پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

شاھمات يولى


ھېكايە

لۈ گوڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ۋاڭشەن بىلەن لىيۇجۈننىڭ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى بىللە خىزمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا ئۇرۇش- جېدەل بىلەن ئۆتتى. ۋاڭشەن بىلەن لىيۇجۈن ھەرئىككىلىسى شاھمات ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار ئەمەل سورۇنىدىلا ئەمەس، ھەتتا شاھمات تاختىسى ئۈستىدىمۇ ئۇرۇشۇپ قالاتتى.

ئۇلارنىڭ ئەمەل سورۇنىدىكى ئۇرۇشى يوشۇرۇنراق ئىدى. ئىككىلىسى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى ئىناقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، كۆڭلىدە بىر- بىرىنى يىقىتىشنى ئويلايتتى. ئىلگىرى ۋاڭشەن بىر يېزىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى، لىيۇجۈن بولسا شۇ يېزىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى ئىدى. ئىككىلىسىنىڭ قابىلىيتى ئوخشاش بولغاچقا، يېزا باشلىقى بىلەن يېزىنىڭ شۇجىسى ئۇلارنى خېلى ئەتىۋارلايتتى. كېيىن يېزا باشلىقى بىلەن يېزىنىڭ شۇجىسى كېتىپ، ۋاڭشەن مۇشۇ يېزىنىڭ شۇجىسى، لىيۇجۈن بولسا يېزا باشلىقى بولدى. كېيىن يەنە ئۇلار ناھىيىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئىككىلىسى مۇئاۋىن ھاكىملىققا تەيىنلەندى.

خىزمەت ئۈستىدە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يا ئۇنداق، يا مۇنداق جېدەللەر ھەمىشە بۇلۇپ تۇراتتى. ۋاڭشەن شەرق دېسە، لىيۇجۈن شۇ ھامان غەربنى كۆرسىتىپ، بىر- بىرى بىلەن زادىلا پېتىشمايتتى. بىراق ئىشخانىدىن ئايرىلسىلا، يەنە گەپلىشىپ، كۈلۈشۈپ، خۇددى بىر جۈپ سىرداشلاردەك بۇلۇپ كېتەتتى. بۇلار راستىنلا شۇنداق سىرداشلاردىنمۇ، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.

ئۇلار ئۈستەل ئۈستىدە جېدەللىشىپ قالسا، ئاچچىقىدىن قورساقلىرى كۆپۈپ، ئۆچلۈكىدىن بىر- بىرىنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك بۇلۇپ كېتەتتى. بۇنداق ۋاقىتتا، ھەرئىككىلىسى خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا شاھمات ئويناشنى ئويلاپ قالاتتى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن خالىراق بىر جاينى تېپىشقا كىلىشەتتى ياكى بولمىسا ئىشخانىدىلا تاۋكا قۇراتتى.

شاھمات ئويناش باشلانسىلا، ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا تىللاشلىرىمۇ باشلىناتتى. بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ۋاڭشەن لىيۇجۈننى رەسۋا تىللار بىلەن تىللاپ دەردىنى چىقىراتتى، لىيۇ بولسا ئۇنىڭ يېغىرىنى كولاپ توختىمايتتى. ئون نەچچە يىلدىن بېرى ھەر قېتىمقى شاھمات ئۇلارنىڭ بىر- بىرىنى تىللىشى بىلەن باشلىنىپ، يەنە بىر- بىرىنى تىللاشلىرى ئىچىدە ئاخىرلىشاتتى.

ھازىر، ۋاڭشەن بىلەن لىيۇجۈننىڭ يېشى 60 قا بېرىپ قالغاچقا، پېنسىيىگە چىقتى. ئەمدى ئۇلار خىزمەت ئۈستىدە ئۇرۇشالمايدىغان بولدى. ۋاڭشەن شەرق دېسە، لىيۇجۈن بۇرۇنقىدەك غەرب دەپ تۇرۇۋالماي، گەپ- سۆز قىلمايدىغان بولدى. ئىككىسى ئۇچرىشىپ قالسا، ئادەتتىكىدەك خىزمەت توغرىلىقلا پاراڭلشاتتى، ئاندا- ساندا دۇنيا ئىشلىرى توغرىسىمۇ پاراڭلىشىپ قوياتتى.

دۇنيا ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، ئۇلارنى بىر پىكىردىكىلەر دىگىلى بولمايتتى. كۆڭلىدە قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلسىمۇ، ئېغىزىدا قەتئىي قارشى تۇراتتى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككىلىسى ئىختىيارسىز خۇرسىنىپ قوياتتى. بىر كۈنى ۋاڭشەن ئاغرىپ قالدى، كېسىلى خېلى ئېغىر ئىدى. لىيۇجۈن ئۇنى يوقلىغىلى بارغاندا، ۋاڭشەن كارىۋاتتا جىممىدە ياتاتتى. لىيۇجۈن كارىۋات يېنىدا ئولتۇرۇپ، قىمىرلىماي ياتقان ۋاڭشەنگە ئۈندىمەي قاراپ تۇردى. تۇيۇقسىز ناھايىتى جىق ئىشلار ئۇنىڭ خىيالىدىن كەچتى.

-بىز يەنە شاھمات ئوينايلى،- دېدى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ۋاڭشەن.

لىيۇجۈننىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى ھەم بېشىنى لىڭشىتتى.

ئۇلار شاھماتنى ئۈن- تىنسىز ئويناشقا باشلىدى. بۇ ئۇلار ئون نەچچە يىلدىن بېرى بىر- بىرىنى تىللاشماي ئوينىغان تۇنجى مەيدان شاھمات ئىدى. لىيۇجۈن ھەربىر قەدەم شاھماتنى خۇددى قىل ئۈستىدە قالغاندەك شۇنداق تەستە يۆتكەيتتى.

لىيۇجۈن كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلىشنى ئويلايتتى. بىراق بۇنداق بوشاشقان، بۇرۇختۇرما كەيپىياتتا قانداقمۇ ئېغىز ئاچالىسۇن.

-بۇ قېتىم ئوينىغان شاھماتنىڭ ھېچقانداق مەززىسى بولمىدى،- دېدى ئاخىرىدا ۋاڭشەن.

ئەمەلىيەتتە، ۋاڭشەن بىلەن لىيۇجۈن ھەرئىككىلىسىنىڭ كۆڭلى بىر- بىرىگە ئايان بولغاچقا، ئىككىلىسى كۆز يېشى قىلىشتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاڭشەن ساقىيالماي ۋاپات بولدى. ئەمدى لىيۇجۈننىڭ يەنە شاھمات ئوينايدىغان رەقىبىمۇ قالمىغانىدى. شۇڭا دائىم لىيۇجۈننىڭ شاھمات تاختىسىنى تىزىۋالغانلىقىنى، شاھمات تاختىسىنىڭ يەنە بىر بېشىدىكى ئورۇننىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

بۇ ھېكايە ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› نىڭ 1998- يىل 31- ئۆكتەبىردىكى

 سانىدا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11257

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 1دانە
  1. تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ بۇ ھىكايىنىڭ! ھەم مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن…

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: