پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

نىتزى: ئالىملارغا قارشى ئالىم

ئالىملارغا قارشى ئالىم

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

◆ 1867- يىلى نىتزى مەكتەپتىن ئايرىلىپ چاقىرىققا بىنائەن ھەربىيگە كىرىپ، پرۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتناشتى. ئۇ توپچى ئەسكەرلەر پولكىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ئاتقا مىنىۋېتىپ كۆكرەك قىسىمى يارىلاندى. بالىلىق مەزگىلىدىن تارتىپلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان نىتزىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلاشتى. داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇ تالىپلارچە تۇرمۇش شەكلى ھەققىدە، بولۇپمۇ تىلشۇناسلىق ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. 1867- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى دوستى ئېرۋىن رودقا يازغان خېتىدە ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «. . . تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئاشۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئىشى خۇددى قارىغۇ چاشقانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ . . . ئۇلار تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي جىددىي مەسىلىلەرگە پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.»

◆ «بىراق تىلشۇناسلىق دېگەن نېمە؟ ئۇ ئاستا ئوقۇش سەنئىتىدۇر!»

◆ «ئالىملاردا ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان. بولمىسا ئۇلار كىتابلارنىڭ زەھەرلىشىدىن ئۆزىنى قوغداپ قالالايىتتى. ئالىملار دېگەنلەر تۈگەشكەنلەر.»

◆ «كىشىلەرنى ھەرىكەتلىنىشكە قوزغىتالمىغان ئەسەر كېرەكسىز ئەسەر.»

◆ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رېيىن مۇزېيى» ژۇرنىلىدا نىتزىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردا يازغان يۇنان مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قانچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، باسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىككىنچى يىل، يەنى 1868- يىلى پىروفېسسور رىتسىل بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە: «نىتزى ئەپەندىنى بىر مۇنەۋۋەر تىلشۇناس پروفېسسور بولالايدۇ، دەپ قارامسىز- يوق» دەپ سوئال سورالغانىدى.

◆ «شۇنداق قىلىپ، مەن مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئىچىدە يەنە ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلغان ھالدا كىلاسسىك تىلشۇناسلىق پىروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلدىم. بۇ چاغدا مەن تېخى 24 ياشتا ئىدىم.»

◆ ئۇنىڭ لېيپىزىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭغا ئىمتىھانسىز ئۇنۋان بېرىشنى قارار قىلدى. ناھايىتى روشەنكى، بۇ ئوقۇتقۇچى ئالاھىدە ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى.

◆ شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا نىتزى باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، بىراق ئىلىم- پەن ھاياتىدىن كۈنسېرى ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ 1879- يىلى 34 يېشىدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

«ئىلىم- پەن ھاياتىدا پۈتۈنلەي ئۈزۈل- كېسىل ھەقىقەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.»

(مەنبە: «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11738

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-05
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 5دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى كىتابىنىڭ تۆت قىسمىنىڭ ھەممىسى كېرەك ئىدى. مەن چەتئەلدە بولغاچقا كىتابخانىغا بېرىپ سېتىۋالغىلى بولمىدى. شۇڭا تور بەتكە يوللاپ قويساڭلار. چۈشۈرۈۋالسام

  2. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى كىتابىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى يوق، تورغا يوللىغىلى بولمايدۇ قېرىندىشىم.

  3. «كىتابتىن زەھەرلىنىش» دېگەندەك ئۆزگىچە سۆزلىرى ۋە «كىشىلەرنى ھەرىكەتلىنىشكە قوزغىتالمىغان ئەسەر كېرەكسىز ئەسەر.» … جۈملىلىرى ھازىر خۇددى بىزدە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىۋاتقاندەكلا قىلىدۇ. نىتىرىنىڭ ھاياتىغا قىززىقىمەن!

  4. قىزىقسىڭىز، نىتىزىنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيەسى تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىتاب داۋاملىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  5. بىلوگىڭىزدا بەك كۆپ ياخشى نەرسىلەر باركەن توپلاپ ئىلكىتاپ تۈزسىڭىز بوپتىكەن رومان ھىكايىلەرنى تىلفۇندىمۇ ئۇقىغىدەك خېتىنى چوڭراق قىلىپ كوپىنچىسىنى تىكىسىت ھۆججىتى قىلۋالدىم رەخمەت

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: