پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (37- باب)

تولغان بەدەن

رومان

مويەن

(2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

بەشىنچى بۆلۈم

 

ئوتتۇز يەتتىنچى باب

 

شاڭگۈەن جىنتوڭ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە شاڭگۈەن پەندى لۇ شېڭلىنى زورمۇزور ئېلىپ كەتتى. جىنتوڭ دەريا قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ بىئاراملىق ئىلىكىدە دەريا ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن قارلىغاچقا قاراپ تۇراتتى. شا زاۋخۇا ئورمانلىقتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، بىر تال كىچىك ئەينەكنى سوۋغات ئورنىدا ئۇنىڭغا بەردى. بۇ قارىمۇتۇق قىزچاقنىڭ مەيدىسى خېلى ئوبدانلا دىڭگىيىپ قالغانىدى، سەل قىيسىقراق كەلگەن قۇمچاقتەك قاپقارا كۆزلىرىدىن مەجنۇنلۇق نۇرلىرى چاقنايتتى.

ـــ سەن بۇنى ئېلىپ قويۇپ، سى مالياڭ كەلگەندە- سوۋغا قىلساڭ بولاتتى،ـــ شاڭگۈەن جىنتوڭ.

شا زاۋخۇا قوينىدىن يوغان ئەينەكتىن يەنە بىرنى چىقىرىپ:

ـــ ماۋۇنى ئۇنىڭغا ئېلىپ قويدۇم،ـــ دېدى.

ـــ بۇنچە جىق ئەينەكلەرنى نەدىن تاپتىڭ؟ـــ دېدى جىنتوڭ ھەيران بولۇپ.

ـــ تەمىنات سودا كوپراتىپىدىن ئوغرىلاپ چىقتىم،ـــ دېدى ئۇ ئاستاغىنە،ـــ كەپىلىك بازاردا كارامەت بىر ئوغرى خوتۇن بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ مېنى شاگىرتلىققا ئالدى. ئۇكام، ھازىرچە بىرەر يول تاپالمىدىم، يول تېپىپلاۋالسام، نېمە لازىم دېسەڭ شۇنى ئوغرىلاپ بېرىمەن. مېنىڭ ئۇستازىم سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىسىنىڭ ئاغزىدىكى ئالتۇن چىشىنى، قولىدىكى ئالتۇن سائىتىنىمۇ ئوغرىلىۋالغان ئىكەن.

ـــ ۋاي تەڭرىم!ـــ دېدى شاڭگۈەن جىنتوڭ،ـــ بۇنداق قىلىش جىنايەت جۇمۇ!

ـــ ئۇستازىم: «كىچىك ئوغرىلىق جىنايەت، چوڭ ئوغرىلىق جىنايەت ئەمەس» دەيدۇ. ئۇكام، باشلانغۇچنى پۈتتۈردۈڭ، ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدىڭ، بىراقلا مەن بىلەن بىللە ئوغرىلىقنى ئۆگەنمەمسەن،ـــ ئۇ پىشقان ئوغرىلارغا ئوخشاش جىنتوڭنىڭ بارمىقىنى تۇتۇپ سىنچىلاپ قارىۋېتىپ دېدى،ـــ بارماقلىرىڭ ئىنچىكە ھەم ئەۋرىشىم ئىكەن، چوقۇم ياخشى ئۆگىنەلەيسەن.

ـــ ياق، مەن ئۆگەنمەي، مەن بەك توخۇيۈرەك،ـــ دېدى شاڭگۈەن جىنتوڭ،ـــ سى مالياڭ بەك يۈرەكلىك، ئېھتىياتچان. ئۇ بەك ماس كېلىدۇ. ئۇ كەلسە سەن بىلەن بىللە ئۆگەنسۇن.

شا زاۋخۇا يوغان ئەينەكنى قوينىغا تىقتى- دە، -پىشقان قىزلارغا خاس سىياقتا نىدا قىلدى:

ـــ لياڭزى ئاكا، لياڭزى ئاكا، قاچانمۇ قايتىپ كېلەرسەن- ھە؟

سى مالياڭ بەش يىل مۇقەددەم ـــ سى ماكۇنى دەپنە قىلغان كۈنىمىزنىڭ ئەتىسى كەچتە يوقاپ كەتتى، تامنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئەسكى خۇمرا، كونا بوتولكىلار ئىزغىرىن شەرق شىمال شامىلىدا غۇڭۇلداپ ئاۋاز چىقىراتتى.شامال جىنچىراغنىمۇ ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى، بىز قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇدا پىغان چېكىپ ئولتۇراتتۇق. ھېچقايسىمىز گەپ قىلمايتتۇق، ھەممەيلەن سى ماكۇنى كۆمگەن مەنزىرە ئىچىگە غەرق بولغانىدۇق. جەسەت ساندۇقى بولمىغاچقا، سى مالياڭنى خۇددى غولپىياز قاتلىمىسىنى يۆگىگەن پەدىدە بورىغا چىڭڭىدە يۆگەپ ئۈستىدىن تانا بىلەن ئون نەچچىنى ئايلاندۇرۇپ باغلىدۇق. ئاندىن ئون نەچچەيلەن بىر بولۇپ جەسەتنى قەبرىستانلىققا كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئورەكتىن بىرنى كولاپ كۆمۈۋەتتۇق. قەبرىسىگە توپا دۆۋىلەپ بولغاندىن كېيىن سى مالياڭ دادىسىنىڭ قەبرىسىگە يۈكۈنۈپ باش ئۇردى، لېكىن يىغلىمىدى. قوشۇقتەك كىچىك يۈزلىرىدە ئىنچىكە قورۇقلار پەيدا بولدى. بۇ جانجىگەر دوستۇمغا شۇنچىلىك تەسەللىي بېرەي دېدىميۇ، لېكىن دېگۈدەك بىر ئېغىزمۇ گەپ تاپالمىدىم. قايتىپ كېلەشىمىزدە ئۇ ماڭا ئاستاغىنە:

ـــ ئۇكام، مەن ماڭىدىغان بوپ قالدىم،ـــ دېدىم.

ـــ نەگە بارماقچىسەن؟ـــ سورىدىم مەن.

ـــ ئۇقمايمەن،ـــ دېدى ئۇ.

شامال جىنچىراغ لاپپىدە ئۆچۈشى بىلەن تەڭ مەن قاپقارا بىر كۆلەڭگىنىڭ غىپپىدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى غىل- پال كۆرۈپ قالدىم. مەن چوقۇم سى مالياڭ ماڭدى دەپ ئويلىدىم، لېكىن ھېچكىمگە تىنمىدىم. سى مالياڭ ئەنە شۇنداقلا كېتىپ قالدى. ئانام بىر تال قۇمۇش خادىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ كەنتنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇق ۋە چوڭقۇر سايازلىقلارنى ئاختۇرۇپ يۈردى. ئانامنىڭ بۇنداق قىلىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى بېلەتتىم، سى مالياڭ ھەرگىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايتتى. ئانام كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىپ ھەممە يەردىن دېرىكىنى قىلدى، كەلگەن خەۋەرلەر بىر بىرىگە زىت ئىدى. گاھىلار ئۇنى بىر سېرىك ئۆمىكىنىڭ قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى؛ گاھىلار كۆل بويىدا بۈركۈت چوقۇلاپ يۈز- كۆزىنى تونۇغۇسىز قىلىۋەتكەن بىر ئوغۇلبالىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى؛ شەرقىي شىمالدىن قايتىپ كەلگەن بىر توپ دېھقانلار يالۇجياڭ دەرياسىدىكى تۆمۈر كۆۋرۈكتە ئۇنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ دەل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانلىرى كېچە- كۈندۈز كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلىۋاتقان چاغلار ئىدى . . .

شا زاۋخۇا سوۋغا قىلغان ئەينەكتە چىرايىمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئەينەكتە چاچلىرى ئالتۇندەك ساپسېرىق، قۇلاقلىرى يۇمشاق، قاشلىرى تازا پىشقان بۇغداينىڭ رەڭگىدەك ساپسېرىق، قىزغۇچ سېرىق رەڭدىكى ئۇزۇن كىرپىكلىرىنىڭ شولىسى ياپيېشىل كۆزلىرىدە ئەكىس ئېتىپ تۇرغان، قاڭشارلىق، لەۋلىرى قىپقىزىل، تېرىسىنى سېرىق تۈك قاپلاپ كەتكەن بىر بالىنىڭ سىماسى كۆرۈندى. ئەمەلىيەتتە سەككىزىنچى ئاچامنىڭ چىراي شەكلىدىنلا باشقىلارغا زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقىمىزنى ئاللىبۇرۇن پەملىگەنىدىم. ھەسرەت ئىلىكىدە شۇنى تونۇپ يەتكەن ئىدىمكى، شاڭگۈەن شوۋشى ھەرگىز بىزنىڭ ئۆز دادىمىز ئەمەسكەن. ئەكسىچە خەقلەر كەينىمىزدىن گەپ تېپىپ يۈرگەندەك، بىز شىۋېتسىيەلىك مالويا دېگەن ھېلىقى پوپنىڭ ھارامدىن تاپقان بالىلىرى ئىكەنمىز، سېپى ئۆزىدىن بىر جۈپ ھاراملىق ئىكەنمىز. ئۆزىنى ئەشەددىي كەمسىتىش تۇيغۇسى قەلبىمنى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە ئۆرتىمەكتە ئىدى. مەن قارا سىياھ بىلەن چېچىمنى بويىدىم، يۈزلىرىمگە قارا سىياھ سۈرتتۈم. كۆزلىرىمگە ئامال يوق ئىدى، كۆزۈمنى ئويۇپ تاشلىۋەتكۈملا كېلەتتى، تۇرۇپلا ئالتۇن يۇتۇۋېلىپ ئۆلۈۋالغان بىر ھېكايە ئېسىمگە كەپ قالدى- دە، شۇئان لەيدىنىڭ زىبۇ- زىننەت قۇتىسىدىن شا يۆلياڭ زامانىسىدىكى ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى تېپىپ ئاغزىمغا سېلىپلا يۇتۇۋەتتىم. ئاندىن كاڭنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈمۈمنى كۈتۈپ ياتتىم. سەككىزىنچى ئاچام كاڭنىڭ بۈرجىكىدە پوپايكا توقۇپ ئولتۇراتتى. ھەمكارلىق كوپراتىپىغا ئىشلىگىلى كېتىپ قايتىپ كەلگەن ئانام مېنىڭ بۇ تۇرۇقۇمنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. مەن تېخى ئۇنى مۇشۇ ئىشىم سەۋەبلىك نومۇس قىلىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇنىڭ چېھرىگە نومۇس تۇيغۇسى ئەمەس، ئەكسىچە تەسۋىرلىگۈسىز بىر غەزەب- نەپرەت تېپىپ چىقتى. ئۇ مېنى چېچىمدىن تۇتۇپلا ئۆرە تۇرغۇزدى- دە، كەينى- كەينىدىن سەككىز كاچات سېلىۋەتتى، كاچات زەربىسىدىن چىشلىرىم قاناپ قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ كەتتى، كۆزلىرىمدىن ئوت چىكەتتى.

ـــ دېمىسەڭمۇ راست، مالويا پوپ سىلەرنىڭ ئۆز داداڭلار. ئەمدى بولدىمۇ؟ ماڭ، ئېشەكنىڭ قوڭىدەك بوپ كەتكەن ماۋۇ باش- كۆزۈڭنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ كوچىغا چىقىپ مەيدەڭنى كېرىپ تۇرۇپ: «مېنىڭ دادام شىۋېتسىيەلىك پوپ مالويا ئىكەن، مەن دېگەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەۋلادى، سەن سەھرالىق تومپايلاردىن ئۈستۈن تۇرىمەن» دەپ تازا توۋلىغىن،ـــ دېدى ئانام.

سەككىزىنچى ئاچام ئانام مېنى قاتتىق ئۇرۇۋاتسىمۇ ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك ئۈنچىقماستىن پوپايكىسىنى توقۇۋەردى.

مەن ئېسەدەپ يىغلىغىنىمچە ھېجىر داسقا ئېڭىشىپ يۈزۈمنى يۇدۇم، ھېجىر داستىكى سۇ بىردەمدىلا قاپقارا بولۇپ كەتتى. ئانام كەينىمدە تۇرۇۋېلىپ ئاغرى بېسىقماي تىللايتتى. لېكىن ئۇنىڭ مېنى تىللىمايۋاتقىنى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. ئانام چۆمۈچ بىلەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئېلىپ بېشىمغا شارقىرىتىپ سۇ قۇيۇۋېتىپ ھۈ تارتىپ يىغلىۋەتتى. سۇ ئىڭەك ۋە بۇرۇنلىرىمدىن ئاققان پېتى ھېجىر داسقا چۈشەتتى، قاپقارا تەلەتىم ئاستا- ئاستا ئادەم سىياقىغا كىردى. ئانام قولياغلىقى بىلەن سۈرتكەچ دېدى:

ـــ ئوغلۇم، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ ئامال يوقتى. لېكىن تەڭرى سېنى ئاپېرىدە قىلغان ئىكەن، چوقۇم قەددىڭنى رۇسلاپ يۈرمىسەڭ بولمايدۇ. 18 ياشقا كىرىپ قالدىڭ، ئەر ئاتالدىڭ. سى ماكۇ ئۇچىغا چىققان ئەسكى بىر نېمە بولغىنى بىلەن راۋۇرۇس ئەركەكچىلىكى بار ئادەم ئىدى. سەنمۇ ئۇنى دورىغىن!

ـــ ئانا، ئۇ قايتىپ كەلدى!

ـــ كىمنى دەيسەن؟ـــ سورىدى ئانام.

ـــ گاچا،ـــ دېدى چوڭ ئاچام. ئانام قولياغلىقى بىلەن قوللىرىنى سۈرتۈۋېتىپ تاتىراڭغۇ چىراي چوڭ ئاچامغا ھەسرەت ئىلىكىدە لاپپىدە قارىۋېتىپ:

ـــ جېنىم قىزىم، بۇمۇ بىر تەقدىر ئوخشايدۇ!ـــ دېدى.

سۈن گاچا ئادەتتە جىق گەپ قىلمايدىغان كەمسۆز ئادىتى بويىچە ماڭا: «جۈرە، بىزنىڭ ئۆيگە كىرىلى» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. نەچچە يىل كۆرمىگەنگە ئۇ خېلىلا قېرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، قاتۇرۇپ كىيىۋالغان ھەربىيچە شەپكىسىنىڭ ئاستىدىن ئاق ئارىلىغان چاچلىرى ماراپ تۇراتتى. چېقىر كۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ نۇرى قېچىپ، بەرجەس ئىڭەكلىرى بەئەينى داتلىشىپ كەتكەن ساپان چىشىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۈستىگە سېرىق ماتادىن تىكىلگەن ھەربىيچە چاپان كىيىپ تۈگمىسىنى چىڭڭىدە ئېتىۋالغان، مەيدىسىگە ئالتۇندەك پارقىرايدىغان ئوردېن تاقىۋالغانىدى. ئۇزۇن بىلەكلىرىگە گۆش قونۇپ بۆلەكچە تەرەققىي قىلغان، ئاپئاق يىپ پەلەي كىيىۋالغان ئىككى قولىغا بىردىن تاسمىلىق ئەپچىلگىنە ئورۇندۇق ئارتىۋالغانىدى. ئۇ بىر پارچە قىزىل رېزىنكە تەگلىك ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. رېزىنكە تەگلىك ئۇنىڭ كاسىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. تاغاردەك كەڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى بوغۇۋالغانىدى، ئىككى پاچىقى يوتىسىدىنلا كېسىۋېتىلگەنىدى. مانا بۇ كۆرمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بولغان سۈن گاچىنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزدا زاھىر بولغان سىياقى ئىدى. ئۇ مايمۇننىڭكىدەك ئۇزۇن ئىككى بىلىكى بىلەن كىچىك ئورۇندۇقنى بېسىپ تۇرۇپ ئالدىغىراق سۈرۈلدى، ئاندىن ئىككى بىلىكىنى جۈپلەپ يېرىم يارتا تېنىنى ئالدى تەرەپكە سىلجىتىۋېدى، رېزىنكىدىن قىلىنغان كاسىسىدىن گىلرەڭ نۇر چاقناپ كەتتى.

ئۇ بەش قېتىم ئىرغىپلا بىزدىن ئۈچ مېتىر نېرىغا بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ بىزدىن ئاشۇنداق نېرىراق ئولتۇرغاندىلا ئاندىن بەك ئاسمانغا قاراپ كەتمەيلا بىز بىلەن كۆز بېخىشالايتتى. باشـــ كۆزۈمنى يۇغاندا چاچرىغان يۈندە ئۇنىڭ ئالدىغىچە ئېقىپ باردى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن يەرنى تىرەجەپ تۇرۇپ گەۋدىسىنى ئارقىغا سىلجىتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاساسەن ئىككى پۇتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. سۈن بۇيەننىڭ بېلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى ناھايىتى تەمبەل كۆرۈنەتتى.  بۇ ئادەمنىڭ بېلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمىلا قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېلىھەم كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان كۈچ تېمىپ تۇراتتى. ئۇ بىزگە ئۇدۇل قارىدى، قاپقارا كۆزلىرىدىن ناھايىتى مۇرەككەپ بىر ئىپادە چاقنايتتى. ئىڭىكى ئەينى يىللىرىدىكىگە ئوخشاش جاقىلداپ تىتىرەيتتى. مەرۋايىتتەك ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىقتى . . .

ئۇ قولىدىكى ئورۇندۇقنى قويدى ـــ دە، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈردى. شۇئان ئەينى يىلى شەرقىي شىمالغا كۆچكەندىن بېرى ئۇنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغانلىقىمىز يادىمغا كەلدى. ئۇ دايا ئېريانىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتاتتى. ئانام لۆڭگە بىلەن ئاغزىنى توسۇپ يىغلىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئانامنىڭ نېمىگە يىغلاۋاتقانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەن گاچىنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كەتتى. ئانام قان چاچراپ كەتكەن ئىككى تال تاۋۇز شاپىقىدىن ياسالغان دوپپىنى ماڭا بېرىپ، گاچىغا سۇنۇپ بەرگىن دېگەن مەنىدە شەرەت قىلدى. قورسىقىمدىكى ئالتۇن ئۈزۈك ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇ مېنىڭ بامبۇك خادىسىدەك ئىنچىكە بوي- بەستىمگە قاراپ ھەسرەت ئىلىكىدە بېشىنى چايقاپ قويدى. مەن ئېڭىشتىم، تۇيۇقسىز ئېڭىشسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، دوپپىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم، ئاندىن قولۇم بىلەن شەرقىي سىمال تەرەپنى ئىما قىلدىم. شۇ قېتىمقى ئېچىنىشلىق سەپەر، گاچىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بىر يارىدار ئەسكەرنى يۈدكىنىچە كەينىگە چېكىنگەن مەنزىرىلەر، زەمبىرەك ئورىكىدە تاشلىنىپ قالغان سۈن جەمەتىلىك ئىككى گاچىنىڭ ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىغان جەسىتى يادىمغا كەپ قالغانىدى. ئۇ مەن ئۇزاتقان دوپپىنى قوش قوللاپ ئالدى- دە، خۇددى ئۇزۇن مەشقلەندۈرۈلگەن ئوۋ ئىتى قاتىل ياكى ئۆلۈكنىڭ ھىدىنى بىلىۋالغاندەك بۇرۇنىغا يېقىن ئەكېلىپ پۇراپ باقتى. ئاندىن دوپپىنى ئىككى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، قولۇمدىن يەنە بىر دوپپىنىمۇ يۇلۇپ ئېلىپ مۇنداقلا پۇراپ قويدى- دە، ئۇنىمۇ ئىككى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدى. ئارقىدىن مېنىڭ تەكلىپ قىلىشىمنى كۈتمەيلا ئىككى قولى بىلەن ماڭغىنىچە ئۆيىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئايلىنىپ چىقتى. ھەتتا ھويلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى ئۈستى ئوچۇق خالانىمۇ بىر ئايلىنىپ چىقتى، بېشىنى توخۇ كاتىكىگە تىقىپ بىرەر قۇر كۆز يۈگۈتۈپمۇ چىقتى. مەن كەينىدىن ماڭغاچ ئۇنىڭ ئىجادىيىلىققا باي ئاجايىپ چاققان ھەرىكەتلىرىدىن ھوزۇرلىناتتىم. چوڭ ئاچام بىلەن شا زاۋخۇا يېتىپ- قوپىدىغان ئۆيگە كىرگەندە ئۇ كاڭغا چىقىش كارامىتىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئاۋۋال ئولتۇرغان ئورنىدىن قىمىرلىماي تۇرۇپ، كاڭنىڭ قىرىغا تەكشى نەزەر سالدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلدى. ئەمما كەينىدىن روي بەرگەن ئەھۋال مېنىڭ ئىچىم سىيرىلىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گاچا كاڭنىڭ قىرىنى قوش قوللاپ تۇتتى- دە، بەدىنىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ ئاستا يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بىلىكىنىڭ بۇنچە كۈچى بار ئادەمنى مەن سېرىكئۆمىكىدىكىلەردىلا بىر قېتىم كۆرۈپ باققانىدىم. ئۇنىڭ بېشى كاڭنىڭ قىرىدىن ئاشتى، بىلەكلىرى غىرىسلاپ كەتتى، ئۇ شۇ ھالەتتە گەۋدىسىنى تازا كۈچەپ تۇرۇپ بىر ئىرغىپلا كاڭنىڭ ئۈستىگە چىقتى. كاڭغا دەسلەپتە چىققاندا ئۇ بەكلا بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى، لېكىن ھايال ئۆتمەيلا سۈرلۈك ھالىتىگە قايتتى.

گاچىنىڭ شۇ تاپتا چوڭ ئاچام ياتىدىغان يەردە ئولتۇرۇشلىرى بەئەينى ئائىلە باشلىقىدەك، بىر رەھبەردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن كاڭنىڭ يېنىدا تۇردۇم، ئۆزۈمنى گويا خەقنىڭ ئۆيىگە ئۈسسۈپ كىرگەن يات ئادەمدەك ھېس قىلدىم.

چوڭ ئاچام ئانامنىڭ ھۇجرىسىدا يىغلاپ تۇرۇپ:

ـــ ئانا، ئۇنى كەتكۈزۈۋەتكىن، ماڭا ئۇنىڭ كېرىكى يوق. پۇتى بار چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭغا كۆڭلۈم يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۇ يېرىم ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ، ئەمدى تېخىمۇ كۆڭلۈم يوق . . .ـــ دېدى.

ـــ بالام، مېھماننى چىللىماق ئاسان، كەتكۈزمەك تەس دېگەن بار جۇمۇ،ـــ دېدى ئانام.

ـــ ئۇنى كىم چىللاپ كەپتۇ،ـــ دېدى چوڭ ئاچام.

ـــ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، 16 يىلنىڭ ئالدىدا سېنى ئۇنىڭغا چاي ئىچۈرۈپ قويغانىدىم. بۇ ئۆچمەنلىك شۇنىڭدىن بېرى باشلانغانىكەن- دە.

ئانام بىر قاچىغا قايناق سۇ قۇيۇپ گاچىغا سۇندى. گاچا قاچىنى قولىغا ئېلىپ، ناھايىتى تەسىرلەنگەندەك قاش- كۆزلىرىنى ئوينىتىپ قويدى- دە، قايناقسۇنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى.

ـــ مەن تېخى سېنى ئۆلۈپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن، سېنى تىرىك قايتىپ كېلەر دەپ زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن. ئىككى بالىغا ياخشى ئاتىدارچىلىق قىلالمىدىم، كۆڭۈل يارىلىرىم سېنىڭكىدىن تولا، بالىنى سىلەر تاپتىڭلار، لېكىن مەن بېقىپ چوڭ قىلدىم. ئوزايىڭدىن خېلى تۆھپىكار ئادەم بوپ قالغاندەك تۇرىسەن. ھۆكۈمەت ساڭا بەختىيار تۇرمۇش ھازىرلاپ بەرگەندۇ؟ 16 يىل بۇرۇن فىيوداللىق جەمئىيەتتە توي ئىشىڭلارغا چات كېرىۋاپتىكەنمەن. ھازىر دېگەن يېڭى جەمئىيەت، نىكاھ ئەركىنلىكى بار. سەن دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى، ئوچۇق ـــ يورۇقراق بولغىن، تۇل ئولتۇرۇپ قالغان قىزلىرىمغا چاپلىشىۋالما. ئۇنىڭ ئۈستىگە لەيدى ساڭا تەگكىلى ئۇنىمىدى، لېكىن ئۈچىنچى قىزىم ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۆتۈنۈپ قالاي، قايتىپ كەتكىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان جايغا قايتىپ بېرىپ بەختنىڭ پەيزىنى سۈرگىن . . .

گاچا ئانامنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمىدى، بارمىقى بىلەن دەرىزە قەغىزىنى يىرتىپ بېشىنى سىڭايان قىلىپ ھويلىدىكى مەنزىرىلەرگە نەزەر تاشلىدى. چوڭ ئاچام قەيەرلەدىن تاپتىكىن، شاڭگۈەن لۇشى زامانىسىدىكى بىر لاخشىگىرنى قاماللىغىنىچە ئۆيگە ئېتىلىپ كىردى.

ـــ ھېي چۈپرەندە گاچا، يېرىم جان مەلئۇن، دەرھال كۆزۈمدىن يوقال!ـــ ئاچام شۇنداق دەپ قار- يامغۇر تىل سالغىنىچە قولىدىكى لاخشىگىر بىلەن گاچىنى قىسماقچى بولدى. گاچا قولىنى بىر ئۇزىتىپلا لاخشىگىرنى كاپلا قىلىپ تۇتۇۋالدى. ئاچام شۇنچە كۈچەپمۇ لاخشىگىرنى تارتىپ ئالالمىدى. ئۇلار شۇنداق تىركىشىپ تۇرغاندا گاچىنىڭ چىرايىدا مەغرۇر ۋە كۆرەڭلەرچە بىر خىل كۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى.

ـــ ھەي گاچا، مېنى ئالىمە دەيدىغان ئىت كۆڭلۈڭنى نەگە ئاپارساڭ ئاپار، چوشقا فېرمىسىدىكى ئەركەك چوشقىغا تەگسەم تېگىمەنكى، سەندەك پەسەندىگە تەگمەيمەن.

كوچىدا داقا- دۇمباق ساداسى ياڭرىدى. بىر توپ ئادەم سۈرەن- چوقان سېلىشقىنىچە ھويلىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېلىشتى. ئۇلارغا رايون باشلىقى باش بولۇپ كەلگەنىدى، كەينىدە ئون نەچچە كادىر بار ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قوللىرىدا بىر دەستىدىن گۈل كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بار ئىدى.

ـــ مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن!ـــ رايون باشلىقى ئېڭىشىپ ئۆيگە كىرىۋېتىپ ئانامغا شۇنداق دېدى.

ـــ قەيەردىن كەلگەن خۇشاللىقكىن بۇ؟ـــ دېدى ئانام توڭلۇق بىلەن.

ـــ ھامما، خۇشاللىق دېگەن ئاسماندىن چۈشىدۇ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ دەيمەن،ـــ دېدى رايون باشلىقى.

ئوقۇغۇچىلار ھويلىدا گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ، جاراڭلىق ئاۋازدا تەڭلا چۇرقىراشتى:

ـــ مۇبارەك بولسۇن! شەرەپلەر بولسۇن! مۇبارەك بولسۇن! شەرەپلەر بولسۇن!

رايون باشلىقى بارماقلىرىنى ئىشىقلاپ تۇرۇپ دېدى:

ـــ ھامما، يەر ئىسلاھاتى ۋاقتىدىكى ماتېرىياللارنى يېڭىباشتىن تەكرار سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، سىلەرنىڭ ئائىلىنى ئوتتۇرا دېھقان تەۋەسىگە كىرگۈزۈۋېتىشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدۇق. سىلەرنىڭ ئائىلە پالاكەتكە يولۇققاندىن كېيىن ھالىڭلار بەك خاراپلىشىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە كۆك نامرات دېھقان قاتارىغا ئۆتۈپ قالدىڭلار. ھازىر خاتا قىلىپ قويغان يەرلەرنى ئۆزگەرتتۇق. سىلەرنىڭ ئائىلىنى نامرات دېھقان قىلىپ بېكىتتۇق. بۇنىڭ ئۆزى بىرىنچى خۇشاللىق. 1939- يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ، قېينىئاتىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن تىغمۇتىغ كۈرەش قىلغانلىق پاكىتىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق. ئۇلار شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىخىي مەۋقەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسەك بولمايدۇ. سىلەر ئىنقىلابتا قازاغا ئۇچرىغانلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇشۇڭلار كېرەك. مانا بۇ ئىككىنچى خۇشاللىق. يۇقىرىقى ئىككى مەسىلە تۈزىتىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەچكە ئوتتۇرا مەكتەپ شاڭگۈەن جىنتوڭنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى. بالىڭىز قاتنىشالماي قالغان دەرسلەرنى مەكتەپ مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا نەۋرىڭىز شا زاۋخۇامۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ناھىيەلىك ماۋ چياڭ ئوپېرا ئۆمىكى كۇرسانت قوبۇل قىلماقچى ئىكەن. بىز بار كۈچىمىز بىلەن نەۋرىڭىزنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز. بۇ ئۈچىنچى خۇشاللىق. تۆتىنچى خۇشاللىق نېمە دېسىڭىز، كۈيئوغلىڭىز، يولداش سۈن بۇيەن پىدائىيلار قىسىمىدا بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدى. بەشىنچى خۇشاللىققا كەلسەك، روڭجۈن شىپاخانىسى قىزىڭىز شاڭگۈەن لەيدىنى دەرىجە ئاتلىتىپ بىرىنچى دەرىجىلىك سېستىرالىققا تەيىنلىدى. ئۇ دوختۇرخانىغا ئىشقا بارمىسىمۇ بولىدۇ، مائاشىنى ئايمۇ ئاي ئېلىۋېرىدۇ. ئالتىنچى خۇشاللىق ئۇنداق- بۇنداق خۇشاللىق ئەمەس، قېنى، خەلق تۆھپىكارى سۈن بۇيەن بىلەن شاڭگۈەن لەيدىنىڭ دەز كەتكەن نىكاھىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيلى! ئۇلارنىڭ توي ئىشىنى رايونلۇق ھۆكۈمەت بىر قوللۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھەي ھامما، ئىنقىلابىي ئانا، ئالتە خۇشاللىق مانا بۈگۈن ئىشىكىڭىزنى چەكتى ئەمەسمۇ!

ئانام گويا چاقماق سوقۇۋەتكەندەك داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى، قولىدىكى قاچا تاراڭڭىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى.

رايون باشلىقى بىر كادىرغا قول پۇلاڭلىتىپ شەرەت قىلىۋېدى، ئۇ كادىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈرەن- چوقانلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ كەينىدىن بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈۋالغان بىر قىز كىردى. رايون كادىرى بىر تال ئاق قەغەز خالتىنى رايون باشلىقىغا تەڭلەپ بوش ئاۋازدا: «قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كىنىشكىسى» دېدى. رايون باشلىقى ئاق قەغەز خالتىنى قوش قوللاپ ئالدى- دە، ئانامغا تەقدىم قىلىپ: «ھامما، بۇ سىلەرنىڭ ئائىلىنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كىنىشكىسى» دېدى. ئانام قوللىرى تىتىرىگەن ھالدا خالتىنى قولىغا ئالدى. ھېلىقى قىز ئالدىغا چىقىپ قولىدىكى ئاق گۈلنى ئانامنىڭ قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويدى. رايون كادىرى بىر قىزىل كونۋېرتنى رايون باشلىقىغا تۇتقۇزۇپ: «ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش گۇۋاھنامىسى» دېدى. رايون باشلىقى قىزىل كونۋېرتنى چوڭ ئاچامغا ئۇزىتىپ: «بۇ سىزنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش گۇۋاھنامىڭىز» دېدى. ئاچام قاپقارا كۈلگە مىلىنىپ كەتكەن قولىنى كەينىگە تىقىۋالدى. رايون باشلىقى ئاچامنىڭ قولىنى تارتىپ ئالدىغا ئەكېلىپ قىزىل كونۋېرتنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «سىز مۇشۇنداق ئېتىبارغا ئېرىشىشكە ھەقلىق» دېدى. ھېلىقى بىر دەستە بىنەپشىرەڭ گۈلنى ئاچامنىڭ قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويدى. رايون كادىرى بىر تال سېرىق كونۋېرتنى رايون باشلىقىغا سۇنۇپ: «مەكتەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشى» دېدى. رايون باشلىقى سېرىق كونۋېرتنى ماڭا سۇنۇپ: «ئۇكام، سېنىڭ ئىستىقبالىڭ پارلاق، ياخشى ئوقۇغىن!» دېدى. ھېلىقى قىزچاق بىر دەستە سېرىق گۈلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئۇ گۈلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇۋېتىپ ئىشقى- مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئويناق كۆزلىرى بىلەن كۆزۈمنىڭ ئىچكىرىسىگە لاپپىدە بىرنى قاراپ قويدى. مەن قولۇمدىكى گۈلنىڭ مەستخۇش ھىدىنى پۇراۋېتىپ، شۇئان قورسىقىمدىكى ئالتۇن ئۈزۈكنى يادىمغا ئالدىم. ئاھ تەڭرىم، مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام بۇنى يۈتۈپ يۈرمەسكەنمەن! رايون كادىرى بىر دەستە بىنەپشەرەڭ كونۋېرتنى رايون باشلىقىغا سۇنۇپ: «ماۋچياڭ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ» دېدى. رايون باشلىقى بىنەپشەرەڭ كونۋېرتنى كۆتۈرۈپ شا زاۋخۇانى ئىزدىدى. شا زاۋخۇا كەينى ئىشىكتىن چىقىپ بىنەپشەرەڭ كونۋېرتنى ئالدى. رايون باشلىقى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «قىزچاق، ياخشى ئوقۇڭ، داڭلىق ئارتىست بولۇشقا تىرىشىڭ» دېدى. ھېلىقى قىز بىر دەستە بىنەپشەرەڭ گۈلنى شا زاۋخۇاغا سۇندى. شا زاۋخۇا گۈلنى ئېلىۋاتقاندا ئالتۇندەك پارقىرايدىغان بىر تال ئىزناك يەرگە چۈشۈپ كەتتى. رايون باشلىقى ئىڭىشىپ ئىزناكنى ئېلىپ، ئىزناكنىڭ ئۈستىدىكى نەخىش بىلەن خەتلەرگە قاراپ قويۇپ، كاڭدا ئولتۇرغان گاچىغا بەردى. گاچا ئىزناكنى مەيدىسىگە تاقىۋالدى. مەن ئۆيىمىزدە كامالەتكە يەتكەن بىر ئوغرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئويلىدىم. رايون باشلىقى رايون كادىرىنىڭ قولىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر دەستە كۆك رەڭلىك كونۋېرتنى ئېلىپ: «يولداش سۈن بۇيەن، بۇ يولداش شاڭگۈەن لەيدى ئىككىڭلارنىڭ توي خېتىڭلار، رايون سىلەرگە ۋەكالىتەن تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ قويدى. باشقا كۈنى جەدۋەلگە بارمىقىڭلارنى بېسىۋەتسەڭلارلا بولىدۇ» دېدى. ھېلىقى قىز بىر دەستە كۆك رەڭلىك گۈلنى گاچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

ـــ ھامما، يەنە باشقا پىكرىڭىز بارمۇ؟ ھەرگىز تۈزۈت قىلماڭ، بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى،ـــ دېدى رايون باشلىقى.

ئانام تەڭقىسلىق ئىلىكىدە چوڭ ئاچامغا قارىدى. چوڭ ئاچام قىزىل گۈلنى قۇچاقلىغىنىچە ئاغزىنى ئوڭ يانغا مىتىلدىتىپ قويدى، كۆزلىرىدىن دومىلاپ چۈشكەن بىر نەچچە تامچە ياش بىنەپشەرەڭ، بىر قەۋەت ئۇپا سۈرۈپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان گۈل بەرگىگە تامچىلىدى.

ـــ ھازىر دېگەن يېڭى جەمئىيەت، قىزىمنىڭ قانداق پىكرى باركىن، ئاڭلاپ باقاي . . .ـــ دېدى ئانام زىددىيەتلىك قىلىپ.

ـــ يولداش شاڭگۈەن لەيدى، سىزنىڭ يەنە باشقا پىكرىڭىز بارمۇ؟ـــ دەپ سورىدى رايون باشلىقى.

ـــ تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ،ـــ دېدى چوڭ ئاچام بىزگە قاراپ ئۇھسىنىپ قويۇپ.

ـــ بەك ياخشى بولدى! مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆيۈڭلارنى جۆندەيمەن، ئەتە كەچتە تويۇڭلارنى قىلىمىز!ـــ دېدى رايون باشلىقى.

شاڭگۈەن لەيدى بىلەن گاچىنىڭ توي كۈنىنىڭ ھارپىسىدا مەن يۈتۈۋالغان ھېلىقى ئالتۇن ئۈزۈك چوڭ تەرىتىم بىلەن بىللە كەينىمدىن يېنىپ چىقتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11640

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: