پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1905- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: ھېنىرىك سىنكىۋىچ

1905- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

مۇكاپاتقا ئېرسىشكەن ئەسىرى: مەنزىلىڭ قايان            Zuo Vadis

ئاپتورى: ھېنىرىك سىنكىۋىچ 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئەسەر ئۈچۈن قىسقىچە ئەسلەتمە: سىنكىۋىچنىڭ «مەنزىلىڭ قايان» ناملىق تارىخىي رومانىدا نىرۇنىڭ ئوبرازى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن : گۇمانخورلۇقتا ئۇچىغا چىققان بۇ رەھىمسىز ھۆكۈمراننىڭ بىر جۈپ قولى خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان . رەسىمدە رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان نىرو روھىي جەھەتتىن گۇمران بولۇپ ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتكەن .

 

مۇكاپاتلاش كومېتىتېكىلەرنىڭ باھاسى

ئۇنىڭ تارىخىي رومان يېزىقچىلىقى جەھەتتىكى قالتىس نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى .

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

ھېنىرىك سىنكىۋىچ (Henryk Sienkiewicz , 1846 – 1916) پولشا پايتەختى ۋارشاۋاغا يېقىن كېلىدىغان فۇرا ئوكراي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ۋارشاۋا ئالىي مەكتىپىنىڭ مىدېتسىنا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ، لېكىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئالمىشىۋالغان . 1871 – يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋارشاۋا ئالىي مەكتىپىنى ۋارشاۋا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتكەندە ، ئۇ ئاچچىقىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشمايلا مەكتەپتىن ئايرىلىپ ، قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن .

ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئەدەبىي پائالىيىتىنى باشلىغان . «كۆمۈر قەلەمدە سىزىلغان تېز سىزما» قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ھېكايە ، پوۋېسىتلىرىدا ئېزىلگەن مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن .

18836 – يىلى ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تارىىخي ھېكايە يېزىشقا يۈزلەنگەن . 1 – دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ، شىۋېتسارىيىگە كۆچمەن بولۇپ ، «پولشا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى قۇتقۇزۇش كومېتىتى» نى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان . 1916 – يىلى 15 – نويابېر كېسەل سەۋەبىدىن شىۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان . سەككىز يىلدىن كېيىن ، پولشا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مېيىت ساندۇقىنى ۋارشاۋاغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ ، دۆلەت بويىچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن .

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنلەر :

تولىستوي (رۇسىيە)

 لاگرلوف (شىۋېتسىيە)

كىپلىڭ (ئەنگلىيە

سىنكىۋىچ (پولشا)

 

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

«مەنزىلىڭ قايان» – ۋەقەلىكى ئەگرى- توقاي ، ئوقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك تارىخىي روماندۇر . روماندا رىملىق ئاقسۆڭەك يىگىت ۋېنىكۇس بىلەن لىگىيا دېگەن قىز ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەت ھېكايە قىلىنىش ئارقىلىق زالىم پادىشاھ نىرۇ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .

روماندا ئىككى يىپ ئۇچى ئارقىلىق مىلادى 1 – ئەسىرنىڭ 50 – 60 – يىللىرىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى نامايان قىلىنغان . يەنى پادىشاھ نىرۇ بىلەن ۋەزىر – ۋۇزۇرالار ئارىسىدىكى زىددىيەت بىلەن نىرۇ باشچىلىقىدىكى زالىم رىم ھۆكۈمىتىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا ئىشىنىدىغان قۇللارغا قىلغان ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكى ۋەقەلىك قىلىنىدۇ . روماندا تەسۋىرلەنگەن زالىم پادىشاھ نىرۇنىڭ قولى خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان . بۇلا ئەمەس ، ئاپىسى ، ئايالى ۋە ئۇنىڭغا ساۋاق بېرىدىغان ئۇستازى سېنىگامۇ ئۇنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئەڭ يېقىن ۋەزىرى فىتىرونىيۇسمۇ ئۇنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ئۇ ئوت كەتكەن مەنزىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە ئوت قويۇشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ . كېيىن ، ئوت قويغانلىق گۇناھىنى خىرىستىيان مۇخلىسلىرىغا دۆڭگەپ قويۇپ ، بۇ بىچارە بىگۇناھ كىشىلەرنى دۇئېلغا سېلىپ قىرغىن قىلىدۇ ياكى ئۇلارنى كرىسىتقا مىخلاپ ئاۋام – خەلق ئالدىدا نامايىش قىلىدۇ ، ھەتتا «ئوت تۈۋرۈكى» گە باغلاپ ، تىرىك پېتى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . ئەڭ ئېچىنىشلىقى ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان لىگىيا دېگەن قىز ماھارەت سىنىشىش مەيدانىدا قۇترىغان ياۋا كالا تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ …

ئاقسۆڭەك يىگىت ۋېنىكۇس بىلەن لىگىيانىڭ سۆيگۈ ماجراسى ۋە خىرستىيان دىنىدا تەرغىپ قىلىنىدىغان ئاقكۆڭۈللۈك ، مېھرى – شەپقەت ، سەۋر – تاقەت ، ئەپۇچانلىق  بىلەن قانلىق كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان . مانا بۇنى روماننىڭ ئىككىنچى يىپ ئۇچى دېيىشكە بولىدۇ . ۋېنىكۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بىر ياش قوماندان . ئۇ دەسلەپتە لىگىيانىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ ، ئۇنى بۇلاپ كېلىپ ئاشنا قىلىۋالماقچى بولىدۇ ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ . بىللە ئاپارغان قولچۇماقلىرىمۇ بىكاردىن بىكار جېنىنى سېلىپ بېرىدۇ ، ئۆزىمۇ لىگىيانىڭ قوغدىغۇچىسى بىلەن بولغان ئېلىشىشتا بىلىكىدىن ئايرىلىپ ، جېنىغا خەۋپ يەتكىلى تاسلا قالىدۇ . لېكىن ، ئاقكۆڭۈل لىگىيا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ ، ئۇنىڭ يارىسى ساقايغۇچە ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ . لىگىيانىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىن تەسىرلەنگەن ۋېنىكۇس ئاخىرى رەزىللىكتىن قول ئۈزۈپ ھەقىقەتكە قايتىپ ، خىرىستىيان دىنىي ئەقىدىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان لىگىيا بىلەن شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمىدۇ .

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1872 – يىل : «بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك» ، رومان ؛

1876 – 1878 يىل : «ئامېرىكا تەسىراتلىرى» ، رومان ؛

1877 – يىل : «كۆمۈر قەلەمدە سىزىلغان تېز سېزما» ، رومان ؛

1879 – يىل : «مۇزىكانت يانىك» ، رومان ؛

1880 – يىل : «پەرىشتە» ، رومان ؛

1886 – يىل : «كەلكۈن» ، رومان ؛

1889 – يىل : «پان ۋولودىۋسكى ئەپەندى» ، رومان ؛

1896 – يىل : «مەنزىلىڭ قايان» ، رومان ؛

1900 – يىل : «ئەھلىسەلپ چەۋەندازى» رومان .

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى

«ئەھلىسەلپ چەۋەندازى» ، سىنكىۋىچ (پولشا) ، مېي رۇيى تەرجىمىسى ، خۇنەن ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى ، 1998 – يىل ؛

«مەنزىلىڭ قايان» ، سىنكىۋىچ (پولشا) ، جاڭ جېنخۇي تەرجىمىسى ، خەلق ئەدەبىيات نەشرىياتى ، 2000 – يىل ؛

«ئۈچىنچى ئايال» ، سىنكىۋىچ (پولشا) ، لىن خوڭلىياڭ تەرجىمىسى ، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 1987 – يىل .

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

«پولشانىڭ تارىخىي ئېپوسلىرى سىنكىۋىچ بولغاچقىلا ھەقىقىي پورەكلەپ ئېچىلالىدى .»

                                                      ئو . ۋېلسون

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11568

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-16
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: