پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1901- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: سۇلى پىرودوم

 

1901- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

سۇلى پرۇدوم 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: كۆزلەر  (Eyes)                    

مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى :

ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يۈكسەك غايىۋىزم ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈلگەن بەدىئىي ماھارەت ئەكس ئەتكەنلىكى ، ئىدىيە بىلەن ئەقىل – پاراسەت زىچ جىسىپلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى .

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى

مەن شۇ تاپتا چەكسىز ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن ، خۇش بولۇۋاتىمەن . مېنىڭ نەزىرىمدە ، جىمى يازغۇچىلار (ئۆزۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ كاتتا شەرەپ ئالدى بىلەن ۋەتىنىمگە مەنسۇپ . چۈنكى ، مېنى ئۇشبۇ شان – شەرەپكە نائىل قىلغان شېئىرلىرىمدىكى جىمى نەرسىلەرنى ئۇ ئاتا قىلغان .

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

سۇلى پرۇدوم (Sully Prudhomme , 1839 – 1907) ، ئەسلى ئىسىمى رېنىي فرانسوۋا پرۇدوم ، فرانسىيىدىكى بىر سودا – سانائەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، دادىسى ئىنژېنىر ئىدى . سۇلى پرۇدوم تۇغما ئەقىللىق بولسىمۇ ، لېكىن مەجروھلۇقى تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان . ياش ۋاقتىدا خىزمەتچى ، ئىنژېنىر بولغان ، قانۇن خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ، شېئىر ئىجادىيىتىگە كېيىن كىرىشكەن . كىچىكىدىنلا سىڭدۈرۈلگەن ئىلمىي تەربىيە ئۇنى تەبىئىيلا شېئىر ئىجادىيىتى ۋە ئىلىم – پەنگە باشلاپ كىرگەن . ئۇنىڭ پەلسەپىگە بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغاچقا ، پەلسەپىۋى تەپەككۇردىن ئىلھام ئالاتتى ، شېئىرلىرنىڭ تېمىسىمۇ ناھايىتى تاۋلانغان ئىدى . ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ئۈچۈن ، 1881 – يىلى فرانسىيە ياۋروپا ئىلىمى ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئاكادېمىكلىككە تاللانغان .

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر :

تولستوي (رۇسىيە) ، بىيانسون (نورۋېگىيە) ، زۇلا (فرانسىيە) ، ئىبسون (نورۋېگىيە) ، پرۇدوم (فرانسىيە)

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى :

غېرىبلىق ۋە ئويلىنىش   —   سۇلى پرۇدوم ، خۇ شياۋيۆ تەرجىمىسى ، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 2001 – يىل

پرۇدوم شېئىرلىرىدن تاللانما   —  سۇلى پرۇدوم ، مو يۈ تەرجىمىسى [ تەيبېي ] ، يۈەنجىڭ نەشرىيات ئىشلىرى شىركىتى ، 1983 – يىل

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

«پرۇدوم شېئىرلىرىدا ھەمىشە گۇمانسىراش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش بىلەن تولغان قەلبىنى ئاشكارىلايدۇ ؛ كۆزىتىشى ئۆتكۈر ، تەپەككۇرى چوڭقۇر بولسىمۇ ، لېكىن شۇنىڭغا چۇشلۇق قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتقاندەك ، ئەخلاق قارىشى ، غۇرۇر – ۋىجدان ھەمدە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا  ئورناپ كەتكەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئىچىدىن ئىنسانلارنىڭ ئازاب – ئوقۇبىتىنىڭ مەنبەسىنى تاپالمايۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ .»

–        ئو . ۋېلسون

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1865 – يىل – «ئۇزۇن – قىسقا شېئىرلار» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

1866 – يىل — «ئوۋكىننىڭ كالا قوتىنى» ، نەسىرلەر توپلىمى ، «سىناق» شېئىرلار توپلىمى ؛

 1869 يىل — «غېرىبلىق ۋە ئويلىنىش» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

1870 – يىل — «ئۇرۇش تەسىراتلىرى» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1872 – يىل — «تەقدىر» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1874 – يىل — «فرانسىيە» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1875 – يىل — «ئورۇنسىز مۇلايىملىق» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1878 – يىل «ھەققانىيەت» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1883 – يىل «نەسىرلەر توپلىمى» ؛

 1886 – يىل «پىرىزما» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1888 – يىل — «بەخت» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1892 – يىل «شېئىرنىڭ سىنىقى» ، ئوبزورلار توپلىمى ؛

 1901 – يىل — «شېئىرنىڭ ۋەسىيىتى» ، شېئىرلار توپلىمى ؛

 1905 – يىل — «باسكا نائىل بولغان ئېتىقاد» ، پەلسەپىۋى ئەسەرلەر توپلىمى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11543

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: