پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (35- باب)

تولغان بەدەن

رومان

مويەن

(2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ئوتتۇز بەشىنچى باب

 

ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن شاڭگۈەن پەندى ناھىيىدىن ئات مىنىپ يېتىپ كەلدى. ئۇ ئەسلىدە ناھايىتى غەزەب بىلەن رايوندىكىلەر بىلەن تازا بىر ھېسابلاشقىلى كەلگەنىكەن. لېكىن رايون باشلىقىنىڭ ئۆيىدىن چىققاندا غەزەبلىرى شاپپىدە پەسىيىپ قالغانىدى. ئۇ رايون باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىزنى كۆرگىلى كىردى. ئۇنى كۆرمىگىنىمىزگە ئالتە ئاي بوپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ناھىيىدە نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋىرىمىز يوق ئىدى. ئالتە ئاينىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇ ئوبدانلا جۈدەپ قالغانىدى. كىيىمىنىڭ مەيدىسىدىكى قېتىپ قالغان سۈت داغلىرىدىن ئۇنىڭ بالا ئىمىتىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراشتۇق.

ـــ پەندى، ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ـــ دېدى ئانام.

پەندى دەرىزىنىڭ سىرتىدىكى ئېگىز تامغا سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇرغان رايون باشلىقىغا قاراپ قويدى- دە، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:

ـــ ئانا . . . چىداپ تۇرۇڭ . . . ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭ . . . ھۆكۈمەت ياخشى ئادەملەرگە ھەرگىز ئۇۋال قىلمايدۇ،ـــ دېدى.

پەندى تىلىنى چايناپ بىزگە تەسەللىي بېرىۋاتقان ئەسنادا بەيما كۆلىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دىڭ خەنلىن ئائىلىسىنىڭ قېرى قارىغايلار سايە تاشلاپ تۇرغان قەبرىستانلىقتا شا كوۋزى كەنتىلىك سۇي فېڭشيەن ـــ تۈلكە جىن تۇل چوكان بىر تال قارا تاش بىلەن دىڭ خەنلىننى مەدھىيەلەپ ئىبرەتلىك سۆزلەر ئويۇلغان يېشىل تاشتىن قوپۇرۇلغان قەبرە ئابىدىسىنى رىتىملىق ھالدا چوقۇماقتا ئىدى. تاشنى چوقۇغاندا چىققان زىل ئاۋاز تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ دەرەخنىڭ كامىرىنى چوقۇلىغاندىكى «توك- توك» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنىدى، كۈلرەڭ سېغىزخان ئاپئاق كەلگەن يەلپۈگچسىمان قۇيرۇقىنى كەڭ يايغىنىچە ئورمانلىقتا پەسلەپ ئۇچۇپ يۈرمەكتە ئىدى. سۈي فېڭشيەن قەبرە تېشىنى بىردەم چوقۇغاندىن كېيىن نەزىر- چىراغ شىرەسىدە ئولتۇرۇپ كۈتۈشكە باشلىدى. ئۇ يۈزىگە بوشقىنا ئەڭلىك سۈرتۈۋالغان، كىيىملىرى شۇنچىلىك رەتلىك ئىدى؛ بىلىكىگە گۈللۈك قولياغلىق ئارتىپ قويۇلغان قۇمۇش سىۋەت ئېسىۋالغان بولۇپ، بەئەينى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئازنىلاپ ماڭغان كېلىنچەكنىڭ ئۆزىلا ئىدى. سى ماكۇ قەبرە تېشىنىڭ كەينىدىن غىپپىدە چىقتى. سۈي فېڭشيەن لىككىدە ئورنىدىن قوزغىلىپ:

ـــ ۋۇ ئۆلگۈر، ھەجەپ قۇرقۇتتىيا ئادەمنى،ـــ دېدى.

ـــ نېمىدىن قورقىسەن تۈلكە جىنمۇ جىندىن قورقامدا؟ـــ دېدى سى ماكۇ.

ـــ مۇشۇ ھالدا تۇرۇپمۇ يەنە گەپدانلىق قىلىۋاتقىنىنى!ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن.

ـــ قايسى ھالدىكەنمەن؟ مانا بىر ئوبدان تۇرمامدىم، ھالىم ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بوپ باقمىغان،ـــ دېدى سى ماكۇ،ـــ بۇ كىسپۇرۇچلار تېخى مېنى تۇتماقچى بولۇۋېتىپتىما؟ ھا- ھا . . . ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتۇ!ـــ ئۇ قوينىدىكى پىلىموتنى، بېلىگە ئېسىۋالغان گېرمانىيەدە ياسالغان يوغان ئەينىكى بار مىلتىقىنى، يېنىدىن ئايرىمايدىغان بروۋنىڭ تاپانچىسىنى پاقىلدىتىپ ئۇرۇپ قويۇپ گېپىنى داۋام قىلدى،ـــ قېينىئانام مېنى شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىدىن قاچۇرۇۋەتتى. مەن نېمىشقا قاچقۇدەكمەن؟ بۇ دېگەن مېنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم، بۇ يەردە قېرىنداشلىرىمنىڭ جەسىتى كۆمۈكلۈك. بۇ يەردىكى ھەر بىر تال گىياھ، ھەر بىر تال دەرەخ، تاغ- دەريالىرى ماڭا بەش قولدەك تونۇش. بۇ يەر بەك راھەت، بەك كۆڭۈللۈك. بۇ يەردە يەنە تېخى ساڭا ئوخشاش يالقۇن كەبى تۈلكە جىندىن بىرسى بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ يەردىن قانداق كېتەلەيمەن؟

نېرىراقتىكى قۇمۇشلۇقتىن چۆچۈپ كەتكەن بىر توپ ياۋا ئۆردەك پالاقلاپ ئۇچۇپ كېتىشتى. سۈي فېڭشيەن قولى بىلەن سى ماكۇنىڭ ئاغزىنى ئەتتى. سى ماكۇ ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ:

ـــ ھېچنېمە بولمايدۇ، سەككىزىنچى ئارمىيە ئاۋۇ تەرەپتە مەندىن خېلى ئوبدان ئەدىپىنى يېدى. ئاۋۇ ياۋا ئۆردەكلەر تاپ يەيدىغان بۈركۈتتىن قورقۇپ ئۇچۇپ كېتىشتى،ـــ دېدى. سۈي فېڭشيەن سى ماكۇنى قەبرىستانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە سۆرەۋېتىپ:

ـــ ساڭا دەيدىغان مۇھىم بىر ئىش بار،ـــ دېدى.

ئۇلار باراقسان ئۆسۈپ كەتكەن ئازغانلارنى قايرىپ يۈرۈپ يول ئېچىپ زىيادە يوغان بىر قەبرىنىڭ ئىچىگە كىردى. تىكەننىڭ قوللىرىنى جىجىۋېتىشىدىن سۈي فېڭشيەن ۋايجانلاپ كەتتى. سى ماكۇ ئۆشنىسىدىن مىلتىقىنى ئېلىپ گۆرنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان جىنچىراغنى ياندۇردى، ئاندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ سۈي فېڭشيەننىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆيۈنگەن ئاھاڭدا:

ـــ قولۇڭنى جىجىۋېتىپتۇ- ھە! ئەكېلە، مەن قاراپ باقاي،ـــ دېدى.

ـــ ھېچقىسى يوق، ھېچقىسى يوق،ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن. لېكىن سى ماكۇ ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ئاغزىغا سېلىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن شورىدى.

ـــ ھۇ خۇنخور . . .ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن ئىڭراپ تۇرۇپ. سى ماكۇ ئۇنىڭ قولىنى ئاغزىدىن چىقىرىپ، لەۋلىرىنى سۈي فېڭشيەننىڭ لەۋلىرىگە باستى. پەنجىدەك يوغان قوللىرى بىلەن سۈي فېڭشيەننىڭ كۆكسىنى مىجىقلاشقا باشلىدى. فېڭ سۈيشيەن ئېيتقۇسىز بىر شېرىن تۇيغۇ ئىلىكىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتى؛ قولىدىكى سىۋىتىمۇ پەسكە چۈشۈپ، ئىچىدىكى قىزارتىپ پىشۇرۇلغان تۇخۇملار كۆك كاھىش ياتقۇزۇلغان يەردە دومىلاپ كەتتى. سى ماكۇ فېڭ سۈيشيەننى قۇچاقلىدىـــ دە، ئۇنى گۈەنسەينىڭ ئۈستىگىلا باستى. . .

سى ماكۇ گۈەنسەينىڭ ئۈستىدە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتاتتى، كۆزلىرى بوشقىنە يۇمۇقلۇق ئىدى. تىلىنىڭ ئۇچى بىلەن قىرقىلمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان، كىرپىنىڭ تىكىنىدەك ئۆسۈپ كەتكەن سارغۇچ بۇرۇتلىرىنى يالايتتى. سۈي فېڭشيەن نازۇك قوللىرى بىلەن سى ماكۇنىڭ توم، قوپال كەلگەن بارماقلىرىنى سىيلىدى، تۇرۇپلا ئوت بولۇپ يانغان يۈزلىرىنى سى ماكۇنىڭ ئاۋاقلىقىدىن سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان، ياۋايىلىق ھىدى چىقىپ تۇرغان مەيدىسىگە ياقتى، سى ماكۇنىڭ مەيدىسىنى چىشلەپ قويۇپ ئۈمىدسىز بىر تەرزدە دېدى:

ـــ ۋۇ جېنىمغا جازا ئوغرى، يۈز تاپقان چېغىڭدا مېنى ئىزدەپ قويمايسەن. تەلەي يۈز ئۆرۈپ پالاكەت باسقاندا ئادەمگە كانىدەك چاپلىشىسەن . . . كەينىڭدىن ئەگەشكەن ئاياللارنىڭ ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايمەن. ئالدىمدا تۇرۇپ قۇيرۇقۇڭنى شۇنداقلا بىر شىپاڭشىتىپ قويساڭ، گويا بىر قانجۇق ئىتتەك كەينىڭدىن سوكۇلداپ ماڭىمەن . . . ئېيتقىنا ئوغرى، ئاياللارنى ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا كەينىڭدىن سوكۇلدايدىغان قىلىۋېتىدىغان، كەينىڭدىن ماڭسا ئوتقا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ پەسكە سەكرەيدىغان قىلىۋېتىدىغان سەندە زادى نېمە خىسلەت بار؟

سى ماكۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ فېڭ سۈيشيەننىڭ قولىنى دۈپ- دۈپ قىلىپ كۈچلۈك سوقۇۋاتقان يۈرىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ:

ـــ مانا مۇشۇ يۈرىكىم بار، يۈرىكىم، قەلبىم، چىن قەلبىم بار، مەن ئاياللارغا چىن قەلبىم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن،ـــ دېدى.

ـــ باردا يوق بىر تال يۈرىكىڭنى نەچچىگە بۆلمەكچىدىڭ؟ ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن بېشىنى چايقاپ قويۇپ.

ـــ يۈرىكىمنى مەيلى قانچىگە بۆلەي، ھەممىسى چىن. ئۇنىڭدىن باشقا ماۋۇمۇ بار تېخى،ـــ سى ماكۇ بىزەڭلەرچە كۈلگىنىچە فېڭ سۈيشيەننىڭ قولىنى چاترىقىغا ئاپاردى. سۈي فېڭشيەن قولىنى تارتىۋالدى- دە، ئۇنىڭ كالپۇكىنى چىمدىپ قويۇپ دېدى:

ـــ بۇ بىر نېمەڭدە نېمە خىسلەت بولاتتى؟ قاچان قولغا چۈشۈپ قالارمەنكىن دەپ مۆكۈپ يۈرۈپمۇ يەنە قىلىۋاتقان شەيتانلىقىنى بۇنىڭ.

سى ماكۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

ـــ مۇشۇنداق قىلغانسېرى ئارام بەرگۈم كەلمەيدۇ. ئايال كىشى دېگەن ياخشى نەرسە، ئايال كىشى دېگەن بىر گۆھەر،ـــ دېدى. ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ يەنە سۈي فېڭشيەننىڭ ئەمچىكىنى مىجىقلىدى.

ـــ جەددى- جەمەتىڭگە چاتاق بولدى. ئۆيۈڭدە چوڭ ئىش چىقتى،ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن.

ـــ نېمە ئىش چىقتى؟ـــ دەپ سورىدى سى ماكۇ جىددىيلىشىپ.

ـــ قېينىئاناڭ، چوڭ ھامماڭ، كىچىك ھامماڭ، ئوغلۇڭ، جيەنىڭ، چوڭ ھامماڭ، بەشىنچى ھامماڭنىڭ قىزلىرى، ئاكاڭنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ ھويلاڭغا باغلاپ قويدى. ھەر كۈنى كېچىسى ئۆيۈڭنىڭ تورۇسىغا ئېسىپ قامچىلايدۇ، كالتەكلەيدۇ . . . بەك ئېچىنىشلىق. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلار ئىككى كۈنگە قالمايلا تۈگىشىدۇ . . . ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن.

سى ماكۇنىڭ يوغان قوللىرى فېڭ سۈيشيەننىڭ مەيدىسىدە قېتىپ قالدى. ئۇ گۈەنسەينىڭ ئۈستىدىن ئىرغىپ چۈشتى- دە، مىلتىقىنى ئېلىپ ئىڭىشىپ تۇرۇپ گۆردىن تېشىغا چىقماقچى بولدى. فېڭ سۈيشيەن ئۇنىڭ بېلىدىن چىڭڭىدە قۇچاقلاپ توسۇۋالدى ۋە:

ـــ مۇشۇنداقلا بارساڭ ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بولمامسەن؟ـــ دەپ يالۋۇردى.

سى ماكۇ پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، گۈەنسەينىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تۇخۇمدىن بىرنى ئاقلاپ ئاغزىغا سالدى. ئازغاننىڭ ئاراچلىرىدىن چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرى ئۇنىڭ بۆرتۈپ چىققان قوۋزى بىلەن ئاق ئارىلىغان ساقاللىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. تۇخۇمنىڭ سېرىقى ئۇنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قالدى، ئۇ قاتتىق قېقىلىپ كەتتى، يۈزىمۇ ئېسىلىپ كۆكىرىپ كەتتى. سۈي فېڭشيەن ئۇنىڭ گەجگىسىگە مۇشتلىدى، كىكىردىكىنى سىيلىدى، خېلىغىچە ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قالغان تۇخۇم ئۆتۈپ كەتتى. يۈز- كۆزىنى چىپ- چىپ تەر باسقان سۈي فېڭشيەن ھاسىراپ تۇرۇپ:

ـــ ۋاي ئانامەي، ھەجەپ قورقۇتتىڭا ئادەمنى!ـــ دېدى. يوغان ئىككى تامچە ياش سى ماكۇنىڭ مەڭزىگە دومىلاپ چۈشتى. ئۇ ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇۋېدى، گۆرنىڭ تورۇسىغا ئۈسسۈۋالغىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئۆچمەنلىك ئوتلىرى يالقۇنجىماقتا ئىدى.

ـــ ۋۇ سولامچىلار، ھەرقايسىڭنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويمىسام ھېساب ئەمەس،ـــ ھەپ ھۆركىرىدى ئۇ.

ـــ ۋوي ئادەم، كەنتكە ھەرگىز بارمىغىن،ـــ دېدى سۈي فېڭشيەن ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرۇپ،ـــ ياڭ توكۇرنىڭ ساڭا قىلتاق قۇرغىنى ئېنىق. چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا سانىلىدىغان مەن چوكان جېنىدا بۇنىڭ بىر توزاق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئوبدان ئويلاپ باققىن، ئۆزۈڭ يالغۇز مۇشۇنداق تىكەندەك يالغۇز بارغىنىڭ قاپقانغا دەسسىگىنىڭ ئەمەسمۇ؟

ـــ ئەمىسە دېگىنە، مەن قانداق قىلاي؟

ـــ قېينىئاناڭنىڭ گېپىگە كىرىپ يىراقلارغا كەتكىن. مېنى ئۆزۈڭگە پۇتلىكاشاڭ ھېسابلىمىساڭلا، سەن بىلەن كېتىشكە رازى، كەينىڭدىن مېڭىپ تاپانلىرىم تېشىلىپ كەتسىمۇ ئۆكۈنمەيمەن.

سى ماكۇ سۈي فېڭشيەننىڭ قولىنى تۇتۇپ ھاياجانلانغان ھالدا:

ـــ مەن سى ماكۇ ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئادەمكەنمەن، ماڭا ئۇچراشقانلىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى بەك ياخشى ئىكەن، سەرسان- سەرگەردان بوپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ھېچقايسىسى مېنى تاشلىمىدى. ئادەم بۇ دۇنيادا نېمە دەپ ياشايدۇ؟ لېكىن، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋەرسەم بولمايدۇ. فېڭ شيەن، سەن قايتىپ كەتكىن، مېنى ئەمدى ئىزدەپ كەلمە. ئۆلۈم خەۋىرىمنى ئاڭلىساڭ ياش تۆكۈپ ئازابلىنىپمۇ يۈرمە. مۇشۇنچىلىك ياشىغىنىم كۇپايە، بۇ ئۆمرۈمنى ھەر ھالدا مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم . . .

سۈي فېڭشيەن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ بېشىدىكى كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان ئەگمەچ تاغىقىنى ئېلىپ سى ماكۇنىڭ ئاق ئارىلىغان، چىگىچلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنى تارىۋېدى، تاغاققا بىرمۇنچە ئوت- چۆپ، قۇرت- قوڭغۇز دېگەندەكلەر سۈزۈلۈپ چىقتى. ئارقىدىن نەمخۇش لەۋلىرى بىلەن سى ماكۇنىڭ چوڭقۇر قورۇق ئىز سالغان پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ تولىمۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا: «سېنى ساقلايمەن» دېدى، كەينىدىن سىۋەتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئېڭىشىپ خىش پەلەمپەيدىن چىقتى، ئازغانلىقتىن ئۆتۈپ قەبرىستانلىقتىن ئۇزاپ كەتتى. سى ماكۇ تاكى سۈي فېڭشيەننىڭ قارىسى يۈتكۈچە ئورنىدا مىدىر- سىدىر قىلماي جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىچە كۆزنى چاقىدىغان ئىللىق قۇياش نۇرىدا بوشقىنە تەۋرىنىۋاتقان ئازغان شاخلىرىدا ئىدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە سى ماكۇ مىلتىق ۋە ئوق- دورىلىرىنىمۇ ئاسماي گۆردىن ئاستاغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، ئۇدۇل بەيما كۆلىنىڭ بويىغا كەلدى، كۆلدە پاكىز يۇيۇندى، گويا مەنزىرە تاماشا قىلىۋاتقان ساياھەتچىدەك كۆلنى بويلاپ تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ ماڭدى؛ ھېلى قۇمۇشلۇق ئارىسىدىكى قۇشلار بىلەن مۇڭداشسا، ھېلى يول بويىدىكى بۆجەنلەر بىلەن بەسلىشىپ يۈگۈردى. ئۇ سايازلىقنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ مېڭىپ قىزغۇچ، ئاقۇچ ياۋا گۈللەردىن نەچچە تال ئۈزۈپ بۇرۇنىنىڭ يېنىغا يېقىن ئەكېلىپ قانماي ھىدلىدى. ئاندىن خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ يۈرۈپ چىملىقنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان ۋو نيۇلىڭغا نەزەر تاشلىدى. ئۇ موشۈي دەرياسىدىكى تاش كۆۋرۈككە چىقتى، گويا كۆۋرۈكنىڭ پۇختا ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ باقماقچى بولغاندەك نەچچىنى سەكرەپ باقتى. كۆۋرۈك ئۇياق- بۇياققا تەۋرىنىپ غىچىرلاپ كەتتى. ئۇ ھېچ ھېيىقماستىن ئىشتىنىنى تېقىمىغىچە سىيرىدى- دە، ئېڭىشكىنىچە چاترىقىدىكى دەسمىسىگە ھوزۇر ئىلىكىدە خېلىغىچە قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن بايىدىن بېرى قىستاپ ئارام بەرمىگەن سۈيدۈكىنى دەرياغا قارىتىپ شارقىرىتىپ قۇيۇۋەتتى. سۈيدۈكىنىڭ دەرياغا شارقىراپ چۈشۈشىگە تەڭكەش قىلىپ: «ھەي– ھەي– ھەي- ھەي-» دەپ قاتتىق توۋلىدى. ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازىدىن بىپايان دالادىن ئەكىس سادا ياندى. دەريا بويىدا كۆزى ئالغاي بىر پادىچى بالىنىڭ قامچىسىنى قاتتىق قاراسلىتىشى سى ماكۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ پادىچى بالىغا نەزىرىنى ئاغدۇردى، پادىچى بالىمۇ ئۇنىڭغا قارىدى. ئىككىيلەن بىر- بىرىگە خېلىغىچە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن چېھرىدە ئاستا- ئاستا تەبەسسۇم پەيدا بولدى.

ـــ مەن سەن شۇمتەكنى تونۇيمەن، سېنىڭ ئىككى پۇتۇڭ نەشپۇت ياغىچىدىن، ئىككى بىلىكىڭ ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسالغان، ئاپاڭ ئىككىمىز سېنىڭ ئاۋۇ چۇچۇقىڭنى لايدىن ياساپ قويغانىدۇق!ـــ دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.

قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن پادىچى بالا «ھۇ ئاناڭنى!» ئاغزىنى بۇزدى. كىچىككىنە بىر سويما شۇمدىن بۇنداق ھاقارەت ئىشىتىشنى كۈتمىگەن سى ماكۇنىڭ قەلبى ئۆرتىنىپ كۆزلىرى نەملەندى، ئېيتقۇسىز ھەسرەتكە مۇپتىلا بولدى. پادىچى بالا قامچىسىنى ئوينىتىپ قويلىرىنى ھەيدىگىنىچە كەچكى شەپەق تامان يىراقلاپ كەتتى. ئوتقاشتەك تاۋلىنىپ تۇرغان ئاداققى قۇياش دەل- دەرەخلەرگە نۇرلىرىنى سېپەتتى. پادىچى بالا ئۇزۇن سايىسىنى سۆرىگىنىچە بۇلاقتەك زىل ئاۋازدا: «1937- يىلى، ئالۋاستىلار كىردى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە. ئاۋۋال لۇ گوچياۋ كۆۋرۈكىنى، ئاندىن شەنخەيگۈەننى ئىشغال قىلدى، تۆمۈر يولى يەنمېن جىنەنگىچە ياسالدى. ئالۋاستىلارنىڭ زەمبىرەكلىرىگە سەككىزىنچى ئارمىيە مىلتىق بىلەن تاقابىل تۇردى، قارىغا ئالغان ئوقى زايا كەتمىدى – پاڭ- پۇڭ – ياپون ئوفتىسېرلىرىنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ ئىككى پۇتى بىلەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى- دە، جەھەننەمگە سەپەر قىلدى . . .» دەپ ناخشا توۋلىماقتا ئىدى. ناخشا ئاخىرلاشماي تۇرۇپ سى ماكۇنىڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلدى. ئۇ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى قولى بىلەن توسقىنىچە تاش كۆۋرۈكتە زوڭزىيىپ ئولتۇردى.

ئاندىن دەريا بويىغا كېلىپ يۈز- كۆزىدىكى ياش يۇقىنى يۇدى، ئۇچىسىدىكى توپا- چاڭلارنى قېقىۋېتىپ رەڭمۇرەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن دەريا بويىنى بويلاپ ئاستا يۈرۈپ كەتتى. ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان پەيت ئىدى، ياۋا قۇشلار ئەنسىز ھۇۋلىشاتتى، ئەتراپتىن خىلمۇ خىل گۈل- گىياھلارنىڭ ھىدلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ھىد كېلىۋاتاتتى. سى ماكۇ گاھ تۇرۇپ كۈچىيىپ تۇرۇپ ئاجىزلايدىغان ياۋا گۈللەرنىڭ ھىدىدىن مەست بولۇپ خۇدىنى يوقاتسا، گاھ ياۋا گۈللەرنىڭ دىماغنى ئېچىشتۇرىدىغان ھىدىدىن ئېسىگە كېلەتتى. ئۇ قاتتىق ئۆكۈندى. دەريا قىرغىقىنىڭ ئۈستىدىكى ئاقۇچ چىغىر يولدا بىر مۇنچە چېكەتكە تۇخۇملىماقتا ئىدى، ئۇلارنىڭ يۇمشاق قورسىقى قېتپ كەتكەن پاتقاققا چوڭقۇر پاتقان بولۇپ، گەۋدىسىنى تىكلىۋالغانىدى، ئۇلار شۇ تاپتا تولىمۇ ئازاب چېكىۋاتقانىدى، ھەم تولىمۇ بەختلىك ئىدى. سى ماكۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بىر تال چېكەتكىنى پاتقاقتىن سۇغۇرۇپ ئالدى- دە، چېكەتكىنىڭ قاسراق تاشلىغان قورسىقىغا قارىدى. چېكەتكىگە قاراۋېتىپ توساتتىن بالىلىق چاغلىرى خىيالىدىن كەچتى، تۇنجى مۇھەببىتىنى ئەسلىدى. ئاقپىشماق كەلگەن ھېلىقى قەلەمقاش ئايال دادىسى سى ماۋېڭنىڭ ئاشنىسى ئىدى. ئۇ بۇرۇنىنى ئاشۇ ئايالنىڭ ئىككى كۆكسىنىڭ ئارىسىغا سۈركەپ ئويناشقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.

كەنت كۆز ئالدىدىلا سوزۇلۇپ ياتاتتى، تۈرۈم- تۈرۈم ئىسلار تۇرخۇندىن يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە، ئادەملەرنىڭ ھىدى باشقىچە قويۇق ئىدى. ئۇ ياۋا جۈخۇا گۈلىدىن بىر دەستە ئۈزۈپ بۇرۇنىغا يېقىن ئەكېلىپ ھىدلىۋېدى، بايىدىن بېرى چاپچىپ ئارام بەرمەيۋاتقان تۈگىمەس خىياللار قاياققىدۇر غايىپ بولۇپ كۆڭلى بىر ئىزىغا چۈشتى، دادىل قەدەملىرى بىلەن ئۆز ھويلىسىنىڭ جەنۇبىي تېمىدىكى تېخى يېڭىلا پەيدا بولغان شورىنى نىشانلاپ ماڭدى. شورىنىڭ ئىچ تەرىپىدە مۆكۈنۈپ ياتقان خەلق ئەسكىرى دىرىڭڭىدە چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى- دە، مىلتىقىنى بەتلەپ ۋارقىرىدى:

ـــ قىمىرلىما! جايىڭدا جىم تۇر!

ـــ بۇ دېگەن مېنىڭ ئۆيۈم! ـــ دېدى سى ماكۇ سوغلا قىلىپ.

قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن قاراۋۇل بىر پاي ئوق ئاتتى- دە: «سى ماكۇ كەلدى … سى ماكۇ كەلدى …» دەپ ئەسەبىيلەرچە توۋلىدى.

سى ماكۇ مىلتىقىنى سۆرەپ قېچىپ كېتىۋاتقان خەلق ئەسكىرىگە قاراپ: «نېمىگە قاچىسەن؟ تازىمۇ بىر» دەپ گۇدۇڭشىپ قويدى.

ئۇ قولىدىكى گۈلنى ھىدلىغاچ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى، ئاغزىدا ھەدەپ بايا پادىچى بالا توۋلىغان ياپونغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ناخشىنى غىڭشىماقتا ئىدى. ئۇ ناخشىنى شۇ قەدەر بېرىلىپ ئېيتىپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن شورىنىڭ ئالدىغا مەخسۇس كولاپ قويۇلغان ئورەككە چۈشۈپ كەتتى. ناھيىەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قاراڭغۇدا مۆكۈنۈپ ياتقان بىر توپ ساقچىلىرى تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئېتىزلىقتىن يۈگۈرۈپ چىقتى- دە، مىلتىقىنىڭ قاپقارا كامارنى ئەسلىتىدىغان ئىستۇۋۇلىنى ئورەكتە ياتقان سى ماكۇغا توغرىلىدى. ئورەكتىكى بامبۇك قوزۇقلار ئۇنىڭ پۇتىنى تېشىۋەتكەنىدى. سى ماكۇ ئاغرىق دەستىدىن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

ـــ بۇرادەرلەر، ئادىمىگەرچىلىكىڭلار يوقكەن جۇمۇ! ئۆزۈمنى مەلۇم قىلغىلى كەلسەم، سىلەر مېنى مۇشۇ لەنىتى ئورەككە سولاپ قارشى ئالامسىلەر؟ـــ دېدى.

ج خ ئىدارىسى رازۋېدچىكلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سى ماكۇنى ئورەكتىن تارتىپ چىقتى- دە، ئۇنىڭ بېغىشىغا چەبدەسلىك بىلەن كويزا سالدى.

ـــ شاڭگۈەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇۋېتىڭلار، ئۆزۈمنىڭ ئىشىغا ئۆزۈم ئىگە، ئۇلارنى چېتىۋالماڭلار،ـــ دەپ قاتتىق توۋلىدى سى ماكۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11618

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: