پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 14- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

ئون تۆتىنچى باب

ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 9 دا ، خىزمەتكار پەتنۇستا بىر ئىستاكان شاكىلاتلىق ئىچىملىك كۆتۈرگىنىچە كىرىپ دەرىزىنى ئاچتى. دورىيان ئوڭ يېنىنى بېسىپ ، زاڭىقىنى تۇتقىنىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ شۇ تۇرۇقى بەئەينى تولا ئويناپ ھالىدىن كەتكەن ياكى تولا ئۆگىنىپ چارچاپ كەتكەن بالىنى ئەسلىتەتتى .

خىزمەتكار دورىياننىڭ جەينىكىنى ئاستا تۈرتۈپ ئويغاتتى . ئۇ ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى تەستە ئاچتى ، گويا شېرىن چۈشىدىن ھېلىلا ئويغانغاندەك ، چېھرىدە سۇسقىنا بىر كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلدى . لېكىن ، ئۇ كېچىچە ھېچقانداق چۈش كۆرمىدى ، ئۇنىڭدا نە خوشاللىق ، نە ئازاب تۇيغۇسى يوق ئىدى . ياشلىقتا كۈلۈپ قويۇپلا كۇپايىلىنىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇراتتى ، ياشلىقنىڭ سېھرىي كۈچى ئەنە شۇ ئىدى .

ئۇ جەينىكى بىلەن تىرەپ ئۆرە بۇلۇپ ، ئىچىملىكنى غۇرتىلىدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى . نويابىر قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرى ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى . ئاسمان شۇ قەدەر ئوچۇق ئىدىكى ، ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى . ماي ئېيىنىڭ سەھىرىنى ئەسلىتىدىغان نەمخۇش ھاۋا ئادەمگە بۆلەكچە ھوزۇر بېغىشلايتتى.

تۆنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن قاباھەتلىك ئىشلار ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاستا – ئاستا زاھىر بۇلۇپ ، كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك بىر- بىرلەپ ئۆتتى . شۇئان ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى  ئېيتقۇسىز بىر خىل قورقۇنچ چىرمىۋالدى . شۇ ئەسنادا ، بازىلنى ئۆلتۈرۋېتىشكە تۈرتكە بولغان ھېلىقى غەلىتە ئۆچمەنلىك ئۇنىڭ جىسمىدا يەنە زاھىر بولۇپ ، ۋۇجۇدىنى دەھشەتكە سالدى ، پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولاشتى . بازىلنىڭ جەسىتى ھېلىھەم ئاشۇ ئۆيدىكى ئورۇندۇقتا قۇياش نۇرىغا قاقلىنىپ ياتاتتى . نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق – ھە ! بۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ئىشنى پەقەت قاراڭغۇلۇقلا يوشۇرۇپ قالالايتتى ، قۇياش نۇرى كۆرسە ھەرگىز بولمايتتى .

ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاۋېرىدىغان بولسا ، ئەقلىدىن ئادىشىپ قالىدىغاندەكلا تۇيغۇدا بولدى ، بەزى ۋەھشىيلىكلەرنى شۇ ئىش يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىسە ، شۇ ۋەھشىيلىكنى قىلىۋاتقان چاغدىكىدىنمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ . بەزى مۇۋەپپىقىيەتلەر كىشىنىڭ قىزغىن ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە ئەمەس ، بەلكى تەلۋە ھېسىياتلىرىغا مەلھەم بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ كىشىگە ئاتا قىلىدىغان شادلىقى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ھوزۇرىنى بېسىپ چۈشىدۇ . لېكىن بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى ، ئۇنى چوقۇم كاللىدىن چىقىرىپ تاشلاش ، ئەپيۇن بىلەن مەسىت قىلىپ تۇنجۇقتۇرۋېتىش كېرەك ئىدى . ئۇنداق بولمىغاندا ، ئۇنىڭ يەنە باشقا جانغا زامىن بۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى .

سائەت 9:30 غا داڭ ئۇردى . دورىيان قولياغلىقى بىلەن پىشانىسىنى سۈرتۈۋېتىپ ، ئالدىراپقىنا ئورنىدىن تۇردى ، ئەدەتتىكىدىنمۇ تۈجۈپلەپ كىيىندى ، قايسى گالىستۇكۇمنى تاقىسام بولار دەپ ، ھېلى ئۇ گالىستۇكىنى ، ھېلى بۇ گالىستۇكىنى قولىغا ئالدى ، ئۈزۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قولىغا بىر قېتىمدىن سېلىپ چىقتى . ناشتىلىقنىمۇ ئالدىرىماستىن تولىمۇ ھوزۇر بىلەن يېدى ، ھەرخىل تاتلىق تۇرۇملاردىن بىر – بىرلەپ تېتىدى ، خىزمەتكارى بىلەن سېلبىي قەسىرىدىكى چاكارلارغا يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلدى ، ئاندىن كەلگەن خەت – چەكلەرگە بىر- بىرلەپ كۆز يۈگۈرتتى . بەزى خەتلەرنى ئوقۇپ چېھرىدە كۈلكە جىلۋە قىلدى . ئارىسىدىكى ئۈچ پارچە خەت ئۇنى سەل بىئارام قىلىپ قويدى . يەنە بىر پارچە خەتنى يېنىش – يېنىشلاپ ئوقۇپ ، سەل بىزارلىقى تۇتتى – دە ، ئاچچىقىدا يىرتىپ تاشلىدى . لورد ھېنىرى :« ئاياللارنىڭ خاتىرىسى ئاجايىپ ياخشى بۇلىدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىپتىكەن !

ئۇ ساپ قەھۋەدىن بىر ئىستاكان ئىچىۋېتىپ ، قەغەز بىلەن ئاغزىنى ئالدىرىماي سۈرتتى ، ئاندىن خىزمەتكارىغا بىردەم كۈتۈپ تۇرۇشنى ئىشارەت قىلدى . ئۇ كىتابخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردى – دە ، ئىككى پارچە خەت يازدى ، بىرسىنى كونىۋېرتقا سېلىپ ، يەنە بىرىنى خىزمەتكارىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .

– فىرانسىس ، مۇنۇ خەتنى ھېربېرت كوچىسىدىكى 152 – نۇمۇرلۇق قوروغا يەتكۈزۈپ بەرگىن . ئەگەر ئالان كامپېل ئەپەندى ئۆيىدە بولمىسا ، ئۇنىڭ نەگە كەتكىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ باققىن .

– خىزمەتكار چىقىپ كىتىشى بىلەن تەڭ ، دورىيان تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ، بىر ۋاراق قەغەزگە قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى سىزىشقا باشلىدى . دەسلەپتە گۈل ، بىنا دېگەندەك نەرسىلەرنى سىزدى ، ئاندىن ئادەمنىڭ بېشىنى سىزدى . تۇرۇپلا سىزغان ئادەمنىڭ چىراينىڭ بازىل خالۋاردنىڭ چىرايىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، قۇشۇمىلىرى ئىختىيارسىز تۈرۈلۈپ كەتتى ، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ، كىتاب جاھازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، بىر كىتابنى سۇغۇرۇپ ئالدى . يۈز بەرگەن ئىشلارنى قەتئىي خىيالىغا كەلتۈرمەسلىك قارارىغا كەلدى .

ئۇ سافاغا ئۆزىنى تاشلاپ ، كىتابنىڭ تىتۇلىنى ئاچتى . بۇ گاۋتىيېرنىڭ «سىر ۋە قاشتېشى ئويمىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بۇلۇپ ، فرانسىيىلىك نەشرىيات سودىگىرى تەرىپىدىن ياپۇن قەغىزىدە نەشىر قىلىنغان ، جاكۇمارتنىڭ قىستۇرما رەسىملىرى بېرىلگەن نۇسخىسى ئىدى . كىتابنىڭ سېرىق خۇرۇمدا قاپلانغان مۇقاۋىسىغا ئالتۇن ھەل بىلەن ئۇششاق كاتەكچىلەر چىقىرىلىپ ، ئانارگۈلىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىدى . بۇ كىتابنى ئۇنىڭغا ئادرىيان سىڭگىلتون ھەدىيە قىلغان ئىدى . ئۇ كىتابنى ۋاراقلاۋېتىپ ، لاسنېرىنىڭ① قولى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە شېئىرغا كۆزى چۈشۈپ قالدى . شېئىردا «قويۇق يۇڭ بېسىپ كەتكەن بۇ بىر جۈپ قورقۇنچلۇق قول نۇرغۇن پەسكەشلىكلەرنى ، يۇيۇپمۇ ئىزىنى يوقاتقىلى بولمايدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانىدى » دېگەن مىسرالار يېزىلغان ئىدى . ئۇ شۇئان شېشىدەك ئاپئاق بارماقلىرىغا نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ ، ئىختىيارسىز پۈتۈن ئەزالىرىغا تىترەك ئولاشتى . كىتابنى توختىماي ۋاراقلاۋاتقان دورىياننىڭ كۆزلىرى ۋېنىتسىيە تەسۋىرلەنگەن گۈزەل مىسرالارغا كەلگەندە توختاپ قالدى .

                   

                     ئادرىياتىك دېڭىزدا ۋىناس ،

                    تۇرار سۈزۈك تېنى سۇ ئۈزرە .

                    جۆر بۇلىدۇ يېنىك مۇزىكا،

                    بەدىنىنى سۆيگەندە قەترە.

                

                   لەڭ ئۇرىدۇ سۈزۈك دولقۇنلار،

                   چەمبەرسىمان ھەيۋەت كۈۋەجەپ.

                   بىر ھەسىرەتلىك سۆيگۈ مۇڭىنى،

                   شۇ ئېسىل كۈي تۇرماقتا سۆزلەپ.

            

                  ئەپچىلگىنە تاشلىدى لەڭگەر،

                  پاراخوت كېلىپ قىرغاق يېنىدا.

                  دەسسىگىنىم مەر مەر پەلەمپەي،

                  يوغان ، قىزىل ئىشىك ئالدىدا.

      

     نېمە دېگەن ئېسىل مىسرالار ھە – بۇ ! شېئىرنى ئوقۇغان كىشى ئۆزىنى گويا پەردە تارتىپ قۇيۇلغان كۈمۈشرەڭ قولۋاقتا ئولتۇرۇپ ، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ بىلەن قاپلانغان بۇ گۈزەل شەھەرنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتى . دورىيان شېئىرنى ئوقۇپ ، گويا لىدو ②غا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان قولۋاقنىڭ كەينىدىن ھاسىل بولغان زۇمرەتتەك بۇژغۇنلارنى كۆرگەندەك بولدى . كىشى قەلبىنى  ھاياجانغا سالىدىغان بۇ مىسرالار ئۇنىڭغا بوينىغا رەڭلىك لېنتىلار چىگىپ قۇيۇلغان چىرايلىق قۇشلارنى ئەسلەتتى ، بۇ قۇشلار گاھ ھەرە كۆنىكى شەكىلدىكى سائەت ئورنىتىلغان ئېگىز- ئېگىز بىنالارنى چۆرىدەپ پەرۋاز قىلىشسا ، گاھ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان دەھلىزلەردە تولىمۇ ئۇماق بىر رەۋىشتە دىكىلداپ مېڭىپ يۈرۈشەتتى . ئۇ كۆزلىرىنى بوشقىنا يۇمۇپ ئۆزىنى كەينىگە تاشلىدى – دە ، تۆۋەندىكى مىسرالارنى بوش ئاۋازدا تەكرارلىدى :

                 دەسگىنىم مەر مەر پەلەمپەي،

                 يوغان قىزىل ئىشىك ئالدىدا.

بۇ ئىككى مىسرا شېئىردا ۋېنتىسىيىنىڭ جىمى مەنزىرىسى تامام ئەكىس ئەتكەن ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ قايسىبىر يىلى كۈزدە ئاشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلغۇسىز چاغلىرىنى ، بىر مەھەللىك ئوتلۇق سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ دەستىدە قىلىپ تاشلىغان ئەخمىقانە ، ئەمما كۈلكىلىك ئىشلىرىنى ئېسىگە ئالدى . رومانتىكلىق ھەرقانداق جايدا تېپىلاتتى . ئەمما ۋېنىتسىيە ئوكىسفوردقا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ رومانتىك ئەسلىمىلەرگە باي مەنزىرىسىنى ساقلاپ قالغانىدى ؛ ھەقىقىي رومانتىك كىشىلەر ئۈچۈن مەنزىرە جىمى نەرسىدىن دېرەك بېرەتتى . بازىل خالۋارد ۋېنىتسىيىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇردى . شۇ چاغدا بازىل تىنتورىتنىڭ ③ ئەسەرلىرىگە مەپتۇن بۇلۇپ قالغانىدى . بىچارە بازىل ! ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتتى – ھە ! دورىيان ئۇھسىنىپ قويدى ، ئازابلىق خىياللاردىن نېرى بۇلۇش ئۈچۈن كىتابنى يەنە قولىغا ئالدى . ئۇ قارلىغاچنىڭ سىمىرنادىكى ئەپچىلگىنە كەلگەن قەھۋەخانىغا ئۇچۇپ كىرىپ – چىقىۋاتقانلىقى ، مەككە مەدىنگە تاۋاپ قىلغىلى بارغان مۇسۇلمانلارنىڭ تەسۋىلىرىنى سېرىپ مۇناجات ئوقۇپ ئولتۇرغانلىقى ، بېشىغا ياغلىق يۆگىۋالغان سودىگەرلەرنىڭ پۆپۈكلۈك ئۇزۇن غاڭزىسىدا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىشكەچ كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مىسرالارنى چەكسىز ھوزۇر ئىلىكىدە ئوقۇدى . گاۋتىيېر بۇ شېئىرلارنى سۆيگۈ ئىزى قالغان مەرمەر تاشلاردىن ئىلھام ئېلىپ يازغانىدى . توساتتىن ئۇنىڭ قولىدىكى كىتاب سىيرىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن جايىدا ئولتۇرالمايلا قالدى ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە چىرمىۋالدى . ئەگەر ئالان كامپېل ئەنگىلىيىدە بولماي قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولسا قانچە كۈندە قايتىپ كېلەر؟ قايتىپ كەلمىسىچۇ؟ ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسا زادى قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى . بەش يىل مۇقەددەم ، ئۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىغان يېقىن دوستلاردىن ئىدى . ئەمما بۇنداق قۇيۇق مۇناسىۋەت ئۇزۇنغا بارمىدى . ھازىر ئۇلار ئاممىۋى سورۇنلاردا دوقۇرۇشۇپ قالسا ، دورىيان گېرىي كۈلۈمسىرەپ قوياتتى ، ئالان كامپېل بولسا قاپىقىنىمۇ ئاچمايتتى . كامپېل تولىمۇ زېرەك يىگىت ئىدى . سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھوزۇر ئالالمىغىنى بىلەن ، شېئىردىن زوق ئېلىشنى دورىياندىن ئۆگەنگەن ئىدى . ئۇ ئىلىم – پەن تەتقىقاتىغا بۆلەكچە قىزىقاتتى . ئوكىسفوردتا ئوقۇۋاتقان چاغدا ، كۆپ ۋاقىتنى تەجرىبىخانىدا ئۆتكۈزدى ، بىرىنچى يىللىقتىكى تەبىئىي پەن شەرەپ ئۇنۋانى ئىمتىھانىدا نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى . ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنى خىمىيە تەتقىقاتىدا ئىدى . ئۆز ئالدىغا تەجرىبىخانىسى بولغاچقا ، كۈنبويى تەجرىبىخانىسىدىن چىقمايتتى . بۇنىڭدىن ئاپىسىنىڭ ئىچى پۇشاتتى ، ئاپىسى ئۇنىڭ پارلامېنىت ئەزاسى بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى ، دورا تەڭشەشتىن باشقىنى ئۇقمايدىغان خىمىيە ئالىمى بولغاننىڭ نېمە پايدىسى دەپ قارايتتى . كامپېل يەنە تالانتلىق مۇزىكانىت ئىدى . ئىسكىرىپكا بىلەن پىئانىنو چالىدىغان بولسا ، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنى خېلى بىر يەرلەردە قوياتتى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنى دەسلەپتە دورىيان بىلەن ئۇچراشتۇرغىنى دەل ئاشۇ مۇزىكا ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، دورىيان خالىغان چاغدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز سېھرىي كۈچىنى بىمالال نامايىش قىلالايتتى ، ئەمما سېھرىي كۈچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئۆزى ھېس قىلىپ يېتەلمەيتتى . ئۇلار رۇبىنىستېيىن④ بېركىشېيىر خانىمىنىڭ ئۆيىدە مۇزىكا چالغان ئاخشىمى تونۇشقان ئىدى . كېيىن ئۇلار تىياتىرخانىغا ۋە ئېسىل مۇزىكىلار ئورۇندىلىدىغان سورۇنلارغا دائىم بىللە بارىدىغان بولدى . ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق يېقىن مۇناسىۋىتى بىر يېرىم يىل داۋاملاشتى . ئۇلار ئالاقە قىلىۋاتقان چاغلاردا كامپېل سېلبىي خان جەمەتى قورۇقىدا ياكى گروسۋىنا مەيدانىدا بولاتتى . كامپېل ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ، دورىيان گېرىي ھاياتنىڭ جىمى گۈزەللىكلىرى ۋە جەلىپكارلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئادەم ئىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نېمە ئىش يۈز بەرگىنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . كىشىلەر پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇچراشقاندا ئانچە پاراڭلاشمايدىغان بوپ قالغانلىقىغا ، زىياپەتتە دورىيان گېرىي بۇلۇپلا قالسا ، كامپېلنىڭ بالدۇرلا كېتىپ قالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشتى . تۇيۇقسىز كامپېلنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ ، تۇرۇپ- تۇرۇپ غەمكىنلىشىپ قالىدىغان بوپ قالدى . قۇلىقىغا مۇزىكا خۇشياقمايدىغان ، ئۆزىمۇ مۇزىكا بىلەن ھەپىلەشمەيدىغان بۇلۇپ قالدى . بىرەرى مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى ، مۇزىكا چېلىشنى مەشىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ رەت قىلىدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى . ئۇ بىئولوگىيىگە بارغانسېرى قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى ، تېخى ئۇنىڭ ئىسمى ئاجايىپ – غارايىپ تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەر ئېلان قىلىنىدىغان بىر ژورنالدا پات- پات كۆزگە چېلىقىدىغان بۇلۇپ قالدى .

دورىيان دەل مۇشۇ ئادەمنى ساقلاۋاتاتتى . ئۇ تۇرۇپ – تۇرۇپ سائىتىگە قاراپ قوياتتى ، ۋاقىت مېنۇت – سىكۇنىتلاپ ئۆتمەكتە ئىدى . ئۇ بارغانسېرى تىت – تىت بۇلۇپ ، جايىدا ئولتۇرالمايلا قالدى . ئاخىرى بولماي ، لىككىدە ئورنىدىن تۇردى – دە ، قەپەزگە قامىلىپ چىقالمايۋاتقان ئۇماق جانىۋاردەك ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى . ئۇ قەدىمىنى چوڭ- چوڭ ئالاتتى ، قوللىرى مۇزدەك تەرلەپ كەتكەنىدى .

ئادەم ساقلاش كىشىنى ئەڭ تىت – تىت قىلىدىغان ئىش ئىدى . ئۇنىڭغا ۋاقىت ناھايىتى ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك ، ئۆزىنى گويا قۇترىغان تەلۋە شامال تەرىپىدىن قاراڭغۇلۇق ئۆز ئىلىكىگە ئالغان قىيانىڭ لىۋىگە بېرىپ قالغاندەك تۇيۇلدى . دورىيان شۇ تاپتا ئۇنى ساقلاشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى . پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولاشقان دورىيان گويا كۆز ئالمىسىنى ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزۋەتمەكچى بولغاندەك ، كاللىسىدا غەليان ئۇرۇپ ئارام بەرمەيۋاتقان خىيالىي تۇيغۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلىماقچى بولغاندەك ، مۇزدەك سوغۇق تەرلەپ كەتكەن قوللىرى بىلەن قاپىقىنى چىڭڭىدە بېسىۋالدى . لېكىن بۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىدى . مېڭىنىڭمۇ ئوزۇقلۇق ئالىدىغان مەنبەسى ئايرىم ئىدى ، تەسەۋۋۇر ۋەھىمە تەسىرىدە غەلىتىلا بۇلۇپ قالاتتى ، گويا جېنى بار نەرسىلەرگە ئوخشاش ئازاب ئىلكىدە تولغىناتتى ، بەدبەشىرە قونچاقلارغا ئوخشاش سەھنىلەردە قالايمىقان سەكرىشەتتى ، يۈزىگە نىقاپلارنى تارتىۋېلىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ سەت ھىجىيىشاتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك تۇيۇلدى . شۇنداق ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدى ، كىشى قەلبىنى دەھشەتكە سالىدىغان ھەررەڭ – سەررەڭ خىياللار يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن پېتى شەپقەتسىز رېئاللىقنى گۆرىدىن سۆرەپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا كۆز- كۆز قىلماقتا ئىدى . ئۇ قورقۇنچلۇق كەلگۈسىگە تىكىلگىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى .

شۇ ئەسنادا ئىشىك ئېچىلىپ ، خىزمەتكار كىرىپ كەلدى . دورىيان بېشىنى بۇراپ ، خىزمەتكارغا ھاڭۋېقىپ قارىدى .

– كامپېل ئەپەندى كەلدى ، ئەپەندىم ، – دېدى خىزمەتكار .

ئۇ قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ چوڭقۇر بىرنى ئۇھ تارتىپ قويدى ، چىرايىغىمۇ خېلىلا قان يۈگۈرۈپ قالدى .

– ئۇنى دەرھال باشلاپ كىرگىن فىرانسىس ،- ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىسى تۈگىگەن ، تەمكىن ھالىتىگە قايتقاندى .

خىزمەتكار تازىم قىلېۋېتىپ چىقىپ كەتتى . ھايال ئۆتمەي ، ئالان كامپېل كىرىپ كەلدى .

ئۇنىڭ چىرايى كەسكىن تۈس ئالغان ، قوندۇزدەك قاپقارا چاچلىرى بىلەن قۇيۇق قاشلىرى ئۇنى تاتىراڭغۇ كۆرسىتىپ تۇراتتى .

– ياخشى تۇردىڭىزمۇ ئالان ! ئۆيۈمگە قەدەم تەشرىپ ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

– گېرىي ، ئەسلى بوسۇغىڭىزدىن ئىككىنچىلەپ ئاتلىماسمەن دېگەن ئىدىم . لېكىن ، خېتىڭىزدە ، ھايات – ماماتقا مۇناسىۋەتلىك موھىم ئىش بار دەپتىكەنسىز ، شۇڭا كەلدىم ، – دېدى كامپېل ۋەزمىن قىياپەتتە . ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى دورىيانغا تىكىلدى ، گويا دورىياننىڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن سوزغان قوللىرىنى كۆرمىگەندەك ، قولىنى روسىيە خۇرۇمىدىن تىكىلگەن پەلتويىنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىپمۇ قويمىدى .

– شۇنداق ئالان ، بۇ ھايات – ماماتقا تاقىلىدىغان ، بىرلا ئادەم بىلەن تۈگىمەيدىغان مۇھىم ئىش ئىدى . قېنى ئولتۇرۇڭ .

كامپېل ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى ، دورىيانمۇ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىن ئورۇن ئالدى . ئىككەيلەننىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى . دورىياننىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر خىل بىچارىلىك چىقىپ تۇراتتى ، ئۇ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئۇچىغا چىققان پەسكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى .

دورىيان جىددىيلەشكىنىدىن بىر ھازا جىممىدە تۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ ، ئۆزىنىڭ دېگەن ھەربىر ئېغىز گېپىنىڭ كامپېلنىڭ چىرايىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغاچ ناھايىتى ئەزمىلىك بىلەن سۆزلىدى :

– ئالان ، بۇ ئۆينىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە قۇلۇپلاقلىق بىر ئۆي بار . مەندىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ . ھازىر ئۇ ئۆيدە ئۆلگىنىگە 10 سائەت بولغان بىر جەسەت ياتىدۇ . گېپىمنى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاڭ ، ماڭا ئۇنداق نەزەردە قارىماڭ . ئۇ ئادەم زادى كىم ، نېمە سەۋەپتىن قانداق ئۆلدى ؟ بۇنىڭ ھېچقايسىسى سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز . سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت ……..

– بولدى سۆزلىمەڭ گېرىي ، گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق . دېگەنلىرىڭىز راستمۇ ياكى يالغانمۇ ، مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ، سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئارىلاشقۇممۇ يوق . ئاۋۇ قورقۇنچلۇق مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى ئاستا يىغىشتۇرۇۋېلىڭ . مەن ھازىر بۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايمەن .

– چوقۇم قىزىقىپ قالىسىز ئالان . ئالدىڭىزدا ھەقىقەتەن خىجىلمەن . لېكىن ، باشقا ئامالىم يوق . مېنى سىزلا قۇتقۇزۇپ قالالايسىز . بۇ ئىشتا ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىز بولمايدۇ . سىز پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىسىز ، خىمىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئوبدان چۈشىنىسىز ، تەجرىبىگىمۇ كۆپ قاتناشقان . سىز ماڭا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيدىكى ھېلىقى جەسەتنى ھېچقانداق ئىز قالدۇرماي پاكپاكىز كۆيدۈرۈپ بەرسىڭىزلا بۇلىدۇ . ئۇنىڭ بۇ ئۆيۈمگە كەلگىنىنى ھېچكىم كۆرمىدى . ھازىر ھەممىلا ئادەم ئۇنى پارىژغا كەتكەن دەپ بىلىدۇ . بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ . كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغاندا ، بۇ يەردىن ھېچقانداق ئىزىنى تاپالمايدۇ . ئالان ، سىز ماڭا ئۇنىڭ جەسىتىنى ۋە ئۇنىڭغا تەئەللۇق جىمى نەرسىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ .

– سىز ساراڭ بوپسىز، دورىيان !

– ۋاھ ! كامپېل مېنى قاچانمۇ دورىيان دەپ چاقىرىدىغان بولار دەپ كۈتۈپ كىلىۋاتاتتىم !

– سىز راستىنلا ساراڭ بوپسىز. سىز نېمىگە ئاساسەن مېنى بۇنداق پەسكەش ئىشقا ياردەم قىلىدۇ دەپ قالدىڭىز؟ بۇ ئىشىڭىزغا مەن ھەرگىز قول تىقمايمەن . خىيالىڭىزدا مېنى ، كامپېل مەن ئۈچۈن ئابرويى تۆكۈلۈشتىنمۇ باش تارتمايدۇ ، دەپ قالدىڭىزما ؟ سىزنىڭ نېمە ئىپلاسلىقلارنى قىلىدىغىنىڭىز بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم ؟

– ئالان ، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى .

– ئەمىسە ، ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا كىم مەجبۇر قىلدى ؟ پەرىزىمچە سىزغۇ دەيمەن .

– ساڭا ياردەم قىلغۇم يوق دېمەكچىمۇ سىز؟

– ئەلۋەتتە شۇنداق ، مەن بۇ ئىشقا ھەرگىز قول تىقمايمەن . خەلقئالەم ئالدىدا شەرمەندە بولامسىز – بولمامسىز، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ قىلچە كارىم يوق . بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شورى . شۇنچە جىق ئادەم تۇرسا ئىزدىمەي ، مۇشۇنداق پەسكەش ئىشقا مېنى قول تىقتۇرماقچى بولىۋاتامسىز؟ مەن تېخى سىزنى كىشىنىڭ مىجەز – خۇلقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ دەپ قاپتىمەن . قارىغاندا ، ھېلىقى لورد ھېنىرى دېگەن دوستىڭىز سىزگە پىسخولوگىيىدىنلا ساۋات بېرىپ قالماي ، باشقا ئىشلارنىمۇ ئوبدان ئۆگەتكەندەك قىلىدۇ . مەيلى نېمىلا دېمەڭ ، سىزگە ياردەم قىلالمايمەن . مېنى ئىزدەپ خاتالىشىپسىز ، بېرىپ ئاشۇ دوسىتلىرىڭىزنى ئىزدەڭ .

– ئالان راستىنى دېسەم ، ئۇنى مەن ئۆلتۈرۈۋەتتىم . ئۇنىڭ ماڭا قانچىلىك ئەلەم قىلغانلىقىنى سىز بىلمەيسىز . مەيلى مەن ياخشى ياكى يامان بولاي ، ھازىرقى مېنى يارىتىپ ، بۇرۇنقى ئۆزۈمنى گۇمران قىلىشتا ، ئۇنىڭ رولى ھېنىرىنىڭكىدىن چوڭ بولدى . ئۇ بەلكىم بۇنى كۈتمىگەن بولغىيىتتى ، لېكىن ھامىنى شۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغىنى ئېنىق ئىدى .

– ئۇنى سىز ئۆلتۈرۈۋەتتىڭىزما دورىيان ؟ ۋاي خۇدايىم ! ئەمدى سىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭىزما ! مەن بۇ ئىشقا ئارىلاشمايمەن ، سىزنى چېقىپمۇ يۈرمەيمەن . لېكىن ، ھامىنى قانۇن تورىغا چۈشمەي قالمايسىز . كىشىلەر كىچىككىنە ئەخمىقانە ئىشى ئۈچۈنلا جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . سىزگە يەنە دەپ قوياي ، بۇ ئىشقا مەن قەتئىي ئارىلاشمايمەن .

– ئارىلاشمىسىڭىز بولمايدۇ . توختاڭ ، توختاڭ ، ئاۋۋال گېپىمنى ئاڭلاڭ ئالان . ماڭا پەقەت بىر ئىلمىي تەجرىبە ئىشلەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ . سىز دېگەن دوختۇرخانا ، جەسەت ساقلاش ئورۇنلىرىدا ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئىشلارنى جىق كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن ئادەم . ناۋادا سىز شۇ تاپتا كىشىنىڭ قۇسقۇسى كېلىدىغان بىر ئاناتومىيە ئۆيىدە ياكى سېسىق پۇراق قاپلىغان تەجرىبىخانىدا بولۇپ ، تەجرىبە ئۈستىلىدە ياتقان جەسەتنى كۆرگەن بولسىڭىز ، ئۇنى قالتىس تەجرىبە بۇيۇمى دەپ قارايدىغىنىڭىز ئېنىق ئىدى . چۈنكى سىز ئۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك ، ئۆزىڭىزنى خاتا ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايسىز . ئەكسىچە ، «ئىسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىۋاتىمەن ، دۇنيانىڭ بىلىم خەزىنىسىنى بېيىتىۋاتىمەن ياكى ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئىش ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتىمەن» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن . مېنىڭ باشقا تەلىپىم يوق . پەقەت ئۆزىڭىز دائىم قىلىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىشىپ بېرىڭ دېمەكچى . ئەلۋەتتە ، بىر جەسەتنى كۆيدۈرۈۋېتىش سىز قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ئىشتەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، جەسەتنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز . جەسەت بايقىلىپلا قالسا ، مەنمۇ تەڭ تۈگىشىمەن . ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىز ، جەسەت چوقۇم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ .

– سىزگە نەچچە رەت دېدىم ، مەن بۇ ئىش بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز . سىزگە ياردەم قىلالمايمەن .

– ئالان ، ئۆتۈنۈپ قالاي ، مېنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ . بايا سىز كەلمەستە ، تاس قالدىم ، قورققىنىمدىن ئايلىنىپ قالغىلى . قورقۇنچنىڭ تەمىنى سىزمۇ بىر كۈنلەردە تېتىپ قالارسىز . بولدى ، باشقا ئىشقا دىققىتىمىزنى چاچمايلى . سىز بۇ ئىشقا ئىلمىي نۇقتىدىن تۇرۇپ مۇئامىلە قىلسىڭىزلا بولىدۇ . سىز بۇرۇن تەجرىبە قىلغان جەسەتلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيلا تەجرىبە قىلىۋەرگەن ، شۇڭا ھازىرمۇ سورىماڭ . ھېلىمۇ سىزگە جىق نەرسىلەرنى دەۋەتتىم . ئۆتۈنۈپ قالاي ، بۇرۇنقى دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ ، مۇشۇ ئىشىمغا بىر ياردەم قىلىڭ ئالان .

– تولا بۇرۇنقى چاغلارنى پەش قىلماڭ دورىيان ، ئۇ چاغلار كەلمەسكە كەتكەن .

– كەلمەسكە كەتكەن نەرسىلەرنى بەزىدە قايتۇرۇپ كەلگىلىمۇ بۇلىدۇ . ئەنە ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ ، لېكىن جەسىتى شۇ پېتى تۇرۇپتىغۇ . ئالان ، ھەي ئالان ! سىز ياردەم قىلمىسىڭىز تۈگەشكىنىم شۇ ! بىلەمسىز ، ئۇلار مېنى قىلغانلىرىم ئۈچۈن دارغا ئاسىدۇ .

– دېسىڭىزمۇ پايدىسى يوق ، مەن بۇ ئىشقا قەتئىي ئارىلاشمايمەن . مېنى مۇشۇنداق ئىش ئۈچۈن ياردەم قىل دېگەندىكىن ، سىز ھەقىقەتەن ئېلىشىپ قاپسىز .

– ياردەم قىلمامسىز ؟

– شۇنداق .

– ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئۇنداق قىلماڭ ئالان .

– ئۆتۈنگىنىڭىزنىڭمۇ پايدىسى يوق .

دورىياننىڭ كۆزلىرى تولىمۇ بىچارە تۈس ئالدى ، قولىغا بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ بىر نېمىلەرنى يېزىشقا باشلىدى . ئاندىن يېنىشلاپ ئىككى رەت ئوقۇۋەتكەندىن كېيىن ، خەتنى تۈجۈپىلەپ قاتلاپ ئۈستەلنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئىتتىرىپ قويدى ، ئاندىن ئالدىراپقىنا ئورنىدىن تۇرۇپ ، دەرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىۋالدى .

دورىيانغا قاراپ ھەيران قالغان ئالان كامپېل خەتنى ئىتتىك ئاچتى . خەتنى ئوقۇۋېتىپ ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى ۋە ئورۇندۇققا لاسسىدە يۆلىنىپ قالدى . تۇيۇقسىز كۆڭلى ئېلىشىپ ، يۈرىكى گويا كۆكرەك قەپىزىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى .

– جەسەت بايقىلىپ قالسىلا تۈگەشكىنىم شۇ . ئەگەر ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىز ، ئۇ جەزمەن ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ .

 

ئارىنى خېلىغىچە ئېغىر سۈكۈت قاپلىدى ، دورىيان ئۆرۈلۈپ كامپېلنىڭ كەينىگە ئۆتتى – دە ، قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئالدى .

– سىزگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ ئالان ، – پىچىرلىدى دورىيان ، – لېكىن مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا ئۆزىڭىز مەجبۇر قىلدىڭىز . بىر پارچە خەت يېزىپ تەييار قىلىپ قويدۇم ، ئەنە ئادرسىمۇ يېزىقلىق تۇرۇپتۇ . ياردەم قىلمايدىغان بولسىڭىز ، خەتنى پوچتىدىن سېلىۋېتىمەن . ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىزغۇ دەيمەن . ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىسىز ، ئەمدى رەت قىلىدىغانغا ھېچقانداق ئامالىڭىز قالمىدى . ئەسلى بۇنداق قىلماي دېگەنىدىم ، لېكىن مېنى ئۆزىڭىز مەجبۇرلاپ قويدىڭىز . ماڭا ھېچكىم بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان . بايىدىن بېرى شۇنچە چىدىدىم . ئەمدى شەرت قويۇش نۆۋىتى ماڭا كەلدى .

كامپېل يۈزلىرىنى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ جىممىدە ئولتۇرۇپ قالدى ، پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولىشىپ ، لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى .

– شۇنداق ئالان ، شەرت قۇيۇش نۆۋىتى ئەمدى ماڭا كەلدى . «ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن» دېگەن گەپ بار . بۇنى دېمىسەممۇ ، ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىز . بولدى ، ئۇنچىۋىلا قورقۇپ كەتمەڭ . بۇ ئىشنى شۇنداق بىجىرمىسەك بولمايدۇ . يۈرەكلىكرەك بۇلۇڭچۇ !

-كامپېل چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويدى ، تىتىرىكى ھېچ بېسىلىدىغاندەك قىلمايتتى . كامپېل دورىياننىڭ گۇندىدەك ئېغىر قوللىرىنى بېسىمدا مۇكچىيىپلا قالدى.

– تېز بۇلۇڭ ئالان ، دەرھال بىر قارارغا كېلىڭ .

– بۇنداق ئىشنى قىلسام بولمايدۇ ، – دېدى كامپېل . بۇ گەپلەر دورىياننىڭ قۇلىقىغا ھېچ كىرىدىغاندەك قىلمايتتى .

– قىلمىسىڭىز بولمايدۇ . سىزگە ئەمدى باشقا تاللاش يولى قالمىدى . تولا ۋاقتىمنى ئالماڭ .

كامپېل خېلىغىچە ئارىسالدى بۇلۇپ تۇرۇپ كېتىپ سورىدى :

– جەسەت بار ئۆيدە ئوچاق بارمۇ؟

– بار، تاش پاختىلىق گاز ئوچاق بار .

– مەن تەجرىبىخانامغا بېرىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكىلەي .

– ياق ئالان ، ئۆيدىن چىقسىڭىز بولمايدۇ . كېرەكلىك نەرسىلەرنى قەغەزگە يېزىڭ ، خىزمەتكارىم پەيتون بىلەن بېرىپ ئەكەلسۇن .

كامپېل قەغەزگە نەچچە قۇر خەت يازدى ، ئاندىن كونۋېرتىنىڭ ئۈستىگە ياردەمچىسىنىڭ ئىسمىنى يازدى . دورىيان قەغەزنى قولىغا ئېلىپ ، ئەستايىدىل ئوقۇدى . خىزمەتكارىنى چاقىرىپ قەغەزنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ، دەرھال بېرىپ نەرسىلەرنى ئەكىلىشنى تاپىلىدى .

خىزمەتكار ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى . كامپېل جىددىيلىشىشكە باشلىدى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تام ئوچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى . گويا بەزگەك كېسىلى تۇتۇپ قالغان ئادەمدەك توختىماي جالاقلاپ تىتىرەيتتى . ئالاھەزەل 20 مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ، ئىككەيلەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى . بىر تال چىۋىن ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن – بۇياققا غۇڭۇلداپ ئۇچۇپ يۈرەتتى ، سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى كىشىگە توختىماي ئۇرۇلىۋاتقان بولقىنىڭ ئاۋازىنى ئەسلىتەتتى .

سائەت بىرگە داڭ ئۇردى . كامپېل كەينىگە ئۆرۈلۈپ دورىيان گرېيغا قاراپ قويدى ، دورىياننىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغانىدى . دورىياننىڭ ئازابلىق تۈس ئالغان ، ئەمما كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان تۇرۇقىغا قاراپ كامپېلنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى .

– بەك نۇمۇسسىز ئادەمكەنسىز . شەرمەندىلىكتە ئۇچىغا چىقىپسىز ، – دېدى ئۇ غەزەب بىلەن .

– بولدى سۆزلىمەڭ ئالان . سىز مېنىڭ جېنىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز،- دېدى دورىيان .

– جېنىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز دەۋاتامسىز؟ توۋا خۇدايىم ! سىزدە جان نېمە ئىش قىلسۇن ؟ سىز چۈشكۈنلىشىپ ، جىنايەت ئۆتكۈزدىڭىز . بۇ ئىشنى مەن سىزنىڭ زورىڭىز بىلەنلا قىلىۋاتىمەن ، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قىلمىدىم .

– ھەي ئالان ، – ئۇھسىنىپ قويدى دورىيان ، – مەن سىزدىن باشقا نەرسە كۈتمەيمەن ، پەقەت ماڭا مەن سىزگە ئىچ ئاغرىتقاننىڭ مىڭدىن بىر پىرسەنتچىلىك ئىچ ئاغرىتىپ قويسىڭىزلا ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ، – ئۇ شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلدى – دە ، دەرىزە يېنىغا بېرىپ تۇرىۋالدى . كامپېل ئۈندىمىدى .

ئالاھەزەل ئون مېنۇتلاردىن كېيىن ، ئىشىك چېكىلىپ ، خىزمەتكار فىرانسىس خېمىيىۋى بۇيۇملار قاچىلانغان بىر ياغاچ ساندۇق ، يوغان بىر يۆگەم پولات سىم ۋە شەكلى تولىمۇ غەلىتە كەلگەن بىر قىسقۇچنى كۆتەرگىنىچە كىرىپ كەلدى .

– نەرسىلەرنى مۇشۇ يەرگە قۇيىمەنمۇ ئەپەندىم ؟- سورىدى ئۇ كامپېلدىن .

– شۇنداق ، – دېدى دورىيان ، – فىرانسىس ، يەنە بىر ئىش بار ئىدى ، بىجىرىپ كەلسەڭ بوپتىكەن . رېچموندتىكى سېلبىي قورۇقىغا كەترەن گۈلى ئاپىرىپ بېرىدىغان ھېلىقى كىشىنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟

– ھاردىن، ئەپەندىم.

– توغرا ، ھاردىن . سەن دەرھال رېچموندقا بېرىپ ھاردىننىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىن . كەترەن گۈلى ئەكىلىپ بەرسۇن ، مەن ئىلگىرى زاكاس قىلغاندىكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئەكەلسۇن ، ئاق كەترەن گۈلى ئىمكانبار ئارىلىشىپ قالمىسۇن . بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى ، فىرانسىس . رېچموند ناھايتتى چىرايلىق جاي . ئۇنداق بولمىغان بولسا ، سېنى بۇنچە ئۇزاق يولغا ئەۋەتمىگەن بولاتتىم .

– ئاۋارە بۇلىدىغان ئىش يوق ئەپەندىم . قاچانغىچە قايتىپ كەلسەم بۇلىدۇ ؟

دورىيان كامپېلغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ، پەرۋاسىز قىياپەتتە سورىدى:

– تەجىرىبىڭىز قانچىلىك ۋاقىتتا تۈگەيدۇ ئالان ؟ – ئۆيدە خىزمەتكار بولغاچقىمىكىن ئەيتاۋۇر ، ئۇ خېلىلا يۈرەكلىك بۇلۇپ قالغانىدى .

كامپېل قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ، لەۋلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ دېدى :

– تەخمىنەن بەش سائەتلەردە تۈگەپ قالار .

– خېلى ۋاقىت بار ئىكەن ، سائەت 7:30 لاردا قايتىپ كەلسەڭ بولار ، فىرانسىس . بولمىسا شۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ ئەتە كەلسەڭمۇ بۇلىدۇ. لېكىن ، كىيىملىرىمنى تەييارلاپ قۇيۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالما . كەچتە ئىشلىرىڭنى قىلىۋال . كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەيمەن ، سەن بولمىساڭمۇ بۇلىدۇ .

– رەھمەت سىزگە ئەپەندىم ، – خىزمەتكار شۇنداق دېگەچ ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى .

– ئالان ، ئەمدى بىر مېنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ . ھەجەپ ئېغىر ساندۇقكىنا – بۇ! بۇنى مەن ئەپچىقاي ، سىز باشقا نەرسىلەرنى كۆتۈرۈڭ ،- دېدى دورىيان بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا . كامپېل بۇنىڭدىن دورىياننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولدى . ئۇلار تەڭلا ئۆيدىن چىقىشتى .

ئۇلار ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا ، دورىيان ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشىكنى ئاچتى ، ئاچتىيۇ جايىدا جىممىدە تۇرۇپ قالدى ، كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەنسىزلىك ئۇچقۇنلىرى چاچرىدى . ئۇ لاغىلداپ تىترىگىنىچە تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا دېدى :

– مەن كىرمەي تۇرايمىكىن ئالان .

– ئىختىيارىڭىز ، كىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، – دېدى كامپېل توڭلۇق بىلەن .

دورىيان ئىشىكنى قىيا ئاچتى ، ئۆيدىكى رەسىم ئۇنىڭغا گويا مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . رەسىمنىڭ يۈزىگە تارتىپ قويۇلغان پەردە يەردە تاشلىنىپ تۇراتتى . ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە رەسىمگە پەردە تارتىپ قويۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى . ئۇ دەرھال ئىچىگە كىرەي دېدىيۇ ، لېكىن پۈتۈن ئەزايىنى سۈر بېسىپ كەينىگە ياندى .

رەسىمنىڭ بىر قولىدا چېكىم – چېكىم قان ئىزلىرى تۇراتتى . رەسىمنىڭ يۈزىگە قان چېچىراپ كەتكەندەك قىلاتتى . شۇ تاپتا رەسىم ئۇنىڭغا بازىلنىڭ ئاۋۇ ئېچىنىشلىق جەسىتىدىنمۇ قورقۇنچلۇق تۇيۇلىۋاتاتتى .

ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ ، ئىشىكنى يوغان ئاچتى ، جەسەتكە قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن بېشىنى يانغا بۇرىغىنىچە ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى . ئاندىن ، ئېڭىشىپ سۆسۈن رەڭدىكى پەردىنى ئېلىپ ، رەسىمنىڭ يۈزىگە يېپىۋەتتى .

ئۇ جايىدا مىدىر- سىدىر قىلماي خېلىغىچە تۇردى ، كەينىگە قاراشقا ھېچ جۈرئىتى يوق ئىدى . ئۇنىڭغىچە كامپېل كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئۆيگە توشۇپ ئەكىردى . دورىيان ئالان بىلەن بازىل خالۋاردنى تونۇشۇمدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدى . ئەگەر كامپېل بازىل بىلەن تونۇش بۇلۇپ قالسا ، قانداق بولار؟

– ئەمدى چىقىپ كەتسىڭىز بۇلىدۇ ! – دېدى كامپېل تەئەددى بىلەن .

– دورىيان كەينىگە ئۆرۈلۈپ تېزلىكتە چىقىپ كەتتى . چىقىپ كېتىۋېتىپ كامپېلنىڭ بازىلنىڭ قانسىراپ خۇنىنى يوقاتقان جەسىتىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . پەسكە چۈشۈپ كېتىۋېتىپ ، ئىشىكنىڭ ئىچىدىن قۇلۇپلانغانلىقىنى ئاڭلىدى .

كامپېل ئىشنى تۈگەتكەندە سائەت 7 دىن ئاشقان ئىدى . ئۇنىڭ چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ناھايىتى سالماق كۆرۈنەتتى .

– ئىش تۈگىدى ، – دېدى ئۇ بوغۇق ئاۋازدا ، – مەن كەتتىم دورىيان . ئىككىمىز ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈشمەيلى .

– ئالان ، سىز مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز . بۇ شاپائىتىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن ، – دېدى دورىيان .

كامپېل چىقىپ كېتىشىگە ، دورىيان ئۈستىدىكى ئۆيگە چىقتى . ئۆي ئىچىنى ئازۇت كىسلاتاسىنىڭ ھېدى بىر ئالغانىدى . بازىلنىڭ جەسىتى ھېچنەدە كۆرۈنمەيتتى .

ئىزاھات :

① لاسنېر (1800 – 1836 ) – فرانسىيىلىك قاتىل ، 1836 – يىلى دارغا ئېسىلغان .

② لىدو – ۋېنتىسىيىنىڭ يېنىدىكى ئارال ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە دېڭىز مۇنچىسى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر .

③ تىنتورېت – ۋېنتىسىيىلىك مەشھۇر رەسسام .

④ رۇبىنىستېيىن (1830 – 1899) – گېرمانىيىلىك كومپوزىتور ۋە پىئانىنو چالغۇچى .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11279

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-03
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: