپقاراڭغۇ ئەگمە ئىشىكلىك دەھلىزلەردىن ۋە ئالۋاستى ئۆڭكۈرلىرىنى ئەسلىتىدىغان ئۆيلەردىن ئۆتكەنلىكىنى ، قۇلاققا مۇشىت ئۇرغاندەك يېقىمسىز ئاۋازدا كۈلۈشىۋاتقان بىر توپ شاللاق ئاياللارنىڭ كەينىدىن توۋلاشقانلىرىنى ، دەلدەڭشىپ مېڭىپ يۈرگەن مەسىتلەرنىڭ كىمدۇر بىركىملەرنى تىللاشقانلىرىنى ، گۆرىستان قاپلىغان بىر ھويلىدىن چىقىۋاتقان چىرقىرىغان ، كىمدۇر بىر كىملەرنى قارغىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاش ئۈچۈن لەمپىسىگە چىقىۋالغان ، ھازىرلا گۆردىن ئېچىۋالغاندەك سىياقتىكى بىر توپ بەدبەشرە بالىلارنى خىرە – شىرە ئەسلىيەلىدى .

تاڭ سۈزۈلەي دېگەن مەھەل بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ كوۋېنت باغچىسىنىڭ يېنىغا كەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى . زىمىننى قاپلىغان گۇگۇم پەردىسى ئاستا – ئاستا تاراپ ، ئاسماننىڭ شەرق بۇرجىكىدە ئەتىگەنكى شەپەق نۇرىنىڭ ئاجىز نۇرلىرى جۇلالاشقا باشلىدى . لىققىدە پىيازگۈل بېسىلغان ناھايىتى يوغان بىر ئات ھارۋىسى پاكىز ، ئەمما ئادەمسىز چۆلدەرەپ قالغان كوچىنى بويلاپ ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى . شۇئان پىياز گۈلىنىڭ قۇيۇق ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى . چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئازابلىرى يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى . ئۇ پىياز بېسىلغان ئات ھارۋىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بازارنىڭ ئىچىگە كىردى ، كىشىلەر ئالدىراش مال چۈشۈرۈش بىلەن بەنىت ئىدى . ئاپئاق خالات كىيۋالغان ھارۋىكەش ئۇنىڭغا بىر سىقىم گىلاس بەردى . ئۇ رەھمەت ئېيتىپ گىلاسنى ئالدى . « ئۇ كىشى پۇل بەرمىسەم نېمە ئۈچۈن ئالمايدۇ ؟ » دەپ ئويلىدى – يۇ ، نېرى – بېرىسىنى ئويلاشقا رەۋىتى بارماي گىلاسنى يېيىشكە باشلىدى . گىلاس يېرىم كېچىدە ئۈزۈلگەن بولغاچقىمىكىن ، مۇزدەك ئىدى .

رەسىم ئورنى

83 – بەتتىكى رەسىم

ئۇ پولدا گويا يارىلانغان جانىۋارغا ئوخشاش تۈگۈلۈپ ياتاتتى .

كۈركۈم گۈلى ، سېرىق ئەتىرگۈل ۋە قىزىل ئەتىرگۈل قاچىلانغان چىرايلىق سىۋەتلەرنى كۆتۈرىۋېلىشقان بىر توپ بالا ئۇزۇن سەپ بولغىنىچە دۆۋە – دۆۋە كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ، ئۇنىڭ ئالدىدىن تېز – تېز ئۆتۈپ كېتىشتى . رەتسىز كىينىۋالغان بىر توپ يالاڭباشتاق قىزلار قۇياش نۇرى يۇرۇتۇپ تۇرغان پىشايۋاننىڭ ئاستىدا توپ سېتىش سۇدىگىرىنىڭ ماللىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ بولۇشىنى ساقلاپ گەپ سېتىپ ئولتۇراتتى . يەنە بىر توپ كىشى مەيدان يېنىدىكى بىر قەھۋاخانىنىڭ پىرقىرىما ئىشىكىنىڭ يېنىغا توپلىشىۋالغان ئىدى . ئاتلار لىققىدە نەرسە بېسىلغان ھارۋىنى سۆرىگىنىچە قوڭغۇراقلىرىنى جىلدىڭلىتىپ ، ئوڭغۇل – دوڭغۇل شېغىللىق يولدا مۈدۈرۈپ – چوقۇرۇپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى . ھارۋىكەشنىڭ بەزىلىرى تاغار دۆۋىسىگە ئۆزىنى تاشلاپلا تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىشكەنىدى . بويۇنلىرى ھەسەن – ھۈسەننىڭ رەڭگىدەك چىرايلىق كەلگەن بىر توپ كەپتەر يەردە دانلىشىپ يۈرەتتى .

ھايال ئۆتمەي ، دورىيان بىر پەيتۇننى كىرا قىلىپ ئۆيىگە قايىتتى . ئۇ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر پەس دېلىغول بولۇپ تۇرۇپ قالدى ۋە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەيدانغا نەزەرىنى ئاغدۇردى . قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ دەرىزىلىرى چىڭ يېپىلغان ، پەردىلىرى چۈشۈرۋېتىلگەن ئىدى . بۇ چاغدا گۇگۇم پەردىلىرى پۈتۈنلەي تارقاپ ، ئاسمان سۈپسۈزۈك رەڭگە كىرگەن ، قۇياشنىڭ كۆمۈشرەڭ ئاجىز نۇرلىرى ئۆگزىلەرنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى . ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن چىقىۋاتقان تۈرۈم – تۈرۈم ئىسلار تۈرمەكلەپ قويۇلغان سۆسۈن شايىلارغا ئوخشاش چىرايلىق چەمبەرلەرنى ھاسىل قىلىپ توختىماي ئاسمانغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى .

  كەڭرى دەھلىز تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دۇب ياغىچىدىن ئويۇلغان چىرايلىق نەقىش تۇتۇلغان ، تورۇسقا شۇ جايدىكى مەلۇم بىر گۇبىرناتۇرنىڭ ساياھەت كېمىسىدىن ئولجا ئېلىنغان ، ۋېنىتسىيە پاسونىدىكى ئالتۇن يالىتىلغان غايەت يوغان ئاسما چىراغ ئېسلغان ئىدى ، چىراغدىن چىقىۋاتقان كۈچلۈك نۇر قاراڭغۇ دەھلىزنى يورۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ چىراغنى ئۆچۈرۈپ ، شىلەپىسى بىلەن پىلاشىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى ، ئاندىن كىتابخانىدىن ئۆتۈپ ، ئاستىنقى قەۋەتتىكى سەككىز بۇرجەكلىك ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى . ھوجرىنى ئۇ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا ماس كەلتۈرۈپ ئۆز قولى بىلەن تېخى يېقىندىلا زىننەتلىگەن ئىدى . ھوجىرنىڭ تېمىغا ئەدەبىيات – سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن قالغان غەلىتە پاسۇندىكى گىلەم ئېسىلغانىدى . ئۇ ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تولغاۋېتىپ ، بازىل خالۋارد سىزىپ بەرگەن ھېلىقى پورتىرتىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى – دە ، خۇددى بىر نەرسىدىن چۆچۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئىتتىك كەينىگە داجىدى . ئۇ بىردەم تۇرىۋېتىپ ھۇجرىغا كىردى ، كاللىسىنى گادىرماچ خىياللار چۇلغىۋالغان ئىدى . ئۇ پەلتۇرىنىڭ پەتلىسىگە قاداپ قويغان گۈلنى قولىغا  ئېلىپ بىردەم ئارىسالدى بولۇپ كېتىپ ، يەنە جايىغا قاداپ قويدى . ئاندىن رەسىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىنچىلاپ قارىدى . پەنجىرىگە تارتىلغان ئاچ سېرىق رەڭدىكى شايى پەردىنىڭ ئاراچلىرىدىن ئۆيگە چۈشكەن نۇرنىڭ يۇرۇقىدا رەسىمنىڭ يۈز قىسمى ئازراق ئۆزگىرىپ قالغاندەك ، رەسىمنىڭ چىراي ئىپادىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالغاندەك ، رەسىمنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شەپقەتسىزلىك چىقىپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى . قىزىق ئىشقۇ – بۇ !

ئۇ ئۆرۈلۈپ دەرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، پەردىنى قايرىدى . يارقىن قۇياشنىڭ تال – تال نۇرلىرى ئۆي ئىچىنى ئاپتاپتەك يۇرۇتىۋەتتى . ئۆي ئىچىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاراڭغۇلۇق شۇئان ئۆينىڭ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بۇلۇڭىغا مۆكۈندى . لىكىن ، رەسىمنىڭ چىرايىدىكى بايامقى غەلىتە ئالامەتلەر يەنىلا يۈتمىدى ، بەلكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . يامان ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويغان ئادەم ئەينەكتە ئۆز ئەپتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەندەك ، رەسىمنىڭ ئاغزىنىڭ بۇرجىكىدە نازغىۋاتقان كۈچلۈك قۇياش نۇرى رەسىمنى ئۇنىڭغا تولىمۇ شەپقەتسىز سىزىلغاندەك كۆرسىتىۋاتاتتى .

  ئۇ كەينىگە داجىپ ، ئورۇندۇق ئۈسىتىدە تۇرغان پىل چىشىدىن ياسالغان جاھازىنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان ، ئېللىپىس شەكىللىك نەپىس ئەينەك ( بۇ لورد ھېنرى ئۇنىڭغا بەرگەن نۇرغۇن سوۋغىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى ) نى قولىغا ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە سىنچىلاپ قارىدى ، جاۋغىيىدا بايامقىدەك شەپقەتسىزلىك ئالامەتلىرى ھېچ كۆرۈنمەيتتى . نېمە ئىشتۇ – بۇ ئەمدى ؟

  ئۇكۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ رەسىمگە يېقىن كەلدى – دە ، قايتىدىن سىنچىلاپ قارىدى . ئۇ رەسىمنىڭ چىرايىدا بايىقى ئالامەتلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى . بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىكى خىيالىي تۇيغۇ ئەمەس ئىدى ، بەلكى ھەقىقەتەن شۇنداق قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەرگەنىدى .

ئۇ ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ ، چۇڭقۇر ئويغا پاتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدا پورتېرىت سىزىلىپ بولغان ھېلىقى كۈنى ئۆزىنىڭ بازىل خالۋاردنىڭ رەسىم سىزىش ئۆيىدە دېگەن گەپلىرى پەيدا بولدى . شۇنداق ، ئۇ گەپلەر ئۇنىڭ ئېسىدە ھازىرمۇ شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ . شۇ چاغدا ئۇ : « مەڭگۈ مۇشۇ ياشلىق باھارىمنى ساقلاپ قالسام ، ئەكىسچە رەسىمىم ئاستا – ئاستا قېرىپ كەتسە ؛ قاملاشقان رەڭگى – روھىم ھەر ۋاقىت مۇشۇ ھالەتتە تۇرسا ، ھاياتىمدىكى دەرت – ھەسرەتلىرىم ، قىلغان ئىپلاسلىقلىرىم ئۇنىڭغا يۈكلەنسە ؛ رەسىمدىكى ئۇ قاملاشقان چىرايغا كۆتۈرۈپ – قوپقۇسىز قايغۇ – ھەسرەت ۋە غەم – ئەندىشلەر دەستىدىن يول – يول قورۇقلار چۈشسە ، ئەكىسچە مەن مۇشۇ قاملاشقان رەڭگى – رۇخسارىمنى مەڭگۈ ساقلاپ قالسام » دېگەندەك ئارمانلارنى قىلغان ئىدى . ئۇنىڭ ئاشۇ ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلاندىمۇ نېمە ؟ ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ، ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان ئىشلارغۇ – بۇ ؟ ئەمسە رەسىمنىڭ جاۋغىيىدا قېتىپ قالغان شەپقەتسىزلىك ئالامەتلىرىگە نېمە دەيمىز ؟

  شەپقەتسىز ! ئۇ شەپقەتسىزما ؟ ھەممە ئەيىب سېلبىيدا ، ئۇنىڭدا نىمە گۇناھ ! ئۇ سېلبىينى ئۇلۇغ سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈرمەكچى بولدى ، ئۇ ئۇلۇغ بولغاچقىلا دورىيان پۈتۈن مۇھەببىتىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدىغۇ . لېكىن ئۇ دورىياننى نائۈمىد قويدى . ئۇ بەك بۈلۈمسىز ، ئۇنىڭ سۆيۈشىگە ئەرزىمەيدۇ . لېكىن ، ئۇ سېلبىينىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ كىچىك بالىلاردەك ئسسەدەپ يىغلاپ كەتكىنىنى خىيالىغا كەلتۈرسە ، مىڭ يېرىدىن پۇشايمان قىلىدۇ . ئۇ سېلبىيغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغىنىنى ئەسلىدى . ئۇ نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كەتتى ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا تاشيۈرەك بولۇپ كەتتى ؟ لېكىن ، ئۇ ئۆزىمۇ ئاز ئازاپ چەكتىمۇ ؟ ئۈچ سائەت داۋام قىلغان ئاشۇ ئويۇننى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، نەچچە ئەسىرلىك ئازابنى باشتىن كەچۈردى ، چەكسىز دەرت – ھەسرەت تارتتى . ئۇمۇ سېلبىيگە ئوخشاش ھېسداشلىققا ئېرىشىشكە ھوقوقلۇق . ئەگەر سېلبىينى ئۆمۈرلۈك ئازابقا دۇچار قىلدى دېيىلسە ، سېلبىينىڭمۇ ئۇنىڭ قەلبىگە سالغان دەرت – ئەلىمى ئاز ئەمەس – تە . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆتۈرۈشلۈك كېلىدۇ . ئۇلار ھېسىيات ئىچىدە ياشايدۇ ، ھېسىياتتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ . ئۇلار ئۆزىنى ئازابلىيالايدىغان ، يىغلىتالايدىغان كىشىنى ئۆز مەشۇقى قىلىپ تاللايدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ لورد ھېنرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ، ئۇ ئاياللارنى بەش قولدەك چۈشىنىدۇ . ئۇ نېمە ئۈچۈن سېلبىينى دەپ ئۆزىگە ئازاپ تاپقۇدەك ، زېھنىنى ئۇپراتقۇدەك ؟ ئەمدى ئۇ دورىيان ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ .

  ئەمسە رەسىمنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ ؟ رەسىم ئۇنىڭ ھايات مەخپىيتىنى ئۆزىگە يۇشۇرغان ھەم ئۇنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ . ئۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاملاشقان چىرايىنى قانداق قەدىرلەشنى ئۆگەتكەن . ئەمدى يەنە ئۆزىگە ئۆچ بولۇشنى ئۆگەتسۇنمۇ ؟ ئۇ ئەمدى رەسىمگە ئىككىچىلەپ قارىمىسۇنمۇ ؟

  ياق ، بۇ پەقەت تەپەككۇر چېچىلىشتىن پەيدا بولغان بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ ، ئۇ سىرىتتا تەمتىلەپ ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كېچە قالدۇرغان ساختا سىزىم . ئۇ تۇيۇقسىز كىچىككىنە بىر قىزىل داغنىڭمۇ كىشىنى ساراڭ قىلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى . توغرا ، رەسىمدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق ، كاللىسى ئېلىشىپ قالغان ئادەملەرلا رەسىم ئۆزگىرىپ قاپتۇ دەپ ئويلايدۇ .

  رەسىم ئۇنىڭغا رەھىمسىزلەرچە ھىجىيىپ قاراپ تۇراتتى ، ئالتۇنرەڭ سېرىق چاچلىرى سۈبھى قۇياشنىڭ تال – تال نۇرلىرى ئاستىدا ۋال – ۋال قىلىپ پارقىرايتتى ، كۆپكۈك زەڭگەر كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچىراشتى . ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى دولقۇنلىدى ، بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۆزىنىڭ پورتىرىتى ئۈچۈن ئىدى ، كېيىن يەنە تالاي قېتىملاپ ئۆزگىرەتتى . ئۇنىڭ ئالتۇن چاچلىرى شالاڭلاپ كۈمۈشتەك ئاقىرىدۇ ، قىزىل ئەتىرگۈلدەك قاملاشقان رەڭگى – رۇخسارى سولىشىدۇ . ئۇنىڭ سادىر قىلغان ھەربىر سەۋەنلىكى رەسىمگە نوقسان يەتكۈزۈپ ، گۈزەللىكىنى بۇزىدۇ . لىكىن ئۇ ئەمدى ئەسكى ئىشلارنى قىلمايدۇ . بۇ رەسىم مەيلى ئۆزگەرسۇن ياكى ئۆزگەرمىسۇن ، ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ قالىدۇ . ئۇ ئەمدى ئېزىقتۇرۇشلارغا باش ئەگمەيدۇ . لورد ھېنرى بىلەن ئىككىچىلەپ كۆرۈشمەيدۇ ، ئۇنىڭ شېرىن ، ئەمما زەھەرلىك نەزەرىيلىرىگە ھەرگىز قۇلاق سالمايدۇ . بازىل خالۋاردنىڭ باغچىسىدا ئاڭلىغان ئاشۇ نەزەرىيلەر تۇنجى رەت ئۇنىڭ ئوتلۇق ھېسىياتلىرىنى ئويغاتقانىدى . ئۇ ئەمدى سېلبىينىڭ يېنىغا بېرىپ ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ ، ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قويىدۇ ، ئۇنى يېڭىباشتىن ياخشى كۆرۈشكە تىرىشىدۇ . شۇنداق ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. سېلبېينىڭ تارتقان ئازابلىرى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپ كەتتى. بىچارە قىزچاق! ئۇ نېمە دېگەن شەخسىيەتچى ، ئۇ قىزغا شۇنچىۋالامۇ تاشيۈرەكلىك قىلغان بارمۇ. سېلبىينىڭ ئۇنى ئەسىر قىلىۋالغان سېھرىي كۈچى يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ . ئۇلار بىللە بولۇپ چەكسىز بەختكە چۆمۈلىدۇ. ئۇ سېلبىيغا ئېرىشسە ،  ھاياتى تولىمۇ گۈزەل ، مەنىلىك ئۆتىدۇ.

ئۇ ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ رەسىمنىڭ يۈزىگە پەردە تارتىپ قويدى – يۇ ، كۆزلىرى رەسىمگە چۈشكەندە  بەدىنى جىغغىدە قىلىپ قالدى.«نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق!» ئۇ ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ تۇرۇپ ، دەرىزىنى يوغان ئاچتى ، ئاندىن ئۆيدىن چىقىپ ھويلىدىكى چىملىققا كېلىپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى. سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى گويا ئۇنىڭدىكى غەمكىنلىكنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك بولدى .  ئۇ سېلىبىيدىن باشقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يېنىش-يېنىشلاپ زىكرى قىلاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەببەتكە بولغان ئاجىز بىر سادا قايتا ياڭرىدى . شەبنەم سۇلىرى بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن قۇشلار گويا گۈللەرگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك چاڭىلداپ بەس-بەستە سايراشقا باشلىدى.

ئىزاھات :

① مىراندا – شېكىسپىرنىڭ «بوران – چاپقۇن» ناملىق دراممىسىدىكى بىر ئايال پېرسۇناژ . ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى مىران گراف مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن . كېيىن گرافلىق مەرتىۋىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ، قىزى بىلەن بىللە بىر قاقاس ئارالغا سۈرگۈن قىلىنغان .

② كالىبان – شېكىسپىرنىڭ «بوران – چاپقۇن» ناملىق دراممىسىدىكى بىر پېرسۇناژ ، تولىمۇ بەدبەشرە ، ياۋۇز بىر مالاي .

③ پورتىيا – شېكىسپىرنىڭ «ۋېنتىسىيىلىك سودىگەر» ناملىق دراممىسىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ .

④ بىياتىرىس – شېكىسپىرنىڭ «يوقتىن بار قىلىش» ناملىق دراممسىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ .

⑤ كوردېلىيا – شېكىسپىرنىڭ «پادىشاھ لىر » ناملىق دراممسىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10634

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-01-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: