پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەنەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن 2- باب

تولغان بەدەن

ئاپتورى: مويەن

(1012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان مۇھەممەت

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل نەشردىن چىقىدۇ. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (باش قىسىمى) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (ئاياغ قىسىمى) جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ. رومان ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ. بلوگىمىزدا روماننىڭ بېشىدىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

 

ئىككىنچى باپ

 

       شاڭگۇەن لۈيىشى شازىدىكى توپىنى بورا بىلەن پاخال سېلىنغان كاڭغا تۆكتى، غەمكىنلىك نەزەرى بىلەن كاڭنىڭ يېنىغا يۆلىنىپ پەس ئاۋاز بىلەن ئىڭراۋاتقان كېلىنى شاڭگۇەن لۇشىغا لاپپىدە قاراپ قويدى. ئۇ قوللىرى بىلەن توپىنى تەكشى يېيىتتى ۋە پەس ئاۋاز بىلەن كېلىنىگە:

–    كاڭغا چىقىڭ،- دېدى.

ئۇ ئىللىق نەزەرى بىلەن قاراپ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن شاڭگۇەن لۇشىنىڭ پۈتۈن ئەزايى- بەدەنلىرى شامال سوققان قورايدەك تىتىرەپ كەتتى. ئۇ قېيىنئانىسىنىڭ مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان چىرايىغا بىچارىلەرچە قاراپ تۇردى، ئۇنىڭ تاتارغان لەۋلىرى تىتىرەيتتى، ئۇ بىر نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

-ھەي، يەنە ئەتتىگەندە مىلتىق ئېتىلدى، چوڭ سىماغا يەنە جىن چاپلاشقان ئوخشايدۇ!- دەپ    خىتاپ قىلدى شاڭگۇەن لۇيىشى.

–    ئانا…- دېدى شاڭگۇەن لۈيشى.

شاڭگۇەن لۈيىشى قوللىردىكى توپا-چاڭلارنى قېقىپ بوش ئاۋاز بىلەن غۇدۇرىدى:

  -ھەي، سىززە، جېنىم كىلىنىم، گەپ تالىشىپلا يۇرۇيسىز- ھە! يەنە قىز تۇغسىڭىز، مېنىڭمۇ سىزنى قوغدايدىغان يۈزۈم قالمايدۇ.

   شاڭگۇەن لۇشىنىڭ كۆز چانىقىدىن ئىككى تارام ياش سىرغىپ چۈشتى. ئۇ چىشىنى چىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېغىر قورسىقىنى كۆتۈرۈپ، كېسەكلىرى ئېچىلىپ قالغان كاڭغا ئۆمىلەپ چىقتى.

-تۇغۇش دېگەن سىزگە تونۇش ھەم ئاسان ئىش، ئۆزۈڭىز ئاستا-ئاستا تۇغۇڭ،-دېدى شاڭگۇەن لۇيىشى تاقەتسىزلىك بىلەن قوشۇمىسنى تۈرۈپ. ئۇ بىر يۆگەم ئاق لاتا بىلەن بىر قايچىنى كاڭغا قويۇپ قويدى،- قېيىن ئاتىڭىز بىلەن لەيدىنىڭ ئاتىسى غەرب تەرەپتىكى ئۆيدە قارا مادىنى تۇغدۇرۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تۇنجى تۇغۇشى، مەن بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي.

    شاڭگۇەن لۇشى بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ ئاسمان قەرىدىن يەنە بىر مىلتىق ئاتقان ئاۋاز كەلگەنلىكىنى ئاڭلدى، بىر قانچە ئىت قورققىنىدىن قاۋىشىپ كەتتى. سى ماتىڭنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى بىرلىرىدە ئۈزۈلۈپ، بىرلىرىدە داۋاملىشاتتى:

-يۇرتداشلار، تېز قېچىڭلار، قېچىشقا كېچىكىپ قالساڭلار جېنىڭلاردىن ئايرىلىسىلەر…

     خۇددى سى ماتىڭنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىغا ماسلاشقاندەك ئۇ قورسىقىدا بىر ئەسنا مۇش، تېپىك پەيدا بولۇۋاتقاندەك سەزدى. ئۇ قاتتىق تولغاقتىن تۇلۇق تاشىدەك دۆگىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەربىر تۈك تۈشۈكچىلىرىدىن تەر قۇيۇلدى. سۇس بېلىق ھىدى تارىلىپ تۇراتتى. ئۇ ۋاقىرىۋەتمەي دەپ چىشىنى چىڭ چىشلىدى. كۆز ياشلىرىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرى خىرەلەشتى، ئۇ چاچلىرى تامامەن قۇندۇزدەك قاپقارا قېيىنئانىسنىڭ دالان ئۆيدىكى بۇد تەكچىسىنىڭ ئالدىدا يۈكۇنۇپ ئولتۇرغانلىقىنى، بۇدساتۋانىڭ ئىسرىقدىنىغا ئۈچ تال بىنەپشەرەڭ سەندەل ئىسرىق سانجىپ قويغانلىقىنى، ئىسرىقداندىن ئىس ئۆرلەۋاتقانلىقىنى، ئىسرىق ھىدى پۈتۈن ئۆينى بىر ئالغانلىقىنى كۆردى.

بۇدساتۋا، مېنى پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، ماڭا بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلغايسەن… شاڭگۇەن لۇشى قوللىرى بىلەن بورتۇپ چىققان، مۇزدەك سوغوق قورسىقىنى سىلىدى، بۇت تەكچىسىدە ئولتۇرغان تۇرىدىغان ئاق چاقچۇقتىن ياسالغان بۇدساتۋانىڭ سىرلىقلىق چىقىپ تۇرىدىغان نۇرلۇق چىرايىغا قاراپ، سۈكۈت ئىلكىدە تىلاۋەت قىلدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە بىر قېتىم كۆز چاناقلىرىدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىشتىنىنى سېلىۋەتتى، جىلىتكىسىنى ئىمكان قەدەر ئۈستۈن قىلىپ، قورسىقى بىلەن كۆكسىنى ئوچۇق قويماقچى بولدى. ئۇ قولى بىلەن كاڭنى تىرەپ بەدىنىنى قېيىنئانىسى سۈپۈرۈپ ئەكىرگەن توپىغا رۇسلاپ قويماقچى بولدى. ئۇ زەھەردەك تولغاق تۇتىۋاتقان چاغدا قالايمىقانلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنى بارماقلىرى بىلەن تارىدى، بېلىنى يىغىۋېتلىگەن بورا بىلەن بۇغداي ئۆنچىسىگە قويدى.

   دېرىزىگە ساپلا سىماب داغلىرى بولۇپ كەتكەن بىر كونا ئەينەك ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ سىڭا تەرىپى، تەر بىلەن ھۆل بولۇپ كەتكەن چېكە چېچى، قىسىق، گۈنىسىز كۆزى، قاڭشارلىق ئاق بۇرۇنى، توختاۋسىز تىتىرەپ تۇردىغان، قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرى، كالاچتەك ئېغىزى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. نەمخۇش ئاپتاپ دېرىزىدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا يانتۇ چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئەگرى- بۈگرى كۆك تۇمۇرلار بىلەن ئىگىز-پەس ئاق سىزىقلار شۇنچىلىك دەھشەت ھەم قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورسىقىغا دىققەت نەزەرى بىلەن قارىدى، كۆڭلىدە قاراڭغۇ ۋە يۇرۇق بىر تۇيغۇ ئارىلشىپ كەتتى، گويا ياز پەسلىدە گاۋمىينىڭ شەرقى شىمال يېزىسىدا نە قارا بولۇت يۇپۇرۇلۇپ كەلگەندەك، نە سۈزۈك زەڭگەر ئاسمان كۆرۈلگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ چوڭ، قاتتىق قورسىقىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بىر قېتىم ئۆزۈنىڭ مۇزدەك تۆمۈرگە قورساق كۆتۈرگەنلىكىنى، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن بەدىنىنى ئالا- چىپار قاپلاپ كەتكەن چار پاقىغا ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ زورىغا بولسىمۇ ھەر ھالدا تۆمۈرنىڭ ئوبرازىغا چىدىدى، ئەمما چار پاقىنىڭ ئوبرازى ئۇنىڭ خىيالىغا كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى-بەدەنلىرى سىقىرىشىپ كېتەتتى. بۇدساتۋا ئۆز پاناھىڭداساقلىغايسەن… ئابا-ئەجدادلىرىم ئۆز پاناھىڭلاردا ساقلىغايسىلەر، مېنى كەچۈرگەيسىلەر، ماڭا پۈتۈن بەدەننى تۈك قاپلىغان، پۈتۈن بەدەنىدە قاتنى بار بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغايسىلەر… سۆيۈملۈك، ئۇماق ئوغلۇم تېز چىق… ئاسمان-زېمىننىڭ مۇئەككىلى تەڭرىم، ئەۋلىيا-ئەنبىيالار، تۈلكە جىنلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار، ھەمدەم بولۇڭلار… مەن سىلەرگە شۇنداق تىۋىنىمەن، سىلەردىن يالۋۇرۇپ، يېلىنىپ ئۆتۈنىمەن، شۇ ئەسنادا يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئۆرتەپ تاشلىغۇدەك قاتتىق تولغاق تۇتتى. ئۇ قوللىرى بىلەن ئارقا تەرەپتىكى بورىنى تۇتتى، بەدەنلىرىدىكى ھەر بىر پارچە مۇسكول تىتىرەپ، تارتىشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى چۆچەكتەك چەكچەيدى، كۆز ئالدى قىزىلىققا تولدى، شۇ قىزىللىق ئىچىدە بەزى ئاق نور تېز سۈرئەت بىلەن يۆگىلىپ، تارىياتتى، خۇددى كۈمۈش يىپ ئوچاقتا كۆيۈپ ئىرىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاخىرى چىداپ بولالماي ۋارقىرىۋەتتى، ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى دېرىزىدىن چىقىپ، نە كۆتۈرۈلۈپ نە پەسلەپ دېگەندەك يىراق كوچا-كويلارغا ئاڭلىنىپ، سى ماتىڭنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى، ئۇ ئاۋازلار خۇددى بىر ئارقاندەك، بىر يىلاندەك گوروي، دۈمچەك، سالپاڭ باش، قۇلىقىنىڭ تۆشۈكىدە ئىككى تال ئاق تۈك بار شىۋىتسىيلىك پوپ مالويانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.

سائەت بىناسىغا بارىدىغان چىرىپ كەتكەن ياغاچ پەلەمپەيدە مالويا ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئېزىپ قالغان قوزىدەك مەڭگۈ ياش ئېرىمايدىغان، ئەبەدىي ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاسايىشلىق زەڭگەر كۆزلىرىدىن ھەيرەت نۇرلىرى بىلەن شادلىق نۇرلىرى چاقناۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قىزىپ كەتكەن يىرىك بارماقلىرى بىلەن مەيدىسىگە كىرسىت سىزدى، پۈتۈنلەي گاۋمىينىڭ شەرقى شىمال يېزىسىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئايلىنىپ كەتكەن يەرلىك تەلەپپۇز بىلەن گەپ قىلدى:

-ئاھ، تەڭرىم…

ئۇ ئۆرلەۋېرىپ، ئاخىرى ئۈستىگە چىقىپ، چىركاۋنىڭ ئىچىدىكى داتلىشىپ كەتكەن مىس قوڭغۇراقنى چالدى.

سوغۇق ئاۋاز تۇمان قاپلاپ كەتكەن قىزىل تاڭ قوينىغا تارالدى. تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازىغا، ياپۇن ئالۋاستىلىرى كەنتىگە كىرەي دەپ قالدى دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئاۋازغا ئەگىشىپ، دەھشەتلىك داس سۇيى شاڭگۇەن لۇشىنىڭ چاترىقى ئارىسىدىن ئېقىپ چىقتى. ئۇ سۈتلۈك ئۆچكىسىنىڭ تېكە پۇرىقىنى پۇرىغاندەك، يەنە بىرلىرىدە كۈچلۈك، سۇس تارىلىۋاتقان تۇخىمەك دەرىخى گۈلىنىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرىغاندەك بولدى. ئۆتكەن يىلى مالويا بىلەن تۇخمەكلىك ئارسىدا خۇشال مۇھەببەتلەشكەن مەنزىرە بىردىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ تەرۇزدە نامايان بولدى. ئەمما شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىزگۈ مەنزىرىلەرگە قايتىش نىسىپ بولمىدى. ئۇنىڭ قېنىئانىسى شاڭگۇەن لۈيىشى قان داغلىرى بولۇپ كەتكەن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۆيگە يۇگۇرگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ قورققىنىچە قارىۋىدى، قېيىنئانىسىنىڭ قان بولۇپ كەتكەن قوللىرىدا يېشىل ئۇچقۇن چاقناۋاتقانلىقىنى كۆردى.

   – تۇغدىڭىزمۇ؟-ئۇ قېيىنئانىسىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن شۇنداق دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلدى. قېيىنئانىسىنىڭ بېشى ئاپتاپتا شانلىق قىياپەتتە تىتىرەۋاتاتتى. ئۇ قېيىنئانىسىنىڭ چاچلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۈچتەك ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى ھەيرانلىق بىلەن سەزدى،-مەن تېخى تۇغدىمىكىن دەپتىمەن؟

قېيىنئانا ئۆزىنىڭ قولىنى قورسىقىغا سوزىدى. ئۇ قوللارنىڭ بېغىشلىرى چوڭ، قوپال، تىرناقلىرى قاتتىق ئىدى، ھەتتا قولىنىڭ دۈمبىسىنىڭ تېرىلىرىمۇ تاشتەك قاتتىق ئىدى. ئۇ قورققاندەك بولۇپ، تۆمۈر سوققان بۇ ئايالنىڭ ساپلا ئېشەكنىڭ قېنى چاپلىشىپ كەتكەن قوللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغۇدەك قۇدىرىتى يوقىدى. قېيىنئانىسىنىڭ قولى زىنھار تۈزۈت قىلماي ئۇنىڭ قورسىقىنى باستى. ئۇ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك سەزدى، سوغ توپىغۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى-بەدەنلىرىگە تارالدى. ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئارقا –ئارقىدىن ۋارقىرىۋەتتى. ئۇ تولغاق ئازابىدىن ئەمەس، قورقۇپ كەتكەچكە ۋارقىرىۋەتتى. قېيىنئانىسى قوللىرى بىلەن قوپال سىلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ كىندىكىنى باستى، ئاخىرى تاۋۇزنىڭ پىشقان- پىشمىغانلىقىنى سىناپ بېقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ قورسىقىنى پاق-پاق قىلىپ بىر قانچىنى ئۇرۇپ قويدى. قېيىنئانىسى خۇددى خام تاۋۇز سېتىۋالغاندەك بىزار ۋە پەرىشان بولدى.قېيىنئانىسى ئاخىرى قوللىرىنى ئۇنىڭ قورسىقىدىن ئېلىپ يىراق بولدى، ئاپتاپتا سالپىيىپ تۇردى، كۆڭلى غەش بولۇپ، روھىي چۈشكۈنلەشتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە قېيىنئانىسى يېنىك لەپىلدەۋاتقان چوڭ كۆلەڭگۈ ئىدى، پەقەت ئاشۇ بىر جۈپ قوللا ھەقىقى، راست، ھەيۋەتلىك ئىدى، خالىغىنىنى قىلالايتتى، ئۇ ئىختىيارى ئىش قىلالايتتى. ئۇ قېيىنئانىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى، چوڭقۇر كۆلچەكتە لاي ھىدى بىلەن تاشپاقا چىقارغان بۇژغۇن ئاۋازىغا قوشۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى:

   -…قۇغۇن پىشسا پېلىكىدىن ئۆزى ئۈزۈلىدۇ…ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى توسىمەن دەپمۇ توسۋالغىلى بولمايدۇ… چىداڭ، بەرداشلىق بېرىڭ، پەرۋاسىزلىق قىلماڭ…خەقنىڭ مەسخىرە قىلىشدىن قورقماڭ، ئەجەبا ئەتىۋارلىق يەتتە قىزىڭىزنىڭ كۈلكە قىلىشىدىن قورقمامسىز…

ئۇ ئىككى قول ئارسىدىكى بىر قولنى كۆردى. يەنە بىر قېتىم ماغدۇرسىزلىق بىلەن ئۆزىنى تاشلىدى، بىزار بولغىنىچە تومپىيىپ چىققان قورسىقىغا ئۇردى. خۇددى نەم قوي تېرىسىدىن قىلىنغان دۇمباقنى ئۇرغاندا چىققان ئاۋازدەك ئېغىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

-بۈگۈنكى كۈننىڭ ئاياللىرى بارغانسىرى نازۇكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ دادىسىنى تۇغىدىغان چاغدا ئۇنى تۇغقاچ پەتەك تىككەنىدىم…

ئۇ قول ئاخىرى قورساققا ئۇرۇشتىن توختىدى، ئۇ قولىنى تارتىپ قاراڭغۇلۇققا يۇشۇردى. تەمتىرىگەن قوللار خۇددى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ پۇتىغىلا ئوخشايتتى. قېيىنئانىسىنىڭ ئاۋازى قاراڭغۇلۇقتا ئاڭلىناتتى، تۇخىمەك گۈلىنىڭ خۇشپۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.

-قاراڭ قورسىقىڭىزغا، ئادەم ھەيران قالغۇدەك يوغىناپ كېتىپتۇ، سىزىقلارمۇ ئۆزگىچە، ئوغۇل بالىدەك قىلىدۇ، بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز، مېنىڭ بەختىم، شاڭگۇەن ئائىلىسىنىڭ بەختى، بۇدساتۋانىڭ روھى ئايان بوپتۇ. تەڭرىم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ئوغلىڭىز بولمىسا ئۆمۈر بويى قۇل بولۇپ كېتىسىز، ئوغلىڭىز بولسا شۇ زامان خۇجايىن بولىسىز. دېگەنلىرىمگە ئىشىنەمسىز-ئىشەنمەمسىز؟ ئىشىنەمسىز- ئىشەنمەمسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىشەنمەيسىز…

-ئانا، ئىشىنىمەن، مەن ئىشىنىمەن!

شاڭگۇەن لۇشى تەقۋادارلىق بىلەن شۇنداق دېدى، ئۇ ئۇدۇل تامدىكى خىرە، قوڭۇررەڭ داغنى كۆرۈپ، يۈرىكى قاتتىق ئېچىشىپ كەتتى. ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى يەتتىنچى قىزى شاڭگۇەن چيۇدىنى تۇغقاندىن كېيىن ئېرى شاڭگۇەن شوۋشىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپ، كالتەك بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۇرۇپ يېرىۋەتكەندە تامغا چاچراپ قېپقالغان داغلار ئىدى. قېيىنئانا بىر سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى. قېيىنئانىسنىڭ ئاۋازى قاراڭغۇ كېچىدە جۇلالىنىۋاتقان يالقۇن گۈزەل نۇر چېچىۋاتقاندەك قىلاتتى:

-سىز ماڭا ئەگىشىپ  «قورسىقىمدىكى بالا ئەتىۋارلىق ئوغۇل» دەڭ، تېز دەڭ!

 سېۋەتتە پوستى بار، يەر ياڭىقى بار ئىدى. قېيىنئانىسىنىڭ چىرايىدىن مېھرىبانلىق، ئاۋازىدىن سۈرلۈكلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ھەم تەڭرى ھەم ئانا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شاڭگۇەن لۇشى قاتتىق ھاياجانلاندى-دە، يىغلاپ تۇرۇپ:

 -مەن ئەتىۋارلىق بالىغا ھامىلدار بولدۇم، مەن ئىسلزادىگە قورساق كۆتۈردۇم… ئوغلۇم…-دېدى.

قېيىنئانىسى ئۇنىڭ قولىغا بىر قانچە تال يەر ياڭىقى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ  ئۆگەتتى:

   -«يەر ياڭىقى، يەر ياڭىقى، يەرنىڭ ياڭىقى، تۇغسا ئوغۇل-قىز پەرزەنت، ئۆينىڭ تەڭلىكى».

شاڭگۇەن لۈيىشى بېشىنى سوزۇپ، كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزغىنىچە:

-بۇدساتۋانىڭ روھى ئايان بولدى، تەڭرىم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن. شاڭگۇەن ئائلىسىگە قوش خۇشاللىق بولغاي! لەي دىنىڭ ئانىسى، يەر ياڭىقىنى ئاقلىغاچ ۋاقىتنى كۈتۈپ تۇرۇڭ، ئائلىمىزنىڭ قارا مادىسى قېچىر تۇغماقچى، ئۇنىڭ تۇنجى تۇغۇشى. مەن سىزنىڭ ھالىڭزدىن خەۋەر ئالالمايدىغان بولدۇم.

     -ئانا، تېز بارسىلا، تەڭرىم ئائىلىمىزنىڭ قارا مادىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن…-دېدى شاڭگۇەن لۇشى ھاياجانلانغىنىچە.

شاڭگۇەن لۇيىشى ئۇھسىنىغىنىچە بېشىنى چايقاپ چىقىپ كەتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11451

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-02-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 4دانە
  1. بلوگىڭىزدائىم كىرىپ تۇرساممۇ ، ئىنكاس يېزىشقا كاچلىغىمدىنمىكىن ،نادىر يازمىلىرىڭىزنى ئوقىۋېلىپلا قايتىپتىمەن ،ھارمىغايسىز قېرىندېشىم ،بلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويدۇم ،ئەگەر سىزنىڭ ئۇلىنىش قوشۇش شەرتىڭىزگە توشقۇدەك بولسا مېنىڭ بلوگىمنىمۇ ئۇلىنىشقا قېتىپ قوياسىز http://bilnur.com

  2. رەھمەت، تەلەپ- پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماسسىز. مەنمۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ياقتۇردۇم. ھەم ئۇلىنىش قىلىۋالدىم .

  3. ماقۇل ، ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىگەي .

  4. ياپاناھ ما گەپنى دىسە ،، قېچى تۇغۇدۇ خوش سىز تۇغىۋېرىڭ ، بەلكىم راسرۇ ، مەن ئىشىنىمەن ، بۇلار شۇندا راس مىنى قېتىۋالسىڭىز ، مەن مەن ئۈچۈنجى شەخىس دەپ ھىكايە يازغان ، ماڭا يول كۆرسەتسىڭىز ، ماڭا يول كۆرسەتكىدەك ئادەم تاپاممىدىم چچ 1666310331

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: