پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

غەيرىي ئىداراكلىق ۋە كامىل ئىنسان پەلسەپىسىنىڭ بايراقدارى ــــ نىتزى

 

غەيرىي ئىداراكلىق ۋە كامىل ئىنسان پەلسەپىسىنىڭ

بايراقدارى ــــ نىتزى

 

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

مۇقەددىمە

19- ئەسىرنىڭ ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئاتاقلىق شەخسلەر ئىچىدە كارل ماركس (1818- 1883)، سىگمۇند فىرىئۇد (1856- 1939) ۋە فىرىدىرىخ نىتزى (1844- 1900) لار ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ماركسنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي سىسېتمىغا بەرگەن تەنقىدى ھەمدە فىرىئۇدنىڭ جىنسىي– پىسىخىك تۇرمۇش ھەققىدىكى ئانالىزى 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىندى. ھالبۇكى، نىتزى ئىدىيەسى ـــ كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق خىرس ـــ ھازىرقى زامان ئېڭىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. بۇ خىل خىرسنى ئۆز دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى. «تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بىر پارچە كىتابتا سۆزلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھەتتا ئاز ئۇچرايدىغان سەرگۈزەشتىلەر داۋامىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ـــ يىپيېڭى تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن يىپيېڭى سەرگۈزەشتىلەر بولسا ئۇ ھالدا ھېچنېمىنى ئۇققىلى بولمايدۇ- دە!»

«مېنىڭ دەۋرىم تېخى يېتىپ كەلمىدى. بەزى كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تونۇلىدۇ.»

يۈز نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز نىتزى بىشارەت بەرگەن بىز بىلەن ھەقىقەت، ئىلىم- پەن ھەمدە ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرىنى ئاستا- ئاستا ھېس قىلماقتىمىز.

 

دەسلەپكى چاغلار

1844- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ساكسون ئوبلاستىنىڭ رۆكىن دېگەن يېرىدىكى لۇتېر دىنىي مەزھىپىنىڭ بىر باستېرى خۇشاللىق ئىلىكىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغلى فىرىدىرىخ ۋىلھىلىم نىتزىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئائىلە پولشا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئەجدادلىرىدىن نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر دىنىي ۋەزىپىلەردە بولغانىدى.

«ئەمىسە جەمەتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىش ئۈمىدىمىز كىچىككىنە فىرىدىرىخنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى.»

«ئەمەلىيەت بۇنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»

نىتزى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن چېغىدا دادىسى يىقىلىپ كېتىپ مېڭىسى يارىلانغانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇلار ئائىلىسى بويىچە ناۋمبۇرگقا كۆچۈپ كېتىدۇ. نىتزى ئىچ مىجەز بالا بولۇپ، شېئىر ۋە مۇزىكىنى ياخشى كۆرەتتى. مەكتەپتە ھەممەيلەن ئۇنى «كىچىك باستېر» دەپ ئاتىشاتتى. ئۇ ئاپىسى، سىڭلىسى، مومىسى ۋە ئىككى ھاممىسى بىلەن بىللە تۇراتتى. بىز بۇ كەچۈرمىشلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئىدىيىۋى خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

1858- يىلى 14 ياشلىق نىتزى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، ناۋمبۇرگقا يېقىن داڭلىق پفورتا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ لۇتېر دىنىي مەزھىپىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق ياتاقلىق مەكتىپى بولۇپ، ئىلىم- پەن ساھەسىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. بۇ يەردە ئۇ كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقات دەرسىگە قىزىقىپ قالدى. ئۇنىڭ لاتىن تىلى بىلەن گرېك تىلىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئەپلاتون ۋە ئىسكلوسنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى.

«مەن شېئىر يازدىم، مۇزىكا ئىشلىدىم ۋە دوستلىرىم بىلەن بىرلىشىپ ‹گېرمانىيە› ناملىق ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسىنى قۇردۇم.»

1864- يىلى نىتزى پفورتا مەكتىپىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە تېخى ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى يوق ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەمدە «تەڭرى ۋە پادىشاھ» نىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 1864- يىلى 10- ئايدا 20 ياشلىق نىتزى بون ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئىلاھشۇناسلىق ۋە فىلولوگىيە (كىلاسسىك ھۆججەتلەر ئانالىزى) پەنلىرىنى ئوقۇدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئىلاھشۇناسلىقتىن ۋاز كەچتى. ئۇ سىڭلىسى ئىلزابىتقا يازغان خېتىدە بۇنىڭغا چۈشەنچە بەردى.

«ئەگەر سەن دىلىڭغا ئارام ۋە خۇشاللىق .ىزدىسەڭ ھەممىگە ئىشەن؛ ئەگەر سەن ھەقىقەتنىڭ مۇخلىسى بولماقچى بولساڭ ئۇنداقتا گۇمانلىنىپ باق . . .»

ئىككىنچى يىلى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان پروفېسسور لېيپىزىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشكەنىدى، ئۇمۇ لېيپىزىگقا يۆتكىلىپ ئوقۇدى.

 

(مەنبە: «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11725

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: