پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

زۇڭتۇڭ ئەپەندى: 2- باب

زۇڭتۇڭ ئەپەندى

(رومان)

ئاپتورى: مىگېل ئانگېل ئاستۇرىياس

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

2- باب. «چىۋىن» نىڭ ئۆلۈمى

ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى باشقارمىسى، خىرستىيان دىنى چېركاۋى ۋە تامچى ئۇستاملار ئىشلەۋاتقان خىشتىن قوپۇرۇلغان بىنا يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشتىن نۇر ئېلىپ، ئالتۇندەك ساپسېرىق تۈسكە كىرگەن ئىدى. كوچىنىڭ ئۇ يەر- بۇ يېرىدە ئاندا- ساندا ئادەملەر مېڭىپ يۈرەتتى، بىر قانچە ئائىلىنىڭ دەرۋازىسى داغدام ئېچىپ قويۇلغانىدى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ كۈن چۈشمەيدىغان، زەيلىشىپ كەتكەن ھويلىسى بىلەن قاپقاراڭغۇ كارىدورىدىكى تاش ئورۇندۇقتا تۈرمىدىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلگەن بىر توپ ئايال ئولتۇراتتى. ئاياللارنىڭ ھەممىسى يالاڭئاياغ، ئۇچىسىغا تىزىدىن ئاشىدىغان تاغاردەك كەڭ كۆينەك كىيگەن، تىزىغا ناشتىلىق سېلىپ ئەكەلگەن سىۋەت قويۇۋالغان، چۆرىسىدە بىر توپ بالا ئويناپ يۈرەتتى، بالىلارنىڭ كىچىكلىرى ئاپىلىرىنىڭ بوشىشىپ خالتىلىشىپ كەتكەن كۆكسىنى ئېمىۋاتقان، چوڭراقلىرىنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى سىۋەتتكى بولكىغا تىكىلگەن بولۇپ، ئاغزىدىكى سېرىق سۇنى دەممۇدەم يۇتاتتى. ئاياللار بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلىرىدىن بىر- بىرىگە دادلاشقاچ كۆزلىرىدىن تارام- تارام ياش تۆكەتتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ رومىلىنىڭ ئۇچى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتۈپ قوياتتى. بەزگەك كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ، كۆزلىرى ئورىدەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىر موماي گويا باشقىلارغا ھېچكىمنىڭ دەردىنىڭ ئۆزىنىڭكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك، كۆزلىرىدىن سەلدەك ياش تۆككىنىچە ئۈنسىز يىغلاپ ئولتۇراتتى. لېكىن، بۇ زاماندا، مۇدھىش قاپلىغان بۇ نەس جايدا، ئىككى- ئۈچ تۈپ قاقشال دەرەخ بىلەن سۈيى قۇرۇپ كەتكەن فونتاننىڭ يېنىدا، تولىمۇ روھسىز ھالەتتە تۈكۈرۈكى بىلەن فورمىسىنىڭ پاگونىنى سۈرتۈۋاتقان نۆۋەتچى ساقچىنىڭ ئالدىدا ئۇلار دۇچ كەلگەن بەختسىزلىكلەرنىڭ ئېتىبارى يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەرگە تەن بەرمەكتىن باشقا ئىلاجى يوق ئىدى.

بىر ئىندىئان ئەسكەر ئاياللارنىڭ ئالدىدىن «چىۋىن» نى داقىرىتىپ سۆرىگىنىچە ئۆتۈپ كەتتى. ئەسكەر پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدا تىلەمچىنى قولغا ئالغانىدى. ئەسكەر تىلەمچىنى تاپنى سۆرىگەن پەدىگە بىلىكىدىن سۆرىگەن پېتى ساقچى ئىدارىسىگە ئەكىرىپ كەتتى. ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مۇنۇ كۈلكىلىك ھالەتكە دىققەت قىلغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ئىدى، ئۇلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن سولاقخانىنىڭ ئىشىكىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى، چۈنكى گۇندىپاي خالىغان چاغدا ئۇلار ئەكەلگەن ناشتىلىقنى ئەكىرىپ كەتكىلى ياكى جىنايەتچىلەرنىڭ: «ئۇ: ‹مەندىن ئەنسىرىمىسۇن، خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم› دەيدۇ؛ ئۇ: ‹دورىخانا ئېچىلغان ھامان بېرىپ تۆت موچەنلىك جاراھەتكە سۈركەيدىغان مەلھەم دورىسى ئەكېلىپ بەرسۇن!› دەيدۇ؛ ئۇ: ‹نەۋرە ئاكامنىڭ ھېلىقى ئىشى يالغان، سېنى ھەرگىز ئىشەنمىسۇن!› دەيدۇ؛ ئۇ: ‹بېرىپ ئادۋوكات ياللىسۇن، ئادۋوكاتنىڭ بەك داڭلىقىنى ئىزدىمىسۇن، داڭلىق ئادۋوكاتلار ھەقنى جىق ئالىدۇ› دەيدۇ؛ ئۇ: ‹ئۇنىڭ بىلەن قېيدىشىپ يۈرمىسۇن، بۇ يەردە ئۇنىڭ كۈنداشلىقىنى قوزغىغۇدەك ھېچكىم يوق، ئۆتكەندە تۇتۇلۇپ كىرگەن ھېلىقى بىر نېمىنىڭمۇ ئاشنىسى بار ئىكەن!› دەيدۇ؛ ئۇ: ‹نەچچە كۈننىڭياقى چوڭ تەرىتىم راۋان ئەمەس، نەچچە موچەنلىك سۈرگە دورىسى كىرگۈزۈپ بەرسۇن!› دەيدۇ؛ ئۇ: ‹تۇرمۇشنى ئەپلەپ- سەپلەپ قامداپ كېتىشكە كۆزى يەتسە، كىيىم ئىشكابىنى ساتمىسۇن!› دەيدۇ» دېگەندەك سالام- سائەتلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى.

ـــ نېمانداق غەرەز ئۇقمايدىغان نېمىسەن؟ـــ ساقچىنىڭ قىيناشلىرىغا چىدىمىغان «چىۋىن» ئۆكتە قوپتى،ـــ ماۋۇ گاداينى خالىغانچە بوزەك قىلسام كۆتۈرىدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ ساڭا دەپ قوياي، گاداي بولساممىچۇ، پاك ياشايدىغان ئادەممەن. قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، مەن سېنىڭ بېقىۋالغان بالاڭ ئەمەس، ئويۇنچىقىڭمۇ ئەمەس، بوزەك قىلساڭ جىم تۇرۇپ بېرىدىغان ساراڭمۇ ئەمەس. مېنى نېمەڭگە شۇنچە دوقۇسلىتىسەن؟ تايىنلىق، بىزنى يەنە ھېلىقى «تىلەمچىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنى» غا سولاپ قويارسەن؟ ئادەم تۇرىدىغان جاي ئەمەس ئۇ! ئاناڭنى، ئۇ گۇيلار ئامېرىكىلىقلارغا ياخشىچاق بولۇشنى، ئىشىك- دەرىزىلىرىنى بېزەشنىلا ئۇقىدۇ، ئۆلەمدۇق- تىرىلەمدۇق، بىز بىلەن قىلچە كارى يوق. يەيدىغانغا تاماق بەرمەي ئۈچ- تۆت كۈنگىچە ئاچ قويىدۇ. ساراڭلاردەك ئەسكى ئەدىيالنى ئۇچىمىزغا ئارتىپ تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرىزىگە تەلمۈرۈپ ياشاشتىن ئۆتە ئازاب بولامدۇ . . .

تىلەمچىلەر بىردىن- ئىككىدىن تۇتۇپ كېلىنىپ، «ئۈچ مارىيە» دەپ نامى بار كاتەكتەك كىچىك، زەي كامېرغا سولاندى. «چىۋىن» تاشپاقىدەك ئۆمىلەپ كامېرغا ئاران كىردى. تالادا بولغان بولسا ئۇنىڭ ئاۋازى تۆمۈر ئىشىكلەرنىڭ جاراڭ- جۇرۇڭلىرى ۋە پۈتۈن ئەزايىدىن سېسىق تەر بىلەن ئاچچىق تاماكا ھىدى كېلىدىغان گۇندىپايلارنىڭ چىدىغۇسىز ئاھانەتلىرىنى بېسىپ چۈشكەن بولاتتى. لېكىن، ئەگمە تۇرۇسلۇق كامېرغا كىرىپلا ئۇنىڭ ئاۋازلىرى بۆلەكچە ياڭراق چىقىشقا باشلىدى:

ـــ ۋاي ئاللا، ھەممە يەرگە ساقچى بىلەن پۇقراچە كىيىنگەنلەر يېغىپ كېتىپتىغۇ، تەڭرىم، ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن! . . .

ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كامېردا پوتلىسىنى ئېقىتىپ يۇم- يۇم يىغلىماقتا ئىدى. زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇلارنىڭ جېنىغا پاتماقتا ئىدى، ئۇلارغا ئەمدى ئىككىنچىلەپ يۇرۇقلۇقنى كۆرەلمەيدىغاندەكلا تۇيۇلماقتا ئىدى. ۋەھىمە ئۇلارنى قىينىماقتا، ئۇلار بۇ يەردە بۇرۇنقىلاردەك ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقماقتا ئىدى. ئۇلارنى ئەڭ قورقۇنچقا سېلىپ غال- غال تىتىرىتىۋاتقان نەرسە شۇ ئىدىكى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلار لالما ئىتقا ئوخشاش تېرىسى تەتۈر سويۇلۇپ مايدا داغلىنىپ ياكى بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنىپ گۆشلىرى ساقچىلارغا يەم بولىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. بۇنى خىيالىغا كەلتۈرگەنسېرى ھېلىلا زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئىككى قوۋزى بەئەينى يوغان قوڭدەك ھۈپپىدە سەمرىگەن، ساقال- بۇرۇتلىرىغا تۈكۈرۈك- شالداملىرى چاپلىشىپ قالغان ئادەم گۆشى يەيدىغانلارنىڭ ياۋۇز كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە چىقىپ كېلىدىغاندەك تەنلىرى شۈركۈنۈپ، قورقۇنچى ھەسسىلەپ ئاشاتتى…..

بۇ كامېرغا يەنە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن چېركاۋ غوجىدارىمۇ سولاقلىق ئىدى.

ـــ ئەپەندىم، خاتالاشمىغان بولسام، سىز بۇ يەرگە بىرىنچى بولۇپ كەلگەنغۇ دەيمەن. ئالدىدا سىز، كەينىدىن مەن كەلدىم، توغرىمۇ؟ـــ دېدى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھولۇققىنىدىن دېگۈدەك باشقا گەپ تاپالماي.

ـــ ھىم، بەلكىم شۇنداقتۇ . . .ـــ دەپ جاۋاب بەردى چېركاۋ غوجىدارى قاراڭغۇدا گەپ قىلغان كىشىنىڭ چىرايىنى پەرق ئەتمەكچى بولغاندەك.

ـــ شۇ، نېمىشقا قولغا ئېلىنغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا سوراپ باققۇم بار ئىدى . . .

ـــ سىياسىيغا چېتىلىپ قاپتىمىشمەن . . .ـــ جاۋاب بەردى چېركاۋ غوجىدارى.

ـــ مەنمۇ شۇ،ـــ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى غال- غال تىتىرىگىنىچە تولىمۇ تەستلىكتە شۇنداق دېدى.

تىلەمچىلەر ئۆپچۆرىسىدىن ئەزەلدىن يېنىدىن ئايرىمايدىغان زاپاس يېمەكلىك سالىدىغان بوپىسىنى سىيپاشتۇرۇپ ئىزدەشكە باشلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ جىمى نەرسىلىرى ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا تۇتۇپ قېلىنغانىدى، ھەتتا يانچۇقلىرىدىكى نەرسىلەرمۇ تارتىۋېلىنغان، يېنىدا سەرەڭگە چاغلىق نەرسىسىنىمۇ قويمىغان ئىدى، بۇيرۇق تولىمۇ كەسكىن ئىدى.

ـــ دېلورىڭىز قانداقراق ئىشلىنىۋاتىدۇ؟ـــ سورىدى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.

ـــ سېنىڭكى بىلەن ئوخشاش، تېخىچە سوراق قىلمىدى. ئەڭ يۇقىرى ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمەن،ـــ دېدى چېركاۋ غوجىدارى بىردەم بولسىمۇ ئارام تېپىش ئۈچۈن پىت تولا چېقىپ ئارام بەرمەيۋاتقان دۈمبىسىنى ئوڭغۇل- دوڭغۇل تامغا سۈركەۋېتىپ.

ـــ سىز . . .

ـــ مەن ھېچنېمە ئەمەس!. . . چېركاۋ غوجىدارى خوشياقمىغاندەك ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى،ـــ مەن ھېچنېمە ئەمەس!

شۇ ئەسنادا كامېر ئىشىكى غىچ قىلىپ قىيا ئېچىلىپ، يەنە بىر تىلەمچى ئىتتىرىپ كىرگۈزۈلدى.

ـــ ياشىسۇن فرانسىيە!ـــ دەپ توۋلىدى «توكۇر» ئىشىكتىن كىرىۋېتىپ.

ـــ مېنىڭ قولغا ئېلىنىشىم . . .ـــ چېركاۋ غوجىدارى گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دېدى.

ـــ فرانسىيە ياشىسۇن!

ـــ ھەممىسى شۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكىمدىن بولدى. چېركاۋ ئىشىكى ئالدىدىكى ئېلان تاختىسىدىن دېرائو مۇقەددەس ئانىنىڭ تەۋەللۇت كۈنى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئالدىم دەپ، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەپىقىسىنىڭ تەۋەللۇت كۈنى مىسا ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ تاشلاپتىمەن. قارىمامسەن، بولغان ئىشنىڭ ھەممىسى شۇ!

ـــ لېكىن، ئۇلار قانداق بىلىپ قالغاندۇ؟ـــ سورىدى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. بۇ چاغدا چېركاۋ غوجىدارى تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدى.

ـــ مەنمۇ ئۇقمىدىم . . . شۇنداق بىر پالاكەتچىلىك مېنى ماراپ تۇرغان ئوخشايدىكەن! . . . كېيىن ئۇلار مېنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكەلدى، ئىدارە باشلىقى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە ئىككى شاپىلاق سېلىپ، مېنى مۇشۇ زىندانغا سولاپ قويدى. مېنى ئىنقىلاب پارتىيىسىنىڭ ئادىمى دەپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقەمنى ئۈزۈپ تاشلىدى . . .

تىلەمچىلەر توڭلىدى، قورساقلىرىمۇ ئېچىپ كەتتى، ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئۇلار يىغلاشقىنىچە قاراڭغۇدا بىر يەرگە غۇژمەك بولۇشتى. زىندان شۇنچىلىك قاراڭغۇ ئىدىكى، بەش بارماقنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇلار تۇرۇپ- تۇرۇپ بىھۇش ھالەتتە مەلەخ- مەلەخ ئۇخلاپ كېتەتتى، قورسىقىدا بالىسى بار گاس- گاچا ئايالنىڭ گۈلدۈرمامىدەك خورەك ئاۋازى گويا بىرەر چىقىش يولى ئىزدەۋاتقاندەك توختىماستىن ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى.

سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، تۈن نىسىبى بولغان مەھەلدىغۇ دەيمەن، تىلەمچىلەر زىنداندىن تارتىپ چىقىلدى. سېمىز، دوغىلاققىنە كەلگەن بىر ئادەم سىياسىي قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ ئۇلارنى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. گەپ قىلغان كىشى يۈز- كۆزىنى تۈگەل قورۇق باسقان ياغاق يۈز، چىرايى ساپسېرىق، گۆشلۈك كالپۇكلىرىنىڭ ئۈستىدە قىرقىلمىغان بۇرۇتلىرى تىرتىيىپ تۇرغان، ئورىنى ئەسلىتىدىغان دۈپدۈگىلەك كۆزلىرى پىلدىرلاپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ تىلەمچىلەرنى بىر باشتىن سوراق قىلىپ چىقتى، ئاخىرىدا سوئالنى بىر مەسىلىگىلا يىغىنچاقلاپ: «تۈنۈگۈن ئاخشام كاتولىك چېركاۋىنىڭ لەمپىسى ئاستىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتىل قايسىڭ؟ ئۇنى قانچىڭ ئۆلتۈرۈشتۈڭ؟» دەپ سورىدى.

تىلەمچىلەردىن سوراق ئېلىنىۋاتقان ئۆيگە بىر تاللا جىنچىراغ يورۇتۇپ قويۇلغانىدى. ئاجىزغىنە پىلدىرلاپ تۇرغان چىراغ يورۇقىدا گويا ھوردىشىپ كەتكەن بىر قەۋەت ئەينەك بىلەن توسۇپ قويۇلغاندەك ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ شەكلى قانداق؟ تام قايسى تەرەپتە؟ يولۋاسنىڭ قان تېمىپ تۇرغان يوغان ئاغزىنى ئەسلىتىدىغان دۆلەت گېرىبى قەيەرگە ئېسىلغان؟ بېلىگە تاپانچا ئېسىۋالغان ساقچىلار نەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟ ھېچنېمىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.

تىلەمچىلەرنىڭ تاغدىن- باغدىن بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلىغان ھەربىي سوتچى ــ سوراق ئېلىۋاتقان ھېلىقى كىشى ئاچچىقىدا ئولتۇرغان ئورۇندۇقىدىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتى.

ـــ ياۋاشلىقچە ئىقرار قىلىش!ـــ سوتچى ۋاقىتلىق يېزىق ئۈستىلى قىلىۋالغان كەنتىرگە بىر مۇشت قويۇپ قاتتىق ۋارقىرىدى، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان جىتتاق كۆزلىرى گويا ھېلىلا چانىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى.

تىلەمچىلەر چېركاۋ لەمپىسى ئاستىدا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ پېررارى ئىكەنلىكىنى بىر ئېغىزدىن تەستىقلاشتى. كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ قانلىق ۋەقەنى ئېيتقۇسىز بىر ھەسرەت ئىلىكىدە ئەرۋاھ كەبى ئاۋازلىرى بىلەن ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلدى.

ھەربىي سوتچى قولىنى بىر شىلتىۋېدى، ئىشىك ئالدىدا تولا ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان ساقچى ئېتىلىپ كىرگەن پېتى تىلەمچىلەرنى مۇشت- تېپىكلەر بىلەن بىر بوش ئۆيگە ئىتتىرىپ كىرگۈزدى، ئۆينىڭ تورۇسىدىكى لىمغا تارتىپ قويۇلغان ئۇزۇن بىر تال ئارغامچا خىرە- شىرە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ـــ ئادەمنى ئاشۇ ساراڭ ئۆلتۈردى!ـــ راست گەپ قىلسام، قىيناقتىن قۇتۇلۇپ قالىمەن دەپ ئويلىدىمۇ قانداق، تۇنجى بولۇپ قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان تىلەمچى شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى،ــ ئاشۇ ساراڭ ئۆلتۈردى غوجام! خۇدا ھەققىدە قەسەم قىلىپ بېرەي، قاتىل راستىنلا ئاشۇ ساراڭ! ئادەمنى ئاشۇ ساراڭ، پېرراى دېگەن ئاشۇ ساراڭ ئۆلتۈردى! ئادەمنى دەل شۇ ئۆلتۈردى!

ـــ ھىم! چوقۇم بىرسى سەنلەرنى شۇنداق دېيىشكە كۈشكۈرتكەن گەپ، بۇنداق گەپلىرىڭ بىلەن مېنى ئالدىشالمايسەن! راست گەپ قىلىشمايدىغان بولساڭ، بۇ يەردىن تىرىك چىقىپ كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلىشما! . . . ئاڭلاشتىڭمۇ؟ كاللاڭنى سىلكىۋېتىش! جان لازىم بولسا، ياخشىسى ماڭا راست گەپ قىلىش!

ئىككى باشمالتىقىدىن تورۇسقا ئېسىلغان ھېلىقى بىچارە تىلەمچى گويا مېڭىسىگە قان تولۇپ ئىككى قۇلىقى ئېتىلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدى. سوتچىنىڭ ھۆركىرەشلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالماس بولۇپ قالغان تىلەمچى توختىماي ۋارقىرايتتى:

ـــ ئاشۇ ساراڭ، قاتىل ئاشۇ ساراڭ شۇ! خۇدا ھەققىدە قەسەم قىلىپ بېرەي، ئادەمنى ئاشۇ ساراڭ ئۆلتۈردى! قاتىل ئاشۇ ساراڭ شۇ، دەل ئاشۇساراڭ ئادەم ئۆلتۈردى! . . .

ـــ پۈتۈنلەي يالغان! . . .ـــ سوتچى كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دېدى- دە، بىردەم تۇرۇۋېلىپ يەنە گېپىنى داۋام قىلدى،ـــ تولا جۆيلۈمە، ھۇ يالغانچى! . . . پولكوۋنىكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى مەن ساڭا دەپ بېرەي، قېنى، شۇ چاغدا بوينۇڭغا ئالمىغىنىڭنى بىر كۆرەي! ھېساي پالارېس سونلانت پولكوۋنىكنى گېنىرال ئوسېرۋىيو كانارېس بىلەن ماگىستىر ئاۋېل كاۋاخار ئۆلتۈردى . . .

ئۇنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن تەڭ ئارىنى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر سۈكۈنات باستى. ئارقىدىن . . . ئارقىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە پۇشۇلدىغان ئاۋاز ئەتراپنى بىر ئالدى، ئاندىن «شۇنداق» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . . . ئارغامچا بوشىتىلىۋېدى، جىمى سېزىمىنى يوقاتقان «تۇل خوتۇن» پالاققىدە يەرگە چۈشتى. يۈز- كۆزىدىن شۇرقىراپ تەر قۇيۇلۇۋاتقان «تۇل خوتۇن» نىڭ چىرايى كىشىگە بەئەينى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن كۆمۈرنى ئەسلىتەتتى. ئارقىدىن باشقا تىلەمچىلەرنى سوراق قىلىش باشلاندى. ئۇلار كوچىدا ساقچى تاشلاپ بەرگەن زەھەرلىك يەمچۈكتىن زەھەرلەنگەن لالما ئىتتەك غال- غال تىتىرەشكىنىچە ھەربىي سوتچىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ بەرگىنى بويىچە ھەممىسى بىر ئېغىزدىن ئىقرار قىلىشتى. پەقەت «چىۋىن» دەپ لەقىمى بار تىلەمچىلا ئۇنداق دېگىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ چىرايىغا قورقۇنچ ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل بىزارلىق ئىپادىسى تېپىپ چىققانىدى. ساقچى ئۇنىڭ بارمىقىدىن باغلاپ تۇرۇسقا ئېسىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى تورۇسقا ئېسىلىپ بولغان بولسىمۇ ــ بېلىنىڭ تۆۋەن يېنى چورتلا يوق ئىدى ــ لېكىن يەنىلا قاتىللىقنى ساراڭنىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرى گۇناھنى بۇ ئىش بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق ئادەمگە ئارتىپ قويۇپ قۇتۇلۇشقان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى قىپقىزىل يالغانچىلىق ئىدى.

ـــ قاتىللىقنى ساراڭ قىلدى دەۋاتامسەن؟ . . .ـــ ھەربىي سوتچى «چىۋىن» نىڭ مۇشۇ گېپىنى چىڭ تۇتۇۋالدى،ــ «ساراڭغا سوت يوق» دېگەندەك، سەن بۇ ئىشنى بىر ساراڭغا دۆڭگەپ قويۇپ قۇتۇلماقچىما؟ تولا جۆيلۈمە!

ـــ ئەمىسە ئۇنىڭ ئۆزىدىنلا سوراق باقساڭلار بولىدىغۇ . . .

ـــ راۋۇرۇس تايىقىنى يېمىسە ھۇشىنى تاپمايدىغان ئوخشايدۇ بۇ!ــ دېدى خوتۇن كىشىگە ئوخشاش چىرقىراپ گەپ قىلىدىغان بىر ساقچى ياندا تۇرۇپ. يەنە بىر ساقچى كۆندىن ئېشىلگەن قامچىنى قولىغا ئېلىپ تىلەمچىنىڭ يۈز- كۆزىگە تاراسلاپ قامچا ياغدۇردى.

ـــ راستىڭنى ئېيتە!ـــ ھەربىي سوتچى قولىدىكى قامچا بىلەن تىلەمچىنىڭ يۈز- كۆزىگە ئايىماي ساۋىغىنىچە ھۆركىرىدى،ـــ راستىڭنى دېمەيدىغان بولساڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇشۇنداق ئېسىقلىق ھالەتتە تۇرىسەن!

ـــ قارىغۇ ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟

ـــ ئەمىسە، «قاتىل پېررارى ئەمەس» دە!

ـــ ياق! مەن راستىمنى دېدىم، ۋىجدانىمغا خىلاپ گەپنى دېيىشكە مېنى زورلىما!

تۇمشۇقىغا كەينى- كەينىدىن تەگكەن ئىككى قامچىنىڭ زەربىسىدە تىلەمچىنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كەتتى . . .

ـــ كۆزۈڭنىغۇ كور دەيلى ماقا، قۇلىقىڭ ساقتۇ! راستىڭنى ئېيت! ماۋۇ ھەمراھلىرىڭ نېمە دېگەن بولسا سەنمۇ شۇنى دە! . . .

ـــ ماقۇل، مەن دەي،ـــ دېدى «چىۋىن» بارغانسېرى پەسلەپ كېتىۋاتقان ئاۋازى بىلەن. سوتچى: «بۇ تىلەمچى ئەمدى ئەيۋەشكە كېلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى،ـــ بولىدۇ، مەن دەي. قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا قېرى چوشقا، پېررارى . . .

ـــ ھۇ ئاناڭنى خۇمپەر!

تىلەمچى سوتچىنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاشلىرىنى ئاڭلىيالمىدى، ئۇ ئەمدى ئاڭلاش سەزگۈسىدىن بىراقلا ئايرىلغان ئىدى. ئارغامچا بوشىتىلىشى بىلەن تەڭ، «چىۋىن» نىڭ جەسىتى ــ ئىككى پۇتى بېلىدىن يوق ھېلىقى يېرىم بەدەن تەندىن ئاجرىغان كاللىدەك گۆلۆپپىدىلا يەرگە دومىلاپ چۈشتى.

ـــ ۋۇ ھۇشىنى تاپمايدىغان قېرى چوشقا! بۇ قارىغۇنىڭ ئىقرارى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ،ـــ دەپ توۋلىدى سوتچى جەسەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ.

ئۇ ئالدىراپ- تېنىگىنىچە پەيتۇنغا چىقتى- دە، زۇڭتۇڭ ئەپەندىگە دەسلەپكى سوراقنىڭ نەتىجىسىنى دوكلات قىلغىلى يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئولتۇرغىنى ئورۇق ئىككى ئات قوشۇلغان ئەبجەق پەيتۇن بولۇپ، پەيتۇننىڭ ئالدىغا ئەزرائىلنىڭ كۆزلىرىنى ئەسلىتىدىغان ئىككى تال چىراغ ئېسىقلىق ئىدى. ساقچى «چىۋىن» نىڭ جەسىتىنى ئەخلەت توشۇيدىغان ھارۋىغا سېلىپ شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا ئەچىقىپ تاشلىۋەتتى. تىلەمچىلەر باش توخۇ چىللىغان مەھەل بىلەن قويۇپ بېرىلدى. قورسىقىدىكى بالىنىڭ مىدىراشلىرىدىن قورقۇپ كەتكەن گاس- گاچا ئايال ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى . . .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11441

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-01-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: