پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ھېرتا مىللېر: قارا باغ

قارا باغ

 

ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

2009– يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېرتا مىللېر 1953- يىلى 17- ئاۋغۇست رۇمىنىيەنىڭ تىمىش ناھىيىسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، گېرمان تىلى ئۇ تۇغۇلغان كەنتتە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلەتتى. 1982- يىلى ئۇنىڭ تۇنجى كىتابى ــ ھېكايىلەر توپلىمى «ئويمانلىق» (低地) نەشر قىلىنغان. 1987- يىلى ئېرى ــ ھېكايە يازغۇچىسى رىچارد ۋاگ بىلەن غەربىي گېرمانىيەگە كۆچۈپ بارغان، گېرمانىيەدە كۆپ قېتىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر بېرلىندا ياشايدۇ.

ھېرتا مىللېر شېئىردەك نەپىس تىل، نەسىردەك چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن يار- يۆلەكسىز، باشپاناھسىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

                                                                     ــــ نوبېل ئەدەبىيات نۇكاپاتى باھالاش كومېتېتى

دېگىلى بولمىغان نەرسىنى يازغىلى بولىدۇ. چۈنكى يېزىقچىلىق سۈكۈت ئىچىدە داۋاملىشىدىغان پائالىيەت، مېڭىدە ئويلاپ قولدا بېجىرىدىغان بىر خىل ئەمگەك.

                           ـــ ھېرتا مىللېرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى

«ئويمانلىق» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ھېرتا مىللېرنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، بۇ توپلامدىكى ھېكايىلەردە ئاپتوبىئوگرافىيە تەركىپلىرى كۆپرەك. بۇ ھېكايىلەردە بانات سۋابېن رايونى (بۇ رايوندا ئاساسلىقى گېرمان پۇشتىدىن بولغان رۇمىنىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان) دىكى جاپالىق يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن.

كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى مەھكۇملۇق ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېچىنىشلىق ئاسارەتلەر بالىلارغا خاس كۆز بىلەن كۆزىتىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. مەزكۇر ھېكايىلەر توپلىمى ئوقۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا نەچچە قېتىم قىرقىلىش، قىسقارتىلىش ئارقىلىق 1982- يىلى بۇخارىستتا نەشر قىلىنغان. ھېرتا مىللېر مەزكۇر توپلامدىكى «ئويمانلىق» ناملىق ھېكايىسىدىن باشلاپ ئىچكى مونولوگ ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ زۇلمەت قاپلىغان يېزىسىدا چوڭ بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان.

2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى

ھېرتا مېللىرنى زىيارەت

?p=9994

قارا رەڭلىك باغچا 

(ھېكايە)

مەھەللىدە، مۇنۇ تىكتۆتبۇلۇڭ شەكىللىك ئالتە ياقلىق جىسىمنىڭ ئىچىدە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتىم، شامالنىڭ ئىشىكلەرنى قانداق غىچىرلىتىدىغانلىقىغا قۇلاق سالاتتىم، ئىشىكلەرنىڭ يېپىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايتتىم.

ھامان بىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، ئاندىن قاراڭغۇ چۈشەتتى- دە، يوقلاپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن بەكلا كەچ بولۇپ كېتەتتى.

گويا غايەت زور بىر شارچە ئۆيگە دومىلاپ كىرىدىغاندەك، دەرىزە پەردىسىنىڭ قانداق قايرىلىدىغانلىقىغا زەن سالاتتىم.

لوڭقىدىكى گۈل شۇنچىلىك يوغان ئىدىكى، بەئەينى چاتقاللىقنىڭ ئۆزىلا ئىدى، چىرايلىق ئىدى، ئەمما قالايمىقان ئىدى، گويا بىر ھاياتلىققىلا ئوخشايتتى.

ھايات قېلىشنىڭ جاپا- مۇشەققىتىمۇ بار ئىدى.

تۈنۈگۈندىن ھالقىغاندىن بېرى گىلەمدىكى ھاراق بوتۇلكىسىدا تىككىدە تۇراتتىم. كىيىم ئىشكابىنىڭ ئىشىكلىرى ھاڭغىرىقاي ئوچۇق ئىدى، ئىچىدىكى كىيىملەر گويا قەبرە ئىچىدە ياتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. گويا بۇ كىيىملەرنىڭ ئىگىلىرى مەۋجۇت ئەمەستەك شۇ قەدەر قۇرۇق ئىدى.

باغچىدىكى ئىتقا تەئەللۇق كۈز، نويابىرغا تەۋە ياز پەسلىدىكى گۈللۈكتە كېچىكىپ كەلگەن توي مۇراسىمى، ئۆتنە ئالغان پۇل، يوغان بىر تۇتام قىزىل رەڭلىك گۈل ۋە زەيتۇن شېخىدىكى چىش كولىغۇچ.

بۇ ئەتراپنىڭ ھەممىلا يېرى تويى بولغان قىزلار بىلەن تولغانىدى ئىدى، ئۇلار ئۆتنە ئېلىپ كەلگەن ماشىنىدا ئولتۇراتتى، شەھەرگە چاقماق شىلەپە كىيىۋالغان فوتوگرافلار تولۇپ كەتكەنىدى. سۈرەت لېنتىسى تويى بولغان قىزنىڭ كۆينىكىنىڭ كەينىدە يىرتىلىپ كېتەتتى.

چېھرىنى تۈگەل قورۇق باسقان زەڭگەر كۆز قىزچاق، سەن ئەتىگەننىڭياقى شۇ قەدەر جىق ئاسفالىت يوللارنى باستىڭ، مەنزىلىڭ زادى قايان؟ ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا قارا رەڭلىك باغچىدىن ئۆتىسەن.

ياز كەلدى دېگەن چېغىڭدا يازنىڭ كېلىشىنى ئويلاپ باقمىدىڭ. سەن ھازىرمۇ يەنە كۈز ھەققىدە ئاللىنېمىلەرنى دەۋاتىسەن، گويا بۇ شەھەر تاشتىن قوپۇرۇلمىغاندەك، گويا بۇ شەھەرنى بۇرۇن يېشىللىققا پۈركىگەن يوپۇرماقلار سولمىغاندەك.

دوستلىرىڭنىڭ چاچلىرى ئارىسىدا بىر كۆلەڭگە بار، ئۇلار سېنىڭ قانداق ئازابلىنىدىغانلىقىڭنى تاماشا قىلىدۇ، ئۇلار شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان، بۇلار ئۇنىڭغا ناھايىتى تەبىئىي تۇيۇلىدۇ. مانا بۇ سەن. ئەگەر نېمىدۇر بىر نەرسىلەر مۇنداقلا دېيىلسە، ئەگەر دېيىلگىنى قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلەر بولسا، كىشىلەر يەنە نىمىمۇ قىلالار بولغىيتتى؟ ئەگەر ئەينەك ئىستاكان ئىچىدىكى ۋەھىمىنىڭ ۋەھىمىگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىسى تەگسە، ئەگەر ھاراق بوتۇلكىسى بارغانسېرى قۇرۇقدىلىشقا باشلىسا، يەنە نېمىنىڭ ياردىمى تېگەر؟

كۈلكە سادالىرى ياڭراق بولسا، ئۇلارنىڭ كۈلكىدىن بەللىرى مۈكچىيىپ كەتسە، تولا كۈلۈپ بولالماي قالسا، يەنە نېمىنىڭ پايدىسى تېگەر؟

بىز تېخى ياش.

يەنە بىر مۇستەبىت ئاغدۇرۇلدى، مەخپىي پارتىيىلەر يەنە بىر ئادەمنى ئۆلتۈردى، بىر تېررورست ئىتالىيىدە جان تەسلىم قىلدى.

سەن ھاراق ئىچسەڭ بولمايدۇ قىزچاق، قېنى، ۋۇجۇدۇڭدىكى ۋەھىمىلەرگە قارشى تۇر! سەن گويا جېنى قالمىغان ئاشۇ ئاياللار كەبى ئەينەك ئىستاكاننىڭ ئاغزىنى يالايسەن، ئۇلارنىڭ ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئېقى كېلىشمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇششاق ئىشلىرى بىلەن تېخى ئېقى كېلىشمەيدۇ.

– كۆرىدىغانلىرىڭ تېخى ئالدىڭدا، قىزچاق،- دەيدۇ دوستلىرىڭ.

نۇردىن ئەسەرمۇ قالمىغان كۆزلىرىڭ شۇنچىلىك گۈنسىز. تۇيغۇلىرىڭ شۇنچىلىك قۇرۇق ھەم مەززىسىز. ھەجەپ ئىچىم ئاغرىيدۇ ساڭا قىزچاق، ھەي ئېسىت!

                                                  رىچاردقا

ھېرتا مىللىرنىڭ «ئويمانلىق» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن

تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10400

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: