پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1955- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى لاكسىنېسنىڭ نادىر ھېكايىسى: كۆك بېلىق

كۆك بېلىق

خالدور كىليان لاكسىنىس(ئىسلاندىيە)

(ھېكايە)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

خالدور كىليان لاكسىنىس ئىسلاندىيىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى، درامماتورگى، ئۇ 1902- يىلى ئىسلاندىيە پايتەختى رېيكياۋك شەھرى ئەتراپىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى بەك نامرات بولغانلىقتىن، مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. كىچىكىدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ سىيىرىنى سېغىپ بېرىش بەدىلىگە جېنىنى باققان. ئۆسمۈرلۈك چېغىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 17 يېشىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 19 يېشىدا تۇنجى ئەسىرى – «تەبىئەت ئوغلى» ئېلان قىلىنغان. بۇ بىبلىئوگرافىيىلىك ھېكايىدە ئۇ بالىلىق دەۋرىدە ھېس قىلغان تەبىئەتنىڭو گۈزەللىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، لاكسىنىسنىڭ بەدىئي ماھارىتى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلىنغان. ئۇ مۇشۇ ھېكايىسى بىلەن كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچۈن يول ئاچقان.

ئۇ مۇشۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ 10 يىلدىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا بارغان. گىرمانىيە، فىرانىسيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىپادىچىلىك، ھالقىما رېئالىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق ۋە جاھابگىرلىكنىڭ تەھدىتى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. ئۇ 1927- يىلى يازغان «كېسمىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» ناملىق ھېكايىسىدە بۇرژۇئا ئېتقادىغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئۇنى تەنقىد قىلغان. 30- يىللاردىن 40- يىللارغىچە بولغان ۋاقىت ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1931- يىلىدىن 1932- يىلىغىچە بولغان بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىسلاندىيە بېلىقچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رومان «سالكا ۋالكا» نى يېزىپ چىقىدۇ. 1934-، 1935- يىلىلىرى نامرات دېھقانلارنىڭ يەر ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مەشھۇر رومانى «مۇستەقىل خەلق» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ. 1937-، 1940- يىللىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن يىلدا بىر پارچە رومان يېزىپ چىقىدۇ. زوراۋانلىققا قارشى تۇرغان بىر شائىرنىڭ ئەگرى- توقاي ھايات كەچۈرمىشى تەسۋىرلەنگەن تېترالوگىيە (تۆت قىسىملىق رومان) «دۇنيانىڭ نۇرى»، «سۇمرالانت قەلئەسى»، «شائىرنىڭ ئۆيى» ۋە «ئاسمان گۈزەللىكى» نى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئەسەردە ئۇ كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ رەزىللىكىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلايدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇ تارىخىي رومان يېزىشقا باشلايدۇ. ئۇ دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىسلاندىيەنى 17- ئەسىردىن 18- ئەسىرگىچە ئىشغال قىلىۋالغانلىق تارىخىي پاكىتقا ئاساسەن «ئىسلاندىيە سېگنالى»(1943- يىل)، «قىسقا چاچلىق ئايال»(1944)، «كوپىنھاگىندىكى ئوت ئاپىتى خاتىرىسى»(1945- يىل) قاتارلىق ئۈچ تارىخىي روماننى يېزىپ چىقىدۇ. 1948- يىلى ئۇنىڭ ساتېرىك رومانى «ئاتوم پونكىتى» ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ بۇ روماندا ئۇگرا ئىسىملىك ئاددىي بىر ئايال خىزمەتكارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىش جەريانىىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسلاندىيە خەلقىنى ئويغىنىشقا، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دۇنيا تىنچىلىقىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي جىڭ قىلىشقا چاقىرق قىلىدۇ. 1952- يىلى دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى جەمئىيىتى ئۇنىڭغا خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتى بردىۇ.

بۇ كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى 30 دىن ئارتوق كىتاب يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلاندىيەنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بەدىئىي ئەنئەنىسىگە تەنقىدىي ۋارسلىق قىلىش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇلۇغۋار روھ، قىزغىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەسەرلىرىدە لىرىك ھېسسىيات بىلەن يۇمۇرنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋەتكەن، ئەسەرلىرى ئاچچىق مەسخىرە بىلەن تولغان بولۇپ، ئەسەرلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. «ئەسەرلىرىدە ئېپوسلارغا خاس جۇشقۇن روھ ئىسلاندىيەنىڭ بۈيۈك بايانچىلىق سەنئىتىنى قايتا گۈللەندۈرگەنلىكى» ئۈچۈن 1955- يىلى شەرەپ بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«كۆك بېلىق» لاكسىنىسنىڭ نادىر ھېكايىسى. ھېكايىدە ئاڭسىزلىق ئاسارىتىدە تۇرۇۋاتقان بىر بېلىقچىلىك كەنتىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەمدە 90 ياشتىن ھالقىغان كادار ئىسىملىك بىر موماينىڭ كۆك بېلىق ئادالاۋاتقاندا ئىپادىلىگەن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەشتەك روھىي ھالىتى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئازاب- ئوقۇبەت، مىسكىنلىك ۋە گاراڭلىق ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقان بېلىقچىلارنىڭ ھاياتقا بولغان بىر خىل يوشۇرۇن ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى ئېچىپ بېرىلگەن.

1

كۆك بېلىق[①] كەلدى.

ئۇنىڭ بۇ ئەتراپتى يوقاپ كەتكىنىگە 17 يىل بولغانىدى. 1909- يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇنى بۇ يەردە كۆرگىلى بولمىدى. ئەمما بۇ يىل يازدا ئۇ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى سېخىي قۇياشنىڭ ئۆز نۇرىنى بۇ بېلىقچىلىق كەنتىگە ئايىماي سەپكىنىگە ئوخشاشلا تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. كىشىلەرنى تەقدىرى چوڭقۇر سۇ ئاستىدا ياشايدىغان تولىمۇ ئەركە مۇشۇ جانلىققا باغلىق ئىدى.

كۆك بېلىق ئۆزىنىڭ غەلىتە خۇيى بىلەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنى بايمۇ، كەمبەغەلمۇ قىلىۋېتەلەيتتى. ئۇ خۇشال بولسا، بۇ بېلىقچىلىق كەنتى ئاۋاتلىشىپ كېتەتتى، كىشىلەرنىڭ كۈنىمۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى. ئۇ يەنە ھەت ئەللىك سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەلەيتتى. ئۇلار كەلسىلا، بۇ يەردە ماكان تۇتۇپ تۇرۇپ قالاتتى- دە، چۆنەتكلىرى پۇلغا توغاتتى. ئۇلار ئاشۇ كۆك بېلىقنىڭ ھىممىتىدە تاغ جىلغىلىرىغا ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلارنى سېلىشاتتى. ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدىكى قىزىل، كۆك، يېشىل سىر بىلەن سىرلانغان سودىگەرلەرنىڭ بەلگىلىرىمۇ بۆلەكچە كۆركەملىشىپ كېتەتتى. ئاشۇ سودىگەرلەر سەندىن مەن قالامتىم دېگەندەك ئىشىكىگە كۆركەم ۋىۋىسكىلارنى بەس- بەستە ئېسىۋېتىشەتتى. كۆك بېلىقنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىلەن تەڭ بېلىقچىلىق كەنتىدىكىلەر پۇت- قولىغا تەگمەي جىددىي ئىشلەپ كېتەتتى. ئىش كۆپ چاغلادا كىشىلەر تۈنبويى بىرەر سائەتمۇ كۆز يۇممايتتى. ئىشلىگەن سائىتىگە قاراپ ھەق بېرىلىدىغان ھەمدە جىق ئىشلىسە مۇكاپاتمۇ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار شۇنچىلىك جاپالىق ئىشلەيتتى. ئۇلار يازدا جىقراق ئىشلىۋالسا، قىشتا بالىلىرىنى رېيكياۋىكقا ئاپىرىپ مەكتەپتە ئوقۇتالايتتى، قىزلىرىغا بىر نەچچە قۇر يېڭى كىيىم ئېتىپ بېرەلەيتتى. سەل ئېشىنالىغانلىرى بولسا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى قاڭالتېر بىلەن ياپقۇزۇپ، چىرايلىق قىلىپ سىرلىتاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ كىچىك ئۆيلىرى پۇللۇق كىشىلەرنىڭ قەۋەت- قەۋەت سېلىنغان ئېسىل ئۆيلىرىدىن قېلىشمايتتى. بۇنداق باياشاتچىلىك مەزگىللىرىدە سودا- سېتىقچىلار مەيداندا بېلىقچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۆزئارا ھال- ئەھۋال سورىشىپ چاقچاقلىشىپ قويۇشاتتى.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆك بېلىق ئازلاپ كەتتى. بېلىقچىلار ئاۋۋالقىدەكلا تورلىرىنى يېيىشتى. ئەمما تورلىرىغا بىرەر تالمۇ بېلىق چۈشمىدى، تور ھەركۈنى تاشلاندى، ئەمما ئۇششاق- ئۇششاق بېلىجان ۋە راكلاردىن ئۆزگە تورغا ھېچنېمە چىقمىدى. مۇشۇ تەرىقىدە ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىككى جىلغا ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ دەريا گويا ئىچىدە بىر تىيىن پۇل قالمىغان ھەميانغا ئوخشاپ قالدى. مۇبادا ئاندا- ساندا كۆك بېلىق توغرىسىدىكى گەپلەر ئاڭلىنىپ قالدى دېيىلسە، ئۇمۇ باشقا جايلاردىن تارقالغان خەۋەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاچ- زىرىنلىق تۇرمۇش بېلىقچىلىق كەنتىدىكىلەرنى ھالسىرىتىپ قويدى.

بېلىقچىلىق كەنتى يىلدىن- يىلغا سۆرۈنلىشىپ، ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالدى. سودا- سېتىقچىلارنىڭ چاپانلىرى يىرتىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا قىرلاپ كىيىپ يۈرگەن ئىشتانلىرى بىلەن گالىستۇكلىرىنىڭ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتتى. ئۇلار مەيداندا دېھقانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولسا، بالدۇرقىدەك چاقچاقلىشىشقا رايى بارمايدىغان بولۇپ قالدى. ھېچكىممۇ ئالغان ماللىرىنىڭ قەرزىنى تۆلىيەلمىگەچكە، دۇكانلار كەينى- كەينىدىن تاقىلىپ قالدى. ۋەيران بولغان سودا- سېتىقچىلارنىڭ بەزىلىرى بانكىنىڭ خەير- ساخاۋىتىگە تايىنىپ، كەلگۈسىدە بىرەر چىقىش يولى چىقىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمىدتە كۈنلىرىنى سېرىقتال ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشتى. ھېچكىمنىڭمۇ بوران- چاپقۇن، يامغۇر- يېشىننىڭ تەسىرىدە تاملىرىغا چاك كەتكەن، سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئۆگزىسىگە سالغان قاڭالتېرلا ماكچىيىپ دات بېسىپ كەتكەن ئۆيلىرىنىڭ تاشقىي قىياپىتىگە ئېتىبار بەرگۈدەك رەۋىتى قالمىدى. ئىلگىرى شۇنچە چىرايلىق بېزەلگەن رەڭگارەڭ ئۆيلەر مانا ئەمدىلىكتە قېرىپ تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن قاشاڭ ئاتقا ئوخشاش تولىمۇ كۆرۈمىسز ھالدا بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بولدى. ئىلگىرىكى ئاشۇ نوچى ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي كاردىن كاردىن چىقىپ، بوران- چاپقۇن، يامغۇر- يېشىنلاردىن پاناھلانغىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۆگزىدىن ئاجراپ كەتكەن قاڭالتېرلار شامال چىقسا توختىماي لەپپەڭشىيدىغان بولۇپ قالدى. ئۆينىڭ ياغاچ پەلەمپەيلىرى چىرىپ كەتكەچكە، ئۈستىدە مېڭىش تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالدى. ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لەمپىلەر گۈمۈرۈلۈپ، يامغۇر ياغسا ئۇدۇل ئىشىككىلا چۈشىدىغان بولدى. ئارام ئېلىش كۈنلىرى كىشىلەر ئىلگىرىكىدەك بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشمەيدىغان، ئىسكىرىپكىلار كاردىن چىققاچقا، ياشلار بۇرۇنقىدەك ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان بولدى.

تېخى نەچچە يىل ئىلگىرىلا بۇ كەنتنىڭ «كېرىشى» لىرى[②] دەپ نام ئالغان نورۋېگىيەلىك سودىگەرلەر ئەمدىلىكتە ئىككى قىيا ئوتتۇرىسىدىكى دەريا قىرغىقىغا كىچىك دۇكانلارنى ئېچىپ، سوغۇقتا تارشىدەك قېتىپ كەتكەن قوللىرى كۆك تاماكا ۋە كەمپۈت دېگەندەك ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەرنى ساتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. كېتەلىگۈدەكلىرى بۇ يەردىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى. قېپقالغانلىرى بولسا ياز كۈنلىرى ي يول ياساش ئەمگىكىگە، يا زىرائەت ئورۇش ئىشىغا تۇتۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. ئاياللار ۋە بالىلار قۇرۇق ئوت- چۆپلەرنى ئورۇپ، قۇلۇم- قوشنىلىرى بىلەن بىرلىشىپ باققان سىيىرلارغا بېرىشەتتى.

قەھرىتان قىش يېتىپ كەلدى . . . بۇنداق چاغلاردا ھەممە كىشى ئۆيلىرىدە جىنچىراغنىڭ يورۇقىدا يۈز- كۆزىنى كىر باسقان بالا- ۋاقىسىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، قارا بولكا بىلەن سۇيۇق ئۇماچ ئىچىشەتتى. ئۇلار ھەركۈنى پىرېستانغا نەچچە رەت قاتراپ، ھاۋانىڭ ياخشى- يامانلىقىنى كۆزىتىپ كېلەتتى. قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق شامىلى ئۇلارنىڭ ئىش قىلمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان يالىڭاچ قوللىرىنى نەشتەردەك چاقاتتى. يەرلىك ئەمەلدارلار دائىم ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇراتتى. ئۇلار كەلسىلا پۇقرالارنى «ھۇ، ھاماقەت تىرىكتاپلار، كوچىلاردا لاغىلداپ ئۆيۈڭدىن چىقىشماي يۈرگۈچە، مۇشۇنداق بىكار چېغىڭدىن پايدىلىنىپ كىتاب ئوقۇپ، نەزەر دائىرەڭنى كېڭەيتدەڭ بولمامدۇ» دەپ تىللاپ داۋىسىنى بېرەتتى. رېيىكياۋىكتىكى داڭلىق ئەربابلار بۇ بېلىقچىلىق كەنتىگە كېلىپدىن، سىەھىيە ياكى سىياسىي توغرىسىدا ھەقسىز نۇتۇق سۆزلەيتتى. ئەمما باستېرلار، شۇ يەرلىك سوتچىلار ۋە دوختۇرلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ نۇتۇق ئاڭلىغىلى كەلمەسلىكى ئۇلارنى تولىمۇ ھەيران قالدۇراتتى. ئۇلار پۈتۈن ئۆمرى قەرز تۆلەش ۋە ئاچارچىلىق بىلەن ئۆتكەن بۇ بېلىقچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شېئىرىيەت پىرىغا چوقۇنمايدىغانلىقى، دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە ۋە ئەھمىيەتلىك نۇتۇقلارنى ئاڭلاشقا ئازراقمۇ قىزىقمايدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتى. يازىچە تۇتقۇدەك بېلىق چىقمايۋاتسا، ئۇلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش دېگەنلەر بىلەن نېمە كارى بولسۇن دەيسىز؟

ئۇلار بالىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيتتى. ئۇلار يىلىغا بىردىن بالا تېپىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ بالىغا ئامراقلىقىدىن ئەمەس ئىدى. بەلكى بۇ يەردە تامامەن باشقا سەۋەبلەر بار ئىدى.

بالىلارمۇ مانا مۇشۇنداق دېڭىز بويلىرىدا، كۆكتاتلىقلاردا، تۆت كوچا ئېغىزلىرىدا قىيغىتىشىپ ئويناپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ تىلى ئالدى بىلەن كىشىلەرنى تىللايدىغان ئەپسانە گەپلەر بىلەن چىقاتتى. ئۇلار ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمەي تۇرۇپلا ئوغرىلىقنى ئۆگىنىپ بولاتتى. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغان يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە باستېرلار «جاھان بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ» دېيىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئەمما ئۇلار بۇ بالىلارنىڭ 10 ياشقا كىرگەندىن كېيىن سەت گەپلەر بىلەن ئادەم تىللىمايدىغان بولۇۋاتقانلىقىغا، ئەدەب- قائىدىنى بىلگۈدەك بولغان چېغىدا[③] بولسا، چوڭلاردىنمۇ ئەدەبلىك بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايتتى.

2

ئەمما بۇ يىل يازدا كۆك بېلىق لىققىدە قاچىلانغان كېمىلەر جىلغىدىن كېچە- كۈندۈز توختىماي مېڭىپ تۇرىدىغان بولدى. ئىككى قىيا ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ بېلىقچىلىق كەنتىدىكىلەر كېچە- كۈندۈز دېمەي ئالدىراش ئىشلەپ كېتىشتى. ئىككى قىيا ئارىسىدا تاڭ ئاتقۇچە ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ماتور ئاۋازى بىلەن پۇل ئۈچۈن كېچىچە كىرپىك قاقماي ئىشلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۈرەن- چوقانلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتتى . . .

ئاياللار پرېستان بويىغا توپلاشتى، ئۇلارنىڭ يېشى بىر- بىرىدىن ئانچە چوڭ پەرقىلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇلار ئۇچىسىغا چاپان ۋە قىسقا پەلتولارنى بولۇشىغا كىيىۋېلىشقانىدى. چۈنكى ئۇلار كىيىمنى زامانغا لايىق ۋە يارىشىملىق بولۇش ئۆلچىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا تىكتۈرۈپ كىيەتتى. خىلمۇخىل دوپپا ۋە باش ياغلىقلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. بېلىقچىلىق كەنتىدىكى ئاياللار ئۆيلىرىدىكى ئىش- كۈشلىرىنى تاشلاپ ھەممىسى ئاشۇ ئالدىراش ئىش قاينىمىغا چۆكۈپ كېتەتتى. قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللار بالىلىرىنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇپ، ياتلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلار قىزلىق دەۋرىدىكى جىمى گۈزەل ئارمانلىرى مۇجەسسەملەنگەن تويلۇق كىيىملىرىنى تاشلاپ، چوكانلار ئۇزۇن ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بولماي، ئىچىۋاتقان قەھۋەلىرىنى ئىچىپ تۇرۇپ، ئولتۇرغان جايىدىن قوپۇپ ئالدىراپ- تېنىگىنىچە بېلىق ئادالىغىلى كېلەتتى. كىشىلەر گويا ئاشىقىنىڭ يولىغا زارىققاندەك دېڭىزنىڭ بويىدا ئاشۇ كۆك بېلىقنى بىتاقەتلىك بىلەن تولىمۇ ئۇزۇن كۈتەتتى. ئۇلار قوللىرىغا چۆمۈچ، گۈرجەكلىرىنى ئېلىشىپ، بۈگۈنكى بۇ ئولجىنى سۈزۈۋېلىشقا تەق بولۇپ تۇراتتى. تولىمۇ روھلانغان، ئۈستۋېىشى بېلىق قاسراقلىرى بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن كىشىلەر گۈرجەك بىلەن ۋالىلداپ تۇرغان بېلىقلارنى بېلىق تۇڭلىرىغا قاچىلايتتى. ئاياللار قىڭراقلىرىنى تۇتۇشۇپ بىر چەتتە تەقلىنىپ تۇراتتى. كىشىلەر شۇنچىلىك ئالدىراش، شۇنچىلىك خۇشال ئىدى. چۈنكى بۇ يەر بىلەن 17 يىل خوشلاشقان بېلىقلار بۇ بېلىقچىلىق كەنتىگە يەنە قەدەم تەشرىپ قىلغانىدى.

بازاردىكىلەرمۇ مۇشۇ ئىشتىن ئۆزگىنى ئويلىمايتتى. ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدا شۇ گەپ ئىدى. توغرىراقى، ھەرقانداق گەپ- سۆز، خىياللار مۇشۇ ئىشتىن نېرى كېتەلمەيتتى. كۆك بېلىق ئۇلارنىڭ قەلبىدە كلوندايىك ئالتۇنى بىلەن باراۋەر ئىدى. ئېرىق- ئۆستەڭ بويلىرىدا، كوچا- كوچىلاردا، دەريا بويلىرىدا، ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە مۇشۇ پاراڭ ئىدى، ھەتتا باستېر، دوختۇر ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ مۇشۇ گەپنى، يەنى كۆك بېلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ چوڭ ئىشنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان بولدى. تېخى توپتوغرا ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا بۇ كىچىككىنە بېلىقچىلىق كەنتىنى ئاھۇ- زار، قارغىش قاپلىغان، كىشىلەر ئاشۇ ئاھۇ- زار، قارغىش ئىچىدە 17 يىلنى ئۆتكۈزگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، بانكىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نەچچە كۈن ئىچىدىلا دېڭىزدىن بىر مىليون كرونا قىممىتىدىكى بايلىق سۈزۈۋېلىنىپتۇ. ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا بىر بېلىقچى ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سۈت فېرمىسىدا تۇرۇپ ئېچىنىشلىق نالە قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ فېرمىسىدىكى ئوت- خەسلەر قۇرۇدىلىنىپ قالغانىدى. ئۇ ئازراقلا قالغان ئوت- خەسنىڭ قېينىئىنىسى بىلەن شېرىكلىشىپ باققان سىيىرىنى بېقىشا يېتىش- يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، چېركاۋدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئەمدىلىكتە كۆك بېلىقنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بۇنداق قىيىن ۋەزىيەتمۇ ئوڭشالدى. ئىككى جىلغا ئارىسىدىكى بۇ دەريا ئەمدى ئالسا تۈگىمەيدىغان خەزىنىگە ئايلاندى. بېلىقچىلار تاپقان پۇللىرى بىلەن قەرزلىرىنى تۆلىۋالدى. ھەتتا مىلاد بايرىمىغا ئاتاپ مەي- شاراپ سېتىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردى. بۇمۇ ئەلۋەتتە بېلىقنى جىق تۇتۇش- تۇتماسلىق بىلەن باغلىق ئىدى. بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچىلىك كۆپ ئىشلار يۈز بەردىكى، ئەگەر مۇشۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ يازىدىغان بولسا، گەپ يوق بىر رومان پۈتەتتى.

كەمبەغەللەر باي بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ياخشى كۈنلىرى گويا بىر مەزگىللىك كەيپچىلىككە ئوخشاش ئۇزۇنغا بارمىدى. سودىگەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىمۇ ئۇششاق بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق تاپانچىسىنى ئېتىپ ئوينىغىنىغا ئوخشاش تولىمۇ تۇيۇقسىز يۈز بەردى. بەستىدىن كۈچ تېمىپ تۇرىدىغان قاۋۇل يىگىتلەر جېنى بىلەن ھېسابلاشماستىن ئارام ئالماي ئىشلەۋەرگەچكە، زىيادە چارچاش تۈپەيلى گەپ- سۆز قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي بېلىق دۆۋىسىدىلا جان بەردى. كەنتتىكى نى- نى تەمبەل كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە چارچاش ۋە ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئەقلىدىن ئادىشىپ، بەقەمدەك قىزارغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا ئالدىراش مېڭىپ يۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ دەرىزىسىنى چېكىدىغان، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاپ ئېتىلىدىغان بولۇپ قالدى. جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ كېسەللەر كارىۋاتتىن چاچراپ تۇرۇپ، دورىلارنى دوختۇرلارنىڭ بېشىغا ئاتىدىغان، تور يېيىپ بېلىق تۇتىمەن دەپ ئالدىراپ- تېنىگىنىچە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان بىر ئايالنى بېلىق ئادالاۋاتقاندا تولغاق تۇتۇپ كەتتى، كىشىلەر ئۇنى تولىمۇ تەسلىكتە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشتى. ئەمما ئۇ گويا ھېچئىش بولمىغاندەك ھايال ئۆتمەيلا يەنە بېلىق ئادالىغىلى كەلدى. بۇ چاغدا بىر توپ سىيىر كۆكتاتلىقتا ئوتلاپ يۈرەتتى، شۇ تاپتا يېلىنى سۈت بىلەن توشۇپ چىڭقىلىپ كەتكەن بۇ سىيىرلار كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىر سېغىۋېلىشىغا تولىمۇ مۇھتاج ئىدى. ئۇلار ياڭيۇلۇقنى رەھىمسىزلەرچە دەسسەپ- چەيلەشكە باشلىدى. بۇنى كۆرگەن بىر يىگىت دەريا بويىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ قولىدىكى يوغان كالتەكنى دىۋەيلەپ ئۇلارنى ياڭيۇلۇقتىن ھەيدەپ چىقىرەتتى.

3

بېلىق تۇڭىغا بىر ئېڭىشىپ، بىر ئۆرە بولۇپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ بېلى باشقىلارنىڭكىدىنمۇ بەكرەك مۈكچىيىپ كەتكەنىدى. كۆك بېلىق ئېشىپ- تېشىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئىشلەپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىدى. ئۇ ئىسىمى كادار ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا يىرتىلىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئەرەنچە چاپان كىيىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئۆڭۈپ كەتكەن چاپان كىشىگە ئىچىگە بېلىقنىڭ ئىچ- قارنى قاچىلىنىپ دەريا بويىغا قويۇپ قويۇلغىنىغا تولىمۇ ئۇزۇن بولغان كېرەكسىز تاغارنى ئەسلىتەتتى. ئۇ بوينىغا بىر پارچە قوڭۇر لاتا يۆگىۋالغان، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان پۇتىغا خۇرۇم ئاياغ كىيىۋالغانىدى. ھېچكىممۇ ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئاياغنىڭ خۇرۇم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەن ئادەم چىشلىرى چۈشۈپ ماكىلداپ قالغان، يۈزلىرىنى يول- يول قورۇق باسقان، كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن، ئىڭىكىدىكى شالاڭ تۈكلەر تىرتىيىپ تۇرغان بىر چىراينى كۆرەتتى. ئۇنىڭ چوكىدەك ئورۇق، جانسىز، قاداق باسقان قوللىرى ئىككى پارچە كونا لاتىغا ئوخشايتتى. مۇشۇ قوللارنىڭ پىچاق تۇتالايدىغانلىقىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئەمما ئاشۇ قوللار ئەتىگەن سائەت 6 دىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە بۇ يەردە بېلىق ئادالىدى. 90 ياشقا كىرگەن بۇ موماي تورغاي چۇچۇلىماستا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇشۇ يەردە توپتوغرا بىر كۈن كالىدەك ئىشلىدى. ئۇ بۇ پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئادالىغان بېلىقى ئۈچ تۇڭدىن ئاشمىدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىش ھەققىگە ئاران ئىككى كرونا 25 ئېۋىر پۇل كېلەتتى. بىچارە موماينىڭ ئىشلىگىنىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ئۇ شۇنچە ياشىغىنىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، بىر كىشىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ ئۇنچىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولالمىدى.

موماي ياش ۋاقتىدا كۈنىگە 40 تۇڭ كۆك بېلىق ئادالايتتى. شۇ چاغدا مۇكاپاتمۇ ئالغان، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، بېلىقلارنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئىش بېشى بۇرۇن كەنتتە ئېيتىلىپ يۈرىدىغان مۇنۇ ناخشىنى يادىغا ئالدى:

ئەي كادارىم،

تەڭلىشەلمەس ھېچكىم سەن بىلەن.

ئالدىراپ- سالدىراپ تۇرىسەن ئورنۇڭدىن، سەن ئادالىغان بېلىقلارنىڭ

سانىساقمۇ چىقماس ئاخىرى.

بىر چاغلاردا ھەر يەكشەنبە كۈنى كەنتتە بۇ ناخشا ياڭرايتتى. ئەمدىلىكتە بولسا، كادار دېگەن بۇ موماينىڭ ئىلگىرى مۇكاپاتلانغانلىقى، «كىت شىركىتى» دە ئىشلىگەن ھېلىقى چاغلىرى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇ «كىت شىركىتى» دە ئىشلىگەن چاغلىرىدا ئىشنى بەك تېز قىلاتتى.

ئىلگىرى ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلسا بىر ئۆي توشاتتى. بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەيلى، ئادەتتە بېلىقچىلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى خۇددى ئۆزلىرى ھەمىشە ھەپىلىشىدىغان ئاشۇ بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. موماي قېرىغاندا ئۆمرىنى بىر ئوغلىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ بۇ ئوغلى پۈتۈن بېلىقچىلىق كەنتى بويىچە ئەڭ نامرات بېلىقچى ئىدى. موماي شۇنچە يىللاردىن بېرى كۆك بېلىقنىڭ كېلىشىنى تولىمۇ زارىقىپ كۈتتى. مانا ئەمدى كۆك بېلىقمۇ پەيدا بولدى.

ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن نەۋرە يۈزى كۆردى. ئەمما ئاشۇ نەۋرىلىرىنىڭ بىرسىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرمىدى. نەۋرىلىرىنىڭ گويا ئاسماندا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇلۇتلار بىر مەزگىللىك يامغۇردىن كېيىن تاراپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ يېنىدىن يىتتى. ئۇنىڭ ئىگۇلداردا چېركاۋنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايىنىپ جان باقىدىغان بىر دوستى بولىدىغان، ئىلگىرى ئۇلار «كىت شىركىتى» دە بىللە ئىشلەيتتى. بىر- بىرىنى تاشلىۋەتمەي پات- پات ئىزدىشىپ يۈرەتتى. بىللە بولۇپ قالغان چاغلىرىدا قەھۋە ئىچىشكەچ كىت توغرىسىدا پاراڭغا چۈشەتتى. كېيىن ئۇلار ئۆيمۇئۆي دوقۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان دىۋانىگە ئايلىنىپ قالدى. دوستى ھەر يىلى ئىگۇلداردىن ئۇنىڭغا بىر توڭگىلەك يۇڭ يىپ ئەۋەتەتتى. كادار بولسا، بۇ يىپلاردىن پەلەي توقۇپ بېلىقچىلارغا بىرنەچچە ئېۋىرغا ساتاتتى- دە، پۇلىنى ئوغلىغا ساقلىغىلى بېرەتتى. ئەگەر كەنتتىن بىرەر كىشى ئىگۇلدارغا بارىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ ئەسكى لاتىغا ئازراق قەھۋە چېگىپ، شۇ كىشىگە كونا دوستىغا ئالغاچ كېتىشكە ھاۋالە قىلاتتى. ئۇنىڭ دوستى ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى، ئىگۇلداردا ۋاپات بولدى.

ئەي كادارىم،

تەڭلىشەلمەس ھېچكىم سەن بىلەن،

ئالدىراپ- سالدىراپ تۇرىسەن ئورنۇڭدىن . . .

كادار شۇ تاپتا مۈكچەيگەن پېتى كۆك بېلىق قاچىلانغان تۇڭنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇزۇن ئۆمرىدە بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ھاياتنىڭ ئاچچىق- چۈچۈكىنى تويغۇچە تېتىغان بۇ موماي يامغۇرلۇق كۈننىڭ تەمىنى تېتىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ قاچان، نەدە تۇغۇلغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باستېردىن ئۆزگە ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلار ئاشۇ كۆك بېلىققا ئوخشاش ئۈن- تىنسىزلا قولدىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ ھەتتا ياش ۋاقتىدىكى مەشۇقلىرىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى. پەقەت «كىت شىركىتى» دە ئېرى بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكىنىلا خىرە- شىرە ئەسلىيەلەيتتى. ئۇلارنىڭ دەرياغا يانداپ سېلىنغان بىر ئۆيى بار ئىدى. ئۇ بالا تۇغقان، نۇرغۇن بالىلارنى تۇغۇپ مىڭ بىر جاپادا قاتارغا قوشقان ئىدى. ئۇ بالا تۇغقانلىقىنىلا بىلەتتى، ئەمما بالىلىرىنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

سەن ئادالىغان بېلىقلارنىڭ،

سانىساقمۇ چىقماس ئاخىرى.

ئۇنىڭ ئۆمرىدىن پەقەت ئاشۇ بىر نەچچە مىسرا ئەسلىمىلا قالدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆمرىدە ھېچقانداق خوۋلۇق كۆرمىدى، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن كۈنلىرىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش تەمەسىدە بولۇپ باقمىغان، بەختلىك كۈنلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەزەلدىن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى. دەريادا كىت پەيدا بولسىلا، كۆك بېلىق دەريادىن يىتمىسىلا ئۇ مۇشۇنىڭغا شۈكۈر قىلاتتى. دەريادا كىتنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى. ئەمدى تۇرمۇشتىكى جىمى بەخت ئاشۇ كۆك بېلىققا باغلىق بولۇپ قالدى. ئۇ تۇرمۇشى سەل باياشات چاغلاردا بىر ئىستاكان قەھۋەگە ئازراق سۈت قوشۇپلا ئىچىۋالاتتى. ئۇ ئەزەلدىن چوڭ يەپ- چوڭ ئىچىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئەمدى مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ يەنە يېمەك- ئىچمەكنى تېجەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

ئەرلەر كۈنى سەل ياخشىلانغان چاغلاردا پات- پات ھاراق ئىچىۋېلىپ، غەرق مەست بولۇشۇپ يۈرۈشەتتى. بۇ ئەلۋەتتە بېلىقنى جىق تۇتۇش- تۇتماسلىققا باغلىق ئىدى. ئەمما كادار ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ كۆنمىگەچكە، ئەرلەرنىڭ قۇسۇقلىرىنى تازىلاشقا مەجبۇر بولاتتى.

ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولىمۇ ئاچچىق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. شائىرلاردا بولىدىغان ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئۇنىڭدا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۆمرى تۈگىمەس دە- تالاش ۋە قىلچىمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان سىرلىق ھاقارەتلەشلەر بىلەن تولغانىدى. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ھەدېسىلا ئادەم تىللايتتى. ئەمما كىشىنى ئەڭ چىدىغۇسىز، ئەڭ سېسىق گەپ بىلەن تىللايدىغېنى يەنىلا ئاشۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى تەكشۈرگۈچى بىلەن ئىش بېشى ئىدى. سودا- سېتىقچىلار، باستېرلار ۋە ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئاقساقاللاردىن تارتىپ ھەممىسى ئادەم تىللايتتى. موماي ئەمدى خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ئىككىلا قۇلىقىنى پاڭ قىلىپ قويغانلىقىغا، ئاشۇ تۈگىمەس تىل- دەشناملارنى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلىمايدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئكمرىدە تىل- ھاقارەتتىن باشقا نېمە ئاڭلىدى دەيسىز؟ ئوغۇللىرىنىڭ بەزىلىرى دېڭىزدا، بەزىلىرى قۇرۇقلۇقتا ئىشلەيتتى. بەزلىرىنىڭ قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. قىزلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق ئىدى. ئېرى بۇندىن 50 يىل مۇقەددەم تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتتى. ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرمىدى. مۇراسىم قائىدىسى بويىچە ئۇنى كۆمۈپ قويۇشتى. باستېرلار ئۇنىڭدىن ئالىدىغان قەرزىدىن چاز كېچىشتى. سودىگەرلەرمۇ شۇنداق قىلدى. كادار قەرزىنىڭ ئاللىبۇرۇن تۈگىگەنلىكىنى بىلەتتى. بۈگۈن سەھەردە ئۇ دەريادا بېلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، باشقىلارغا ئوخشاش ئىشلەپ پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى. ئەمما ھېچكىمنىڭ ئۆزىدە قەرزى يوقلۇقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.

4

ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلىشى بىلەن تەڭ پرېستاننىڭ چىراغلىرىمۇ يورۇپ كەتتى. ئاياللار تېخىچە كۆك بېلىق قاچىلانغان تۇڭنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ دەم ئېگىلىپ، دەم ئۆرە بولۇشلىرىدىن ھاسىل بولغان ئېگىز- پەس ھالىتىدىن نۇر چېچىپ تۇرغان ھەسەن- ھۈسەندەك بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەنىدى. چىراغنىڭ يورۇقىدا كۆك بېلىق تېخىمۇ پارقىراق كۆرۈنەتتى. يامغۇر دۆۋىلەپ قويۇلغان بېلىقلارنىڭ ئۈستىگە يېغىپمۇ ئۈلگۈردى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر بېلىقچىلىق كېمىسى قىرغاققا يېقىنلاشتى، ئەمدى تاڭ ئاتماي تۇرۇپ ھېچكىممۇ دېڭىزغا چىقمايتتى. ئەمما ئاياللار كېيىنكى قېتىمقى بېلىق كېلىپ بولغۇچە بۇ بېلىقلارنى ئادالاپ بولۇش ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلىمەكتە ئىدى. بۇ بېلىقلار تاڭ ئاتقۇچە ئاران تۈگەيتتى.

يۈزىنى قويۇق ساقال باسقان بىر ئەر قىرغاققا چىقتى- دە، موماينىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە بۇرۇنىنى تارتىپ قويۇپ:

ـــ ئانا ئۆيگە قايتايلى،ـــ دېدى.

بۇ گەپ موماينىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئەر گېپىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئەمما موماي يەنە ئازراق بېلىق ئادالاش ئۈچۈن يەنە بىر بېلىق دۆۋىسىنىڭ يېنىغا كەتتى.

ـــ ئانا، ئۆيگە قايتايلى، ھەي قېرى دەللە، يېرىم كېچە بولاي دەپ قالدى. يەردە چىڭ دەسسەپ تۇرالماي قېلىۋاتقىنىڭنى تۇيۇمىدىڭمۇ؟!

موماي تىل- ئاھانەتكە پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەچكە، بېلىقنى ئادالاۋەردى.

ـــ گېپىمنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇيا ماۋۇ قېرى!ـــ ئەر غۇدۇرىغىنىچە قاتتىق توۋلىدى،ـــ بولدى، ھەي يالاڭتۆش دەللە! پۇتۇڭنىڭ مادارى بار ۋاقتىدا ئاستا ئۆيگە بېرىۋالساڭ بولامدىكىن!

ئەر موماينىڭ گېپىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمىغىنىنى كۆرۈپ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى- دە، ئانىسىنىڭ چوكىدەك قوللىرىدىن پىچاقنى تارتىۋالدى، موماي ئەنە شۇندىلا ئۇنىڭغا بۇرۇلدى. ئوغلىغا گەپ تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان موماي نۇرى قاچقان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدى. ئۇ گويا كىچىك بالىنىڭ كەپسىزلىكىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغاندەك جايىدا تۇرۇپلا قالدى ۋە ئاخىرى كەسكىن تەلەپپۇزدا:

ـــ پىچاقنى ئەكەل شىگۇ!ـــ دېدى.

ـــ سېنىڭ غەرىزىڭ زادى نېمە ئانا؟ـــ دېدى شىگۇ ۋە ئانىسىنى تارتىپ ماڭدى.

موماي بار كۈچى بىلەن تۇڭغا ئېسىلىپ تىرەجەپ تۇرۇۋالدى. تۇڭ ئۆرۈلۈپ دومىلاپ كەتتى.

ـــ جېنىڭنىڭ بار ۋاقتىدا ئۆيگە بېرىپ كارىۋېتىڭغا چىقىۋالساڭ بولارمىكىن؟! ئەستا، ماۋۇ قېرى جادۇگەرنى! 90 ياشقا كىرىپ قالغىنىڭنى بىلىشىڭ كېرەك ئىدى! مۇشۇ تۇرۇقۇڭدا كارىۋاتتا يېتىپ- قوپۇشمۇ ئاسان ئەمەس ساڭا! كېلە، سېنى يۆلىۋالاي!

موماي ماڭغىلى ئۇنىماي غۇدۇڭشىدى:

ـــ تازا بىر ئەدىپىڭنى يېگۈڭ كەپتۇ- دە، سېنىڭ، ھۇ بەڭۋاش! پىچاقنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ تاياق يەيسەن! ئاڭلىدىڭمۇ؟

ئوغلى پەرۋا قىلماستىن ئانىسىنى دەريا بويىدىن سۆرەپ ماڭدى. تىرەجەۋېرىپ ماغدۇرى قالمىغان موماي ئوغلىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى:

ـــ سەل تەخىر قىلغىن شىگۇ، گېپىمنى ئاڭلا ئوغلۇم! پىچاقنى قايتۇرۇپ بەر! بۈگۈن بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ، كۆك بېلىق كەلدى ئەمەسمۇ . . .

ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئوغلىنىڭ قولىدىن بوشىنىۋالدى، ئەمما قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى، يۆتىلىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن بىر ياغاچنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى گويا دۆڭدىن پەسكە چۈشۈۋاتقان ماشىنىدىن چىققان ئاۋازغا ئوىشاپ كېتەتتى.

ـــ بەك چارچاپ كېتىپسەن ئانا،ـــ دېدى شىگۇ مۇلايىملىق بىلەن،ـــ كېلە، مەن سېنى يكلەپ ماڭاي.

موماي ئورنىدىن تۇرۇپ بېلىق تۇڭى قويۇلغان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى. ئالدىنى توسقان ئادەم مۇبادا ئكز ئوغلى بولمىغىنىدا ئۇ خۇددى بەكۋاش قويدەك ئۆزى بىلگەن ياققا قاراپ كېتىۋەرگەن بولاتتى.

ئوغلىغا ئارا تۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن موماي:

ـــ ئىشىڭنى قىلە!ـــ دەپ چالۋاقىدى.

ئوغلى بىر ئېغىزمۇ گەپ ياندۇرماستىن ئانىسىنى يۆلەپ ماڭدى. موماي مۈكچەيگىنىچە ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن دەريا قىرغىقىنى بويلاپ ماڭدى. پوسمىسى بېشىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ يول بويى بىر نەرسىلەرنى غۇدۇراپ ماڭدى. مەيدىسىدىن چىقىۋاتقان غىژ- غىژ ئاۋاز پەسلىگەندىن كېيىن، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ يەنە جايىدا تۇرۇۋېلىپ ئوغلىغا بۇرۇلدى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ:

ـــ خۇدا سېنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ، شىگۇرىيان!ـــ دېدى.

90 ياشلىق بۇ موماي قەلبىدىكى جىمى دەردىنى ئۈمىدسىزلىككە تولغان مۇشۇ ئايانچىلىق نىدا بىلەن بىراقلا چىقىرىۋالغاندەك قىلاتتى.

ئوغلى موماينىڭ نىداسىغا پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى. كۆڭلى بۇزۇلغان موماي تۆكۈلۈپلا كەتتى ۋە كېچە يامغۇرىغا چىلاشقىنىچە سۆرۈلۈپ ماڭدى. ئۇنىڭ يىغىسى بالىلارنىڭ يىغىسىدەك ھەم جاراڭلىق، ھەم يۈرەكنى ئەزگۈدەك چىقاتتى.

(خەنزۇچە «نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)


[①]  كۆك بېلىق – سېلىد بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە شىمالىي قۇتۇپقا يرقىن دېڭىزلاردا ياشايدۇ.

[②]  كېرىشى: مىلادىدىن ئىلگىرىكى 546- 560- يىللىرى كىچىك ئاسىيادا ياشىغان «لىكيا پادىشاھلىقى» نىڭ پادىشاھى، ئۇ چەكسىز بايلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان.

[③]  بالىلارنىڭ 14- 15 ياش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10223

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: