پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1904- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى (1): فىرىدىرىك مىستىرال

 

1904- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى (1)

(1904- يىلى ئىككى يازغۇچى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

ئەسەر نامى: مىرىيو (Mireio)

ئاپتورى: فرېدېرىك مىسترال

مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يېڭىچە بىر خىل  ئۆزگىچىلىك ۋە ھەقىقىي چاقىرىق قىلىش قۇدىرىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ، تەبىئەت مەنزىرىسى ۋە خەلقىنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش تۇيغۇسى ناھايىتى سەمىمىي ھېسسىياتتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . بۇ ئەسەرنى پروۋىنىس تىلىدا ئەسەر يازىدىغان بىر ئەدىبنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دېيىشكە بولىدۇ .

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

فرېدېرىخ مىسترال (Frederic Mistral,1830-1914) فرانسىيىنىڭ رونا دەرياسى بويىدىكى ماياگانا ئۆلكسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ رايون قەدىمدە پروۋىنىسقا تەۋە ئىدى . شائىر كىچىكىدىنلا پروۋىنىس تىلى ۋە شۇ يەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ، ئۆز يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۇنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتىنى تاۋلىغان ۋە ئويغاتقان ئىدى . ئۇ شېئىرلىرىنى ئىزچىل پروۋىنىس تىلىدا يېزىپ ، يۇرتىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل مەزىرىلىرىنى مەدھىيىلىدى .

مىسترال ئىكىس پروۋىنىس ئىنستىتۇتىدا قانۇن ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن . 1852 – يىلى تۇنجى داستانى «پروۋىنىس» نى ئېلان قىلغان . مىسترالنىڭ پروۋىنىس ئەدەبىياتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە قوشقان غايەت زور تۆھپىسى ئۇنى پرۋىنىس مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلىگە ئايلاندۇرغان . ئۇنىڭ ئىجادىي ئۇتۇقىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ، فرانسىيە ئىنىستىتۇتى ئۇنى تۆت قېتىم مۇكاپاتلىغان ، فرانسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى ئۇنى كرسىت شەرەپ مېدالى بىلەن تارتۇقلىغان .

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى :

مىخىل — فرېدېرىخ مىسترال [ فرانسىيە ] ، شۈ ۋېنتاڭ تەرجىمىسى ، يۈەنجىڭ نەشرىيات ئىشلىرى شىركىتى ، 1988 – يىل

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

مىسترال يەتتە يىلدا يېزىپ چىققان « مىرىيو » ناملىق بۇ شېئىر ئۇنىڭغا دۇنياۋى شۆھرەت ئاتا قىلدى . شېئىرنىڭ ۋەقەلىكى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ ، ناھايىتى گۈزەل ، جەلىپكار بىر سەھرا قىزى دادىسىنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى ، چىن دىلىدىن سۆيگەن نامرات يىگىتىگە ياتلىق بولالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، قىز ئۈمىسىزلىنىپ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە لوڭ دەرياسى دېلتىسىغا جايلاشقان كامارگۇ ئارىلىدىكى بىر چېركاۋغا پاناھلانغىلى بارىدۇ . ئاپتور يىگىتنىڭ شېرىن سۆيگۈسىنى ناھايىتى جەلىپكار ئۇسۇلدا تەسۋىرلەپ ، مىرىيونىڭ قىيا تاشلار بىلەن قاپلانغان كرودو تۈزلەڭلىكىدىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى ناھايىتى ۋايىغا يەتكەن ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ بەرگەن . بۇ بەخىتسىز قىزغا تونۇردەك قىزىق كامارگۇ ئارىلىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ ، ئۇ ئۆزى ئارزۇلىغان مۇقەددەس چېركاۋغا مىڭ تەستە يېتىپ كېلىدۇ – يۇ ، ھەسرەت ئىلىكىدە جېنىدىن ئايرىلىدۇ . بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ باش تېمىسىدا ئەمەس ، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ جارى بولۇشىدىمۇ ئەمەس . شېئىرنىڭ بەدىئىي پاساھىتى ۋەقەلىكنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جىسىپلاشتۇرۇلغانلىقى ، پروۋىنىسنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ، رىۋايەتلىرى ، قەدىمىي ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇشنىڭ ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ . مىسترال شېئىرلىرىدا دېھقان – چارۋىچىلار ۋە تېرىقچىلارنىلا كۈيلەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان . ئۇ ھومېرچە ئاددىي – ساددا ئۇسلۇبتا بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى . ئۇ ھېچقايسى شائىرنى دورىمايدۇ ، ئۇلۇغ شائىر ھومېرنىڭ ئەنئەنىسىنى بويلاپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبىنى تولۇق نامايەن قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن قۇرۇق ھەشەمدىن خالىي بىر خىل ئاددىي – ساددىلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .

بۇ شېئىردىكى بەدىئىي تەپەككۇر ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ ، قاپىيە ، رېتىم ناھايىتى جايىغا چۈشكەن . شائىرنىڭ ئىلھامى قەلبتىن ئەمەس ، بەلكى تەبىئەتتىن كېلىدۇ . ئىلھام شۇنچىلىك نازۇك ئىكەنكى ، بەئەينى بىغۇبار بالىغىلا ئوخشايدۇ ، شائىرنى ئىنسان روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن چىقىۋاتقان نىدالارغا قۇلاق سالدۇرىدۇ ! مىرىيو بەئەينى يېرىم پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈلنىڭ ئۆزى ، ئۇ شەپەق نۇرىنىڭ تەپتىدە مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ . بۇ – نوقۇل جاپالىق مېھنەتنىڭ مېۋىسىلا ئەمەس بەلكى ، مۇتلەق ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر تالانت ئىگىسىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلى . مانا بۇ – نېمە ئۈچۈن لامارتىننىڭ مىسترالنىڭ شېئىرى بىلەن ئېگېي دېڭىزى ئارىلىدىكى شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەڭ ئورۇنغا قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر .

شۇ يىلى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنلەر:

مىسترال [ فرانسىيە ]

ئېچېگاراي [ ئىسپانىيە ]

كارلوس نۇنېز [ ئىسپانىيە ]

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى

بۇ مۇكاپات مەن ئۈچۈن بىر ياردەم پۇلى ياكى ئىشلىرىمنى قوللاش ئۈچۈن بېرىلگەن بىر مەبلەغ . مەن مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ ياردىمىدە پروۋىنىس تىل – ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتىمەن ، ئاشۇ مەدەنىيەت ئۈچۈن توختىماي ئەسەر يازىمەن ، ھاياتىمنى تەسەددۇق قىلىمەن ، شۇ ئارقىلىق ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلاپ قالىمەن . دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بۇ مۇكاپات مېنىڭ پروۋىنىس تىل – ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ئىلھام بېرىدۇ .

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

«ئۇلۇغ بىر شائىر دۇنياغا كەلدى !»

–        لامارتىن

«سەن سامان يولىدا چاقنىغان بىر يۇلتۇز !»

–        ماللارمى

قىسقىچە ئەسلەتمە⊙ 1964 – يىلى موناكو نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شائىر مىستىرالنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پوچتا ماركىسى تارقاتتى .

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1852 – يىل ، «پرۋىنىس» ؛

 1859 – يىل ، «مىرىيو» ؛

 1866 – يىل ، «كاراندار» ، تارىخىي ئىپوس ؛

 1867 – يىل ، «كالىندار» ؛ 1876 – يىل ، «ئالتۇن ئارال» ، ئېپىك شېئىر ؛

 1879 – 1886 – يىل : «يېڭى پرۋىنىس لۇغىتى» ؛ 1884 – يىل «نايرېت» ؛

 1890 – يىل : «خانىش راننا» ، ئوپېرا ؛

 1897 – يىل : «رون دەرياسى ھەققىدە شېئىر» ، ئېپىك شېئىر ؛

 1912 – يىل : «مايلىق زەيتۇندىن مول ھوسۇل» ، ئېپىك شېئىرلار توپلىمى ؛

 1906 – يىل : «ھاياتىم – ئەسلىمە ۋە ھېكايە» ؛

 1912 – يىل : «زەيتۇن ئورمانلىقى»

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10954

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: