پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

پاناھگاھ

پاناھگاھ

جون بەنۋىل [ئېرلاندىيە]

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: جون بەنۋىل (John Banville,1945-) ئېرلاندىيە يازغۇچىسى ۋە دىرامماتورگى بولۇپ، ئېرلاندىيەنىڭ دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ۋېكىسفۇد دېگەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئىشلىگەن؛ گېزىتخانا، ژۇرنال تەھرىراتلىرىدا تەھرىر بولغان. ئۇنىڭ 15 رومانى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە «گۇۋاھلىق» (1989) ناملىق رومانى بۇك مۇكاپاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، «دېڭىز» (2005) ناملىق رومانى بۇك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 2011- يىلى فرانىز كافكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بەنۋىل يەنە «بېنجامىن بۇلايك» دېگەن تەخەللۇستا جىنايەت باش تېما قىلىنغان رومانلارنى يازغان. ئۇ بۇ تەخەللۇستا ئەسەر يازغاندا ئۆزىنى ھۈنەرۋەن- كاسپ، بەنۋىل دېگەن ئىسىمىدا ئەسەر يازغاندا سەنئەتكار دەپ قارايدۇ. ۋەقەلىكى كەسكىن رومانلارنى يازغاندا كۈنىگە ئاران نەچچە يۈز خەتلا يازالايدۇ، جىنايەت باش تېما قىلىنغان رومانلارنى يازغاندا كۈنىگە نەچچە مىڭ خەت يېزىۋېتىدۇ. سەنئەتكار بەنۋېل تىل ئىشلىتىش ماھارىتى بىلەنمۇ مەشھۇر بولۇپ، «ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنگلىز تىلى ئۇستىسى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. مۇنداق قارىماققا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە تولىمۇ يېڭى، چۈشىنىشلىك تەسىر بېرىدىغان ئىپىك ئەسەردەك كۆرۈنىدۇ؛ لېكىن ئىنچىكىلەپ ھەزىم قىلىپ ئوقۇساق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن تىلنىڭ تولىمۇ چىرايلىق، ئۆزگىچە، يېڭى، نەپىس ئىكەنلىكىنى، كىشى ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە كۆزگە بۆلەكچە تاشلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇ ئەسەر يازغاندا سۆزنى ناھايىتى جايىدا ئىشلىتىدۇ، ئەسەرلىرىدىكى ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملىسىگە نۇرغۇن ئىماگلارنىڭ مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى، ئوقۇغان كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەر بىر جۈملىسى بىر شېئىر. ئۇ ئۆزىمۇ: «شېئىر بىلەن پروزىنى بىرىكتۈرۈپ بىر شەكىل يارىتىشنى ئويلايمەن، قەلب دۇنيارىم رومانلىرىمنىڭ تىلىغا شېئىرغا خاس زىچلىق ۋە قويۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ـــ سوغۇققان ئەمما يۇمۇرستىك تۇيغۇغا باي بىر ئىپىك شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قارا يۇمۇر ـــ ئۆتكۈرلۈك، كەسكىنلىك بىلەن مەنسىتمەسلىك، ئادەمنىڭ جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى شۈبھىلىنىش ۋە ئىزتىراپ چېكىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئوپراتسىيە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پىچاق. بەزىلەر ئۇنى نابوكوف بىلەن بېككىتنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دېيىشىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ تەرىپلەش ئارتۇقچە ئەمەس!

بۇ ھېكايە ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىنبىر ھېكايىلەر توپلىمى «لوڭ لەنكىن» (Long Lankin, 1970) دىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. بۇ ھېكايىدىن سىز بەنۋىلنىڭ كامالەتكە يەتكەن تىل سەنئىتىنى ھېس قىلالايسىز. بەنۋىل بۇ ھېكايىسىنىڭ تىلىغا نېمىلەرنى مۇجەسسەم قىلدى، ھېكايىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ئۆزى ھېس قىلىۋالسۇن.

ئۆكتەبىر ئېيى، سەھەر، سوغۇق ئادەمنى شۈركەندۈرەتتى، جۇلى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كۆز ئالدىدىكى ھاۋانىڭ ئىمىر- جىمىر قان داغلىرى بىلەن تولغانلىقىنى سەزدى. ئۇ بۇنىڭدىن دەماللىققا ساراسىمىگە چۈشتى، بۇ ئۇنىڭ بۈگۈن تۇنجى رەت ساراسىمىگە چۈشۈشى ئىدى. ئۇ قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ، ئەما كىشىدەك ئۆپچۆرىسىنى سىيپاشتۇردى. كارىۋات قۇپقۇرۇق ئىدى. ئۇ ئۆكسۈپ يىغلىدى، لېكىن بايىقى سۇس تۇمان ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن يىتىشكە باشلىغانىدى. ئۇ بېشىنى يەنە ياستۇققا قويۇپ، لەۋلىرىدىكى، كۆز چاناقلىرىدىكى ياشنى سۈرتتى. قۇياشنىڭ دېڭىزدىن قايتقان ئەكىس نۇرى ئۆينىڭ تورۇسىدا ھېلىدىن ھېلىغا يۆتكىلەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى نەملىشىپ كەتكەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقتى. كەشكە پۇتىنى سەپتى- دە، ئۇخلاش پىلاشىنىڭ بەل تاسمىسىنى يېشىپ دەلدۈسلىگىنىچە ئۆرە تۇردى. يەنە بىر كۈن، ئەڭ ئاخىرقى يەنە بىر كۈن يېتىپ كەلگەنىدى.

ئۇ تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتكەچ پەلەمپەيدىن چۈشتى. پەلەمپەينىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە قەدىمىنى توختاتتى. ھەيلۇن مېھمانخانىدىكى دەرىزە تۈۋىگە قويۇلغان ئۇزۇن سافادا تالاغا قاراپ ئولتۇراتتى. دېڭىزدىن قايتقان ئاجىز نۇر تار، ئۇزۇن كەلگەن دەرىزىدىن ئۆيگە چۈشۈپ تۇراتتى، نۇر ئۈستەلنىڭ پۇتىغا چۈشكەندە كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بىر چاقنىۋېتىپ، ئاندىن ھەيلۇننىڭ تۇم قارا چاچلىرىنىڭ ئارىسىدا نازغىيتتى. ئۇ قولىنى مەڭزىگە يېقىن تۇتۇۋالغان ئىدى، شېشىدەك ئاپئاق، ئۇزۇن بارماقلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان سىگارتىدىن ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىنچىكە بىر دەستە ئىس دېڭىزدىن قايتقان سوغۇق نۇر ئارىسىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى.

ـــ كېچىچە چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە نېمىدۇر بىر نەرسە مېنى قوغلاۋاتقۇدەك،ـــ دېدى جۇلى.

ھەيلۇن بايىقى قىياپىتىنى بۇزماستىن سەھەر پەيتىدىكى دېڭىز بىلەن ساھىلدىن كۆزىنى ئۈزمەي جىممىدە ئولتۇراتتى. پەقەت ئۇنىڭ قولىدىكى سىگارتتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسلا تۇرۇپ- تۇرۇپ تەۋرىنىپ قوياتتى- دە، يەنە بايىقى تىمتاس ھالىتىگە قايتاتتى. جۇلى سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىۋېتىپ قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان چىرقىراق ئاۋازدا دېدى:

ـــ شۇ تاپتا يۈرىكىمدىن قان تامچىلاۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن قەۋەتلا خۇش بولۇۋاتىمەن.

ـــ نېمىشقا بۇنداق دەيسەن؟ـــ ھەيلۇن ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاستاغىنە كەينىگە ئۆرۈلدى.

جۇلى سافاغا كېلىپ ئولتۇردى. ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇققا خېلىغىچە تىكىلىپ قارىۋېتىپ قولىغا بىر تال تاماكا ئالدى، نېرۋا كېسىلى بار ئادەمدەك تاماكىنى سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ لەۋلىرى ئارىسىغا قىستۇردى، لېكىن تۇتاشتۇرمىدى. ھەيلۇن ئۇنىڭغا يەرنىڭ تېگىدىن لاپپىدە بىر قارىۋېتىپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئاندىن يەنە قايتىلاپ سورىدى:

ـــ نېمىشقا بۇنداق دەيسەن جۇلى؟

ئىككەيلەن گويا ئوتتۇرىغا تارتىلغان كۆرۈنمەس ئىنچىكە يىپنى تارتىشىۋاتقاندەك سۈكۈتكە چۆمدى.

ـــ ساڭا مۇھتاج بولغان چېغىمدا نەدە ئىدىڭ؟ قەيەرلەردە يۈرگەنتىڭ؟ ئۇيقۇدىن ئويغانغان چېغىمدا يېنىمدا ئادەم بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي قالمايسەن. سەن مېنى شۇ يەرگە، كىچىككىنە ئاۋازدىن ئەسەرمۇ يوق، چىش- تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولغان ئاشۇ قورقۇنچلۇق ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويدۇڭ، مېنى شۇ ئۆيدە ئۇيقۇسىنى ئاچسۇن دېدىڭ.

ھەيلۇن قولىدىكى سىگارتقا قاراپ قويدى- دە، كۈلى يەرگە چۈشۈپ كەتمىسۇن دېگەندەك سىگارتنى تىك قىلىپ تۇتۇۋالدى.

ـــ كەچۈرگىن. مەن سېنى بۇنچە بالدۇر ئويغىنىپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن. ئادەتتە بۇنچە بالدۇر ئويغانمايتتىڭغۇ؟

جۇلى قولىنى كۆتۈرۈپ خېلىغىچە سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە پەسكە چۈشۈردى.

ـــ كەتمىسەم بولمىدى،ـــ دېدى ئۇ.

ـــ ئۇنداقتا ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتمامسەن؟ـــ دېدى ھەيلۇن دەرىزە ئالدىغا كېلىپ.

ـــ قايتمايمەن.

ـــ راست شۇنداق قىلماقچىمۇ سەن؟ بىر قارارغا كېلىپ بولدۇڭما؟ ئۇنۋاننىمۇ ئالمامسەن؟

ـــ ئالمايمەن.

ـــ ئېسىت . . . ۋاي ئېسىت!ـــ دېدى ھەيلۇن بوشقىنا.

جۇلى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ سافادا سوزۇلۇپ ياتتى. ھايال ئۆتمەي تولىمۇ غەلىتە ئەمما ۋەزمىن بىر ئاھاڭدا، خۇددى تېكىست يادلاۋاتقاندەك بىر تەرزدە گېپىنى باشلىدى:

ـــ توي قىلغۇم، بالىلىق بولغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئانام مېنى دەپ جىق غەم يېدى. ئانام: «قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسەن؟» دەپ تولا سورايدۇ. ئۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟ مەن ساڭا ئوخشىمايمەن. مەن بەك ئىرادىسىز. ئانامغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەكلا ھېس قىلىمەن. ئانامغا كۆڭۈل بەرگەن ئادىمىم بارلىقىنى، ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى دېگۈم كېلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى، مېڭىپ- مېڭىپ تامغا تاقاشقىنىدا كەينىگە شاققىدە ئۆرۈلەتتى- دە، چىرايى ئەلەملىك تۈس ئالاتتى.

ـــ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئۈچ ئاي بوپ قاپتۇ- ھە،ـــ دېدى ئۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە،ـــ ئۈچ ئاي ئىچىدە شۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ. ھەيلۇن، ئىشلاردا نېمىشقا ئۆزگىرىش بولىدىغاندۇ؟

ھەيلۇن نەزەرىنى دەرىزە سىرتىدا سوزۇلۇپ ياتقان پايانسىز دېڭىزغا ئاغدۇردى. قۇياش نۇرى زۇمرەتتەك كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ئۈستىدە ۋال- ۋۇل چاقنايتتى. نېرىدىكى دېڭىز قولتۇقى ئۈستىدە بىر توپ چايكا سۇدا لەيلەپ يۈرگەن نېمىدۇر بىر نەرسىنى چوقۇلىماقتا ئىدى. ئۇلار گۈررىدە سۇ يۈزىگە چۈشەتتى- دە، يەنە ئاسمانغا كۆتۈرۈلەتتى، پەر قاناتلىرىدىن ۋال- ۋۇل نۇر چاقنايتتى. ئىككى كېمىنىڭ يەلكىنى شامال يۆنىلىشى تەرەپكە قىيسىيىپ قالغانىدى.

ـــ ئۇيقۇدىن ئويغانغانغىڭدا يېنىڭدا ئادەم بولمىسا بولمايدۇ،ـــ دېدى ھەيلۇن،ـــ بۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە ھاجىتىڭ چۈشىدۇ.

ـــ قانداق قىلسام بولىدىكىن تاڭ. بۈگۈن تالا سوغۇقمۇ؟

ـــ خويمۇ بەلەن كۈن بوپتۇ بۈگۈن.

ـــ تالاغا چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كىرەي. شۇنداق قىلاي، بىردەم ئايلىنىپ كىرەي. سومكىلىرىمنىمۇ تېڭىپ تەييار قىلىپ قويدۇم.

ـــ شۇنداق قىلغىن جۇلى.

ـــ قايسى ئىشنى دەيسەن؟

ـــ ھېلىقى تۇرالغۇغا قايتىپ بارامسەن؟

ـــ بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ يىراققىچە بارارمەن.

ئارىنى سۈكۈنات باستى. جۇلى قولىنى يەنە بايامقىدەك سوزۇپ، خىيال ئىلىكىدە قولىغا سەپسېلىپ قارىدى.

ـــ ماڭا ئۇنۋاننىڭ كېرىكى يوق،ـــ دېدى ئۇ.

ـــ سەن بىر ياخشى ئوقۇغۇچى،ـــ دېدى ھەيلۇن بوشقىنا،ـــ ئىككىمىز بەك ياخشى ئۆتكەنىدۇق.

ـــ بۇ سېنىڭ يېشىڭنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن. يېنىڭدا ياش پروفېسسوردىن بىرى بولسا باشقىچە بولىدىكەن.

ـــ لېكىن، مەن ساڭا ئاخىرى چۈشەندۈردۈم.

ـــ شۇنداق.

ـــ ئۇ چاغدا مەن سېنىڭ مېنى بارغانسېرى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلغانىدىم.

ـــ شۇنداق.

ـــ شۇنداق ئويدا بولغىنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم.

ـــ بەلكىم يىراقلارغا كېتەرمەن،ـــ دېدى جۇلى قايتىلاپ.

يازنىڭ ئەزىم كېچىسىدە ھەسرەتلىك گۈركىرەۋاتقان پايانسىز دېڭىزنىڭ بوشقىنا ئاڭلىنىۋاتقان شاۋقۇنى ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى سۈكۈت ئىچىگە ئاستا- ئاستا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەيلۇن ئالىقىنىنى ئەينەككە قويدى.

ـــ چىقىپ ئايلىنىپ كىرەي،ـــ دېدى جۇلى.

تالادا ھاۋا ئۇنىڭغا نەشتەردەك سانجىلماقتا ئىدى. ئۇ كارىدورنى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدى، پۇتىغا سېپىۋالغان كەشى بوشاپ قالغان پولغا توختىماي تېگەتتى. ئۇ ئەپچىلگىنە گۈللۈكتىن ئۆتۈپ دېڭىز ساھىلىغا كەلدى. ساھىلدىكى قۇملار كېچىدىن ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ئوڭغۇل- دوڭغۇل بولۇپ قالغانىدى. دېڭىز ساھىلىدىكى دولقۇن كۆتۈرۈلگەن يەردە چايكىلارنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى نىشانلاپ ماڭغان ئىزى قېپقالغانىدى. تەرەبپاللا كۆتۈرۈلگەن، تەننى شۈركەندۈرىدىغان ئىزغىرىن شامالدا دېڭىزدىكى ئاراللاردىن ئۇچۇپ كەلگەن ماخىل دەرىخى ۋە قارىغاي دەرىخىنىڭ ھىدى ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خۇشھىد ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. ئۇ ئۆي تەرەپكە نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ، دەرىزىنىڭ يورۇق چۈشمەيدىغان يېرىدە ئۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ تۇرغان گەۋدىگە قارىدى. ئاندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ، دېڭىز ساھىلىنىڭ يەنە بىر بېشىدىكى تاشتا بىر نەرسىنىڭ مىدىراۋاتقانلىقىنى كۆردى. قاپقارا بىر گەۋدە قۇياشقا كەينىنى قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. بىر قۇش ئۇنىڭ بېشىدا زىل ئاۋازلىرى بىلەن سايرىدى، قۇشنىڭ سايىسى ئۇنىڭ يەلكىسىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى. دەرىزىدىكى گەۋدە ئەمدى كۆرۈنمەي قالدى. ئۇ ۋەھىمىلىك بىر قارا قول كىكىرتىكىدىنلا ئالغاندەك تۇيغۇدا بولدى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى- دە، گۈللۈكتىن ئۆتۈپ يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە يېنىپ كىردى.

دەرىزىسىگە تور تارتىلغان ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى، ئۇ ئىشىكنى ئەسەبىيلەرچە جالاقلاتتى.

ـــ ھەيلۇن، ھەيلۇن.

ئىشىك ئېچىلدى، ئۇ ئۇچقاندەك ئۆيگە كىرىۋالدى. ھەيلۇن ئەجەبسىنگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپلا قالدى.

ـــ نېمە بولدى جۇلى؟

ـــ ھېچنېمە، ھې . . . ھېچنېمە بولمىدى.

جۇلى مېھمانخانىغا كىردى، كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ كىرگەن ھەيلۇن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى. جۇلى سافادا ئولتۇرۇپ ئىككى قولىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا قويدى. ھەيلۇن يېقىن كېلىپ جۇلىنىڭ چاچلىرىنى مېھىر بىلەن سىيلاشقا باشلىدى.

ـــ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ – ھە، جۇلى؟

ـــ ئۇقمىدىم. غە . . . غەلىتە بىر ئىش بولدى. بىر ئادەمنى كۆردۈم.

ـــ كىمنى كۆردۈڭ؟

ـــ ئۆزۈممۇ تونۇمايدىغان بىر ئادەمنى.

ئۇ لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى. ھەيلۇن بېشىنى كۆتۈرۈپ دەرىزىگە قارىدى- دە، پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى.

ـــ قېنى؟ سەن كۆرگەن ئۇ ئادەم نەدە جۇلى؟ قېنى ماڭا كۆرسىتە.

جۇلى كەينىگە ئۆرۈلدى. دەرىزىنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان ئەينىكىنىڭ سىرتىدا بىر ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسى مىدىرلىماقتا ئىدى، كۆلەڭگە بىر قولىنى كۆتۈرۈپ ھەدەپ شەرەت قىلىۋاتاتتى.

ـــ ئۇنى كىرگۈزمىگىن،ـــ دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا بارماقلىرىنى ئىشقىلاپ تۇرۇپ،ـــ ئىشىكنى قۇلۇپلىۋەتكىن ھەيلۇن.

لېكىن ھەيلۇن ئاللىقاچان ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ بولغانىدى. جۇلى دەرىزىگە ئىككىنچىلەپ قارىمىدى، يۈزىنى ئالقانلىرىنىڭ ئارىسىغا ئالدى. ئارىدىن گويا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلغان جۇلى ئەتراپىدىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈردى.

ـــ جۇلى، جۇلى. مېھمان كەلدى، بۇياققا قارا، جۇلى.

ھەيلۇن كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، يېنىدا ناتونۇش بىر كىشى تۇراتتى.

ـــ سىز كىم بولىسىز؟ـــ سورىدى جۇلى مۇلايىم ئاھاڭدا.

كەلگەن كىشى بويى ئېگىز، بەستلىك، قويۇق قوڭۇر چاچلىرى پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇرغان، 18- 19 ياشلاردىكى يىگىت ئىدى. ئۈستىگە كۆك كۆينەك، ئاستىغا يانتۇ يوللۇق ئۆڭۈپ كەتكەن ماتا ئىشتان كىيىۋالغان بولۇپ، كۆينىكىنىڭ ياقىسىنىڭ تۈگمىسى ئوچۇق ئىدى. يىگىت ئىككى قولىنى بېلىگە تىرىگىنىچە جۇلىغا قاراپ تۇراتتى، كەڭ كەلگەن، قاملاشقان چېھرىدە ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈنمەيتتى.

ـــ جۇلى، مەندىن نېمانداق قورقىسىز؟ـــ سورىدى يىگىت.

جۇلى ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغاچ ئۇلارنى كۆزەتمەكتە، ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى دەڭسىمەكتە ئىدى.

ـــ بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ـــ سورىدى جۇلى.

ـــ سىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم،ـــ دېدى يىگىت،ـــ كەتمەكچى بولۇۋېتىپسىلەر، شۇڭا سىلەر بىلەن خوشلىشىۋالاي دەپ كەلدىم.

جۇلى بېشىنى چايقىغاچ ھەيلۇنغا يېلىنىغاندەك بىر تەرزدە قارىدى.

ـــ ئۇ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ھەيلۇن؟

ـــ ئۇ بىز بىلەن خوشلاشقىلى كەپتۇ.

ـــ مەن ئۇنى تونۇمىسام،ـــ دېدى جۇلى ھەسرەتلىك ئاھاڭدا.

يىگىت قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ، پىشانىسىگە چۈشۈۋالغان قىزغۇچ چاچلىرىنى كەينىگە تاراپ قويدى، ئاندىن ھەيلۇننىڭ سىگارتىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، سافاغا بېرىپ ئولتۇردى. جۇلى ئۇنىڭ يېنىدىن نېرىغا سۈرۈلدى. يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى. ھەيلۇن قولىنى تىزىغا قويدى، گەۋدىسىنى ئېگىپ جۇلىنىڭ چېھرىگە جىممىدە سەپسالدى.

ـــ ھازىر ئۇيقۇڭىز ياخشىدۇ؟ ياخشى ئۇخلىيالاۋاتامسىز جۇلى؟ـــ سورىدى يىگىت.

جۇلى ئۈندىمىدى. يىگىت يەنە سورىدى:

ـــ نېمىشقا ئۇخلىيالمايدىغانسىز جۇلى؟

ئارىنى يەنە سۈكۈت باستى. يىگىت مۈرىسىنى ئېتىپ قويۇپ سافادىن تۇردى- دە، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغاچ ئۇنىڭ- بۇنىڭغا سەپسالدى. جۇلىنىڭ كۆزلىرى يىگىتتىن نېرى كەتمەيتتى. ھەيلۇن قولى بىلەن جۇلىنىڭ يۈزىگە بوشقىنە نۇقۇشلاپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى- دە، يەنە دەرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردى. جۇلىنىڭ لەۋلىرى قىمىرلاشقا باشلىدى.

ـــ قورقىمەن، قاراڭغۇدىن قورقىمەن،ـــ دېدى ئۇ.

يىگىت ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپلا قالدى.

ـــ ئەمىسە چىراغ يېقىپ قويۇڭ. چىراغ يېقىپ قويسىڭىز قاراڭغۇلۇق يوقايدۇ، سىزمۇ قورقمايدىغان بولىسىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

جۇلى بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تايانچىسىزلىق ئىلىكىدە قوللىرىغا قارىدى، تىزىغا قويۇۋالغان قوللىرى ئۆلۈكنىڭكىدەك جىممىدە تۇراتتى. ھەيلۇن بېشىنى بۇراپمۇ قويماستىن تىلىنى چايناپ تۇرۇپ دېدى:

ـــ ئۇنىڭ قورقىدىغىنى ئادەتتىكى قاراڭغۇلۇق ئەمەس.

ـــ ھە، ئەمدى چۈشەندىم،ـــ دېدى يىگىت.

جۇلىنىڭ قوللىرى مىدىرىدى، ئۇ قولىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.

ـــ سىزمۇ بىلىسىز، مەن ئۇيقۇمدىن ئويغىنالماسلىقىمدىن قورقىمەن، ئويغىنىپ كېتىشتىن تېخىمۇ قورقىمەن. گاھىدا ئۆيدە بىر نەرسە باردەك، نېمىدۇر بىر نەرسە ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا مۆكۈنۈۋېلىپ ماڭا قاراپ تۇرغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە قورقۇنچ كىرىۋالىدۇ.

يىگىت ئىلدام قەدەملىرى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي ياندىكى ئۆيدىن ئۇنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

ـــ قانداق نەرسىكەن ئۇ سىزنى قورقۇتقان؟ جۇلى، ئۇ قايسى بۇلۇڭدا، ئۇ زادى قانداق نەرسە؟

ـــ مەنمۇ بىلمەيمەن،ـــ دېدى جۇلى بوش ئاۋازدا.

ھەيلۇن دەرىزە يېنىدىن بۇلۇڭغا قويۇلغان بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يارتىسى قاراڭغۇدا كۆرۈنمەي قالغاچقا جۇلىنىڭ نەزىرى ئۇنىڭ بىكار تۇرماي ئۆزىنى كۆزىتىدىغان كۆزلىرىدىن باشقا ياققا يۆتكەلدى. يىگىت يېقىن كېلىپ ئىشىكنىڭ كىشىكىگە يۆلىنىپ قوللىرىنى قوشتۇرۇپ تۇردى.

ـــ بۇ ئۆيدە غەلىتە نەرسىلەر باركەن. ئەرلەرنىڭ ساقال ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىگە سۈركەيدىغان مەلھىمىنى كۆردۈم.

ـــ مەن شۇ نەرسىنىڭ پۇرىقىغا ئامراق،ـــ دېدى ھەيلۇن.

ـــ بۇ پۇراقنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز- دە. لېكىن تازىلىق ئۆيىدە يەنە باشقا نەرسە بار.

ـــ ھەيلۇن كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن گويا پۈتكۈل ئۆي لەرزىگە كەلگەندەك بولدى. يىگىت يەنە جۇلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ دورەم جۇلى ئۆزىنى ئېلىپ قاچمىدى. ئۇ تىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. يىگىت قولى بىلەن چاچلىرىنى قاماللاپ تۇرۇپ دېدى:

ـــ بۇلتۇر بۇ ئۆيدە تولىمۇ غەلىتە، كۆك كۆز بىر قىز تۇرغان. ئۇ بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇراتتى. مېنىڭچە ئۇ ئېرىلاندىيەلىك ئەمەس، ئەنگلىيەلىك بولۇشى مۇمكىن. يوقلاپ كەلگىنىمدە ئۇمۇ دائىم بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى قوغلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى دېگەنىدى. ھەر كۈنى كېلىپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كېتەتتىم. ئۇ ماڭا گەپ- سۆزلىرىنى دەۋالسا خېلى يېنىكلەپ قالىدىغانلىقىنى دەيتتى. بىر كۈنى ئۇنى پولدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم. ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ قورقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مېنىڭ ئۇنىڭغا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىپ قويغۇم بار ئىدى، ئۇ بۇرۇن دائىم سۇ ئۈزىدىغانلىقىنى، سۇ ئۈزۈش ماھىرى ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھازىر سۇ ئۈزمەيدىغانلىقىنى، سۇ ئۈزۈشنىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەممەيلەن قۇشلارنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى ئەگىپ سايراشلىرىغا سۈكۈت ئىلىكىدە قۇلاق سالماقتا ئىدى. بۇ سۈكۈتنى ئاخىرى جۇلى بۇزدى:

ـــ نېمە ئىش بولدى؟

ـــ نېمە؟

ـــ ھېلىقى قىزچاققا بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ ئۇ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالدىمۇ؟

ـــ تۇنجۇقۇپ قالدى دەپ سوراۋاتامسىز؟ ياقەي. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ كېيىن كۆچۈپ كەتتى. لېكىن، مېنىڭچە ئۇ ھەرگىز تۇنجۇقۇپ قالمىدى.

جۇلى ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزىنى يەردىن ئۈزمەستىن پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى، قوللىرى ئىككى يېنىدا ئەركىن پۇلاڭلاپ تۇراتتى.

ـــ نەگە بارىسەن؟ـــ سورىدى ھەيلۇن.

ـــ بېرىپ . . . بېرىپ بىر دەم يېتىۋالاي، بىردەملا يېتىۋالسام بولىدۇ. قىزىق ئىش، نېمانداق ھېرىپلا تۇرىدىغاندىمەن.

ئۇ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى- دە، قوللىرىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى. زوق- شوق بىلەن كۈلۈشكەن ئاۋازلار بىردەم ئاڭلىنىپ ھايال ئۆتمەي يەنە جىمىپ قالدى. ئۇ دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆينىڭ تورۇسىدىن قايتقان نۇرىغا قارىدى. قانداقتۇر بىر شەكىل تۇرۇپ پەيدا بولۇپ، تۇرۇپ غايىپ بولاتتى، بۇ ئەھۋال ھېلىدىن ھېلىغا تەكرارلىناتتى. دېڭىزدىن ئۇشتۇمتۇت كۆتۈرۈلگەن سەلكىن شامال دەرىزىگە يۆلىنىپ پىچىرلىدى، پەردىلەر مىدىراپ شىر- شىر ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاستا- ئاستا يۇمۇلدى. ئۇ ئۇخلىماسلىققا شۇنچە تىرىشاتتى- يۇ، تېگىگە يېتەلمەيدىغان ھېلىقى ھارغىنلىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ۋەھىمىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ئۆزى مەپتۇن بولۇپ قالغان ۋەھىمە ئىلىكىدە ئوي- خىياللىرىنىڭ قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا ئىدى، پايانسىز دېڭىزنىڭ ئاجىز شاۋقۇنىغا، دېڭىز قۇشلىرىنىڭ يىراق- يىراقلاردىن سايراشلىرىغا ئەگىشىپ لەرزان دولقۇنلىنىپ، ئاستا- ئاستا ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ـــ ھەيلۇن، ھەيلۇن.

ئۇ ئەنسىزلىك ئىلىكىدە توۋلىۋەتتى، لېكىن ھېچكىمدىن سادا كەلمىدى. ئۆيدە گويا ئاپئاق تۇمانلار لەيلەپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى مەھكەم بېسىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇ كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئىشىكنى ئاچتى. كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بىر تىمتاسلىق پۈتكۈل ئۆينى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغانىدى، بۇ تىمتاسلىق گويا ناھايىتى يوغان بىر ماشىنىدىن چىقىۋاتقان، ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان بىر خىل غۇڭۇلدىغان ئاۋازنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانىدى. ئۇ پەلەمپەينىڭ ئالدىغا كېلىپ، پەلەمپەينىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئولتۇردى. مۇشۇ يەردە تۇرۇپ مېھمانخانىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئىككەيلەن مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇراتتى. ئۇ پەلەمپەينىڭ رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ ئۇلارغا قارىدى، كىشى قەلبىنى قورقۇنچقا سالىدىغان ھېلىقى غەلىتە ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى. تۇرۇپلا قان ۋە ئۇستىخاننىڭ ھىدىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىللىق بىر ھىد دىماغقا ئۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنى تازىلىق ئۆيىگە ئاتتى- دە، ھەدەپ قۇسۇشقا باشلىدى. كۆڭلىنىڭ ئېلىشىشى سەل بېسىققاندىن كېيىن ئۆزىنى يەرگە تاشلىدى، يۈزىنى ۋاننىغا چاپلاپ يېتىپ يىغلاپ تاشلىدى.

پەلەمپەيدە دەسلەپ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، ئاندىن ئىشىك ئاستاغىنە ئېچىلىپ بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ ئاياغ تىۋىشى، گەپ- سۆزلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

ـــ جۇلى، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟

ئۇ ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە كەينىگە ئۆرۈلدى. ھەيلۇن ئۇنىڭ پاخپىيىپ كەتكەن چاچلىرىنى سىيلىغاچ قورقۇنچ ئىلىكىدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان جۇلىغا قانداق ياردەم قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇردى- دە، جۇلىنى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.

ـــ جۇلى، ساڭا نېمە بولدى؟

ـــ ئۇ كەتتىمۇ؟

ـــ نېمە؟ سەن يارىلاندىڭما؟ مانداق قىلە قولۇڭنى، كۆرۈپ باقاي. خاتا بىر نەرسە يەۋالمىغانسەن؟ بايا بىر نەرسە يېگەنمىدىڭ؟

جۇلى كۆزلىرىنى قولى بىلەن توسۇپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى. ھەيلۇن قول يۇيۇش كۆلچىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئىشكاپنى ئېچىپ، شۇ يەرگە قويۇپ قويغان بوتۇلكىنى ئىزدىگەچ غەزەب بىلەن دېدى:

ـــ نېمانداق قىلىسەن جۇلى. شۇ تاپتىكى قىلىقلىرىڭ بەئەينى كىچىك بالىنىڭ ئۆزى. سەن مۇشۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولۇۋاتىسەن. گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟

جۇلى ۋاننىنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلايتتى، ئىككى يەلكىسى توختىماي سىلكىنەتتى. ھەيلۇن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ تورۇسقا قاراپ نالە قىلدى.

ـــ ھەجەپ جاق تويغۇزدۇڭغۇ ئادەمنى،ـــ ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ جۇلىنىڭ يىغىسى تېخىمۇ ئەدىدى.

ـــ سەن ماڭا ئۆچكەنسەن، مېنى كۆرەرگە كۆزۈڭ يوقكەن! مېنىڭ ئۆلۈمۈمنى تىلەۋاتقان ئوخشايسەن!

ھەيلۇن دەرىزە يېنىغا كەلدى، قوللىرى تىتىرىگىنىچە بىر تال سىگارت تۇتاشتۇردى. ئۇنىڭ ئەمدى بەرداشلىق بەرگۈچىلىكى قالمىغانىدى.

ئۇ سىگارتنى بارمىقىدا قەھىر بىلەن بىرنى مىجىپ ئۆچۈرۈپ تاشلىدى- دە، يۈك- تاقلىرى قويۇلغان قۇرۇق ئۆيگە كىردى. ھەسىرەپ- ھۆمىدىگىنىچە يۈك- تاقلىرىنى تارتىپ چىقىرىپ سافانىڭ ئۈستىگە دۆۋىلىدى. جۇلى پەسكە چۈشتى، ھەيلۇن قەستەن ئالدىراش قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان بولۇپ تۇرۇۋالدى.

ـــ مېنى تاشلاپ كەتمە ھەيلۇن،ـــ دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن.

ھەيلۇن قىلىۋاتقان ئىشىنى توختاتتى، ئەمما كەينىگە بۇرۇلمىدى.

ـــ بىز بۈگۈن ماڭمىساق بولمايدۇ جۇلى،ـــ دېدى ئۇ.

ـــ ئۇقىمەن.

ـــ ئاندىن سەن يىراقلارغا كېتىسەن. سەن شۇنداق قارار قىلدىڭ شۇنداقمۇ؟

ـــ ئۇ قارارنى سەن چىقاردىڭ. مەن ھېچقانداق ئىش ھەققىدە قارار چىقارمىدىم. ھەممىنى سەن ئۆزۈڭ قارار قىلدىڭ!

ھەيلۇن مۇشتۇمى بىلەن ئالدىدىكى كونىراپ كەتكەن يۈك- تاقلىرىنى مۇشتلىدى، ئاندىن بىر قولى بىلەن پىشانىسىنى سىيلىۋېتىپ ئاغزىنى ئەتتى.

ـــ ھەي جۇلى، ھەي جۇلى.

ئۇ كەينىگە ئۆرۈلدى، ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى. جۇلى كۆزلىرىنى پەسكە ئاغدۇرۇپ لەۋلىرىنى چىشلىدى. ئالدىدا تۇرغان يۈك- تاقلارنى سىيلىدى، چېھرىگە كونترول قىلىپ بولمايدىغان، غالجىرلىققا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل چۈشىنىكسىز ئىپادە تېپىپ چىقتى. ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان گۇندىدەك ئېغىر مۇنۇ يەشىك- يەشىك يۈك- تاقلارغا چۈشىنىكسىزلىك ئىلىكىدە قارىدى.

ـــ بۈگۈن ماڭمىساق بولمايدۇ جۇلى. ئۇنتۇلۇپ قالمىغانسەن، بۇنى ئۆزۈڭ تەلەپ قىلغان. بۇ يەردىن بەك كەتكۈڭ بار ئىدىغۇ سېنىڭ؟ مانا، يازمۇ تۈگەپ قالدى،ـــ دېدى ھەيلۇن مۇلايىم ئاھاڭدا.

جۇلى جىممىدە بېشىنى لىڭشىتىپ، سافانىڭ ئالدىدىن كەينىگە داجىدى. گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىدى- يۇ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ جىممىدە كېتىپ قالدى. ئۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ھەيلۇن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى چايقاپ قويدى.

جۇلى ئىشىكتە تۇرۇپ سىرىتقا نەزەر تاشلىدى، كۆزلىرى دېڭىز قولتۇقىدىنمۇ ئۆتۈپ يىراقلارغا تىكىلدى. كۈز قۇياشىنىڭ ئاجىز نۇرلىرى دېڭىز سۈيى ئۈستىدە جىلۋە قىلاتتى، نېرىدىكى كىچىك ئاراللار يىراقتىن قارىماققا يۆتكىلىۋاتقاندەك، تەۋرىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھەيلۇن جۇلىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ گەجگىسىدىكى تۈكلەرنى سىيلىدى. جۇلى ھەيلۇننىڭ سىيلاشلىرىدىن گويا ئاللىقانداق بىر مەخپىي ئىسچوتچىك ئېچىلىپ كەتكەندەك قاتتىق چۆچۈپ كەتتى- دە، خوشياقمىغاندەك بىر ئاھاڭدا دېدى:

ـــ مېنىڭ توي قىلغۇم، بالىلىق بولغۇم كېلىۋاتىدۇ.

ـــ ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىسەن.

ـــ ئاپام مەن ئۈچۈن بەك جىق غەم يېدى. ئۇ مەندىن نېمە خىيالىڭ بار دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلەيمەن دەيسەن؟ مەن بەكلا ئاجىز. ئاپامغا يۈز كېلەلمەيمەن. ئاپامغا: «يىگىت تېپىپ بولدۇم، ھەممە ئىشلار جايىدا» دەيمكىن.

ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويۇپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆيگە كىرىپ كېتىۋېتىپ تۇرۇپلا قەدەملىرىنى توختاتتى- دە، قولىنى ئىشىكنىڭ كىشىكىگە تىرىدى. ھەيلۇن ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، لېكىن ئۇ زىنھار قۇلاق سالمىدى. پايانسىز دېڭىزنىڭ نېرىسىدا بىر قۇش ئۇنى چاقىرماقتا ئىدى. ھەيلۇن جۇلىنىڭ يۈزىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى، قولى بىلەن ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنى ئەتتى. جۇلى بۇ يېڭى تىمتاسلىق ئىلىكىدە بۇرۇن قەيەرلەردىدۇر ئاڭلىغاندەك تۇيۇلىدىغان، گويا چۈش دۇنياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى تولىمۇ يىراقتىكى بىرىنىڭ ئەنسىز چىرقىراشلىرىغا، داد- پەرياد سېلىشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئاۋازنى خىرە- شىرە ئاڭلىماقتا ئىدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10699

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: