پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

سىگمۇند فرېئۇد كىم؟

سىگمۇند فرېئۇد كىم؟

ئۇيغۇرزادە

سىگمۇند فرۇئېد (1856-1941) يەھۇدىي، ئاۋستىرىيەلىك مەشھۇر پسىخولوگ، پسىخولوگىيەدىكى پسىخىك ئانالىز (Psychoanalysis) پىكىر ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى. ئۇنىڭ ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە  تەسىرى كۈچلۈك. مەن بىلىدىغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «چۈش تەبىرى»، «خام خىيالنىڭ ئەتىسى» (دىن خام خىيال دېمەكچى)، «مەدەنىيلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى»، «پىسخىك ئانالىز لېكسىيەلىرى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى بۇ كىچىككىنە ئىنكاستا دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل قاراشلىرىنىڭ يادروسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قانچە نۇقىتنى يىغىنچاق قىلىپ ئەسلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى بار.

سىگمۇند فرۇئېد ئاساسىنى سالغان پىسخىك ئانالىز پىكىر ئېقىمى ئادەم پسىخكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە رولىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر نەزەرىيە سىسىتېمىسى بولۇپ، پىسخولوگىيە ساھەسىدە پسىخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تەھلىل قىلىشتا كۆپ ئشىلىتىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ كارل يۇڭ (Carl Jung) فرۇئېدتىن دۇكان ئايرىپ چىققان قىسىمى ئانالىتىك پىسخولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ (بۇ تارماقتا چۈشىنىشكە تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملاردىن كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق، ئانا تىپ قاتارلىقلار بار)؛ ئالفرېد ئادلېر دۇكان ئايرىپ چىققان قىسىمى ئۆزلۈك پىسخولوگيىسى دەپ ئاتىلىدۇ (چۈشىنىشكە تېگىشلىك ئۇقۇملاردىن كەمسىنىش ۋەسۋەسىسى قاتارلىقلار بار)؛ ئېرك ئېركسون، ئېرىخ فروملار دۇكان ئايرىپ چىققان قىسىمى ئىجتىمائىي كونتېكستقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە «نيو-فرېئۇدىيەنىزىم» دەپ ئاتىلىدۇ.

سىگمۇند فرۇئېدنىڭ قارىشى ھازىر ئۆگەنگۈچىلەرگە يېڭىلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى چۈش، جىنسىيەت، يوشۇرۇن ئاڭ، ئودېپوس ۋەسۋەسىسىگە باغلايدىغانلىقىمۇ سەللا كىتاب ئوقۇغانلارغا سىر ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسلىق قاراشلىرى  تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابىدا، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلغان  ماقالىسىدە تېپلىدۇ، توردىمۇ تېپىلىدۇ. ۋاقىت ئېھتىياجى بىلەن فرېئۇدنىڭ  خاتا قاراشلىرىنى تەنقىدىي نۇقتىدىن كۆپرەك تەھلىل قىلىمىز.

بىرىنچى، فرۇئېد دىنغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، ئەشەددىي دىنسىز؛ ھەممە نەرسىنى جىنسيەتكە، بېسىلغان ئارزۇغا باغلايدۇ؛ ئەينى ۋاقىتتا تەقۋادار يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مەسىلەن، ئۇ دىننى ئەشەددىي سۆكۈپ يازغان «خام خىيالنىڭ كەلگۈسى» (Future of Illusion) ناملىق كىتابىدا «دىن ـــ ئالدامچىلىق» دەپ ئېنىق تەكىتلەيدۇ. «مەدەنىيلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى»( Civilization and Its Discontents) ناملىق كىتابىدا «ئادەملەرنىڭ بەختسىزلىكىگە مەدەنىيلىشىش جەريانى سەۋەبچى» دەپ يازىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دىن ھەققىدە دېگەن گەپلىرى بەكمۇ چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، مۇسۇلمانلار تۇرماق، يەھۇدىيلارمۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن، بىز پاكىت ئۈچۈن ئۇنىڭ دىننى سۆكۈپ يازغان «خام خىيالنىڭ كەلگۈسى» قاتارلىق كىتابلىرىدىكى قاراشلارغا قانداق باھا بېرىلگەنلىكىگە قاراپ باقايلى

 

Freud regarded the monotheistic god as an illusion based upon the infantile emotional need for a powerful, supernatural pater familias; and that religion — once necessary to restrain man’s violent nature in the early stages of civilization — in modern times, can be set aside in favor of reason and science.

Totem and Taboo (1913) proposes that society and religion begin with the patricide and eating of the powerful paternal figure, who then becomes a revered collective memory

تەرجىمىسى: فرۇئېدنىڭ قارىشىچە، يەككە خۇدا (ئاللاھ) ئادەمنىڭ بوۋاق دەۋرىدىكى كۈچلۈك، غايىبانە بىر دادىغا بولغان تەلپۈنۈشىدىن پەيدا بولغان خام خىيالىدۇر .دىن ئادەمنىڭ زوراۋان تەبىئىتىنى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيلىشىش جەريانىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا  پەيدا بولغان بولۇپ، زامانىۋى دۇنيادا ئەقىل ۋە ئىلىمگە ئورۇن بوشىتىشى  كېرەك.

ئۇنىڭ «توتېم ۋە پەرھىز» ناملىق كىتابىدا قارىشىچە، ئەڭ دەسلەپتە جەمئىيەت ۋە دىن ئاتىنى ئۆلتۈرۈش، يېيىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ سەرگۈزەشتە كېيىن ھەممە ئورتاق ھۆرمەت قىلىدىغان كوللېكتىپ ئەسلىمىگە ئايلانغان.

فرۇئېدنىڭ بۇ قارىشىغا  باشقىچە نۇقتىدىن قويۇلغان قاراشلارنى رەددىيە كەلتۈرۈش مۇمكىن (بۇ تېمىغا ئىلمىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىندى، شۇڭا مەسىلە دىنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنمىدى). مەسىلەن، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تەسىرى فرۇئېدتىن  يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېمېل دۇركايىم (Emile Durkheim) ئۆزىنىڭ «دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىلللىرى» (Early Forms of Religious Life) ناملىق كلاسسك كىتابىدا دىننىڭ بىر جەمئىيەتتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. مەسىلەن، دۇركايىم مۇنداق دەيدۇ:

دىن ـــ مۇقەددەس ئوبيېكتلارنى چۆرىدەپ بارلىققا كەلگەن، بىرلىككە كەلگەن ئەقىدە ۋە ھەرىكەت سىستېمىسى. ھەر قانداق بىر دىنىي ئەقىدە قانچىلىك ئاددىي ۋە مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئورتاق خاراكتېرگە ئىگە، يەنى ھەممە دىنلاردا ھالال-ھارام (sacred and profane) چۈشەنچلىرى بولىدۇ ۋە مۇشۇ چۈشەنچىلەر بىر جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدلۇقىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. جەمئىيەت بىر خىل روھىي تەرتىپ بولۇپ،  كىشىلەرنىڭ ئاساسىي پىكىر- ئويلىرىنىڭ مەركىزىدە دىنىي چۈشەنچىلەر بولىدۇ. جەمئىيەت دىنىي ئەقىلەرنىڭ مەھسۇلى. دىني رىشتە دېمەك ـــ كوللېكتىپ رىشتە دېمەكتۇر.

بىز قارىساق، سىگمۇند فرۇئېدنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە قوبۇل قىلىنمىغان دىن ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن كۆرە، دۇركايىمنىڭ دىننىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن قاراشلىرىنىڭ ھازىرقى زامانغا ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. يەنى دۇركايىم ھەرگىز سىگمۇند فرۇئېدتەك دىننى ئالدامچلىق دەپ قارىمايدۇ.

فرۇئېد ئىدىيىلىرى ھازىر پىسخولوگىيەدە ئاساسلىق ئېقىم ئەمەس. پىسخىك ئانالىزنى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پسىخولوگى سىكىننىېر باشچىلىقىدا بارلىققا كەلگەن ئىككىنچى كۈچ (second force) ھەرىكىتىدىكى يادرولۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇساق، كارل روگېرس، ماسلوۋلار ۋەكىللىكىدىكى ئۈچىنچى كۈچ (third force) ھەرىكىتىدىكى يادرولۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇساق،  فرۇئېدنىڭ خاتالىقلىرى ۋە پسىخىك ئانالىزىنىڭ سەۋەنلىكلىرى شۇ ھامان ئايان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ھازىر مودا بولۇۋاتقان تۆتىنچى كۈچ ـــ تەجرىبىچىلىك پسىخولوگىيەسى (Positivist Psychology) دىكى بىلىش نەتىجىلىرىنى ئوقۇساق، ئوخشاشلا  فرۇئېدنىڭ جىنىسيەت، چۈش، يوشۇرۇن ئاڭ ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ ئسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز.

سىگمۇند فرۇئېدنىڭ خاتالىقلىرى ھەققىدە يەنە پاكىت كۆرسىتىش ئۈچۈن تەسىرى ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان مۇتەپەككۇر، ئالىملارنىڭ فرۇئېدقا بەرگەن تەنقىدىي باھاسىنى كۆرۈپ باقايلى:

Peter Medawar, a Nobel Prize winning immunologist, made the oft-quoted remark that psychoanalysis is the ”most stupendous intellectual confidence trick of the twentieth century

تەرجىمىسى:

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىدېتسىنا ئالىمى پېتېر مېداۋار فرۇئېدقا مۇنداق باھا بەرگەن :پىسىخىك ئانالىز 20- ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم ئالدامچىلىقى.

تەسىرى فرۇئېدتىن قېلىشمايدىغان داڭلىق پەيلاسوپ كارل پوپپېر  بەك مۇھىم مۇتەپەككۇر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن:

Karl Popper  argued Freud’s psychoanalytic theories were presented in unfalsifiable form, meaning that no experiment or observation could ever prove them wrong

تەرجىمىسى: كارل پوپپېر فرۇئېدنىڭ پىسخىك ئانالىز نەزەرىيەسىنىڭ خاتالىقىنى تەجرىبە ياكى كۆزىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئسىپاتلىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىيەسى مۇكەممەللىك تونى كىيىۋالغان.

سىگمۇند فرۇئېدنى ئەڭ سېستمىلىق تەنقىد قىلغان يەنە بىر بۈيۈك پىسخولوگ خەنس ئېيسېنىك ئۇنى مۇنداق ئەيبلىگەن:

Hans Eysenck claims that Freud ”set psychiatry back

one hundred years

تەرجىمىسى: فرۇئېد پىسخىكىلىق داۋالاشنى يۈز يىل كەينىگەچېكىندۈرۈۋەتتى.

ھەيرانمەن، كىشىلەر نېمىشقا پسىخولوگىيە توغرۇلۇق چوڭقۇر ساۋادقا ئىگە بولماقچى بولسا ئاۋۋال پۈتكۈل پىسخولوگىيە تارىخىنى ياكى پسىخولوگىيە تارىخىدىكى جىمى نامايەندە خاراكتېرلىك مۇتەپەككۇرلارنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن يەككە پىسخولوگلارغا  ئۆتمەيدىغاندۇ؟ بەزىلەر 20 يىل بولدى، گويا پىسخولوگىيە تارىخىدا باشقا مۇتەپەككۇر يوقتەك فرۇئېدقا ئېسىلىشتى. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى جىنسيەتكە تاقايدىغان يەرلىرىگە خۇشتار بولۇشتى، تونۇشتۇرغانلار ئۇنىڭ نېمە سەلبىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچلىكىنى يوشۇردى؛ ئۇنىڭغا ئاشىق بولغانلار پەقەت ئۇنىلا چوڭ بىلىپ، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ نېرى- بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا تەشۋىق قىلدى. ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى 20 يىلدىن بۇيان بىر ياكى بىر- ئىككى مۇتەپەككۇرغا بۇنداق كۈچەپ، بۇنداق كانىدەك چاپلاشمىغان! مېنىڭ قارشى چىقىۋاتقىنىم دەل مانا مۇشۇنداق ئىدىيە تەسلىمچىلىكى.

مەن چەت ئەل مۇتەپەككۇرلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا قارشى ئەمەس! لېكىن، نېمىدەپ ئاۋۋال پسىخولوگىيەدىن ئاساس خاراكېترلىك تونۇشتۇرۇش ئشىلەنمەي تۇرۇپ، فرۇئېدتەكلا مۇھىم بولغان يەنە 50 دەك پسىخولوگ تونۇشتۇرۇلماي تۇرۇپ، نېمىشقا پەقەت ۋە پەقەت فېرۇئېدنىلا تونۇشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ قېنى، ئۇنى تەنقىد قىلغان پىسخولوگلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلار تەرجىمە قىلىندىمۇ؟ سىكىنېرچۇ؟ كارل روگېرسچۇ؟ ماسلوۋچۇ؟ گوردون ئالپورتچۇ؟ ئېينسېنكچۇ؟ ئۇلارنىڭ تەسىرىمۇ پسىخولوگىيە ساھەسىدە شۇنداق چوڭقۇر…

ئۇلار نېمشىقا تونۇشتۇرۇلمىدى؟ فرۇئېدنىڭ ھەممە نېمىنى ئىنساننىڭ قاراڭغۇ تەرىپىگە تاقىۋېلىشىغا قارشى چىققان كارل يۇڭچۇ؟ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ چىققان ئالفرېد ئادلېرچۇ؟ نېمشىقا تونۇشتۇرۇلمىدى؟

فرۇئېد بەك مۇھىم مۇتەپەككۇر، ئەمما چارلېز دارۋېىندەكلا  مۇتەپەككۇر. خۇددى دارۋېننىڭ نۇرغۇن يەرلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇنى مەدەنىيەت كىملىكى تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىغىنىدەك، ئەمدى فرۇئېدنىمۇ يەككە يوسۇندا، ئايرىم يوسۇندا تونۇشتۇرۇش توغرا ئەمەس. ھازىر فرۇئىد ۋەكىللىكىدىكى پىسخىك ئانالىزى پسىخولوگىيە ئىلمىدە ئاساسىي ئېقىم ئەمەس. يازغۇچى سىگمۇند فرۇئېدنىڭ غەرب سانائەت، كاپىتالىزم جەمئىيىتىگە تەدبىقلانغان نەزەرىيەلىرىگە زىيادە خۇشتار بولۇش جىمى مەسىلىنىڭ مەنبەسى. فرۇئېدنى مۇسۇلمان قەۋمىگە تەدبىقلاشتا ستراتېگىيە ئشىلەتمەي، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ. فرۇئېدنىڭ ئاخىرى بىر جاڭگال! ئۇ بىر سازلىق! بۇ سازلىقتىن چىقايلى! سازلىقنىڭ نېرىسىدا يەنە باشقا دۇنيا بار! ئاشۇ باشقا دۇنيامۇ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ!

 Sir Peter Medawar

فرۇئېدنىڭ پىسخىك ئانالىزىنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق دېگەن ئالىم. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 Hans Eysenck

فرۇئېدنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن يەنە بىر داڭلىق پىسخولوگ.

ئاتالغۇ ۋە ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئىنگلىزچىسىنى توردىن ئىزدەپ ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن قوشۇپ قويدۇم.

Psychoanalysis    پىسخىك ئانالىز

Sigmund Freud   سىگمۇند فرېئۇد

Analytic Psychology ئانالىتىك پسىخولوگىيە

Ego Psychology ئۆزلۈك پىسخولوگىيىسى

Neo-Freudianism يېڭى فرۇئىدىيەنىزم

Carl Jung كارل يۇڭ

 Alfred Adler  ئالفرېد ئادلېر

Erik Erickson  ئېرك ئېركسون

Erich Fromm ئېرخ فروم

Erik Erickson ئېرك ئېركسون

Erich Fromm ئېرخ فروم

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11315

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر
ئىنكاس: 1دانە
  1. مۇتەللىپ ئىقبال

    بۇمۇ ناھايتى ياخشى تىمىدا يېزىلغان ماقالە ئىكەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: