پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 19- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

 

ئون توققۇزىنچى باب

 – ماڭا يېڭىدىن ئادەم بولۇشىڭىزنى جاكارلىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ – لورد ھېنىرى شۇنداق دېگەچ ، شېشىدەك ئاپپاق بارماقلىرىنى لىققىدە گۇلاپ سۈيى توشقۇزۇلغان قىزىل رەڭلىك مىس قاچىغا تىقتى ، – مانا شۇ تاپتىمۇ بىر ئوبدان تۇرمامسىز . مۇشۇ ھالىتىڭىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەڭ .

دورىيان گرېي بېشىنى چايقاپ قويدى .

– ياق ھاررى ، ھاياتىمدا قىلغان يامان ئىشلىرىم بەك تولا ، ئەمدى ئۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن . تۆنۈگۈندىن باشلاپ ياخشى ئىش قىلىشنى باشلىدىم .

– تۈنۈگۈن نەدە بولدىڭىز ؟

– يېزىدا ، ھاررى . بىر دەڭدە ئۆزۈم يالغۇز ئۇخلىدىم .

– بۇرادەر ، – دېدى لورد ھېنىرى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، – يېزىدا ئادەمنىڭ ئەسكىسى يوق ، ئازدۇرۇشمۇ يوق . ئۇلار دەل شۇ ۋەجىدىن زاماننىڭ كەينىدە قالغان . مەدەنىيلىشىش دېگەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس . مەدەنىيلىشىشكە پەقەت ئىككى خىل يول بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ . بىرى ، ياخشى تەربىيەئېلىش ، يەنە بىرى ، چۈشكۈنلىشىش . سەھرالىقلارنىڭ بۇلار بىلەن كارى يوق . شۇڭا ئىلگىرى باسماي بىر ئىزىدا توختاپ قالغان .

– تەربىيلىنىش بىلەن چۈشكۈنلىشىش ، – تەكرارلىدى دورىيان ، – بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مېنىڭ بېشىمدىن ئاز – تولا ئۆتكەن . بۇ ئىككىسىنىڭ بىر – بىرى بىلەن توقۇنۇشماي بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيدۇ . شۇڭا مەندە يېڭىباشتىن ئادەم بولۇشتەك يېڭى بىر غايە پەيدا بولدى ھاررى . ئويلاپ باقسام ، مەن جىق ئۆزگىرىپ كېتىپتىمەن .

– نېمە ياخشى ئىش قىلغىنىڭىزنى تېخى دېمىدىڭىز ، قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىز بىر قېتىم بىلەنلا توختاپ قالمىغاندۇ ؟ – لورد ھېنىرى شۇنداق دەپ سورىغاچ ، ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلگەن بىر دۆۋە بۆلجۈرگەننى تەخسىگە سالدى – دە ، قۇلۇلە قېپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قوشۇق بىلەن ئۈستىگە شېكەر سەپتى .

– سىزگە دېمەي كىمگە دەيمەن ، ھاررى . بۇ كۆرگەنلا ئادەمگە دەپ يۈرىدىغان ئىش ئەمەس . بىر قىزچاقنىڭ جېنىنى ئالماي ئامان قويدۇم . بۇ گېپىم سەل كۆپتۈرۈۋۈۋېتىلگەندەك بىلىنىدۇ . لېكىن ، مەقسىدىمنى توغرا چۈشىنىڭ . ئۇ بەك چىرايلىق ،  سىبىل ۋېيىنغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدۇ . قارىغاندا ، دەسلەپتە ئۇنىڭ دەل ئاشۇ يېرى مېنى جەلپ قىلىۋالغان ئىكەن . سىبىل ۋېيىن يادىڭىزدا باردۇ ؟ ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن ئىشلارغۇ ئۇ ! ھىم ، ھەيدى ئەلۋەتتە ئىككىمىزدەك يوقىرى تەبىقىدىن ئەمەس ، ئۇ بىر سەھرا قىزى . لېكىن ، مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن . ھەممە ياق گۈزەل تۈسكە كىرگەن مۇشۇ ماي ئېيىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ھەپتىدە نەچچە قېتىم باردىم . ئىككىمىز تۈنۈگۈن بىر كىچىك باغچىدا كۆرۈشتۇق ، رەڭگارەڭ ئالما چىچەكلىرى ھېلىدىن – ھېلىغا ئۇنىڭ چاچلىرىغا ئېسىلاتتى ، ئۇ توختىماي ۋىلىقلاپ كۈلەتتى . ئەسلى بۈگۈن تاڭ سەھەردە يىراق – يىراقلارغا قېچىپ كەتمەكچى بولۇشقان . لېكىن ، تۇرۇپلا ئۇنىڭ تۇنجى رەت ئۇچراشقان چاغدىكى سەبىيلىكىنى ، زىبالىقىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كەلدىم .

– پەرىزىمچە ، بۇ يېڭىچە تۇيغۇ سىزگە زور خوشاللىق ئاتا قىلدىغۇ دەيمەن ، دورىيان ، – لورد ھېنرى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى ، – بۇ سەھرا ناخشىسىنى سىلەر ئۈچۈن مەن ئېيتىپ تۈگىتىشكە رازىمەن . سىز ئۇنىڭغا خەيرىخاھلىق قىلىڭ . سەمىمىيىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى زېدە قىپسىز . مانا بۇ سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزگە توۋا قىلىپ ، يېڭىۋاشتىن ئادەم بولۇشىڭىزنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قاپتۇ .

– ھاررى ، بەك رەزىل ئادەمكەنسىز ! تولا ئۇنداق ئادەم  قورقىتىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ . ھەيدىنىڭ قەلبى زېدىلەنگىنى يوق . ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغىنى راسىت . لېكىن ، ئۇ ئار – نومۇسقا قالغۇدەك ھىچئىش بولمىدى . ئۇ پېردىتاغا ① ئوخشاش ، يالپۇز بىلەن تىرناقگۈل قاپلىغان گۈللۈكتە ياشاۋەرسە بولۇۋېرىدۇ .

– شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان ھېلىقى فلورىزېل ② ئۈچۈن ھەسرەتلىك ياش تۆككەن ئوخشىمامدۇ ، – لورد ھېنىرى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزىنى تاشلاپ كۈلۈپ كەتتى ، – سۆيۈملۈك دورىيان ، بەزى يەرلىرىڭىز كىچىك بالىغىلا ئوخشايدۇ سىزنىڭ .

سىز ئۇ قىزنى مەرتىۋىسى ئۆزى بىلەن تەڭراق كېلىدىغان بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ دەپ قالدىڭىزما ؟ پەرىزىمچە ، ئۇ كېيىن بىرەر تومپاي پەيتۇنكەشكە ياكى كالۋا تېرىقچىغا ياتلىق بولمىسا مانا مەن . ھەي ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . ئەمدى ئېنىقلا ئېرىنى كەمسىتىدۇ ، شۇ ۋەجىدىن دەرت – ئەلەمگە قالىدۇ . ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، سىزنىڭ تۇرۇپلا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشىڭىز ماختاشقا ئەرزىمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھەيدىنىڭ ئوپېيلىيادەك يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان كۆك قەرىدە پەرۋاز قىلمىغىنىنى ، نىلۇفەر گۈلى قاپلىغان تۈگمەن كويلىسىدا بېلىقتەك ئۈزمىگىنىنى سىز نەدىن بىلىسىز ؟

– بۇ گەپلىرىڭىزدىن خويمۇ بىزار بولدۇم ھاررى ! سىز ھەممىنى مەسخىرە قىلىدىكەنسىز ، ئۆز خىيالىڭىزغا تايىنىپلا ئېچىنىشلىق تراگېدىيىلەرنى توقۇپ چىقىرىدىكەنسىز . شۇ تاپتا ، سىزگە شۇ گەپلەرنى قىلغىنىمدىن پۇشايمان قىلىۋاتىمەن . گەپلىرىڭىزگە ئەمدى ئىككىنچىلەپ پىسەنت قىلمايمەن . قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكى ئۆزۈمگە ئايان . بىچارە ھەيدى ! بۈگۈن ئەتىگەن ئاتقا مىنىپ ھېلىقى دېھقانچىلىق فېرمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ئۇنىڭ ھۈپپىدە ئېچىلغان يەسىمەن گۈلىنى ئەسلىتىدىغان ئاپئاق يۈزلىرىنى دېرىزىگە چاپلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم . بولدى ، بۇ ئىشنى ئەمدى تىلغا ئېلىشمايلى ، سىزمۇ مېنىڭ شۇنچە يىلدىن بېرى قىلغان تۇنجى قېتىملىق ياخشى ئىشىمنى ئىنكار قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالماڭ . بۇرۇن ئۆتكۈزگەن  گۇناھلىرىمنى مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق يۇيىمەن ، ياخشى ئادەم بولۇپ ، بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتىمەن . ئۆزىڭىز توغرىسىدا پاراڭ قىلىپ بەرمەمسىز؟ كۇلۇبقا بارمىغىنىمغا نەچچە كۈن بولدى . ئېيتىڭە ، شەھەردە قانداق يېڭى خەۋەرلەر بار ؟

– كىشىلەر بىچارە بازىلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا غولغۇلا قىلىشىۋاتىدۇ .

– مەن تېخى ئۇلارنى بۇ ئىش توغرىسىدا تولا غولغۇلا قىلىشىپ زېرىكتىمىكىن دەپتىمەن ، – دورىيان ئىستاكانىغا ئازراق ئۈزۈم ھارىقى قۇيغاچ قاشلىرىنى ئېتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .

– ۋاي ئوبدان ئۇكام ، بۇ ئىش توغرىسىدا غولغۇلا بولۇۋاتقىنىغا تېخى ئەمدى ئالتە ھەپتە بولدى ، ئەنگليىلىكلەر بىرەر پاراڭ تېمىسىنى تېپىۋالدىمۇ بولدى ، ئۈچ ئايغىچە باشقا ئىش توغرىسىدا پاراڭلاشمايدۇ . لېكىن ، ئۇلارنىڭ يېقىندا ناھايىتى ئامىتى كەلدى . مېنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشىم ، ئالان كامپېلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دىلوسى ئۇلار ئۈچۈن تازا ياخشى پاراڭ تېمىسى بولۇپ تۇرۇۋېدى ، مانا ئەمدىلىكتە رەسسام بازىلمۇ سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتتى . لوندون ساقچىلىرى،  تۇققۇزىنچى نويابىر كۈنى ئۇچىسىغا كۈل رەڭ پەلتو كىيىپ كېچىلىك  پويىز بىلەن پارىژغا كەتكەن ھىلىقى ئەر دەل بىچارە بازىل شۇ، قارىماقتا . فرانسىيە ساقچىلىرى بازىلنىڭ پارىژغا كەلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى . كىم بىلىدۇ ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بىرسى چىقىپ ئۇنى سان فرانسىسكودا كۆردۈم دەمدۇ تېخى . قىزىق ئىش ، كىم يوقاپ كەتسە ، ئۇنى بىرسى سان فرانسىسكودا كۆرگەن بوپ چىقىدىكەن . قارىغاندا ، ئۇ بەك جەلپكار شەھەر ئوخشايدۇ .

– سىزنىڭچە ، بازىلغا بىرەر ئىش بولغان ئوخشىمامدۇ ؟ – دورىيان قولىدىكى براندى ھارىقى قۇيۇلغان ئىستاكاننى كۈن نۇرىغا تۇتۇپ سىنچىلاپ قاراپ قويدى ۋە ئۆزىنىڭ لورد ھېنىرى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا ھېچئىش بولمىغاندەك كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىپ تۇرغىنىدىن ھەيران قالدى .

– بۇ ھەقتە مەن ھېچنېمە ئويلىمىدىم . ئەگەر بازىل قەستەن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسا ، بۇ ئىش بىلەن مېنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق . ئەگەر ئۆلگەن بولسا ، ئەسلەپ يۈرۈشنىمۇ خالىمايمەن . ئەڭ قورقىدىغىنىم ئۆلۈم ، ئۆلۈمدىن بەك بىزارمەن .

–           نىمىشقا ؟ – سورىدى دورىيان پەرۋاسىز قىياپەتتە .

–           چۈنكى ، – لورد ھېنرى شۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەچ ، ئەپچىلگىنە كەلگەن ئاچچىقسۇ قۇتىسىنى بۇرۇنىغا يېقىن ئەكېلىپ پۇراپ قويدى ، – 19 – ئەسىردە  كىشىلەر ئۆلۈم ۋە چاكىنىلىقنىڭ تېگىگە زادىلا يېتەلمىدى . كۆڭۈل ئېچىش ئۆيىگە كىرىپ ئازراقتىن قەھۋە ئىچىشەيلى ، دورىيان . ماڭا چوپىننىڭ مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ ، ئايالىم بىلەن قېچىپ كەتكەن ھىلىقى خۇمپەر چوپىننىڭ مۇزىكىسىغا بەك ئۇستا ئىدى . بىچارە ۋېكتورىيە ! مەن ئۇنى ئاجايىپ ياخشى كۆرەتتىم ئەمەسمۇ . ئۇ يوق ، ئۆيدىن بوران ئۇچۇپلا تۇرىدۇ . نىكاھلىق تۇرمۇش دېگەن بولمايدىغان نەرسىكەن ، بىرلا كۆنۈپ قالسىڭىز ، تاساددىپىي شۇ نىكاھ گۇمران بولۇپ قالسا ، قىيالمايلا قالىدىكەنسىز . يامان ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن ئادەمنىڭ ، بۇ يامان ئادەتلەر قان – قېنىمىزغا ، مىجەز – خۇلقىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولىدىكەن .

        دورىيان ئۈندىمىدى ، ئورنىدىن تۇرغان پېتى ئۇدۇل ياندىكى ئۆيگە كىردى – دە ، پىئانىنونىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ، بارماقلىرىنى پىيانىنونىڭ چىرايلىق تىللىرى ئۈستىدە ئوينىتىشقا باشلىدى . قەھۋە كىرىشى بىلەن پىيانىنو چېلىشتىن چىپپىدە توختاپ ، لورد ھېنىرىغا بۇرۇلۇپ سورىدى :

       – ھاررى ، سىز بازىل قەستكە ئۇچرىغانمىدۇ دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

      لورد ھېنىرى ئەسنەپ تۇرۇپ دېدى :

     – بازىل بەك چىقىشقاق ئادەم . قاچانلا قارىسا پۇلغا يارىمايدىغان ئەرزان سائەت تاقىۋالىدىغان ئۇنداق ئادەمنى كىممۇ قەستلەر؟ ئۇ تېخى دۈشمەنلىك بولغۇدەك ھالەتكە يەتمىدى . ئەلۋەتتە ئۇنىڭ رەسىم سىزىش جەھەتتىكى تالانتى بەك ئۈستۈن . ۋىلاسكۇزغا ③ ئوخشاش رەسىم سىزىشقا ماھىر ئاشۇنداق كىشىلەرمۇ تۇترۇقسىز بولىدىكەن دېسە . بازىل ئەنە شۇنداق تۇتۇرۇقسىز ئادەم . ئۇ مېنى پەقەت بىر قېتىملا قىزىقتۇرغان . ئۇ كۆپ يىللار ئىلگىرىكى بىر ئىش ئىدى . شۇ چاغدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ سىزگە ناھايىتى چوقۇنىدىغانلىقىنى ، سىزنى ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيىتقانىدى .

       – مەن بۇرۇن بازىلغا بەك ئامراق ئىدىم ، – دېدى دورىيان ئاۋازىغا ئازابلىق تۈس بېرىپ ، – ئەجىبا ھىچكىم ئۇنى قەسىتكە ئۇچرىمىدى دېمىدىما؟

      – بەزى گېزىتلەردىغۇ شۇنداق دېيىلدى . مېنىڭچە ، ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . پارىژدىغۇ ئەسكىلىكتە نامى پۇر كەتكەن جايلار بەك كۆپ . لېكىن ، بازېل ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەس ، ئۇنداق يەرلەرگە ھەرگىز بارمايدۇ . ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئىستىكى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان . مانا بۇ ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى .

      – ھاررى ، ئەگەر مەن سىزگە بازىلنى مەن ئۆلتۈرۈۋەتتىم دىسەم ، سىز نىمە دەيسىز؟ – دورىيان قىزىقىش نەزىرىدە لورد ھېنىرىغا تىكىلدى .

     – بۇرادەر، ئۇنداق قىلىش سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ . چاكىنىلىقنىڭ ھەممىسى جىنايەت بولغاندەك ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشمۇ چاكىنىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . دورىيان ، سىز ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چاكىنىلىقنى ھەرگىز قىلمايسىز . بۇ گەپلىرىم غورۇرىڭىزغا تەگكەن بولسا ، مېنى كەچۈرۈڭ . لېكىن مەن ھەقىقەتەن شۇنداق دەپ قارايمەن . جىنايەت ئۆتكۈزۈش تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرگىلا ماس كېلىدۇ . لېكىن ، ئۇلارنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيمەن . مېنىڭ نەزىرىمدە ، سەنئەت بىزدىن ئۈستۈن تۇرغاندەك ، جىنايەتمۇ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . لېكىن ، ئۇ سەزگۈ ئەزالارنى غىدىقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

       – سەزگۈ ئەزالارنى غىدىقلاش دېدىڭىزما ؟ بۇ گېپىڭىزچە ، بىر قېتىم ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى يەنە ئادەم ئۆلتۈرىدىكەن – دە ؟ ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ ھاررى .

       – بىر ئىشنى قىلىۋەرسە ، شۇ ئىشقا قىزىقىپ قالىدىغان گەپ ، – لورد ھېنىرى كۈلۈمسىرەپ قويدى ، – مانا بۇ ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم سىرلارنىڭ بىرى . لېكىن ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئادەم ئۆلتۈرۈش يەنىلا توغرا ئەمەس . ھاراق ئىچىپ كاللىدىن كەتكەندە بەس – مۇنازىرە قىلىشقان ئىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ . بولدى ، بىچارە بازىل توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئەمدى تىلغا ئېلىشمايلى . بولسىغۇ ئۇنىڭ سىز دېگەندەك رومانتىك ئاقىۋەتكە قالغانلىقىغا ئىشەنسەم بولاتتى ، لېكىن ئۇنداق قىلالمايمەن . ھۆددە قىلالايمەنكى ، ئۇ چوقۇم ئاپتوبوستىن سېنا دەرياسىغا چۈشۈپ كەتتى ، بېلەت ساتقۇچىمۇ بۇ سەتچىلىكنى ئاشكارىلىمىدى . توغرا، مېنىڭچە ئۇ دەل ئاشۇنداقراق بىر ئىشقا يولۇقتى . شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇزۇن لۆجىلەر بېشىغا يۆگىشىۋالغان ھالەتتە چوڭقۇر دەريادا لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى ، لىققىدە يۈك بېسىلغان كېمىلەرنىڭ ئۇنىڭ يېنىدىلا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن . بىلەمسىزكىن ، ئۇ ئەمدى ھىچقانچە ئېسىل ئەسەر ئىجاد قىلالمايدۇ . مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە ئۇنىڭ رەسىم سىزىش سەۋىيىسى بۇرۇنقىدىن جىق تۆۋەنلەپ كەتتى .

       دورىيان ئۇھسىنىپ قويدى . لورد ھېنىرى بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ ئۆينىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىغا باردى – دە ، ياۋا شاتۇتىنىڭ بېشىنى سىيلاشقا باشلىدى . گەۋدىسى قوڭۇر ، تاجىسى بىلەن قۇيرۇقى ھالرەڭ كەلگەن بۇ جانۋار بىر تال بامبۇكقا قونۇۋېلىپ جىممىدە تۇراتتى . لورد ھېنىرى ئۇزۇن بارمىقى بىلەن نوقۇپ قويۇۋېدى ، شاتۇتى كۆپكۆك كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمغىنىچە بامبۇكنى قاماللاپ ئالدى – كەينىگە پىرقىراشقا باشلىدى .

– شۇنداق ، – لورد ھېنىرى كەينىگە بۇرۇلۇپ ، يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى ئالغاچ گېپىنى داۋام قىلدى ، – ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ . ماڭا ئۇنىڭ رەسىملىرىدە نېمىدۇر بىر نەرسە كەمدەكلا تۇيۇلىدۇ . ئاراڭلاردىكى دوستلۇق سۇسلاشقاندىن تارتىپلا ، ئۇنىڭدا ئىستېدات قالمىغان . ئىككىڭلار نېمە بولۇپ يىراقلىشىپ كەتتىڭلار؟ مېنىڭچە ، ئۇ سىزنى بىزار قىلىپ قويدىغۇ دەيمەن . ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ، ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ . كىشىنى بىزار قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مىجەزى شۇنداق بولىدۇ . ھە راسىت ، سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي ، ئۇ سىزغان ھېلىقى پورتېرىت كېيىن قانداق بولۇپ كەتتى ؟ ئويلاپ باقسام ، ئۇ رەسىمنى پۈتكەن چاغدا بىر كۆرگەنچە ئىككىنچىلەپ كۆرۈپ باقماپتىمەن . توغرا ، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سىز ماڭا رەسىملەرنى سېلبىيغا ئەۋەتىۋەتكەنلىكىڭىزنى ئېيىتقانىدىڭىز . مېنىڭچە ، رەسىملەر بىر بولسا باشقا يەرگە كېتىپ قالدى ، بىر بولسا ئوغرىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى . سىز ئۇنى ئىزدەپ باقمىدىڭىزما ؟ ھەي ئېسىت ! ھەجەپ ئېسىل ئەسەر ئىدى – دە ئۇ . ئېسىمدە قېلىشىچە ، شۇ چاغدا  ئۇنى سېتىۋېلىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدىمغۇ دەيمەن . ئۇ – بازىلنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسىرى ئىدى . ئېسىت ، نېمىشقىمۇ شۇ ۋاقتىدىلا سېتىۋالمىغان بولغىيىتتىم . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ ئىجادىيەتتە كۆپ چېكىنىپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ ، ئۇ ئەنگلىيە سەنئەتكارلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ نام ئېلىشقا تامامەن مۇناسىپ . رەسىم ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ باققان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى .

– ئېسىمگە كەلمەپتۇ ، – جاۋاب بەردى دورىيان ، – رەسىمىنى ئىزدەپ باقتىمغۇ دەيمەن . لېكىن ، ئۇ رەسىم ماڭا زادىلا ياقمىغان ئىدى . ئۇنىڭغا مودېل بولۇپ بەرگىنىمگە بەكلا پۇشايمان قىلىمەن ، شۇ ئىشنى ئويلىساملا بىزارلىقىم تۇتىدۇ . ھەجەپ ئۇنى تىلغا ئېلىپ قالدىڭىزغۇ ؟ رەسىمنى ئەسكە ئالساملا ، قايسىدۇر بىر دراممىدىكى («ھامېلېت» دېگەن دراممىغۇ دەيمەن) مۇنۇ مىسرالار يادىمغا كېلىدۇ :

دەرت – ھەسرەت لەڭ ئۇردى يۈرەك قېتىدا ،

كۆرۈندى يۈزەكى ، يوقتۇر چىن قەلب . ④

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

– كىشى تۇرمۇشقا سەنئەتكە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مېڭىسى دەل ئۇنىڭ يۈرىكىدۇر ، – ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى .

دورىيان گرېي بېشىنى چايقاپ قويۇپ ، پىئانىنونى مۇڭلۇق كۈيدىن بىر نەچچىگە چېلىۋەتتى .

– دەرت – ھەسرەت لەڭ ئۇردى يۈرەك قېتىدا ، – تەكرارلىدى دورىيان ، – كۆرۈندى يۈزەكى ، يوقتۇر چىن قەلب .

يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ ئولتۇرغان لورد ھېنىرى دورىيانغا نەزەرىنى ئاغدۇردى :

– توغرا دورىيان ، – ئۇ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى ، – «كىشى دۇنيا ماڭا تەئەللۇق بولدى دېگىنى بىلەن ، روھىدىن مەھرۇم قالىدۇ . بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى ؟» دەيدىغان بىر مىسرا بولىدىغان ، توغرا دېيەلىدىممۇ يوق ، ئۆزۈممۇ ئۇقمىدىم .

شۇنداق يېقىملىق چېلىنىۋاتقان مۇزىكا بىردىنلا قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان سەت بىر ئاۋازغا ئالماشتى ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن دورىيان لورد ھېنىرىغا تىكىلىپ قارىدى :

– بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز ھاررى ؟

– بۇرادەر ، – لورد ھېنىرى ئەجەبلەنگىنىچە قاشلىرىنى ھىمىرىپ قويۇپ دېدى ، – سىزدىن بىرەر جاۋابقا ئېرىشەلەرمەنمىكىن دەپ سوراپ قاپتىمەن ، ھەرگىز باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ . ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى ھەيدى باغچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم ، مەرمەر تاشتا ياسالغان ئەگمە ئىشىكنىڭ يېنىدا كىيىملىرى جۇل – جۇل بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردۇم . ئۇلار كوچىمۇكوچا يۈرۈپ دىن تارقىتىدىغان بىر باستېرنىڭ ۋەز – نەسىھىتىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەن . مەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ، ھىلىقى باستېر ئەتراپىدىكىلەرگە مۇشۇ گەپنى ئەزۋەيلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم . بۇ كۆرۈنۈش ماڭا  تولىمۇ قىزىق تۇيۇلدى . بۇنداق غەلىتە مەنزىرىلەر لوندون كوچىلىرىدا كۆزگە خېلى كۆپ چېلىقىدۇ . ئويلاپ بېقىڭە ، شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتقان ئاشۇنداق بىر كۈندە ، ئۇچىسىغا يامغۇرلۇق چاپان كىيىپ ، يىرتىلىپ جۇلىقى چىكەتكەن چېدىرنىڭ ئاستىدا جوپپا – جوپپاڭ يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈكلىرىنى تۇتۇپ دۈگدەرىشىپ تۇرغان كېسەل چىراي خىرىستىئان مۇرىتىنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇنداق قالتىس گەپلەر چىقار دەپ كىم ئويلىغان دەيسىز . ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىمۇ قالتىسكەن ، كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىدىكەن . شۇ چاغدا مەن ئۇ دىندارغا : «سەنئەتتە روھ بولىدۇ ، لېكىن ئىنساندا بولمايدۇ» دېمەكچى بولدۇم – يۇ ، سۆزۈمنى چۈشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، دېيىشتىن يالتىيىپ قالدىم .

– بۇنداق دېمەڭ ھاررى . روھ — ئۇ بىر قورقۇنچلۇق رېئاللىق . ئۇنى سېتىۋالغىلىمۇ ، سېتىۋەتكىلىمۇ بولىدۇ ، گېزى كەلسە ،  ئالماشتۇرغىلىمۇ بولىدۇ . ھەتتا ئۇنى چىرىتكىلىمۇ ، بۈيۈكلەشتۈرگىلىمۇ بولىدۇ . ھەممىمىزدە روھ بار ، بۇنىسى ماڭا ئايان .

– سىز ئاشۇ گەپكە شەكسىز ئىشىنەمسىز دورىيان؟

– شەكسىز ئىشىنىمەن .

– ئۇنداقتا ، ئۇ سىزدىكى بىر خىل خاتا تۇيغۇ ئىكەن . بىز شەكسىز ئىشەنگەن نەرسىلەردە ھەرگىز چىنلىق بولمايدۇ . مانا بۇ دەل ئېتىقادنىڭ كاساپىتى ، مۇھەببەتنىڭ تەربىيىسى . نېمانداق جىددىي قىياپەتكە كىرىۋالىسىز؟ بۇنداق ئەستايىدىل بولۇۋالماڭ . ئىككىمىزنىڭ خۇراپىيلىق بىلەن نېمە ئالاقىمىز ؟ بىز روھقا چوقۇنۇشتىن ئاللىقاچان ۋاز كەچكەن . ماڭا مۇزىكا چېلىپ چېلىپ بېرىڭ ، ئەڭ ياخشىسى كېچە مۇزىكىسى بولسۇن . ئاندىن مۇزىكىڭىزنى چالغاچ ، ياشلىقىڭىزىنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ . مېنىڭچە ، سىزدە چوقۇم بىر مەخپىيەتلىك بار . مەن بەك كەتسە سىزدىن ئون ياشلا چوڭ . لېكىن ، يۈزۈمنى تۈگەل قورۇق بېسىپ ، رەڭگى – رويۇم زەپىراندەك سارغايدى ، چىرايىمنىڭ خۇنى قاچتى . لېكىن ، سىز چىرايىڭىزدىن كەتمەي شۇ پېتى تۇرۇۋاتىسىز دورىيان . بۈگۈن ئاخشام ئىلگىرىكىدىنمۇ جەلىپكار بوپ كېتىپسىز ، شۇ تاپتا ماڭا ئىككىمىز تۇنجى كۆرۈشكەن ھېلىقى كۈننى ئەسلىتىپ قويدىڭىز . شۇ چاغدا سىز تولىمۇ تەنتەك ، نومۇسچان ئىدىڭىز ، كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈنەتتىڭىز . ئەلۋەتتە ، كېيىن سىزمۇ ئۆزگەردىڭىز ، لېكىن ، ئاشۇ جەلىپكار ، قاملاشقان چىرايىڭىزدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى . ئاشۇ مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى ماڭىمۇ ئېيتىپ بېرىڭ . ياش ۋاقتىمغا قايىتقىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا ، ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازىمەن . ياشلىقنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ . «ياشلىق – نادانلىق» دېيىشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ . ھازىر مەن ئۆزۈمدىن كىچىكلەرنىڭلا پىكرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايمەن . ئۇلار گويا مەندىن ئېشىپ كەتكەندەك ، ھايات ئۇلارغا ئەڭ يېڭى سىرلىرىنى نامايەن قىلىپ بەرگەندەك تۇيۇلىدۇ . ياشانغانلار بىلەن ئەزەلدىن چىقىشالمايمەن . بۇ مېنىڭ پىرىنسىپىم . مۇبادا سىز ئۇلاردىن ، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشقا قانداق قارايسىز ، دەپ سورىسىڭىز ، ئۇلار سىزگە 1820 – يىللىرى مودا بولغان كۆز قاراشلارنى تەنتەنىلىك جاكارلايدۇ . لېكىن ، ئۇ چاغدا كىشىلەر تېخىچە پۇتلىرىغا گۆجەي يۆگەپ يۈرەتتى ، بىلىدىغان نەرسىسىنىڭ تايىنى يوق ئىدى ، كۆرگەنلا نەرسىگە ئىشىنەتتى ! بۇ مۇزىكا بەك يېقىملىقكەن . بىلمىدىم ، چوپىن بۇ مۇزىكىسىنى ئەتراپىنى كۆپكۆك دېڭىز ئوراپ تۇرغان ماجوركا ئارىلىدىكى داچىسىدا ئىشلىگەن  بولغىيمىدى ؟ بۇ ناخشا ئاجايىپ رومانتىك ئىكەن . مىڭ شۈكرى ، تەقلىدچىلىكتىن خالىي سەنئىتىمىز ھېلىمۇ ساقلىنىپ قاپتۇ . توختىماي چېلىۋېرىڭ ، بۈگۈن مېنىڭ بەك مۇزىكا ئاڭلىغۇم بار . شۇ تاپتا مەن سىزنى گويا ياش ئاپوللو ، ئۆزۈمنى مارسياستەك ⑤ ھېس قىلىپ قالدىم . دورىيان ، مېنىڭمۇ سىز بىلمەيدىغان ئۆزۈمگە تۇشلۇق قايغۇ – ھەسرەتلىرىم بار . قېرىغان چېغىڭىزدىكى ئازابلىرىڭىز قېرىپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى باشقىلارنىڭ سىزدىن ياش بولغانلىقىدا . گاھى چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ سەمىمىيلىكىدىن ھەيرانمۇ قالىمەن . ھەي دورىيان ، سىز نېمە دېگەن بەخىتلىك – ھە !

– بۇرۇنقىدىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتتىم ھاررى .

– ياق ، سىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى . مەن سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بەكلا قىزىقىمەن . ئۆزۈمنى چەكلەپ تۇرىمەن دەپ ، كەلگۈسى تۇرمۇشىڭىزنىڭ رەڭدارلىقىنى بۇزۇپ قويماڭ . شۇ تاپتا سىزنى جىمى مۇكەممەللىكنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ ، ئاشۇ مۇكەممەللىكىڭىزنى ساقلاڭ . بېشىڭىزنى چايقىماڭ دورىيان ، مەن دېمىسەممۇ ، ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل ئىكەنلىكىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز . ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ . ھايات كىشىنىڭ ئىرادىسى ياكى ئارزۇسىغا باقمايدۇ ، بەلكى نېرۋا تالالىرى ۋە ئاستا – ئاستا يېتىلىشكە باشلىغان نېرۋا  ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، ئىدىيە دەل شۇ يەردە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان بولىدۇ ، ئارزۇ – ئىستەكلەر ، ئوتلۇق ھېسسىياتلارمۇ ئەنە شۇ يەردە بىخلىنىدۇ .  سىز ئېھتىمال ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ، كۈچلۈك دەپ خام خىيال قىلىدىغانسىز . لېكىن ، ھوجرىڭىزدىن ياكى سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن تاساددىپىي ھېس قىلغان تۇيغۇلىرىڭىز ، سىز بۇرۇن ئامراق بولۇپ قالغان ، شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئېسىڭىزگە سالغان خۇشبۇي ئەتىر ھىدلىرى ، ئاللىبۇرۇن ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ، ئەمما تاساددىپىي كۆزىڭىز چۈشۈپ قالغان مەلۇم بىر شېئىرنىڭ بىرەر مىسرالىرى ، سىز چالماس بۇلۇپ كەتكەن بىرەر مۇزىكىنىڭ بىرەر ئاھاڭلىرى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . شائىر بورانىن مۇشۇنداق مىسرالارنى قەيەردە پۈتكەن بولسا ، بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ شۇلارنى شۇئان تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ . گاھىدا ئاق سېرىنگۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرى دىماقلىرىمغا ئۇرۇلغان ھامان ،ھاياتىمدىكى تەسەۋۋۇرۇمغا سىغدۇرالمايدىغان شېرىن ئايلارنى يېڭىباشتىن بىر قېتىم ئەسلەپ چىقىمەن . سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بوپ قالسامچۇ دورىيان . جىمى كىشى ئىككىمىزگە لەنەت ئوقۇغىنى بىلەن ، يەنىلا سىزگە چوقۇنىدۇ . ئىلگىرىمۇ شۇنداق بولغان ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ . سىز ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يىقىلماس بىر مەبۇد . لېكىن ، ئۇلار بۇنى بايقىغان ھامان ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باسىدۇ . سىزنىڭ ئۆمرىڭىزدە ئەستە قالغۇدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغىنىڭىز مېنى چەكسىز مەمنۇن قىلىدۇ . ھايات – سىز ياراتقان بىر سەنئەت . سىز ئۆزىڭىزنى مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ ئارىسىغا قېتىۋەتكەن ، ھەربىر كۈنىڭىز گوياكى 14 مىسرالىق بىر ئېسىل شېئىر .

پىئانىنو ئالدىدا ئولتۇرغان دورىيان ئورنىدىن تۇرۇپ ، مۇزدەك قوللىرى بىلەن ئۆسكىلەڭ چاچلىرىنى تاراپ قويدى .

– توغرا دېدىڭىز ، ھايات ھەقىقەتەن گۈزەل ، – دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا ، – لېكىن ، تۇرمۇشۇمنى بىر خىلدىلا داۋام قىلغۇم يوق ھاررى . بولدى ، ئۇنداق تاتلىق گەپلىرىڭىزنى قويۇڭ . سىز مېنى تولۇق چۈشەنمەيسىز . ئەگەر تولۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز ، يېنىمدا بىر مىنۇتمۇ تۇرماي بەدەر قاچقان بولاتتىڭىز . نېمىگە كۈلىسىز ؟ قويۇڭ ئۇنداق كۈلكىلىرىڭىزنى .

– مۇزىكىنى چالماي توختىۋالدىڭىزغۇ دورىيان ؟ كېچە كۈيلىرىدىن يەنە بىرەر پەدە چېلىپ بېرىڭچۇ . كېچە ئاسمىنىدا ئېسىلىپ تۇرغان ئاۋۇ تولۇنئاينى كۆردىڭىزمۇ ؟ شۇ تاپتا ئۇ سىزنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆزىگە خۇشاللىق ئىزدىمەكچى بولۇۋاتىدۇ . ئەگەر مۇزىكىڭىزنى چالسىڭىزلا ، ئۇ شۇ ھامان زېمىنغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ . ئەجىبا ئاشۇ ئاينىمۇ تەڭقىسلىقتا قويماقچىمۇسىز ؟ بولمىسا كۇلۇبقا بارايلى . قارىڭە ، بۈگۈن كىشىگە تولىمۇ ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر كېچە بوپتۇ ، شۇڭا بۇ كېچىنى راسا بىر خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىپ قويايلى . شۇ تاپتا ، ۋايىت كۇلۇبىدا بورنماسنىڭ چوڭ ئوغلى – لورد پۇل دېگەن يىگىت سىز بىلەن تونۇشىمەن دەپ تاقىتى – تاق بولۇپ تۇرىدۇ . ئۇ سىزنىڭ گالستۇك چېگىش ئۇسۇلىڭىزغا ئامراق بولۇپ قاپتۇ ، مەندىن ئۆزىنى سىز بىلەن بىر كۆرۈشتۈرۈشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدى . ئۇ بەك يېقىملىق يىگىت ، ھەر كۆرسەم ئۇنى سىزگىلا ئوخشىتىمەن .

– بولسىغۇ شۇنداق قىلسام تازا ياخشى بولاتتى ، – دورىياننىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى يالتتىدە چاقنىدى ، – بۈگۈن سەل چارچاپ قاپتىمەن ھاررى ، كۇلۇبقا بارغۇم يوق . سائەتمۇ 11 بوپ قاپتۇ ، بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالايمىكىن .

– يەنە بىردەم ئولتۇرسىڭىزچۇ دورىيان ! بۈگۈن مۇزىكىنى بەك قالتىس چېلىۋەتتىڭىز . بارماقلىرىڭىزنى پىئانىنو تىللىرى ئۈستىدە ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتىشلىرىڭىز مېنى ئالەمچە خۇشاللىق قوينىغا غەرق قىلدى .

– ھەممىسى مېنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشنى نىيەت قىلغىنىمدىن بولدى ھەقاچان ، – دورىيان كۈلۈمسىرەپ قويدى ، – مەندە ھازىر ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ .

– مېنىڭ نەزىرىمدە سىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەي مۇشۇ پېتى تۇرىسىز دورىيان ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – سىز مېنىڭ قىيامەتلىك بۇرادىرىم .

– لېكىن ، سىز مېنى بىر كىتاب بىلەن زەھەرلىدىڭىز . بۇ ئىشتا سىزنى مەڭگۈ كەچۈرەلمەيمەن . ھاررى ، سىز ماڭا ، ئۇ كىتابنى ئەمدى ھېچكىمگە بېرىپ تۇرمايمەن ، دەپ ۋەدە بېرىڭ . ئۇ ئادەمنى زەھەرلەيدىغان كىتابكەن .

– ۋاي ئۇكام ، ئەمدى ماڭا ئەخلاق توغرىسىدا دەرس ئۆتۈشكە باشلىدىڭىزغۇ . بۇ تۇرۇقىڭىزدا كونىلىقنى تىرىلدۈرگۈچى دىندارلاردەك ، ھەدېسىلا ئۇچرىغانلا كىشىگە «مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار» دەپ ۋەز – نەسىھەت قىلىشتىن يانمايدىغاندەك تۇرىسىز . سىز بەك يېقىشلىق دورىيان ، ئۇنداق قىلىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ . قولىڭىزدىن كەلدى دېگەندىمۇ ، ئۇنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق . بىز ئىككىمىز ھازىر قانداق بولساق ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدىغانلار ، بىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەيمىز . كىتابتىن زەھەرلەندىم دېگىنىڭىز ئەقىلگە سىغمايدىغانلا بىر ئىش . سەنئەت ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ، ئۇ ئوتلۇق ئارزۇ – ئىستەكلەرنى بوغۇپ تاشلىسا تاشلايدۇكى ، ھەرگىزمۇ مېۋە بەرمەيدۇ . بەزى كىتابلار كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا بىخسىپ كەتكەن نۇمۇسسىزلىقلىرىنى ، شەرمەندىلىكلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلىغاچقا ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق كىتابلار ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتابتۇر . بولدىلا ، ئەدەبىيات توغرىسىدا پاراڭلاشمايلى . ئەتە كېلىڭ ، سائەت 11 لەردە ئات مىنىپ باغچىلارنى بىللە سەيلە قىلايلى ، ئاندىن بۇراڭكىسام خانىمنىڭكىدە چۈشلۈك تاماق يەيمىز . ئۇ بەك جەلىپكار ئايال . ئۇ گىلەم سېتىۋالماقچىكەن ، سىزدىن شۇ ھەقتە تەلىم ئېلىش نىيىتى بار ئىكەن ، شۇڭا چوقۇم كەلمىسىڭىز بولمايدۇ . يا بولمىسا چۈشلۈك تاماقنى كېنەز خانىمنىڭكىدە يېسەك قانداق ؟ ئۇ سىزنى ھەجەپ قارسىنى كۆرسەتمەيدىغان بوپ قالدى دەۋاتىدۇ . بىلسەم – بىلمىسەم ، ئۇنىڭدىن تازا بىزار بولدىڭىزغۇ دەيمەن ؟ دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ۋات – ۋاتلىقىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ . ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق ، ئەتە سائەت 11 دە مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى .

– چوقۇم كېلىشىم كېرەكما ھاررى؟

– ئەلۋەتتە ، ھازىر ھېتتى باغچىسىنىڭ تازا چىرايلىق ۋاقتى . ئويلاپ باقسام ، سىز بىلەن تونۇشقان ئاشۇ يىلدىن بېرى بۇنداق چىرايلىق سېرىنگۈلنى كۆرۈپ باقماپتىمەن .

– بولىدۇ . ئەمىسە ئەتە سائەت 11 دە مۇشۇ يەرگە كېلەي ، خەيرلىك كەچ ھاررى ، – دېدى دورىيان .

ئۇ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، كۆڭلىدە دېيەلمەيۋاتقان بىرەر گېپى باردەك ، ئارىسالدى بولۇپ بىر پەس تۇرۇپ كەتتى . ئاندىن چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .

ئىزاھات :

① پېردىتا – شېكىسپىرنىڭ «قىشتىكى ھېكايە» ناملىق دراممىسىدىكى پېرسوناژ .

② فلورىزېل – شېكىسپىرنىڭ «قىشتىكى ھېكايە» ناملىق دراممىسىدىكى پېرسوناژ ، پېردىتانىڭ ئاشنىسى .

③ ۋىلاسكۇز – ئىسپانىيىلىك مەشھۇر رەسسام .

④ «ھامېلېت» تۆتىنچى پەردە ، يەتتىنچى كۆرۈنۈش .

⑤ مارسىياس – يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تەبىئەت ئىلاھى ، ئافېنا ياسىغان نەيدە ئاپوللو بىلەن نەي چېلىشتا بەسلىشىپ ئاپوللوغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11299

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: