پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان) ئىككىنچى باب

قەلئە

[رومان]

ئاپتورى: فرانىز كافكا

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

ئىككىنچى باب

بىر دوقمۇشقا كەلگەندە K سارايغا ئاز قالغىنىنى بىلدى. بۇ چاغدا ئەتراپنى ئاللىقاچان گۈگۈم پەردىسى ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى، ئۇ بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران قالدى. ئۇنىڭ تالادا يۈرگىنىگە شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ مۆلچەرىچە، سىرىتتا بەك يۈرسە بىر- ئىككى سائەت يۈرگەندۇ؛ ئەتىگەن مۇشۇ سارايدىن چىققانچە قورسىقىنىڭ ئاچقىنىنىمۇ سەزمىدى بولمىسا؛ تېخى بايىلا يوپيورۇق ئىدى، بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىنى نېمىسى؟ «كۈن نېمە دېگەن قىسقىراپ كەتكەن- ھە!» ئۇ چانىدىن چۈشۈۋېتىپ ئۆز- ئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلاپ قويۇپ سارايغا قاراپ ماڭدى.

سارايۋەن ئۇنى ساراي ئىشىكىنىڭ لەمپىسى ئاستىدا كۈتۈۋالدى، قولىدىكى چىراغ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى يورۇتۇپ بەردى. K تۇيۇقسىز ھارۋىكەشنى يادىغا ئالدى- دە، قەدەملىرىنى شاپپىدە توختاتتى، بىرەيلەن قاراڭغۇدا يۆتىلىپ كەتتى، بۇ ھارۋىكەش ئىدى. ئۇھ، ئۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشەتتى. K ئىشىك ئالدىدا ئۆزىدىن تەۋاززۇ بىلەن ھال سوراۋاتقان سارايۋەننىڭ ئالدىغا كەلدى، ساراي دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىككى ئادەم تىككىدە تۇراتتى. ئۇ سارايۋەننىڭ قولىدىكى چىراغنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا تۇتتى، ئۇلار ئەسلىدە بايا ئۇنىڭغا ئۇچرىغان ئارتۇر، جېرمىيا دېگەن ھېلىقى ئادەم ئىدى. ئۇلار K غا ھەربىيچە چاس بەردى. بۇنىڭدىن ئۇ قىسىمدا تۇرغان چاغلىرىنى، شۇ چاغدىكى بەختلىك دەملىرىنى ئېسىگە ئېلىپ كۈلۈپ قويدى.

– سىلەر كىم بولىسىلەر؟- سورىدى ئۇ بىردە ئارتۇرغا، بىردە جېرمىياغا قاراپ.

– بىز سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولىمىز،- دېدى ئۇلار.

– بۇلار سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولىدۇ،- دېدى سارايۋەن بوش ئاۋازدا ئۇلارنىڭ گېپىنى تەستىقلاپ.

– نېمە؟- دېدى K،- سىلەر مېنىڭ كەينىمدىن كەلمەكچى بولغان ياردەمچىلىرىم بولامسىلەر؟

– شۇنداق،- جاۋاب بېرىشتى ئۇلار تەڭلا.

– ياخشى،- K بىردەم تۇرۇپ كېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- كەلگىنىڭلار ياخشى بولدى، لېكىن- زە،- دېدى ئۇ يەنە گېپىدىن توختاپ،- مېنى بەك ساقلىتىۋەتتىڭلار، بەك مىس- مىسكەنسىلەر.

– يول بەك ئۇزۇنكەن،- دېدى بىرى.

– يول يىراقكەن دەپ قويۇڭ،- تەكرارلىدى K،- لېكىن مەن سىلەرنىڭ قەلئەدىن كېلىۋاتقىنىڭلارنى كۆردۈمغۇ.

– شۇنداق،- دېدى ئۇلار ئارتۇقچە چۈشەنچە بەرمەيلا.

– ئەسۋابلىرىڭلار قېنى؟- سورىدى K.

– ئەسۋاب ئەكەلمىدۇق،- دېيىشتى ئۇلار.

– مەن سىلەرگە بەرگەن ئەسۋابلار قېنى؟- سورىدى K.

– بىزدە ئەسۋاب نېمە ئىش قىلسۇن،- يەنە تەكرارلىدى ئۇلار.

– ھىم، سىلەر زادى نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر!- دېدى K،- يەر ئۆلچەشنى بىلەمسىلەر؟

– بىلمەيمىز،- جاۋاب بەردى ئۇلار.

– ئەستا، ياردەمچىم بولغاندىكىن يەر ئۆلچەشنى بىلىشىڭلار كېرەكتە،- K شۇنداق دېدى- دە، ئۇلارنى ساراي ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزدى.

ئۈچەيلەن زالدا ئەپچىلگىنە كەلگەن بىر ئۈستەلنى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پىۋا ئىچىشكە تۇتۇندى، K ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇردى، ئىككى ياردەمچىسى ئىككى يېنىدىن ئورۇن ئالدى، ئۇلار گەپ قىلىشماي خېلىغىچە جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى. يەنە بىر ئۈستەلدە تۈنۈگۈن ئاخشامدىكىدەكلا بىر نەچچە ئوتاقچى ئولتۇراتتى.

– سىلەر بىلەن بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش تەس ئوخشىمامدۇ،- دېدى K بىردە ئۇنىڭغا، بىردە بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ. ئۇلارنىڭ چىرايى بىر- بىرىگە قەۋەتلا ئوخشايىتتى،- مەن سىلەرنى قانداق پەرق ئېتىمەن؟ ئىسمىڭلاردىن باشقا يېرىڭلار قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىكەن، خۇددى . . . – ئۇ گېپىنى سەل توختىتىۋېلىپ يەنە داۋام قىلدى،- خۇددى ئىككى تال يىلاننى بىرى- بىرىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمىغاندەك، قەۋەتلا ئوخشايدىكەنسىلەر.

ئۇلار كۈلۈپ كېتىشتى.

– باشقىلار بىزنى ئاسانلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ،- دېدى ئۇلار چۈشەنچە بېرىپ.

– ئۇغۇ شۇ،- دېدى K،- مەنمۇ ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. لېكىن مەن سىلەرنى باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن پەرق ئېتىمەن- دە. شۇنداق بولغاندىكىن، مەن سىلەرنى بىر ئادەم قاتارىدا كۆرۈۋېرەي، ھەر ئىككىڭلارنى ئارتۇر دەپ چاقىرىۋېرەي. ئارتۇر دېگىنى سىزمىدىڭىز؟- سورىدى ئۇ بىرىدىن.

– ياق،- دېدى ئۇ،- مېنىڭ ئىسمىم جېرمىيا.

– كېرەك يوق،- دېدى K،- ھەر ئىككىڭلارنى ئارتۇر دەپ چاقىراي. مەن ئارتۇرنى بىر يەرگە بېرىشقا بۇيرۇسام، ھەر ئىككىڭلار بېرىڭلار؛ ئارتۇرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئىككىڭلار تەڭ قىلىڭلار. بولسىغۇ ئىككىڭلارنى ئايرىم- ئايرىم ئىشقا بۇيرۇسام ماڭىمۇ تازا ياخشى بولاتتى. لېكىن، بۇنىڭ بىر پايدىسى- مەن سىلەرگە قىلىشقا تاپشۇرغان ئىشقا ئورتاق مەسئۇل بولىسىلەر. ئىشنى بۆلۈشۈپ قىلامسىلەر ياكى بىللە قىلامسىلەر، بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق. ئىشقىلىپ بىر- بىرىڭلارگە بەس سالمىساڭلارلا بولدى. مېنىڭ نەزىرىمدە سىلەر بىر ئادەم.

– بۇنداق قىلساق بولماسمىكىن،- دېدى ئۇلار بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ.

– نېمىشقا بولمايدىكەن،- دېدى K،- بۇنداق بولۇشىنىغۇ ئەلۋەتتە ياقتۇرمايسىلەر، لېكىن مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوقتە،- K ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئەتراپىدىن كېتەلمەي تىمسىقلاپ يۈرگەن بىر ئوتاقچىنى بايىدىن بېرى كۆزىتىپ ئولتۇرغانىدى. ئۇ كىشى قەدەملىرىنى توختاتتى- دە، ياردەمچىنىڭ بىرىگە يېقىن كېلىپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلىدى.

– كەچۈرۈڭ،- K ئۈستەلنى شاپاللاپ ئورنىدىن تۇردى،- بۇلار مېنىڭ ياردەمچىلىرىم، بىز بىر ئىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز، بىزگە دەخلى قىلماڭ.

– ھىم، كەچۈرۈڭ،- ئوتاقچى ئالاقزادىلىك ئىلىكىدە كەينىچىلەپ كېتىپ قالدى.

– بىر ئىشنى ئالدىن دەۋالاي،- دېدى K قايتىدىن ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋېتىپ،- مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايسىلەر. مەن بۇ يەرگە يات، سىلەر مېنىڭ كونا ياردەمچىلىرىم بولغاندىكىن، سىلەرمۇ بۇ يەرگە يات ھېسابلىنىسىلەر. بىز ئۈچ ياقا- يۇرتلۇق بىر- بىرىمىز بىلەن ئىجىل- ئىناق ئۆتمىسەك بولمايدۇ. قېنى، قولۇڭلارنى چىقىرىپ ماڭا بۇ ھەقتە كاپالەت بېرىڭلار،- ئۇلار خۇشاللىق بىلەن K غا قوللىرىنى تەڭلەشتى.

– ئەكېلىڭلار قولۇڭلارنى،- دېدى ئۇ،- بۇيرۇقۇمغا بويسۇنمىساڭلار بولمايدۇ. ئەمدى مەن كىرىپ ئۇخلاي، سىلەرمۇ ئۇخلاڭلار. بۈگۈن بىر كۈن ۋاقتىمىز بىكار ئۆتۈپ كەتتى، ئەتە سەھەردىلا ئىشنى باشلاپ كېتىمىز. ئەتە سىلەر چانىدىن بىرنى تېپىپ مېنى قەلئەگە ئاپىرىپ قويىسىلەر. ئەتە ئەتىگەن سائەت 6 دە چانىنى تەقلەپ بۇيرۇقۇمنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار.

– بولىدۇ،- دېدى ياردەمچىنىڭ بىرى. يەنە بىرى ھەمراھىنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى:

– «بولىدۇ» دەۋاتقىنىڭنى قارا. بۇ ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟

– بولدى تالاشماڭلار،- دېدى K،- بىسمىللا دېمەي گەپ تالاشقىلى تۇردۇڭلارغۇ ئەمدى.

– ئۇ راست دەۋاتىدۇ، بۇ ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئىجازەتنامە بولمىسا سىرىتتىن كەلگەنلەر قەلئەگە كىرەلمەيدۇ،- دېدى دەسلەپتە گەپ قىلغىنى.

– ئىجازەتنامىنى قەيەردىن ئىلتىماس قىلىدۇ؟

– ئۇقمايمەن، قەلئەنىڭ باش غوجىدارىدىن ئىلتىماس قىلامدىكىن.

– ئەمىسە تېلېفون قىلىپ قويۇپ شۇ يەرگە بېرىپ ئىلتىماس قىلايلى. سىلەر دەرھال قەلئەنىڭ غوجىدارىغا تېلېفون ئۇرۇڭلار!

ئۇلار تېلېفوننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشتى، تېلېفوننى باش ئاپپاراتقا ئۇلاش ئۈچۈن خېلى ھەپىلەشتى! ئۇلارنىڭ شۇ دەرىجىدە ئىتائەتمەنلىكى كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايتتى. ئۇلار تېلېفوندا ئەتە ئەتىگەندە K بىلەن بىللە قەلئەگە كىرەلەيدىغان- كىرەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى. قارشى تەرەپتىن «بولمايدۇ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرغان K غا ئېنىق ئاڭلاندى. قارشى تەرەپ تېلېفوندا يەنە: «ئەتىلا ئەمەس، ھەرقانداق چاغدا قەلئەگە كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ ئېزىپ- ئىچۈرۈپ چۈشەندۈردى.

-تېلېفوننى ماڭا بەرگىن، ئۆزۈم سۆزلىشەي،- K ئورنىدىن تۇردى. بايىدىن بېرى جىم ئولتۇرغان كىشىلەر بۇ گەپنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ K غا ئەگىشىپلا ئورۇنلىرىدىن دۈررىدە تۇرۇشتى، سارايۋەن ئۇلارنى كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولدى، لېكىن ئۇلار ھەدېسە قىستاپ- قىستاپ بېرىپ تېلېفوننىڭ يېنىغا كەلدى- دە، K نى ئورۇۋېلىشتى. ئۇلارچە بولغاندا، K ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمەيتتى. K ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماسلىقنى ئېيتىپ ئۇلارنى جىم قىلىشتى.

تۇرۇپكىدىن خېلىغىچە گىژىلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇ بۇرۇن تېلېفون ئۇرغانلىرىدا بۇنداق ئاۋاز چىققىنىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى. بۇ ئاۋاز گوياكى ئۇششاق بالىلارنىڭ سۈرەن- چۇقانلىرىغا، توغرىراقى يىراقلاردىن تارقىلىۋاتقان ناخشا ئاۋازىغا ئوخشايتتى، گوياكى بۇ ئاۋاز غەلىتە بىر رەۋشتە ئۈنلۈك ھەم جاراڭلىق بىر ئاۋازغا ئايلىنىپ، كىشىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى، قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاشلا ئەمەس، بەلكى قۇلاق پەردىسىنى يەپ كەتمەكچىدەكلا قىلاتتى. K چەپ قولىنى تېلېفون قويۇلغان كىچىك ئۈستەلگە قويۇپ تۇرۇپكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازغا قۇلاق سالدى، تېلېفون نومۇرىنى باسماي، ئاشۇ ئاۋازغا قۇلاق سېلىپ خېلىغىچە تۇرۇپ كەتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇرغىنىنى بىلمىدى، سارايۋەننىڭ كىيىمىنىڭ يېڭىدىن تارتىپ بىر خەۋەرچىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتقانغا قەدەر شۇ ھالەتتە تۇردى.

– كۆزۈمدىن يوقىلىڭ!- ۋارقىرىدى K دەرغەزەپ بولۇپ. دەل شۇ چاغدا تېلېفوندا بىرىنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارشى تەرەپ تېلېفوندا: «مەن ئوسۋالد بولىمەن، سىز كىم بولىسىز؟»دېدى. بۇ ئاۋاز تولىمۇ كەسكىن، ئەمما كۆرەڭ ئىدى. گەپ قىلىۋاتقان ئادەم K غا بەزى تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدىغاندەك تۇيۇلدى، ئۇ ئادەم گويا ئاۋازىغا ئەنە شۇنداق ھەيۋە بېرىش ئارقىلىق بۇ كەمچىلىكىنى ياپماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. K نام- ئەمەلىمنى مەلۇم قىلايمۇ- قىلمايمۇ دېگەندەك خېلىغىچە دېلغۇل بولۇپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ تېلېفوندا قارشى تەرەپكە ئاشۇنداق ھەيۋە- پوپوزا بىلەن گەپ قىلغىنى ئۈچۈن رەددىيە بېرىشكە ئامالسىز ئىدى. ئەگەر شۇنداق قىلسا، قارشى تەرەپ چىچاڭشىپ تېلېفوننى قويۇۋېتەتتى- دە، K ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. K نىڭ دېلغۇل بولۇپ تىلىنى چاينىشىدىن قارشى تەرەپنىڭ بىزارلىقى تۇتتى.

– كىم سىز؟- قارشى تەرەپ شۇنداق دەپ قايتىلاپ سورىدى ۋە قوشۇپ قويدى،- نېمانداق تولا تېلېفون ئۇرۇۋېرىسىلەر؟ تېخى بايىلا بىرىڭلار تېلېفون ئۇرغان ئىدىڭلارغۇ؟

K بۇ گەپلەرنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ تۇرۇپ كەتتى- يۇ يەنە تۇرۇپلا قارشى تەرەپنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىش قارارىغا كەلدى:

-مەن يەر ئۆلچەش خادىمىنىڭ ياردەمچىسى بولىمەن.

– نېمە ياردەمچى؟ قايسى ئەپەندىمنىڭ؟ قايسى يەر ئۆلچەش خادىمىكەن ئۇ؟

K تۈنۈگۈن ئاخشامقى تېلېفوننى ئېسىگە ئالدى.

– فرېتىزدىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ،- دېدى ئۇ گەپنى ئۇزارتماي. بۇ گەپ قارشى تەرەپكە خېلى تەسىر قىلغاندەك بولدى، بۇنىڭدىن ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئۇنى ھەيرانلىققا تاشلىغىنى گېپىنىڭ تەسىر قىلغىنى ئەمەس، بەلكى قەلئەنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر قۇتۇپلىشىپ كەتكەنلىكى ئىدى.

– ھە بىلدىم، ئىشى تۈگىمەيدىغان ھېلىقى يەر ئۆلچەش خادىمىنى دېمەكچىمۇ سىز. ھىم، ئەمدى بىلدىم. نېمە ئىش؟ سەن قايسى ياردەمچى بولىسەن؟- دېدى قارشى تەرەپ.

– مەن يۆسېف بولىمەن،- دېدى K. ئوتاقچىلارنىڭ كەينىدە بىر نېمىلەرنى گۇدۇڭشىشلىرىدىن ئۇنىڭ ئوغىسى قاينىدى؛ ئېنىقكى، ئۇلار K نىڭ راست ئىسمىنى دېمىگىنىدىن رەنجىۋاتاتتى. K نىڭ ئۇلارنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلغۇدەك چولىسى يوق ئىدى، چۈنكى ئورۇنسىز گەپ قىلىپ قويۇپ ئىشنى بۇزۇپ قويسا بولمايتتى.

– يۆسېف؟- قايتۇرۇپ سورىدى قارشى تەرەپ،- ئىككى ياردەمچىنىڭ ئىسىمى . . .- مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قارشى تەرەپ گېپىنى توختىتىۋالدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەمدىن ياردەمچىلەرنىڭ ئىسىمىنى سوراۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى،- ئارتۇر بىلەن جېرمىيامۇ؟

– ئۇلار دېگەن يېڭى ياردەمچىلەر،- دېدى K.

– ياق، ئۇلار دېگەن كونا ياردەمچى.

– ئۇلار يېڭى ياردەمچىلەر، كونا ياردەمچى دېگەن مانا مەن. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىمنىڭ كەينىدىن تېخى بۈگۈنلا كەلدىم.

– ئۇنداق ئەمەس!- ۋارقىرىدى قارشى تەرەپ.

– ئەمىسە مەن كىم؟- سورىدى K تەمكىنىنى بۇزماي. ھايال ئۆتمەي، يەنە ھېلىقى گەپنى كەمتۈك قىلىدىغان كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. «ھە، سەن كونا ياردەمچى ئىكەنسەن- دە» دېدى قارشى تەرەپ ئاۋازىنى بوغۇق چىقىرىپ ھەيۋە بىلەن.

K قارشى تەرەپنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى بىلەن بولۇپ كېتىپ، «نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟»[2] دېگەن سوئالىنى ئاڭقىرالمىغىلى تاسلا قالدى. قارشى تەرەپ رەللە بولۇپ تۇرۇپكىنى قويۇۋەتمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. تېلېفوندا بۇنداق سۆزلىشىپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن K ئالدىراپقىنا سورىدى:

-باشلىقىم قەلئەگە قاچان بارسا بولىدۇ دەپ سوراۋاتىدۇ؟

تۇرۇپكىدىن: «ھەرقانداق چاغدا كەلسە بولمايدۇ» دېگەن جاۋاب ئاڭلاندى. K «ماقۇل ئەمسە» دەپلا تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى.

كەينىدە تۇرغان ئوتاقچىلار دۈررىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئولاشتى. ياردەمچىلەر ئۇنىڭ چىرايىغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ، ئوتاقچىلارنىڭ ئالدىنى توستى. بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە قىزىقارلىق كومېدىيەلەرنى ئەسلىتەتتى. ئوتاقچىلار تېلېفوندا دەل شۇنداق جاۋاب بېرىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك رازىمەنلىك بىلەن ئاستاغىنە كەينىگە يېنىشتى. شۇ ئارىدا بىر كىشى ئىلدام قەدەملىرى بىلەن توپنى يېرىپ ئۆتۈپ K نىڭ ئالدىغا كەلدى- دە، بىرنى تازىم قىلىۋېتىپ بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندى. K خەتنى ئېلىپ، ئۇ كىشىگە سىنچىلاپ قارىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا بۇ ئادەم ھەممە ئىشتىن مۇھىمدەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. بۇ ئادەم ھېلىقى ئىككى ياردەمچىگە بەكلا ئوخشايتتى، ئۇنىڭمۇ بويى ئېگىز ئىدى، ئۇچىسىغا ئوخشاشلا سىقىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، كىشىگە ئۇلارغا ئوخشاش چاققان، تېتىك تەسىر بېرەتتى. لېكىن، ئۇ ئۇلاردىن زور پەرقلىنەتتى. K نىڭ مۇشۇنداق ئادەملەرنى ياردەمچى قىلىۋالغۇسى بار ئىدى! بۇ كىشى K غا تېرە ئاشلاش ئۇستىسىنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن قۇچىقىدا بالا كۆتۈرۈۋالغان ئايالنى خىرە- شىرە ئەسلەتتى. ئۇ بېشىدىن ئايىغىغىچە ئاپئاق كىيىنگەن، كىيىملىرى شايىدىن تىكىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش قىشلىق كىيىم بولۇشىغا قارىماي، يىپەكتەك يۇمشاق، سۆلەتلىك ئىدى. كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى، چوڭ- چوڭ قوي كۆزلىرى كىشىگە بىرخىل يېقىملىق تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ چېھرىدە ئويناۋاتقان كۈلكىسىگە بەرھەم بەرمەكچى بولغاندەك، يۈزلىرىنى سىيلاپ قويدى، لېكىن ئۇنىڭ چېھرىدىكى كۈلكە ھېچ ئۆچىدىغاندەك قىلمايتتى.

– سىز كىم بولىسىز؟- سورىدى K.

– ئىسمىم بارناباس،- دېدى ئۇ،- خەت- چەك يەتكۈزگۈچى بولىمەن،- ئۇنىڭ گەپ قىلغاندا لەۋلىرىنىڭ بىر ئېچىلىپ، بىر يۇمۇلۇشلىرى كىشىگە ناھايىتى مەردانە، يېقىملىق تۇيغۇ بېرەتتى.

– سىز بۇ يەرنى ياخشى كۆرەمسىز؟- دېدى K ئوتاقچىلارنى ئىما قىلىپ. ئوتاقچىلار تېخىچە ئۇنىڭغا قىزىقىش نەزەرى بىلەن قاراپ تۇراتتى، چىرايلىرىدىن ئېيىتقۇسىز بىر قايغۇ- ئەلەم تۆكۈلۈپ تۇراتتى، سوزۇنچاق يۈزلىرى گويا بىرىدىن بولۇشىغا تاياق يەپ ماكچىيىپ كەتكەن كىشىدەك ئەلەملىك تۈس ئالغان، گۆشلۈك كالپۇكلىرىنى كالچارىتىپ، ئېغىزلىرىنى كاماردەك ئاچقىنىچە ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قارىشىپ تۇراتتى، ھېلىدىن- ھېلىغا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى زالنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە تىنتىپ چىقاتتى- دە، يەنە كېلىپ K دا توختايتتى. K ئىككى ياردەمچىسىنى ئىما قىلدى، ئۇلار بىر- بىرىنى قۇچاقلىشىپ، يۈزلىرىنى- يۈزلىرىگە يېقىشىپ ھەدەپ پىخىلداپ كۈلۈشۈۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ كۈلۈشلىرى ئىتائەتمەنلىكتىنمۇ ياكى مەسخىرىدىنمۇ، بىلگىلى بولمايتتى. K گويا ئالاھىدە ئەھۋالدا قالغىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىتائىتىگە بۇيرۇلغان بىر توپ كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇۋاتقاندەك، ھەم بارناباسنى بۇلار بىلەن بىر قاتاردا كۆرۈشنى خالىمىغاندەك، ھەممە كىشىنى ئۇنىڭغا بىر- بىرلەپ كۆرسىتىپ چىقتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۇنىڭ ئۇنى ئۆزىگە يېقىن تۇتقىنى ئىدى. لېكىن، بارناباس تەربىيە كۆرگەن بىر خىزمەتكار خوجايىنى دەپ سالغان گەپلەرنى كۆڭلىگە ئالمىغاندەك، بۇ ئىشلارنى پەرۋايىغا ئالمىدى، K نىڭ دېگىنى بويىچە ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئوتاقچىلارنىڭ ئارىسىدىكى تونۇش كىشىلەرگە بىر- بىرلەپ نەزىرىنى ئاغدۇردى ۋە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، ئىككى ياردەمچى بىلەن بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. ئۇ بۇلارنى تولىمۇ تەبىئىي بىر رەۋشتە قىلدى، ئەمما ئۇلار بىلەن بەك ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ كەتمىدى. K سوئالىنىڭ جاۋابسىز قالغىنىدىن خىجالەت بولۇپمۇ كەتمىدى، قولىدىكى خەتنى يېڭىباشتىن ئېچىپ كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى:

ھۆرمەتلىك ئەپەندىم! خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، گراف ئالىيلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتىڭىز. سىز مۇشۇ كەنتنىڭ باشلىقىنىڭ بىۋاستە ئىتائىتىدە بولىسىز. قىلىدىغان ئىشىڭىز ۋە ئىش ھەققىڭىزگە ئوخشاش ئىشلارنى ئۇ سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، سىزمۇ ئۇنى نازارەت قىلىپ تۇرۇڭ. شۇنداقتىمۇ، مەن سىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىمەن. مۇشۇ خەتنى سىزگە يەتكۈزگەن بارباناس دېگەن كىشى پات- پات يېنىڭىزغا بېرىپ تەلەپ- ئېھتىياجىڭىزنى سوراپ تۇرىدۇ ۋە ماڭا دوكلات قىلىدۇ. قولۇمدىن كېلىدىغانلىكى ئىش بولسا، سىزدىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن. سىلەرنىڭ رازى بولۇشۇڭلار مەن ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم.

خەتنىڭ تۈگەنچىسىگە يېزىلغان ئىمزانى پەرق ئەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىمزانىڭ يېنىغا «XX ئىش بېجىرىش بىيۇرۇسىنىڭ مۇدېرى» دېگەن تامغا بېسىلغانىدى.

-توختاپ تۇرۇڭ!- K ھەدەپ ئۆزىگە تازىم قىلىۋاتقان بارناباسقا يۈزلىنىپ شۇنداق دېدى- دە، سارايۋەننى چاقىردى، ئاندىن خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزى يالغۇز ئوبدانراق دەڭسەپ باقماقچى بولغىنىنى ئېيتىپ، ئۆزىنى ئايرىم بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارناباسقا بۆلەكچىلا ئامراق بوپ قالغىنىنى ھېس قىلدى- يۇ، ئۇنىڭ بەرىبىر بىر خەت- چەك توشۇغۇچى ئىكەنلىكىنى يادىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىستاكان پىۋا بۇيرۇتتى ۋە پىۋىنى ھەشقاللا دەپ ئالغاندىكى پوزىتسىيىسىنى كۆزىتىپ تۇردى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بارناباس پىۋىنى ئېلىپلا ئىچىشكە باشلىدى. K مۇ سارايۋەننىڭ كەينىدىن يۈرۈپ كەتتى. سارايدىكى ياتاقلار بەكلا كىچىك ئىدى، K غا كىچىك بىر ئېغىز بالىخانا ئۆي ئاران چىقتى. بۇ بالىخانىدا ئەسلى ئىككى ئايال خىزمەتكار خېلىدىن بېرى تۇرۇپ كېلىۋاتاتتى، شۇڭا بۇ ئۆينى بىكارلاپ بېرىشمۇ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى خىزمەتكارنى كۆچۈرۈۋەتمەكتىن باشقا ئامالمۇ قالمىغانىدى. ئۆي يەنە شۇ ئەسلىدىكى پېتى تۇراتتى، ئۆيدە بىردىنبىر بىسات سۈپىتىدە بىر كارىۋات، بىر نەچچە ياستۇق ۋە كونىراپ كەتكەن بىر پارچە يۇڭ ئەدىياللا بار ئىدى، كارىۋات كىرلىكى، ياستۇق قېپى دېگەندەكلەر كۆرۈنمەيتتى، ئەدىيال بىلەن ياستۇق تېخى بايىلا بىرى ئۇخلاپ قوپقاندەك يىغىقسىز ھالەتتە ئىدى. تامدا بىر نەچچە پارچە مۇقەددەس رەسىم ۋە ھەربىيلەرنىڭ سۈرىتى ئېسىقلىق تۇراتتى. ھاۋا ئالماشتۇرۇلمىغاچقا، ئۆينىڭ ھاۋاسىمۇ بۇلغانغانىدى. ئېنىقكى، ئۇلار يېڭى كەلگەن بۇ مېھماننىڭ ئۇزۇن تۇرۇشىنى خالىمىغاندەك، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇپمۇ قويۇشمىغانىدى، ئۆينىڭ تۇرۇقىدىنمۇ شۇنداقراق بىر مەنىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. K ئارتۇق گەپ قىلمايلا بەدىنىگە يۇڭ ئەدىيالنى ئورىدى- دە، ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ شامنىڭ يورۇقىدا خەتنى يەنە بىر رەت ئوقۇپ چىقتى.

خەتنىڭ باش- ئاخىرى بىردەك ئەمەس ئىدى، بەزى يەرلىرى ئۇنى ئەركىن ئادەم قاتارىدا كۆرگەن ئاھاڭدا يېزىلغان، ئىسمىنىڭ ئاتىلىشى، نېمە ئارزۇسى بار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردا ئۇنىڭ ئارزۇ- تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئىدى. خەتنىڭ يەنە بەزى جايلىرىدىن بولسا ئۇنى ئاشكارا ياكى ئەگىتىپرەك ئاددىي بىر ئىشچى قاتارىدا كۆرۈۋاتقاندەك، ھېلىقى مۇدېرمۇ ئۇنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىغاندەك بىر مەنە چىقاتتى. تېخى يەنە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە «يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن»، كەنت باشلىقىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىكەنۇ، يەنە ئۇنىڭغا كۆز- قۇلاق بولۇپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بىردىنبىر خىزمەتدېشى شۇ كەنت ساقچىسىدۇر ھەقاچان؟ نېمە دېگەن چۈشىنىكسىز گەپلەر- بۇ! شۈبھىسىزكى، خەتنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرى بىر- بىرىگە زىت ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زىتلىق تولىمۇ روشەن ئىدى. ئېنىقكى، بۇلار قەستەن ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. K خەتنىڭ مەزمۇنىدىكى زىتلىقنىڭ ئارىسالدىلىق تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىدى؛ مۇشۇنداق بىر ئورگاننى ئاشۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىدى. ئۇ يەنە بىر تۇرۇپ بۇ زىتلىقنى «ماڭا قالدۇرۇلغان بىر تاللاش ئوخشايدۇ» دەپمۇ چۈشەندى، خەتتە دېيىلگىنى بويىچە، كۆرۈنۈشتە قەلئە بىلەن ئالاقە باغلاپ تۇرىدىغان، ئەمەلدە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە كەنت ئىشچىسى بولامدۇ ياكى ئاتاقتىكىلا كەنت ئىشچىسى بولامدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتەكمۇ قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خىزمەتكە ياللىنىش- ياللانماسلىقى بارناباس ئەكەلگەن خەتكىلا باغلىق ئىدى. K ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا قارار چىقاردى، ئۇ تۈنۈگۈندىن بېرى شۇنچە ئىشلارغا يولۇقمىغان بولسا ئىدى، بۇنچە ئارىسالدى بولۇپمۇ يۈرمىگەن بولاتتى. ئۇ ئاددىي بىر كەنت ئىشچىسى بولسا، ئىلاجى بار قەلئەدىكى چوڭاملار بىلەن ئارىلىق تاشلاپ تۇرسىلا قەلئەدىن نەپكە ئېرىشەلەيتتى. كەنتتىكىلەر ھازىر ئۇنىڭغا بىر خىل گۇمان نەزەرىدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، مۇبادا ئۇ كەنتتىكىلەرنىڭ دوستلۇق ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئادەمگە ئايلانسا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. ئەگەرچەندە ئۇ گېرستاكېر بىلەن لېيىزمەندىن ھېچ پەرقى يوق ئادەمگە ئايلىنالىسا – چوقۇم شۇنداق قىلماي بولمايتتى، چۈنكى ھەممە ئىش مۇشۇنىڭغا باغلىق ئىدى – ئۇنداقتا جىمى يوللار ئۇنىڭغا داغدام ئېچىلىپ كېتەتتى. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلارغىلا، ئۇلارنىڭ ئازغىنە ئىلتىپاتلىرىغىلا تايانغاندا، جىمى يول ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈگە ئېتىلىپلا قالماستىن، ئۇلار بىلەن كۆرۈشىمەن دەپمۇ كۆرۈشكىلى بولماي قالاتتى. خەتەر كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى، خەتتىمۇ ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتكەندەك بىر ئۇستىلىق بىلەن شۇنداقراق بىر خەتەردىن بىشارەت بېرىلگەنىدى، خەتەردىن ساقلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىدەك بىر مەنىمۇ ئىشارە قىلىنغانىدى. ئۇ بولسىمۇ ئىشچى بولۇشنى تاللاش ئىدى. «مۇلازىمەت قىلىش»، «رەھبەرلىكنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىق»، «ئىشلەش»، «خىزمەت تەمىناتى»، «مەسئۇلىيەت»، «ئىشچى» دېگەندەك گەپلەر خەتتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانىدى، شەخسىيەتكە ياتىدىغان باشقا ئىشلارمۇ يەنە شۇنداقراق بىر مەيداندا تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. K خالىسا ئىشچى بولسا بولۇۋېرەتتى، لېكىن ئىشچى بولدىمۇ بولدى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكىلا بولاتتىكى، باشقا چىقىش يولى يولى قالمايتتى. ئۇ بۇنىڭدا زورلاش يوق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتى، زورلاش بولغان تەقدىردىمۇ بەك قورقۇپ كەتمەيتتى، بۇنىسىدىن ئۇ خاتىرجەم ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى- كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان مۇھىت بېسىمى، ئۈمىدسىزلىككە كۆنۈپ قېلىش بېسىمى، ھېس قىلغىلى بولمايدىغان، ئەمما مىنۇت- سېكونت كىشىنى ئارامىدا قويمايدىغان سۈر- ھەيۋە ئىدى. لېكىن، ئۇ ئاشۇنداق خەتەرلەر بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلمىسا بولمايتتى. بۇ ئەھۋاللارمۇ خەتتە چۈشۈرۈپ قويۇلمىغانىدى. ئەگەرچەندە، راستىنلا ئاشۇنداق جان تىكىپ ئېلىشىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، كۆكرەك كېرىپ چىققۇدەك جاسارەت K دا يوق ئەمەس ئىدى. خەتتە بۇ نۇقتىلارمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغانىدى. بۇنى دەككە- دۈككە ئىچىدە قالغان ئادەملەرلا ھېس قىلىپ يېتەلەيتتى. ئۇ بولسىمۇ خەتنىڭ بېشىدىكى «خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك» دېگەن گەپلەر ئىدى. K ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى، ئەنە شۇندىلا ئۆزىنىڭ قەلئەنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلانغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەندى.

K تامدىكى رەسىمنى ئېلىۋېتىپ، خەتنى رەسىمنىڭ ئورنىغا ئېسىپ قويدى؛ ئۇ مۇشۇ ئۆيدىلا تۇرىدىكەن، خەت تامغا مۇشۇنداق ئېسىپ قويۇلۇشى كېرەك ئىدى.

ئۇ شۇ ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن بالىخانىدىن زالغا چۈشتى. بارناباس ھېلىقى ئىككى ياردەمچى بىلەن ئەپچىلگىنە كەلگەن بىر ئۈستەل يېنىدا ئولتۇراتتى.

-ئوھوي، تېخىچە ئولتۇرۇپسىزغۇ،- دېدى K. نېمىشقىكىن، ئۇ بارناباسنى كۆرۈپلا بىر خوشلۇق ئىلىكىدە قالغانىدى. بارناباس لىككىدە ئورنىدىن تۇردى. K زالغا كىرىشى بىلەن تەڭ، ئورۇنلىرىدىن دۈررىدە تۇرۇشۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتى. ئۇلار K نى ئايلىنىپ نېرى كېتەلمەيۋاتاتتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.

– نېمىشقا ھەدېسىلا كەينىمگە كىرىۋالىسىلەر؟- گۈركىرىدى K. ئۇلار بۇ گەپتىن خاپا بولمىدى، بىردىن- ئىككىدىن كەينىگە يېنىشىپ، ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى. بىر ئوتاقچىنىڭ چىرايىغا تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر كۈلكە تېپىپ چىقتى (باشقا ئوتاقچىلارنىڭ چىرايىدىمۇ ئاشۇنداقراق بىر ئىپادە بار ئىدى). «بىرەر يېڭى ئىشتىن خەۋەر تاپارمىزمىكىن دېدۇق شۇ» دېدى ئۇ چۈشەنچە بېرىپ. ئۇ شۇنداق دېگەچ گويا ئوخشىغان بىر قورۇمىغا ئېغىز تەگكەن كىشىدەك كالپۇكلىرىنى يالاپ قويدى. K ئۇنىڭ گېپىگە ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا سەل ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا توغرا بولاتتى. ئۇ بارناباسنىڭ يېنىغا ئەمدى ئولتۇرۇشىغا، بىر ئوتاقچىنىڭ كەينىدە پۇشۇلدىغان ئاۋازىنى سېزىپ قالدى. ئۇ كىشى تۇز قۇتىسىنى ئالغىلى كەلگەنتىم دەپ تۇرۇۋالدى. K نىڭ غەزەبتىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇردى، ئوتاقچىمۇ تۇز قۇتىسىنى ئالمايلا كەينىگە ياندى. K غا تاقابىل تۇرماق بەكلا ئاسان ئىدى، مىسالەن، ئوتاقچىلارنى ئۇنىڭغا كۆز- قۇلاق بولۇشقا قويۇپ قويسىلا ئىش پۈتەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتاقچىلارنىڭ ھەدېسىلا كۆزىگە كىرىۋېلىشى باشقىلارنىڭ سۆرۈن تەلەتىدىنمۇ ئەلەملىك بىلىنەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بۇنداق سۆرۈن تەلەتمۇ كىشىنىڭ جېنىغا تېگەتتى. ئەگەردە ئۇ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. ئۇ بارناباس بولغاچقىلا ۋارقىراپ تاشلاشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا ھومىيىپ قارىدى، ئۇلارمۇ ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇردى. ئۇلار گويا ئالدىن كېلىشىۋالغاندەك، بىر- بىرىگە گەپمۇ قىلىشماستىن ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. K ئوتاقچىلارنىڭ ھەدېسىلا كەينىگە كىرىۋېلىشىدىن بىرەر يامان نىيەتنى سەزمىدى؛ ئېھتىمال ئۇلار ئۇنىڭدىن ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغان بىرەر گەپنى كۈتۈۋاتقاندۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، بۇنى بىر بالىلارچە قىلىق دېمەي ئامال يوق ئىدى، قارىغاندا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەننىۋاسى ئەنە شۇنداق بالىلارچە قىلىققا كۆنۈپ قالغاندەك تۇراتتى. ئالايلۇق، قايسىدۇر بىر خېرىدارغا بىر ئىستاكان پىۋا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان سارايۋەن جېنىدا ئايالىنىڭ ئاشخانىنىڭ كىچىككىنە دەرىزىسىدىن گەۋدىسىنى چىقىرىپ توۋلاشلىرىغىمۇ قۇلاق سالماي، K غا قاراپ تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالغانىدى. مانا بۇ بالىلىق بولماي نېمە؟

كۆڭلى خېلى ئارامىغا چۈشۈپ قالغان K بارناباسقا يۈزلەندى؛ ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىنى شۇنچىلىك كەتكۈزۈۋەتكۈسى كەلدى- يۇ، باھانە تاپالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي جىممىدە پىۋىسىنى ئىچىپ ئولتۇراتتى.

– خەتنى ئوقۇدۇم،- دېدى K،- خەتتە نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

– بىلمەيمەن،- دېدى بارناباس. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن دېمەكچى بولغانلىرىدىنمۇ جىقراق نەرسىلەر چىقىدىغاندەك قىلاتتى. K بەلكىم ئوتاقچىلارنىڭ قاراشلىرىنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك، بارناباسنىڭ ياخشى كۆڭلىنىمۇ خاتا چۈشىنىپ قالغاندۇ. لېكىن، بارناباس قارىغان كىشىگە بۆلەكچە ھوزۇر بېغىشلايتتى.

– خەتتە سىزمۇ تىلغا ئېلىنىپسىز. خەتتە دېيىلىشىچە، مۇدېر بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا پات- پات خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەنسىز. شۇڭا سىزنى خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋىرى بارمىكىن دەپ قاپتىمەن.

– مېنىڭ ۋەزىپەم خەت توشۇش،- دېدى بارناباس،- خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاغزاكى ياكى يازمىچە ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، مەن ئالغاچ كېتىمەن.

– بولىدۇ،- دېدى K ،- خەت يېزىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق. مۇدېرغا . . . ئۇنىڭ ئىسىمى نېمە ئىدى؟ ئىمزاسىنى ئېنىق كۆرەلمەي قالدىم.

– كلام،- دېدى بارناباس.

– ئەمىسە ئاشۇ كلام ئەپەندىگە مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ. ئۇنىڭ مېنى ئىشلەتكىنىگە، ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىغا كۆپ رەھمەت. مەن بۇ يەردە تېخى ھېچقانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىنى قەدىرلەيمەن، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش تۇتىمەن. بۈگۈنچە ھېچقانداق تەلەپ- پىكىرلىرىم يوق.

بارناباس ئۇنىڭ گەپلىرىنى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن بايا دېگەن گەپلىرىنى تەكرارلاپ بېقىشىغا ئىجازەت سورىدى. K ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بارناباس K بايا دېگەن گەپلەرنى زىر- زەۋرىگىچە قالدۇرماي بىر قېتىم تەكرارلىدى- دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن خەيرلەشتى.

K بايىدىن بېرى قارىغىنى يەتمىگەندەك، بارناباسنىڭ چىرايىغا لاپپىدە يەنە بىر رەت قارىدى. بارناباسنىڭ بويى K بىلەن تەڭ دېگۈدەك كېلەتتى، لېكىن ئۇ ھەدېسىلا كۆزىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېلىپ قېچىپ يەرگە قارىۋالاتتى، ئۇنىڭ شۇ قاراشلىرىدىن كەمتەرلىكتەك بىر خىل ئىپادە چىقاتتى، ئۇنى بىرەرسىنى مەسخىرە قىلىدۇ، دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ناھايىتى كەتسە بىر خەت- چەك توشۇغۇچى، ئۇ ئۆزى توشۇۋاتقان خەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئادەمگە لەپپىدە قارىغاندىكى ھالىتى، كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى ۋە يول ماڭغاندىكى تۇرۇقى گويا بىرەر ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، لېكىن، ئۇ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى. K بارناباس بىلەن قول سىقىشىپ خوشلاشتى، لېكىن ئۇ بۇنداق بولۇشىنى كۈتمىگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئەسلىدە K بىلەن تازىم قىلىپ خوشلاشماقچى ئىدى.

ئۇ چىقىپ كېتىۋېتىپ ساراي ئىشىكىگە يۆلەندى- دە، زال ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى.

– ياتاققا كىرىپ خاتىرىنى ئېلىپ چىقاي، ئاندىن بۇدا قىلىدىغان ئىش ئۈستىدە باش قوشۇۋالايلى،- دېدى K ئىككى ياردەمچىسىگە قاراپ. ئۇلار K نىڭ كەينىدىن مېڭىشقا تەمشەلدى.

– سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار،- دېدى K. ئۇلار K نىڭ كەينىدىن يەنە ئەگەشمەكچى بولدى. K ئەمدىلىكتە ئۇلارنى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇشقا كەسكىنلىك بىلەن بۇيرۇق قىلدى. بارناباس زالدا كۆرۈنمەيتتى. ئۇ تېخى بايىلا بار ئىدىغۇ؟ نەگە كەتكەنكىنە؟ K ئالدىراپقىنا ساراي ئالدىغا چىقتى، بارناباس ئۇ يەردىمۇ كۆرۈنمەيتتى، سىرىتتا يەنە لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. «بارناباس!» دەپ توۋلىدى ئۇ. لېكىن يەنىلا سادا كەلمىدى. ئۇ ياتاقتىمىدۇ- يا؟ قارىغاندا، مۇشۇنىڭدىن باشقا مۇمكىنچىلىك يوقتەك قىلاتتى. K ئاۋازىنى تېخىمۇ ئۈنلۈك چىقىرىپ بارناباسنى چاقىردى. ئۇنىڭ توۋلاشلىرىدىن ھەممە ياقنى قاپلىغان قاراڭغۇلۇق لەرزىگە كەلدى. ئەنە شۇندىلا ناھايىتى يىراقتىن «مانا مەن» دەپ توۋلىغان تولىمۇ ئاجىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بارناباس خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنىدى. K ئۇنى «بۇياققا كېلىڭ» دەپ چاقىردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭدى، ئۇلار سارايدىكىلەر كۆرەلمىگۈدەك جايغا بارغاندىلا ئاندىن ئۇچراشتى.

– بارناباس،- K نىڭ ئاۋازى ئىختىيارسىز تىتىرەپ كەتتى،- سىزگە بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. سىز بولمىسىڭىز، قەلئەگە ئىش بېجىرگىلى بارالمايدىكەنمەن. مېنىڭچە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش تازا مۇۋاپىق بولماپتۇ. بۇ گەپلەرنى سىزگە ھازىر دەۋالمىسام بولمىغۇدەك – بەك تېز ماڭىدىكەنسىز، مەن تېخى سىزنى ياتاقتىمىكىن دەپ قاپتىمەن – كېلەر قېتىم قانچە ئۇزۇندا كېلىسىز، بۇنى كىم بىلىدۇ.

– بۇنى مۇدېرغا دەڭ، ئەگەر ئۇ قوشۇلسا، مەن سىز دېگەن چاغدا يېنىڭىزغا كېلەي،- دېدى بارناباس.

– ئۇنداق قىلساقمۇ بولمىغۇدەك،- دېدى K،- گاھىدا بىرەر يىلغىچىمۇ دېگۈدەك گەپ چىقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، سىزنىڭ كەتكىنىڭىزگە 15 مىنۇت بولا- بولمايلا مۇھىم ئىشلار چىققىلى تۇردى مانا.

– ئۇنداقتا،- دېدى بارناباس،- ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئالاقە باغلاپ تۇرىدىغانغا باشقىچە ئامال تېپىش توغرىسىدا مۇدېرغا دوكلات قىلىپ باقايمۇ- يا؟

– ياق، ئۇنداق قىلماڭ،- دېدى K،- مەن ئۇ مەقسەتتە دېمىدىم، پەقەت شۇ مۇنداقلا دېگۈم كەپ قالدى. ھېلىمۇ تەلىيىم باركەن، سىزگە ئاران تەستە يېتىشتىم.

– بولمىسا، سارايغا قايتايلى، تاپىلايدىغانلىرىڭىز بولسا شۇ يەردە ئاڭلاي،- بارناباس قەدىمىنى ساراي تەرەپكە قاراپ ئالدى.

– بارناباس،- دېدى K ،- بولدى، مەن سىزگە بىردەم مېڭىشىپ بېرەي.

– سارايغا كېتىشكە نېمىشقا ئۇنىمايسىز؟- سورىدى بارناباس.

– ئۇ يەردىكىلەر ھەدېسىلا كۆزۈمگە كىرىۋېلىپ بەك ئىچىمنى پۇشۇردى،- دېدى K،- ئوتاقچىلارنىڭ ماڭا يېپىشىۋېلىپ ئارامىمدا قويمىغانلىقىنى ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز.

– سىزنىڭ ياتىقىڭىزغا كىرىپ كەتسەك بولىدىغۇ،- دېدى بارناباس.

– ئۇ بۇرۇن ئايال خىزمەتكارلار تۇرغان ياتاق ئىكەن،- دېدى K،- مەينەت ھەم بەك دىمىقكەن. شۇڭا ياتاققا كىرگۈم يوق، سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىردەم ماڭغۇم كېلىۋاتىدۇ،- بارناباسنىڭ كۆڭلىنى ئىگىلەپ تۇرغان شۈبھەنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەنە قوشۇپ قويدى،- كېلىڭە سىزنى قولتۇقلىۋالاي، بەك سىيلىق ماڭىدىكەنسىز،- K شۇنداق دېدى- دە، ئۇنى بىلىكىدىن قولتۇقلىۋالدى. بۇ چاغدا ئەتراپ گويا سىياھ تۆكۈۋەتكەندەك قاپقارا تۈس ئالغانىدى. K ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىدى، گەۋدىسىنىمۇ ئىلغا قىلالمىدى، ئۇنىڭ بىلىكىنى خېلىغىچە سىيلاشتۇرۇپ ئاران تاپتى. [3]

بارناباس ئارتۇقچە چىڭ تۇرۇۋالمىدى، ئۇلار سارايدىن بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىشتى. لېكىن K ھەدېگەندىلا بارناباسقا يېتىشىپ ماڭالماي سۆرۈلۈپ قالاتتى؛ باشقا ۋاقىتتا بولغان بولسا، مۇشۇنچىلىك بىر كىچىك ئىشمۇ ھەممىنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى، چۈشتىن بۇرۇن بارغان كوچىدا مېڭىشقا تېخىمۇ گەپ كەتمەيتتى. ئۇ كېتىۋېتىپ نەچچە يەردە قارغا پېتىپ قالدى، يېنىدا بارناباس بولمىغىنىدا ئىدى، پېتىپ قالغان يېرىدىن چىقالماس ئىدى. لېكىن، شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇنداق ئەندىشىگە قىلچىمۇ ئورۇن يوق، بارناباسنىڭ ئۈندىمەي مېڭىشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئالەمچە مەدەت بولۇۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۈندىمەستىن مېڭىشلىرىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. بارناباسنىڭ ئويىچە، ئەنە شۇنداق ئۈندىمەي مېڭىش ئىككىيلەننىڭ بىللە مېڭىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبتەك قىلاتتى.

ئۇلار ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى، K ئۆزلىرىنىڭ قاياققا كېتىۋاتقىنىنى بىلەلمىدى. ئۇلار ھېچنېمىنى ئىلغا قىلالمىدى، ھەتتا چېركاۋدىن ئۆتكەن- ئۆتمىگىنىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالدى. مېڭىۋېرىپ ماجالى قالمىغان K نىڭ ئوي- خىياللىرى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، ئۇلار نىشانسىز ماڭماقتا، نەگە بېرىپ نەدە توختايدۇ، بۇنىسى ئۇنىڭغا نائېنىق ئىدى. ئۇنىڭ قەلب ئېكرانىدىن يۇرتىنىڭ مەنزىرىلىرى بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى، ۋۇجۇدىنى يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك سېغىنىش ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى. يۇرتىدا – مەركىزىي مەيداندا بىر چېركاۋ، چېركاۋنىڭ ئەتراپىدا چۆرىسى ئېگىز تام بىلەن قورشالغان بىر كونا قەبرىستانلىق بار ئىدى. بىر چاغلاردا بالىلارنىڭ بىر قانچىسىدىن باشقا ھېچكىم ئۇ تامدىن ئارتىلىپ باققان ئەمەس، ئۇ ئۆزىمۇ ئارتىلىپ باقمىغانىدى. ئۇلارنىڭ تامدىن ئارتىلماقچى بولۇشلىرى ھەرگىزمۇ بىرەر قىزىقىشتىن ياكى بولمىسا قەبرىستانلىق ئۇلارغا بەك سىرلىق تۇيۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ پەقەت بويى يەتمەيدىغان ئاشۇ ئېگىز ھەم سىيلىق تامنى بويسۇندۇرۇپ باققۇسىلا كېلەتتى. بىر كۈنى سەھەر پەيتى ئىدى، ئادەمسىز چۆلدەرەپ قالغان مەيدانغا قوياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ تۇراتتى، ئۇ بۇرۇن بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، بۇنداق چىرايلىق مەنزىرىنى ئۇ كېيىنمۇ كۆرمىدى. دەل شۇ كۈنى ئۇنىڭغا تامغا يامىشىش مۆجىزە يۈز بەرگەندەكلا ناھايىتى ئوڭايلا نېسىپ بولدى. ئۇ ئاغزىغا بىرتال بايراقنى چىشلىدى- دە، بۇرۇن نەچچە قېتىم سىيرىلىپ كەتكەن جايدىن لىككىدە سەكرەپلا تامنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى، ئاندىن بايراقنى تامغا سانجىپ قويدى، بايراق شامالدا لەپىلدەشكە باشلىدى. ئۇ پەسكە قارىدى، تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى، ھەتتا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قەبرىلەرگە سانجىپ قويۇلغان كرستلارنىمۇ كۆردى؛ شۇ تاپتا ئۇ دۇنيادا ئۆزىدىن بۈيۈك ئادەم يوقتەك ھېس قىلىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ مۇئەللىمى قېرىشقاندەك تامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. مۇئەللىمى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن چەكچىيىپ، ئۇنى تامدىن ياندۇرۇپ چۈشتى. K تامدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋېتىپ تىزىنى يارىلاندۇرۇۋالدى، يارىدار پۇتىنى سۆرەپ مىڭبىر جاپادا ئۆيىگە بېرىۋالدى، لېكىن، ئۇ تامغا ئاخىرى يامىشىپ چىققان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ بۇ غالىبىيەت تۇيغۇسىنى ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ دەپ ئويلىغان، بۇ ئويلىرى قىلچىمۇ ئەخمەقلىقتەك تۇيۇلمىغانىدى. شۇ ئىشلار بولۇپ ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتتى. مانا ئەمدىلىكتە بارناباسقا ئېسىلىپ قاراڭغۇدا كۈلتۈك قارنى كېچىپ دەلدۈگۈنۈپ دېگۈدەك كېتىۋاتقان K غا ئەنە شۇ تۇيغۇلىرى ناھايىتى چوڭ مەدەت بولۇۋاتاتتى.

ئۇ بارناباسنىڭ بىلىكىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشتى، بارناباس ئۇنى سۆرەپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى، ئارىنى ئاۋۋالقىدەكلا سۈكۈت قاپلىغانىدى. ئۇ يولنىڭ مۇشۇ تۇرۇقىدىن تار كوچىغا تېخى قايرىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ: «يول ئازابى قانچىلىك مۈشكۈل بولسىمۇ مەيلى، قايتاشىمدا نېمە كۆرسەم كۆرەي، بۇنىڭدىن پەرۋايىم پەلەك. لېكىن، ئاخىرىغىچە ماڭماي قويمايمەن» دېگەننى نىيەت قىلدى. لېكىن، خەققە تاپىنى ئېسىپ سۆرىلىپ ماڭسا، خەقنىڭمۇ جېنى چاغلىق- تە! ئايىغىغا يەتكىلى بولمايدىغان يولغۇ ئەمەستۇ- بۇ؟ تېخى بايا كەلگەن چېغىدا قەلئە يېقىنلا بىر جايدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى بولمىسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ خەت توشۇغۇچىمۇ ئەڭ يېقىن يولنى تاللاپ ماڭار ھەقىچان.

دەل شۇ چاغدا بارناباس شاپپىدە قەدىمىنى توختاتتى. ئۇلار زادى قەيەرگە كېلىپ قالدى؟ ئالدىدا يول ئۈزۈلۈپ قالدىمۇ نېمە؟ بارناباس ئۇنى مۇشۇ يەردە تاشلاپ كېتىپ قالماس- ھە؟ ئۇنى ھەرگىز مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك كېرەك. K بارناباسنىڭ بىلىكىگە تېخىمۇ مەھكەم يېپىشتى، تولا ئېسىلىۋېرىپ قوللىرىمۇ تېلىپ كەتتى. بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىپ قالسا، مۇشۇ تۇرۇقىدا ئۆزلىرىنى قەلئە ئىچىدە ياكى قەلئە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا كۆرسە- ھە! لېكىن، K ئۆزلىرىنىڭ تېخى دۆڭدىن ئاشمىغانلىقىنى سېزىپ تۇراتتى. بارناباس ئۇنى ئىنسى- جىن قەدىمى تەگمەيدىغان تاغ يولىغا باشلاپ كېتىۋاتمايدىغاندۇ- ھە؟

– قەيەرگە كەلدۇق؟- سورىدى K بوش ئاۋازدا. بۇ سوئالنى ئۇ بارناباستىن سورىدى دېگەندىن كۆرە، ئۆزىدىن سورىدى دېگەن تۈزۈك ئىدى.

– ئۆيگە كەلدۇق،- دېدى بارناباسمۇ بوش ئاۋازدا.

– ئۆيگە كەلدۇقما؟

– ئاۋايلاپ مېڭىڭ ئەپەندىم، تېيىلىپ كېتىپ يۈرمەڭ يەنە. بىز ھازىر دۆڭدىن چۈشىمىز.

– دۆڭدىن چۈشىمىز؟

– نەچچە قەدەملىكلا يول،- بارناباس شۇنداق دېدى- دە، بىر ئىشىكنى چەكتى.

ئىشىكنى بىر قىز ئاچتى. ئۇلار يوغان كەلگەن بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى، ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان شىرەنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان جىنچىراغنىڭ ئاجىز نۇرىدا ئۆي ئىچى غۇۋا يورۇپ تۇراتتى.

– كىم ئۇ يېنىڭىزدىكى، بارناباس؟- سورىدى قىز.

– يەر ئۆلچىگۈچى،- دېدى بارناباس.

– يەر ئۆلچىگۈچى؟- دېدى قىز ئۈستەل تەرەپكە قاراۋېتىپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ. ئارقىدىن ئۈستەلنىڭ يېنىدىن ياشانغان بىر جۈپ ئەر- ئايال بىلەن بىر قىزبالا لوڭڭىدە ئورنىدىن تۇردى. ئۇلار K غا سالام قىلدى. بارناباس ئۇلارنى K غا: «ماۋۇ مېنىڭ دادام بىلەن ئانام، ماۋۇ ئاچام ئولگا بىلەن سىڭلىم ئامالىيا بولىدۇ» دەپ بىر- بىرلەپ تونۇشتۇردى. K ئۇلارنى ئوچۇق كۆرەلمىدى. قىزلار ئۇنىڭ نەم تارتىپ كەتكەن چاپىنىنى سالدۇرۇپ، ئوچاقنىڭ يېنىغا قاقلاپ قويدى. K بۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىپادىدە بولمىدى.

ئۇ شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئەمەس، بارناباسنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغانىدى. ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ نېمە ئىش قىلار؟ K بارناباسنى بىر چەتكە تارتىپ سورىدى:

– ئۆيگە يېنىپ كېلىپ نېمە قىلىسىز؟ سىز قەلئە تەۋەسىدە تۇرمامسىز؟

– قەلئە تەۋەسى دەمسىز؟- تەكرارلىدى بارناباس K نىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەك.

– بارناباس،- دېدى K ،- سىز سارايدىن قەلئەگە بېرىش ئۈچۈن چىققان بولغىيتتىڭىز؟

– ياق ئەپەندىم،- دېدى بارناباس،- كەچتە ئۆز ئۆيۈمدە قونىمەن، قەلئەگە كۈندۈزلىرىلا كىرەلەيمەن. ھازىرغىچە تېخى قەلئەدە قونۇپ باقمىدىم.

– شۇنداقمۇ؟- دېدى K،- سىززە بايامنىڭ ياقى قەلئەگە ئەمەس، ئۆيىڭىزگە ئالدىراپتىكەنسىز-دە!- بارناباس K غا چىرايىدىكى كۈلكە غۇۋالىشىپ كەتكەندەك، بايامقى جەلپكارلىقى قالمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى،- نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسىز؟

– سىز مەندىن نەگە بارىدىغانلىقىمنى سورىمىدىڭىز- دە ئەپەندىم،- دېدى بارناباس،- سىز بايا ماڭا دەيدىغان گەپ بار دېدىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەپلىرىڭىزنى سارايدا ياكى ياتىقىڭىزغا كىرىپ دېگۈڭىز كەلمىدى. شۇڭا مەن تېخى بىزنىڭ ئۆيدە دەخلى قىلىدىغان باشقا ئادەم بولمىغاندىكىن، گېپىنى شۇ يەردە دېسۇن دەپ سىزنى ئۆيگىلا باشلاپ كەپتىمەن. خالىسىڭىز، ئۆيدىكىلەر ھازىرلا چىقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆيىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، مۇشۇ يەردە قونۇپ قالسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. قىلغىنىم خاتا ئەمەستۇ؟

K ئۈندىمىدى، ئەسلىدە ئۇ كىچىككىنە بىر ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى گاڭگىراپ قالغانىدى. بايا ئۇ بارناباسنىڭ ئۇچىسىدىكى ۋال- ۋۇل پارقىراپ تۇرغان چاپىنىدىن ھەيرانۇ- ھەس قالغانىدى، مانا ئەمدىلىكتە ئۇ ئۇچىسىدىكى چاپىنىنى سېلىۋېدى، چاپاننىڭ ئۇنچىلىك ئېسىل بولماستىن، تولا ياماق چۈشۈۋېرىپ كىيگۈچىلىكى قالمىغان قاسماق چاپان ئىكەنلىكى ئايان بولدى، چاكارلاردىلا بولىدىغان تەمبەل، كۆكرەكلىرى كەڭ كەلگەن بەستى كۆينىكىدىن بۆرتۈپ چىققانىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇراتتى. قېرىپ ھالى قالمىغان دادىسى بوغۇم ياللۇغى كېسىلىنىڭ دەستىدە ھېلىلا دۈم چۈشىدىغاندەك ئاران- ئاران ماڭاتتى، ئۇنى قېتىشىپ قامغا كەلمەي قالغان پۇتلىرى بىلەن ماڭدى دېگەندىن كۆرە، ئىككى قولى بىلەن يەرنى تىرەجەپ ماڭدى دېگەن تۈزۈك ئىدى؛ ئانىسى زىيادە سېمىزلىك دەستىدىن كۆكرەكلىرىنى ئىككى قولى بىلەن چىڭ تۇتۇپ قەدەملىرىنى تولىمۇ كىچىك ئالاتتى. بارناباسنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى K ئۆيگە قەدەم بېسىشى بىلەن تەڭ ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىن بىر ماڭغىلىۋېدى، شۇ چاغقىچىمۇ كېلىپ بولالمىغانىدى. ئالتۇن چاچلىق ئاچىسى بىلەن سىڭلىسى بىرى- بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى، بارناباسقىمۇ ئوخشايتتى، شۇغىنىسى چىراي ئىپادىسى ئۇنىڭغا قارىغاندا تۈرگۈنرەك ئىدى، بويى ئېگىز، سەھرا قىزلىرىغا ئوخشاش تەمبەل كەلگەن بۇ قىزلار K نى ئۆزلىرىدىن ئەھۋال سورارمىكىن دېگەن تامادا تۇراتتى. لېكىن K بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئۇ بۇرۇن كەنتتىكى ھەرقانداق بىر كىشىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايتتى، ئۇنىڭ بۇنداق ئويدا بولۇشىمۇ خاتا ئەمەس ئىدى، ئەمدىلىكتە بۇ قىزلار ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايۋاتاتتى.[4] ناۋادا ئۇ سارايغا ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېتەلىسە ئىدى، مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولار ئىدى. ئەمدىلىكتە بارناباس بىلەن ئەتە سەھەردە قەلئەگە بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز بىر ئىشقا ئايلاندى. ئۇ خىيالىدا قاراڭغۇدا بارناباسقا ئەگىشىپ ئىنسى- جىنغا تۇيدۇرماي قەلئەگە كىرىۋالماقچى ئىدى، ئۇ تاكى ھازىرغىچە بارناباسنى مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى يولۇققان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېقىن ئادىمىم دەپ قارايتتى، ھەتتا ئۇنى قەلئە بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق دەپ ئويلايتتى. لېكىن، مۇشۇنداق بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىر ئادەم – شۇ تاپتا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان، ئەدناسى قەلئەدە قونۇش سالاھىيىتىمۇ بولمىغان بىر ئادەمنىڭ ئۇنى كۈپكۈندۈزدە قەلئەگە باشلاپ كىرەلىشى يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ئىش، توغرىراقى ئۇچىغا چىققان كۈلكىلىك، قىلچە ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئارمان ئىدى.

K مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىش، ئەمما ئۆيدىكى ھېچكىمنىڭ غەمخورلۇقىغا ئىرەنشىمەسلىك قارارىغا كەلدى- دە، دەرىزە تەكچىسىگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ نەزەرىدە كەنتتىكى ئۇنى كەتكۈزۈۋەتكىلى ئاران تۇرىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەر ئۇنچە خەتەرلىك ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنى ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇرلاۋاتاتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ماغدۇر توپلىۋېلىشىغا پايدىلىق ئىدى؛ شۇغىنىسى، كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولغان مۇنۇ كىشى ئۇنى قەلئەگە باشلاپ بارماستىن، ئەكسىچە ئۇنى كولدۇرلىتىپ ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋەتمەكچى، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئۇنىڭ زېھنىنى خورىتىۋەتمەكچىدەك قىلاتتى. ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمىدى، بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەستىن تەكچىدە جىممىدە ئولتۇرۇۋالدى.

ئىككى قىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇلايىمراق كەلگەن قىز ئولگا تولىمۇ ئۇياتچان بىر قىياپەتتە K نىڭ ئالدىغا كەلدى- دە، ئۇنى تاماق شىرەسىگە بېرىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلدى، بولكا بىلەن سۈرلەنگەن گۆشنىڭ داستىخانغا چىقىپ بولغىنىنى، ئۆزىنىڭ پىۋا سېتىۋېلىشقا چىقاي دەپ تۇرغانلىقىنى ئېيىتتى.

– پىۋىنى نەگە بېرىپ سېتىۋالىسىز؟- سورىدى K.

– سارايغا بېرىپ سېتىۋالىمەن،- دېدى قىز.

بۇ گەپ K غا مايدەك ياقتى، پىۋا سېتىۋالغىلى بارماي، ئۆزىنى سارايغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ، ئۇ يەردە بېجىرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىشى بارلىقىنى ئېيتتى. K قىزنىڭ ئۆزى چۈشكەن سارايغا ئەمەس، ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىغا بارىدىغانلىقىنى كېيىن ئۇقتى. ئاشۇ مېھمانخانىغا بولسىمۇ بېرىۋالسام، قونغۇدەك بىرەر جاي چىقىپ قالار دەپ ئويلىغان K قىز بىلەن بىللە بارىمەن تۇرۇۋالدى. شۇ تاپتا ئۇ مېھمانخانىغا كېتىشكە رازى ئىدىكى، بۇلار ھەرقانچە ئېسىل كارىۋات راسلاپ بەرسىمۇ قونۇپ قالغۇسى يوق ئىدى. ئولگا دەماللىققا جاۋاب بەرمىدى، كەينىگە ئۆرۈلۈپ شىرە تەرەپكە قارا قويدى. بۇنىڭ بىلەن بارناباس لىككىدە ئورنىدىن تۇردى- دە، مەمنۇنىيەت بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ: «بۇ ئەپەندىم بارىمەن دېگەندىكىن، ئاپىرىپ قويغىن» دېدى. ئۇ بۇ گەپنى K نى نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن دېگەندەكمۇ قىلاتتى. بارناباسنىڭ قوشۇلۇشى بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئۇلار «مېھمانخانىدىكىلەر K نى مېھمانخانىغا كىرگىلى قويارمۇ- قويماسمۇ» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تالاش- تارتىشقا چۈشكەن ئىدى. ئۇلارچە، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇ مېھمانخانىغا چوقۇم بارمىسام بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇۋالاتتىيۇ، زادى نېمە ئۈچۈن بارىدىغانلىقى ھەققىدە باھانە كۆرسىتەلمەيتتى. ئۇلار K نى ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى،  K نىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا خىجالەت بولۇپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. پەقەت ئامالىيانىڭ پوزىتسىيىسىلا شۇنچىلىك كەسكىن، قەتئىي ئىدى. K قىزنىڭ ئېتىبارسىز قاراشلىرىدىن سەل ئىككىلىنىپ قالدى.

مېھمانخانا يېقىنلا يەردە ئىدى، K يولدا بارغۇچە ئولگانىڭ بىلىكىدىن قولتۇقلىۋالدى، قىز ئۇنى خۇددى ئىنىسى بارناباسقا ئوخشاش سۆرەپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئىلاجى يوق ئىدى. بۇ مېھمانخانا مەخسۇس قەلئەدىن كەلگەن ئەمەلدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاتتى، ئۇلار كەنتكە ئىش بېجىرىشكە كەلگەنلىرىدە مۇشۇ يەردە غىزالىناتتى، گاھىدا قونۇپمۇ قالاتتى. ئولگا يولبويى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلىرىدەك پاراڭلىشىپ ماڭدى. بۇ قىز بىلەن بىللە مېڭىش ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇيۇلۇۋاتاتتى. K كۆڭۈل ئالىمىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان بۇ تاتلىق سېزىملارغا بەرھەم بەرمەكچى بولاتتى- يۇ، بۇ سېزىملار ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدىن ھېچ يوقايدىغاندەك قىلمايتتى.

مېھمانخانا K چۈشكەن سارايغا بەكلا ئوخشايتتى، بىر قارىغان كىشىگە گويا بىر قېلىپتا قۇيغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى- ئىشىكىنىڭ ئالدىدا رىشاتكا بار ئىدى، ئۈستىگە چىرايلىق گازۋاي لامپا ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئۇلار مېھمانخانا زالىغا كىرىۋېتىپ، بېشى ئۈستىدە پۇلاڭلاپ تۇرغان بىر پارچە لاتىنى كۆردى، ئۇ گراف جەمەتىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بايراق ئىدى. ئۇلار كىرگۈچە مېھمانخانا خوجايىنى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، خوجايىن زال ئىچىنى كۆزىتىۋاتقاندەك ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارايتتى. ئۇ K بىلەن سۈركىلىشىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىسىق كۆزلىرى – بۇ كۆزلەر K نى كۆزىتىۋاتامدۇ ياكى ئۇيقۇدىن ئاشۇنداق پۈرۈلۈپ كەتتىمۇ، بىلگىلى بولمايتتى – بىلەن ئۇنىڭ بېشىدىن- ئايىغىغىچە لاپپىدە بىر قارىۋېتىپ:

– يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم پەقەت قاۋاقخانىغىلا كىرەلەيدۇ،- دېدى.

– بىلىمەن،- ئولگا K نىڭ ئورنىدا ئالدىراپقىنا جاۋاب بەردى،- ئۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىللە كەلگەن ئىدى.

K مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئولگانىڭ قولىنى قويۇۋەتتى- دە، بېرىپ مېھمانخانا خوجايىنىنى بىر چەتكە تارتىپ ئەكەتتى. ئولگا دەھلىزنىڭ ئۇ بېشىدا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇردى.

– مەن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالماقچى ئىدىم،- دېدى K.

– كەچۈرۈڭ، ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ،- دېدى مېھمانخانا خوجايىنى،- قارىغاندا خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ، بۇ مېھمانخانا مەخسۇس قەلئەدىن كەلگەن ئەمەلدارلارغىلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

– بەلگىلىمە ئېھتىمال شۇنداق بېكىتىلگەندۇر،- دېدى K،- مېھمانخانىنىڭ بىرەر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدا ياتساممۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇنىڭغىغۇ ماقۇل دەرسىز!

– ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولغان بولسا، ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ھاجىتىڭىزدىن چىققان بولاتتىم،- دېدى خوجايىن،- بۇنى بەلگىلىمىنىڭ قاتتىقلىقىدىنمۇ كۆرمەڭ – سىز بۇ يەرلىك بولمىغاچقا شۇنداق دەۋاتىسىز – ئىشقىلىپ، تەلىپىڭىزگە ماقۇل دېيەلمەيمەن. چۈنكى قەلئەدىكى كاتتىباشلار بەك سەزگۈر. ئۇلار بىرەر يوچۇن ئادەمنى كۆردىمۇ بولدى، ئولتۇرالمايلا قالىدۇ، ئەدناسى ئۇلارنىڭ شۇ يوچۇن ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئىدىيىۋى تەييارلىقى يوق. مەن سىزنى بۇ يەردە قوندۇرۇپ قويۇپ، بىرەرسى ئالىمادىس سىزنى كۆرۈپ قالسا – بۇنداق ئىشلار ھەمىشە ئاشۇ كاتتىباشلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ دەڭە – مەنلا ئەمەس، سىزنىڭمۇ تۈگەشكىنىڭىز شۇ. گەپلىرىم سىزگە تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلۇۋاتىدىغۇ دەيمەن، لېكىن دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست.

بويى ئېگىز، ئۇستىخانلىق كەلگەن، كىيىمىنىڭ تۈگمىلىرىنى چىڭڭىدە ئېتىۋالغان بۇ كىشى بىر قولىدا بېلىنى تىرەجەپ، يەنە بىر قولىدا تامغا تايىنىپ، پۇتلىرىنى ئالماپ، سەلگىنە ئېڭىشكىنىچە K غا قورسىقىدىكىنى تۆكۈپلىۋەتتى. ئۇ بۇ يەرلىك ئەمەستەك قىلاتتى- يۇ، ئۇچىسىغا كىيىۋالغان تۇم قارا ئىگىنلىرىنىڭ دېھقانلار ھېيىت- بايراملاردا كىيىدىغان كىيىم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

– گېپىڭىزگە ئىشەنمەيۋاتقىنىم يوق،- دېدى K،- ھەرقانچە ھاماقەت بولساممۇ، تۈزۈمنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمىگۈدەك يەردە ئەمەسمەن. سىزدىن بىر ئىشنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: مېنىڭ قەلئە بىلەن ئالاقەم ناھايىتى قويۇق، بۇ ئالاقە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا مېنى بۇ يەردە قوندۇرغىنىڭىز سەۋەبلىك ئۇچرايدىغان ھەرقانداق خېيىم- خەتەرگە دەستەك بولالايدۇ. ۋاقتانى- ۋاق كەلسە، مەن سىزگە كېپىل بولىمەن، ماڭا قىلغان كىچىككىنە غەمخورلۇقىڭىز ئۈچۈن سىز رازى بولغۇدەك جاۋاب قايتۇرىمەن.

– بۇنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ئوبدان بىلىمەن،- مېھمانخانا خوجايىنى سۆزىنى تەكرارلىدى.

K ئەسلىدە گېپىمدە چىڭ تۇرۇۋالسام، ئۇنى قايىل قىلالايمەن دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ بۇ گېپى ئۇنى لەسسىدە قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ يەنە ياندۇرۇپ سورىدى:

– قەلئەدىن كەلگەن كاتتىباشلار بۈگۈن بەك كۆپ ئوخشىمامدۇ؟

– ئۇنداق ئەمەس،- دېدى ئۇ K نىڭ ئىچىنى قايناتماقچى بولغاندەك بىر تەلەپپۇزدا،- بۈگۈن ئەمەلداردىن بىرسىلا قونۇپ قالدى.

K مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالغاننىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى- يۇ، ئۈمىدىنى بىراقلا ئۈزۈۋەتكۈسى كەلمەي، قونۇپ قالغان ئەمەلدارنىڭ ئىسىمىنى سورىدى.

«كلام» مېھمانخانا خوجايىنى شۇنداق دەپ سالدى- دە، شاققىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپ، شىپ- شىپ ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئايالىغا قاراپ تۇرۇۋالدى. ئايالنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغىنى تولىمۇ كونا، مودىدىن قالغان كىيىم بولسىمۇ، لېكىن شەھەرلىكلەرنى دوراپ چىرايلىق قاتلاق، پاسونلارنى چىقىرىۋالغانىدى. ئايال ئېرىنى چاقىرغىلى كەلگەنىدى، چۈنكى مۇدېر جانابلىرىغا بىرەر نەرسە كېرەك بولغانىدى. مېھمانخانا خوجايىنى كەينىگە ئۆرۈلدى، گويا قونۇش- قونماسلىقنى K نىڭ ئىختىيارىغا قويغاندەك، نەزىرىنى ئۇنىڭغا ئاغدۇردى. K گەپ قىلالمايلا قالدى، مېھمانخانا خوجايىنى باشلىقىنىڭ قېرىشقاندەك مۇشۇ يەردە بولۇپ قېلىشى ئۇنى گاڭگىرىتىپلا قويۇۋاتاتتى. نېمىشقىدۇر، ئۇ كلامنىڭ ئالدىدا قەلئەدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغاندىكىدەك ئۆزىنى ئەركىن تۇتالمايتتى، بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى؛ ئەگەرچەندە ئۇ شۇ باشلىققا مۇشۇ يەردە ئۇچراپ قالسا، مېھمانخانا خوجايىنىدەك ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمىسىمۇ، لېكىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. بۇ گويا مىننەتدارلىق كۆرسىتىشكە تېگىشلىك بىر شەپقەتچىسىگە يەڭگىلتەكلىك قىلىپ زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ قويغاندەكلا بىر ئىش ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەك تۆۋەن مەرتىۋىگە، ئىشچىلىق ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرىگەن ئىدى، ئەندىشە قىلىپ يۈرگەن شۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت مانا ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئايان بولۇۋېدى، ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ، ۋۇجۇدىنى گويا ناھايىتى ئېغىر بىر تاش بېسىپ تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولدى. ئۇ تۇرغان جايىدا ئەنە شۇ تەرىزدە خېلىغىچە تۇرۇپ كەتتى، لەۋلىرىنى چىڭڭىدە چىشلەپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. مېھمانخانا خوجايىنى چىقىپ كېتىۋېتىپ كەينىگە قايرىلىپ ئۇنىڭغا لەپپىدە يەنە بىرنى قاراپ قويدى. K ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغىنىچە جىممىدە تۇرۇپ كەتتى، ئولگا كېلىپ تارتقاندىلا ئاندىن ئېسىگە كەلدى.

– خوجايىندا نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟- سورىدى ئولگا.

– مۇشۇ يەردە قونۇپ قالايمىكىن دېگەنتىم،- دېدى K.

– بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالىدىغان بولغانتىڭىزغۇ؟- سورىدى ئولگا ھەيرانلىق ئىلىكىدە.

– ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن،- دېدى K گېپىمنىڭ مەنىسىنى ئۆزۈڭ چۈشىنىۋال دېگەندەك قىلىپ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10417

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: