پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى: 11- باب

 دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

ئون بىرىنچى باب

دورىيان خېلى يىللارغىچە بۇ كىتابنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى . توغرىراقى ، قۇتۇلۇشنى خالىمىدى . ئۇ ئۆزگىرىشچان كەيپىياتى ۋە ھېلىدىن ھېلىغا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇراقسىز خۇي – مىجەزىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن پارىژدىن بۇ كىتابنىڭ ئوخشىمىغان رەڭلەردە مۇقاۋىلانغان چوڭ فورماتلىق يېڭى نەشرىدىن 9 پارچە سېتىۋالدى . كىتابتىكى باش پېرسۇناژ _ رومانتىكلىق بىلەن زېرەكلىكنى تولىمۇ غەلىتە بىر رەۋشتە ئۆز ۋۇجۇدىدا مۇجەسسەملىگەن پارىژلىق يىگىت گويا ئۇنىڭ ئۈچۈنلا يارىتىلغان بىر تىپ ئىدىكى ، بۇ كىتاب ئۇنىڭغا گويا ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ۋە كەلگۈسى ھايات نىشانلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەندەكلا تۇيۇلاتتى .

بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى ، دورىيان كىتابتا تەسۋىرلەنگەن باش پېرسۇناژدىن ھەر ھالدا تەلەيلىك ئىدى . ئۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن پارىژلىق يىگىتتەك ۋاقتىدا ، ئەينەككە قاراشتىن ، ئۆز ئەكسىنىڭ شولىسى چۈشىدىغان مېتاللاردىن ، سۈپسۈزۈك تىنىق سۇدىن ئۇنچىۋالا قورقمايىتتى . بۇنداق تۇيغۇلار ئۇنىڭدا يوق ئىدى ھەم مەڭگۈ بولمايىتتى . كىتابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئاپتور تراگېدىيە ئۇسلۇبىنى قوللانغان بولۇپ ، سەل مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان چېغىدىكى چەكسىز قايغۇ – ئەلىمى ۋە ئۈمىدسىزلىكىنى ناھايىتى ياخشى سۈرەتلەپ بەرگەنىدى . دورىيان كىتابنىڭ ئاشۇ قىسىملىرىنى بىر خىل ھوزۇر ئىلىكىدە ئوقۇپ تۈگەتتى . ئەلۋەتتە ، ھەرقانداق ھوزۇر ۋە خۇشاللىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قايغۇ – ھەسرەت بىلەن قوشكېزەك ئىدى .

قارىغاندا ، دورىياننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بازىل خالۋاردنى ۋە ئەتراپىدىكى تالاي كىشىلەرنى ئۆز ئايىقىغا يىقىتقان تەڭداشسىز گۈزەللىك چېھرىدىن ھېچ يۈتىدىغاندەك قىلمايىتتى . ھەتتا ئۇنىڭ ئابرويىنى بىر تىيىن قىلىدىغان پىتنە – پاساتلارنى ئاڭلىغان كىشىلەر (ئۇ توغرىسىدا لوندوندا خىلمۇ خىل ئەپقاچتى گەپلەر تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ ، كۇلۇبتىكىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان پاراڭ تېمىسىغا ئايلانغانىدى) ئۇنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان ئۇنداق پىتنە – پاساتلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيىتتى . ھەدەپ ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ تەڭداشسىز ھۆسىن – جامالى ، نۇقسانسىز قەددى – قامىتىنى كۆرگەن ھامان چىپپىدە جىم بولۇشاتتى . ئۇنىڭ چېھرىدىن يامرىغان ئېيىتقۇسىز دەرىجىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ، بىغۇبارلىقتىن ئەيمىنىشەتتى . كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا ۋۇجۇدىدىن ئاللىقاچان يوقالغان ئاقكۆڭۈللۈكنى ئەسكە ئىلىشاتتى . ئۇلار شۇ دەرىجىدە قاملاشقان ، جەلىپكار كەلگەن بۇ يىگىتنىڭ ئەيىش – ئىشرەت ئەۋج ئالغان مۇشۇنداق بىر پاسكىنا دەۋردە قانداق قىلىپ ئۆزىگە قىلچە نۇقسان يەتكۈزمىگىنىدىن ئەجەبلىنەتتى .

دورىيان تۇرۇپ – تۇرۇپلا ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، بىر مەزگىل ئۆيىگە بىكىنىۋالاتتى . بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دوستلىرى ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشاتتى . ئۇ ئۆيگە كەلگەن ھامان ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقاتتى ، يېنىدىن ئايرىمايدىغان ھېلىقى ئاچقۇچ بىلەن قىرائەتخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرەتتى ، ئاندىن قولىغا ئەينەك ئېلىپ بازىل خالۋارد سىزىپ بەرگەن ھېلىقى پورتېرتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ، رەسىمدىكى يۈزلىرىگە يول – يول قورۇقلار چۈشكەن چىراي بىلەن ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈزۈك چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ ، ئۆز چىرايىدىن قانائەت ھاسىل قىلاتتى . ئۇ بارغانسېرى چىرايىدىن بۆلەكچە ھوزۇر ئالىدىغان ، ئۆز روھىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى . ئۇ پىشانىسىگە يول – يول قورۇق ئىز سالغان ، جاۋغىيى چۆرىسىدە جەلىپكىرانە سىزىقچىلار پەيدا بولغان رەسىمنى بىر خىل ئەندىشە ئارىلىشىپ كەتكەن خۇشاللىق ئىلكىدە ئىنچىكە كۆزىتەتتى ، كۆڭلىدە گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن ياشلىق تۇيغۇسىنىڭ قايسىسىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى دەڭسەيىتتى . شېشىدەك سۈزۈك ئاپئاق قوللىرىنى رەسىمنىڭ گۆشلۈك قوللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى پەيدا بولاتتى ، ھەتتا رەسىمنىڭ كالامپاي تۇرۇقىنى مەسخىرە قىلاتتى .

ئۇ مەيلى خۇشبۇي ھىدلار تاراپ تۇرغان ھوجرىسىدا ياتسۇن ياكى پىرىستاننىڭ يېنىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن پاسكىنا دەڭلەردە تۈنىسۇن ، مۇشۇنداق ئۇيقۇسى قاچقان چاغلاردا ، سالاھىيىتىنى يالغان ئىسىم بىلەن نىقابلاشقا كۆنۈپ قالغانىدى . ئۇ ئۆز روھىنىڭ گۇمرانلىققا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئېچىنىش ئىلكىدە ئويلايىتتى . بۇ خىل ئېچىنىش نوقۇللا شەخسىيەتچىلىكتىن بولۇۋاتقاچقا ، ئۇنىڭغا ئوبدانلا تەسىر قىلغانىدى . ئەمما بۇنداق چاغلار ئانچە كۆپ بولمايىتتى . لورد ھېنىرى بىلەن بازىلنىڭ ئۆيىدە تۇنجى كۆرۈشكەندىن باشلاپ ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى ، ھايات ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپەيگەنسېرى ، يەنىمۇ جىق نەرسىلەرنى بىلگۈسى كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە بولغان چاڭقاقلىقىنى قانائەت تاپقۇزۇشنى ئىستىگەنسېرى ، بۇ چاڭقاقلىقى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقاتتى .

ھالبۇكى ، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقىدىن بىراقلا قول ئۈزۈپمۇ كەتمىدى . قىشتا ھەر ئايدا بىر – ئىككى قېتىم ، ئىجتىمائىي ئالاقە پەسلىنىڭ ھەر چارشەنبە كۈنى كەچتە گۈزەل قەسرىنىڭ ئىشىكىنى ئۇلۇغ ئېچىپ ، ئەڭ مەشھۇر سازەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئېسىل مۇزىكىلىرىدىن مېھمانلارنى ھوزۇرلاندۇراتتى . ئۇ ھەر قېتىم زىياپەت بەرگەندە لورد ھېنىرى يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ ، ئۈستەلنى ساھىبخاننىڭ ئېسىلزادە سالاپىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ھازىرلايىتتى . رەڭگارەڭ خۇشپۇراق گۈللەر ، نەپىس كەشتىلەنگەن داستىخان ، قەدىمىي تۈستىكى كۈمۈشرەڭ تەخسىلەر ئۈستەلگە ئاجايىپ ماسلاشتۇرۇلۇپ تىزىلاتتى ، مېھمانغا كىم – كىملەرنى چاقىرىش ، قايسى ئورۇندا كىملەر ئولتۇرۇش دېگەندەك ئىشلارمۇ ناھايىتى تۈجۈپىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى . شۇڭلاشقا ، ئۇ بەرگەن زىياپەت بەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ئاجايىپ داڭقى بار ئىدى . تالاي كىشىلەر ، بولۇپمۇ ياشلار دورىياننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بىلىم بىلەن ئېسىلزادىلىك ، ئابروي – مەرتىۋە ، ۋايىغا يەتكەن سالاپەت قاتارلىقلار ئۆزئارا مۇجەسسەم بولغان دۇنياۋى ئۈلگىنى كۆرۈپ ، ئىتون ياكى ئوكسفوردتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندەك بولاتتى . ئۇلارنىڭ نەزەرىدە دورىيان دانتې تەسۋىرلىگەن «گۈزەللىككە چوقۇنۇش ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» نى ئىستەۋاتقان كىشى ئىدى ؛ گاۋتىيېرغا ئوخشاش «ئوبىيېكتىپ دۇنيا ئۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ» دەپ قارايىتتى .

ئەلۋەتتە ، ھايات دورىيان ئۈچۈن ئەڭ موھىم ، ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەت ئىدى . شۇڭا ، باشقا سەنئەتلەر گويا ھايات ئۈچۈنلا ھازىرلانغاندەكلا ئىدى . ئۇ مودا قوغلىشاتتى ، سۆلەتۋازلىق قىلاتتى . مودا قوغلىشىش ئاجايىپ – غارايىپ نەرسىلەرنى بىر مەزگىل ئەۋجىگە چىقارغىنى بىلەن ، سۆلەتۋازلىق ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار ئارقىلىق گۈزەللىكنىڭ مۇتلەق زامانىۋىلىقىنى نامايىش قىلاتتى . شۈبھىسىزكى ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى دورىياننى جەلپ قىلىۋالاتتى . ئۇنىڭ كىيىنىشى ، يۈرۈش – تۇرۇشى پات – پات ئۆزگىرىپ تۇردىغان ، باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئۆزىگە خاس سۆلىتى ماي فايىردىكى تانسا كېچىلىكلىرىدە ، پالمال كۇلۇبلىرىدىكى سۆلەتۋاز بايۋەتچىلەر ئارىسىدا ئوبدانلا تەسىر قوزغايىتتى . ئۇلار كىيىنىش ، يۈرۈش – تۇرۇش قاتارلىق ھەممە ئىشتا دورىياننى دورايىتتى ، دورىياننىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئېسىلزادىلەرچە سۈلكەت – سالاپەتنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلاتتى .

دورىيان قورامىغا يېتەر – يەتمەيلا بۇنچە مەرتىۋىگە ئېرىشىپ قالغىنىدىن مەمنۇن بولاتتى ، ئۆزى ياشاۋاتقان لوندوننىڭ شۇ تاپتا گويا «ساترىكون» ① نىڭ ئاپتورى ياشىغان نېرونيان ② ئېمپىرىيىسى دەۋرىدىكى رىمغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئىچىدە خۇش بولاتتى . لېكىن ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ئارزۇ – ئىستەكلىرى «مودا باشلامچىسى» بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايىتتى ، باشقىلارغا زىبۇ – زىننەتنى قانداق تاقاش ، گالىستۇكنى قانداق چېگىش ، ھاسىنى قانداق تۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆگىتىدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايىتتى . ئۇ ئۆزىگە خاس پەلسەپىسى ، پرىنسىپى بولغان ھاياتلىق دەستۇرىنى روياپقا چىقىرىش ھەققىدە باش قاتۇراتتى . ئۇنىڭچە بولغاندا ، بۇ ھاياتلىق دەستۇرىدا ئەڭ يۈكسەك مەنىۋى پەللىگە ئىنتىلىدىغان تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇشى ، مۇجەسسەم بولۇشى كېرەك ئىدى .

سەزگۈ ئەزالارنىڭ ھوزۇرىنى قوغلىشىش ھەرقانداق چاغدا ئەيبلىنىشكە ئۇچرايدۇ . كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىنمۇ كۈچلۈك ئارزۇ – ھەۋەسلەرنىڭ غىدىقلىشى ۋە ھوزۇرىدىن قورقىشى تۇغما بولىدۇ ھەم ئاشۇنداق غىدىقلىنىشى بىلەن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئىنسانلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ھايۋانلاردىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . لېكىن ، دورىيان گرېينىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلمىگەن . سەزگۈ ئەزالارنىڭ ياۋايى ھايۋانىي تەبىئەتلىك ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ يەردىكى ، ئىنسانلار ئاچلىق ئارقىلىق بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغان ياكى ئازاب – ئوقۇبەت ئارقىلىق ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلىغان – يۇ ، ھەرگىزمۇ ئاشۇ سەزگۈ ئەزالارنى گۈزەللىككە ئىنتىلىشنى يېتەكچى قىلغان يېڭىچە بىر روھىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ باقمىغان . دورىيان ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى ھەر قېتىم كۆزەتكىنىدە ، ئىنسانلارنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان مەقسەتلىرى ئۈچۈن تالايلىغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن قاتتىق ئازابلىناتتى . ئىنسانلار ئۆزىدىكى تەلۋىلكنى ، ئىختىيارلىقنى ئىزچىل چەكلەپ كەلدى ، ئۆز – ئۆزىنى رەھىمسىزلەرچە قىينىدى ۋە ئىنكار قىلدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قورقۇنچاقلىقتىن كېلىپ چىقتى – يۇ ، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى نادانلارچە قۇتۇلماقچى بولغان خىيالىي تۇيغۇسىدىكى گۇمرانلىقتىنمۇ ئۆتە گۇمرانلىققا دۇچار بولدى . قېنى ئويلاپ كۆرەيلى ، ياراتقۇچى تەركىدۇنياچىلارنى قاقاس دالىلاردىن ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ جان بېقىشقا ئىرادەت قىلدى ، شۇنىڭغا يارىشا ياۋايى ھايۋانلارنىمۇ ئاشۇ تەركىدۇنياچىلارغا ھەمراھ قىلدى . بۇ نەقەدەر كۈچلۈك مەسخىرە – ھە !

لورد ھېنىرىنىڭ پەرەز قىلغىنىدەكلا يېڭىچە ئىشرەتخورلۇق باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى . ئۇ يېڭىچە بىر خىل تۇرمۇش شەكلى يارىتاتتى ، ھاياتلىق ئالىمىمىزنى پروتىستانتلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكىنىگە قارىماي كىشىلەر ئارىسىدا بازار تېپىشقا ئۈلگۈرگەن دوگما قېلىپلىرىدىن خالاس قىلاتتى . دۇرۇس ، يېڭىچە ئىشرەتخورلۇق ئەقلىيلىكنى چەتكە قاقمايدۇ . ئەمما ئۇ لەززەتلىك ھېس – تۇيغۇلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تىكلەنگەن نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى رەت قىلىدۇ . ئىشرەتخورلۇق تۇيغۇنى ھېس قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ، ئەمما شېرىن ياكى ئازابلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق نەتىجىنى نەزەرگە ئالمايدۇ . ھەۋەسنى چەكلەش خاھىشى ئادەمنىڭ تۇيغۇلىرىنى باسسا ، چاكىنا شاللاقلىق كىشىنى ھېسسىياتسىز قىلىۋېتىدۇ . ھالبۇكى ، يېڭىچە ئىشرەتخورلۇق بولسا نەپىسنى چەكلەش يۈزلىنىشى بىلەن سىغىشالمايدۇ ، ئادەملەرگە ھاياتىنىڭ ھەربىر ئۆتكۈنچى دەقىقىلىرىدىن قانداق ھوزۇرلىنىشنى ئۆگىتىدۇ . نۇرغۇن ئادەم ئەتىگەنلىرى تاڭ يورۇماي تۇرۇپ ئويغانغان چاغدىكى تۇيغۇلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان . بەزىلەر ئويغىنىپ نېمە چۈش كۆرگىنىنى ئەسلىيەلمەيدۇ ، خامۇشلۇقتىن ، گاراڭلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ . يەنە بەزىلەر بولسا كېچىدە ھېلىدا قاباھەتلىك ، ھېلىدا شېرىن چۈشلەرنى كۆرىدۇ – يۇ ، ئويغانغىنىدا كاللىسىغا رېئاللىقتىكىدىنمۇ قاباھەتلىك سايىلەرنىڭ ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . ئاشۇ ئاجايىپ – غارايىپ چۈشلەردە گوتچە سەنئەتكە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدىغان بىر خىل جۇشقۇنلۇق ئايان بولۇپ تۇرىدۇ . شۇنى تەخمىن قىلىش مۇمكىنكى ، بۇنداق چۈشلەردىكى خىيالىي كۆلەڭگىلەر بىر خىل سەنئەت ، خام خىيال كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ روھىيىتىگە چۈشىدىغان سەنئەت دېمەكتۇر . ئۇنىڭدا شۇنداق بىر نۇقتا ئەكس ئېتىدۇ : سۈبھى مەزگىلىدە ئاپئاق تىتىرەڭگۈ قوللار دېرىزە پەردىسىنى قايرىشى بىلەن ، بىر غەلىتە كۆلەڭگە ئۆيگە كىرىۋېلىپ بۇلۇڭدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋالىدۇ . ئۆينىڭ سىرتىدا دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا قونۇۋالغان قۇشلار توختىماي چۇرۇقلاپ تۇرىدۇ ، خىزمەتلىرىگە ئالدىراپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلىنىدۇ . تاغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان مەيىن شامال كىشىنى ئۇھسىندۇرۇپ خىيالىنى ئۆتمۈشكە ئېلىپ كېتىدۇ . كېچە پەردىسى ئاستا – ئاستا سۈزۈلۈپ ، كۇللى شەيئى ئاستا – ئاستا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە ۋە رەڭگىگە كىرىدۇ . بىز تاڭ سەھەرنىڭ ئۆزگەرمەس ئۇسۇلدا دۇنيانى قايتىدىن ئاپېرىدە قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىمىز . خىرە ئەينەك ئالدىدا ئادەم سايىسى پەيدا بولىدۇ ، ئۆچكەن شام ئاخشام بىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن قويغان جايدا تۇرغان بولىدۇ ، ئۇنىڭ يېنىدا تۈنۈگۈن كېچە يېرىمى كۆيۈپ بولۇنغان كىتاب ياكى تانسا كېچىلىكىدە مەيدىگە قادالغان ، ئەمما ئاللىبۇرۇن سولىشىشقا ئۈلگۈرگەن گۈل ياكى ئوقۇساق – ئوقۇساق قانمايدىغان بىر پارچە خەت تۇرغان بولىدۇ . ھەممە نەرسە شۇ پېتى . بىز چۈشىنىدىغان ھەقىقىي رېئاللىق چىن بولمىغان كېچە قوينىدىن قۇتۇلۇپ كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، بىز ئاخشام نەدە بۇ رېئاللىقتىن ئايرىلغان بولساق ، يەنە شۇ يەردىن ئۇنىڭغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىمىز. داۋاملىق يۈزلەنمىسەك بولمايدىغان ، زېرىكىشلىك ، ئۆزگەرمەس تۇرمۇش غېمى  خىيالىمىزنى بەنت قىلىدۇ ؛ روھىي بېسىم يەنە باش كۆتۈرىدۇ . شۇنچىلىك ناخۇشلۇق ئىلكىدە سەھەردە ئويغىنىپلا يىپيېڭى بىر دۇنيانىڭ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ قېلىشىغا ئىنتىزار بولىمىز . بىز ئارزۇلاۋاتقان بۇ دۇنيا شۇنداقكى ، ئۇنىڭدا جىمى شەيئىنىڭ شەكلى ، رەڭگى ئۆزگەرگەن ؛ سىرلىق تۇيغۇ مۇجەسسەملەنگەن ، جىمى كونا نەرسىلەر سىقىپ چىقىرىلغان . بىز ئارزۇلاۋاتقان بۇ دۇنيادا ھېچقانداق مەجبۇرىيەتكە ۋە ئۆكۈنۈشلۈك تۇيغۇلارغا ئورۇن يوق .

دورىيان گرېينىڭ ئارزۇلايدىغىنى ياكى تۇرمۇش نىشانى دەل مۇشۇنداق دۇنيانى قايتىدىن يارىتىش ئىدى . ئۇ شېرىن ئەمما دەقىقە ئىچىدە غايىپ بولىدىغان ئاشۇ تۇيغۇلارنى ، رومانتىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزگىچە ھېسسىياتنى قوغلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا قارشى يوسۇندا تەپەككۇر قىلاتتى ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ مەيلىگە قويۇۋېتەتتى . بۇنداق تەپەككۇر شەكلىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ يەتكەندە ، قىزىقسىنىش تۇيغۇسى قانائەت تاپقىنىدا بولسا ، چۈشىنىكسىز بىر سوغۇق نەزەردە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەتتى . بۇنداق سوغوقلۇق ھەقىقىي قىزغىنلىق بىلەن سىغىشالمىغۇدەك يەردە ئەمەس . ھەتتا بىرقىسىم ھازىرقى زامان پىسىخولوگلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇنداق سوغوقلۇق بولمىسا ئوتتەك قىزغىنلىق بولمايىتتى .

«دورىيان رىم پروتىستانلار دىنىي ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولىدىكەن ، رىم دىنىي ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇراسىملىرى ئۇنى رام قىلىۋاپتۇ»دېگەندەك گەپلەر بار ئىدى . رىم دىنىي ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادەتتكى مېيىت ئۇزىتىش مۇراسىمى باشقا ھەرقانداق ئۇيۇشمىنىڭكىدىن ھەيۋەت ئۆتكۈزىلەتتى . بۇ ھال دورىياننى قاتتىق جەلپ قىلاتتى . چۈنكى بۇنداق مۇراسىملاردا تۇيغۇغا ئورۇن يوق ئىدى . ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى بىر خىل سىداملىق ئەكس ئېتەتتى . ئۇ ئىنىسانىيەت تراگېدىيىسىنىڭ سىمۋولى ئىدى . دورىيان مەرمەر تاش يېيىتىلغان مۇزدەك پىيادىلەر يولىدا ھاياجان ئىچىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ سۈرلۈك كىيىم كىيگەن پوپنىڭ تاتىراڭغۇ قوللىرى بىلەن مۇقەددەس يۇپۇقنى ئاچقىنىغا ، زۇمرەت يالىتىلغان مۇقەددەس قۇتىنى ئاچقىنىغا شاھىد بولاتتى . مۇقەددەس قۇتا ئىچىدىكى قاتلىما كىشىگە «پەرشتىنىڭ بولكىسى» نى ئەسلىتەتتى . دورىيان پوپنىڭ ئۇچىسىدىكى ئەيسا كىيگەن جەببىر – جونداق كىيىمدىن ئەيمىنەتتى ، تەڭرىدىن گۇناھىنى تىلەپ مەيدىسىگە مۇشتلايىتتى . چۆرىسىگە گۈل تۇتۇلغان چىلان رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەن سۈرلۈك ئەرلەر ئىس چىقىپ تۇرغان ئىسرىقداننى ھاۋاغا ئاتاتتى . بۇنداق چاغدا ئېيىتقۇسىز بىر خىل سېھرىي كۈچ دورىياننى شەيدا قىلاتتى . چېركاۋدىن چىقىدىغان چاغدا دورىيان ئاجايىپ بىر قىزىقىش بىلەن چېركاۋدىكى رەتلىك تىزىلغان تۆۋىخانىلارغا قاراپ كېتەتتى ، ئاشۇ ئۆيلەرنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپ ئەر – ئايال مۇخلىسلار پىچىرلىشىپ ئېيتىشىۋاتقان ھايات ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى .

لېكىن ، دورىيان تۆۋە قىلغۇدەك خاتالىق سادىر قىلمىغانىدى . ئۇ ئەزەلدىن ھېچقانداق مەسلەك ياكى ئېتقادقا قول بەرمىگەنىدى ھەم بۇنداق ئىزم – پىزملارنىڭ ئۆز مەنىۋىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنى خالىمايىتتى . دورىيان ئۆزىنىڭ ئىسسىق ئۇۋىسى بولغان ئۆيىنى بىرەر ئاخشام ياكى بىر نەچچە سائەت قونۇپ كېتىدىغان مېھمانخانىلارغا ھەرگىز ئوخشاتمايىتتى . گاھىدا سىرلىقلىق ۋە ئۇنىڭدىكى سېھرىي كۈچ ، ئۇنىڭغا سىرلىقلىق بېغىشلاپ تۇرغان ئەقىدە دورىياننىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرەتسە ، گاھىدا ئۇ تۇرۇپلا گېرمانىيىدە شەكىللەنگەن ماتېرىيالىزم تەلىماتىغا مايىل بولاتتى . روھىي ھالەتنىڭ پۈتۈنلەي فىزىئولوگىيىلىك شارائىتقا باغلىق بولىدىغانلىقىنى (بۇ خىل باغلىنىش مەيلى نورمال بولسۇن ياكى بولمىسۇن) بىلگىنىدە ئالەمچە خۇشال بولاتتى . ۋەھالەنكى ، بايا دېيىلگەندەكلا دورىيانغا نىسبەتەن تۇرمۇشنىڭ ئۆزى تۇرمۇش ھەققىدىكى ھەرقانداق نەزەرىيىدىن ئۈستۈن تۇراتتى . ئۇ ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي تەجىرىبىدىن ئايرىلغان ھەرقانداق مەنىۋى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى . ئۇنىڭ چۈشىنىشىچە بولغاندا ، تۇيغۇ روھقا ئوخشاشلا ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى سىرلارنى ئېچىشنى كۈتەتتى .

شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئەتىر ۋە ئەتىر ياساشنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى يەنە تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى . ئۇ روھىي كەيپىياتنىڭ تۇيغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش كېرەكلىكىنى بايقىدى . ئەتىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى غىدىقلايدىغانلىقى ، ئادەمنىڭ رومانتىك ئەسلىمىسىنى قوزغايدىغان مودەنگۈلدە ، تەسەۋۋۇرنى تورموزلاپ قويىدىغان كۈركۈم گۈلىدە نېمە سىر بارلىقىنى بىلىشكە تىرىشاتتى . ئۇ ھەمىشە دېگۈدەك ئەتىرنىڭ پسىخىكىلىق رولىنى تەسۋىرلەپ بېقىشقا ، ئاشۇ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ سىرىنى ۋە ئادەمگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چۈشىنىپ بېقىشقا تىرىشاتتى .

دورىياننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇزىكىغا كىرىشىپ كەتكەن چاغلىرىمۇ بولدى . تورۇسلىرى قىزغۇچ ، سېرىق رەڭلەردە سىرلانغان ، تاملىرىغا زەيتۇن رەڭلىك سىر بېرىلگەن زاللاردا ئۇ ئاجايىپ مۇزىكا كېچىلىكلىرىنى تەشكىللەيىتتى . بۇنداق كېچىلىكلەردە مۇزىكا ئەۋجىدە ئەس – ھۇشىنى يوقاتقان سىگانلار ئەپچىل سازلىرى بىلەن ھەرخىل جۇشقۇن مۇزىكىلارنى ئورۇندايىتتى . سېرىق يېپىنچا كىيگەن تۇنىسلىقلار سازلىرىنىڭ تارلىرىنى بىر خىل سۈر بىلەن تىرىڭشىتاتتى . كۈلۈشۈپ ئاغزى يۇمۇلماي قالغان نېگىرلار ئىپادىسىز بىر خىل ھالەتتە داقا – دۇمباقلارنى چالاتتى . بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان ئورۇق ھىندىلار قىزىل كىگىزدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغىنىچە نەي چالاتتى . گاھىدا شوبېرتنىڭ ، چوپىننىڭ بېتخوۋېننىڭ مۇزىكىلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايىتتى . پەقەتلا جۇشقۇنلۇق بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكىلار ، قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلارلا ئۇنى جەلپ قىلالايىتتى . ئۇ يەنە تاپقىلى بولىدىغانلىكى ئاجايىپ – غارايىپ سازلارنى يىغدى . بۇ سازلارنىڭ ئىچىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بىرەر دۆلەتتىكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغانلىرىمۇ ، سانى ئاز قالغان ياۋايى قەبىلىلەردىن قالغانلىرىمۇ بار ئىدى . ئىشقىلىپ ، بۇ سازلار غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا ساقلىنىپ قالغانىدى . دورىيان بۇ سازلارنى چېلىشقا ئامراق ئىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوۋېنگرو ئىندىئانلىرىنىڭ سىرلىق سازى «جۇرۇپارس» بار ئىدى . بۇنداق سازلارغا ئاياللار ۋە قامچا جازاسىغا ئۇچرىمىغان ئەرلەر قارىسا بولمايىتتى . دورىيان يىغقان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە قۇشلارنىڭ ئاۋازىدەك ئۈن چىقىدىغان پېرو كوزىسى ، ئاۋانسا دېئوۋارى چىلىدا باشقىلارغا چالدۇرۇپ ئاڭلىغان ، ئادەم سۆڭىكىدىن ياسالغان نەي ، كۇرسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن تېپىلغان ، ئاجايىپ يېقىملىق ئاۋاز چىقىدىغان قاشتېشى بار ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، گۈللۈك رەسم سىزىلغان ، ئىچىگە شېغىل قاچىلانغان ، چايقىسا «شالدىر – شالدىر»ئاۋاز چىقىدىغان قاپاق ؛ مېكسىكىلىقلار «كرارىن» دەپ ئىسىم قويغان ، تېشىغا قاراپ پۈۋلەيدىغان سۇناي ، ئامازون دەرياسى بويىدا ياشىغۇچى قەبىلىلەر ئىشلەتكەن ، قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان «تېرۇي» بار ئىدى . ئەينى يىللاردا چوڭ دەرەخلەرگە چىقىۋېلىپ قاراۋۇللۇق قىلىدىغان ئەسكەرلەر مۇشۇ نەرسىنى چېلىپ ئوينىغانىدى . ئۇنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى يىراقلاردىن ئاڭلىغىلى بولارمىش . يەنە «تېپانىستېرى» ئاتلىق دۇمباقمۇ بولۇپ ، ئۇنى كىشىلەر سۈترەڭ ئۆسۈملۈك ياغىچىدا ياسالغان تاياقتا چالاتتى . دۇمباقتىكى ئىككى تال پۇرژۇننىڭ تىتىرىتىش رولى بار ئىدى . ئەنە شۇنداق ئاجايىپ سازلارغا ئەسرا بولغان دورىيان سەنئەتنى تەبىئەتكە ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلاتتى . ئۇ ئاۋازى قورقۇنچلۇق چىقىدىغان ، شەكلى سەت بۇ نەرسىلەردىن بىر خىل ھوزۇر ھېس قىلاتتى . ئەمما ، ئۇزۇنغا قالماي ئۇ بۇ سازلاردىن بەزدى – دە ، بۇرۇنقى كۆنۈككەن ئادىتى بويىچە لورد ھېنىرى ئەپەندى بىلەن ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپ «تانغانسېر» دراممىسىدىن ھوزۇرلاندى . دورىيان نۇرغۇن بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئۆز روھىنىڭ تراگېدىيىسىنى كۆرگەندەك بولاتتى .

يەنە بىر چاغلار كېلىپ دورىياننىڭ قىزىقىشى ئۈنچە – مەرۋايىتقا يۆتكەلدى . ئۇ بىر قېتىملىق تانسا كېچىلىكىدە فرانسىيە دېڭىز ئارمىيە گېنرالى ئاندروسنى ئەسلىتىپ 560 تال مەرۋايىت ئورنىتىلغان كىيىمنى كىيىپ پەيدا بولدى . ئۇ نۇرغۇن يىللارغىچە بۇ ھەۋىسىنى تاشلىمىدى . ئۇ مەرۋايىت يالىتىلغان قاپ ئىچىدىكى ھەرخىل قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى تىزىپ ئوينايىتتى . بەزى كۈنلەردە شۇنىڭ بىلەن ئەمەك بولۇپ پۈتۈن كۈنىنى ئۆتكۈزىۋېتەتتى . ئۇ يىغقان بۇيۇملارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايىتتى ، ئۇنىڭ ئىچىدە چىراغ يۇرۇقىدا قىزىل كۆرۈنىدىغان زەيتۇن رەڭگىدىكى زۇمرەت تاش ، ئىچىكە يول – يول سىزىقچىلار چۈشۈرۈلگەن پارقىراق ئۈنچىلەر ، يېشىل رەڭ ئارىلاشقان سارغۇچ زەيتۇن تېشى ، ئەتىرگۈل ياكى قىزىل ھاراق رەڭگىدىكى قاشتېشى قاتارلىقلار بار ئىدى . يەنە ئامستىردامدىن ئېلىپ كەلگەن ئۈچ دانە يالتىراق كەھرىۋا ۋە گرانت تاشلار ئارىسىدىن قېزىۋېلىنغان مارجانلارمۇ بولۇپ ، كۆرگەن كىشى ئاغزىنى چاكىلدىتىپ كېتەتتى .

دورىيان ئۈنچە – مەرۋايىت توغرىسىدا ئاجايىپ قىزىق گەپلەرنى ئاڭلىدى . ئافانسونىڭ «پاستېرلار قىبلىنامىسى» دا كۆزى ھەقىقىي قىزىل ئازورتتىن تۈزۈلگەن بىر زەھەرلىك يىلان تىلغا ئېلىناتتى . ئالېكساندېرنىڭ رومانتىك تارىخىدا يەنە ئىمانىسسانى بويسۇندۇرغان بۇ ئىمپېراتۇرنىڭ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدا مۈرە تەرىپىدىن كەھرىۋا چەمبىرەك ئۆسۈپ چىققان بۇ يىلاننى قانداق بايقىغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ . فروستراتوس سۆزلىگەن ھېكايىلەردە ، يەنى مېڭىسىدە مەرۋايىت بار بىر ئەجدىھانىڭ «قىزىل ھەرپنى ۋە قىزىل يەكتەكنى كۆرسىلا» سېھىرلىنىپ ئۇيقۇغا كېتىدىغانلىقى ، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ . ئالتۇن قازغۇچى پىئېر دېبونخاسنىڭ ئېيتىشىچە ، ئالماس يۇتۇۋالغان ئادەمنىڭ بەدىنى باشقىلارغا ئېنىق كۆرۈنمەسمىش ؛ ھىندىستاننىڭ كەھرىۋاسىنى يۇتۇۋالغان ئادەم سۆزمەن بولۇپ كېتەرمىش . پارقىراق قاشتېشى ئاچچىقنى باسارمىش ، قىزىل ئالماس ئۇيقۇ كەلتۈرەرمىش ، سۆسۈنرەڭ كىرىستال ھاراق پۇرىقىنى يوقىتارمىش ، ئانار تاش جىن – ئالۋاستىلارنى قاچۇرارمىش ، سۇ ئارىلاشقان ئاقسىلتاش ئاي نۇرىنى قايتۇرارمىش . ئىشقىلىپ ، گەپلەر بەك جىق ، بەك جىق .

كېيىن دورىيان كەشتىگە ، گىلەمگە بەك قىزىقىپ قالدى . شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە كىشىلەر ئۇ نەرسىلەرنى ئۆيلىرىنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلايدىغان تام رەسىملىرى ئورنىدا ئىشلىتەتتى . دورىيان ئۇ نەرسىلەرنىڭ سىرىنى بىلىشكە باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتى . ئۇ نەرسىلەرنىڭ يىللارنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا ئۇپرىغىنىنى كۆرگىنىدە ئازابلىناتتى . لېكىن ، بۇ ئارقىلىق ھېچبولمىغاندا يىللارنىڭ جەبرى – جاپالىرىدىن قۇتۇلالايىتتى . يىللار بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى ، گۈللەر ئېچىلىپ يەنە توزىدى ، قاباھەتلىك كېچىلەردە داۋاملىشىدىغان تېتىقسىز ھېكايىلەر داۋام قىلىۋەردى . ئەمما ، دورىيان گرېيدە ئۆزگىرىش بولمىدى . ئۇنىڭ زىمىستان قىشلاردا قەددى ئېگىلمىدى ، چىرايى سولمىدى .

ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، دورىيان ئەنگلىيىنى قەۋەتلا سېغىندى ، لورد ھېنىرى بىلەن تروۋىلدا بىللە سېتىۋالغان داچىسىغىمۇ بارمىدى ؛ ئالجېرىيىدىكى قورو تېمى بىلەن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمىدى . ئۇ رەسىمدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايىتتى . رەسىم ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ بولسىمۇ ، ئۆزى يوق چاغدا باشقىلارنىڭ كىرىپ رەسىملىرىنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈردى .

باشقىلارنىڭ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . گەرچە رەسىملىرىدە ناھايىتى بەدبەشرە بىر كىشىنىڭ پورتېرىتى سىزىلغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى . لېكىن ، ئۇلار ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە بايقىۋالالارمۇ ؟ ئۇ ئۆزىنى مازاق قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە پەقەت كۈلۈپلا قويىدۇ . بۇ رەسىمنى بەرىبىر ئۇ سىزمىغان . رەسىمدىكى چىرايلار ناھايىتى بەدبەشرە بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيىتقان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئىشىنەمتى ؟

لېكىن ، دورىيان يەنىلا قورقۇپ تۇراتتى . ناگان – ناگاندا نوتتىڭھامدىكى قورۇقىدا ئۆزىگە ئوخشاشلا ئېسىلزادە نەسەبلىك مودا ياشلارنى كۈتكەنلىرىدە ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئەيىش – ئىشرەتلىك راھەت تۇرمۇشىغا مەستانە بولغان چاغلاردا ، ئۇ مېھمانلىرىنى تاشلاپ قويۇپ رەسىملىرىنىڭ جايىدا بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالدىرايىتتى . ئۇ رەسىملىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيىتتى ۋە بۇنى ئويلىسىلا تېنى شۈركىنىپ كېتەتتى . ئۇنىڭچە بولغاندا ، ئەگەر رەسىملىرى ئوغرىلىنىپ كېتىدىغانلا بولسا ، ئۇنىڭ سىرلىرىنى باشقىلار بىلىپ قالاتتى . بەلكىم كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان بولسا كېرەك .

ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەر قاتارىدا ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغانلارمۇ بار ئىدى . ئۇ غەربىي رايوندىكى بىر كۇلۇبتىن قوغلاندى قىلىنغىلى تاس قالدى . ۋەھالەنكى ، ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئۇنىڭ كۇلۇبقا ئەزا بولۇشقا شەرتى تامامەن توشاتتى . بەزى مىش – مىش پاراڭلاردا ئۇنى بىر دوستى گېگىل كۇلۇبىنىڭ تاماكا چېكىش ئۆيىگە باشلاپ كىرگەندە گراف بورك ئەپەندى ۋە يەنە بىر جاناپنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ھېكايە قىلىنىدۇ . دورىيان توغرىسىدىكى مىش – مىش پاراڭ ئۇ 25 ياشقا كىرگەندىن كېيىن قەۋەتلا ئاۋۇپ كەتتى . كىشىلەر ئۇنىڭ ۋاچېتىپوردىكى بىر كوچا لۈكچەكلىرىنىڭ ئوتتۇرىسدا چەتئەللىك غەۋۋاسلار بىلەن قانداق سوقۇشقانلىقى ، ئوغرى – يانچۇقچى ، ساختا پۇل ياسىغۇچىلار بىلەن قانداق ئاپاق – چاپاق بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشەتتى . ئۇ سىرلىق ھالدا ئىز – تىزسىز غايىپ بولغاندا نامى قانداق تۆكۈلگەن بولسا ، كىشىلەر توپىدا قايتا پەيدا بولغاندىمۇ كۇس – كۇس پاراڭ يەنە ئاۋۇپ كەتتى . كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن ئۆتەتتى ، خۇددى سىرىنى بىلمەكچى بولغاندەك ، ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەرى بىلەن تىكىلەتتى .

دورىيان باشقىلارنىڭ سوغوق مۇئامىلىسىنى كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيىتتى ، زور كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ سالاپەتلىك يۈرۈش – تۇرۇشى ، سېھىرلىك كۈلۈمسىرەشلىرىنىڭ ئۆزىلا غەيۋەتچىلەرگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب ئىدى . چۈنكى ، غەيۋەتچىلەرنىڭ مەقسىتى ئەنە شۇنداق كۇس – كۇس پاراڭلار بىلەن ئۇنى چۆكۈرۈش ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىش ئىدى . بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتكەن كىشىلەرمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىغانىدى . ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاياغ ئاستىغا يىقىلغان ئاياللار سەت بولارمۇ دېگەننى ئويلىشىپ ئولتۇرماي ، ئۇ توغرىلىق سۆز – چۆچەك چىققاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى . ئەمدىلىكتە دورىيان قېشىغا بېرىشىغىلا ئۇ ئاياللارنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى .

قىزىق يىرى ، سۆز – چۆچەك ئاۋۇغانسېرى كىشىلەر ئۇنىڭ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچى بارلىقىغا ئىشىنىپ قالغىلى تۇردى . ئۇنىڭ بايلىقى ۋە مال – مۈلىكىمۇ ئۇنىڭ يېڭىلمەس ئورۇنغا چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى . ھەرقانداق ئىناق جەمئىيەتتە كىشىلەر يۈز – ئابرويلۇق كىشىلەرنى چۆكتۈرۈش مەقسىتىدە قىلىنغان سۆز – چۆچەكلەرگە ئىشىنىپ كەتمەيىتتى . كىشىلەر ئىنسان تەبىئىتى نۇقتىسىدىنمۇ ئەيتاۋۇر يۈرۈش – تۇرۇشى جايىدا ئادەملەرنى ئەخلاقلىق ئادەملەردىن چوڭ بىلىدۇ ؛ خەقنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن ئادەمدىن ياخشىراق بىر ئاشپەزنىڭ كۈنى ياخشى دەپ ئويلىشىدۇ . بىر ئادەم سىزنى غورىگۈل تاماق ، سۈپەتسىز ھاراق بىلەن كۈتسە ۋە مېھمان قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى توغرۇلۇق ھەدەپ پو ئاتسا ، ئەلۋەتتە كەيپىڭىز ئۇچىدۇ . لورد ھېنىرى ئىلگىرى بۇ توغرۇلۇق گەپ بولغاندا ، «پەزىلەت دېگەن نېمە ؟ ئۇنى يا خامسەي ئورنىدا يېگىلى بولمىسا» دېگەنىدى . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى باشقىلار يەنە بىر مۇنچە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىشىمۇ مۇمكىن . بىر يوقىرى تەبىقىلىق جەمئىيەتنىڭ دىنىي قائىدە – مىزانلىرى ھېچبولمىغاندا سەنئەت مىزانلىرى بىلەن بىردەكتۇر . شەكىل يوقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىكىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر . ھەيۋەتلىك مۇراسىملاردا رېئاللىقتىن بايقىغان سەنئەت شەكىللىرى مۇجەسسەم بولسا ۋە ئۇنىڭغا گۈزەللىك ، ئەقىل – پاراسەت ۋە ئازراق ساختىلىق ئېلېمېنتلىرى قېتىلسا ، مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلار باشقىچە خۇشال بولۇشى مۇمكىن . ساختىپەزلىك راستىنلا شۇنداق قورقۇنچلۇقمۇ ؟ مەن ئۇنداق قارىمايمەن . ئۇ – پەقەتلا بىزنىڭ خاسلىقىمىزنى تاۋلاشتىكى بىر خىل ئۇسۇل .

قانداقلا بولسۇن ، دورىيان گرېي شۇنداق ئويلايدۇ . ئۇنى ئىلگىرى پسىخولوگىيە ھەققىدىكى چالا بىلىملەرنى بىلىۋالغان بىلىمدانلار گاڭگىراتقان . ئۇلار «ئۆزلۈك» نى ئاددىي ، مەڭگۈلۈك ، ئىشەنچىلىك دەپ چۈشىنىدۇ ، بىرلا خىل ئامىلغا باغلاپ قويىدۇ . ۋەھالەنكى ، دورىيان ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، ئىنساندا سانسىز ھاياتلىق ھۈجەيرىسى ۋە سەزگۈ ، ھەرخىل شەكىلدىكى بىئولوگىيىلىك قۇرۇلما بولىدۇ . ئىنساندا تەپەككۇر قىلىش ، ھاياجانلىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ . دورىيان يېزىدىكى داچىسىنىڭ سوغوقلۇق ھۇۋلاپ تۇرغان رەسىمخانىسىدا ئۇيان – بۇيان مېڭىپ ، ئاتا – بوۋىلىرنىڭ رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنىشقا ھېرىسمەن ئىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭ قېنىدا دەل ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قېنى ئېقىۋاتاتتى . رەسىملەرنىڭ قاتارىدا فىلىپ خېربېرتنىڭ رەسىمىمۇ بار ئىدى . فرانسىس ئەس ئۆزىنىڭ «ئايال پادىشاھ ئېلېزابىتنى ۋە پادىشاھ جامېسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلەش» دېگەن ئەسىرىدە فىلىپ خېربېرتنى «شۇنچىلىك كېلىشكەن ئادەم ئىدىكى ، ئوردىدا ھەممىلا ئادەم ئۇنى ئەتىۋارلايىتتى . ئەمما ، ئۇنىڭغا قاملاشقان چىرايى ئۇزۇن قالماي سولدى» دەپ سۈرەتلەيدۇ . دورىيان بەزىدە : «خېربېرتنىڭ ياش ۋاقتىنى دوراپ ياشاۋاتامدىم نېمە ؟» دەپ ئويلاپمۇ قالاتتى . ئەجىبا ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى مەلۇم بىر خىل زەھەرلىك مىكرو ئورگانىزم يەنە بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆتۈپ مەڭگۈلۈك ماكانىنى تاپامدىغاندۇ ؟ ئەجىبا ئۇ خېربېرتنىڭ سالاپىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆڭلىدە ھېس قىلغاندىن كېيىنلا بازىل خالۋاردنىڭ رەسىم سىزىش ئۆيىدە ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان شۇ قېتىملىق تىلاۋەتكە تۇتۇنغان بولغىيمىدى ؟ ئەنە ، بىر چەتتە ئانتونى سېدىرانىڭ رەسىمىمۇ تۇرىدۇ . ئۇ رەسىمدە ئىچىگە چۆرىسىگە ئالتۇن زىغزىق تۇتۇلغان ئاسما ماياك ، تېشىغا چۆرىسىگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تۈگمە تاقىغان چاپان كىيگەن ، قارامتۇل دۇبۇلغىسى پۇتىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇلغان . ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلىرى نەدىكىنە ؟ ناپلېستىكى جىۋاننانىڭ ئاشنىسى پۈتكۈل گۇناھ ۋە نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنىڭغا مىراس قالدۇرۇپ كەتتىمىكىنا ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرى جاھانسازلىقتىن بەزگەن كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا ئايلانمىغان چۈشلىرىمىدۇ ؟ رەڭگى ئۆڭگەن كىليونكىغا سىزىلغان رەسىمدە ئېلزابىت دىۋرو خانىم ھالرەڭ يەڭلىك قىزىل رۇباشكا كىيگەن ، ئوڭ قولىدا بىر تال گۈل تۇتقان ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ يېنىدىكى شىرەگە بىر تال ئالما ماندارىن ئىسكىرىپكىسى قويۇلغان . ئۇنىڭ ئۇچلۇق ، نەپس ئايىقىغا زىننەت سۈپىتىدە يېشىل ئەتىرگۈل قويۇلغان . دورىيان ئۇ ئايالنىڭ قانداق ياشىغانلىقى ۋە كىملەر بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى ئىشلارنى ياخشى بىلىدۇ . ئۇ ئايالدا بار خۇلق ئۇنىڭدا بارمۇ ؟ ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى دورىيانغا تىكىلگەندەك قىلىدۇ . جورج ۋىروبنىڭ تەققى – تۇرۇقىچۇ ؟ رەسىمدە ئۇ شۇنداق رەزىل ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ ، چىرايى ساڭگىلاپ كەتكەن ، گۆشلۈك لەۋلىرىدىن بىر خىل مەمەدانلىق چىقىپ تۇرىدۇ . ياش ۋاقتىدا لورد فېرارسنىڭ دوستى بولغان بۇ كىشى 18 – ئەسىردىكى مودىنى ئومۇملاشتۇرغانىدى . ئىككىنچى ئەۋلاد قاتارىدا سانىلىدىغان لورد بېكخام قانداقراق كىشى بولغىيدى ؟ ئۇ كىشى پادىشاھنىڭ تازا شەھۋەتپەرەس چاغلىرىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ، پادىشاھنىڭ فېسجورت خانىم بىلەن مەخپىي توي قىلغان ئىشلىرىغا شاھىد بولغان . سارغۇچ بۈدرە چاچلىرى ، ھېچنېمىدىن يانمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان تۇرۇقى ئۇنى ھەم سالاپەتلىك ھەم ھاكاۋۇر كۆرسەتكەن . كېيىنكى ئەۋلاد كىشىلەر ئۇنىڭدىن قانداق ھېسسىياتنى ئۆرنەك ئالغان بولغىيدى ؟ ئۇنىڭ نامى ياخشى ئەمەس ، كارتون سارىيىدا شاللاقلىق دولقۇنىنى باشلاپ بەرگەن . ئۇنىڭ كۆكرىكىدە پارقىراق بىر ئوردېن تاقالغان . ئايالىنىڭ رەسىمى ئۇنىڭ يېنىغا ئېسلغان . چىرايى تاتارغان ، لەۋلىرى نېپىز كەلگەن بۇ ئايال ئۈستىگە قارا رەڭلىك كىيىم كىيگەن . دورىياننىڭ تېنىدا ئۇنىڭمۇ قېنى ئاقىدۇ . قارىماققا نېمىدېگەن سىرلىق ئىشلار – ھە ؟ ئۇنىڭغا ئاپىسىدىن مىراس قالغىنى گۈزەللىككە بولغان ھېرىسمەنلىك ۋە كېلىشكەن قامەت . ئايال كاھىنلارنىڭ كەڭ يەكتەكلىرىنى كىيىۋالغان ئاپىسى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ بېشىغا ئۈزۈم يۇپۇرمىقى ئېسىلغان ، قولىدىكى رۇمكىدىن سۆسۈن رەڭلىك ھاراق تېشىپ تۇرىدۇ . رەسىمدىكى 康乃馨 گۈلى قۇرۇپ كەتكەن . ئەمما ، ئۇ كۆزلەردىن يەنىلا قىزغىن بىر ھېسسىيات تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ . ئۇ كۆزلەر ھېلىھەم جەلىپكار ، سېھىرلىك . دورىيان نەگىلا بارسۇن ، بۇ كۆزلەر ھەمىشە ئۇنىڭغا ھەمراھ .

ئادەمدە ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ قېنى بولغىنىغا ئوخشاشلا ئۆزى ئوقۇغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭمۇ تەسىرى بولىدۇ . ھالبۇكى ، ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدىغىنى ئەدەبىيات پېشىۋالىرىدىكى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان خاسلىق ۋە تەبىئىيلىك بولسا كېرەك . گاھىدا دورىيان گرېيغا تارىخ ئۆز ھاياتىنىڭ تەسىرىدەك ، چىن تۇرمۇشنىڭ ئەمەس ، تەسەۋۋۇرىدا يارىتىلغان تۇرمۇشىنىڭ خاتىرىسىدەك تۇيۇلىدۇ . بۇنداق تۇرمۇش ئۇنىڭ مېڭىسىدە ، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىدا ھامان ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . دورىيان ئاشۇ كىشىلەرنى ، ئاشۇ سىيمالارنى تونۇيدىغاندەكلا ھېس قىلىدۇ . ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇلارنىڭ ھاياتى سىرلىق بىر خىل ئۇسۇلدا ئۇنىڭكىگە تەسىر كۆرسەتكەن .

دورىياننىڭ تۈگىمەس خىيالى بۇ ئاجايىپ ئەسەردىكى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ باش پېرسۇناژلاردىن مەنبەئە ئالغان . دورىيان ئۇ ئەسەردىن ئاۋۋال بىر باب ، ئاندىن قىزىقسىنىپ يەنە ئىككى باب ئوقۇدى . ئۇ بابلاردا تەلۋە ، رەزىل ئادەملەرنىڭ ئوبرازى سىزىلغان . ئۇنىڭدا كېنەز مىلان ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن لەۋلىرىگە زەھەرلىك لەۋسۇرۇقىنى سۈرۈپ قويىدۇ . ئايالىنىڭ ئاشنىلىرى ئۇ لەۋلەرگە سۆيۈپ زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ . ئۇ بابلاردا يەنە پاپا پاۋل ئىككىسىنىڭ (ئىسىمى پېدېرو بابى) شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ دەيدەيگە سېلىشى بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە تىرىشقانلىقى ، گۇناھ ئۆتكۈزۈش بەدىلىگە 200 مىڭ فلورىنسىيە تىللاسىغا يارايدىغان پاپىلىق ئورنىغا چىققانلىقى سۆزلىنىدۇ . يەنە مۇنداق مەزمۇنلار بار . مىلان بېگى گرىيان مارىيا ۋىسكانت ھايات كىشىلەرنى ئاپشاركىغا تالىتىدۇ . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، جەسىتىنى ئۇنى چوڭقۇر سۆيگەن بىر پاھىشە قىزىلگۈلگە ئوراپ دەپنە قىلىدۇ . بورگىيا ئاپئاق ئېتىنى مىنىپ ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن فراكرېد بىلەن سەپەرگە چىقىدۇ . ئۇنىڭ يېپىنچىسى پىروتېرنىڭ قىزىل قېنى بىلەن بويالغان . پىئېرو ، رىئالىئو ، فلورىنسىيىنىڭ ياش ئېپىسكوپى ، خېكىستوس تۆتىنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر – ۋۇزۇرالىرى شۇ سەپتە بار .

بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل قاباھەتلىك كۈچ بار . كېچىدە دورىيان ئۇلارنى چۈشەپ قالدى ، كۈندۈزى خىيالى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمىدى . ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى كىشىلەر ئاجايىپ بىرخىل زەھەرلەش ئۇسۇلىدىن خەۋەردار ئىدى . دورىيان گرېي بولسا بىر كىتابتىن زەھەرلەندى . بەزىدە ئۇ ھەتتا رەزىللىكنى ئۆزىنىڭ ئىستېتىك ئۆلچىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر خىل ئۇسۇل قىلىۋالغان .

ئىزاھات :

① ئېيتىلىشىچە ، «ساترىكون» ناملىق بۇ كىتابنى مىلادى 1 – ئەسىردە قەدىمكى رىملىق يازغۇچى پېتروۋىنوس يازغان . ئاپتور ئىستېتىكىلىق تۇيغۇغا باي بولغاچقا ، كىشىلەر تەرىپىدىن «مودىنىڭ ھۆكۈمرانى» دەپ ئاتالغان .

② نېرونيان (37 – 68) – قەدىمكى رىمنىڭ پادىشاھى ، تارىختا نامى بار زالىم پادىشاھ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11219

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-21
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: