پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى (رومان) : 8- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

سەككىزىنچى باب

دورىيان ئويغانغان چېغىدا كۈن چۈشتىن قايرىلغانىدى . خوجايىنىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچىمۇ ئۇخلاۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلەنگەن خىزمەتكار ئۇنى ئويغاندىمۇ – يوق دېگەن نىيەتتە ئۆيگە پۇتىنىڭ ئۇچىدا نەچچە كىرىپ چىقتى. نىھايەت، دورىيان قوڭغۇراقنى بېسىپ خىزمەتكارنى چاقىردى. خىزمەتكار ۋېكتور فىرانسىيىنىڭ سېرۋېس دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان قەدىمىي پاسوندىكى پەتنوستا بىر ئىستاكان چاي ۋە خەت-چەكنى كۆتەرگىنىچە ئاستاغىنە ھوجىرىغا كىردى- دە، ئۈچ قاناتلىق پەنجىرىگە ئېسىلغان كۆك ئەستەرلىك يېشېل دۇخاۋا پەردىنى قايرىۋەتتى.

– ئەپەندىم، بەك ياخشى ئۇخلىۋالدىڭىز جۇمۇ بۈگۈن،- دېدى ۋېكتور كۈلۈپ تۇرۇپ.

– سائەت نەچچە بولدى ۋېكتور؟- سورىدى دورىيان گېرېي ئۇيقۇچان ھالەتتە.

– سائەت بىردىن 15مىنۇت ئۆتتى، ئەپەندىم.

ھەجەپ ۋاقچە بوپ كېتىپتا! ئۇ كارىۋاتتىن ئۆرە بۇلۇپ ئىستاكاندىكى چايدىن ئوتلاپ قويدى- دە، مەكتۇپلارغا بىر-بىرلەپ كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئارىسىدىكى بىر مەكتۇپنى لورد ھېنىرى يازغان بۇلۇپ، تېخى ئەتتىگەندىلا بىرىدىن ئەۋەتكەنىدى. ئاچايمۇ- ئاچمايمۇ دېگەن نىيەتتە بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ، ئاخىرى مەكتۇپنى ئاچتى. باشقا خەتلەرنىمۇ خوشياقمىغان ھالدا بىر- بىرلەپ ئوقۇپ چىقتى. مەكتۇپلارنىڭ ھەممىسى ئاتام ئېيتقان ئاتكرىتكا، زىياپەت باغىقى، شەخسىي كۆرگەزمىسىگە كىرىش بېلىتى، خەيىر- ساخاۋەت مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ نۇمۇر تىزىملىكى دېگەندەك نەرسىلەر ئىدى. بۇ پەسىلدە 1 مودا قوغلىشىدىغان بەزى ياشلار مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى سەندىن مەن قالامتىم دېگەندەك ھەركۈنى دېگۈدەك ئۇيۇشتۇراتتى. خەت- چەكلەرنىڭ ئارىسىدىكى يەنە بىر پارچىسى لۇيىس XV دەۋرىدىكى كۈمۈشتىن ياسالغان گىرىم بۇيۇمىنىڭ يۇقىرى سوممىلىق تالونى بۇلۇپ، دورىيان بۇ تالوننى ئۆزىنىڭ ۋەسىيىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشكە تېخىچە جۈرئەت قىلالماي يۈرەتتى. ئۇلار تولىمۇ مۇتەسسىپ بۇلۇپ، بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى.قالغانلىرى جېرمىن كوچىسىدىكى قەرز بېرىش خوجايىنلىرىدىن كەلگەن خەتلەر ئىدى. خەتتە دورىيان ھايتلا دەپ قويسا، ھەرقانچە زور سوممىدىكى قەرز بولسىمۇ بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۆسۈمنىڭمۇ مۇۋاپىق ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى.

ئالاھەزەل 10مىنۇتلاردىن كېيىن، دورىيان كارىۋاتتىن چۈشۈپ، ئۆچكە تىۋىتىدىن توقۇلغان، ناھايتى نەپىس تىكىلگەن يىپەك كۆينىكىنى يېپىنچاقلىغىنىچە ئاستىغا مەرمەرتاش ياتقۇزۇلغان مۇنچىغا كىردى. ئۇخلاۋېرىپ خارامۇش بۇلۇپ قالغان دورىيان مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇپ بۆلەكچىلا تېتىكلىشىپ قالدى. ئۇ گويا تۆنۈگۈن ئاخشامقى ئىشىنى تامام ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غەلىتە بىر تىراگىدىيىگە دۇچار بولغىنىنى خىر-شىرە ھېس قىلدىيۇ، لېكىن ئۇنى چۈشۈم ئوخشايدۇ دەپ، پەرۋا قىلمىدى. ئۇ تولۇق كىيىنىپ كۈتۈپخانىسىغا كىردى- دە، ئوچۇق دەرىزىنىڭ يېنىدىكى ئەپچىلگىنە كەلگەن يۇمۇلاق ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، خىزمەتكار تەييارلاپ قويغان فىرانسىيىچە ئاددىي ناشتىلىغىنى يېيىشكە تۇتۇندى. ھاۋا بۆلەكچىلا ياخشى ئىدى، سالقىن ھاۋادىن گۈل- چېچەكلەرنىڭ ھىدى كېلەتتى. بىر تال ھەسەل ھەرىسى دەرىزىدىن ئۇچۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى سېرىق ئەتتىرگۈل سېلىپ قۇيۇلغان ساپال لوڭقىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ غۇڭغلداشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلى خېلى كۆتۈرلۈپ قالدى.

توساتتىن، ئۇنىڭ نەزىرى رەسىمنىڭ يۈزىگە تارتىپ قۇيۇلغان، پەردىگە چۈشۈپ قالدى ۋە بەدىنىگە ئىختىيارسىز تىتىرەك ئولاشتى.

– توڭلاۋاتامسىز ئەپەندىم؟- خىزمەتكار شۇنداق دەپ سورىغاچ تەخسىدىكى تۇخۇم پوشكىلىنى ئۈستەلگە قويدى،- دەرىزىنى يېپىۋىتەيمۇ- يا؟

– ياق، توڭلىمىدىم،- دېدى دورىيان بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ.

 ئەجىبا، ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟ رەسىم راستىنلا ئۆزگىرىپ قالدىمۇ ياكى ئۇ يېڭىلىشۋاتامدۇ؟ تولىمۇ خۇشخۇي ھالەتتە سىزىلغان رەسىمنىڭ تۇرۇپلا يىرگىنىچىلىك ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالغىنى نېمىسى؟ رەسىمنىڭ رەختىغۇ ئۆزلىگىدىن ئۆزگىرىپ قالماس؟ ئەجەپ غەلىتە ئىشقۇ- بۇ! بۇنى بازىلغا دەپ بېرىدىغان بولسام، ئۇ چوقۇم كۈلۈپ كېتىدۇ.

 لېكىن، ئۇنىڭ رەسىمىنڭ ئۆزگىرىپ قالغىنىنى كۆرگىنى شۇنداق ئېنىق ئېسىدە تۇرۇپتۇ! ئۆي قاراڭغۇ چاغدىغۇ شۇنداق كۆرۈنسۇن، لېكىن پەردىنى قايرىۋېتىپ يورۇقتا قارىسىمۇ، رەسىمنىڭ جاۋغىيىدا بىلىنەر- بىلىنمەس بىر رەھىمسىزلىكىنىڭ قېتىپ قالغىنىنى كۆردىغۇ. ئۇ قورققىنىدىن ئىچىدە خىزمەتكارنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىنى تىلىدى. ئەگەر ئۆزى يالغۇز قالسىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي رەسىمگە قاراپ سالاتتى. ئۇ رەسىمنىڭ راستىنلا شۇنداق ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى. خزمەتكار قەھۋە بىلەن سىگارتنى ئەكىرىپ بېرىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كەينىگە ئۆرۈلدى، دورىيان خىزمەتكارنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىنى شۇنچە تىلىدى. خىزمەتكار ئۆيدىن چىقىپ ئىشىكنى يېپىشىغا، دورىيان ئۇنى چاقىردى. خىزمەتكار، نېمە تاپشۇرۇقى باركىن، دېگەن مەنىدە ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ قەدىمىنى توختاتتى. دورىيان ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، ئۇھسىنىغان ھالدا دېدى:

– ۋىكتور ئىزدەپ كەلگەنلەرگە مېنى يوق دەپ قويغىن.

     خىزمەتكار بىرنى تازىم قىلىۋېتىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

     ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى- دە، بىر تال تاماكا ياندۇرۇپ، رەسىمنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېسىل كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.پەردە لۇيىس ⅹⅣدەۋرىدىكى پاسوندا ئىسپانىيە خۇرۇمىدىن تىكىلگەن، يۈزىگە ئالا بۇلىماچ گۈل چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ، ئىشىلتىلىۋاتقىنىغا ناھايتتى ئۇزۇن بولغانىدى. دورىيان گويا بۇ پەردىنىڭ ئىلگىرى ئاللىكىملەرنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى يۇشۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك، قىزىقسىنىش نەزىرىدە تىكىلىپ ئولتۇراتتى.

 ئۇ پەردىنى قايرىۋەتسۇنمۇ؟ ياكى ئۇ ئۆز جايىدا تۇرىۋەرسۇنمۇ؟ رەسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغان- قالمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟ ئەگەر رەسىم راستىنلا ئۆگىرىپ قالغان بولسا، ناھايتتى قورقۇنچلۇق ئىش بۇلىدۇ. ئۆزگەرمىگەن بولسىچۇ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ھەسىرەت چېكىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ ئالىمادىس، بىرەرسى ئۇقۇشماي پەردىنى قايرىپ رەسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ناۋادا بازىل ئۆيگە كەلگەندە كۆرۈپ قالسا نېمە دىگۈلۈك؟ بازىل رەسىمنى كۆگىلى كەلمەي قالمايدۇ. ياق، بۇ ئىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئېنىقلاپ بېقىش كېرەك. بۇ، گۇمانسىراپ، ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشتىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟دورىيان ئورنىدىن لىككىدە تۇردى- دە، رەسىمدىكى بەدبەشىرە چىرايىمنى باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دېگەندەك، ئىككىلا ئىشىكنى قۇلۇپلىدى، ئاندىن پەردىنى قايرىۋېتىپ، رەسىمگە ئۇدۇلىدىن قارىدى. رەسىم ھەقىقەتەن ئۆزگىرىپ قالغانىدى.

ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھەيران بولدى، دەسلەپتە ئىلمىي جەھەتتىن كۆزىتىپ، رەسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدىن گاڭگىراپلا قالدى، نېمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىقىغا زادىلا ئەقلى يەتمىدى. ئەمما رەسىمنىڭ ئۆزەىرىپ قالغانلىقى پاكىت ئىدى. رەسىمدىكى ئوبراز ۋە رەسىم سىزىشقا ئىشلىتىلگەن بوياقنىڭ خىمىيىلىك تەركىۋى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھى ئوتتۇرىسدا ئاجايىپ بىر خىل باغلىنىش بامۇ نېمە؟ ئەجىبا، ئۇنىڭ روھى نېمىنى خىيال قىلسا، بوياقنىڭ تەركىۋىدىكى خىمىيىلىك تەركىبلەر ئۇنىڭ خىيالىنى روياپقا چىقىرامدىغاندۇ؟ ياكى بولمىسا بۇنىڭدا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىرەر سەۋەب بارمىدۇ؟ ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ئىختىيارسىز تىتىرەك ئولاشتى- دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ، بىر خىل ۋەھىمە ۋە يىرگىنىش نەزىرىدە رەسىمگە تىكىلىپ قارىدى.

رەسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن دورىيان ۋېيىنغا ئۇۋال قىلغىنىنى، شەپقەتسىزلىك قىلغىنىنى ھېس قىلدى. خاتالىقىنى ئەمدى تونۇسىمۇ كېچىكمەيدۇ، سېلبىي يەنىلا ئۇنىڭ ئايالى بولىۋېرىدۇ.ئۇنىڭ خىيالىيلىقتىن قۇتۇلالمىغان، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى مۇھەببىتى ئەمدى بۈيۈكلىشىدۇ، ھەقىقىي، ساپ مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. بازىل خالۋارد سىزغان ئاشۇ رەسىم ئەمدى ئۇنىڭ ھايات نىشانى بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ رولى بەزىلەرنىڭ ئاجايىپ كۈچ- قۇدرىتىنى، بەزىلەرنىڭ ئەخلاق- پەزىلەتنى، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا تەڭرىدىن ھېيقىشىنى ئۆزىگە نىشان قىلىۋالغىندىن قىلىشمايدۇ. دۇنيادا تەننى زەئىپلەشتۈرىدىغان ئەپيۇن، ئەخلاقنى پايخان قىلىدىغان زەھەرلىك بۇيۇملار ئەۋج ئالغىنى بىلەن، بۇ يەردە، چۈشكۈنلۈك ۋە جىنايەتنىڭ ئاشكارا سىموۋۇلى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆز روھىنى گۇمران قىلىشىدىكى مەڭگۈلۈك بىر بەلگە بار. سائەت ئۈچكە، تۆتكە، تۆت يېرىمگە داڭ ئۇردى، لېكىن دورىيان ئورنىدىن ھېچ قوزغىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ھاياتىنى گويا بىر قىزىل يىپقا ئوخشىتىپ، ئۇ يىپتىن بىر لايىھە توقۇپ، ئۆزىنى مەھكەم ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان يەڭگىلتەك ھېسىياتىنىڭ سىرلىق قەسىرىدىن چىقىپ كەتكىلى بولىدىغان بىر يولنى تاپماقچى بولدى. ئۇ نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى ئويلاش كېرەكلىكىنى ھېچ بىلمەيتتى. نىھايەت، ئۇ ئۈستەلنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان تەلۋىلىكلىرىگە پۇشمان قىلدى، مەھبۇبىسىدىن ئەپۇ سوراپ، تولىمۇ تەسىرلىك قىلىپ بىر پارچە مەكتۇپ يازدى. ئۇنىڭ يازغان مەكتۇپىنىڭ ھەربىر جۈملىسىدىن، ھەربىر بېتىدىن چەكسىز ھەسىرەت- نادامەت، ئېيتقۇسىز دەرىجىدىكى بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەشمۇ ۋاقتى كەلسە بىرخىل ھوزۇر ئىدى. ئۆزىمىزنى ئەيىبلىگەن چېغىمىزدا، باشقىلارنىڭ بىزنى ئەيىبلەشكە ھەققى يوقتەك ھېس قىلىمىز، قىلمىش- ئەتمىشلىرىمىزگە توۋا قىلساقلا، كەچۈرۈم دېگەن شۇ. دورىيان مەكتۇپنى يېزىپ بۇلۇپ، سېلبىينىڭ  كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەندەك خېلى يېنىكلەپ قالدى.

شۇ ئەسنادا ئىشىك چېكىلىپ، تاشقىرىدا لورد ھېنىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

– قەدىرلىك دورىيان، سىز بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ، مېنى كۆگىلى قۇيۇڭ. بۇنداق ئۆيگە بىكىنىۋالسىڭىز، زادىلا چىدىيالمايدىكەنمەن. ئۇ دەسلەپتە ئۈندىمەستىن جىممىدە تۇرىۋالدى. لورد ھېنىرى ئىشىكنى تېخىمۇ قاتتىق چەككىلى تۇردى، ئوزايىدىن ھېچ كېتىدىغاندەك قىلمايتتى. بوپتۇلا، ئۇنى كۆگىلى قوياي. دورىيان ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى  يېڭىدىن باشلىماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش، گىزى كەلسە ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپ، مۇناسىۋەتنى چورتلا ئۈزۈش قارارىغا كەلدى. ئۇ لككىدە ئورنىدىن تۇردى- دە، رەسىمنىڭ يۈزىگە پەردە تارتىپ قۇيۇپ، ئىشىكنى ئاچتى.

– بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ دورىيان،- دېدى لورد ھېنىرى ئىشىكتىن كىرىپلا،- لېكىن بەك جىق ئويلاپ كەتمەڭ.

– سىبىل ۋېيىن توغرىسىدىكى ئىشىنى دەۋاتامسىز؟- سورىدى دورىيان.

– شۇنداق،- لورد ھېنىرى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېتىپ قولدىكى سېرىق پەلىيىنى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن سالغاچ جاۋاب بەردى،- تازا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ. لېكىن بۇنى سىزدىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئېيىتىڭە، ئۇيۇن تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇنى كۆرگىلى سەھنىنىڭ كەينىگە ئۆتكەنمىدىڭىز؟

– ھەئە.

–  شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانمىدىڭىز؟

–  مەن ئۇنىڭغا بەك قوپاللىق قىپتىمەن ھاررى. لېكىن، ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بوپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن. يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئەپسۇسلانمايمەن، شۇ باھانىدا ئۆزۈمنى ئوبدان چۈشىنىۋالدىم.

– ھەي، دورىيان! بۇ ئىشقا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدىن بەك مەمنۇن بولدۇم! مەن تېخى سىزنى چەكسىز ھەسىرەت-نادامەت دەستىدىن چىرايلىق ئالتۇن چاچلىرىنى يۇلۇپ ئولتۇرامدىكىن دەپتىمەن.

– ھەممە ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى،- دورىيان كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى چايقاپ قويدى،- شۇ تاپتا مەن بەك خوشال. ۋىجدان دىگەننىڭ نېمىلىكىنى ئەمدى بىلىپ يەتتىم. ئۇ ھەرگىزمۇ سىز دېگەندەك نەرسە ئەمەس، بەلكى ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەڭ مۇقەددەس نەرسە ئىكەن. ھاررى، ئەمدى مېنىڭ ئالدىمدا ۋىجداننى مەسخىرە قىلىدىغان گەپلەرنى قىلغۇچى بولماڭ. مەن ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولىمەن، روھىمنىڭ پەسكەشلىشىپ كېتىشىگە ئەمدى ھەرگىز يول قويمايمەن.

– ئېتىكىنىڭ بەدىئىي ئاساسى ئەنە شۇنداق بۇلىدۇ، دورىيان! سىزنى تەبرىكلەيمەن. قېنى ئېيتىڭە، يېڭى تۇرمۇشىڭىزنى قانداق باشلىماقچىسىز؟

     – سىبىل ۋېيىن بىلەن توي قىلىمەن.

– سىبىل ۋېيىن بىلەن توي قىلىمەن!- لورد ھېنىرى ۋارقىرىغىنىچە دىرىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇو كەتتى ۋە ھەيرانلىق، گاڭگىراش ئىلكىدە دورىيانغا تىكىلدى،- لېكىن، قىدىرلىك دورىيان….

– شۇنداق ھاررى، نېمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلىمەن. نىكاھ ھەققىدىكى ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان گەپلىرىڭىزنى دېمەيلا قۇيۇڭ، ئۇنداق گەپلەرنى ئەمدى ماڭا ئىككىنچىلەپ دېگۈچى بولماڭ. ئىككى كۈن ئىلگىرى مەن سىبىلغا توي تەكلىپى قويۇپ بولدۇم. ئەمدى گېپىمدىن يېنىۋالسام بولمايدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان.

– ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامسىز؟ دورىيان؟….

   – ئەتتىگەن خزمەتكارىمدىن ئەۋەتكەن خەتنى ئوقۇمىدىڭىزما؟

– ماڭا خەت يازغانمىدىڭىز؟ ھە، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. خېتىڭىزنى تېخى ئوقۇغۇدەك بولمىدىم ھاررى. خېتىڭىزدە مېنى بىزار قىلىدىغان گەپلەر بوپ قالمىغىيدى دەپ ئەنسىرەيمەن. ھە دېسىلا ھېكىمەتلىك سۆزلىرىڭىز بىلەن ھاياتنى بىر تىيىنغا ئەرزىگۈسىز قىلىۋېتىدىكەنسىز.

– گېپىڭىزچە، ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز يوقكەندە؟

   – قايسى ئىشلارنى دەۋاتامسىز؟

لورد ھېنىرى دورىياننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى،- دورىيان، مەن خېتىمدە… ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ ئاڭلاڭ….. مەن خېتىمدە سىزگە سىبىل ۋېيىننىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېمەكچى ئىدىم.

دورىيان يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدىكى ئايانچىلىق ئاۋازدا ئاھ ئۇردى. ئورنىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ تۇردى ۋە قولىنى ھېنىرى لوردنىڭ قولىدىكى ئالدىراپقىنا تارتىۋالدى:

– نېمە؟ سىبىل ئۆلدى، دېدىڭىزما؟ يالغان ئېيتىۋاتسىز! نېمە دېگەن بىمەنە گەپ- بۇ! ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا قانداق پېتىندىڭىز؟

– دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راستە دورىيان،- دېدى لورد ھېنىرى كەسكىن تەرىزدە،- بۇ ئىش سەھەر گىزىتىنىڭ ھەممىسىدە خەۋەر قىلىندى. مەن خېتىمدە سىزگە مەن كەلمىگۈچە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى جىكىلىمەكچى ئىدىم. ئېنىقكى، جەسەت تەكشۈرۈلمەي قالمايدۇ.

– لېكىن، سىز بۇ ئىشقا ھەرگىز چېتىلىپ قالماڭ. بۇ ئىش پارىژدا يۈز بەرگەن بولسىغۇ شۇ ھامان نامىڭىز چىقىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن، لوندوندا كىشىلەر بۇنداق ئىشقا باشقىچە قارايدۇ. شۇڭا، سىز بۇنداق سەتچىلىككە چېتىلىپ قالسىڭىز بولمايدۇ.بۇ ئىشنى مەڭگۈ بىرسىگە تىنىغۇچى بولماڭ.پەرىزىمچە، تىياتىرخانىدىكىلەر ئىسمىڭىزنى تېخى بىلمەيدىغۇ دەيمەن؟ ئەگەر شۇنداقلا بۇلۇپ قالسا ھېچ ئىش بولمايدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىڭىزنى بىرەرسى كۆردىمۇ؟ بۇ بەك مۇھىم.

 دورىيان خېلىغىچە گەپ قىلماي جىممىدە تۇرۇپ كەتتى، ئۇ لورد ھېنىرىنىڭ گەپلەردىن داڭقېپ تۇرۇپلا قالغانىدى. نىھايەت، ئۇ گاچىلاشقان ھالدا دېدى:

ھاررى، جەسەتنى تەكشۈرىدۇ دېدىڭىزما؟ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئەجىبا سىبىل…. ھەي، ھاررى، شۇ تاپتا مەن گاڭگىراپلا قېلىۋاتىمەن. ئېيتىڭە، ماڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېز ئېيتىپ بېرىڭ!

– بۇنى تاساددىپىيلىق دېگىلى بولمايدۇ. دورىيان كىشىلەرنى مۇشۇنداق ئويغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئالاھەزەل سائەت 12يېرىملار ئەتراپىدا ئاپىسى بىلەن تىياتىرخانىدىن چىققان. تۇيۇقسىز بىر نەرسەمنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتكەن. ئۇلار سىبىلنى خېلى ساقلىغان، ئەمما، ئۇ زادىلا چۈشمىگەن. ئۇلار ئاخىرى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۇنىڭ كىيىم يۆتكەش ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئارتىستلار ئىشلىتىدىغان زەھەرلىك گىرىم بۇيۇمنى ئۇقۇشماي يەۋاپتۇدەك. نېمە يەۋالغىنى ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ، تەركىبىدە گىدروسىيانىد دەمدۇ، قوغۇشۇن دەمدۇ، ئىشقىلىپ زەھەرلىك ماددىنىڭ بارلىقى ئېنىقكەن. ئۇ گىدروسىيانىد يەۋالمىغان بولسا، ئۇنچىۋالا تېز جېنى چىقىپ كەتمىگەن بولاتتى.

– ھاررى، ھاررى، ئادەمنى نېمانداق قورقۇتىسىز ئېچىنىشلىق ۋارقىرىدى، دورىيان.

– شۇنداق، بەك ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ. لېكىن بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالسىڭىز بولمايدۇ. << ئۆلچەم گېزىتى>> دە ئۇنى، ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن دەپ يېزىپتۇ. مەن تېخى ئۇنىڭ بالا چىرايىغا، رولنى ياخشى ئالالمىغىنىغا قاراپ يېشى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىكمىكىن دەپ قاپتىمەن. دورىيان، بۇ ئىش ئۈچۈن ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەپ يۈرمەڭ. كەچتە ئىككەيلەن بىرگە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تىياتىرخانىغا بېرىپ كىلەيلى. بۈگۈن ئاخشام پەتتى② ئۇيۇن قويىدىكەن، ئۇيۇن كۆرگىلى كېلىدىغانلار بەك كۆپ ھەقاچان. سىز ئاچام ئولتۇرغان ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇڭ، ئۇ سەتەڭ دوستلىرىدىن بىر نەچچىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ. شۇ باھانىدا كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

– بۇ گېپىڭىزچە، سىبىلنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپتىمەن-دە،- دېدى دورىيان،- لېكىن، ئەتتىرگۈلنىڭ گۈزەللىكى بۇنىڭلىق بىلەنلا يوقىلىپ كەتمەيدۇ. قۇشلار باغچامدا ئاۋۋالقىدەكلا خەندان ئۇرۇپ سايرىشىۋېرىدۇ. كەچتە سىز بىلەن بىللە تاماق يەيمەن، ئاندىن تىياتىرخانىغا بارىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىرەر يەرنى تېپىپ چىلاشقۇدەك راسا ئىچىمەن. ھايات دېگەن كومىدىيە بىلەن تولغان بولىدىكەن! ئەگەر مۇشۇلارنى كىتابتىن ئوقۇغان بولسام، چوقۇمكى ھەسىرەت ئىچىدە يۇم-يۇم يىغلاپ كەتكەن بولار ئىدىم، ھاررى. ھالبۇكى، تۇرمۇشۇمدا كومىدىيە يۈز بەردى. بۇنىڭغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، شۇ تاپتا ياش تۆكۈشكىمۇ ئامالسىز تۇرۇپتىمەن. بۇ- ھاياتىمدىكى قايناق سۆيگۈ ئىزھارلىرى بىلەن تولغان تۇنجى سۆيگۈ مەكتۇپۇم ئىدى. قىزىق ئىش، تۇنجى سۆيگۈ مەكتۇپۇمنى ئۆلۈپ كەتكەن بىر قىزغا يېزىپتىمەن ئەمەسمۇ. بىز ئۆلۈپ كەتتى دەۋاتقان ئاشۇ كىشىلە بۇنى ھېس قىلالارمۇ؟ سىبىل مېنىڭ ئۆزىگە خەت يازغىنىمنى ھېس قىلالارمۇ، ئاڭلىيالارمۇ؟ ھەي، مەن ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىمغۇ! بۇ ئىش مانا ئەمدىلىكتە نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشتەكلا تۇيۇلىدىغان بوپ قالدى. ئۇ مېنىڭ بارلىقىم ئىدى. ئەمما تۆنۈگۈنكى نەس باسقۇر كېچە ھەممىنى گۇمران قىلدى. ئۇ رولنى زادىلا ياخشى ئالالمىدى، بۇنىڭدىن بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇ ماڭا نېمىشقا شۇنداق بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى زارلىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ دېمىگەن گەپلىرى قالمىدى. مەن ئۇنى << ھالىڭ شۇنچىلىكمىدى>> دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ شۇنچە يېلىنىپ، يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماپتىمەن ئەمەسمۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ناھايتتى قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەردى. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراي دېگەن چېغىمدا، ئۇ بۇ ئالەم بىلەنخوشلىشىپتۇ ئەمەسمۇ! ئاھ تەڭرىم! ئېيتىڭە، مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ مېنىڭ شۇ تاپتا نەقەدەر خەتەرلىك ھالدا تۇرىۋاتقانلىقىمنى سىز بىلمەيسىز، مانا ئىمكان قالمىدى. ئەسلىدە سىبىل مېنى قۇتقۇزۇپ قالالايتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ھەققى يوق ئىدى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىپ بەك شەخسىيەتچىلىك قىپتۇ.

– قەدىرلىك دورىيان،- لورد ھېنىرى تاماكا قۇتۇسىدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ، ئالتۇن يالىتىلغان سەرەڭگىسى بىلەن ئوت تۇتاشتۇردى،- ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىرلا ئۇسۇلى بار. يەنى، ئۇلار ئەرلەرنى بىزار قىلىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى تۇرمۇشتىن بەكلا سوۋۇتىۋېتىدۇ. ئەگەر سىبىل بىلەن توي قىلغان بولسىڭىز، سىزنى تازا نەس باسقان بولاتتى. سىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىڭىز. بىز ئادەتتە ئۆزىمىز قىزىقمايدىغان ئادەملەرگە زىيادە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋېتىمىز. ئەمما ئۇ سىزنىڭ ئۆزىگە قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىڭىزنى ناھايتتى تېزلا بىلىۋالاتتى. ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىدىن كۆڭلى قالغىنىنى سەزگەن ھامان، بىر بولسا چىرايلىق ياسىنىپ يۈرمەي ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ؛ بىر بولسا، مودا شىلەپىلەرنى كىيىپ، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، باشقا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدىغان بوپ قالىدۇ. مەن بۇنداق نىكاھنى ھەرگىز قوللىمايمەن. بۇنداق نىكاھنىڭ ھەرگىز ئايىغى چىقمايدۇ، ھامىنى بىر كۈنى چاك-چاك چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدۇ.

– مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،- دېدى دورىيان بوش ئاۋازدا. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ھېلى ئۇياققا، سېلى بۇياققا ماڭاتتى، چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى،- مېنىڭچە، ھەممە مەسئۇلىيەت مەندە. بۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە پۈتۈن ئىشلىرىمنى گۇمران قىلدى. ئەمما خاتالىق مەندە ئەمەس. سىز ماڭا ئىلگىرى:<< ياخشى قارار كېچىكىپ چىقىرىلغاچقا، ھامىنى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ>> دېگەن ئىدىڭىز. مېنىڭ قارارىممۇ ئەنە شۇنداق كېچىكىپ چىقىرىلىپ قالدى.

– ياخشى قارار_ ئىلىم- پەن نىيىتىدىن چەتنىگەن قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ ساختا شان- شەرەپنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بولغاچقا، نەتىجىسى چىقمايدۇ. ئۇ بىزگە ئاندا- ساندا قىزغىن ئەمما پايدىسى يوق قۇرۇق ھېسياتلارنى ئاتا قىلىپ قويىدۇ. ئۇ- ئاجىزلارغا ناھايتتى قالتىس تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنى پەقەت مۇشۇنچىلىكلا تەربىيلەش مۇمكىن. يىغىپ- يۆگەپ كەلگەندە، سىزنىڭ چىقارغان قارارىڭىز پۇل يوق قۇرۇق چەككىلا ئوخشايدۇ خالاس.

– ھاررى ، – دورىيان ھېنىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى ، – بۇ تىراگېدىيە ئۈچۈن شۇنچە قىلساممۇ ئازابلىنالمايۋاتىمەن . بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ ئېيتىڭە ، مەن بەك رەھىمسىزمۇ قانداق ؟

– ئىككى ھەپتىنىڭياقى قىلغان ئەخمىقانە ئىشلىرىڭىز ئاز ئەمەس ، «رەھىمسىز » دېگەن بۇ چىرايلىق نامغا تېخى سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇ دورىيان ، – دەپ كۈلۈپ قويدى لورد ھېنىرى چىرايىغا قايغۇلۇق ئەمما يېقىملىق تۈس بېرىپ .

دورىيان گرېينىڭ ئىختىيارسىز قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كېتتى .

– بۇ گېپىڭىز ماڭا ياقمىدى ھاررى ، – دېدى ئۇ رەددىيە بېرىپ ، – لېكىن ، مېنى رەھىمسىزلەر قاتارىغا چىقىرىۋەتمىگەنلىكىڭىزدىن ھەر ھالدا خۇرسەن بولدۇم ، مەن ئۇنداق رەھىمسىز ئادەملەردىن ئەمەس . لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى ، بۇ ئىشنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى ئويلىغىنىمدىكىدەك ئېغىر بولمىدى . نەزىرىمدە بۇ ئىش پەقەت قالتىس ئاياغلاشقان بىر ئويۇن خالاس . بۇ ئويۇن گرېتسىيە ئۇسلۇبىدىكى تراەېدىيىلەرنىڭ ۋەھىمە گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ، مەن پەقەت مۇشۇ تراگېدىيىدە رول ئالغان ، قەلبى شىكەستىلەنمىگەن بىر باش پېرسۇناژ .

– ھەجەپ قىزىق گەپ قىلدىڭىزا ، – دېدى لورد ھېنىرى . ئۇ شۇ تاپتا دورىياننى گەپكە سېلىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ھېس قىلالمايدىغان شەخسىيەتچىلىكىدن ئالەمچە ھوزۇر ئېلىپ ئولتۇراتتى ، – مېنىڭچە ، «رەھىمسىزلىك » دېگەن بۇ سۆزگە مۇشۇنداقلا تەبىر بېرىشكە بولىدۇ . تۇرمۇشتا روي بەرگەن تىراەېدىيىلەرنىڭ ھېچقانداق بەدئىيلىكى بولاميدۇ . بۇ تىراەېدىيىلەر ئۇچىغا چىققان شەپقەتسىزكى ، دەھشەتلىكلىكى ، بىمەنىلىكى بىلەن بىزنى ئېچىنىشلىق كۈلپەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئوچۇقتىن – ئوچۇق زوراۋانلىقلىرى بىزگە تەسىر قىلىپ ، بىزارلىقىمىزنى ، قارشىلىقىمىزنى قوزغايدۇ . ھالبۇكى ، تۇرمۇشتا يەنە ناگان – ناگاندا ئىستېتىك تۇيغۇغا باي تراگېدىيىلەرمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ . ئەگەر مۇشۇ تراگېدىيىلەردىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى چىن ، ھەقىقىي بولىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كومېدىيىلىك تۈسى قىزىقىشىمىزنى قوزغايدۇ . شۇندىلا ئۆزىمىزنى بۇ تراگېدىيىنىڭ بىر پېرسۇناژى ئەمەس ، بەلكى تاماشىبىنى ، توغرىراقى ھەم پېرسۇناژى ، ھەم تاماشىبىنى ئىكەنلىكىمىزنى بايقايمىز . شۇنىڭ بىلەن ، ئۆزىمىزنى سىنچى كۆزلىرىمىز بىلەن كۆزىتىشكە باشلايمىز – دە ، تراەېدىيىنىڭ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرى بىزنى مەپتۇن قىلىپلىۋالىدۇ . ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن مۇشۇ تراگېدىيىنى ئالايلى ، مانا سىبىلمۇ سىزنى زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى . بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولسىچۇ كاشكى ، شۇنداق بولغان بولسا ، قالغان ئۆمرۈمدە مۇھەببەتتىن ئۆزگىگە كۆڭلۈمنى بەرمەي ئۆتۈپ كېتەر ئىدىم . مېنى زىيادە ياىشى كۆرىدىغانلار يوق ئەمەس بار . لېكىن ئانچە كۆپ ئەمەس . بىر – بىرمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ئايرىلىپ كېتىشكەنلەرنىڭ ئىچىدە نەچچىسى تېخىچە ھايات ياشاۋاتىدۇ ، بەزىلىرى بېيىپمۇ كەتتى . ئۇچرىشىپ قالساقلا ، ئۇلار ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالىدۇ . گاھىدا ھەيران قالىمەن ، ئاياللارنىڭ خاتىرىسى ئاجايىپ ياخشى بولىدىكەنيۇ ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئاجايىپ كۈچلۈك خاتىرىسى زېھنىنى جايىدىلا توختىتىپلا قويىدىكەن !بىز ھاياتنىڭ جۇشقۇنلۇقى ، رەڭدارلىقىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەككى ، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق – چۈششەك چاكىنا تەپسىلاتلىرىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك .

– باغچامغا ئەپيۇنگۈل ③ تېرىپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ ، – دېدى دورىيان ئۇھسىنىپ قويۇپ .

– ئۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، – رەددىيە بەردى لورد ھېنىرى ، – ھاياتنىڭ ھەرقانداق چېغىدا ئەپيۇنگۈل كەم بولمايدۇ . ئەلۋەتتە ، بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس . ئىلگىرى مەنمۇ ئاسانلىقچە ئايىغى چىقمايدىغان بىر مۇھەببەتكە ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن رومانتىكراق بولسۇن دەپ ، يېزىچە رۇخسار گۈلى تاقاپ يۈردۈم . نىھايەت مەن بىزار بولغان ئۇ مۇھەببەت گۇمران بولدى . ئەمما نېمە سەۋەبتىن گۇمران بولغانلىقىنى ھازىر ئەسلىيەلمەيمەن . ئېھتىمال ئۇ ئايالنىڭ مەن ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشكە رازى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك . ئۇ مەن ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشكە رازى بولغان ئاشۇ دەقىقە ماڭا ناھايىتى قورقۇنچلۇق تۇيۇلدى ، ھەم شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ۋۇجۇدۇمنى ۋەھىمە ، قورقۇنچى چىرمىۋالدى . بىر گەپنى دېسەم ئىشىنەرسىزمۇ ؟ ئالدىنقى ھەپتە ھامپىشىر خانىمنىڭ ئۆيىگە كەچلىك زىياپەتكە باردىم ، خامپىزىر خانىم يېنىمدىلا ئولتۇرۇۋېلىپ ئۆتكەن ئىشلارنى چۇۋۇپ ، كونا خاماننى سورىغىلى تۇردى . ھېلى ئۆتمۈشتىن ، ھېلى كەلگۈسىدىن گەپ ئېچىپ توختىماي سۆزلىدى . مەن ئۇ رومانتىك ئەسلىمىلەرنى ئاللىقاچان ۋىنكا گۈلى④ تەشتىكىگە دەپنە قىلۋەتكەن ئىدىم . خامپىشىر خانىم ئۆتمۈشىمىزنى تىلغا ئېلىپ ، مېنى «تۇرمۇشىمىزنى خانىۋەيران قىلدىڭىز» دېدى . ئۇنىڭ ئىشتىھاسى بۆلەكچىلا ياخشى ئىدى ، ئاغزى بېسىقماي بىر نەرسە يەيىتتى . شۇڭا مەندە ئەنسىرەشتىن قىلچە ئەسەر يوق ئىدى . شۇ تاپتا ئۇ كۆزۈمگە تولىمۇ تېتىقسىز كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى . ئۆتمۈش دەل ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا سۆيۈملۈك . ئاياللار مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئويۇننىڭ پەردىسىنىڭ قاچان يېپىلىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ . ئويۇن ئاخىرلىشىپ بولغان بولسىمۇ ، يەنىلا 6 – پەردىسى ئېچىلىپ قالارمىكىن دەپ تاماشا قىلىشىدۇ . ئويۇننىڭ ھاياجىنى بېسىلماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ يەنە داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ . ئەگەر ئۇلارنىڭ رايىغا باقىدىغان بولسا ، ھەرقانداق كومېدىيە تىراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، تراگېدىيە بولسا قىزىقچىلىق بىلەن تامام بولىدۇ . ئۇلار بۇ ئويۇندا رولنى شۇنچىلىك ياخشى ئالىدۇ – يۇ ، ئالغان رولىنىڭ قىلچە ئىستېتىك تۇيغۇسى بولمايدۇ . بۇ جەھەتتە سىز ماڭا قارىغاندا جىق تەلەيلىككەنسىز . راستىنى ئېيىتسام دورىيان ، مەن تونۇيدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىسى تېخى ماڭا سىبىل سىزگە قىلغانچىلىك قىلىپ باقمىدى . چاكىنا ئاياللار ئۆزىنى بەزلەشكە ئۇستا كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى ئۇچىسىغا غەمكىن تۈس بېرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىۋالىدۇ . يېشى مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ، سۆسۈن رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ . يېشى 35 تىن ئېشىپمۇ توخۇڭ لېنتىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارغىمۇ ئىشەنمەڭ . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ كەچمىزلىرى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بەزى ئاياللار ئەرلىرىدىكى بىرەر ئارتۇقچىلىقنى بايقىۋالغابلىقىدىن غايەت زور تەسەللىيگە ئېرىشىدۇ ، خۇددى ئېرىنىڭ يامان يېرىدىن تۇتۇۋالغاندەك ، چېھرىدە نىكاھنىڭ بەخىت نۇرلىرى چاقناپ كېتىدۇ . بەزى ئاياللار دىندىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ . ئىلگىرى بىر ئايال ماڭا : «دىنىي مۇراسىملارنىڭمۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقا ئوخشاش ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان يەرلىرى كۆپ» دېگەنىدى . بۇنىسى ماڭا ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىشلىك . ئۇنىڭدىن باشقا ، ھازىر كىشىلەر گۇناھكار دەپ قارالغاندىلا ئاندىن ساختا شان – شەرەپ قازىنىش ئىستىكى قانائەت تاپىدىغان بولۇپ قالدى . ۋىجدانىمىز بىزنى تولىمۇ شەخسىيەتچى قىلىۋەتتى . شۇنداق ، ئاياللارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشتىن تاپىدىغان تەسەللىيسى چەكسىز . ئەمەلىيەتتە مەن تەسەللىينىڭ ئەڭ نوچىسىنى تېخى تىلغا ئالمىدىم .

– تەسەللىينىڭ ئەڭ نوچىسى قايسى ھاررى ؟ – سورىدى دورىيان پەرىشان ھالدا .

– ھەي ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپ ، باشقىلارنىڭكىنى تارتىۋېلىش تەسەللىينىڭ ئەڭ نوچىسى دېگەن شۇ . يوقىرى قاتلام جەمئىيىتىدە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن داڭ چىقارغان ئاياللار كۇرمىڭ . لېكىن ، شۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز بولماۇدۇ دورىيان ، سىبىل ۋېيىن باشقا ئاياللارغا زادىلا ئوخشىمايدۇ . مېنىڭچە ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە ۋايىغا يەتكەن بىر گۈزەللىك بار ئىكەن . مەن ئۆزۈمنىڭ مۆجىزىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر دەۋردە ياشىيالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇشال . بۇ مۆجىزىلەر بىزنى رومانتىكلىق ، قايناق ھېسسىيات ۋە مۇھەببەتتىن ئىبارەت بىزگە بالىلارچە تۇيۇلىدىغان ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ .

– مەن ئۇنىڭغا بەك تاشيۈرەكىلىك قىلدىم . سىز بۇ نۇقتىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويۇۋاتىسىز .

– ئاياللار ئەنە شۇنداق ئۇچىغا چىققان تاشيۈرەكلىكلەرگە ئامراق كېلىدۇ ! ئۇلارنىڭ تەبىئىتى شۇڭا ئاشۇنداق ئاجىز ، نازۇك بولىدۇ . بىز ئۇلارغا ھۆرلۈك ئاتا قىلساقمۇ ، ئۇلار خۇددى ئىگىسىگە سادىق قۇلدەك ئەتراپىمىزدىن نېرى كەتمەيدۇ ، ئاشۇنداق ئۆزگىلەرگە باش ئېگىش ، ئىتائەت قىلىشتىن ھوزۇر ئالىدۇ . ئىشىنىمەن ، سىز شۇ چاغدا ناھايىتى قەيسەر بولۇپ كەتتىڭىز . مەن سىزنىڭ غەزەبلەنگەن ھالىتىڭىزنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم ، ئەمما تەسەۋۋۇر قىلالايمەن . شۇ چاغدا سىز ئاجايىپ جەلىپكار بولۇپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن . ئۈلۈشكۈن دېگەن گەپلىرىڭىزنى خام خىيال دەپ قاپتىمەن . لېكىن ، ئەمدى چۈشەندىم ، گېپىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار ئىكەن .

– قايسى گەپنى دەيسىز ھاررى ؟

– سىز ماڭا : «سىبىل ۋېيىن مەن ئۈچۈن مۇھەببەت ھېكايسىدىكى بىر ئايال پېرسۇناژ . ئۇ بىر كۈنى دېسدىمونىڭ رولىنى ئالسا ، بىر كۈنى ئوپېلىيانىڭ رولىنى ئالىدۇ.جۇلىتتا بولۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئىمۇگىن بولۇپ تىرىلىدۇ» دېمىگەنمىدىڭىز ؟

– ئەمدى ئۇ ئىككىنچىلەپ تىرىلمەيدۇ ، دېدى دورىيان يۈزلىرىنى چاڭگاللاپ ھەسرەت بىلەن .

– شۇنداق ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى رولىنى ئېلىپ بولدى ، ئەمدى تىرىلمەيدۇ . سىز ئاشۇ چۆلدەرەپ قالغان ئەسكى تىياتىرخانىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە يۈز بەرگەن بۇ غېرىبانە ئۆلۈمنى جاكوبىن دەۋرىدىكى تراگېدىيىنىڭ ئېھىنىشلىق بىر بۆلۈكى ، ۋېبىستىر ، فورد ، كىرىل ، تۇرنېرلارنىڭ ④ قالتىس كومېدىيىلىرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ . سىبىل ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رېئال تۇرمۇشىدا ياشاپ باقمىغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھەقىقىي ھېسابلانمايدۇ . ھېچبولمىغاندىمۇ ، ئۇ سىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر چۈش ، شېكىسپىرنىڭ دراممىلىرىدا ئەگىپ يۈرىدىغان بىر ئالۋۇب روھ ، شېكىسپىرنىڭ دراممىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىغا سېھرىي كۈچ ، يېقىملىق كۈي ئاتا قىلىدىغان بىر نەي . ئۇ رېئال تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان ھامان گۇمران بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ بۇ تراگېدىيىگە دۇچار بولغان . خالىسىڭىز ئوپېلىيا ئۈۈچن قارىلىق تۇتسىڭىزمۇ ، كوردىليانىڭ دارغا ئېسىلغانلىقىدىن ئازابلىنىپ بېشىڭىزغا كۈل چاچسىڭىزمۇ بولىدۇ . برابانتىيونىڭ قىزىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ھەسرەتلىنىپ تەڭرىنى قارغىسىڭىز قارغاڭكى ، ھەرگىزمۇ سىبىل ۋېيىن ئۈچۈن ياش تۆكمەڭ . سىبىل چىنلىقتا ئاشۇلارنى ھەرگىزمۇ بېسىپ چۈشەلمەيدۇ .

ئارىنى بىر ھازا سۈكۈت قاپلىدى ، ئەتراپقا ئاستا – ئاستا گۈگۈم پەردىسى يېيىلىپ ، ئۆينى قاراڭغۇلۇق ئۆز ئىلىكىگە ئالدى . بىر نەچچە يوچۇن كۆلەڭگە گۈللۈكتى ئاستاغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ، غىلمىسسىدە ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى . ئۆيدىكى جىمى نەرسە تولىمۇ سۆرۈن بىر تەرزدە كۆزگە تاشلىناتتى .

دورىيان خېلىغىچە ئۈندىمەستىن جىممىدە تۇرۇۋېلىپ بېشىنى كۆتۈردى .

– سىز مېنى ئۆز – ئۆزۈمگە ئوپراتسىيە قىلىپ بەردىڭىز ھاررى ، – دەپ پىچىرلىدى دورىيان ئۇھسىنىپ قويۇپ ، – سىز گويا ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەك ، ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئەينەن دەپ بېرىۋاتسىز . لېكىن ، مەن بۇ تۇيغۇلاردىن قورقىمەن ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن . سىز مېنى بەش قولدەك چۈشىنىدىكەنسىز . ئەمدى ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشمايلى . ئۇنى مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئاجايىپ بىر سەرگۈزەشتە دەپلا بىلىمەن ، خالاس . بىلمىدىم ، ھايات ماڭا يەنە قانداق ئاجايىپ قىسمەتلەرنى ئاتا قىلىدىكىن .

– ھايات سىزگە ئاتا قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىپ بولغان ، دورىيان . سىزگە مانا مۇشۇنداق ھېچكىمدە يوق قاملاشقان رەڭگى – رۇخسار ئاتا قىلغىنىمۇ يەتمەمدۇ ؟

– لېكىن ، ھارراى ، مېنىڭ قېرىپ چىرايىمدىن كەتكەن ، چىرايىمنى يول – يول قورۇقلار باسقان ھالىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە . شۇ چاغدا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟

– ھە ، ئۇ چاغدا ، – لورد ھېنىرى شۇنداق دەۋېتىپ مېڭىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى ، – قەدىرلىك دورىيان ، ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە غەلىبە قىلىش ئۈۈچن كۈرەش قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى غەلىبىلەرگە ھېچقانداق كۈرەش قىلمايلا ئېرىشىپ قالغان . ياق ، سىزمۇ مۇشۇ قاملاشقان چىرايىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك . ھازىر كىشىلەر كىتابنى كۆپ ئوقۇۋېتىپ ھاماقەتلىشىپ كەتتى . جىق ئىشلارنى كاللىسىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ، چىرايىدىن كېتىشتى . شۇڭا سىز بولسىڭىزمۇ چىرايىڭىزنى ئاسراڭ . دەرھال كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ ، پەيتۇنۇم بىلەن كۇلۇبقا بېرىپ كېلىمىز . ھېلىمۇ بەكلا كاچ قالدۇق .

– بولمىسا ئىككىمىز تىياتىرخانىدىلا كۆرۈشەيلى ھاررى . سەل چارچاپ قاپتىمەن ، بىر نەرسە يېگۈممۇ يوق. ئاچىڭىز قانچىنچى نومۇرلۇق ئايرىمخانىدا ئولتۇرىدىغان بوپتۇ ؟

– 27 – نومۇرلۇق ھەشەمەتلىك ئايرىمخانىغۇ دەيمەن . ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىگە قارىسىڭىز ، ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرىسىز . كەچلىك تاماقنى مەن بىلەن بىللە يېمىگىنىڭىزدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم .

– راستىنلا بىر نەرسە يېگۈم يوق ، – دېدى دورىيان تولىمۇ روھسىز قىياپەتتە ، – لېكىن دېگەنلىرىڭىز مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالدى . سىز مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇمكەنسىز . ھېچكىم مېنى سىزدەك چۈشىنىپ باقمىغان .

– دوستلۇقىمىز تېخى ئەمدى باشلاندى دورىيان ، – دېدى لورد ھېنىرى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، – خوش ئەمىسە ، سائەت 9:30 دا كۆرۈشەيلى . پەتتىنىڭ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ . لورد ھېنىرى ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتىشىگە ، دورىيان قوڭغۇراقنى باستى . خىزمەتكار ۋىكتور چىراغ كۆتۈرگىنىچە ھايالشىمايلا كىرىپ كەلدى ۋە چىراغنى دەرىزە تەكچىسىگە قويدى . دورىيان خىزمەتكارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە بىتاقەت بولۇۋاتاتتى . ئەمما خىزمەتكار بىر ئىشى باردەكلا ئۆيدە تىمسىقلاپ يۈرەتتى .

خىزمەتكار چىقىپ كېتىشى بىلەنلا دورىيان رەسىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە پەردىنى قايرىۋەتتى . رەسىمدە يېڭى ئۆزگىرىش بولمىغانىدى . رەسىم سىبىل ۋېيىننىڭ ئۆلۈمىدىن ئۇنىڭدىن بۇرۇن خەۋەر تېپىپ بولغانىدى . دورىياننىڭ تۇرمۇشىدا نېمىلا ئىش يۈز بەرمىسىۇن ، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇراتتى . رەسىمنىڭ جاۋغىيىدا قېتىپ قالغان ھېلىقى شەپقەتسىزلىك نۇرلىرى چوقۇمكى سىبىل زەھەرلىك دورا يەۋالغان چاغدا پەيدا بولغان گەپ . ياكى ئۇ رەسىم دورىياننىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىنىڭ نېمە نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەس ؟ ئەجىبا ئۇ روھىي تىۋىشلاردىن ئۆزگىگە دىققەت قىلمامدىغاندۇ ؟ ئۇ چەكسىز بىر ئىزتىراپ ئىچىدە قالغانىدى ، «رەسىمنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ بولارمۇ» دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزەتتى . ئۇ شۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ۋۇجۇدىغا ئىختىيارسىز تىتىرەك ئولاشتى .

بىچارە سىبىل ، خويمۇ رۇمانتىك ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى دېسە ! ئىلگىرى سەھىنىلەردە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ رولىنى ئالاتتى ، مانا ئەمدى ، ئەزرائىل ئۇنىڭ جېنىغا چاڭگال سېلىپ ، ئۇنى جەھەننەمگە ئېلىپ كەتتى . ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاشۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشنى قانداق ئوينىغان بولغىيىتتى ؟ نەپىسى توختاشنىڭ ئالدىدا دورىيانغا لانات ئوقۇغان بولغىيمىتتى ؟ ياق ، ئۇ دورىياننى زىيادە ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىلدى . مۇھەببەت دورىيان ئۈچۈن سىبىلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان دەقىقىدىن باشلاپ ئەڭ مۇقەددەس نەرسىگە ئايلاندى . ئۇ گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلدى . دورىيان ئەمدى تىياتىرخانىدىكى ھېلىقى قورقۇنچلۇق ئاخشامدا سىبىلنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا مۇپتىلا قىلغانلىقىنى ئىككىنچىلەپ خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ . ئۇنى پەقەت گۈزەللىكتە ۋايىغا يەتكەن تراگېدىيە ئارتىسى ، سەھىنىلەردە مۇھەببەتنىڭ چىنلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن يارالغان مۇقەددەس ئىنسان سۈپىتىدە ئەسكە ئالىدۇ . ئۇ قانداقمۇ گۈزەللىكتە ۋايىغا يەتكەن تراگېدىيە ئارتىسى بولسۇن ؟ سىبىلنىڭ بالىلارچە سەبى چىرايى ، كىشى قەلبىنى ساماۋى خىياللار قوينىغا غەرق قىلىدىغان خۇشپىچىم ھەرىكەتلىرى ، نازاكەتلىك ، تارتمىلىق كەلگەن قىياپىتىنى ئەسلەۋاتقان دورىياننىڭ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز يىغا ياماشتى . ئۇ ياشلىرىنى ئالدىراپقىنا سۈرتۈۋېتىپ ، رەسىمگە قايتىدىن نەزەر تاشلىدى .

ئۇ تۇرۇپلا تاللاش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى . بەلكىم ئۇ بۇ ھەقتە ئاللىبۇرۇن قارار چىقىرىپ بولغان بولغىيىتتى ؟ شۇنداق ، ھايات ۋە ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان چەكسىز ئارزۇ – ئارمانلىرى قارارنى ئۇنىڭ ئورنىدا چىقىرىپ بولغانىدى . ئۇ مەڭگۈ سولماس ياشلىق باھارى ، قاندۇرۇپ بولمايدىغان ئارزۇ – ئىستەكلەر ، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سىرلىق ھوزۇر – ھالاۋەتلەر تەلۋىلەرچە شادىمانلىق ۋە چېكىگە يەتكەن ئەسەبىي چۈشكۈنلۈكنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا تەل بولۇشىنى ئىستەيىتتى . ئۇنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى ، شەرمەندىلىكلىرى بولسا رەسىمگە يۈكلىنەتتى . بۇ مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىش ئىدى .

ئۇ رەسىمنىڭ قاملاشقان رەڭگى – رۇخسارىنىڭ جاۋغىيىدا قېتىپ قالغان بىلىنەر – بىلىنمەس بىر شەپقەتسىزلىك نۇرى سەۋەبىدىن پايخان بولغانلىقىنى ئويلاۋېتىپ ، ئىختىيارسىز پىچاق تىققاندەك بىر ئاغرىق پۈتۈن ۋۇجۇدىغا يامرىدى . ئىلگىرى ئۇ بالىلارچە قىلىق قىلىپ ، ناركىسسۇسنى دورىغان ، رەسىمدىكى قاملاشقان سىمانىڭ چىرايلىق لەۋلىرىگە سۆيۈپ باققان قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى . مانا ئەمدى ئۇ لەۋلەر ئۇنىڭغا شەپقەتسىزلەرچە ھىجىيىپ تۇرماقتا . ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپلا رەسىمنىڭ ئالدىدا ئۇزۇندىن – ئۇزۇن ئولتۇراتتى ، رەسىمدىكى سىمانىڭ تەڭداشسىز رۇخسارىدىن بىھۇش بولاتتى ، گاھىدا ئۇنى ياخشى  كۆرۈپ قالغاندەك بىر تۇيغۇدىمۇ بولاتتى . بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تىز پۈككەن ھەربىر ئېزىقتۇرۇش رەسىمدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلارمۇ ؟ چىرايىدىن مۇدھىش يېغىپ تۇرىدىغان يىرگىنىچلىك بىر سىماغا ئايلىنىپ قاراڭغۇ قازناقلارغا سولىنىپ ، ئاشۇ ئالتۇنرەڭ چاچلىرىنى كۈچلۈك نۇرلىرى بىلەن جۇلالاتقان نۇرلۇق قوياش بىلەن ئەبەدىي ۋىدالىشارمۇ ؟ ئېسىت ! ھەي ئېسىت !

توساتتىن ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزى بىلەن رەسىم ئوتتۇرىسىدا روي بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق تۇيغۇغا مۇشۇ يەردە ھالاقىت بېرىش ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىش ئىستىكى قوزغالدى . ئەگەر ئۇنىڭ ئىلتىجاسى ئىجابەت بولۇپ رەسىمدە ئۆزگىرىش بولسا ، يەنە بىر ئىلتىجا ئارقىلىق ئۇنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان قىلىش مۇمكىن بولاتتى . ھالبۇكى ، ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان كىشى ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان قىلىش مۇمكىن بولاتتى . ھالبۇكى ، ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان كىشى ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش پۇرسىتىدىن قانداقمۇ ۋاز كېچەلىسۇن ؟ بۇ پۇرسەت بەلكىم ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەسلىكى ، جانغا زامىن بولىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بۇ ئىش راستىنلا ئۇنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالارمۇ ؟ ئۇنىڭ قىلغان ئىلتىجالىرى راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن رەسىمنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويالارمۇ ؟ ئەجىبا بۇنىڭدا ئاللىقانداق سىرلىق ئىلمىي داۋلىلار يوقمىدۇ ؟ ئىدىيە قېنى بار بىر شەيئىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەن يەردە ، جانسىز شەيئىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەسمۇ ؟ ياق ، ئىدىيە ياكى ئاڭلىق يوسۇندىكى ئارزۇ – ئىستەكلەر بولمىغان تەغدىردىمۇ ، ۋۇجۇدىمىزنىڭ سىرتىدىكى شەيئىلەر روھىي كەيپىياتىمىز ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىمىز بىلەن تەڭ لەرزىگە كەلمەسمۇ ؟ ئاتوم بىلەن ئاتوم ئارىسىدا سىرلىق تارتىش كۈچى ۋە يېقىنچىلىق تۈپەيلى ، ئۆز ئارا بېقىنىش يۈز بەرمەسمۇ ؟ لېكىن ، سەۋەب ئانچە موھىم ئەمەس . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ھەرقانداق ۋەھىمىلىك بىر كۈچنى ئىلتىجا ئارقىلىق سىناق قىلىشىقا رەۋىتى يوق ئىدى . رەسىم ئۆزگىرىمەن دېسە ، ئۆزگىرىۋەرسۇن . ئۇنچىۋالا ۋايىم يەپ نېمە كەپتۇ ؟

رەسىمنى ئىنچىكىلەپ كۈزىتىش ھەقىقەتەن ھوزۇرلۇق ئىش ئىدى ، ئۇمۇ شۇ باھانىدا ئايىغى چىقمايدىغان ئاشۇ ئوي – خىياللىرىغا ئەگىشىپ ، سىرلىق روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكەلەيىتتى . شۇ تاپتا بۇ رەسىم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر سىرلىق ئەينەككە ئايلانغان ، ئۇ ئەينەككە ئۆز ۋۇجۇدىنى نامايان قىلسا ، ئەينەكمۇ ئۇمىڭغا روھىيىتىنى زاھىر قىلىدىغان بوپ قالغانىدى . رەسىم ئۈچۈن جۇدۇنلۇق قىش بولسا ، ئۇنىڭ ئۈۈچن تومۇز ياز بولاتتى . رەسىمنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى قېچىپ ، كۆزلىرى خۇنىنى يوقىتىپ پىلدىرلاپ قالسا ، قاملاشقان رەڭگى – رۇخسارى بىلەن بەردەم تۇراتتى . ئۇنىڭ ئاجايىپ قاملاشقان چىرايى گويا يېڭىلا ئېچىلغان ، ئاسانلىقچە سولاشمايدىغان بىر گۈل ئىدىكى ، ۋۇجۇدىدىكى تومۇرلار زەئىپلەشمەكتە يوق ، ئاجايىپ شوخلۇق بىلەن تېز – تېز سوقاتتى . ئۇ گويا گېرك ئىلاھلىرىدەك بەردەم ، چەبدەس ، شاد – خۇرام ياشايدۇ .

ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە پەردىنى رەسىمنىڭ يۈ‍زىگە سۈرۈپ قويدى – دە ، ھوقرىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتكار ھوجرىدا ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يۆتكىشى ئۈۈچن تەق بولۇپ تۇراتتى . بىر سائەتتىن كېيىن ، ئۇ تىياتىرخانىدا بولىدۇ ، لورد ھېنىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ گەپ قىلىپ بېرىدۇ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11102

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: