پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (31- باب)

تولغان بەدەن
(رومان)
ئاپتورى: مو يەن

 تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

جى چيوڭجى مۇئەللىمنىڭ دەرسىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەستە تۇتۇش قابلىيىتىم ۋە يۇقىرى مۇزىكا سېزىمىمنى ئوبدانلا نامايان قىلدىم. «ئاياللار ئازادلىقى ناخشىسى» توۋلاۋېتىپ «ئاياللار ئەڭ ئاستىدا» دېگەن يەرگە كەلگەندە ئانام ئاپئاق لۆڭگىگە يۆگەلگەن، ئۆچكە سۈتى توشقۇزۇلغان سوسكىنى كۆتۈرۈپ، سۆگەت بادىرىسىدىن ياسالغان دەرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ بوش ئاۋازدا: «جىن توڭ، سۈت ئىچىۋالغىن! جىن توڭ، سۈت ئىچىۋالغىن!» دەيتتى.

ئانامنىڭ توختىماي چاقىرىشى، سۈتنىڭ تەمى دىققىتىمنى ھېلىدىن ھېلىغا بۆلۈۋېتەتتى. شۇنداقتىمۇ دەرستىن چۈشىدىغانغا ئاز قالغاندا «ئاياللار ئازادلىقى ناخشىسى» نى مەندىن باشقىسى تولۇق ھەم توغرا ئېيتالمىدى. جى چيوڭجى مۇئەللىم 40 بالىنىڭ ئىچىدە مېنىلا تولىمۇ سېخىيلىق بىلەن ماختىدى. ئۇ ئىسىمىمنى سورىدى ۋە مېنى ئىككىنچى قېتىم ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇپ، «ئاياللار ئازادلىقى ناخشىسى» نى يەنە بىر قېتىم توۋلاتقۇزدى. مۇئەللىم دەرستىن چۈشۈشنى جاكارلىشىغا ئانام سۈت توشقۇزۇلغان سوسكىنى دەرىزىدىن سۇندى. مەن دېلىغۇللۇق ئىلىكىدە تۇرۇپلا قالدىم.

ـــ ئوغلۇم، سۈتنى تېز ئىچىۋال. قالتىسكەنسەن بالام، مەن سەندىن بەك خۇش بولدۇم،ـــ دېدى ئانام.

بالىلار خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى.

ـــ ئىچىۋەرگىن بالام، سۈت ئىچكىشتىنمۇ نومۇس قىلغان بارمۇ،ـــ دېدى ئانام.

خۇشبۇي چىش پاستىسىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جى چيوڭجى مۇئەللىم زاكۇن تايىقىنى تۇتقىنىچە يېنىمغا كەلدى ۋە دەرىزە تېشىدا تۇرغان ئانامغا دوستانىلىك بىلەن دېدى:

ـــ ۋاي سىزمىدىڭىز ھامما! بۇنىڭدىن كېيىن دەرس ئۆتۈۋاتقاندا دەرىزە تۈۋىگە كېلىۋالماڭ- ھە!

ئانام مۇئەللىمنىڭ گېپىدىن تەمتىرەپ قالدى.

ئانام سىنىپنىڭ ئىچىگە قاراپ قويۇپ ئەدەپ بىلەن:

ـــ خانىم، بۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ، كىچىكىدىن تاماق يېمەي يامان ئۆگىنىپ قالغان. كىچىكىدە مېنى ئېمەتتى، مانا ئەمدى ئۆيدىكى ئۆچكىنى ئېمىدىغان بولۇۋالدى. چۈشتە ئۆچكىدىن جىق سۈت چىقمىغاچقا قورسىقى تويمىغان ئىدى، شۇڭا كەچكىچە قورسىقى ئېچىپ چىدىيالماي قالامدىكىن دەپ . . . ـــ دېدى تىلىنى چايناپ.

جى چيوڭجى كۈلۈپ قويۇپ ماڭا تىكىلدى:

ـــ ئالە، ئاناڭنى تولا جوراتما جۇمۇ!ـــ دېدى ئۇ.

يۈزلىرىم قىزارغان ھالدا ئانام سۇنغان سوسكىنى قولۇمغا ئالدىم.

ـــ بۇ قانداق بولغىنى؟ بالا تاماق يېمىسە بولمايدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە چوڭ بولىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ، شۇ چاغدىمۇ بالامغا سۈتىنى ئىچۈرەتتىم دەپ ئۆچكىدىن بىرنى يىتىلەپ يۈرەمسىز؟ـــ دېدى جى چيوڭجى ئانامغا.

ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۆگىدەك يوغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپقا ئۆچكە يىتىلەپ كىرگەن ھالىتى گەۋدىلەندىمۇ قانداق، تولىمۇ ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتى.

ـــ بالىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ـــ سورىدى مۇئەللىم.

ـــ 13 ياشقا كىردى، توشقان يىللىق،ـــ دېدى ئانام،ـــ ئولتۇرسام- قوپسام غېمىم مۇشۇ بالىدا. لېكىن ئۇ بىر نەرسە يېگەن ھامان قۇسىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ. بىچارە بالا، قورسىقى ئاغرىسا ئادەمنى ئەنسىرىتىپ مۇنچاق- مۇنچاق تەرلەپ كېتىدۇ . . .

ـــ بولدى، بولدى قىلغىنا ئانا! قورسىقىم ئاچمىدى مېنىڭ!ـــ دېدىم مەن زەردە بىلەن. سوسكىنى ئانامغا تەڭلىدىم.

ـــ شاڭ گۈەن، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ. بۇ ئادىتىڭنى ئۆزگەرت. بولدى، ئىچىۋەرگىن،ـــ دېدى مۇئەللىم قۇلىقىمنى سوزۇپ قويۇپ.

كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاپقاراڭغۇ سىنىپ ئىچىدە ۋال- ۋۇل نۇر چېچىپ تۇرغان كۆزلەرنى كۆرۈپ نومۇسقا ئۆلگۈدەك بولدۇم.

ـــ خەقنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكى تولا سىلەرگە ئويۇن بولۇپ بەرمىسۇن،ـــ مۇئەللىم شۇنداق دەپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.

مەن تامغا قاراپ تۇرۇپ سۈتنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئىچىپ تۈگەتتىم- دە، قۇرۇق سوسكىنى ئانامغا سۇنۇپ بېرىپ:

ـــ ئانا، ئەمدى مەكتەپكە كەلمىسەڭ بوپتىكەن،ـــ دېدىم.

تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئەزەلدىن قىنىغا پاتماي شوخلۇق قىلىدىغان ۋۇ يۈنيۈ بىلەن دىڭ جىنگوۋ تولىمۇ ياۋاشلىق بىلەن ئۇزۇن ئورۇندۇقتا مەڭدىگىنىچە جىممىدە ئولتۇراتتى. فاڭ شۇزەي دېگەن پومزەك ئىشتانبېغىنى سۇغۇرۇپ ئالدى- دە، پارتىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئىشتانبېغىنى سىنىپنىڭ تۇرۇسىدىكى لىمغا ئۆتكۈزۈپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشنى دورىدى. ئۇ تۇل خوتۇننىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى دوراپ، ھۈ تارتىپ يىغلاپ تۇرۇپ: «زەھەرخەندە ئېرگوۋ دەيدۇ، مالاينى تۈندە ئۆي ساقلاشقا قويىدۇ، ئىچىمگە قۇرت كىرىۋالدى دەپ ئەنسىرەپ، ئېسىلىپ ئۆلۈپ بۇ جاندىن بىراقلا قۇتۇلاي دەيدۇ . . . »

ئۇ شۇ تەرزدە يىغلىدى- زارلىدى، ھۈپپىدە سەمرىگەن، تازا كۆپۈپ پىشقان مومىنىلا ئەسلىتىدىغان يۈزىگە ياش تامچىلاپ، بۇرۇنىدىن ئاققان پوتلىسى ئاغزىغىچە ساقىپ چۈشتى.

«بولدى، بۇنداق جاندىن تويدۇم»، ئۇ شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، بېشىنى ئىشتانبېغىدىن ياسالغان سىرتماققا كىرگۈزدى، ئاندىن قولىنى قويۇۋېتىپ بەدىنىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ: «بولدى، بۇ جاندىن تويدۇم» دەپ توۋلىدى. ئۇ ھەر قېتىم سەكرىگەندە: «بۇنداق جاندىن تويدۇم» دەپ توۋلايتتى. سىنىپتا قىقاس- چوقان كۆتۈرۈلدى. بايىقى ئاچچىقى تېخىچە يانمىغان ۋۇ يۈنيۈ ئىككى قولى بىلەن پارتىنى بېسىپ تۇرۇپ پۇتىنى ئاتقا ئوخشاش بىر كۆتۈرۈۋېدى، پارتا لىككىدە موللاق ئاتتى. فاڭ شۇزەينىڭ سېمىز گەۋدىسى تۇيۇقسىزلا بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى. ئۇ قاتتىق چىرقىرىغىنىچە ئىككى قولى بىلەن بوينىدىكى سىرتماققا ئېسىلدى، دىقماق پۇتلىرى توختىماي تېپىچەكلەشكە باشلىدى، تېپىچەكلەشلىرى بارغانسېرى ئاستىلاپ چىرايى كۆكەردى، ئاغزىدىن كۆپۈك ياندى، جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان ئادەمدەك سەت خارقىرىدى.

ـــ ئادەم ئۆلدى!ـــ سىنىپتىكى يېشى كىچىكرەك بالىلار مەيدانغا يۈگۈرۈپ چىقىپ يەرنى تېپىچەكلەپ تۇرۇپ: «ئادەم ئۆلدى! فاڭ شۇزەي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى!» دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. فاڭ شۇزەينىڭ قوللىرى بوشاپ پەسكە ساڭگىلىدى؛ بايىدىن بېرى توختىماي تېپىچەكلەۋاتقان پۇتلىرى جىمىپ، توپتەك سېمىز گەۋدىسى ئۇزۇراپ قالغاندەك بولۇپ كۆرۈندى. مەيداندا بالىلار نىشانسىز يۈگۈرۈپ يۈرمەكتە ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدىن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى جى چيوڭجى بىلەن بىز ئىسىمىنى بىلمەيدىغان بىر نەچچە ئەر ئوقۇتقۇچى پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ چىقتى.

ـــ كىم ئۆلدى؟ كىم ئۆلدى؟ـــ ئۇلار شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە سىنىپقا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. مەكتەپ مەيدانىدىكى تازىلىۋېتىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن ئەخلەتلەر ئۇلارنىڭ پۇتىغا يۆگىشىۋالاتتى. جىددىيلىشىپ ئەس- ھۇشىنى يوقاتقان بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا پاتپاراق بولۇپ يۈگۈرۈپ يۈرۈشەتتى، ئۇلار پۇتلاشقانسېرى  ئوقۇتقۇچىلار قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەيتتى. جى چيوڭجى تېكىدەك سەكرەپ- تاقلىغىنىچە نەچچە سېكونتتىلا يۈگۈرگەن پېتى سىنىپقا كىرىپ كەلدى. ئاپتاپ پارلاپ تۇرغان مەيداندىن قاپقاراڭغۇ سىنىپقا كىرگەچكىمۇ چىرايىغا ئىسەنكىرىگەندەك بىر ئىپادە تېپىپ چىققانىدى.

ـــ كىم ئۆلدى؟ـــ ۋارقىرى ئۇ.

فاڭ شۇزەينىڭ گېلىغا پىچاق ئۇرۇلغان چوشقىنىڭ ئۆلۈكىنى ئەسلىتىدىغان گەۋدىسى ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەي يەرگە دومىلاپ چۈشكەنىدى، قارا رەختتىن ئېشىلگەن ھېلىقى ئىشتانباغمۇ ئۈزۈلۈپ كەتكەنىدى.

جى چيوڭجى فاڭ شۇزەينىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى- دە، بىلىكىدىن تارتىپ ئوڭدا ياتقۇزدى؛ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، لەۋلىرى پۈرۈشتى، بۇرۇنلىرىنى چىڭڭىدە ئېتىۋالدى. فاڭ شۇزەينىڭ تىنىقى بەك سېسىق ئىدى. ئۇ قولى بىلەن فاڭ شۇزەينىڭ بۇرۇنىنى ئىتىۋېلىپ باقتى، ئۈستۈنكى كالپۇكىنى ئۇۋۇلاپ باقتى، شۇئان چېھرىگە ياۋۇزلارچە بىر خىل چىراي ئىپادىسى تېپىپ چىقتى. فاڭ شۇزەي قولىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمنىڭ قولىنى تارتىپ قويدى. مۇئەللىمنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە فاڭ شۇ زەينى ۋالاققىدە بىرنى تېپىپ: «تۇرە ئورنۇڭدىن!» دېدى.

ـــ پارتىنى كىم ئۆرىدى؟!ـــ دېدى مۇئەللىم مۇنبەردە تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرۇپ.

ـــ مەن كۆرمىدىم.

ـــ مەنمۇ كۆرمىدىم.

ـــ مەنمۇ كۆرمىدىم.

ـــ ئەمىسە كىم كۆردى؟ پارتىنى قايسى قاپاق نوچى ئۆرۈۋەتتى؟

ھەممەيلەن بېشىمىزنى ساڭگىلىتىپ جىممىدە ئولتۇراتتۇق. فاڭ شۇزەي مىشىلداپ يىغلايتتى.

ـــ ئاۋازىڭنى ئۆچۈر!ـــ دېدى مۇئەللىم پارتىنى مۇشتلاپ،ـــ بەك ئۆلگۈڭ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىشى ئاسان. مەن ھېلى ساڭا قانداق ئۆلۈشنى ئوبدان ئۆگىتىپ قويىمەن. قىزىق ئىش، پارتىنى كىم ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى ھېچكىم كۆرمەي قالامدا؟ شاڭگۈەن جىنتوڭ، سەن خېلى سەمىمىي بالا. دەپ باقە، پارتىنى كىم ئۆرۈۋەتتى؟

مەن بېشىمنى سېلىپ تۇرۇۋالدىم.

ـــ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارا!ـــ دېدى ئۇ،ـــ قورقۇۋاتقىنىڭنى بىلدىم. مەن بار، قورقماي دەۋەرگىن.

مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ سۈلكەتلىك، ئىنقىلابىي چىرايىغا قارىدىم، شۇئان خىيال ئالىمىمدە چىش پاستىسىنىڭ مېزىلىك ھىدى مەۋج ئۇرۇپ، گويا كۈز شامىلى ئەسكىپ ئۆتكەندەك بىر تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم.

ـــ مەن سېنىڭ خېلى غەيرەتلىك بالا ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن، يامان ئادەملەرنى، يامان ئىشلارنى پاش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ـــ جۇڭگو ئۆسمۈرلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتتۇر،ـــ دېدى ئۇ ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن.

كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا سول تەرىپىمگە قاراپ، ۋۇ يۈنيۈنىڭ تەھدىت نەزەرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم- دە، شۇئان بېشىمنى يەنە سېلىپ ئولتۇرۇۋالدىم.

ـــ ۋۇ يۈنيۈ، تۇرە ئورنۇڭدىن!ـــ دېدى مۇئەللىم ۋەزمىن ئاھاڭدا.

ـــ مەن قىلمىدىم!ـــ توۋلىۋەتتى ۋۇ يۈنيۈ.

ـــ نېمىگە ئالدىرايسەن؟ نېمىگە توۋلايسەن؟ـــ دېدى مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ قويۇپ.

ـــ ئىشقىلىپ مەن قىلمىدىم . . .ـــ گۇدۇڭشىدى ۋۇ يۈنيۈ تىرنىقى بىلەن پارتىنى تاتىلاپ تۇرۇپ.

ـــ ۋۇ يۈنيۈ، ئەركەك دېگەن ئىشنىمۇ ئەركەكتەك قىلىدۇ!ـــ دېدى مۇئەللىم.

ۋۇ يۈنيۈ پارتىنى تاتىلاشنى توختىتىپ بېشىنى ئاستا كۆتۈردى، چىرايىغا ئاستا- ئاستا ياۋۇزلارچە بىر خىل ئىپادە تېپىپ چىقتى، ئاندىن كىتابلىرىنى يەرگە تاشلاپ تاش تاختا بىلەن تاش قەلەمنى تەللىسىگە يۆگەپ قولتۇقىغا قىستى- دە، مەنسىتمەسلىك تەلەپپۇزىدا دېدى:

ـــ پارتىنى مەن ئۆرۈۋەتتىم. قانداق، گەپ بارمۇ؟ بۇنداق سولامچىنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇمىدىم بولدى. ئەسلىدىنلا ئوقۇغۇم يوقتى، ئۆزۈڭلار مېنى ئوقۇيسەن دەپ ئەكەپ قويدۇڭلار،ـــ ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلارچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ بويى بەكلا ئېگىز، بەستلىك ئىدى، تۇرۇقىدىن بەئەينى قوپال، تەلۋە بىر ئەرنىڭ سىماسى ئاشكارا بولۇپ تۇراتتى. جى چيوڭجى ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توستى.

ـــ يولۇمنى توسما!ـــ دېدى ئۇ،ـــ ئاكاڭ قارىغاينى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ؟

جى چيوڭجى تاتلىققىنا بىرنى كۈلۈپ قويۇپ دېدى:

ـــ نېمە كۆرۈپ قالغانلىقىمنى سەن كىسپۇرۇچقا ھازىر بىلدۈرۈپ قويىمەن،ـــ ئۇ قالتىس چاققانلىق بىلەن ۋۇ يۈنيۈنىڭ تىزىغا كەلتۈرۈپ ۋاققىدە بىرنى تەپتى،ـــ ئەسكىلىك قىلغاننىڭ جاجىسى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.

ۋۇ يۈنيۈ «ۋايجان» دېگىنىچە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى ۋە قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان تاش تاختىنى چى جيوڭجىغا قارىتىپ ئاتتى. تاش تاختا جى چيوڭجىنىڭ مەيدىسىگە گۈپپىدە تەگدى. ئۇ كۆكسىنى تۇتۇپ ئاچچىق ئىڭرىۋەتتى. ۋۇ يۈنيۈ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرەڭلىك بىلەن دېدى:

ـــ سەن مېنى قورقۇتالايمەن دەپ قالدىڭما؟ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۈچ ئەۋلاد ياللانما دېھقان، چوڭ ئاپام، ھاممام، موماملارنىڭ ھەممىسى نامرات دېھقانلار. مېنى ئانام تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان يېرىدە يول ئۈستىدىلا تۇغۇپ قويۇپتىكەن!

جى چيوڭجى كۆكسىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ دېدى:

ـــ قولۇمنى سەندەك بىر چۈپرەندە بىلەن بۇلغىغىم يوق ئىدى،ـــ ئۇ قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ بارماقلىرىدىن قاس چىقاردى،ـــ تولا ئالدىمدا ئۈچ ئەۋلاد ياللانما دېھقان ئىكەنلىكىڭنى پەش قىلما. ھېلىغۇ ئۈچ ئەۋلاد ياللانما دېھقانكەنسەن، ئوتتۇز ئەۋلاد ياللانما دېھقان بولساڭمۇ ئەدىپىڭنى بەرگۈچىلىكىم بار!ـــ جى چيوڭجى شۇنداق دېگىنىچە چاقماق تېزلىكىدە ۋۇ يۈنيۈنىڭ ئىڭىكىگە بىر مۇشت قويدى.

ۋۇ يۈنيۈ سەت بىرنى چىرقىرىۋەتتى، گەۋدىسىمۇ ئىختىيارسىز سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئاڭغىچە ئىككىنچى مۇشت بىقىنىغىلا تەگدى. مۇئەللىم كەينىدىن ئۇلاپلا ۋۇ يۈنيۈنىڭ ھۇشۇقىغا كەلتۈرۈپ نەچچىنى تېپىۋەتتى. ۋۇ يۈنيۈ يەردە زوپپىدە ئولتۇرۇپ قالدى ۋە كىچىك بالىدەك يىغلاشقا باشلىدى. جى چيوڭجى ئۇنى بوينىغا گىرە سېلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، بەدبەشرە چىرايىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئاندىن ئۇنى ئۆزىگە قارىتىپ قورسىقىغا تىزلاپ بىر ئىتتىرىۋېدى، ۋۇ يۈنيۈ بىر دۆۋە خىشنىڭ ئۈستىگە ئوڭدىسىغا چۈشتى.

ـــ مەن شۇنى جاكارلايمەنكى،ـــ دېدى جى چيوڭجى،ـــ سەن مەكتەپتىن قوغلاندىڭ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11908

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: