پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1949- يىلى ماۋزېدۇڭ نېمىشقا تەيۋەننى ئىگىلىمىدى؟

1949- يىلى ماۋزېدۇڭ نېمىشقا تەيۋەننى ئىگىلىمىدى؟

ۋېن جەي

ئەخەت ئابلىز تەرجىمىسى

بۇ مەسىلىگە قارىتا تارىخشۇناسلاردىن ۋېي رۇي مۇنداق قاراشقا كەلگەن: 1949- يىلى 10- ئاي ۋە 11- ئايدا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 3- دالا ئارمىيىسى جىمىن، دېخەيگە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان پۇرسەتتە، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى دېڭىز ياقىىسىدىكى ئاراللارنى ۋاقتىنچە تىزگىنلەشكە مۇۋەپپەق بولدى 8 ئايدىن كېيىن ــ 1950- يىلى 6- ئايدا ئامېرىكا، چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 7- فىلوتنى تەيۋەن بۇغۇزىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ ،ئۇزاق مۇددەت بۆلۈنۈپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلدى. بۇ تەيۋەننى ئىگىلىيەلمەسلىكتىكى ئاساسىي سەۋەبتۇر .

ئەمەلىيەتتە ، 1949- يىلى ماۋزېدۇڭ ۋە مەركەز جياڭ جيېشى تەيۋەندە پۇت تىرەپ بولغۇچە ھۇجۇم قىلىش تەسەۋۋۇرىدا بولغان، بىراق ئالدىىن مۆلچەرلەشكە بولمايدىغان تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن، دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتەلمىگەن. كۆپ يىللاردىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ـــ پارتىيىمىزنىڭ 7- قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىقى. شۇ چاغدا جياڭ جيېشى تەيۋەندە تېخى مۇقىم پۇت دەسسەپ كېتەلىمگەن ئىدى، ئامېرىكىمۇ  تەيۋەندە تۇرۇشلۇق 7- فىلوتىنى چېكىندۈرگەن ئىدى. بۇنداق ئىكەن، بۇ ۋاقىت تەيۋەننى ئازاد قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىدى، بىراق، بىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. ۋەتەن چوڭ قورۇقلىقىدا جىياڭ جيېشى ئۇتتۇرۇپ قويدى، تەيۋەندە بىز ئۇتتۇرۇپ قويدۇق، بۇ چوڭ تارىخىي خاتالىق تۈزىتىۋالغىلى بولمايدىغان خاتالىق بولدى.»

زور ئىرادىگە ئىگە ھەربىي ئالىم ۋە سىياسىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن ماۋزېدۇڭ ئۆزىنىڭ بۇرۇن قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ھەربىر پۇرسىتىگە قاتتىق ئەپسۇسلاندى، ئۆزىنى كەچۈرگىسى كەلمىدى.

1949-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتنىڭ ۋەكىلى مىكويان ئىنتايىن مەخپىي ھالدا ج ك پ مەركىزى كومىتىتىنىڭ خېبېيدا تۇرۇشلۇق ئورنى شى بەيپۇدا پەيدا بولدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ماۋزېدۇڭ ئۇنىڭ بىلەن توپتوغرا ئۈچ كۈن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتە ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن جۇڭگونىڭ زىمىنى ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىش. پەرىزىمىزچە، ھازىر گومىنداڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە چېكىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ ، ئۇ يەردە يەنە ئامېرىكا مەسىلىسىمۇ بار، تەيۋەن ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، تەيۋەن مەسىلىسى شىزاڭ مەسىلىسىدىنمۇ مۇرەككەپلىشىپ، ئۇنى ھەل قىىلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، تەيۋەن مەسىلىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتىتىنىڭ يىغىن كۈن تەرتىپىگە رەسمىي قويۇلدى. 3- ئايدا مەركىزىي كومىتىت يىغىن ئېچىپ، پات ئارىدا قۇرۇلماقچى بولغان شەرقىي جۇڭگو بىيورۇسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى . يىغىندا ماۋزېدۇڭ : «يەنە تەيۋەننى قوشۇپ قويۇش كېرەك، بۇ جايغا قاتتىق دىققەت قىلماي بولمايدۇ. ئۇ يەردە دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە باشقا قىسىملار بار، خام ئەشىيا بار، سودا پۇرسىتى كۆپ» دەپ كۆرسەتتى . شۇ چاغدا شەرقىي جۇڭگو بىيۇرۇسىنىڭ  ھەربىي ئىشلىرىغا ئەمەلىي رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقىنى 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى باش قوماندانى سۇيۈ ئىدى، ئۇ ماۋزېدۇڭنىڭ نەزىرىدە جەڭ قىىلىشقا ئەڭ ماھىر بەش چوڭ قومانداننىڭ بىرسى ئىدى،سۇيۈ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «شاڭخەينى ئازاد قىلغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە تەيۋەنى ئازاد قىلىش بولۇپ قالدى، فۇجىيەنگە ئەسكەر كىرگۈزۈش ــ قالدۇق دۈشمەننى تازىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىس .» روشەنكى، ماۋزېدۇڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتقانىدى .

شۇ چاغلاردا «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقامدۇ- يوق، شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى ۋە تەيۋەننى بىۋاستە ئەسكەر ئەۋەتىپ قوللامدۇ- يوق» دېگەن مەسىلە تېخى نامەلۇم ئىدى، سىتالىن تېخىمۇ ئەنسىرەيىتتى، ماۋزېدۇڭ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتىتىمۇ يۈكسەك ھۇشيارلىقىنى ساقلىمىسا بولمايتتى. مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن 2- دالا ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان دېڭ شىياۋپىڭ  3- ئاينىڭ 14- كۈنى ئارمىيىدىكى لىيۇ بوچىڭ ، لىداغا تېلىگىرامما ئەۋەتىپ ، 2- دالا ئارمىيىسى چاڭجىياڭ دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن  « ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي جۇڭگودا تۇرۇپ قېلىشىنى، يېڭى ھەرىكەت قوللانماسلىقنى» تەلەپ قىلدى. ئەتىسى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ج ك پ مەركىزىي كومېتېتىغا ۋەكالىتەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ: «جۇڭگو خەلقى تەيۋەننى چوقۇم ئازاد قىلىدۇ» دېدى. بۇ چاغدا جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسىمى ئاساسلىق تىركىشىش جەڭگاھىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

ئىككى ئايدىن كېيىن، 5- مئاينىڭ 23- كۈنى ماۋزېدوڭ ئەسلىدىكى سىتراتېگىيىلىك تەردبىرلەرنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. يىغىندا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومېتېتىنىڭ نامىدا تېلېگرامما يوللاپ، ئىككىنچى دالا ئارمىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەسكەرلەرنى بۆلۈۋېتىش شەرقىي قىسىمنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، تەيۋەننى ئازاد قىلىش قەدىمى ئاستىلاپ قالمىدى. ماۋزېدوڭ شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان 3- دالا ئارمىيىسى 9- بىڭتۈەنىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. 10- بىڭتۈەننى فۇجيەنگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ، فۇجۇ، شيامېن قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن جىنمىننى ئىگىلەپ، تەيۋەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن تاشقىي توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە ئەۋەتتى.

6- ئاينىڭ 21- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومېتېتى سۇيۈغا يەنە: «تەيۋەننى ئازاد قىلىشقا تەييارلىق قىلىشنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئورۇنلايدىغان تۆت چوڭ خىزمەتنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتۇق» دەپ تېلېگرامما يوللىدى.

7- ئايدا ماۋزېدوڭ بىلەن جۇدې جۇڭنەنخەيدىكى يىنىيەنتاڭ زالىدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار: «سوۋېت ئىتتىپاقى بىزگە نەچچە ئون ئايروپىلان ياردەم قىلسىلا بىز ھاۋا بوشلۇقىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئازادلىق ئارمىيە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىيالايدۇ.» دەپ قارىدى. 7- ئاينىڭ 10- كۈنى جۇدېنىڭ تەكلىپ بويىچە ماۋزېدوڭ ئىچكى- تاشقىي جەھەتتىن ماسلىشىش، پارچىلاش، يىمىرىش، دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش چارىسىنى قوللىنىپ، «بىر قەدەر تېز ۋاقىت» تا تەيۋەننى ئازاد قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

ھالبۇكى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار يەنىلا مۆلچەردىكىدىن كۆپ بولدى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ماۋزېدوڭ مۇھىم نۇقتىنى غەربىي قىسىمغا قاراتقانلىقى سەۋەب بولدى. كەڭ كۆلەمدە ئايلىنىپ يۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە مۇھاسىرىگە ئېلىشتەك سىتراتېگىيىنى كۆزدە تۇتقاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

مارۋزېدۇڭنىڭ ئەسلىدىكى ئىستىراتىگىيىسىدە پېڭ دېخۇەينى ۋاقتىنچە قايتۇرۇپ كېلىپ ، 2- 3 – دالا ئارمىيىسىنىڭ فۇجيەن ۋە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا قوماندان قىلىشنى پىلانلىغاندى، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەخپىي زىيارەت قىلغان لىيۇ شاۋچى ماۋزېدۇڭغا سىتالىنىڭ مۇنداق بىر پىكىرىنى يەتكۈزدى. سىتالىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى: «تەيۋەن ھازىرچە ئەڭ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى شىنجاڭنى ئىگەللەش لازىم ، بۇ ئشنى چىڭ تۇتۇش ، ھەرگىز كەينىگە سۈرمەسلىك لازىم ، ئەگەر كەينىگە سۈرۈلسە ،ئەنگىلىيىكلەر شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدۇ .» سىتالىن 40 قىرغۇچى ئايروپىلان ياردەم قىلىپ، ج ك پ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا تېز سۈرئەتتە كىرىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىنىق بىلدۈردى (كېيىن ئايرودروم يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ئايروپىلاننى بەرمىدى). سىتالىننىڭ شۇ چاغدىكى ئاساسى مۇنداق ئىدى: ئەنگىلىيە ئامېرىكا ، بولۇپمۇ ئامېرىكا «تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، ئامرىكىنىڭ قول تىقىشىدىن بۇرۇن شىنجاڭنى ئېلىش كېرەك» دەپ  قارايتتى .

ماۋزىدۇڭ سىتالىننىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئويلاندى، ھەقىقەتەن سىتالىننىڭ پىكىرىگە سەل قاراشقا بولمايتتى. بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ماۋزېدۇڭ دەرھال لىيۇشاۋچىنى سىتالىنغا: «بىز پىكرىڭىزنى ئاڭلىدۇق ، ج ك پ شىنجاڭنى تېزرەك ئىگىلەشنى خالايدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى تاپىلىدى .7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۇ پېڭ دېخۇيگە: «سوۋېت ئىتىپاقى شىنجاڭنى بالدۇرراق ئىگەللەشنى ئۈمۈد  قىلىدۇ » دەپ تېلىگىرامما يوللىدى ۋە پېڭ دېخۇەيگە تەكلىپ  بېرىپ : «قىشقىچە دېخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) نى ئىگەللەڭلەر ، كېلەر يىلى ئەتيازغا قالدۇرماڭلار» دېدى .

لىيۇ شاۋچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ، مەركىزىي كومىتىت سىياسىي بىيۇرۇسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەكلىپ بېرىپ ھاۋا دېڭىز ئارمىيىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، تەيۋەننى ئازاد قىلىش مەسىلىسنى مۇزاكىرە قىلىپ ، لىيۇشاۋچنىڭ سىتالىنغا مۇشۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا  قويۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى ، سىتالىن قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنداق قىلساڭلار جەزمەن ئامېرىكا ئارىلىشىپ قېلىشى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى .

جىنمىننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى پارتىلىغان پەيىتتە گومىنداڭنىڭ ئۇ يەردە تۇرىۋاتقان قوشۇنلىرىدىن 12بىڭتۇەننىڭ ئادىمى كۆپىيىپ 40مىڭغا يېتىپ ،ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىدىغان قوشۇنلىرىدىن 8736 كىشى ئېشىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئازادلىق ئارمىيە ئۈچ يىللىق ئازادلىق ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، زەربىدالار ئارمىيىسى پۈتۈنلەي يوقالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ خەينەندەۋغا ھۇجۇم قىلىشقا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى .

گومىنداڭنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر ۋە بازىلارغا قاتتق ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى ، دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتق زىيانغا ئۇچراتتى. قارىغاندا، ج ك پ ئۆزىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىگىلا تايانسا ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى ،شۇڭا چەت ئەلنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىش ياخشى چارە ئىدى .

1949- يىلى 12-ئايدا ماۋزېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە باردى. 16- دېكابىر سىتالىن بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «گومىنداڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەيۋەندە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇردى. بىزدە ھازىر دېڭىز ئارمىيىسى كەمچىل. بۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئارالنى ئىگىلىشىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ، بىر قىسىم قوماندانلىرىمىز: ‹سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بەرسە، مەسىلەن، سېۋىت  ئىتىپاقىي پىدائىي ئۇچقۇچىلارنى ياكى  مەخپىي ئالاھىدە ھەربىي  ئىشلار  فىلوتىنى تەيۋەننى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن بولسا› دەيسۇ دېدى. سىتالىن: « مۇنداق ياردەم بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس ،ئەسلىي مۇشۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى. مەسىلە ئامېرىكىغا قول تىقىشقا پۇرسەت بەرمەسلىك . ئەگەر قوماندان ياكى ھەربىي مەشقاۋۇل كېرەك بولسا سىلەرگە ھەرقاچان ئەۋەتىپ بەرسەك بولاتتى ، ئەمما باشقا ئىشلارنى ئويلاپ باقمىساق بولمايدۇ »دەپ مۇجىمەل جاۋاب بەردى. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، سىتالىن ئامېرىكا بىلەن جەڭ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ ماۋزېدۇڭغا: «تېخىمۇ تاكتىكىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەيۋەننى ئازاد قىلىشقا بولامدۇ- يوق؟ مەسىلەن، تەيۋەنگە پاراشوتچى ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭ تەشكىللىگەندىن كېيىن ،ئاندىن ھۇجۇم قىلىشقا بولامدۇ يوق ؟» دەپ تەكلىپ بەردى .روشەنكى، بۇ بىر چەك باسمايدىغان باھانە ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا ئازادلىق ئارمىيىدە پاراشوتچى قىسىملار يوق تۇرسا، ھاۋا ئارمىيىسى قانداق قىلىپ پاراشوتچىلار قىسىملىرىنى تەيۋەنگە يۆتكەپ چۈشەلىسۇن ؟

تەيۋەنگە دەرھال ھۇجۇم قىلىش پىلانى شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسىز قېلىپ ، تەيۋەننى ساقلاۋاتقان قوشۇنلار تازا  پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشتەك ئەڭ ياخشى پۇرسەتمۇ كېتىپ قالدى .

2005- يىل 28- نويابىردىكى «گۇاڭجۇ تەرمىلەر گېزىتى» دىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمان: قەشقەر گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى تەرجىمانلار گورۇپپىسىدا

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2009- يىللىق2- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10488

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-26
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە؟ شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئامېرىكا ھەممە دۆلەتنى ئەنسىرتىدىكەن دىسە؟

  2. بىلىۋالدىم.رەخمەت سىزگە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: