پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (9): ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات

ھارماس تۆھپىكار، تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات

ئايگۈل ئابدۇكېرىم

شان- شەرەپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ. مەيلى قانداق كەسىپ، قانداق ساھەدە بولسۇن، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزدەنگەندىلا ئۇتۇق ۋە شان- شەرەپكە نائىل بولغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ رادىئو- كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەرجىمانى، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئەنە شۇنداق ھارماس ئىزدەنگۈچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرى.

ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1951- يىلى  -4ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958- يىلىدىن -1968يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1970- يىلىدىن 1981-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ 1984-يىلىغىچە «شىىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىدە، كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇنى «24تارىخ» ماتېرىياللىرى تەرجىمە- تەھرىر ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلىدە يەنى  -1981يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئىشتىن سرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1986- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1984- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نارازىتىگە يۆتكىلىپ، 1990- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن «تەڭرىتاغ» كىنو ئستۇدىيەسىگە يۆتكىلىپ، كىنو سىنارىيىسىنى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلىنىڭ بېشىدا ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006- يىلى پېنسىيەگە چىققان. ھازىر تەرجىمە فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1981-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بولۇپ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە تىنماي ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن. ئۇ ئەينى يىللاردا ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل– يېزىق كومىتېدا «ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىدا ئىشلەش جەريانىدا «تارىخىي خاتىرىلەر»، «ئالدىنقى خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، كېيىنكى تەرجىمانلىق ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىدا «ئەدلىيە كەسپى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت 22 پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتىگەقاتناشقان.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1990-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە «بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ»،«لىياۋشېن ئۇرۇشى»،«خۇەيخەي ئۇرۇشى» ،«پىڭجىن ئۇرۇشى»، «كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى«،«مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر»، «جىڭگاڭشەن»، «ئۇرۇشتىن كېيىن»، «قىزىل قۇياش»، «جىياۋلۇ»  «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە»، «سۇ بويىدا»، «غەرىبكە ساياھەت»، «دوك ۋەزىر لىيۇ يوڭ»، «يۇڭجىڭ خاندانلىقى»، «كاڭشى خاندانلىقى»، «تەيپىڭ تىيەنگو»، «چىڭگىزخان، «تاڭ پادىشاھى شۇەن زۇڭ»، «شەھەرىستاندا زاۋال»، «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدە خۇپىيانە زىيارىتى» قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى قىلغان. «ئۇچقۇرئەجدىھا»، «تۇلپار»، «ساماۋى كۆۋرۈك»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ چوڭ ھەجىملىك كلاسسىك تارىخىي فىلىملەرنى تەرجىمە قلىشقا ماھىر، تىلغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان كلاسسىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بىز بۇلاردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

كىنو- تېلېۋزىيە تىياتىرى تىلى-كىنو ۋە تىياتىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. كىنو ۋە تېلېۋزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى- پۈتكۈل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق باشقا يېزىق ۋە ئېغىز تەرجىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرجىمىدۇر.

كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىشلىنىدۇ. فىلىمدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ماس كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش– كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر سەنئەت.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كىنو ۋە تىياتىرلىرىدا قەدىمكى زامان تىللىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زامان تىللىرىغىچە، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ماقال-تەمسىللەر ، دىنىي ئاتالغۇلار، تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش ماھارەت ھېسابلىنىدۇ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ مانا مۇشۇنداق ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئاتاقلىق تەرجىمان.

بىر تەرجىماننىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش جەھەتتە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىكى ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمىسى ياخشى چىققان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە» قاتارلىق تارىخىي، كلاسسىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن. قەدىمكى نام- ئاتالغۇلارنى ئەينى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپپەسىنى ئۆگەنگەن، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تەرجىمە قىلغان. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تېلېۋىزىيە تەرجىمىسىدىن باشقا يەنە «جۇڭگونىڭ ئۇمۇمىي تارىخى» نى تەرجىمە قىلغان. مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» (تۇركىيەنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ ئەسىرى) نىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ قەيەرگە بارسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان. تەلەپچان ئۇستازدىن قابىلىيەت ئگىسى چىقىدۇ، دېگەندەك ئۇنىڭ ئەجرىمۇ بىكارغا كەتمىگەن.ئۇنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشپ چىققان تەرجىمانلار شۇ بۆلۆمىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلانغان.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ قارىشىچە، ئادەتتىكى سۆزلۈك لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن. تەرجىمە ھەر قايسى ساھەدىكى مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا،قورال كىتابلار كۆپ بولۇشى كېرەككەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا تەرجىمىنى تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپ خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولىدىكەن.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30يىلدىن بۇيان، تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرجىمە نەزەرىيەسىگە دائىر ماتىرياللارنى يەكۇنلەپ، تەرجىمە نەزەرىيەسىنى بېيىتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك گېزىت- ژۇرناللاردا تەرجىمە ۋە تىل ھەققىدە يېزىلغان  10نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان. بۇلاردىن «تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا»، «تەرجىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەتئەل تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىشى»، «تارىخىي فىلىملەر تەرجىمىسى» قاتارلىق تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمىئىيىتى ئۆتكۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا  -1 دەرىجلىك مۇكاپاتقا ،«شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا»، «ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟» قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يەنە ھەر قايسى ۋە خاندانلىقلاردا قوللىنىلىدىغان مەنسەپ، ئۇنۋان، مەرتىۋە ناملىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم بۇ ئىلمىي ماقالىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى چاغلىرى چەت ياقا يۇرتلىرىدا چېنىقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرنگەن ئاتاقلىق ھەم ئىجتىھاتلىق تەرجىمانغا ئايلاندۇرغان. مۇۋەپىقىيەت ئىزدەنگۈچىلەرگە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھەر بىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ 2004- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئايال ئەدىب شەرەپ مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرە بورسادا تۇغۇلغان بولغاچقا، ئاتىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن-2003 يىلىدىن باشلاپ ئانات تەخەللۇسىنى قوللانغان. بىر ئايال ئۈچۈن كەسىپتە ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئاسان ئەمەس. ئەمما ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ئاشۇنداق قىلالىدى ۋە بىر ئۆمۈر «تىرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز تىنماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن ھكمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلدى.

بىز ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ماقالە مەنبەسى: «شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە گېزىتى»

«بوزتاغ مۇنبىرى» دىن ئېلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11924

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: