پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» 2014-يىللىق 2-سان

«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» 2014-يىللىق 2-سان مۇندەرىجىسى

پوۋېست

ئەمەلدارلىق يولى ــــــــــــــــــــــــــــــــــ تاڭ داتيەن (ئىبراھىم نىياز تەرجىمىسى) 3

ھېكايە

ئىككىگە بۆلۈۋېتىلگەن دۇنيا ـــــــ جۇشەنپۇ (ياسىن سىيىت ئارچىن تەرجىمىسى) 49

كىچىك ھېكايە

مېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىم ـــــــــــــــــــــــــــــ خۇدېيۈن (ساتتار ئابدۇللا تەرجىمىسى) 64

ساپا ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سۇن شىڭيۈن (ساتتار ئابدۇللا تەرجىمىسى) 67

شېئىر

يېسىنىن شېئىرلىرىدىن ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ جېلىل خېلىل تەرجىمىسى 69

چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئېرنىست ھېمىڭۋاي مىكرو ھېكايىلىرىدىن ئىككى پارچە ــــــ قۇدرەت بارات تەرجىمىسى 73

كۆزنەك

نەگە بېرىش كېرەك ـــــــــــــــــــــــــــــ ليۇ چىڭباڭ (راخمان مامۇت تەرجىمىسى) 78

ئەدەبىي خاتىرە

ھېسسىننىڭ ئەنگلىيەگە ئۇچىشىدىكى سىر ـــــ ۋىليام جا. سىندېر (غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى) 91

نەسىر

موگاۋ غارلىرى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ يۈ چيۇيۈ (دولقۇن ئەلى تەرجىمىسى) 94

ھەيرانباغ

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى 102

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12010

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-02-22
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ژۇرناللار كاتالوگى
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ مۇنبەرنى يېڭىدىن بايقاپ قالغانىدىم، دائىم كىرىمەن، تەرقىمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ مۇشۇ بلوگدىنلا نەچچە سائەت ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. تەرجىمىلىرىڭىزگە بەك قايىلمەن.
    كۈزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا بۇ مۇندەرىجىدىكى قۇدرەت بارات بىلەن قېرىنداش ئوخشايسىلەر-ھە؟
    مەنمۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىمەن، ئەمما قانداق تەرجىمە قىلىش، قانداق تەرجىمىگە كىرىش دىگەندەك نوقتىىلار ماڭا ئايدىڭ ئەمەس. ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ مۇقىم قېلىپى بارمۇ؟قانداق قىلغاندا ياخشى تەرجىمىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؟ تەرقىمىدە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ مۇشۇ جەھەتلەردە بىرەر يازما يېزىپ يوللىغان بولىسڭىز، تەرجىمىگە قىزىقىدىغانلار خېلى جىق ، تەرجىمىگە باشلاپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

  2. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    بىلوگىمى ياقتۇرغىنىڭغا رەھمەت.
    ئەدەبىي تەرجىمىدە مۇقىم قېلىپ دەيدىغان بىر نەرسە يوق. ئەدەبىي تەرجىمە تالانتى ئۇزۇن مەزگىل تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا تەبىئىي يېتىلىدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىمەن دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن چوقۇم ئانا تىلىغا پۇختا بولۇشى كېرەك.
    ئەگەر ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىش ئويىڭىز بولسا ئاۋۋال تىلى ناھايىتى چىرايلىق چىققان ، ئۇيغۇرچە يېزىلغان رومانلارنى ئوقۇپ، تىلىڭىزنى بېيىتىڭ.
    مىڭ بىر كېچە، ئويغانغان زېمىن، ئىز، تۈندىكى چاقماق دېگەندەك رومانلارنى ئوقۇپ جۈملە تەشكىللەش، ئىپادىلەش ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
    يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل:ياخشى چىققان تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچىسىنى تېپىپ ئۇيغۇرچىسى بىلەن تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى، ھەم بەك تېز ئىلگىرىلەيسىز.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: