پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1972- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېنىرىخ بول

1972- يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ھېنرىخ بول

 

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

 

1972-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىدا ئەڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىككى گېرمانىيىلىك يازغۇچى:ھېنرىخ بول بىلەن گۇنتى گىراس بار ئىدى. ئۇلار ئوخشاشلا ئۇرۇشدىن كېيىنكى گېرمانىيىدە ئۇتۇقى ئەڭ زور يازغۇچىلار ھېساپلىناتتى. ئۇلار ئەسەرلىرىدە ناتسىسلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلىغان ۋە تەنقىت قىلغان، ئىجادىيەت جەھەتىدە رېئالىزىمنى قۇۋەتلەپ، مودىرنىزىملىق ئۇسۇلنى قوللانغان.ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ھېنرىك بول نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشدىكى سەۋەپ: ” ئۇ دەۋرىگە بولغان كەڭ نەزەر دائىرىسىنى تىپىكلەشتۈرۈلگەن ماھارەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،گېرمانىيە ئەدەبىياتىنى گۈللەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان“. جامائەت پىكىرى ساھەسىدىكىلەر: بولنىڭ  بىرىنچىدىن گراستىن ئون ياش چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچىدىن، 1971- يىلى خەلقئارا  قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىىسى بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى تاللىغان دەپ قاراشتى.

ھېنرىخ بول(1917-1985) كېلوندىكى بىر ياغاچ ئويمىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1939- يىلى كېلوندىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئىجتىمائى پەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بوئىندىكى بىر كىتاپخانىغا بېرىپ شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن ۋە يېزىقچىلىقنى مەشق قىلىشقا باشلىغان. 1939- يىلى كېلون ئۇنىۋېرستىتىغا ئىمتىھان بىرىپ نېمىس تىل- ئەدەبىياتىنى ئۈگەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ھەربى سەپكە كىرىپ، فرانسىيە، رۇممۇنىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ 1947-يىلى ئەسىرگە چۈشكەنگە قەدەر جەڭ قىلغان. شۇ يىلى يىل ئاخىرى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، كېلون ئۇنىۋېرستىتىغا كىرىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 1947- يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. شۇ يىلى” 4.7“ ئەدەبىيات جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1951- يىلىدىن باشلاپ كەسپىي يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1971-1974-يىلىغىچە خەلقارا قەلەمكەشلەر جەمئيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1985- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېلفېر تاغلىق رايونى رانگېنبوركدىكى قوروسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن گېرمەنىيە ئەدەبىياتى خارابىلىقدىن قايتا قۇرۇلۇشقا باشلىدى، ھېنرىخ بول يېڭى بىر ئەۋلات يازغۇچى بولۇش سۈپپىتى بىلەن ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەچكە، تۈۋەن قاتلامدىكى ئاۋاملارنىڭ دەردىنى چۈشەنگەچكە، ئۇرۇش ھەممە نەرسىنى خاربىلىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى كىشىلەرنىڭ روھىنى ۋەيران قىلىۋەتكەچكە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قاباھەتلىك ئۇرۇش جەريانىدا ئۆتمۈشنى تونۇشقا، تارىخنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا، ئاچچىق ئەسلىمە جەريانىدا قايتىدىن ياشاشقا ئۈندىدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن پوۋىست «پويىز دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى»(1949)، ھېكايىلار توپلىمى «يولۇچى، سەن سىباغا بار…» (1950)قاتارلىقلار بار. ئالدىنقىسى گېرمانىيىنىڭ «خارابە ئەدەبىياتى»نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئەسەردە ئاندىرىياس ئىسىملىك بىر ئەسكەرنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش، بولۇپمۇ بۇ بىر مەيدان يىرگىنىچلىك ئۇرۇش جەريانىدىكى ئىدىيىۋى پائالىيەت جەريانى ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ئۇرۇشقا بولغان غەزەپ- نەپرىتى، ئۇرۇشنى ئەيىپلەش مەيدانى ئىپادىلەنگەن ». ھېكايىلەر توپلىمىدىكى «يولۇچى، سەن سىباغا بار…» دېگەن ھېكايىمۇ ” خارابە ئەدەبىياتى“ دىكى مەشھۇر ئەسەردۇر. بۇ ھېكايىدە تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نادانلارچە ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. ھېكايىدە ئاپتۇر ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ئىجابىي تەرەپتىن تەسۋىرلىمەيدۇ، بەلكى پىرسۇناژنىڭ ئىچكى مونولۇگى ئارقىلىق”زەمبىرەك كۈللىرى“ ئېڭى پائالىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. ئەسەردە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق يان تەرەپدىن فاشىستلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشنىڭ تۈپ مەنبەسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، بۇ ھېكايە ناھايىتى چوڭقۇر مەناغا ئىگە.

20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى بولنىڭ ئىجادىيىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئۇ ئىجتىمائى رېئال تۇرمۇشنى تېخىمۇ چوڭڭۇر ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ”كىچىك پىرسۇناژلار“نى ئاساسلىق تەسۋىرلەپ، ئۇرۇشدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىدىكى ئازاپلىق تىركىشىش، كۈلپەتلىك تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇرۇقتۇملۇقى، دىلىغوللۇقىنى ئىپادىلەپ، جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىككە زەربە بىرىپ، مىللىتارىزىمنى تىرىلدۈرۈش ئىدىيىسىنى تەنقىتلايدۇ. رومان «ئۈندىمەسلىك» دە (1953) ئاددى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاچ-زارلىق دەستىدىن جان تالىشىۋاتقانلىقى، ئەسەردىكى باش قەھرىمان بوگگېننا ئەر-ئاياللارنىڭ دىلىغوللىقى، بۇرۇختۇملىقى تەسۋىرلىنىدۇ. رومان «سائەت توققۇز يېرىمدا بىليارت ئوينايمىز» دا (1959) فېرمال ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىشىشى، ئەسلىمىسى،ئىچكى مونۇلۇگى ئارقىلىق، بۇ ئائىلىنىڭ تارىخىنى كۆپ تەرەپتىن نامايان قىلىدۇ، شۇنداقلا گېرمانىيىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تارىخىنى قايتا نامايان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە مىللىتارىزىمنىڭ تىرىلىشىدىن قاتتىق ھۇشيار بولۇشنى خىتاپ قىلىدۇ. رومان «ھەزىلىكەشنىڭ كۆرگەنلىرى»دە (1963) ئىچكى مونۇلۇگ ئۇسۇلى  ئارقىلىق بىر ھەزىلىكەش ئەرتىسنىڭ دىننىي جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن مەھەببەت، كەسىپدە تامامەن مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە تەسۋىرلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇر مۇشۇنداق ئارتۇقچە ئادەمنىڭ نەزەرى ئارقىلىق دۆلەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئەخلاق،ئىدىلوگىيە قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئېچىپ تاشلايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، تەنقىدلەيدۇ.

70-يىللاردا بولنىڭ ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەزمۇن ۋە بەدەئى ئۇسلوپ جەھەتىدە يۈكسەك پەللىگە يەتتى. ئۇ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئاددى ئاۋاملارنىڭ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى باش تېما قىلىش ئارقىلىق تەنقىدىي نەزەرى بىلەن رېئال تۇرمۇشدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى گۈزەتتى. مەسەلەن: رومان « خانىم ۋە ئادەتتىكى چىراي» دە (1971) ئاقكۆڭۈل، دۇرۇس باش قەھرىمان لاننى باشقىلارغا ئەگەشمەي، ئۆزلۈك قارىشدا ، ئۆزلۈك تاللاش ئەركىنلىكىدە چىڭ تۇرغاچقا ئارقا- ئارقىدىن زەربىگە ئۇچراپ، ئاخىرى كىشىلەر تەرىپىدىن” گۇناھكار“، ”شاللاق ئايال“ دېگەن نامغا قالىدۇ. ئەسەردە ھەم ئۇرۇشنىڭ نېمىس مىللىتىگە ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەت، تارىخي بېسىم ئىپادىلەنگەن، ھەممە ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى جەھەتىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈلگەن. ئەسەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نۇرغۇن پىرسۇناژلارنىڭ ئەسلىمىسى، قىستۇرما بايانى، قوغلاشما باياندىن تەركىپ تاپقان ، بۇنداق كۆپ قىرلىق بايان قىلىش ئۇسۇلى ماكان- زاماننى، ۋەقەلىكنى ھەمىشە زور دەرىجىدە ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ، سەكرەتمە شەكىل ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەنئىنىۋى پىروزا ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

پوۋىست «نامىنى يوقاتقان كاتىرىننا برۇم» مۇ (1974) بولنىڭ 70- يىللىرىدىكى مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. پوۋىست «نازارەت تورى»(1978) نىڭ تېمىسىمۇ مۇشۇ ئەسەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئەسەردە”پاراۋانلىق جەمئىيىتى“دىكى تىنىچ قاتلامغا يوشۇرۇنغان ئىجتىمائى كىرىزىس  ئېچىپ تاشلانغان. بول ۋاپات بولۇشدىن بۇرۇن ئورگىنالى نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغان رومان «دەرياغا قاراپ تۇرغان سەتەڭ خانىم»مۇ ئىجتىمائى ئىللەت پاش قىلىنغان نادىر ئەسەردۇر، ئاپتۇر بۇئەسەرنىڭ بەدەئىلىكى جەھەتىدىمۇ يېڭىدىن ئىزدەنگەن.

بول پىروزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەدەبىي خاتىرە، ئوبزۇر ۋە رادىئۇ دىرامىسى يازدى. مەسەلەن:«ئەدەبىي خاتىرىلەر، ئوبزۇرلار، نۇتۇقلار توپلىمى»(1967)، رادىئۇ درامىلىرى توپلىمى«دوكتۇرلارنىڭ چاي يىغىلىشى» (1964) قاتارلىقلار بار.

 

 مۇكاپات بىرىش نۇتۇقى

مۇبادا كىم ھېنرىخ بولنىڭ مول، كۆپ خىل ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئورتاق بىر فورمىنى ئىزدىمەكچى بولسا، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغان نەتىجىسى ئابىستىراكىت ئۇقۇم بولىدۇ.ئۇ يىگىرمە ئۈچ يىل ئىلگىرى ئەدەبىيات ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغان،ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى نەشرى قىلىنغان  رومانى«خانىم ۋە ئادەتتىكى چىراي» ھازىرغا قادەر يۈكسەك پەللىگە يەتكەن ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز قايتا نامايان بولىدىغان ئىككى ياقلىمىلىق تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا مۇنداق بىر ئۇنۋىرسىيال ئۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ ماكانسىزلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېستىتكىسىدۇر.ئەمما بورنىڭ ماكانسىزلىرى ھەرگىزمۇ ئېچىنىشلىق شەخسىي تەقدىر ئەمەس،  شۇنداقلا جەمىئىيەت ئامانلىقىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالغان شەخسىينىڭ ۋەيرانە بولغان كېمىسىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ بايان قىلغىنى ماكانسىز بىر  جەمئىيەت، تاپتىن چىقىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بىر دەۋرى. بۇ جەمئىيەت، بۇ دەۋر جىمى كوچا-كويلاردا قوللىرىنى سوزۇپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان شادلىق بىلەن خاپىلىقدىن ۋە كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بولنىڭ” ئىنسانپەرۋەرلىك ئېستىتىكا“ئاساسىدۇر.

ئۇ شەخسىي ئېھتىياجنى،چوڭ-كىچىك ئىشلارنى تەسۋىرلىدى، بۇلار ئىنسانىي ھۈرمەتكە ئىگە ئادەملەرگە تالىق ئىدى.ئۇنىڭ مىسال قىلغان سۆزى بويىچە ئېيتقاندا”ئولتۇراق ئۆي، قۇلۇم-قوشنا بىلەن ئائىلە، پۇل بىلەن مۇھەببەت، دىن بىلەن يىمەك-ئىچمەك“ قاتارلىقلاردۇر. بۇ بىر خىل ئوتلۇق ھېسسىيات بىلەن تولغان ئېستىتىكىدۇر. ھەزىلىگە، قىزىقارلىق تەقلىدىيەت ھەتتا ئېغىر ئازاپمۇ ئۇنىڭ ئەدەبىيات پىروگىرامىسىدۇر. كىم تۇرمۇشنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئويلىسا شۇ بۇ دۇنيادا قالىدۇ.

ئەمما ئۇ بىر قېتىم: ”مەن ئېھتىياجلىق بولغان رېئاللىق كۆپ ئەمەس“ دېگەنىدى. باشقىلار ئۇنى دېگۈدەكلا رېئالىزىملىق يازغۇچى دەپ قارىشىدۇ، بەلكىم ئۇ ئۆزىمۇ شۇنداق دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنداق ھۈرمەتكە سازاۋەر گەپنىڭ ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىن چىقىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كۆپ ئېھتىياجلىق بولمىغان رېئاللىق 19- ئەسىردىكى كىلاسسىىك ئەسەرلەردىكى رېئاللىقدۇر، ھەددىدىن زىيادە ئىنچىكە ئوخشىتىش، سادىقلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رېئاللىقدۇر. بول بۇنداق ئۇسۇلنى ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر قېتىم ئىشلەتكەن ئۇسۇلى ھەزىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى، ئارتۇقچە تەپسىلاتلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، قىزىقارلىق گەپ-سۆزلەر بىر خىل چىداملىق ئېلىشىشقا ئايلىنىدۇ، بەزىدە ئانچە سەۋرى-تاقەت قىلالمايدىغان كىتاپخانلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەسدايىدىل خاتىرلەش ماھارىتى بىلەن ئىپادىلەنگەن قىزىقارلىق دەل مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈلگەچكە بول بۇنداق رېئاللىققا ھەقىقەتەن ئاز ئېھتىياجلىق بولدى. ئۇنىڭ ئاز يېزىش، بەزىدە مۇھىد ۋە ئوبرازنى جانلىق يارىتىش ئىقتىدارى دەل ئۇنىڭ ئۆزگىچە ماھارىتىدادۇر.

ۋاھالەنكى، باشقا بىر رېئاللىق ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە باشدىن – ئاخىر ئېھتىياجلىق بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ھاياتىنى بېزەپ تۇرغان ئارقا كۆرنۈش ئۇ ياشاۋاتقان بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ نەپەسلىنىشىدە زۆرۈر بولغان ھاۋا، قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك  مىراسدۇر. بۇ خىل رېئاللىق ئۇ ئىجاد قىلغان پۈتۈن ئەسەرلىرىدە قايتا نامايان قىلىندى، تەپسىلى گۈزىتىلگەن خام ماتىريال بودى. بايا تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر ئەسەر«خانىم ۋە ئادەتتىكى چىراي»نى ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىجاد قىلغان پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ يۈكسەك پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ.1955- ،1954- ۋە 1955- يىلى بول ئارقا-ئارقىدىن«ئۈندىمەسلىك»، «ئىگىسىز ئائىلە» ۋە«ئەينى يىللاردىكى بولكا» قاتارلىق ئۈچ روماننى ئىجاد قىلىپ، ھەقىىقى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.ئاپتۇرنىڭ بۇنداق قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، بىز بۇ ئۈچ كىتاپتىن ئەينى چاغدىكى رېئاللىقنى- ئۇ ئىزچىل بۇش قويۇۋەتمەي، پۈتۈن كۈچى بىلەن تەسۋىرلىگەن رېئاللىقنى بىلىۋالالايمىز. بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى- گېرمانىيىدىكى ئاچارچىلىق ئىدى، ئەينى چاغدىكى بولكا ھەمىشە يىيىشكە يەتمەيتتى، ياشاش ئۈچۈن بولكا تىلەشكە ياكى بولكا ئوغرىلاشقا توغرا كېلەتتى- بۇنداق يىمەكلىك كىشىلەرنىڭ خىيالىدا قالغانىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەڭداشلىرى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىسات-قارىغۇچىسى يوق بىر ئۆي، بىرخىل خارابىلىقتا ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان، بەخىت- ئىقبالنى تۇمان باسقان تۇرمۇشدۇر. ئۇنىڭ ۋە دەۋرىداشلىرىنىڭ كىكىردىكىنى زوراۋان ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تىرنىقى سىقىۋالغاچقا ئۇلار نەپەسلىنەلمەيدۇ، ھېچكىممۇ ئۈندىيەلمەيدۇ، چۈنكى بۇنداق تۆمۈر تىرناق سىقىۋالغان كىكىردەكتىن ھېچقانداق سادا چىقمايدۇ.

مۇشۇنداق مۈشكۈل يىللاردىن كېيىن يېڭى بىر ئەۋلات شائىر، مۇتڭپەككۇر،ئالىملار شۇنداق تېز سۇرئەتتە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقتى، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى روھىي تۇرمۇشىمىزدا ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرۇچنى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ قانداقدۇر ھەرگىزمۇ گېرمەنىيىنىڭ مۆجىزىسى ئەمەس. ھېنرىك بولنىڭ ئىجادىيىتى گېرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئېنىق ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ ئۆزگىچە ئىپادىسى بىلەن بۇ ئىسلاھادقا قاتناشتى، ۋاھالەنكى بۇ ھەرھگىزمۇ قانداقدۇر بىر شەكىل جەھەتىدىكى تەجرىبە ئەمەس ئىدى: سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ قالاي دېگەن ئادەم ھەرگىزمۇ سۇدا گۈل چىقىرىپ ئۈزمەيدۇ. بۇ سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ، يېڭىدىن ئويغانغان تۇرمۇش، بىر روھىي ئۇزۇق ئىدى. بۇ قەھرىتان سوغۇقنىڭ، قىشقورونىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما قايتىدىن بىخ ئۇرغان، ئۆسۈپ چىققان ۋە مىۋە بەرگەن، بىز كۆپچىلىككە نەپ ئېلىپ كەلگەن بىر ئۇرۇق ئىدى. ئارفېلىد نوبىل ئەينى يىللىرى ئۆزىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى دەل مۇشۇنداق روھنى مۇكاپاتلاشقا سەرىپ قىلىش كېرەك دەپ قارىغانىدى.

ـــ شىۋېتسىيە ئاكادىمىيىسىنىڭ دائىمى كاتىبى

كار راگنا جىرو

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10403

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: