پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مىڭ پارلاق قۇياش :ئىككىنچى باب

ئىككىنچى باب

      _ جالال ۋە ئۇنىڭ خوتۇنلارغا نىسبەتەن، مەن بىر باغلام سېسىق ئەمەن خالاس. سەنمۇ ھەم شۇ. ئۇ چاغدا سەن تېخى تۇغۇلمىغان ئىدىڭ.

       _ ئەمەن دېگەن نىمۇ؟-سورىدى مەريەم.

       مەريەم قوشۇمىسىنى تۈردى. جالالنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى نەدىكى سېسىق ئوتتەك كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. جالال ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ جالالنى ئەيبلەيدىغان بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىنى خالىمايتتى.

     نانا ئۆزىنىڭ ھىراتتا تۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

     _ ئۇ يەردە تۇرۇپ نېمىش قىلاتتىم؟ ئۇنىڭ ئاشۇ خوتۇنلىرى بىلەن ئەيش-ئىشرەت قىلىپ، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتىممۇ؟

      نانا ئۆزىنىڭ ھىراتنىڭ شىمالى تەرىپىگە ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان تۆپىلىككە جايلاشقان كۇرتمان كەنىتىدىكى دادىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئادەممۇ يوق خىلۋەت بىر يەردە تۇرغۇسى كەلگەنلىكىنى، خىلۋەت جايلاردىلا ئۇنىڭ تومپىيىپ قالغان قورسىقىنى كۆرۈپ ئۇ توغرۇلۇق ھەرخىل سۆز چەچۆكلەرنى تارقىتىدىغان، ئۇنىڭغا ھەرخىل بەتناملارنى چاپلايدىغان، سېسىق گەپ قىلىدىغان، ئۇنى ئەيبلەيدىغان، ئەڭ يامىنى يالغاندىن ھېسىداشلىق قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭغا زەربە بېرىدىغان  مەلى كوي، قۇلۇم- قوشنىلار بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

      ماڭا ئىشنەگىن، داداڭنىڭ كۆزىدىن يۈتسەم، ئۇ ئارام تاپاتتى. ئۇ شۇنداق قىلىشىمغا ئىنتىزار ئىدى.

ناناغا بۇ يەردە تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەنلەر جالال ۋە ئۇنىڭ قەدرىيە دىگەن چوڭ خوتۇنىدىن بولغان تۇنجى ئوغلى مۇھاشىم ئىدى. بۇ يەر كۇتمەن كەنتىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ئىدى. كىشىلەر بۇ يەرگە كەلمەكچى بولسا ئوڭغۇل-دوڭغۇل توپىلىق يولدا تاغ تەرەپكە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ توپىلىق يول ھېراتتىن كۇرتمەن كەنتىگە تۇتاشقان ئاساسلىق يولدىن ئايرىلىپ تۇراتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئوت-چۆپلەر تىزغا كەلگۈدەك ئۆسۈپ كەتكەن، ئوت-چۆپلەر بىلەن قوشۇلۇپ ئاق ۋە ساغۇچ رەڭلىك گۈللەر ئۆسۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ يول ئەگرى-بۈگرى ھالدا تاغ چوققىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، يېنىدا تەكشى كەتكەن ئېتىزلىق سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ يەردە ئاق تېرەك ۋە توغراقلار قەد كۆتۈرگەن. ياۋا چاتقاللار ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ يەردىن ئۈستىگە قارىغاندا، تاغ چوققىسىدا كۇرتمەن كەنتىنىڭ چاقپەلىكىنىڭ داتلىشىپ كەتكەن قاناتلىرى خىرە-شىرە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تاغنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە ھىرات شەھىرىنىڭ بىپايان مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تاغ يولىنىڭ ئاخىرىدا كەڭ كەتكەن جىرا سۈيى تاغ يولى بىلەن كېسىشكەن ئىدى. بۇ ئېقىن كۇرتمەن كەنتىنى ئوراپ تورغان سافىد تاغ تىزمىسىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىدى. ئېقىندا سالمون بېلىقى كۆپ ئىدى. تاغ چوققىسى تەرەپكە قاراپ ئىككى يۈز مېتىرچە ئۆرلىگەندە، يۇمىلاق شەكىلدە غۇژمەكلىشىپ كەتكەن مەجنۇنتاللار بار ئىدى. نانالار ياشاۋاتقان مەيدان سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇرغان  ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىدى.

جالال مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئەتراپقا كۆز تاشلاپ قويدى. ئۇ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن نانا ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى:

-ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تۇرقى خۇددى تۈرمىسىنىڭ تاملىرىنىڭ تولىمۇ پاكىز، پوللىرى پارقىراق ئىكەنلىكىنى توىتىماستىن ماختاپ ئۇچۇرىدىغان تۈرمە باشلىقىغا ئوخشايدۇ. مانا شۇنداق، سېنىڭ داداڭ بىزگە مۇشۇ چاشقان ئۆڭۈردىنى ياساپ بەردى.

ئەن بەش ياشقا كىرگەن شۇ يىلى نانا توي قىلىشقا ئاز قالغانىدى. ئۇنىڭ شىندەندتىن كەلگەن يىگىتى شاتۇت سېتىش بىلەن جېنىنى قامدايتتى. ئۆز كەچۈرمىشىلىرىنى نانا مەريەمگە سۆزلەپ بېرەتتى. نانا ھېكايىلىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوقلىنى دەپ تۇرسىمۇ، مەريەم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى تەشنالىق ئالەمەتلىرىدىن، ئۇنىڭ ئىلگىرى شادلىنىپ باققانلىقىنى بايقىۋالدى. بەلكىم، نانانىڭ ھاياتتىكى ئەڭ بەختىيار كۈنلىرى تويدىن ئىلگىرىكى ئاشۇ كۈنلەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

نانا بۇ ھېكايىلەرنى سۆزلەۋاتقاندا، مەريەم ئانىسىنىڭ تىزىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ  تويلۇق ئۈچۈن تەييارلانغان كىيىمىنى كېيىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. مەريەم ىىيالغا چۆكۈپ كەتتى. ئانىسى ئاتقا مىنگەن، يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، چۈمپەردىسى ئاستىنى تارتىنىپقىنا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. قوللىرىغا خىنە قويۇلغان، دەرەخ يىلىمى چېپىلغان ئۆرۈم چاچلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن ئىدى. بىر-نەچچە كىشى نەيگە تەڭكەش قىلىپ داپ چېلىۋاتقان، كوچىدىكى بالىلار قىقاس-سۈرەن سېلىشىپ ئۇلارغا ئەگەشكەن ئىدى.

لېكىن، توي كۈنىگە بىر ھەپتە قالغان، ئانىسىنىڭ بەدىنىگە جىن چاپلىشىۋالغان ئىدى. جىن چاپلىشىۋېلىشنىڭ قانداقلىقىنى تەسۋىرلەش كەتمەيدۇ، مەريەم بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ئانسىنىڭ بەدىنىگە جىن كىرىۋالغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن نەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدى: نانا تۇيۇقسىز يىقىلاتتى، بەدەنلىرى كىرىشىپ بارغانچە قېتىپ، كۆز قارچۇقلىرى ئارقىغا تارتىپ كېتەتتى. بەدىنىنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە ئىنىڭغا زەربە بېرىۋاتقاندەك، پۇت-قوللىرىنى ھەر تەرەپكە ئۇراتتى. ئاغزىدىن كۈپۈك قاينايتتى، بەزىدە قىپقىزىل قان ئاقاتتى. ئارقىدىن كۈگىدەك بېسىپ، بوشىشىپ كېتەتتى ۋە قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ كېتەتتى.

بۇ ئىش شىندەدكە تارالغاندىن كېيىن، شاتۇت ساتىدىغان ھېلىقى يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر توينى بىكار قىلغان ئىدى.

-ھەممىسى قورقۇپ كېتىشتى،-نانا شۇنداق دەپ چۈشەنچە بەردى.

تويلۇق سوۋغا-سالاملار شۇ پېتى قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىممۇ مەريەمنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە كەلمىدى.

جالال بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى پەرھاد ۋە مۇھاشىملار بوش يەرگە كېسەك ئۆي سېلىپ بەرگەن بولۇپ، مەريەم بۇ ئۆيدە ھاياتلىقىنىڭ ئون بەش باھارىنى ئۆتكۈزدى.ئۇلار ئۆنى كېسەك بىلەن قوپۇرۇپ، تېشىنى سۇۋۇۋەتتى. ئۈستىنى شاخ-شۇمبا بىلەن ياپتى. ئۆي ئىچىدە ئىككى پارچە بورا، بىر ياغاچ ئۈستەل ۋە ئىككى يۆلۈنچۈكلۈك ئورۇندۇق بار ئىدى.ئۆيگە بىر كۆزنەكلىك دەرىزە قويۇلغان، تامغا جاھازا ئورنىتىلغان ئىدى. نانا قاچا-قومۇچلىرىنى ۋە ھېلىقى ئەتىۋارلىق جۇڭگوچە چىنە-چەينەكلىرىنى مۇشۇ جاھازىغا تىزاتتى. جالال قىشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن يىپيېڭى مەش ئەكىلىپ بەرگەن، ئۆينىڭ كەينىگە كەسلىنىپ تەييارلانغان ئوتۇنلارنى دۆۋلەپ بەرگەن ئىدى. ئۆيىدە بولكا پىشۇرىدىغان دوخۇپكىسىنى ئەكلىپ بەردى. توخۇ فېرمىسىنىڭ ئەتراپىنى چىت بىلەن قورشاپ بەردى. نەچچە تۇياق قوي ۋە يەم-خەشەك ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ مۇھاشىن ۋە پەرھادلارغا سۆگەتلىككە يۈز مېتىردەك كېلىدىغان جايغا چوڭقۇر ئورەك كولىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاجەتخانا ياساپ بەرگەن ئىدى.

نانا مەريەمگە جالالنىڭ بۇ ئىشلارنى ئەسلىدە ئادەم ياللاپ قىلدۇرسا بولدىغانلىقىنى، بىراق، يەنىلا ئۆز قولى بىلەن ياساپ بەرگەنلىكىنى دېگەن ئىدى.

-ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق گۇناھىنى يۇيۇشنى ئويلغاندۇ، بەلكىم.

نانانىڭ دېيىشىچە، ئۇ مەريەمنى يەڭگىگەن كۈنى ئۇنىڭغا ياردەملىشىدىغان ھېچ كىشى بولمىغان ئىكەن. ئۇ 1959-يىلىدىكى نەم ۋە بۇلۇتلۇق بىر ئەتىياز بولۇپ، مۇشۇ يىلى زاھىر شاھ تەختكە چىققىنىغا يىگىرىمە ئالتە يىل بولۇپ، بۇ يىلى دۆلەتتە ھېچبىر يېڭىلىق بولمىغان ئىكەن. جالال نانانىڭ تېنىگە جىن كىرىۋېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۇغۇش ۋاقتىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى بىلسىمۇ، بىراق يا دوختۇر يا تۇغۇت ئانىسى تەكلىپ قىلىپ بەرمىگەن ئىكەن. ئۇ كېسەك ئۆينىڭ پولىدا يالغۇز ئۆزىلا بولۇپ، يېنىدا بىر پىچاق بار، پۈتۈن بەدىنىدىن شۇرقۇراپ تەر قويۇلغان ھالەتتە مەريەمنى يەڭگىگەن ئىكەن.

-مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي، ياستۇقنى چىشلگىنىمچە ۋارقىراپ-جارقىرىدىم. شۇنداق قىلىپ، گاللىرىممۇ پۈتۈپ كەتتى. يېنىمدا يۈزلىرىمنى سۈرتۈپ قويىدىغان، ماڭا سۇ ئىچكۈزۈپ قويىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. بىراق سەن، سۈيۈملۈك مەريەم، يەرگە چۈشۈشكە ئالدىراپمۇ قويمىدىڭ. مېنىڭ ساپ-ساق ئىككى كۈن بىھۇش ياتقۇزىۋەتتىڭ. يا يېمىدىم، يا ئۇخلىمىدىم، پەقەتلا قورسىقىمنى سىلىغىنىمچە سېنى تېزراق يەڭگىۋېلىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلاتتىم.

– كەچۈرۈڭ، نانا.

-كىندىك بېغىمنى ئۈزۈۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن يېنىمغا پىچاق قويۇۋېلىشىمدىكى سەۋەب ئىدى.

-مېنى كەچۈرۈڭ.

ھەر قېتىم دەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۈلۈمسىرىگەندەك بىر ئىپادىدە تۇرۇپ كېتەتتى، مەريەم ئانىسىدىكى بۇ خىل ئىپادىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىمەكچى بولىۋاتقىنىنى ياكى ئۇنى ھېچ كەچۈرگۈسى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولالمايتتى. سەبىي مەريەم ئۆزىنىڭ بۇنچە تەستە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ئانىسىغا نىسبەتەن ئادىلسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىيالمايتتى.

ئون بەش ياشقا كىرگەندىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇش ئىشىدا نانانىڭ دېەەنلىرىگە ئەمەس، بەلكى جالالنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەندى. جالال ئۆزى گەرچە باشقا يەرگە كەتكەن بولسىمۇ، ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ نانانى ھىراتتىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكىگەنلىكىنى، بىر دوىتۇرنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى، نانانىڭ يوپيورۇق كېسەلخانىدىكى پاكىز ھەم راھەت كېىسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىنى ئېيتقان ئىدى. مەريەم پىچاقنىڭ گېپىنى چىقارغاندا، جالال ھەسرەت بىلەن بېشىنى چايقىدى.

مەريەم تۇغۇلىدىغان چاغدا ئانىسىنى قىينىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.

–                دوىتۇرلار ماڭا بىر سائەت

ئىچىدىلا ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتقان، سىز بىر قۇلىقى يۇمشاق قىز، سۆيۈملۈك مەريەم. سىز ھەتتا تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدىمۇ مۇشۇنداق راھىش ئىدىڭىز،-دېدى جالال.

–                شۇ چاغدا ئۇ يوق ئىدى، تەختى

سەپەر(بۇ جاي ئىسمى) دە يۇقىرى تەبىقىلىك ئاغىنىلىرى بىلەن ئات مېنىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى،-نانا تۈپرۈكلىرىنى چاچراتقىنىچە شۇنداق دەيتتى.

     -كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزى تۇغۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغىنىدا ئۇ مۆرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئېتىنىڭ يايلىسىنى يۇيۇۋەرگىنىچە، تەختى سەفەردە يەنە ئىككى ھەپتە تۇرۇپ قالدى،-نانا شۇنداق دېگەن ئىدى.

– ئەمەلىيەتتە، سەن بىر ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ سېنى قۇچىقىغىمۇ ئېلىپ باقمىغان.

مەريەمنىڭ بۇنىڭدەك ھېكايىلەرگە ئەمدى ئىشەنگۈسى يوق ئىدى. شۇنداق، جالال ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ تەختى سەفەردە ئات مىنىۋاتقانلىقىنى بوينىغا ئالغان ئىدى، بىراق، ئۇ تۇغۇت خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەرمىگەن، بەلكى ئېتىغا سەكرەپ مىنىپ، ئاتلىق ھالدا ئۇدۇل ھىراتقا قايتقان ئىدى. ئۇ مەريەمنى قۇچىقىغا ئېلىپ، بارماقلىرى بىلەن ئۇنىڭ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى قاشلىرىنى سىلىغان، ئۇنىڭغا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەريەمنىڭ يۈزى بەكمۇ سوزۇنچاق بولسىمۇ، مەريەم جالالنىڭ بۇنىڭدىن بىزار بولمايدىغانلىقنى ھېس قىلاتتى، گەرچە يۈزى ھەددىدىن زىيادە سوزۇنچاق بولسىمۇ.

نانا مەريەمنىڭ ئىسمىنى تاللاشتا، «مەريەم» دېگەن بۇ ئىسىمنى ئۆزى تاللىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىسىم نانانىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. جالالمۇ بۇ ئىسىمنى ئۆزىنىڭ تاللىغانلىقىنى، چۈنكى مەريەم دېگەن تۈن لەيلىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىر خىل چىرايلىق گۈل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

-سىز تۈن لەيلىسىنى ھەممىدىن بەك ياىشى كۆرەتتىڭىزمۇ؟-دەپ سورىغاندا، جالال كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان گۈللەرنىڭ بىرى،-دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10480

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-21
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مۇنبەرلەردىكى ئايىغى چىقماس ئەسەرلەردىن زېرىكىپ بلوگ ئارىلسىاق ئەمدى بۇ يەرلەرمۇ ئايىغى چىقماس ئەسەر بىلەن توشۇپتۇغۇ،تازا قېتىرقىنىپ ئوقىۋاتسام توختاپ قالدى ،ھەي….

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزگە رەھمەت، مۇنبەرلەردىكى ئايىغى چىقماس ئەسەرلەر بىلەن بلوگىمىزدا ئىلان قىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ پەرقى بار،بۇنى ھەر قانداق تەپەككۇر ئېگىسى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ،قولىمىزدىن كېلىدىغاننى مۇشۇنچىلىك قىلىۋاتىمىز، قىلايلى ،يازايلى دېسەك يازىدىغان نەرسە كۆپ،مەسلىلەر ھەققىدە ۋىجدانە ئويلىيالايدىغان ھەر قانداق ئادەم ئوي-پىكىرلىرىنى سىغدۇرالمىغاندا قولىغا قەلەم ئېلىپ يازسا بولىۋىردۇ،ئەمما شۇنى يازىدىغان ،ئويلاندۇرىدىغان ئادەم ئاز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ،شۇ سەۋەپ مانا مۇشۇنداق كۆپكە تۇتۇش قىلىۋاپتىمىز،بىراقلا ھەممىنى تەييار قىلىپ چىقىىرپ بولغۇچە مۇشۇنداق پارچە-پارچە بۆلۈنۈپ كېتىدىغان گەپكەن،توغرا چۈشەنگەيسىز .بىر تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرسىڭىزمۇ ئارىدا ئاز دېگەندىمۇ بەش قېتىم ئېلان قىستۇرىلىدۇ،شۇڭا بۇنىڭغا ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمەڭ،كىتاب ھەقىقەتەن ياخشى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ،بولمىسا كىتابخانىلاردىن سېتىۋىلىپ تىزرەك ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: