جىبران: تېشى پال – پال ، ئىچى غال – غال
تېشى پال – پال ، ئىچى غال – غال
جىبران خېلىل جىبران
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
1
سالمان ئەپەندى
ئۇ 56 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئالىپتە كىيىنىدىغان ، بوي – بەستى قاملاشقان ، پۇتىغا يىپ پايپاق كىيىپ ، ساقال – بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق ياسىتىپ يۈرىدىغان ، قاچانلا قارىسا ئالىي دەرىجىلىك پاپىرۇس چېكىپ يۈرىدىغان كىشى ئىدى . پاختىدەك يۇمشاق قولىدىن چىرايلىق ھاسىسى چۈشمەيىتتى ، بارمىقىغا ئالماستىن كۆز قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالاتتى . ئۇ ھەمىشە كاتتا بايلار بارىدىغان ئالىي مېھمانخانىلاردا غىزالىناتتى . كۈنى كاتتا جايلارنى سەيلە – ساياھەت قىلىش ، ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتەتتى . سىرىتقا چىقار بولسا ئىككى چىلان تۇرۇق ئات سۆرەيدىغان ھەشەمەتلىك پەيتۇنى تەييار ئىدى .
سالمان ئەپەندىگە دادىسىدىن ھېچقانچە پۇل – پۈچەك مىراس قالمىدى . دادىسى سودا – سېتىق بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ باققان ، لېكىن چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ئوغلىغا ھېچنېمە قالدۇرالمىغانىدى .
سالمان ئەپەندى ئۇچىغا چىققان يالقاۋ ، ئىش خوشياقمايدىغان يارىماس كىشى ئىدى ، ئۆزىنى بەك تۆۋەن چاغلايىتتى . بىر قېتىم بىز ئۇنىڭ : «تەن قۇۋۋىتىم ، مىجەز – خۇلقۇم ئىش قىلىشقا باب كەلمەيدۇ . ئەمگەكنىچۇ مىجەزى تۈرگۈن ، بوي – بەستى يوغان كىشىنىڭ قىلغىنى تۈزۈك» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدۇق .
ئەمىسە ، سالمان ئەپەندى زادى قانداق بولۇپ بۇنچە كۆپ مال – دۇنيالىق بولۇپ قالدى ؟ قولىدىكى ئۈنۈمسىز يەرلىرى قانداق بولۇپ ئالتۇن – كۈمۈشكە ئايلاندى ؟
كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ شۇ . ئەزرائىل بىزگە مۇنداق بىشارەت بەرگەن . بۇنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەيلى :
سالمان ئەپەندى بەش يىل مۇقەددەم باي ئايال چەشمە بىلەن توي قىلدى . چەشمەنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى بەيتۇلئەس نۇئمان ھايات چېغىدا مال – دۇنياسى جىق كاتتا زەردار كىشى ئىدى . چەشمە 45 ياشقا كىرگەن ئايال بولۇشىغا قارىماي ، ناز – خۇلقلىرى ، بىر نەرسىگە ئىنتىلىشلىرى 16 – 17 ياشلىق قىزلاردىن قېلىشمايىتتى . شۇ يېشىدىمۇ چاچلىرىنى بوياپ ، قاش – كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ ، يۈزلىرىگە ئەرنلىك سۈرۈپ ياسىنىپ يۈرەتتى . ئۆزىنى شۇنچە ياساپ يۈرسىمۇ ئېرى سالمان تۈن تەڭ بولمىغۇچە ئۇنىڭغا قارىسىنى كۆرسەتمەيىتتى . ئۇ ئېرى بىلەن ئاندا – ساندا بىللە بولدى دېگەندىمۇ ، ئېرىنىڭ سوغۇق تەلەتى بىلەن قوپاللىقىدىن بۆلەك نەرسىگە ئېرىشەلمەيىتتى . چۈنكى سالمان كۈنبويى خوتۇنىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قان – تەر تۆكۈپ تەستە تاپقان پۇللىرىنى سورۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى .
2
ئەددىب ئەپەندى
ئۇ 27 ياشقا كىرگەن يىگىت . ئۇنىڭ خۇدايىم بەرگەن يوغان بۇرۇنى ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىدا چوقچىيىپ تۇرغىنى تۇرغان . قاچانلا قارىسىڭىز ئۇنى يۈز – كۆزى قاسماق ، قوللىرى توڭرا ، تىرناقلىرىنىڭ ئاستىنى قاپقارا كىر باسقان ، ئىگىنلىرى جۇلدۇر – كېپەن ، چاپىنىنىڭ پەشلىرى جۇۋازچىنىڭ تۇڭىدەك مايلىشىپ كەتكەن بىر ھالەتتە كۆرىسىز . ئاۋارە قىياپىتى ، تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۈستىبېشى ئۇنىڭ كۆك نامرات ، ئاچ – زىرىن تۇرمۇشىدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ . ئۇ شۇ ھالىغا باقماي ، كۈنبويى روھىي دۇنيا ، يېشىلمىگەن مەسىلە ۋە ئىلاھىي تېمىلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ . . . . . بىز ئۇنىڭ ئەمىن جۈنەيىدنىڭ ① سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئۇ مۇنداق دەپتۇ :
زېھىننى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشقا چاچقىلى بولمايدۇ . يەنى ، ئەسەر يېزىۋاتقان بىر ئەدىبنىڭ ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشكە نەدە ۋاقتى بولسۇن .
ئەددىب ئەپەندى ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتمايدىغان ۋات – ۋات كىشى ئىدى ، لېكىن دېگەنلىرىنىڭ بىرسىنمۇ ئېسىدە تۇتماي ئۇنتۇلۇپ قالاتتى . ئاڭلىساق ، بېيرۇتتىكى بىر مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇپ ، ناھايىتى مەشھۇر بىر ئۇستازدىن سىتىلىستىكا ، شېئىرىيەت ، ئەدەبىي بالاغەتتىن تەلىم ئاپتۇدەك . لېكىن ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىرەر پارچە ماقالە چاغلىق نەرسە ئېلان قىلغىنىنى ئاڭلىمىدۇق . بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۆزرىسىمۇ ناھايىتى تولا . نېمە دەيدۇ دېمەمسىز ، ئەرەب ئاخباراتچىلىقى سەلتەنىتىنى يوقىتىپتىمىش ، ئوقۇرمىنى نادان خەلق ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىش ئەخمەقلىقمىش .
يېقىندىن بۇيان ئەددىب ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشقا تۇتۇندى . بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە سوقرات بىلەن نېتىزىغا چوقۇندى ، ئاۋگۇستىننىڭ بايانلىرىدىن ھاياجانغا چۆمدى ، فرانسىيىنىڭ ئىككى بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋولتاير بىلەن رۇسسۇنىڭ ماقالىلىرىنى زوق – شوق بىلەن ئوقۇدى . بىر تويدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بوپ قالدۇق . كىشىلەر ئۇنى چۆرىدەپ غەزەل – قەسىدىلەرنى ئوقۇدى ، قەدەھ تۇتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېچىلدى ئاغزى ، يۇمۇلدى كۆزى ، شېكىسپىرنىڭ «ھامېلىېت» ناملىق تراگېدىيىسى ھەققىدە ۋاتىلداشقا باشلىدى . يەنە بىر قېتىم بىز ئۇنى بىر داڭلىق شەخسنىڭ مېيىتىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆزگە چېلىقتۇردۇق . مېيىت ئۇزاتقۇچى ھازىدارلار چېھرىنى ئېغىر ھەسرەت – نادامەت تۇمانلىرى باسقان بىر ھالەتتە باشلىرىنى يەردىن ئۈزمەي ئېغىر قەدەملىرى بىلەن كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ شۇ ۋات – ۋات ئاغزى ئەبۇ نۇۋاسنىڭ② شاراپ ھەققىدىكى قەسىدىلىرى بىلەن ئىبىن ۋارىدنىڭ روھىي ئاشىقلىق ھەققىدىكى بېيىتلىرى توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى .
ئۇنداقتا ئەددىب ئەپەندىنىڭ ياشاشتىن مەقسىتى نېمە ؟ قەدىمىي كىتاب دۆۋىسى ئارىسىدا كۈنىنى ئۆتكۈزۈش نېچۈن ئۇنىڭغا زۆرۈر بوپ قالدى ؟ ئۇ نىچۈن بىر دۆت ئېشەك بولماي ، پاراسەت ئەھلىنىڭ ، ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ سېپىگە قىسىلىۋالىدۇ ؟
كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى مۇشۇ شۇ . ئىبلىسلار شاھى بىزگە مۇنۇلارنى ئاشكار قىلىدۇ . بىز بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيلى :
ئۈچ يىل مۇقەددەم ، ئەددىب ئەپەندى مۇتران ئالىيلىرىنىڭ شەرىپىگە بىر داستان پۈتتى ، كېيىن ھەبىبۇل سالۋانجا مۇتراننىڭ ھوزۇرىدا بۇ داستاننى ئوقۇدى . داستان ئوقۇلۇپ تامام بولغاندىن كېيىن ، مۇتران ئەددىبنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى ۋە چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يەلكىسىنى شاپاللاپ دېدى :
بالام ، ئاللا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن . سەن قالتىس شائىركەنسەن ، كامالەتكە يەتكەن ئەدىبكەنسەن ! مەن سەندەك كىشىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن ! سېنىڭ شەرقنىڭ بۈيۈك زاتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭگە شەكسىز ئىشەندىم !
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئەددىبنىڭ دادىسى ، تاغىسى ۋە ھاممىسى ئۇنىڭغا ئىپتىخارلىق نەزەردە قارايدىغان بولدى ۋە كۆرەڭلىك بىلەن ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى ئېيىتتى :
– مۇتران سېنى كەلگۈسىدە شەرقنىڭ بۈيۈك زاتى بولىدۇ دېمىگەنمىدى .
3
فارىد بەك
ئۇ 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئۇزۇنتۇرا ، نوگايباش ، ئاغزى كالاچ ، ماڭلىيى تار ، تاقىرباش كىشى ئىدى . يول ماڭغاندا گىدىيىپ ، قاقىرىدەك ئۇزۇن بوينىنى ھېلى ئۇياققا – ھېلى بۇياققا تاشلاپ لىككاڭشىپ ماڭاتتى ، ئۇنىڭ قەدەملىرىنى ئۆزگىچە بىر رېتىمدا ئېلىشلىرى بەئەينى ئۆشنىسىگە يۈك ئارتىلغان تۆگىنىڭ لوكوسلاپ مېڭىشلىرىنى ئەسلىتەتتى . گەپ قىلغاندا ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرىشقا ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشاتتى ؛ تونۇمايدىغانلار دۆلەتنىڭ بىرەر مىنىستىرى خەلقىگە موھىم ئىشتىن بىرەرنى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرۈۋاتامدۇ نېمە دەپ قالاتتى .
فارىدبەك ئادەتتە ھېچئىش قىلمايىتتى ، ئاندا – ساندا نەدە خەقلەر توپلاشسا شۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ جەمەتىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىدىن سۆز باشلايىتتى ، ئۆز نەسەبىنىڭ ئېسىللىكىنى كۆز – كۆز قىلاتتى . ئۇ ناپالىئون ، ئانتارا ③ غا ئوخشاش بۈيۈك شەخىس ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ھەققىدە تەلقىن قىلىشقا ئامراق . ئۇنىڭ يەنە قورال – ياراغقىمۇ ئالاھىدە ھەۋىسى بار ، ئۆزى يىغقان نۇرغۇن ئېسىل بۇيۇملارنى تامغا رەت – رېتى بىلەن قاتىرىسىغا ئېسىۋېتەتتى . لېكىن ئۇنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇقمايتتى .
ئۇنىڭ «تەڭرى ئىنساننى ياراتتى ھەم ئۇنى ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە بۆلدى ، بەزىلىرىنى بەگ – سىپاھ قىلدى ، بەزىلىرىنى مالاي – چاكار قىلدى . تەڭرى ياراتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پۇقرالار چۇلۋۇرى يېشىۋېتىلگەن ئەركىن ئېشەككە ئوخشايدۇ ، ئېگىسى مىنگەندىلا ئاندىن مېڭىشنى باشلايدۇ ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىزلىرى قەلەمدار ، كۈچلۈكلىرى ئەلەمدار بولىدۇ» دەيدىغان تۇرمۇش مىزانى بار ئىدى .
فارىدبەكنىڭ ئۆزىگە شۇنچە كېبىر – تەمەننا قويۇپ ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىقىنىڭ ، ئاغزىدىن قۇرۇق گەپ چۈشمەسلىكىنىڭ ، كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي يۈرۈشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇر؟
كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى مانا بۇ يەردە . پەرىشتىلەر مۇنداق بىشارەت بەرگەن ، بىز ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيلى :
19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى زامانلىرىدا پادىشاھ بەشىر شىھاب بىر توپ كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ لىۋاننىڭ تاغ جىلغىلىرىدا كېتىۋېتىپ ، فارىدبەكنىڭ بوۋىسى مەنسۇرنىڭ تۇرالغۇسى جايلاشقان كەنتكە يېقىن جايدىن ئۆتۈپ قالدى . ئۇ كۈنى ھاۋا بۆلەكچە ئىسسىق بولۇپ ، قوياش زېمىننى گويا ھېلىلا ھاپ قىلىپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك دەرىجىدە قىزدۇرۇۋەتكەنىدى . پادىشاھ ئاتتىن چۈشۈپ ئاكابىر – ئەشرەپلىرىگە دېدى :
– ئاكابىر – ئەشرەپلىرىم ، قېنى كېلىڭلار ، ئاۋۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا بىردەم سەگىدىۋالايلى !
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەنسۇر دېھقانلارنى چاقىرتىپ كېلىپ : «پادىشاھ ئۇلارنىڭ كەنتىنىڭ يېنىغا چۈشكۈن قىپتۇ» دېدى . دېھقانلارلار ئەنجۈر ، ئۈزۈم ، سۈت – پىشلاق ، مەي – شاراپ ، شىرنە – ھەسەللەرنى كۆتۈرۈشۈپ مەنسۇرنىڭ كەينىدىن ھېلىقى دەرەخنىڭ يېنىغا كەلدى . پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئېڭىشىپ شاھنىڭ تون – سەرۇپايلىرىنىڭ پەشلىرىنى ئۆپۈشتى ، ئاندىن قويدىن بىرنى بوغۇزلاپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراشتى :
– بۇ بىزنىڭ شاھىمىز ، ئاللاھ ئىگەم بۈگۈن بىزنى مۇشۇ كاتتا ئىلتىپاتقا نائىل قىپتۇ .
مەنسۇرنىڭ شۇ قەدەر مەرد – سېخىيلىقىنى كۆرگەن پادىشاھ چەكسىز مەمنۇن بولدى ۋە شۇئان بىر يۈرۈش تون – سەرۇپاي ئىنئام قىلىپ دېدى :
– شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى ، بۈگۈندىن ئېتىبارەن سەن مۇشۇ كەنتكە ئاقساقال بولدۇڭ ، كەنتىڭدىن ئېلىنىدىغان بۇ يىللىق غەللە – پاراق كەچۈرۈم قىلىندى .
شۇ كۈنى كېچە پادىشاھ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن كەنت ئەھلى ئاقساقال مەنسۇرنىڭ ھويلىسىغا توپلىنىپ ، ھەممىسى بىر ئېغىزدىن مەنسۇرنى يولباشچىمىز دەپ ئاتاشتى ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمنەپەس ، تەقدىرداش بولۇشقا ئەھدۇ – پەيمان قىلىشتى .
※ ※ ※
كۈمۈش يالىتىلغان تېزەك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئىچى غال – غال ، تېشى پال – پال ، قىلىقلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ سانى يوق . ھەر كۈنى ۋە تۈنى لەنىتى ئىبلىس بىزگە ئۇلارنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ ، كۈن بىزنى تۈن قوينىغا ئۇزىتىپ قويغۇچە سىلەرگە بۇنى ئاشكار ئېتەيلى . مانا شۇ تاپ يېرىم كېچە پەيتى بولۇپ تۇرۇپتۇ ، كۆز قاپاقلىرىمىز تۈن كېچىلەردە ئۇيقۇدىن بىدار بولۇشتىن ئاللىقاچان بەزدى ، بىزگە ئەمدى كۆزلىرىمىزنى بىردەم بولسىمۇ يۇمۇۋېلىشقا ئىجازەت بېرىڭلار ، چۈش كېلىنچەكلىرى روھلىرىمىزنى تېخىمۇ پاكىزە بىر دۇنياغا باشلاپ بارسا ئەجەپ ئەمەس .
ئىزاھات :
① ئەمىن جۈنەيد : (1756 – 1840 ) – سۈرىيىلىك شائىر .
② ئەبۇ نۇۋاس (تەخمىنەن 762 – يىلىدىن 814 – يىلىغىچە) – ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر . ئۆزى شاراپقا ئامراق بولغاچقا ، ھەمىشە مەي – شاراپ ھەققىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . شۇڭا ئۇنىڭ «مەي شائىرى» دېگەن نامى بار . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھېسسىيات بەكمۇ ئەركىن ، ئىشلەتكەن تىللىرى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ ، ئەنئەنىۋى شېئىرىي شەكىللەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئەرەب شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭىچە ماكان ھازىرلاپ بەرگەن . ئۇنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان زامانغا ۋە كېيىنكى زامانغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ .
③ ئانتارا (525 – 616) – قەدىمكى ئەرەب چەۋەندازى .
(خەنزۇچە «جىبران كلاسسىك نەسىرلىرىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى )
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10893
جىبراننىڭ نەسىرلىرى ھەقىقەتەن تاتلىق.شۇڭا ئوقۇغانچە ئوقۇغۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ.