پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئېرنىسىت ھېمىڭۋاي: سۇدىكى مۈشۈك

سۇدىكى مۈشۈك

ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

 

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات

 

مېھمانخانىدا قونغانلار ئىچىدە ئامېرىكىلىق مېھماندىن پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇلار ياتاققا كىرىپ چىقىپ، پەلەمپەيدىن ئۆتىۋاتقاندا ئۆزلىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تونۇمايتتى. ئۇلارنىڭ ياتىقى دېڭىزغا قاراپ تۇرغان ئىككىنچى قەۋەتتە ئىدى. ياتاق دېرىزىسى ئۇدۇلىغا يەنە باغچا بىلەن ئۇرۇش ئابىدىسى توغرا كېلەتتى. باغچىدا يوغان پالما دەرىخى، يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن ئورۇندۇق بار ئىدى. ھاۋا ياخشى كۈنلەردە، باغچىدا رەسىم جاھازىسى ئېلىۋالغان رەسسامنى كۆرگىلى بولاتتى. رەسساملارنىڭ ھەممىسى پالما دەرىخىنىڭ ئېگىز ئۆسكەن ھالىتىنى، دېڭىز بىلەن باغچىغا قاراپ تۇرغان مېھمانخانىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىتالىيەلىكلەر دائىملا ئۇرۇش ئابىدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇرۇش ئابىدىسى مىستىن ياسالغان. يامغۇر ياغسا يالتىراپ نۇر چاچىدۇ. يامغۇر ياغماقتا. يامغۇر سۈيى پالما دەرىخى ئۈستىدىن تامچىلىماقتا. تاش يولغا سۇ كۆللەپ قالغان. دېڭىز سۈيى يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ دومىلاپ كەلگىنىچە قىرغاققا ئۇرۇلىدۇ، ئارقىدىن دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ سىيرىلغىنىچە كەينىگە قايتىدۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن يامغۇر سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ دومىلاپ كېلىدۇ. ئۇرۇش ئابىدىسى يېنىغا توختىتىلغان ماشىنالارنىڭ ھەممىسى ھەيدەپ كېتىلدى. مەيداننىڭ ئۇدۇلىدا، مۇلازىملاردىن بىرى ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قۇرۇقدىلىپ قالغان مەيدانغا قاراپ تۇرماقتا.

ئامرېكىلىق خانىم دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىرتقا نەزەر تاشلىدى. سىرتتا-ئۇلارنىڭ دەرىزىسى ئاستىدا- بىر مۈشۈك ئەتراپىدىن يامغۇر سۈيى تامچىلاۋاتقان يېشىل رەڭلىك ئۈستەلنىڭ تېگىدە تۈگۈلۈپ تۇراتتى. مۈشۈك يامغۇر سۈيىنىڭ بەدىنىگە تېمىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بار كۈچىنى يىغىپ تۈگۈلمەكتە ئىدى.

-پەسكە چۈشۈپ ئاۋۇ مۈشۈكنى تۇتىۋالاي،-دېدى ئامرېكىلىق خانىم.

-مەن تۇتاي،-ئۇنىڭ كارىۋاتتا ياتقان ئېرى شۇنداق دېدى.

-ياق، ئۆزۈم تۇتىمەن. ئۇ بىچارە مۈشۈك ھۆل بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋالدى.

ئۇنىڭ ئېرى كىتاۋىنى كۆرىۋەردى. ئۇ بېشىغا ئېگىز ياستۇقتىن ئىككى قويۇپ، كارىۋاتنىڭ ئاياق تەرىپىدە ياتاتتى.

-يامغۇردا قالماڭ،-دېدى ئۇ.

خانىم پەلەمپەيدىن چۈشۈپ، مېھمانخانا ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنىڭ ئېگىلىپ سالام بەردى. مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ يېزىق ئۈستىلى ئىشخانىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ئىدى. ئۇ بەكلا ئېگىز بويلۇق ياشانغان كىشى ئىدى.

-يامغۇر يېغىپ كەتتى،-دېدى خانىم. ئۇ مېھمانخانا خوجايىنىنى ياختۇرۇپ قالدى.

-شۇنداق، شۇنداق، خانىم، ھاۋا ياخشى ئەمەس. ھاۋا بەك ناچار.

مېھمانخانا خوجايىنى قاراڭغۇ ئىشخانىسىنىڭ بۇلۇڭىدىكى يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. خانىم ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەرقانداق زارلىنىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۇ ئۇنىڭ تەمكىن پوزىتسىيىسىنى، ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى مېھمانخانا خوجايىنى دەپ ھېسابلىغاندىكى مۇئامىلىسىنى ، ئۇنىڭ ياشانغان يۈزىنى ۋە يوغان قولىنى ياقتۇرۇپ قالدى.

ئۇ بىر ياقتىن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغاچ، بىر ياقتىن ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قارىدى. يامغۇر تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. رېزىنكە يېپىنچا كىيىۋالغان بىرەيلەن مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا. ھېلىقى مۈشۈك تەخمىنەن ئوڭ تەرەپتىكى يېقىن ئەتراپتا. بەلكىم ئۇ بىنانىڭ لەمپىسىنى بويلاپ مېڭىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر كۈنلۈك ئېچىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا مەسئۇل مۇلازىم قىز ئىدى.

-سىزنى ھۆل قىلىۋەتمەسلىكىم كېرەك،-ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئىتالىيە تىلىدا شۇنداق دېدى. ئۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا مېھمانخانا خوجايىنى ئورۇنلاشتۇرغىنى ئېنىقلا ئىدى. خانىم مۇلازىم قىزنىڭ كۈنلۈك بىلەن ئۆزىنى قوغدىشى ئاستىدا، تاشلىق يولنى بويلاپ، ئۆزى چۈشكەن ياتاقنىڭ ئاستىغا كەلدى. ئۈستەل مۇشۇ يەردە ئىدى، يامغۇردا ياپيېشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق، مۈشۈك يوق تۇراتتى. ئۇ بىردىنلا بەك ئۈمىدسىزلەندى. مۇلازىم قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.

-بىرەر نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ، خانىم؟

-بىر مۈشۈكنى.

-مۈشۈكنى؟

-ھەئە، مۈشۈكنى؟

-مۈشۈكنى؟-مۇلازىم قىز قاقاھلاپ كۈلدى،-يامغۇردا قالغان مۈشۈكنى؟

-شۇنداق. مۇشۇ ئۈستەلنىڭ ئاستىدا ئىدى،-ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-ھەي، ئۇنى ھەجەپ سېغىندىم. ئۇ ماڭا كېرەك ئىدى.

ئۇ ئېنگىلىزچە سۆزلىگەندە، مۇلازىم قىزنىڭ يۈزى بىردىنلا تارتىشىپ كەتتى.

-يۈرۈڭ، خانىم، كىرىپ كېتىشىمىز كېرەك، ھۆل بولۇپ كېتىسىز.

-شۇنداق بولۇشىنى خالايمەن.

ئۇلار تاشلىق يولنى بويلاپ كەينىگە قايتىپ، مېھمانخانىغا كىردى. مۇلازىم قىز سىرتتا قېلىپ، كۈنلۈكنى يىغدى. ئامرېكىلىق خانىم مېھمانخانىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا سالام قىلدى. خانىم بىر ئاز زېرىكىش ۋە ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى. بۇ خوجايىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەك زېرىكىشلىك بىلنەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەكلا قالتىس بىلنەشتى. خانىم بىردىنلا ئۆزىنى بەك قالتىس ھېس قىلدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. جورجى كارىۋاتتا يېتىپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى.

-مۈشۈكنى تۇتىۋالالىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ قولىدىكى كىتابنى قويۇپ.

-قېچىپ كەتتى.

-نەگە قېچىپ كېتىدۇ؟-دېدى ئۇ كىتابقا قارىماستىن كۆزىنى ئارام ئالدۇرغاچ.

خانىم كارىۋاتتا ئولتۇردى.

-ماڭا ئۇ مۈشۈك بەك كېرەك ئىدى، ئۇ مۈشۈككە نېمىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇ بىچارە مۈشۈك ماڭا كېرەك. يامغۇردا قالغان بىچارە مۈشۈك بولۇپ قېلىش ھەرگىزمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس.

جورجى يەنە كىتابقا قارىدى.

ئۇ گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىغا ئەينەكنى ئېلىپ، ئۆزىگە قارىدى. ئۇ ئۆزىنى يان تەرەپتىن ئوبدان كۆزەتتى. ئاۋال بىر تەرەپتىن ،ئاندىن يەنە بىر تەرەپتىن كۆزەتتى. ئاندىن بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ۋە بوينىغا سىنچىلاپ قارىدى.

-ئەگەر چېچىمنى قويۇۋەتسەم، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟-دەپ سورىدى ئۇ. ئاندىن يەنە يان كۆرۈنىشىگە قارىدى.

جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ بوينىغا قارىدى. ئۇنىڭ چېچى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش قىسقا قىلىپ ياسىتىلغان ئىدى.

-مۇشۇ ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

-لېكىن، بۇ ھالىتىمدىن بەك زېرىكتىم. ئەر كىشىدەكلا. ئىچىمنى بەك پۇشۇردى.

-سىز راستلا بەك چىرايلىق.

ئۇ ئەينەكنى گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويدى، دېرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يىراقلارغا قارىدى. ئاسماننى بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلىماقتا ئىدى.

-مەن چېچىمنى ھەم چىڭ، ھەم سىلىق ئۆرۈپ، ئارقا تەرىپىمدىن ئۆزۈم سىلىيالىغۇدەك ھالەتتە تۈگۈنچەكلىۋالىمەن،-دېدى ئۇ،-مېنىڭ راستتىنلا بىر مۈشۈكنى تىزىمغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنى سىلاپ مىياڭشىتقۇم بار.

-شۇنداقمۇ؟-دېدى جورجى كارىۋاتتا يېتىپ. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ كۆمۈش چىنە-قاچىلىرىمدا تاماق يەيمەن. شام ياقىمەن. ھازىر مەن ئۈچۈن باھار پەسلى بولۇشى، ئەينەككە قاراپ چاچ تارىشىم كېرەك. ماڭا مۈشۈك لازىم. يەنە نەچچە قۇر يېڭى كىيىم لازىم.

-ۋاي، بولدى قىلىڭ، بىر نەرسە تېپىپ ئوقۇڭە،-دېدى جورجى. ئۇ يەنە كىتاب ئوقۇدى.

ئۇنىڭ ئايالى دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى. بۇ چاغدا، سىرت قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. يامغۇر تېغىچى پالما دەرىخىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى.

-ئشقىلىپ، ماڭا بىر مۈشۈك لازىم،-دېدى ئۇ،-ماڭا مۈشۈك لازىم، ھازىر ماڭا بىر مۈشۈك لازىم. ئۇزۇن چېچىممۇ، مېنى خۇشال قىلىدىغان بىرەر نەرسەممۇ بولمىغاندىكىن، بىر تال مۈشۈك بولسا يامان كەتمەس.

جورج ئەمدى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ كىتاب ئوقۇماقتا. ئۇنىڭ ئايالى دېرىزىدىن سىرتقا قارىماقتا. مەيداننىڭ چىراقلىرى يورۇپ كەتكەن ئىدى.

بىرسى ئىشىك چەكتى.

-كىرىڭ،-دېدى جورج كارۋاتتا ياتقان پېتى نەزىرىنى ئىشىككە بۇراپ.

ھېلىقى مۇلازىم قىز ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ يوغان بىر كارتېتا مۈشىكىنى چىڭڭىدەك قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ مۈشۈكنى پەم بىلەن قويۇپ بەردى.

-كەچۈرۈڭ،-دېدى مۇلازىم،-خوجايىن بۇ مۈشۈكنى خانىمىڭىزغا بېرىشىمنى ئېيتقان ئىدى.

«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مىكرو ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلى» 2014- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12027

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-03-05
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 6دانە
  1. بەك قىممەت ئىكەن
    ئاپتورى: لېف تولىستوي
    دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2104- يىللىق 2- سان

  2. ئېلاننىڭ قۇربانى
    ئاپتورى: زۇلا (فىرانسىيە)
    «دۇنيا ئەدەبىياتى » ژۇرنىلى 2014- يىللىق 1- سان

  3. كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي
    ئاپتورى: ھېمىڭۋاي
    «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» 2014- يىللىق 2- سان

  4. سۇدىكى مۈشۈك
    ئاپتورى: ھېمىڭۋاي
    «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» 2014- يىللىق 2- سان

  5. ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ……. خازانوف (رۇسىيە) ………………….. قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
    دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2014- يىللىق 4- سان

  6. ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ……. خازانوف (رۇسىيە) ………………….. قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
    دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2014- يىللىق 3- سان

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: