پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

خالىد ھۈسەينى :مىڭ پارلاق قۇياش

خالىد ھۈسەينى 1965-يىلى كابۇلدا تۇغۇلغان،1980-يىلى سوۋىت ئارمىيىسى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا،ئائىلىسى بويىچە ئامىرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن، كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتىنىڭ سان دىياگو تىببى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن،شۇ ئان كالىفورنىيەدە تۇرۇشلۇق.“ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا“ناملىق تۇنجى رومانى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىگە تونۇلغان .كىتابتىكى تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر، پىرسۇناژلار ئوبرازى ھەممىنى قايىل قىلىپ نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، كىتاب6 مىليۇن دانە سېتىلىپ،نەشىرىيات ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان.ھەم ئەزىزانە قەشقەردە كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.تۆۋەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان رومانى ”مىڭ پارلاق قۇياش“ خالىد ھۈسەينىنىڭ ”لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا ”دىن 4 يىل كېيىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئىتىبارىغا ئېرىشكەن،2007-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى تارقىتىلىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ خالىد ھۈسەينىنى ”يېڭى قەلەمكەش“تىن بىراقلا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن پىشقان يازغۇچىغا ئايلاندۇرغان.

 ”لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا“ ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى تەسىرلىك دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەن بولسا ”مىڭ پارلاق قۇياش“ قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشنى مۇرەككەپ ۋە تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بايان قىلىپ كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

 

مىڭ پارلاق قۇياش 

خالىد ھۈسەينى(ئامېرىكا) 

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 بىرىنچى باب

مەريەم بەش ياشقا كىرگەن يىلى «ھاراملىق» دېگەن بۇ سۆزنى تۇنجى رەت ئاڭلىدى.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئىدى. شۇنداق، پەيشەنبە كۈنى. چۈنكى ھەر پەيشەنبە كۈنى مەريەمنىڭ كۆڭلى بىئارام بولۇپ، ئىچى تىتىلدايتتى. پەيشەنبە جەلىل لاي ئۆيگە ئۇنى كۆرگىلى كېلىدىغان كۈن ئىدى. جەلىلنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانسېرى ئۇ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ياۋا ئوت- چۆپلەر تىزىغا كەلگۈدەك ئۆسۈپ كەتكەن سەينادا يۈگرەيتتى. جەلىل كېلىشكە تېخى خېلى ۋاقت بار بولغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ئورۇندۇققا يامىشىپ، ئانىسىنىڭ جوڭگۇچە چېنە-قاچىلىرىنى يۆتكىشىپ بەردى. مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نانا ئىدى. نانانىڭ ئانىسى نانا ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئانىسىدىن ناناغا پەقەت مۇشۇ بىر يۈرۈش چېنە–قاچلىلارلا قالغان ئىدى. چېنە-قاچىلارنىڭ رەڭگى ئاق بىلەن كۆكنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، بۇ چىنە-قاچىلار نانا ئۈچۈن گۆھەر-ياقۇتتىنمۇ قىممەتلىك ئىدى. ئۇ  ئەگرى جوغىلىق نەپىس چەينەكنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى. چەينەك ئۈستىدىكى قولدا سىزىلغان بوز تورغاي ۋە جۈخۇا گۈلىنى، قەنت-گېزەك چېنىسىدىكى كۆز تېگىش ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەجدىھانى ياخشى كۆرەتتى.

مەريەمنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ چۇل-چۇل بولۇپ چېقىلىپ كەتكەن بۇ قەنت-گېزەك چىنىسى ناناغا ئانسىدىن قالغان چىنە-قاچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسى ئىدى.

قەنت-گېزەك چىنىسىنىڭ چېقىلغىنىنى كۆرگەن نانانىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، ئۈستۈنكى لەۋلىرى لىپىلداپ تىتىرەپ كەتتى. بىرى خۇنۈك يەنە بىرى پارقىراپ تۇرىدىغان ئۆلۈك كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپمۇ قويماستىن مەريەمگە تىكىلدى. نانا قارىماققا غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئىدى. مەريەم ئانىسىنىڭ ئىچىگە يەنە جىن كىرىۋېلىشىدىن قورقۇپ تۇراتتى، لېكىن بۇ قېتىم جىن كەلمىدى.

-ھۇ ھارامدىن بولغان كالۋا شۇم. ھەممىگە چىداپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەندە ئېرىشكىنىم مۇشۇ بولدىمۇ ئەمدى. ئائىلىمىزنىڭ تەۋەررۈك بۇيۇمىنى نابۇت قىلدىڭ، ۋاي ئېسىت… ھارامدىن بولغان شۇم!- نانا مەريەمنىڭ بېلىكىدىن تۇتقىنىچە، شۇنداق دەپ غەزەب بىلەن ئۇنى تىللاپ كەتتى.

ئۇ چاغدا مەريەم «ھاراملىق»دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتى. بۇ گەپنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كەمسىتىش مەنىسىنى ئالغىنىنى، نومۇس قىلىشقا تېگىشلىكى شۇ ھارامدىن تۇغۇلغان نارىسىدىلەر ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئەشۇ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇ نەدىن بىلسۇن. بۇ ھارامدىن بولغان بالىلارنىڭ بىردىنبىر خاتالىقى دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغانلىقدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مەريەم ئانىسىنىڭ شۇ سۆزنى دېگەن چاغدىكى ئەلپازىنى كۆرۈپ، ھاراملىق دېگەن ھەقىقەتەنمۇ قۇرۇتقا ئوخشايدىغان، ئانىسى دائىم قارغاپ-تىللىغىنىچە زەيكەش ئۆيىدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىدىغان ھەسەن شېرىككە ئوخشايدىغان قورقۇنچلۇق، بەتبەشىرە  نەرسە ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.

 مەريەم سەل چوڭ بولغان كېيىنكى كۈنلەردە، بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئانىسىنىڭ ئاغزدىن كۆپۈك چاچراتقىنىچە ھاراملىق دېگەن بۇ سۆزنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزىدىن مەريەم «ھاراملىق»نىڭ ئادەمنى بەكمۇ ئازابلايدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. يېشى سەل چوڭايغان شۇچاغدىلا ئۇ ئانىسىنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ھاراملىقنىڭ ھېچكىمگە كېرىكى بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغان، باشقىلاردا بار بولغان، باشقىلار ئېرىشەلەيدىغان سۆيگۈ، ھالا جۈپ، ئائىلە ۋە ئېتىراپ قىلىنىش قاتارلىقلارغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.

جالال ئەزەلدىن مەرىيەمنى «ھاراملىق»دەپ چاقىرىپ باقمىغان ئىدى. جالال ئۇنى «گۈلۈم»دەپ چاقىراتتى. مەريەم جالالنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىشىنى،ھېرات توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېرىشىنى ياخشى كۆرەتتى. مەريەم 1959-يىلى ئەنە شۇ ھىراتتا تۇغۇلغان ئىدى. ھىرات بىر مەزگىل پارس مەدىنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، كۆپلىگەن قەلەم ساھىبلىرى ۋە سوپىزىمچىلارنىڭ ئىللىق ماكانى بولغان ئىدى.

-پۇتۇڭنى شۇنداقلا كۆتۈرسەڭ، بىر شائىرنىڭ يانپىچىغا تېگەتتى،-جالال قاقاقلاپ كۈلگىنىچە شۇنداق دېدى.

جالال ئۇنىڭغا خانىش گۆھەر شاد توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. 15-ئەسىر ۋاقتىدا، گۆھەر خانىشنىڭ ھىراتقا ئاتالغان قەسىدە سۈپىتىدە نۇرغۇنلىغان مۇنارلارنى ياساتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مەريەمگە ھىراتتىكى ياپيېشىل بۇغدايلىقلار ۋە باغلار، باراڭلىرىدا سانجاق-سانجاق ساڭگىلىشىپ كەتكەن ئۈزۈملەر، شەھەر ئىچىدىكى يۇمىلاق قۇببىلىك قىستا-قىستاڭ بازار توغرلۇق سۆزلەپ بەردى.

_ ھىراتتا بىر تۈپ خۇشاللىق دەرىخى بار، دەرەخ ئاستىغا كۆمۈلگىنى باشقا بىرى بولماستىن، ئۇلۇغ شائىر جامىدۇر، ئەي ئوماق مەريەم،-جالال بەدىنىنى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈپ تۆۋەن ئاۋازدا مەريەمگە شۇنداق دېدى،-جامى بۇندىن بەش يۈز يىل ئىلگىرى ياشىغان، شۇنداق، بەش يۈز يىل ئىلگىرى. مەن سېنى ئېلىپ ئۇ يەرگە بارغان. ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاستىغا. ئۇ چاغدا سەن بەك كىچىك ئىدىڭ. ئۇ ئشىنى ئەسلىيەلمەيسەن.

شۇنداق، مەريەم ئۇ ئىشنى ئەسلىيەلمەيتتى. گەرچە ئۇ ھىراتقا پىيادە ماڭسىمۇ بارالايدىغان بۇ جايدا ئون بەش يىلنى ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ،جالال   تەسۋىرلەپ بەرگەن ئاشۇ دەرەخنى كۆرەلمەيدۇ؛ ئاشۇ داڭلىق مۇنارلارنى زىيارەت قىلالمايدۇ؛ ھىراتنىڭ مېۋىلىك باغلىرىدا مېۋىلەرنى ئۈزۈپ يېيەلمەيدۇ، ياپيېشىل ئېتىزلىقلىرىدا ھاۋا يەپ، سەيلە قىلالمايدۇ. بىراق جالال ھەرقېتىم ھىرات توغرىلىق سۆزلىگىنىدە ئۇ شۇنچىلىك بېرىلىپ ئاڭلايدۇ. جالالنىڭ كۆرگەن-بىلگىنىنىڭ كۆپلىكىگە ھەۋىسى كېلىدۇ. ئۇ بۇنداق ئىشلارنى بىلىدىغان دادىسىنىڭ بولغىنىدىن مەغۇرۇلۇقتىن ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالماي قالىدۇ.

–                راستتەكلا سۆزلىدىغۇ، پۇلدارلار يالغان

گەپ قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۇ ھېچقاچان سېنى بىرەر دەرخنى كۆرسەتكىلى ئاپىرىپ باقمىغان، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قالما، سېنىڭ ئۇ مېھرىبان داداڭ بىزگە ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلار بىزنى ئاشۇ ھەشەمەتلىك ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىشقان، ئۇ شۇ ئىشلارنى قىلۋاتقاندىمۇ شۇنچىلىك خۇشال ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىز ھېچنىمە ئەمەس،-جالال كەتكەندىن كېيىن نانا مەريەمگە شۇنداق دەپ شىكايەت قىلدى.

  مەريەم ئانىسىنىڭ گەپلىرىنى ھۆرمەت-ئىكرام بىلەن ئاڭلىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئانىسىنىڭ جالالنى بۇنداق دېيىشلىرىدىن قانچىلىك بىئارام بولىدىغانلىقىنى ئانىسىغا دېيىشكە پېتىنالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، جالال بىلەن بىللە بولغان چاغلىرىدا ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى بىر ھاراملىقتەك ھېس قىلمايتتى. ھەر پەيشەنبە كۈنلىكى جالال سوۋغاتلار ۋە مېھرىبانلارچە سۆيۈشلەر بىلەن ئۇنى يوقلاپ كەلگەندىكى ئاشۇ بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ بەختىيارلىقىنى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە مەريەم جالالنىڭ ئازراق بىر قسىىمىغىلا ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، جالالنى ياخشى كۆەتتى.

   جالالنىڭ ئۈچ ئايالى توققۇز قىزى بار ئىدى. جالالنىڭ نىكاھلىق تۇغۇلغان توققۇز قىزى مەريەمگە ناتونۇش ئىدى. جالال ھىراتتىكى بارماقتا سانىغۇدەك بايلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. جالالنىڭ بىر كىنوخانىسى بار بولۇپ، مەريەم ئەزەلدىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. مەريەمنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن جالال كىنوخانىنى ئۇنىڭغا سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى. شۇڭىلاشقا ئۇ كىنوخانىنىڭ ئالدى تەرىپى كۆكۈچ قوڭۇر رەڭلىك خىشلار بىلەن قوپۇرۇلغانلىقنى، يەنە تېخى كىنوخانىدىكى ئايرىم خانا ئورۇندۇقلىرى ۋە تام تورۇسلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيتتى. قوش قاناتلىق ئىشىكتىن ئارقىلىق ئاستىغا خىش ياتقۇزۇلغان كىنوخانا زالىغا كىرگىلى بولاتتى. زال ئىچىگە ھىندىستان فىلىملىرى تونۇشتۇرۇلغان ۋەرەقەلەر كۆرگەزمە قىلىنغان نەچچىلىگەن ئەينەك ئىشكاپلار قويۇلغان ئىدى. جالال كىنوغا كەلگەن بالىلارنىڭ ھەر سەيشەنبە كۈنى كىنوخانىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر بۆلۈمىدىن ھەقسىز مۇز قايماق يېيەلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

   جالال بۇ گەپنى قىلغىنىدا نانا چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن چىداپ ئولتۇردى. جالال كەتكەندىن كېيىنلا مەريەمگە شۇنداق دېدى:

–                خەقنىڭ بالىلىرى مۇزقايماققائېرىشىپتۇ،

سەن نېمىگە ئېرىشتىڭ، مەريەم؟ سېنىڭ ئېرىشكىنىڭ مۇز قايماقنىڭ ھېكايىسى ئەمەسمۇ،-نانا بۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ ئاچچىق كۈلۈپ كەتتى.

   جالالنىڭ كىنوخانىدىن سىرت ھىراتقا يرقىن بولغان كەرۇخ شەھىرىدە ۋە ئافغانىستاننىڭ غەرىبىي جەنۇبىغا جايلاشقان فاراخ شەھەرىدە زېمىنى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ يەردە گىلەم دۇكىنى، بىر كېيىم كېچەك دۇكىنى، 1956-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بېك ماركىلىق پىكاپى بار ئىدى. ئۇ ھىراتتا ئارقا تېرىكى ئەڭ كۈچلۈك كىشى بولۇپ شەھەر ۋە ئوبلاست باشلىقلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئاغىنە ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئاشپىزى، بىر شوپۇرى ۋە ئۈچ چاكىرى بار ئىدى.

     نانانىڭ قورسىقى تومپىيىشتىن ئىلگىرى جالالنىڭ خىزمەتكارى ئىدى.

     شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، جالالنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممىسى ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، بۇ ئىش پۈتكۈل ھىراتقا پۇر كەتتى. جالالنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ بولدى قىلىۋەتمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق جار سېلىشىتى. جالالنىڭ خوتۇنلىرى نانانى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرش توغرۇلۇق جالالغا بۇيرۇق قىلىدى. نانانىڭ ئاتىسى ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن بىر تاشچى بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى كۇرتمەن كەنىتىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىشىدىن نومۇس قىلىپ كەتكەن ئاتا نانا بىلەن ئاتا-بالىلىقتىن كېچىپ، يۈك تاقىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپلا، ئىرانغا ماڭغا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ يۇرتنى تاشلاپ كېتىپ قالغان ئىدى. شۇندىن بېرى نانا ئاتىسىنى كۆرۈپ باقمىدى، ئۇ توغرۇلۇقمۇ ھېچقانداق خەۋەرگە ئېرىشىەلمىدى.

    بىر ئەتىگىنى نانا توخۇلارغا دان بەرگەچ مەريەمگە شۇنداق دېدى:

–                بەزىدە، دادام جاسارىتىگە كېلىپ،

پىچىقىنى بىلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلسىكەن دەپ ئويلاپ كېتىمەن. شۇنداق بولغىنىدا مەن سەل يەڭگىللەپ قالار بولغۇيتتۇم،- ئۇ يەنە بىر سىقىم ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى توخۇلارغا چېچىپ بېرىپ بىر ئاز جىمىپ قالدى،-شۇنداق بولغىنىدا ساڭىمۇ ياخشى بولار بولغۇيتتى. شۇنداق بولغىنىدا سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداق تۇغۇلغانلىڭىنى بىلمىگە، شۇنداق تۇغۇلۇپ قېلىشىڭدىن ئازابلىنىپ يۈرمىگەن بولغۇيتتۇڭ. بىراق دادام بىر توخۇ يۈرەك. ئۇنىڭ ئۇنچىلىك ئىش قىلغۇدەك يۈرىكى يوق.

   نانا جالالنىڭ تېخىمۇ جاسارىتى يوق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سۆزلىدى. جالال ئائىلىلدىكىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىگە قارىماستىن، ئۆزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇ يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، ھاپىلا-شاپىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپلا، ئەتىسى ئۆز خىزمەتچىسى بولغان نانانىڭ ئۆيىنى ۋە ناناغا تەئەللۇق بولغان بىرنەچچىلا تەئەللۇقاتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى ئۆيدىن ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى.

–                ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن

خوتۇنلىرىغا نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ مەن ئۇنى ئازدۇرۇپتىمىشمەن، ھەممە خاتالىق مەندىمىش. بىلدىڭمۇ؟ ئايال كىشى بولماق مانا مۇشۇنداق.

نانا قولىدىكى توخۇغا دان بېرىدىغان تەلەڭگىنى يەرگە قويۇپ، بارمىقى بىلەن مەريەمنىڭ ئېڭىكىدىن كۆتۈردى:

–                ماڭا قارا، مەريەم

مەريەم كۆزلىرىنى چىپچىقلىتىپ ئانىسىغا قارىدى.

–                ساڭا بىر گەپ قىلىمەن، مەڭگۈ

ئېسىڭدە تۇتقىن قىزىم. كومپاسنىڭ تىلى ھەر قاچان شىمال تەرەپنى كۆسىتىپ تۇرغىنىدەك، ئەرلەرنىڭ جىنايەتكار قوللىرى ھەر ۋاقىت ئاياللارغا سوزۇلغان بولىدۇ. بۇ گەپنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا، مەريەم.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10475

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: