پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مول ھوسۇللۇق ئەدەبىي تەرجىمان: ئوسمانجان مۇھەممەت

مول ھوسۇللۇق ئەدەبىي تەرجىمان: ئوسمانجان مۇھەممەت

توغرىسىدا

 

مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى ئىزدىنىش ھامان مېۋە بېرىدۇ. بۇنى ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئۇ توختىماي تىرىشىپ، ئاخىرى دىيارىمىزدىكى مول ھوسۇللۇق ئەدەبىي تەرجىماننىڭ بىرى بولۇپ قالدى .

ئۇ 1962-يىلى 6-ئايدا كەلپىندە تۇغۇلغان . 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى نېفىت – خېمىيە زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىگە ئالمىشىپ كېلىپ تەرجىمان بولغان. 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن يەنە ئىلگىرىكى ئورنى ـــــ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىگە ئالمىشىپ كەلگەن ھەم تەرجىمان، بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004-يىلى ئوسمانجان خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى «مۇنبەر» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان. بىر يىلدىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە ئاقسۇغا ئالمىشىپ كېلىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا ئشقا چۈشكەن 2008-يىلى يەنە خىزمەت مۇناسىۋىتى بڭلەن«مۇنبەر ژورنىلى»غا يۆتكىلىپ كەلگەن، ئۇ ھازىر مەزكۇر ژورنالدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. .

ئۇ بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپ يەنە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى، ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغا بولغان ساداقىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىدى. بۇ جەھەتتە ئوسمانجان مۇنداق دەيدۇ: مەن دەرۋەقە بىر نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ يەنە قايتىپ كەلدىم. بۇنىڭ سەۋەبى مەن كەسپىمنى، خىزمەت ئورنۇمنى سۆيىمەن. مەتبۇئات، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مۇشۇ ۋەجىدىن يۆتكەلدىم. لېكىن، ئائىلە مۇناسىۋىتىمنى ياخشى ھەل قىلالمىدىم. بەزىلەر: «ئۈرۈمچىنىڭ يولى سەن ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولى بولۇپ قالدى. خالىساڭ يۆتكىلىپ، خالىساڭ قايتىپ كېلەلەيدىكەنسەن ، دۇنيادا سەندەكمۇ ئەخمەق ئادەم بارمۇ» دەپ تاپا –تەنە قىلىشتى. مەن بۇنى توغرا چۈشەندىم. لېكىن، باشقىلارنىڭمۇ مېنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن جاپاكەش ئايالىمغا، رەھبەرلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن .

ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ھەقىقىقەتەن ئىلگىرلىدى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، چوڭ ھەجىملىك كىتابتىنسەكسەندىن كۆپرەكنى تەرجىمە قىلىپ، ھازىرقى دەۋر ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان «ئېرىنى ئۆلگىلى قويمىغان ئايال»،  «قانۇن لوگىكىسى»، «ئاسىي  روھ»،  «جىبران نەسىرلىرى»، «پەندىنامە»، «مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت»، «تىبىس ئۇرۇشى»، «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش»، «بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان»، «تولغان بەدەن»، «سۆيگۈ مۇساپىسى»، «ئۇنتۇلغان مەخپىي بەلگە»، «ئاينىش»، «دەۋا»، «يىغلاڭغۇ ئايال»، «قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا» ،  «ئەرەب ھېكايىلىرى»، «تېرە پۈتۈك»، «ۋىكتورىيە خېنىم»، «ئاكا –ئۇكا كارامازۇپلار»، «سىز خىزمىتىڭىزنى سۆيەمسىز»، «كەسىپكە ھۆرمەت قىلىڭ»، «ئافرىقا چۆچەكلىرى» ، «خۇدالىق ئالەم » ، « لىۋىيە ھېكايىلىرى»، «چارەك ئەر» ،«باتۇر شاھ جاڭغىر»، «بۈيۈك قەھرىمان بىئوۋۇف»، «ماغاپغاراتا» ،«ئاپارات كۆزىدىكى دۇنيا»، «سېتىۋېلىشنى تىزگىنلەش بىلىملىرى» دېگەن كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «بىر ئايال»، «مۇھەببەت ۋە ھەققانىيەت» دېگەن كىتابقا بىر تەرجىمە ھېكايىلىرى، بىر تەرجىمە پوۋىستىى كىرگۈزۈلدى. بۇ  كىتابلار كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ كىتاب تەرجىمە قىلغاندىن سىرت، يەنە مىڭ پارچىگە يېقىن ھېكايە، نەسىر، چۆچەك تەرجىمە قىلىپ ، ئۇنى «تارىم» ژورنىلى ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ،« ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ ئېغىز تەرجىمىسىدن تاشقىرى، ھەر يىلى مالىيە خىزمىتىگە ئائىت نۇرغۇن ھۆججەت، دوكىلات تەرجىمە قىلدى. مالىيە باج خىزمىتىگە ئائىت  مىليون خەتلىك ئىككى كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، كەسىپداشلىرى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى .

ئۇ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان توختىماي ئۆگەندى. تەرجىمە قىلدى، تىل بايلىقىنى بېيىتتى. باشقىلار تاماكىغا، ھاراققا پۇل خەجلىسە، ئۇ كىتابقا پۇل خەجلىدى. باشقىلار كەچلىك ۋاقىتنى ئويۇن -تاماشىغا سەرپ قىلسا، ئۇ ئىشلەشكە ئادەتلەندى. ئەدەبىي تەرجىمىدىن سىرت، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللاندى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «ئاقسۇ گېزىتى» ، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا « ئوغرى »، «لىپاپىنىڭ كۈچى» ، «ساداقەت» قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىندى . ئۇ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلارىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، «مىللى يازغۇچىلار» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى ھەم خەنزۇ كىتابخانلارنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا بىر كىتاب بەندىسى ئىدىم. مەيلى يازغۇچىلىرىمىز يازغان ياكى تەرجىمانلىرىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان كىتاب بولسۇن، تاپالىساملا قالدۇرماي ئوقۇيتتۇم. مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە «سۇ بويىدا» رومانى يېڭى يېزىقتا نەشر قىلىندى. مەن ئۇ روماننى ئاز دىگەندىمۇ ئون نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم. ئۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغانلارغا كۆپ ئاپىرىن ئېيتتىم. مەندە شۇ چاغدىلا مۇبادا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىسەم خەنزۇ تىلىدا ئوقۇپ، ياراملىق ئەدەبىي تەرجىمان بولىمەن، دېگەن بىر ئوي پەيدا بولدى. تەلىيىمگە يارىشا 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. تىرىشىپ ئۆگىنىپ خەنزۇتىلىنى پۇختا ئىگىلىۋالدىم. مەن ئەدەبىي تەرجىماننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىدە ئۆرنەكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ رەڭدار گۈللىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن، ئەدەبىي تەرجىمە كوچىسىغا كىردىم. بۇ كوچىدا بىر ئۆمۈر مېڭىشنى نىيەت قىلدىم. مەن ئەدەبىيات، ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى زىنھار يېقىنلاشمايدىغان بىر ئىقتىسادىي تارماقتا خىزمەت قىلساممۇ، يەنىلا ئەدەبىي تەرجىمىنى ئۆزەمگە يار تۇتتۇم.  ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ بۇ ئىستەكتىن ۋاز كەچمىدىم. بەزى ئادەملەر ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۇقمايدۇ، ئەمما مەن ۋاقىتنى تەڭشەشكە تولىمۇ ماھىر. ۋاقىت مېنى ئالدىغا سېتىۋالسىمۇ، مەن ۋاقىتنى ئەپچىللىك بىلەن ئوغىرلىۋالىمەن-دە، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىمنى قىلىۋالىمەن. ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىپ قېلىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ، دېدى ئوسمانجان بۇ سەپكە كىرىپ قېلىش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ: مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئابدۇرخمان ئەبەي بىلەن يەنئەن يولىدىكى بىر ساتىراچخانىدا تونۇشۇپ قالدىم. شۇ چاغدا ئابدۇراخمان ئەبەي ئاكا شىنجاڭ خەلق نەشرياتىدا ئىشلەيدىكەن. كېيىن مەن تەرجىمە قىلغان بىر ھېكايىنى كۆرسىتىۋېدىم، ئۇ جاناپ: ئۇكام سەن مۇشۇ يولدا توختىماي تىرىشىپ ئۆگەن، مەيلى ئۈرۈمچىدە قال ياكى ئاساسى قاتلامغا كەت، ئەدەبىي تەرجىمىنى ھەرگىز تاشلىما. سەن تىرىشىدىغانلا بولساڭ، ئۈچ –تۆت يىلدا ياخشى ئەدەبىي تەرجىمان بولىدىكەنسەن، دەپ رىغبەتلەندۈردى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرپ ئۈرۈمچى ۋە ئاساسى قاتلاملاردا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلاردا غېنىزات غەيۇرانى، مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ، مەرھۇم خۇدۇيۇمبەردى سېلىم، ئوسمانجان ساۋۇت، راخمان مامۇت ، بەختىيار سايىتوف، ئىسلامجان شېرىپ قاتارلىق يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولدۇم . ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكرى ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ، ئىلھاملاندۇردى . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن راخمان مامۇت، ئسلامجان شېرىپ ئاكىلار بىلەن بىرگە خىزمەت ئىشلىدىم. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى ، بېرىلىپ ئىشلەش روھى، غايىسى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى .

ئۇ مۇنداق دېدى : « خوراز» دېگەن يومۇرىستىك تەرجىمە ھېكايەم 1989-يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىندى. 1994-يىلى «قانۇن لوگىكىسى» دېگەن كىتابنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلدىم، كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن بەش مىڭ تىراژدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ دەرسلىك كىتاب بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قانۇن مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلدى ۋە ئىنتايىن ياخشى باھاغا ئېرىشتى. مەن ھازىرغىچە  بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. مەن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر دەرىجىلىك گېزىت– ژورناللاردا ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرى بولۇپ جەمئىي مىڭ نەچچە پارچە ھېكايە ، پوۋېست ، نەسىر ، ئەدەبىي ئاخبارات تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردۇم . يەنە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئون نەچچە پارچە نادىر ئەسىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، خەنزۇچە نەشر قىلدۇردۇم .

ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى جەھەتتىكى تەسىراتىنى مۇنداق شەرھلىدى: ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان تەرجىمە ئەسىرى «قانۇن لوگىكىسى»، « ئاسىي روھ»،«چارەك ئەر»، «ئافرىقا چۆچەكلىرى»، «خۇدالىق ئالەم»،«پەندىنامە» بولدى. بۇ كىتابلارنىڭ ھەر بىرى بەش مىڭ نۇسخىدىن تارقىتىلدى. ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان تەرجىمە ئەسىرى «قانۇن لوگىكىسى» ، «ئاسىي روھ» بولدى. چۈنكى لوگىكا ناھايىتى نازۇك پەن بولغاچقا، لوگىكا بىلىملىرى ئىنتايىن پۇختا بولمىسا لوگىكا كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش بەك مۈشكۈل بولىدۇ. مېنىڭ لوگىكا ئاساسىم پۇختا بولسىمۇ «قانۇن لوگىكىسى»نى تەرجىمە قىلىشتا خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلدىم. ئەمما كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ۋايىغا يەتكۈزگەچكە، ئوقۇغان ئادەم ئۇ كىتابنى تەرجىمە ئەمەس، ئوسمانجان يېزىپ چىقىپتۇ دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ. ئەمدى «ئاسىي روھ» قا كەلسەك، ئۇ دۇنياۋى مەشھۇر نەسىرچى، شائىر، يازغۇچى، رەسسام، سىموۋولىزمچىلارنىڭ پىشۋاسى، مۇزىكانت، پەيلاسوپ ھەزرىتى جىبراننىڭ شۆھرەتلىك ئەسىرى. «ئاسىي روھ» پىروزا دىيىلگەن بولسىمۇ، توپلامدىكى ھېكايىلەرنىڭ نەسىرىي شېئىر ياكى ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. توپلامدىكى ئەسەرلەرنى ھېكايە دېسىڭىز ھېكايە، نەسىرىي شېئىر دېسىڭىز نەسىرىي شېئىر. ئەسەردىكى نازۇك ھېسسىيات، ئىزگۈ تۇيغۇنى ئۇيغۇر تىلىدا جانلىق ئىپادىلەش ناھايتى تەس ئىدى . تەرجىماندا خۇددى جىبرانكىدەك لېرىك تۇيغۇ بولمىسىمۇ ئەسەر تەرجىمىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايتتى. مەن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى ئەنە شۇ ئەسەردە ئەكس ئەتتۈردۈم ۋە ئۇ ئەسەرنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلدىم. يەنە «خۇدالىق ئالەم»، «چارەك ئەر»، «لىۋىيە ھېكايىلىرى» نىڭ تىل سەنئىتىگىمۇ يۇقىرى باھا بېرىلدى. دۇنياۋى شۆھرەتلىك يازغۇچى ئوگ ماندىنونىڭ بۈيۈك ئەسىرى «تېرە پۈتۈك»نى تەرجىمە قىلدىم. بۇ كىتاپ نەشرى قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مەن ھاياتنى سۆيىمەن، ۋاقىتنى قەدىرلەيمەن. ئەدەبىي تەرجىمىدە ھەرگىز قانائەت ھاسىل قىلمايمەن. ئۆمۈر بويى ئۆگىنىمەن. مەن نۇرغۇن دۇنياۋى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن تاللاپ قويدۇم . مەن ئۇ كىتابلارنى بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىپ ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرىمەن ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن .

تەرجىمان قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك. ئوسمانجان مۇھەممەت يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان مانا مۇشۇنداق قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك بولۇپ كەلدى . بولۇپمۇ ، ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە چوڭقۇر رىشتە باغلاپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن مول ، سەرخىل مەنىۋى ئوزۇقلۇقلارنى تەقدىم قىلدى .

تارىختا «غەربى يۇرت» دەپ ئاتالغان يۇرتىمىز شىنجاڭ، ناھايىتى ئۇزۇن تەرجىمە تارىخىغا ئىگە. بۇ يۇرتتىن كۇمراجىۋا، بۇددا چىڭا، كۇماراباتلاردەك يىتۈك بۇددىزم تەرجىمانلىرى يېتىشىپ چىقىپ، كاتتا ئۇتۇق قازانغان.ئىسلامىزم دەۋرىگە كەلگەندە مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى «مىڭبىر كېچە »نى ئەرەپچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان .ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تەرجىمە تارىخى ۋە ئېسىل تەرجىمە ئەنئەنىسىگە ئىگە يۇرتىمىزدىن يەنە تالاي تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەھەتتە كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلدى. كۆپلىگەن نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئوسمانجان مۇھەممەت ئۆزىنىڭ تەرجىمە ھاياتىدا تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلاپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەللىككە يۈزلىنىپ، تىل ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى .

ئۇنىڭ « ئاسىي روھ »، «چارەك ئەر» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىتابخان قويۇق لېرىك تۈس ئالغان ساپ، پاساھەتلىك تىلدىن ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. تەرجىمىدە پاساھەتلىك، لېرىك تىللارنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئەسەرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى، بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇش ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ تەرجىمە ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ زور مۇۋاپىقيەتلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12032

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-03-21
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 1دانە
  1. مەن ئۇشبۇ بىلوگنىڭ دائىملىق ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىلوگنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ رەڭدارلىققا، جىلۋىگەرلىككە ئىگە بولۇشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن. سىلەر مېھىر بەرگەنلەر، سىلەرگە مېھىر بەرگەنلەر ئامان بولسۇن، سىلەرگە شەپقەت ۋە رەھمەتلەر يار بولسۇن!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: