پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ۋاڭ مېڭ: شىنجاڭ ناخشىسى

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم

ئىلىدا «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن ناخشىنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئېيتالايدۇ، ھاراق ئىچكەنلىرىدە كىشىلەرنىڭ بۇ ناخشىنى ئېيتمايدىغىنى يوق.

شاراپخۇمارلىق بىلەن ناخشا ئېيتىش تېببىي جەھەتتىن بىر- بىرى بىلەن زادىلا سىغىشالمىسىمۇ، لېكىن كەيپىياتنى كۆتۈرۈش نۇقتىسىدىن بىردەكلىككە ئىگە.

بۇ ناخشىنى مەن 1965- يىلى قىشتا تۇنجى رەت ئاڭلىغانىدىم. ئۇ چاغدا مەن دېھقانلار بىلەن بىللە گەمىدە يېتىپ- قوپاتتىم. ئۇ يەردە بىر نەچچە ۋاقىتلىق ئاشخانىلارمۇ ئېچىلغانىدى. زىمىستان قىش كۈنلىرىدە ئاشخانىنىڭ ئىشىكىگە تارتىلغان قېلىن پەردىنىڭ تېشىنى مۇز تۇتۇپ كېتەتتى. ئاشخانىدىن چىققان ھور ئىشىك پەردىسىنىڭ چۆرىسىدىن پۇرقىراپ چىقىپ بىردەمدىلا ئاپئاق قىروغا ئايلىناتتى. مۇز تۇتۇپ ئېغىرلىشىپ كەتكەن مىلەڭزىنى قايرىسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا ئىچى ھور بىلەن لىق توشقان، چىرىغى غۇۋا يېنىپ تۇرغان، ئىس، گۆش پۇرىقى بىر ئالغان ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئاشخانا زاھىر بولاتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ناخشا- غەزەل ساداسى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، كۆڭۈللەرنى ئاجايىپ ئوتلۇق تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلاتتى، قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقى ئەنە شۇنداق ناخشا سادالىرى بىلەن تەڭ قاياققىدۇر غايىپ بولاتتى.

ئىلى ناخشىلىرى باشقا ناخشىلارغا ئوخشىمايتتى، ئىلى ناخشىلىرىدىكى كىشىگە باش- ئاخىرى يوق گىرىمسەن تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدىغان جۇشقۇنلۇق، ئېيتسا- ئېيتسا تۈگىمەيدىغان ئوتلۇق ھېسسىياتلار بىر ئاڭلىغان كىشىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىپ، تەگسىز خىياللارغا تاشلايتتى.

ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىلى ناخشىلىرىغا ئامراق بولۇپ قالدىم. ئىلىدا «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن بۇ ناخشا ئۆي- ئۆيلەردە تۈن كېچىلەرگىچە بېسىقمايتتى. بۇ ناخشىنى مەستلەرمۇ، كېچىدە ئۆيىگە قايتقان سەيلىچىلەرمۇ، يۇلتۇزلۇق تۈندە مەنزىلىگە ئالدىرىغان ھارۋىكەشلەرمۇ ئېيتاتتى، ئېيتقاندىمۇ تولىمۇ چوڭقۇر ھېسسىيات، مۇڭ بىلەن ئېيتاتتى. جاھان تىمتاسلىققا مەھكۇم بولغان قەھرىتان تۈن كېچىلەردە ئۇلار «قاپقارا قوي كۆزلۈك»، گۈزەل رۇخسارلىق مەھبۇبىلىرىغا شۇ ناخشىسى ئارقىلىق ئوتلۇق مۇھەببىتىدىن، تۇيغۇلارغا باي رومانتىك خىياللىرىدىن، ئارمانلىرىدىن خەۋەر بېرەتتى. ۋەزنى ئېغىر ھايات گاھىدا ئادەمگە تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق ناخشىلىرى كىشىنى ئېيتقۇسىز بىر ھاياجانغا تاشلايدۇ.

كېيىن، دېھقان قېرىنداشلار بىلەن نەچچە قېتىم بىللە ھاراق ئىچتۇق، ناخشىلارنى توۋلىدۇق. ئارىمىزدا خال ئەمەت ئىسىملىك بىر ناخشىچى بار ئىدى، ئۇ ئەترەت خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ليەنجاڭى ئىدى. ئۇ ناخشا توۋلىسىلا بىزمۇ تەڭ جۆر بولاتتۇق، ناخشىنىڭ ھەر بىر مىسراسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بىراقلا ئەۋجىگە چىقاتتۇق. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ تەڭ توۋلايتتىم، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ باشقىلاردەك ھېسسىياتلىق، مۇڭلۇق توۋلىيالمايتتىم.

گاھىدا ئۆزۈم جىم تۇرۇۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىغا قۇلاق سالاتتىم، خالى ۋە باشقىلارنىڭ زوق- شوق بىلەن ناخشا توۋلاشلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئېيتقۇسىز ھاياجانلارغا چۆمۈلەتتىم.

مەن 1973- يىلى ئىلىدىن، 1978- يىلى شىنجاڭدىن ئايرىلدىم.

1981- يىلى تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىلىغا قايتا باردىم، شائىر تىيىپجان ئىلىيوف ماڭا ھەمراھ بولدى. چاڭچۈن كىنو سىتودىيەسىنىڭ بىر رېژىسورى «كېپىنەك» نى كىنو سىنارىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىش ئىشى بىلەن نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى يىراق كۆرمەي ئىلىغا مېنى ئىزدەپ كەلدى. بىر كۈنى كەچتە، بىز بىللە غۇلجا شەھىرى قىزىل يۇلتۇز گۇڭشىسىنىڭ غەربىي باغچىسىنىڭ يېنىدا ئۈستى ئوچۇق زىياپەتكە قاتناشتۇق. زىياپەت ئەسناسىدا تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئەلئىچى ئەما سەنئەتكار ئىسمايىل دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بەردى. ئەلۋەتتە تۇنجى بولۇپ «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن ناخشىدىن باشلىدى.

ئۇنىڭ ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق ئىدى. ناخشىنى ئانچە ئۈنلۈك توۋلىمىسىمۇ لېكىن، ئاۋازىدا كىشى قەلبىنى ئىچ- ئىچىدىن لەرزىگە سالىدىغان بىر خىل كۈچ بار ئىدى. بۇ ناخشا ئۆزىگە چەكسىز بىر خىل ئوتلۇق مۇھەببەتنى مۇجەسسەم ئەيلىگەن ئىدى، ئۇ تولىمۇ ئىزگۈ، ئەمما مەڭگۈ جاۋابقا نائىل بولالمايدىغان مۇھەببەت ئىدى، ناخشىدىن قاتمۇقات توساقلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان تولىمۇ يىراقتىكى مۇھەببەتكە بولغان ئېيتقۇسىز بىر خىل مىسكىن، ئەمما ئوتلۇق بىر نىدا ئوخچۇيتتى. مەھبۇبىسىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان مۇھەببىتى بىلەن سۆيەلىگەن كىشىگىلا بەخت قۇچاق ئاچىدۇ؛ ئەنە شۇنداق ئوتلۇق ناخشىلارنى ياڭرىتالايدىغان كىشىلەر ئۆمرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ياشىغان بولىدۇ! ئەي يورۇقلۇقنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالغان ھاپىز، ناخشاڭ يورۇقلۇققا بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئارماننى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن! ئەي ئىلىنىڭ پايانسىز يايلاقلىرىدا تەنھا كېتىۋاتقان چەۋەنداز، بەلكىم سەن شۇ ناخشاڭنى توۋلاۋاتقان چېغىڭدا كىشىلەرنىڭ ئوتلۇق مېھرىگە تەشنا بولغانسەن؟ ياڭراق ناخشا__ بەجايىكى بىر بوران، بەجايىكى بىر شۇڭقار؛ ئۇ كىشىگە ئاتنىڭ كىشنەشلىرىنى، پەسىللىك دەريالاردا مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ئۇلۇغ قىياننى ئەسلىتىدۇ. ناخشا كىشىنى تەگسىز خىياللارغا ئەسىر قىلىدۇ، مەنزىلىدە قاتمۇقات خېيىم- خەتەرلەر يوشۇرۇنۇپ ياتقان كۆيۈك ئازابىغا تاشلايدۇ؛ گوياكى ئېيتقۇسىز ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭغا ناخشىنى ئاۋازىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ توۋلىشىغا توسقۇن بولۇۋاتقاندەك، ئۇنى چەكلەپ قويۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

«قارا كۆز» دېگەن سۆز چىقىشى بىلەن تەڭ چاناقلىرىمدىن ياشلار سىرغىيتتى! ئۇ ناخشىسىنى توۋلىسىلا ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملايتتى!

بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى نەۋايى: «مۇڭ – ناخشىنىڭ روھى» دېگەنىكەن. بۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ مىجەز- خۇلقىغا بېرىپمۇ تاقىلاتتى. سەن نېمىشقا شۇنچە مۇڭلىنىسەن؟ قاغجىرىغان دەشتى- چۆللۈك دەستىدىنمۇ؟ سەندىكى بوستانلىقلار قەلبلەرنى ياشارتىپ تۇرماقتا. ياكى يولنىڭ يىراقلىقىدىن خەت- خەۋىرىمنى يەتكۈزەلمىدىم دەپ مۇڭلىنامسەن؟ تۇلپىرىڭ بىلەن سەۋر- شىجائىتىڭ ئاراڭلاردىكى مۈشكۈلاتلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. ياكى مەشۇقۇڭنىڭ ئىلتىپاتىغا، سۆيگۈسىگە نائىل بولالماي مۇڭلاندىڭمۇ؟ سەن ناخشاڭ بىلەن، ئۇسسۇللىرىڭ بىلەن، مەيخورلۇق بىلەن مۇڭلىنىشلىرىڭنى باسماقچى بولىسەن. ئەمما سەندىكى خۇشچاقچاقلىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ.

خۇشچاقچاق نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇرتداشلىرى، سىلەرنىڭ «قاپقارا كۆزلىرىڭلار»دا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قايغۇ- ھەسرەت بار.

گەرچە مەن شىنجاڭنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى، تىلىنى، يېزىقىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەن دەپ ماختانساممۇ، لېكىن ئۇ قايغۇ- ھەسرەتنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم. گەرچە ئۆزۈمنى ناخشىغا ئامراق، نوتىنى ئاز- پاز چۈشىنىدىغان، جىق ناخشىلارنى ئېيتالايدىغان، ناخشا ئۆگىنىشكە ئېپى بارلاردىن سانىساممۇ، لېكىن بۇ ناخشىنى تا بۈگۈنگىچە ئۆگىنەلمىدىم. بۇ ناخشا قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپلا تۇرىدۇ. ئۆگىنەي دەيمەن- يۇ، ئۆگىنەلمەيمەن. قىزىق ئىش.

بوپتۇلا، «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېگەن بۇ ناخشىنى ئېيتالمىسام ئېيتالماسمەن. بۇ ناخشىنى ئېيتالمىغىنىم بىلەن ماڭا شۇ نەرسە ئايان، مەن ئۇنى سۆيىمەن، ئۇنىڭغا تەلپۈنىمەن. كىچىككىنە بۇ ئاۋازنى مەن تۈمەن مىڭ خىل ئاۋازلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ پەرق ئېتەلەيمەن. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ئىلىرىم، تېپشماقسىمان مۇڭلىنىشلىرىم. بەلكىم ئىلى بىلەن خوشلاشقىنىمدىن، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرىدىغان ھەم ھازىرغىچە قاملاشتۇرۇپ ئېيتالمايدىغان ئاشۇ ناخشا تۈپەيلى مۇڭلانسام كېرەك.

ئانارگۈل

قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن ئىلىنى مەركەز قىلغان شىمالىي شىنجاڭنىڭ ناخشلىرىدا زور پەرق بار. شىمالىي شىنجاڭ ناخشلىرىنىڭ ۋەكىلى «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» دېيىلسە، ئۇنداقتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تىپىك ناخشىسى «ئانارگۈل». «ئانارگۈل» ئانارنىڭ گۈلى دېگەن مەنىدە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قىزلارغا بۇ ئىسىم كۆپ قويۇلىدۇ. نېمە دېگەن چىرايلىق ئىسىم- ھە! «ئانارخان» دېگەن كىنونىڭ ئاساسىي ناخشىسى «ئانارگۈل» دېگەن خەلق ناخشىسىنى رەتلەش، تېكىست سېلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، ناخشا مۇنداق باشلىنىدۇ:

راۋابىم جاراڭلايدۇ بالا،

تارىسى ئالتۇنمىكىن؟

«ئانارگۈل» ۋەكىللىكىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى قۇلاققا تېخىمۇ ئۇدارلىقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ؛ كىشىلەر مۇشۇ ناخشىنى ئېيتقان دەملىرىدە گوياكى پايانسىز چۆللۈكتىكى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا يىراقنى نىشانلاپ كېتىۋاتقان كىشىدەك قەدەملىرى بۆلەكچە سالماقلىشىدۇ. تۆت ئەتراپتا ئىنسى- جىن كۆرۈنمەيدۇ، يىراقتىكى ئەزىم تاغلارنى چۈمكەپ تۇرغان ئاپئاق قار كۆزنى چاقىدۇ، قۇرۇپ- قاقشال بولۇپ كەتكەن ئوت- چۆپلەر ياپراقتەك تىتىرەيدۇ، سەيياھنىڭ ناخشىسىدىن يۈكسەك شىجائەت ۋە مۇڭ ئوخچۇپ تۇرىدۇ، ناخشا ئېيتقان ھاپىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەپتى تونۇرنى ئەسلىتىدىغان قىزىق قۇياش نۇرىدا كۆيۈپ بوزارغان چېھرىنى كۆرگەندەك بولىمەن.

بەلكىم ئۇلار تۆگىسىنى مىنىپ كېتىۋېتىپ شۇ ناخشىسىنى ئېيتىدىغاندۇ؟ ئۇلار «قۇملۇق كېمىسى» دە ئولتۇرۇپ قاغجىرىغان زېمىننىڭ بىپايان، تىمتاس ۋە سىرلىقلىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ قەلبىنىڭ ئىچ- ئىچىدىن يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى، كۆيۈۋاتقانلىقىنى، پۇچۇلىنىۋاتقانلىقىنى، دولقۇنلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تالاي كۈن، تالاي تۈنلەرنى ئەنە شۇنداق سەيىر بىلەن ئۆتكۈزدى. تالاي يىللارغا ئىنتىلدى. تالايلىغان شەھەر، يېزا- كەنتلەرنى ئاپېرىدە قىلدى. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە، مېھرىگە كۈچلۈك ئىشتىياق بىلەن تەلپۈندى.

مەن ئاشۇ ناخشىلاردىن قەلبىم تۇنجى رەت لەرزىگە كەلگەن مەنزىرىنى زادىلا ئۇنتۇيالمايمەن. شۇ چاغدا مەن زەرەپشان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي ئېتىكىگە جايلاشقان مەكىت ناھىيىسىدە ئىدىم. ئۇ 1964- يىلى بولۇپ، ناھىيىلىك پارتكوم مېھمانخانىسىدا تۇرۇۋاتتىم، شۇكۈنى يانتاق يېزىسىغا بېرىشقا جابدۇنۇۋاتاتتىم. مېھمانخانا قوروسىدا ئۆي سېلىنىۋاتاتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 بولغان مەھەلدە يېزىدىن كىرگەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىشىنى باشلاپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياش ئىككى قىز بار ئىدى، قىزلار بىر خىل رىتىمدا زەمبىلدە كېسەك توشۇيتتى، كېسەك توشۇپ كېتىۋېتىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ناخشا توۋلايتتى. ئۇلار «ئانارگۈل» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ناخشىسى گويا چۇقان سېلىۋاتقاندەك تولىمۇ تەبىئىي، پەردازسىز، جۇشقۇن ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ناخشىسى گويا بىرسى چاقىرىۋاتقاندەك ياڭراق، ھېسسىياتلىق، بىرىدىن جاۋاب كۈتۈۋاتقاندەك ئوتلۇق ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ناخشىسى كىشىگە بەجايىكى بىرىنى جەڭگە چاقىرىۋاتقاندەك، ئىچ- قارنىنى بوشىتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى؛ ناخشىنى گويا ئەتراپىدا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك تولىمۇ ئەركىن توۋلايتتى. ئۇلار بېشىغا سۆسۈن رەڭلىك دوپپا قوندۇرۇۋالغان، ئۇچىسىغا ئوتقاشتەك قىپقىزىل كۆينەك، ئاستىغا يەنە يېشىل رەڭدە شالۋۇر ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى. شۇ ناخشا ساداسى كۈن چۈشكىچە توختىماي ياڭرىدى. چۈشتە ئۇلار سەلگىنە دېمىنى ئېلىۋېلىپ ناخشىسىنى يەنە داۋام قىلدى، تاكى كۈن مەغرىپ تامانغا باش قويغۇچە توختىماي ئېيتتى. ئۇلارنىڭ كۈچ- قۇۋۋەت، مادارىدا، ئوتلۇق ھېسسىياتلىرىدا، بوغۇزلىرىدا گويا تۈگىمەس- پۈتمەس بىر نەرسە كۆمۈلۈپ ياتقاندەكلا ئىدى.

قايناق شەھەرلەردە، ئادەمنى تىن ئالغۇزمايدىغان ئالدىراشلىقلار ئىچىدە ياشىدىم، تالاي ئەنسىزلىكلەرنى، ئىسسىق- سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، ئەمما شۇ ناخشا يادىمغا كەلسىلا قانلىرىم ئۇرغۇپ، يۈرەكلىرىم ئويناپ كېتەتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10936

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-06-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: