كىيىم (فرانىز كافكا)
كىيىم
فرانز كافكا (ئاۋسترىيە)
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
قامەتلىك بەدەنلەرگە خويمۇياراشقان، ھەرخىل گۈللىك رەختلەر بىلەن بېزەلگەن يارىشىملىق كىيىملەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. بۇنداق نەپىس كىيىملەرنىڭ ئاز ئۆتمەيلا چاڭ توزانلار بىلەن بۇلغىنىپ، پۈرلىشىپ تولىمۇ بەدرەڭلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىراق ھېچ كىشى كىيىملىرىنىڭ پېتىدىن چۈشۈپ، جەزبىدارلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ. ئۇنداق بولۇشى ھېچكىمگە كۈلكىلىكمۇ تۇيۇلمايدۇ. ھەر ئەتىگىنى ئۇچىغا چىققان قىممەتلىك كىيىملەر كەچ كىرگەندىلا ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ.
سۇمبۇل چاچلىق گۈلدەك چىرايلىق قىزلارنى كۆرىمەن. مەرۋايىتتەك جۇلالىق، تاشتەك چىڭ تېرىلىرى بىباھا كىيىملىرى ئىچىدە جۇلالىنىدۇ. مۇشتۇمچىلىك ، يۇمىلاق يۈزلىرى ئەينەككە سايە تاشلايدۇ.
بەزى چاغلاردا ئۇلار كەچلىك ئولتۇرۇشتىن قايتقىنىدا ئەينەككە قاراپ كىيىملىرىنىڭ ئەمدى يەنە كىيگىلى بولمىغۇدەك كونىراپ، پۈرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. بىراق، بۇ كىيىملەرنى زىياپەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈپ بولغان بولىدۇ.
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11346
داۋامى بارمۇ يا ؟